ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى »    «غۇلجا يولى » رومانىدىكى  ئۇيغۇر تراگېدىيەلىك  قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىقلىرى (3)

   «غۇلجا يولى » رومانىدىكى  ئۇيغۇر تراگېدىيەلىك  قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىقلىرى (3)

 

 

   «غۇلجا يولى » رومانىدىكى  ئۇيغۇر تراگېدىيەلىك  قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىقلىرى (3)

نەبىجان  تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

 

 

ئۇيغۇرلار دىيارى   سوۋېت رۇسىيەسى  ۋە بېرتانىيە ئارىسىدا

 

«غۇلجا يولى » رومانىنىڭ ئىككىنچى تومى 1919-1921-يىللىرى ئارىسىدىكى ۋەقەلەرگە بېغىشلانغان بولۇپ، بۇ تومدا بۇ يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا يۈزبەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، جۈملىدىن ئۇيغۇرلار ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ مۇھىم ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ. ئەسەرنىڭ باش قىسمىدا سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزىنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە مەخسۇس تۈركىستان كومىسسىيەسى دەپ ئاتالغان بىر گۇرۇپپىنى قۇرۇپ، ئۇلارنى ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەۋەتكەنلىكى، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئۇلاردىكى پىكىر ئىختىلاپلىرى شۇنىڭدەك باشقا بىر قاتار ئەھۋاللار تارىخىي ھۆججەتلەر ئاساسىدا بەدىئىي تەسۋىرلەنگەن.

 

خەمىت ھەمرايېف كىتابىنىڭ ئىككىنچى تومىدا رۇسىيەدىكى ئاقلار بىلەن قىزىللار ئارىسىدىكى ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىققان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا، بولۇپمۇ پەرغانە ۋادىسىدا سوۋېت تۈزۈمىگە قارشى ئېرگەش ۋە باشقا قۇرباشلار رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت دەۋرىدە 70 يىل ۋاقىت «باسمىچىلار» دېگەن نام بىلەن قارىلانغان، ئەمەلىيەتتىكى مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى كۈچەيگەن پەيتتە سوۋېت رۇسىيەسى قىزىل ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى، ئىنقىلابىي ھەربىي كومىتېت رەئىسى لېۋ تروتسكىينىڭ «دۇنيا ئىنقىلابى» نەزەرىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، قانداق شەكىلدە سوۋېت ھۆكۈمىتىنىڭ دۈشمەنلىرى، جۈملىدىن بۈيۈك بېرىتانىيە باشچىلىقىدىكى ئانتانتا كۈچلىرىگە زەربە بېرىش پىلانى ئۈستىدە باش قاتۇرغانلىقىنى تەسۋىرلەيدۇ.

 

ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆز ئالدىدا ئەينى ۋاقىتتا ۋ.ئى. لېنىننىڭ ئەڭ يېقىن ئادىمى ۋە پۈتۈن ھەربىي ھوقۇقنىڭ ساھىبى ل. تروتكىسينىڭ قىياپىتى پەيدا بولىدۇ. ئاپتور، ئىچكى ئۇرۇشنىڭ ئەڭ شىددەتلىك مەزگىلى بولغان 1919-1920-يىلىدا، قىزىل ئارمىيەنىڭ ئالى باش قوماندانى ل.تروتسكىينىڭ سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى ھېسابلىنىدىغان بۈيۈك بېرتانىيەگە،يەنى، «ئىنگلىزلار»غا تاقابىل تۇرۇش، ئۇنىڭ ھەربىي-سىياسىي تەسىرلىرىنى كاۋكازىيە، كاسپى دېڭىزى ئەتراپى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرىدىن خالى قىلىش شۇنىڭدەك ئاقلارنىڭ ئىنگلىزلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشىنى بىتچىت قىلىشنى ئۆزىنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى قىلغانلىقىنى ھەم بۇ يولدا ئىزدەنگەنلىكى ۋە ھەتتا بۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق « ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش» پىلانىنى تۈزگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

 

ھۆججەتلىك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، 1918-يىلى 3-مارت كۈنى سوۋېت ھۆكۈمىتى گېرمانىيە باشچىلىقىدىكى ئىتتىپاقچى دۆلەتلەر بىلەن برېتس شەھىرىدە «برېست-لىتوۋسكىي شەرتنامىسى»نى ئىمزالىغاندىن كېيىن، سوۋېت ھاكىمىيىتى بىر تەرەپتىن ئەنگلىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا، يەنە بىر تەرەپتىن بولشېۋىكلارغا قارشى كۈچلەرنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇملىرىغا دۇچ كېلىپ، پۈتۈن رۇسىيە مىقياسىدا ئىچكى ئۇرۇش ۋەزىيىتى باشلىنىدۇ شۇنىڭدەك لېنىن باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى خەلقئارا مىقيادا يېتىم قالدۇرۇلۇشقا ئۇچرىدى.  گەرچە ،1918-يىلى، 11-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ئانتانتا دۆلەتلىرىگە تەسلىم بولۇپ، مەزكۇر كېلىشىم ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىنسىمۇ[1]، ئەمما بۇ كېلىشىمنىڭ ئىچكى ئۇرۇش پاتقىقىغا پاتقان سوۋېت ھاكىمىيىتىگە كۆرسەتكەن تەسىرى يەنىلا ئېغىر بولدى، چۈنكى، ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە رۇسىيە بىلەن بولغان كونا دىپلوماتىيەلىك ئالاقىسىنى ئۈزگەن دۆلەتلەرنىڭ سانى بارغانسېرى ئاشتى ۋە 1918-يىلى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىمۇ رۇسىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەتلىرىنى ئۈزۈپ، تاكى 1933-يىلىغىچە سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورناتمىقان ئىدى[2]. بۇ جەرياندا بېرتانىيە، فرانسىيە ۋە باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرى سوۋېت رۇسىيەسىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتلەردىن يېتىم قالدۇرۇش سىياسىتى قوللانغان بولۇپ، سوۋېت دىپلوماتىيە ئورگانلىرىنىڭ مەزكۇر دۆلەتلەر بىلەن دىپلوماتىيەلىك ئالاقە ئورنىتىشقا ئۇرۇنۇشلىرى ئۇلار تەرىپىدىن نەزەرگە ئېلىنمىدى. قىسقىسى، 1919-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بولشېۋىكلار بىلەن ئاقلار ئارمىيەسى ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار كەڭ دائىرىلەرگە كېڭىيىپ، ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىشىگە ئەگىشىپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىيە جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇشىغا تېخىمۇ كۈچلۈك دەرىجىدە ئۇچرىدى[3]. بۇ ۋاقىتتا يەنە سىبىرىيە، يىراق شەرق ۋە باشقا جايلاردا سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان ئايرىم ھاكىمىيەتلەر ئارقىمۇ-ئارقىدىن قۇرۇلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا بولسا ئىلگىرى چار رۇسىيەگە بېقىندى شەكلىدە مەۋجۇت بولغان،  بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خارەزم خانلىقى  ئۆز ئالدىغا تولۇق مۇستەقىل ھاكىمىيەت يۈزگۈزدى.

 

ئانتانتا دۆلەتلىرى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ گېرمانلار بىلەن « برېست-لىتوۋسكىي شەرتنامىسى»نى تۈزۈپ، گېرمانىيەگە قارشى ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ، گېرمانىيە، ئاۋستريە قوشۇنلىرىنىڭ ئاتانتا دۆلەتلىرىگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئىمكانىيىتى ياراتقانلىقى ئۈچۇن، 1918-1920 -يىللىرى ئارىسىدا گېرمانىيەگە قارشى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن ئىتتىپاقداشلىقنى ساقلىغان  كولچاك باشچىلىقىدىكى رۇسىيە  ھۆكۈمىتىنى ۋە كازاك رۇس ئارمىيەسىنى قوللاش يۈزىسىدىن رۇسىيەنىڭ يىراق شەرق ۋە ياۋروپا قىسمىدىكى، شۇنىڭدەك كاسپىي دېڭىزى ئەتراپىغا قوشۇن ئەۋەتتى. ئەنگلىيە، ئامېرىكا، كانادا، فرانسىيە، ياپونىيە  قاتارلىق 14 دۆلەت قوشۇنلىرى رۇسىيەگە كىرگەن بولۇپ، يىراق شەرقتىكى جايلارغا  ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئەنگلىيە ۋە خىتاي  قوشۇنلىرى كىرگەن ئىدى[4].  بولۇپمۇ ياپونىيە قوشۇنلىرى بايقال كۆلى رايونىغىچە يېتىپ باردى ۋە تاكى 1922-يىلى سىبىرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى جايلارنى، جەنۇبىي ساخالىن رايونىنى  تاكى 1925-يىلىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇردى [5].   كاسپىي دېڭىزى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىمۇ ئوشاشلا بېرتانىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىگە كىرىپ، 1918-1919-يىلى ئارىسىدا بىر قىسىم بېرتانىيە قوشۇنلىرى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ قاتارلىق جايلىرىدا ۋە تۈركمەنىستاندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىپ، ئاساسلىقى قىزىللار بىلەن تۇتۇشقان  ئاقلارغا ياردەم بەردى . ئىران ئارقىلىق تۈركمەنىستان رايونىغا كىرگەن بېرتانىيە قوشۇنلىرى نىڭ  ئاساسلىق تاقابىل تۇرۇش نۇقتىسى تاشكەنتنى مەركەز قىلغان سوۋېت ھاكىمىيىتى  بولۇپ، ئەڭ ئاخىرىدا 1920-يىلىغا كەلگەندە پۇتۈن تۈركمېنىستان تاشكەنتنىڭ كونتروللۇقىغا ئۆتتى(6).

 

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قەشقەر رايونىغا يېقىن ئەركەشتام رايونىدا بولسا، 1919-يىلى،ئۆكتەبىر ئېيىدا يەرلىك قوراللىق كۈچلەر بىلەن كۆچمەن رۇسلار ۋە ئاق گۋاردىيەچىلەر رەھبەرلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا پەرغانە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى قۇرۇلدى. ئەركەشتامدا قۇرۇلغان مەزكۇر پەرغانە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبەرلىكى كۆپ مىللەتلىك تۈسى ئالغان بولۇپ، ئۆزبېكلەردىن مەدەمىنخان ھۆكۈمەت بېشى ۋە باش قوماندان ، كۆچمەن رۇسلارنىڭ بولشېۋىكلارغا قارشى تەشكىللەنگەن قوشۇنىنىڭ قوماندانى كونستانتىن مونستروۋ مۇاۋىن ھۆكۈمەت بېشى، بولشېۋىكلارغا قارشى ئاق گىۋاردىيەچىلەردىن گېنېرال ئا.ئى. مۇخانوۋ ھەربىي ئىشلار مىنىستىرى، يەھۇدىيلاردىن نېنسبېرگ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بولدى. ئۇلار بىرلىكتە پۈتۈن تۈركىستاندىن بولشېۋىكلارنى قوغلاپ چىقىرىش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئانتانتا دۆلەتلىرى، جۈملىدىن ئەنگلىيە بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنى نىشان قىلدى.

 

سوۋېت تارىخشۇناسلىقىدا مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ ئەنگلىيە رازۋېتكىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى[7]. روشەنكى، بۇ ھۆكۈمەتنىڭ قەشقەر چېگراسىدىكى ئەركەشتامدا قۇرۇلۇشى ۋە ئەنجان، ئوش قاتارلىق جايلارنى بازا قىلىشىمۇ بەلكى ئۇلارنىڭ قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ قەشقەر يولى بىلەن ئۆزلىرىگە ياردەم بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈمىدىدىن كېلىپ چىققان بولساكېرەك. ئەينى ۋاقىتتا قەشقەردىكى بېرتانىيە كونسۇلخانىسى ۋە بېرتانىيە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندىستان بىلەن چېگرىداش قەشقەر رايونى ئىستراتېگىيەلىك نۇقتىدىن سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ تۈركىستاندىكى ( غەربىي تۈركىستاندىكى) ھەربىي-سىياسىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم تاشقى تەھدىت ھېسابلىناتتى. تارىخى مەنبەلەر ئەنگلىيەنىڭ قەشقەردىكى كونسۇلى ئېسسېرتون بىلەن پەرغانە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى رەھبىرى مەدەمىنبەك تەرەپدارلىرى ئارىسىدا مەخپى ئۇچرىشىشلار بولغانلىقىنىمۇ قەيت قىلىدۇ. مەدەمىنبەك ھەتتا ئۆز ئۆز ئوغلىنى مەخپىي تۈردە قەشقەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلىدىن ياردەم سوراش ئۈچۈن ئەۋەتكەنلىكىمۇ خاتىرلىنىدۇ. بىراق، ئەنگلىيەنىڭ قەشقەر ئارقىلىق پەرغانە  ھۆكۈمىتى ياكى باشقا بولشېۋىكلارغا قارشى كۈچلەرگە ھېچقانداق ئەمەلىي ھەربىي-سىياسىي ياردەم كۆرسەتمىگەنلىكى روشەن (8). سوۋېت ھاكىمىيىتىمۇ مەزكۇر پەرغانە ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر بىلەن ئالاقە ئورنىتىش ھەم ئۇ يەردىكى ئەنگلىيە كونسۇلخانىسى ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ ھەربىي-سىياسىي ياردىمىگە ئېرىشىشى، قەشقەر رايونىنىڭ ئىنگلىزلارنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى بازىسىغا ئايلىنىپ قېلىشى، تېخىچە سوۋېت ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلمىغان ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ ، بولۇپمۇ ئەنگلىيەنىڭ ئىتتىپاقچىسى ھېسابلىنىدىغانخىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ قەشقەرنى بازا قىلىشىغا ماسلىشىشىدىن ئەڭ ئەندىشە قىلغان، نەتىجىدە قىزىل ئارمىيە قوماندانى مىخايىل فرۇنزې ئاساسىي كۈچنى پەرغانە ۋادىسىنىڭ ئەنجان ۋە ئوش لىنىيەسىگە قارىتىپ، مەزكۇر پەرغانە ھۆكۈمىتىنى تېزدىن يوقىتىپ، قەشقەر چېگراسىنى ئۆز كونتروللۇقى ئاستىغا ئالدىۋە ئەنگلىيەنىڭ بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىق ھالدا قەشقەرىيە تەرەپتىن ئۇلارغا ياردەم بېرىش يولىنى كەستى ھەم  پەرغانىغا  كېلىدىغان ھەربىي تەھدىدتىن خالى بولدى.

 

دەل ئەنە شۇ 1919-يىلى، پەرغانە ۋادىسىدا ئاتالمىش «باسمىچىلار»، يەنى مۇستەقىلچى قوراللىق كۈچلەر بىلەن  سوۋېتلەرنىڭ قىزىل ئارمىيەسى ئارىسىدا شىددەتلىك ئۇرۇشلار داۋاملىشىۋاتقاندا  قەشقەرنىڭ  ھەربىي ئەمەلدارى، يەنى « تىدۇسى» تۇڭگان  ما فۇشىڭ  يەرلىك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدىن  ئەسكەر ئېلىپ، 15 باتالىيون قوشۇن تەييارلاپ، پەرغانىغا يۈرۈش قىلىپ، سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىگە قارشى ئۇرۇش  قىلىمەن دەپ جار سېلىپ، ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن ئەۋەتىش تەلىپىنى  ياڭ زېڭشىنگەن يوللىغان بولسىمۇ، بىراق ياڭ زېڭشىن ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى توسسۇپ قويدى (9). بولشېۋىك رازۋېتكا ئورگانلىرى، ما فۇشىڭنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقىسىدا ئەنگلىيە بار دېگەندەك گۇمانلاردا بولۇشى تەبىئىي ئىدى.  ما فۇشىڭ قەشقەردىكى ئەنگلىيە باش كونسۇلى ئېسسەرتون  ۋە چار رۇسىيەنىڭ قەشقەردىكى باش كونسۇلى ئۇسپېنسكىي قاتارلىق بىلەن يېقىن ئالاقىلاردا بولغان بولۇپ، رۇس كونسۇلى ئۇنىڭ   ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن ئەۋەتىپ، قىزىل ئارمىيەگە قارشى جەڭ قىلىشىنى تەشەببۇس قىلاتتى(10). ئەنگلىيە باش كونسۇلىنىڭمۇ ئوخشاش پىكىردە ئىكەنلىكىدە شەك يوق ئەلۋەتتە.

 

ياڭ زېڭشىن 1924-يىلى، سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقى شەرتنامىسى ئىمزالىنىش بىلەن تەڭ ما فۇشىڭنى ئۆلتۈرۈپ، بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنى خۇش قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن يەرلىك ئۇيغۇرلارنى خۇش قىلىش، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك قوراللىق دۈشمەندىن قۇتۇلۇش مەقسىتىگە يەتكەن ئىدى.

ما فۇشىڭنىڭ قەشقەردىن قوشۇن تەييارلاپ، پەرغانە ۋادىسىغا، يەنى ئوتتۇرا ئاسىياغا كىرىپ، قىزىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش چاقىرىقى ئەمەلىيەتتە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا  خىتاي جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ 1918-يىلى ئەنگلىيە  قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە قوشۇن ئەۋەتىپ، قىزىللارغا قارشى ھاكىمىيەتكە ياردەم بېرىش چاقىرىقىغا ماسلىشىپ، ۋلادىۋوستوكقا ھەربىي قوشۇن ئەۋەتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئەنگلىيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينى ئوخشاشلا «شىنجاڭ» ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىياغا ئەسكەر كىرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى. سابىق چار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئانتانتاغا ئەزا دۆلەت بولغانلىقى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چار پادىشاھ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان  كېرىنسكىي رەھبەرلىكىدىكى ۋاقىتلىق رۇسىيە ھۆكۈمىتى ۋە بولشېۋىكلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋلغاندىن كېيىنكى بولشېۋىكلارغا   قارشى قۇرۇلغان  ئادمىرال كولچاك رەھبەرلىكىدىكى  رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ  ھەممىسى گېرمانلارغا قارشى تۇرۇپ، ئەنگلىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى تەرىپىنى تۇتقانلىقى ئۈچۈن  چار رۇسىيەنىڭ ئۈرۈمچى، غۇلجا، چۆچەك، قەشقەردىكى كونسۇللىرى، كېيىن كولچاك ھۆكۈمىتىگە ۋەكىللىك  قىلىپ، ياڭ زېڭشىندىن كۆپ قېتىم  ئوتتۇرا ئاسىياغا ،  بولشېۋىكلارغا قارشى قوشۇن ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلدى(10). ھەتتا ياپونىيەمۇ بىر دىۋىزىيە قوشۇن ئەۋەتىپ،  ئىلى، چۆچەكتە تۇرغۇزۇپ، چېگرا قوغداشقا ياردەم بېرىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى(11). بىراق، سىياسىي نەيرەڭگە باي ياڭ زېڭشىن ھەرگىز بۇ يولنى تۇتمىدى. ئۇ،باشتىن ئاخىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ  ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە رۇسىيەگە قوشۇن كىرگۈزۈپ، قىزىللارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش تەشەببۇسىغا قارشى بولۇپ، بۇ تەلەپنى ھېچقاچان ئورۇندىمىدى، ئەكسىچە سوۋېت رۇسىيەسى بىلەن ئاستىرىتتىن ئىتتىپاقلىشىش يولىنى تاللىغان ئىدى. ياڭ زېڭشىن ما فۇشىڭگە ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىدا ئېنىق قىلىپ،  ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن ئەۋەتسە، قىزىل ئارمىيەگە تەڭ كېلەلمەيدىغانلىقى، ئۇ چاغدا قىزىل ئارمىيەنىڭ قەشقەر، ئاقسۇ،  ئىلى، چۆچەك قاتارلىق جايلاردىن بېسىپ كىرىپ ئۇرۇش قىلسا، ئۆز قوشۇنىنىڭ ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرالمايدىغانلىقى، نەتىجىدە ئۆزلىرىنىڭ ۋەيران بولىدىغانلىقىنى شەرھىلىگەن ئىدى(12). شۇنىڭ ئۈچۈن بىردىن بىرى چارە سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ غەزىپىنى قوزغىماسلىق زۆرۈر ئىدى. لېكىن شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سوۋېت ھاكىمىيىتى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ   بېيجىڭغا   بېسىم ئىشلىتىپ، ياڭ زېڭشىننى قوشۇن ئەۋەتكۈزىشى ، بولۇپمۇ قەشقەر رايونىنىڭ  ئەنگليەنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلىدىغان ھەربىي-سىياسىي  بازىسى بولۇپ قېلىشىدىن ئىزچىل ئەندىشە قىلدى.بۇ خىل ئەندىشە تاكى 1930-يىللارغىچە داۋاملاشقان ئىدى.

 

بۇ ۋاقىتلاردا يەنە پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادا، يەنى سابىق رۇسىيە كونتروللۇقىدىكى تۈركىستان رايونىدا مىللەتچىلىك، دىنى ۋە مىللى گۈللىنىش ئىدىيەلىرىگە ئىگە « ياش بۇخارالىقلار»، «ياش خىۋەلىكلەر»، «ئالاش ئوردا»، «شورائىي ئىسلامىيە» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان ھەر خىل تەشكىلاتلار ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاتالمىش « باسمىچىلار» دەپ ئاتالغان مۇستەقىلچى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى كۈچىيىپ، پۈتۈن پەرغانە ۋادىسى، شەرقىي بۇخارا، سەمەرقەند، قاراقۇم ،كاسپىي بويلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇپ، سوۋېت رۇسىيە تۈركىستان فرونتىنى ئېچىپ، مىخايىل فرۇنزېنىڭ قوماندانلىقىدا زور ساندىكى ئەسكىرى كۈچنى يۆتكەپ كېلىپ، ئۇرۇشقا سېلىشقا كىرىشكەن . ئىچكى ئۇرۇش يەنە ۋولگا ۋە ئۇرال بويلىرىدا ھەم سىبىرىيە رايونلىرىدىمۇ شىددەت بىلەن داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، سوۋېت بولشېۋىكلىرى قۇتۇلۇش ياكى يوقىلىشتىن ئىبارەت ھالقىلىق پەيتكە، قىسقىسى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ سۆزى بويىچە «سوۋېت ھاكىمىيىتى جىددى خەۋپكە دۇچ كەلگەن» ئىدى. بۇ ۋاقىتتا پۈتۈن غەربىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىش ۋەزىيىتىمۇ شەكىللەنگەن بولۇپ، بۇخارا ئەمىرلىكى ۋە خارەزم خانلىقىنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىشى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ مەزكۇر ئىككى ھاكىمىيەتنىڭ سىرتىدىكى جايلىرىدىكى خەلقلەرگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى. مانا شۇنداق ئاچقۇچلۇق پەيتتە بولشېۋىكلار دۇنيا ئىنقىلابى ئىدىيىسىنى تەرغىب قىلىپ، ئاسىيادىكى خەلقلەر، بولۇپمۇمۇسۇلمانلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ،ئۇلارنى بۈيۈك بېرىتانىيە مۇستەملىكىسىگە قارشى قوزغاش ئارقىلىق ئۇنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىگە بولغان بېسىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇش پىلانىنى تۈزدى. سوۋېت ھۆكۈمىتى ياۋروپا دۆلەتلىرى تەرىپىدىن يېتىم قالدۇرۇلغان ئەھۋال ئاستىدا ئاسىيا، جۈملىدىن شەرق دۆلەتلىرى، يەنى ئافغانىستان، ئىران ۋە باشقىلار بىلەن دىپلوماتىيەلىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇش، شەرق خەلقلىرى، جۈملىدىن شەرق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەتتا لېنىن 1917-يىلى، 11-ئايدا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورنىتىپ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا سابىق رۇسىيە ئىمپېرىيەسىدىكى شەرق خەلقلىرىگە مۇراجىئەتنامە ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. ھەتتا، 1920-يىلى ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ شەھىرىدە ئېچىلغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 1‏-قېتىملىق شەرق خەلقلىرى قۇرۇلتىيىدا رۇسىيە كوممۇنىستلىرى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئىنگىلىز مۇستەملىكىچىلىكىگە قارشى « جىھات» قىلىش چاقىرىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى[13]. ھەتتا مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ ئېلان قىلغان شەرقتىكى ئازاد قىلىنىشقا تېگىشلىك رايونلار قاتارىدىن ئۇيغۇرلار دىيارى، يەنى « قەشقەر»مۇ ئورۇن ئېلىپ[14]، قۇرۇلتاينىڭ «شەرق ھەرىكەت ۋە تەشۋىقات رەھبەرلىك كومىتېتى»غا ئابدۇراخمان ماخمۇدوف ئىسىملىك قەشقەرلىق ئۇيغۇر كىرگۈزۈلگەن ئىدى. سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە دېڭىز مۇداپىئە كومىسسارىياتىنىڭ كومىسسارى لېۋ تروتكسىي دۇنيا ئىنقىلابىنى ئاسىياغا كېڭەيتىش تەرغىباتچىسى بولۇپ، ئۇ ئاساسلىقى ھىندىستاندىكى بېرىتانىيە ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىش ۋە ئاسىيا خەلقلىرىنى بېرىتانىيە، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قارشى قوزغاش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تەرەپدارى ئىدى.

 

لېۋ تروتسكىينىڭ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش پىلانىدا ئۇيغۇرلار رايونى

 

خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ باش قوماندانى، ۋلادىمىر لېنىندىن كېيىنكى ئىككىنچى ئەڭ ئىمتىيازلىق شەخس لېۋ تروتسكىي 1919-يىلىنىڭ ياز ئايلىرىدا ئۆزىنىڭ پېتېرگرادتىكى سمولىنسك سارىيىغا جايلاشقان ئىشخانىسىدا ئۇياقتىن -بۇياققا مېڭىپ، خەلق كومىسسارلار كېڭىشىنىڭ ئەزالىرى ۋە سىياسىي بىيورو ئەزالىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى بېرىتانىيەگە قارشى دۇنيا ئىنقىلابى مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئارقىلىق ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىپ، ھىندىستان خەلقىنى قوزغاپ، بېرىتانىيەنى بۇ رايوندىن قوغلاپ چىقىرىش ئويلىرىغا قايىل قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە باش قاتۇرىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ تۈركىستان فرونتى قوماندانى مىخايىل فرۇنزېنىڭ ئۆز ئىدىيىسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئويلاپ، ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشمەكچى بولىدۇ. ھەقىقەتەن، قىزىل ئارمىيەنىڭ مۇھىم گېنېراللىرىدىن بىرى، مىخايىل فرۇنزې ل. تروتسكىينىڭ ئىدىيەسىنى قوبۇل قىلىدۇ، ئارقىدىن ئۇلار بۇ پىكىرنى ۋلادىمىر لېنىننىڭ قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشتۈرمەكچى بولىدۇ. خەمىت ھەمرايېفنىڭ تەسۋىرلىرى تارىخى رېئاللىققا ۋە چىنلىققا ئۇيغۇن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخى ھۆججەتلەر ئاساسلىرىغا ئىگىدۇر.

 

تارىخىي مەنبەلەردە قەيت قىلىنىشىچە، 1918-1920-يىللىرى ئارىسىدىكى سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ ئالى باش قوماندانى، ھەربىي ئىشلار ئىنقىلابى كومىتېتى رەئىسى لېۋ تروتسكىي ھەقىقەتەن، دۇنيا ئىنقىلابىنى شەرققە كېڭەيتىش ئىدىيەسىنى بولشېۋىكلار پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىغا سۇنغان ۋە لېنىن قاتارلىقلار ئۇنىڭ پىكىرلىرىنى ئويلاشقان ئىدى. رۇسىيە تارىخچىسى ۋ. بارمىننىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ 1918-1941-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر دىيارىغا ئائىت سىياسـتى توغرىسىدىكى كىتابىدا ۋە باشقا بەزى مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللاردا بايان قىلىنىشىچە، ل.تروتسكىي قىزىل ئارمىيەنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش پىلانىنى تۈزگەن بولۇپ، ئۇ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىشتا «شىنجاڭنى بازا قىلىش» نى ئويلاشقان[15]. چۈنكى، قەشقەرىيە تەرەپ بېرىتانىيە مۇستەملىكىسىدىكى ھىندىستانغا تۇتىشاتتى. ل.تروتسىي بۇ پىلان ئۈچۈن تۈركىستاندىكى، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھاكىمىيەتنى مۇستەھكەملەپ، بۇ يەردە مەخسۇس ھەربىي بازا قۇرۇش، بۇنىڭغا يەرلىك مۇسۇلمانلاردىنمۇ قوشۇن تەييارلاش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ ئۆزىنىڭ 1919-يىلى، 5-ئاۋغۇست كۈنى سىياسىي بىيۇروغا يوللىغان دوكلاتىدا بۇ ھەرىكەت ئۈچۈن 30-40 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن قۇرۇش، ئۇرال ۋە ياكى تۈركىستاندا ئاسىيادىكى ئىنقىلابنىڭ قوماندانلىق شىتابى ۋە ھەربىي سىياسى ئاكادېمىيە قۇرۇش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان[16]. ئۇ يەنە 1919-يىلى،20-سېنتەبىر كۈنى سىياسىي بىيۇروغا يوللىغان دوكلاتىدا ئۆز پىلانىنى يەنە تەكىتلىگەن ئىدى.

 

ل.تروتكىينىڭ بۇ پلانى دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي-سىياسىي مەقسەتلىرىگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۇ بۇ پلان ئارقىلىق بىر تەرەپتىن بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ قەشقەريە، ئافغانىستان ئارقىلىق  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە سالىدىغان تەھدىتلىرىدىن خالى بولۇش، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ رايونلار، جۈملىدىن ئافغانىستان، قەشقەرىيە، يەنى ئۇيغۇرلار دىيارى ئارقىلىق بۈيۈك بېرتانىيەنىڭ ھىندىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىغا تەھدىت  يارىتىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولاتتى. سوۋېت ھاكىمىيەت ئورگانلىرى بۇ مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن پايدىلىنىشقا تېگىشلىك تۇرلۈك ئامىللار قاتارىدا  ھىندىستانلىق كوممۇنىست مانابېندرا  روي (1887-1954)باشچىلىقىدا 1920-يىلى ئۆكتەبىردە ھىندى  قاچاقلىرىنى  ئۇيۇشتۇرۇپ، تاشكەنتتە ھىندىستان كوممۇنىستلار پارتىيەسىنى بەرپا قىلدى ھەمدە  مەركىزى ئاسىيادا جۇملىدىن ئافغانىستاندا ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن  مەخسۇس مەخپىي ھەربىي پلانلىرىنى ئېلىپ باردى (17). مانابېندرا روي ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدا ھىندىستانلىق مۇسۇلمان قاچاقلاردىن مەخسۇس ھەربىي قوشۇن تەشكىللەپ ۋە ئۇلارنى تەربىيەلەپ، ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش تەشەببۇسكارى سۈپىتىدە ئۆزىنىڭ بۇ تەكلىپلىرىنى سوۋېت رەھبەرلىرىگە سۇنغان ئىدى(18).   1919-1921-يىللىرى ئارىسىدىكى تاشكەنت، ئەنجان، ئالمۇتانى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار سىياسىي تەشكىلاتچىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار ھەم تۇڭگانلاردىن قىزىل ئارمىيە قوشۇنلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەر ئەمەلىيەتتە ئەنە شۇ ل.تروتسكىينىڭ دۇنيانى ئىنقىبىلاشتۇرۇش ۋە ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش ئىستراتېگىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىدى.

 

سوۋېت ھاكىمىيىتى دەسلەپكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ شەرق ئىستراتېگىيەسى، جۈملىدىن ئانتانتا دۆلەتلىرىگە زەربە بېرىشتە پايدىلىنىدىغان تۈرلۈك ئامىللار قاتارىغا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ۋەتىنىمۇ كىرگۈزگەن دەپ پەرەز قىلىشىمىز مۇمكىن.   ل.تروتسكىينىڭ پىلانى بۇ نۇقتىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەمما، ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ خەلقئارالىق كۈرەشتە ئۆز ئورنىنى تاپالمىغان بولۇپ، ل.تروتسكىينىڭ پلانىنىڭ ئەمەلدىن قېلىشى، ئۇنىڭغا ئۇلاپ، كېيىنرەك رۇدزۇتاكنىڭ قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش لايىھەسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىدىكى تۈرلۈك ئامىللار قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئومۇميۈزلۈك نادان، جاھالەتتە قېلىپ، ئۆز ئەتراپىدا يۈزبېرىۋاتقان ئومۇمىي سىياسىي ئېقىمىغا ئومۇميۈزلۈك ماسلىشالمىغانلىقى، ئۇنىڭ ئەكسىچە، ياڭ زېڭشىن قاتارلىق مىلىتارستلارنىڭ نەيرەڭۋاز تاكتىكىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشى ۋە باشقىلارمۇ بار.

 

 ئۇيغۇرلاردىكى ئىككى تاشقى تەسىر يولى

 

خەمىت ھەمرايېف ئەسىرىنىڭ 2-كىتابىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا يەنە 1919-1920-يىللىرىدىكى يەتتىسۇ ئۇيغۇرلىرى ئارىسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىنى قوللاش پىكرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرى ۋە پىكىرلىرى، شۇنىڭدەك يەنە قەشقەرىيە ۋە ئىلىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتنى تەسۋىرلەيدۇ. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا قەشقەرنىڭ ۋەزىيىتى، قەشقەرىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سابىت داموللا، ئۇيغۇر كاپىتالىستلاردىن مۇسابايوفلار جەمەتىنىڭ بەزى مىللەتپەرۋەرلىرى، ئىلغار زىيالىيلار ۋە ئىلغار پىكىرلىك تىجارەتچىلەرنىڭ مىللەتنى قۇتۇلدۇرۇش يولىدىكى پىكىر -كۆز قاراشلىرىمۇ بەلگىلىك رەۋىشتە تەسۋىرلىنىدۇ.

 

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدە ئۇيغۇر دىيارىغا كېلىدىغان تاشقى تەسىرلەر ئاساسلىقى ئىككى لىنىيە بويىچە كېلىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى ، ئوسمانلى ئىمپېرىيەسى يولى ئىدى.  بۇ لىنىيەئارقىلىق تۈركچىلىك، مىللى ئاقارتىش ۋە مىللى ئويغىنىش ئىدىيەلىرى گىرەلەشكەن ھالدا«ئىتتىھات ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى» نىڭ ئەخمەت كامال ۋە باشقا بىر قىسىم ۋەكىللىرى ئارقىلىق قەشقەر قاتارلىق جايلارغا مەكتەپ ئېچىش يولى بىلەن يېتىپ كەلدى . ئەخمەت كامالنىڭ قەشقەردىكى بىر قانچە يىللىق مائارىپ پائالىيىتى روشەنكى بۇ رايوندا ئۆز مىللىتىنىڭ سىياسىي تەقدىرى ھەققىدە باش قاتۇرۇش مەجبۇرىيەت تۇيغۇسىنىڭ يۇرتنىڭ بىر قىسىم ئىمانى كۈچلۈك ، كاللىسى ئوچۇق دىنى ئەربابلىرى، زىيالىيلىرى ئارىسىدا كۈچىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينىدى. ئەخمەت كامال نوقۇل ھالدا مائارىپ جەھەتتىن ئاقارتىشلا ئەمەس، بەلكى سىياسىي جەھەتتىن مەلۇم ساندىكى ئىلغار كىشىلەر ئارىسىدا مىللى ئويغىنىش، مىللى گۈللىنىش ۋە مىللى ئىپتىخارلىق ئىدىيەلىرىنى سىڭدۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئاتقۇرغان ئىدى. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى مۇرەككەپ خەلقئاراۋەزىيەت ۋەبۆلۈنمە ھالىتىدىكى خىتاي ۋەزىيىتي گەرچە ئۇيغۇرلارئۈچۈن پايدىلىق پۇرسەت بولسىمۇ ، بىراق پۈتۈن جەمئىيەت خاراكتېرلىق ۋە ئومۇميۈزلۈك جاھالەتتە قالغان ئۇيغۇرلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنشتىن مەھرۇم قالغان ئىدى.

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەسلىدىكى چوڭ پۇرسەت 1911-يىلى، مانجۇ ئىمپېرىيەسى ھاكىمىيىتى ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن خىتاينىڭ  پارچىلىنىشى ۋە ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ ئارقىمۇ-ئارقىدىن مۇستەقىللىق ئېلان قىلىشى، گەرچە  يۈئەن شىكەي ھاكىمىيەتنى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما، خىتاينىڭ تېخى بىرلىككە كەلگەن بىر ھاكىمىيەت ئاستىغا ئۇيۇشالماسلىقتەك چوڭ داۋالغۇش ۋەزىيىتى ئىدى.  مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ ۋەيران بولۇشىدىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتتىن موڭغۇللار تولۇق پايدىلىنىپ،   رۇسلار بىلەن ئاكتىپ  ھەمكارلىق ئورنىتىش ۋە ئۇلارغا تايىنىش سىياسىتى قوللىنىش يولى بىلەن رۇسلارنىڭ ھامىيلىقى ئاستىدا ئۆز مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى ۋە ئۇنى ساقلاپ قالدى. بۇ خىل سىياسەتنى كېيىنكى سۇخباتور، چويبالسان قاتارلىقلارمۇ داۋاملاشتۇرۇپ، ئاخىرقى ھېسابتا تولۇق مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە خەلقئارا سەھنىگە چىقىش پۇرسەتلىرىنى ياراتتى. تىبەتلەرمۇ   مانجۇ ئىمپېرىيەسىنىڭ يىمىرىلىشى بىلەن  ئۆز ئىگىلىك ھوقۇقىنى  جاكارلاپ، ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىشنى تاكى 1950-يىلىغىچە داۋاملاشتۇردى.  1912-يىلى، پەقەت سۇن جۇڭشەن تەرەپدارلىرى ھېسابلىنىدىغان كۈرەدىكى  خىتايلارنىڭ «ئىنقىلابچىلار پارتىيەسى» قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنى مۇستەقىللىق جاكارلىغان بولسىمۇ، بىراق ياڭ زېڭشىننىڭ ھىلە-نەيرىڭى بىلەن ئۇلار  ئۈرۈمچى ھۆكۇمىتىگە بويسۇنۇپ ئاخىرى تۈگەشتى. قەشقەر قاتارلىق جايلاردا بولسا « گېلاۋخۇيچىلار»، چىڭ ئىمپېرىيەسىدىن قالغان  خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە باشقا جايلارنى پاراكەندە قىلالىدى. ۋاھالەنكى، پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئاھالىسىنىڭ 80% تىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە پەقەت قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ قوزغىلىڭى بىۋاسىتە   قۇمۇل ۋاڭى، يەنى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر يەرلىك خانىغا قارشى ئىسيان بولۇپ، ئۇنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىنى چىڭ ئىمپېرىيەسىدىن، ۋە ياكى ياڭ زېڭشىن ۋەكىللىكىدىكى خىتاي مىلىتارستلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلدۇرۇش ۋە مۇستەقىل قىلىش ھەرىكىتىلىك  خاراكتېرغا ئىگە ئەمەس ئىدى. بۇ ۋاقىتتا تۇرپان رايونىدىمۇ قوزغىلاڭ ھەرىكەتلىرى يۈزبەرگەن بولسىمۇ، ئۇمۇ تار دائىرىدە چەكلىنىپ قالدى.  قىسقىسى، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى مىقياسىدا يۈز بەرگەن ۋە ئېنىق سىياسىي مەقسەتكە ئىگە، يۇقىرى سىياسىي ساپالىق رەھبەرلىك  تەرىپىدىن ئورتاق يېتەكچىلىك قىلىنغان ئومۇمى خەلق ھەرىكىتى بولغان بولسا، چىڭ ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر خەلقى ئۆز ھاكىمىيىتىنى  قۇرۇش ۋە دۇنيادا ئېتىراپ قىلدۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولاتتى. ئومۇمەن، 1931-1934-يىللاردىكى ئومۇمى ئازادلىق ھەرىكىتى ئەسلىدە 1911-1912-يىللىرى يۈز بېرىشى، 1933-يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 20 يىللار ئىلگىرى قۇرۇلۇشى كېرەك ئىدى. لېكىن، ئىمپېرىيەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى بىلەن ئۆز مۇستەقىللىقلىرىنى جاكارلاشتىن ئىبارەت بۇ دۇنيا تارىخىدىكى چوڭ قانۇنىيەت ئۇيغۇرلارغا نېسىب بولمىغان ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پۇرسەتلەردىن پايدىلىنالماسلىقىدىكى سەۋەبلەر ھەر خىل بولۇپ، ئەڭ ئاساسلىقى،  بۇۋاقىتلاردائۇيغۇرلاردا تاشقى دۇنيادىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۆز ۋەتىنىنىڭ ۋەزىيىتىگە، ئۆز مىللىتىنىڭ ئەھۋالىغا تەدبىقلىيالايدىغان، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئازادلىق ، مۇستەقىللىق يولىغا پۈتۈن خەلقنى باشلىيالايدىغان مىللەتپەرۋەرلەر قوشۇنىنىڭ يوقلىقى ئىدى. بار بولسىمۇ، بۇ سانى ناھايىتى ئاز كىشىلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇرتقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە تەسىر كۈچى يوق دېيەرلىك ئىدى. بۇنىڭغا جەمئىيەتنىڭ خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىۋالغان پۇلدارلار ، بايلار ۋە جاھىل دىندارلار گۇرۇھى يول قويمايتتى، قىسقىسى، بىر ئابدۇقادىر داموللام، بىر سابىت داموللام ياكى مەمتىمىن بۇغرا ۋە باشقىلار سانسىزلىغان نادان خەلقنى قوزغاش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس ئىدى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، ئەنە شۇ مەزگىللەردە تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرنى كۆرگەن ۋە تەربىيە ئالغان بىر قىسىم ئاڭلىق كىشىلەر، مىللەتپەرۋەرلەر ئۆز ئىمكانىيەتلىرىنىڭ يېتىشىچە، خەلقنى ئويغىتىش يولىنى تۇتتى.  ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىقلار جەريانىدا جەمئىيەتنىڭ مەلۇم قاتلىمىدا بارا-بارا مىللى ۋە دىنى ئويغىنىش پىكىرلىرى پەيدا بولۇشقا باشلاپ، خىتاي مىلىتارستى ياڭ زېڭشىن ۋە ئۇنىڭ ھاكىمىيەت ماشىنىسىغا بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغان ئىدى. ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەنە شۇنداق مىللى ئويغىنىش ۋە مىللى گۈللىنىش پىكىرلىرىنىڭ بىخ ئۇرۇشىدا يەنە تۈركىيە ۋە باشقا ئەللەرگە بېرىپ-كېلىپ تۇرغان بىر قىسىم ئاڭلىق تىجارەت ئادەملىرى، دىنىي زىيالىيلار ۋە ئىستانبۇلدا يېڭىچە مائارىپ تەربىيەسى ئالغان كىشىلەر مۇھىم رول ئوينىدى. مۇسابايوفلار جەمەتى، مەسئۇد سەبىرى بايقوزى ۋە باشقا بىر قىسىم كىشىلەر بۇلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى.

 

ئاپتور رومانىدا 1918-1920-يىللىرى ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ئاڭلىق سەرخىللىرى، مىللەت مۇستەقىللىقىنى ئۈمىد قىلىدىغان دىنى ئۆلىمالىرى ۋە باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلەر ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ۋەزىيىتى ھەم شارائىتلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش ئۈچۈن 1919-يىلى، قەشقەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر قېتىملىق ئىچكى يىغىلىش ۋە مۇھاكىمە قىلىش سورۇنىنى تەسۋىرلەيدۇ. ئاپتور بۇ سورۇنغا سابىت داموللا، مۇسابايوفلار جەمەتىنىڭ ۋەكىلى، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋە يەنە بىر قانچە ھەر قايسى يۇرتلاردىن كەلگەن مىللەت جان كۆيەتلىرىنى جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ھەققىدىكى قىزغىن مۇھاكىمىلىرى، كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغۇزىدۇ. ئەلۋەتتە، روماندا تەسۋىرلەنگەن مەزكۇر سورۇن ئاپتور تەرىپىدىن توقۇلغان ۋەقەلىك بولسىمۇ، بىراق سورۇن ئىشتىراكچىلىرى رېئال تارىخى شەخسلەر ۋە 1930-يىللىرىدىكى مىللى ئازادلىق ئىنقىلاب ۋەكىللىرىدۇر. ئاپتور ماھىرلىق بىلەن بۇ رېئال شەخسلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ 1918-1920-يىللاردىكى دۇنيا قارىشى، مىللەت ۋە دىن قارىشى، شۇنىڭدەك ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە باش قاتۇرۇپ، ئازادلىق يوللىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ، تۈرلۈك خاھىش ۋە ئويلاردا بولغانلىقىنى تەسىرلىك يورىتىدۇ.

مانا بۇ خەمىت ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى» رومانىدىكى ئۆزگىچە بىر مۇۋەپپەقىيەت بولۇپ، ئۇ نوقۇل ھالدا سابىق رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا-يەتتىسۇ رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي ئويغىنىش ۋە ئازادلىق يوللىرىدىكى ئىزدىنىشلىرىنى بايان قىلىش ھەم تەسۋىرلەش بىلەنلا بولماي، 1918-1920-يىللاردا چېگرانىڭ بۇ تەرىپىدىكى خىتاي مىلىتارىستى ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىقىدىكى قەشقەرىيە ۋە ئىلى ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ چىقىش يولىنى ئىزدەشلىرىنىمۇ ئوبرازلىق تەسۋىرلەشكە ئەھمىيەت بەرگەن ئىدى.

 

ھەقىقەتەن، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، يەنى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىن ئېتىبارەن بىر قىسىم بىلىملىك ۋە ئاڭلىق ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى، مەسىلەن ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللا، مەسئۇد سەبىرى بايقوزى ۋە مۇسابايوفلار جەمەتىدىكىلەر ھەم باشقىلار ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى يېقىندىن كۆزەتكەن ئىدى. بۇ ئاڭلىق ئىلغار كىشىلەرنىڭ سانى ناھايىتى چەكلىك بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بۇخارا، تۈركىيە، ھىندىستان، مىسىر ھەتتا ياۋروپا ئەللىرىنى كەزگەن، ئىلىم تەھسىل قىلغان ، قىسقىسى دۇنيادىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئەتراپىدا بولۇۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي -ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت ئۆزگىرىشلىرىدىن خەۋەردار كىشىلەر ئىدى.

 

يەنە بىر يول ئىدىل-ئۇرال ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بولۇپ، بۇ يول ئارقىلىق ئاساسلىقى جەدىتىزم ئىدىيەلىرى يېتىپ كەلگەن ئىدى. جۇغراپىيەلىك يېقىنلىق ۋە قولايلىق ئۇيغۇرلارنىڭ رۇسىيە ئىمپېرىيەسى تەۋەسىدىكى بۇ رايونلارغا، بولۇپمۇ ئەنجان، تاشكەنت، بۇخارا، قوقان، شەمەي، ئورىنبۇرگ، ئۇفا، قازان، باكۇ ۋە باشقا شەھەرلىرىگە كۆپلەپ بېرىش ئىمكانىيىتى ياراتقان بولۇپ، 1900-1906-يىللىرى ئارىسىدا ئەنجان بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا تۆمۈر يولىنىڭ تولۇق پۈتۈپ، موسكۋا ۋە سانكىتپېتېربۇرگ قاتارلىق شەھەرلەرنىڭ، جۈملىدىن ياۋروپانىڭ باغلىنىشى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يول بويىدىكى شەھەرلەرگە تىجارەت، ئىشلەش مەقسەتلىرى بىلەن كۆپلەپ بېرىش پۇرسىتى ياراتقان ئىدى. بۇ ھال كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەرغانە ۋادىسى، تاشكەنت، شەمەي ،قازان، ئورىنبۇرگ ۋە باشقا شەھەرلەردىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا تېخىمۇ يېقىن بولغان تاشكەنت قاتارلىق جايلاردىكى جەدىتىزم ۋە مىللى ئويغىنىش ھەرىكەتلىرى، ئىدىيەلىرى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتى يارىتىلدى. بۇ دەل بۇ جايلاردا ئۆزبېك جەدىتىزمنىڭ كۈچىيىۋاتقان مەزگىلى ئىدى. قەشقەرىيە بىلەن قوشنا بۇ جايلار قەشقەرىيەگە ئەڭ تېز تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە. ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشى نەتىجىسىدە كېلىپ چىققان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ،ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ئۆزگىرىشلەر، بۇ رايوندا قۇرۇلغان قوقان ھۆكۈمىتى، بۇخارادىكى ياش بۇخارالىقلار ھەرىكىتى ، تاشكەنت، قوقان، ئەنجان ۋە باشقا جايلاردىكى «شورائىىي ئىسلامىيە»نىڭ پائالىيەتلىرىگە ھەمدە پەرغانە ۋادىسى ۋە باشقا قوشنا جايلاردا كەڭ ئەۋجى ئالغان ۋە رۇسلار « باسمىچى»دەپ نام بەرگەن قىزىل رۇس ئىشغالىيىتىگە قارشى قوراللىق مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە تەبىئىي ھالدا بۇ رايونلاردا ياشىغۇچى ۋە قەشقەرىيەدىن كېلىپ ۋاقىتلىق تۇرىۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قاتنىشىشى ۋە ياكى ھېچ بولمىغاندا بۇ ۋەقەلەرگە شاھىد بولۇشى تەبىئىي ئىدى.

 

ئۆكتەبىر ئۆزگىرىشىنىڭ ئالدى- كەينىدە قوشنا ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف 1923-يىلى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسىغا ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە يوللىغان دوكلاتىدا، پۈتۈن تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ، يەتتىسۇ رايونىدا 265 مىڭ، سىر دەريا رايونىدا 30 مىڭ، پەرغانە ئوبلاستىدا 300 مىڭ، تۈركمەنىستاندا 2500، سەمەرقەنتتە 2500 بولۇپ، پۈتۈن تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدە جەمئىي 600 مىڭ ئۇيغۇر بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ[19]. ئەمما، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئارىلىقتىن ئىككى يىل ئۆتۈپ، يەنى 1925-يىلى، ئۆزىنىڭ « كەمبەغەللەرئاۋازى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان ماقالىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەردە ياشىغان ئۇيغۇرلارنى 500 مىڭدىن 700 مىڭغىچە دەپ ھېسابلايدۇ[20]. لېكىن ئۇ، بۇ سانلارنىڭ قانچىلىكىنىڭ سوۋېت پۇقرالىقىدىكى ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.

 

1930-يىللاردا سوۋېت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن شېڭ شىسەيگە ياردەمگە ئەۋەتىلگەن «ئۈچ ھاجى»نىڭ بىرى ، 1920-يىللاردىكى شەرق كوممۇنىستىك ئەمگەكچىلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ھاشىم ھاجىنىڭ 1920-يىللاردا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ شەرق بۆلۈمىگە يازغان بىر دوكلاتىدا ئوتتۇرا ئاسىيادا 500 مىڭدىن دىن ئارتۇق ھەر خىل ۋاقىتلاردا كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇر بارلىقى، بۇلارنىڭ يېرىمىنىڭ خىتاي پۇقرالىقىدا ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان[21]. يەنە بىر ماتېرىيالدا تۈركىستاندا 279 مىڭ شىنجاڭدىن چىققان كىشى ياشايدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن[22]. ئومۇمەن، 1917-1920-يىللىرى ئارىسىدا پەرغانە ۋادىسى ، يەتتىسۇ ۋە باشقا جايلاردا ئاللىبۇرۇن ماكانلىشىپ، رۇسىيە ئىمپېرىيەسى پۇقراسى ھېسابلانغان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ۋاقىتلىق ئىشلەش، تىجارەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن كېلىپ-كېتىۋاتقان ۋە ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت ئىككى گۇرۇپپا بار ئىدى. ۋاقىتلىق تۇرۇۋاتقانلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى بىلەن بولغان ئالاقىلىرى ئەڭ زىچ ھېسابلىناتتى.قىسقىسى، ھەر يىلى ياز مەزگىللىرىدە مىڭلاپ « ئەنجان»غا بارىدىغان ئۇيغۇر ئىشلەمچىلىرى ، سودىگەرلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقان يوقلىغۇچىلارنىڭھەممىسىبولمىسىمۇ ھېچبولمىغاندامەلۇمقىسمى  ئۆزلىرىگە قوشنا بۇرايونلاردىكى ۋە ئۇنىڭدىن يىراق جايلاردىكى سانائەتلىشىش، زامانىۋى پەن-تېخنىكا يېڭىلىقلىرىنىڭ نەتجىلىرى، زامانىۋى قاتناش، زامانىۋى ئالاقىلىشىىش ۋاستىلىرى، زامانىۋى مەدەنىيەت ،مائارىپ ۋە ئىدىيە -پىكىر جەھەتلەردىكى يېڭىلىنىش قاتارلىق تۈرلۈك ھادىسىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى تەبىئىي ئىدى.

 

ئومۇمەن، بۇ ۋاقىتتا ھەر قانداق ئىلغارلىق ۋە سىياسىي،-ئىجتىمائىي تەسىرلەر ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن ئەنە شۇنىڭ ئۆزىنىڭ غەربىي ۋە جەنۇبىدىكى رايونلار ئارقىلىق يېتىپ كەلگەن بولۇپ، مەدەنىيەت جەھەتتە قالاق، فېئودال ۋە مۇستەبىت ياڭ زېڭشىن ۋەكىللىكىدىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى بۇ ئۇيغۇرلارغا ئۆزلىرىگە ئوخشاش قالاقلىق ۋە تېخىمۇ نادان قالدۇرۇشتىن باشقا ھېچ نەرسە ئېلىپ كېلەلمەيتتى ھەم كەلمەيتتى. شۇڭا ياڭ زېڭشىن دەۋرىدە خەلق سىياسىي ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك قالاق قالدى.

 

مەنبەلەر:

____________________________________________

([1])  David Stevenson (2009). Cataclysm: The First World War as Political Tragedy(  ئاپەت: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى

سىياسى تراگېديە ). Basic Books.p. 315.

 

(2) David S. Foglesong. America’s Secret War against Bolshevism: U.S. Intervention in the Russian  Civil

War, 1917-1920.(ئامېرىكىنىڭ بولشېۋىزمغا قارشى مەخپى ئۇرۇشى: ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ1917-1920-يىلىدىكى  ئىچكى ئۇرۇش

مەزگىلىدە رۇسىيەدىكى   ھەربىي  ئارىلىشىشى)Chapel Hill and London: University of North Carolina Press, 386 pp.,

Publication Date: December 1995,

 

(3) The Isolation of Russia, 1917-1921 (رۇسىيەنىڭ 1917-1921-يىللىرىدىكى يېتىم

قالدۇرۇلۇشى).http://ww2.ecclesbourne.derbyshire.sch.uk.   Keith Neilson .Britain, Soviet Russia and the

Collapse of the Versailles Order, 1919–1939(  بېرتانىيە،  سوۋېت رۇسىيەسى ۋە  ۋېرسالنىڭ يىمىرىلىشى، 1919-1939-

يىللاردىكى تەرتىپ).p.318. Anthony Heywood. Post-war Economies  of Russian Empire (   رۇسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ

ئۇرۇشتىن كېيىنكى ئىقتىسادى).  International Encyclopedia  of the First World War. https://encyclopedia.1914-

1918-online.net 08 October 2014

 

(4) В. О. Дайнес  ,( 1918-1922-يىىللاردىكى رۇسىيەدىكى چەتئەل ھەربىي ئارىلىشىشلىرى )   // Излучениеплазмы —

Исламскийфронтспасения. — М. :БольшаяРоссийскаяэнциклопедия, 2008. — С. 399.

(5) Beyer, Rick (2003). The Greatest Stories Never Told (ھېچقاچان ئېيتىلمىغان زور ھىكايىلەر). A&E Television

Networks / The History Channel.p.152-153.

(6) C. H. ELLIS, The British ”Intervention in Transcaspia 1918–1919″(  بېرتانىيەنىڭ 1918-1919-يىللىرى كاسپى

رايونىدىكى ھەربىي ئارىلىشىشى). University Of California Press, Berkeley and Los Angeles, 1963 .

 

(7) Гражданскаявойна и военнаяинтервенция в СССР (سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى پۇقرالار ئۇرۇشى ۋە ھەربىي ئارىلىشىش).

Энциклопедия. М.:Советскаяэнциклопедия, 1983. с.123

 

(8) Jonathan D. Smele.(2015).Historical Dictionary of the Russian Civil Wars, 1916-1926.p392.

 

(9) بۇھان شەھىدى. ياڭ زېڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى – « شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرىدىن تاللانمىلار». 2-توپلام 1998-يىلى، ئۈرۈمچى

108-110-بەتلەر.

بۇرھان شەھىدى. « شىنجاڭدىكى 50 يىلىم» ،40-41-بەتلەر . ( خەن  تلىدا)

 

(10) بۇھان شەھىدى. ياڭ زېڭشىننىڭ ھۆكۈمرانلىق دەۋرى – « شىنجاڭ تارىخى ماتېرىياللىرىدىن تاللانمىلار». 2-توپلام 1998-يىلى، ئۈرۈمچى

108-110-بەتلەر.

(11)بۇرھان شەھىدى. شۇ ئەسەرگە قاراڭ.

 

(12) ياڭ زېڭشىن. « تۆۋە-ئىستىخبار ھوجرىسىدىكى پاراڭلار»، 7-جىلت. 1-بەت ، 1-جىلت،1-بەت ( خەنچە)

(13) .Carr.The Bolshevik Revolution( bolshéwikinqilabi). vol. 3, pg. 261.Теймур АТАЕВ

.“Армянскийвопрос“ ”подколпаком“ Ленина. О корняхпризыва I-госъезданародовВостока к

коммунистическомугазавату(  لېنىننىڭ قاپقاق ئاستىدىكى  ئەرمەن مەسىلىسى. شەرق خەلقلىرىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ

كوممۇنىستىك غازات چاقىرىنىڭ مەنبەسى ھەققىدە)Независимаяобщественнополитическаягазета ”Эхо“.21.07.2012 .

 

(14) Manifesto of the Congress to the Peoples of the East (   شەرقخەلقلىرى قۇرۇلتىيىنىڭ خىتابنامىسى).

https://www.marxists.org.

 

(15). Бармин В.А. СоветскийСоюз и Синьцзян.1918–1941 (1918-1941-يىللىرىدىكى   سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە شىنجاڭ).

   Барнаул, 1998.с.83. Красальников В Д. С. 145

 

(16) . АрхивТроцкого. Коммунистическаяоппозиция в СССР. 1923-1927(  تروتسكىي ئارخىپى:   سوۋېت

ئىتتىپاقىدىكى كوممۇنىستىك ئۆكتىچىلىك). Т.1. М., 1990. С.183. М. Корабельников .ЛевТроцкий и другие.Вчера,

сегодня.Историческийпроцесс(  لېۋ تروتسكىي ۋە باشقىلار. تۆنۈگۈن، بۈگۈن.تارىخى جەريانلار).М. ,2015. “Большевики и

мироваяреволюция”( bolshéwiklar we dunyainqilabi).http://www.e-reading.club.

 

(17) .Ю. Л. Тихонов. Подготовкасоветскоймиссии в Афганистан в 1920 году. Неизвестноеписьмо М. М.

Грузенберга (Бородина) В. И. Ленину(  ئافغانىستاندىكى سوۋېت ۋەزىپىسىنىڭ تەييارلىنىشى. م.م. گرۇزېنبېرگنىڭ لېنىنغا

ئەۋەتكەن نامەلۇم خېتى). «Восточныйархив».№ 1 (29).2014 г.

 

(18). ИндийскийпоходЛенина и другиетайныиндийскойполиции

(لېنىننىڭ ھىندىستان يۈرۈشى ۋە باشقا ھىندى سىيائىتىگە ئائىت مەخپىيەتلىكلەر

http://www.agentura.ru. 05.04.199

 

(19) .ئا.روزىباقىيېۋ.ئۇيغۇر  خەلقىنىڭ  مۇنەۋەر  پەرزەنتى.  ئالمۇتا،  1988،

 

(20)  .ئابدۇللا  روزىباقىيېۋ..  گەزەك  مۇئەللىملەرنىڭ  .“كەمبەغەللەر  ئاۋازى“،  1925-يىلى،  18-ئىيۇل

.

(21).В.А. Бармин.ОдеятельностиКоминтернапосозданиюреволюционнойпартии в Синьцзяне в 20-х

30-х гг. ХХ века (كوممۇنىستىك ئىنتېرناتىسىيونالنىڭ  20-ئەسىرنىڭ 20-30-يىللىرىدا شىنجاڭدا ئىنقىلابى پارتىيە قۇرۇش

پائالىيەتلىرى). Uygur intitaive Papers. University of  Georgi Washington. No.9.2014.p.3

 

(22).شۇئەسەرگەقارالسۇن

 

 

 

 

 

 

 

 

 

 

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 132

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش