ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » « غۇلجا يولى »رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىقلىرى (4)

« غۇلجا يولى »رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىقلىرى (4)

« غۇلجا يولى »رومانىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيەلىك قىسمەتلىرىنىڭ تارىخى رېئاللىقلىرى (4)

نەبىجان تۇرسۇن ( تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

 

تۈركىستان كومىسسىيەسى

ئاپتور خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف 1918-يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن ئېتىبارەن يەتتىسۇدىن غۇلجا تەرەپكە كەتمىگەن ئۇيغۇرلار ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئابدۇللا روزىباقىيېف ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى لېنىننىڭ شەرق مۇسۇلمان خەلقلىرىنىڭ ئازادلىقىغا ياردەم بېرىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزلىرى بەلگىلەش ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش چاقىرىقلىرىغا ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ قەشقەرىيە ۋە ئىلى ۋادىلىرىدا ئازادلىق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىشىنى قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشىگە ئۈمىد باغلاپ، سوۋېت ھاكىمىيىتى تەرەپتە تۇرۇش ھەم ئۇنىڭ بىلەن ھەمكارلىشىش يولىنى تاللىۋالغان ئىدى.

تارىخى مەنبەلەرگە ئاساسلانغاندا، ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار باشچىلىقىدا 1919-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئالمۇتىدا يەتتە ئەر، ئىككى ئايالدىن تەركىپ تاپقان تۇنجى «« ئۇيغۇر جەمئىيىتى» قۇرۇلدى. بۇ 20-ئەسىر تارىخىدىكى بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر مىللى نامىنى قوللىنىپ قۇرۇلغان ، ئۇيغۇر مىللى كىملىكى ۋە مىللى ئىدېئولوگىيەسىنى شەكىللەندۈرۈش ھەم كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئاممىۋى-سىياسىي تەشكىلات ئىدى. مەزكۇر جەمئىيەت تېز كېڭىيىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يەتتىسۇ تەۋەسىدىكى كۆپ جايلاردا تارماقلىرى قۇرۇلۇپ، ئەزالىرى كۆپەيدى.

ئاپتور خەمىت ھەمرايېف سوۋېت رۇسىيەسى كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ۋە ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ بىرلىكتە ئوتتۇرا ئاسىيادا ھەرىكەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن تۈركىستان كومىسسىيەسىنىمۇ تەسۋىرلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى گ. ئى. بوكىئى، ف. ئى. گولوشچېكىن، ۋ. ۋ. كۇئىبيشېۋ، يان. ئە. رۇدزۇتاك، م. ۋ. فرۇنزې، ش. ز. ئەلىئاۋا قاتارلىقلاردىن تۈزۈلگەن بەش كىشىلىك كومىسسىيەنىڭ( 1 ) يەنە بىر ۋەزىپىسى لېۋ تروتسكىينىڭ ئىدىيەسى بويىچە دۇنيا ئىنقىلابىنى بۇخارا، قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە، ئافغانىستان ھەم ھىندىستانلارغا يېيىش شۇنىڭدەك ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش ئىدى. تۈركىستان كومىسسىيەسى 1920-يىلىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بۇخارا خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى، خارەزم خەلق سوۋېت جۇمھۇرىيىتى ۋە 1918-يىلى قۇرۇلغان تاشكەنتنى مەركەز قىلغان بولشېۋىكلارنىڭ تۈركىستان سوۋېت سوتسيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى نازارەت قىلىش، ھەتتا باشقۇرۇش ئىمكانىيەتلىرىگە ئىگە بولدى. چۈنكى، بۇ كومىسسىيەنىڭ قولىدا قۇدرەتلىك ۋە زور سانغا ئىگە قىزىل ئارمىيە بار ئىدى. تۈركىستان كوممىسسىيەسى 1920-يىلى تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى كومپارتىيەسى مۇسۇلمانلار بىيوروسىنىڭ قازاق مىللىتىدىن كېلىپ چىققان مەسئۇلى تۇرار رىسقۇلوف باشچىلىقىدا تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى بىكار قىلىپ، ئۇنى «تۈركىي خەلقلەر سوۋېت جۇمھۇرىيىتى»گە ئۆزگەرتىش، تۈركىستاندىكى خەلقلەرنى ئۆزبېك، تاجىك، قىرغىز دېگەندەك ئايرىم ئېتنىك ناملارغا ئايرىشقا قارشى تۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن تۈركىي خەلقلەر سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش، «مۇسۇلمانلار بىيوروسى»نى «مەركىزى كومىتېت » قىلىش ،ئايرىم «تۈرك قىزىل ئارمىيەسى»قۇرۇش دېگەندەك قارار ۋە تەلەپلىرىگە قارشى چىقىپ(2)، رۇسىيە سوۋېت فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتى تەركىبىدىكى تۈركىستان سوۋېت سوتسىيالىستىك ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ ساقلىنىشى ۋە مۇستەھكەملىنىشى ھەمدە تۈركىستاندىكى مىللەتپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش جەھەتتىمۇ ئۈنۈم قازاندى. بۇ جەھەتتە تۈركىستان كومىسسيەسى ۋەكىلى ۋە تۈركىستان فرونتى قوماندانى مىخايىل فرۇنزې ئەڭ مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇ يۇقىرقىدەك تەلەپلەرنى موسكۋاغا، لېنىنىڭ ئالدىغا قويغان «مۇسۇلمانلار بىيوروسى»نىڭ رەھبەرلىرىنى «مىللەتچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ، لېنىننى بۇ تەلەپلەرنى ئاڭلىماسلىققا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى(3) . تۈركىستان كومىسسىيەسىنى قەدەممۇ-قەدەم پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى پېتېرگرادتىكى لېنىن رەھبەرلىكىدىكى سوۋېت رۇسىيەسى مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا توپلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولدى. مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ ۋەزىپىلىرى قاتارىغا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىمۇ كىرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنقىلابى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش مەسىلىسى مەزكۇر كومىسسىيەنىڭ خىزمەتلىرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى. مەزكۇر كومىسسىيە،1921-يىلىغا كەلگەندە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى تۈركىستان بيۇروسىغا ئۆزگەرگەن بولۇپ، ئۇ ھەم پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەربىي-سىياسىي ۋە پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھوقۇقلۇق ئورگىنى ھېسابلىناتتى. مەزكۇر بىيورونىڭ رەھبىرى يان رۇدزۇتاكنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن زىچ ئالاقە ئورنىتىشى ۋە ئاخىرىدا قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدىن ئىبارەت ئىككى جۇمھۇرىيەت قۇرۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، موسكۋانىڭ مۇزاكىرە قىلىشىغا يوللىشى شۇنىڭدەك 1921-يىلى، 3-9- ئىيۇن كۈنلىرى تاشكەنتتە ئۇيغۇرلارنىڭ قۇرۇلتىيىنى چاقىرىپ، « ئىنقىلابى ئۇيغۇر ئىتتىپاقى»نىڭ مەيدانغا كېلىشىنى قوللشى مەزكۇر كومىسسىيە ۋە كېيىنكى بىيورونىڭ ھەرىكەت دائىرىسىگە ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار دىيارىمۇ كىرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

خەمىت ھەمرايېف «غۇلجا يولى» نىڭ ئىككىنچى تومىنىڭ ئاخىرقى قىسىملىرىدا ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلار يېتەكچىلىكىدە يەتتىسۇ ۋە پەرغانە ۋادىسىنى گەۋدە قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككى گۇرۇپپىسى، يەنى «قەشقەرلىقلەر» دەپ ئاتالغان ئۇيغۇرلار بىلەن « تارانچىلار» دەپ ئاتالغان ئەسلى ئىلى ۋادىسىدىن كۆچۈپ چىققان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا مەۋجۇت بولغان ۋە بارغانسېرى كۈچەيگەن ئۆزلىرىنىڭ ئانا ۋەتىنىنى ياڭ زېڭشىن باشچىلىقىدىكى خىتاي مىلىتارىستلىرىدىن ئازاد قىلىپ، ئۆز ۋەتىنىنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىدىيەسىنى يادرو قىلىپ، تۈرلۈك سىياسىي، ئاممىۋى ۋە مەدەنىيەت ئاقارتىش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارغانلىقىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىدۇ. ئاپتورنىڭ قەلىمى ئاستىدا بۇ خىل ئىدىيەگە مەنسۇپ ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف ۋە باشقىلارنىڭ يارقىن ئوبرازلىرى يارىتىلىدۇ.

 

ئۇيغۇر سىياسى كۈرەشلىرى ۋە سىياسىي قىسمىتى

خەمىت ھەمرايېف رومانىدا ئا. روزىباقىيېف قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى «ئالتىشەھەر-جۇڭغار ئىشچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» دەپ ئاتالغان تەشكىلاتنىڭ پائالىيەتلىرى، جۈملىدىن مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ 1921-يىلى 3-9-ئىيۇن كۈنلىرى تاشكەنتتە چاقىرغان قۇرۇلتىيى ۋە بۇنىڭ نەتىجىسىدە مەزكۇر تەشكىلات «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» دەپ ئاتىلىپ، ئۆز ھەرىكىتىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرغانلىقى، «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» نىڭ ئەسلى تۈپ نىشانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىنى كېڭەيتىپ، ئۆز مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئىكەنلىكى ۋە باشقىلارنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ھەقىقەتەن، 1921-يىلى، 3-9-ئىيۇن كۈنلىرى كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ۋە رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى تۈركىستان بيۇروسى ۋە تۈركىستان سوۋېت ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر مەزكۇر بىرىنچى قۇرۇلتايغا مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۇيغۇرلار، قالغانلىرى، تۇڭگان ۋە باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ، ئىككى ئايالنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 117 كىشى قاتناشقان ( 4) .قۇرۇلتايدا « ئۇيغۇر ئىتتىپاقى»نىڭ ھەرىكەت پروگراممىلىرى ۋە باشقا نىشانلىرى بېكىتىلگەن ھەمدە مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتى قۇرۇلۇپ، قەشقەرلىق ۋە ئىلىلىق ئۇيغۇرلاردىن ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف، تۇڭگانلاردىن ماگازى ماسانچى قاتارلىق كىشىلەر مەركىزى كومىتېتقا كىرگەن. ئابدۇللا روزىباقىيېف ئىتتىپاقنىڭ رەئىسى بولۇپ سايلانغان شۇنىڭدەك ئىسمائىل تاھىروف، ماخمۇدوف ۋە ماگازى ماسانچى موسكۋادا ئېچىلىدىغان كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ 3-قېتىملىق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇپ تاللانغان(5). ھەتتا، قىزىل ئارمىيەنىڭ يەتتىسۇ، پىشپېك (ھازىرقى بىشكەك)  قاتارلىق جايلاردىكى تۇڭگانلاردىن تەشكىللەنگەن تۇڭگان ئاتلىق پولكىنىڭ كوماندىرى ماگازى ماسانچى «ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى» نىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئىسمائىل تاھىروف ۋە ئابدۇراخمان ماخمۇدوف بىلەن بىرگە موسكۋاغا بارغاندىن كېيىن، قىزىل ئارمىيەنىڭ تۈركىستان فرونتى قوماندانى مىخايىل فرۇنزېنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئاستىدا ۋلادىمىر لېنىن بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى(6).

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى،1920-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا يەتتىسۇدىكى تۇڭگانلار سىياسىي پائالىيەتلەردە ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، تۇڭگانلار ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ تەركىبىدە ،جۈملىدىن « ئۇيغۇر» نامى ئاستىدىكى ھەرىكەتلەرگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان ، پەقەت 1924-يىللاردىن كېيىن تۇڭگانلار ئۆزلىرى ئايرىم پائالىيەتلەردە بولۇش يولىغا كىرگەن ئىدى.

خەمىت ھەمرايېفنىڭ قەلىمى ئاستىدا يەنە 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ۋ. لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ 1921-يىلى، 4-ئىيۇن كۈنىدىكى ھەل قىلغۇچ قارارىغا مۇناسىۋەتلىك ۋەقەلەر تەسۋىرلىنىدۇ.

مەلۇمكى، ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى رەسمىي قۇرۇلۇپ ،ئالتە ئايدىن كېيىن تارقالغان بولۇپ، بۇنىڭ تارقىلىشى رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىغا بىۋاسىتە قاراشلىق تۈركىستان بيۇروسىنىڭ سېكرىتارى يان رۇدزۇتاك ( 1887-1938)نىڭ قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيەدە ئىنقىلاب ئېلىپ بېرىپ، بۇ رايوندا «قەشقەرىيە ۋە جۇڭغارىيە سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرۇش» لايىھەسىنىڭ 1921- يىلى، 4-ئىيۇن كۈنى چاقىرىلغان رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيىسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ مەخسۇس يىغىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. تاشكەنتتىكى ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 3- ئىيۇن كۈنى باشلىنىپ، ئەتىسى،4-ئىيۇن كۈنى، رۇسىيە بولشېۋىكلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسى بىيوروسىمۇ مەخسۇس يىغىن چاقىرغان بولۇپ، بۇ يىغىنىدا لېنىن، تروتسكىي، ستالىن ۋە باشقا سىياسىي بيۇرو ئەزالىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن رۇدزۇتاكنىڭ بۇ لايىھەسى مۇزاكىرىگە قويۇلغان. بۇ لايىھەگە تاشقى ئىشلار خەلق كومىسسارى گېئورگى چىچېرن قەتئىي قارشى تۇرغان ھەمدە ئالدى بىلەن ئۇنىڭ قارشى پىكىرلىرى ۋلادىمىر لېنىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن(7 ). لېنىننىڭ قارارىغا سىياسىي بىيورونىڭ باشقا ئەزالىرىمۇ بىردەك قوشۇلۇشى تەبىئىي ئىدى. روشەنكى قەشقەرىيەدە ۋە جۇڭغارىيەدە ئىككى ئايرىم جۇمھۇرىيەت قۇرۇشقا قوشۇلمىغان ۋلادىمىر لېنىننىڭ رازىلىقى بىلەن ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ غايىسى قوبۇل قىلىنمايلا قالماستىن بەلكى ئۇنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىغا ئاساس سېلىنغان ئىدى(8 ).

ئارقىدىن ئالتە ئاي ۋاقىت ئۆتۈپ، 1921-يىلى، 18-دېكابىر كۈنى موسكۋادا ئېلىنغان مەزكۇر قارارغا ئاساسەن، تۈركىستان كوممۇنىستلار پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنى رەسمىي تارقىتىۋەتتى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى ئوتتۇرا ئاسىيادا يېڭىدىن تەسىس قىلىنغان « قوشچىلار ئىتتىپاقى»غا قوشۇلدى ( 9). بۇنىڭدىكى ئاساسىي سەۋەبلەرنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ھەر خىل بولۇپ، تۈپ سەۋەبلەر سوۋېت رۇسىيەسى بولشېۋىكلار پارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ «دۇنيا ئىنقىلابى » پىلانىدا ۋە تاشقى سىياسىي ئىستراتېگىيەسىدە ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. بۇ ۋاقىتتا سوۋېت رۇسىيەسى ھۆكۈمىتى تاشقى سىياسى جەھەتتىن، سوۋېت رۇسىيەسىنى سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن يېتىم قالدۇرۇۋاتقان غەرب، يەنى ئانتانتا دۆلەتلىرى بىلەن رەقىبلىشىشنىڭ ئورنىغا دىپلوماتىيەلىك ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش، يىراق شەرقتە بولسا، خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىيە سۆھبەتلىرىنى كۈچەيتىپ، خىتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ سوۋېت ھاكىمىيىتىنى ئېتىراپ قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولى ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى تەھدىتلىرىگە تاقابىل تۇرۇش ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئىنقىلاپ قوزغاپ، سوۋېتلەشتۈرۈشنى پايدىسىز دەپ ھېسابلاش قاتارلىق سىياسىي تەدبىرلەرنى قوبۇل قىلغان ئىدى. كرېمىل يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا نىسبەتەن بولسا، ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدا ئورتاق تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ئاساسىدا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈرك دۆلىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۈرەشلەر ۋە «باسمىچىلار» ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ھەم ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۆلۈنۈش، يەنى ئۇنىڭ مەركىزى كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى سابىر ئەخمەت قاتارلىق بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئەنۋەر پاشا تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشى ھەم باشقا بىر يۈرۈش سەۋەب-ئامىللىرى بار ئىدى(10 ). ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە، بۇ ۋاقىتلاردا ئىچكى ئۇرۇشتا سوۋېتلەرنىڭ قىزىل ئارمىيەسى پۈتۈنلەي غەلىبە قىلىش يولىغا مېڭىپ، ئادمىرال ئالېكسانىدر كولچاك ( 1886-1920)باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھاكىمىيىتىگە قارشى ھۆكۈمەت – پۈتۈن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيەسى تولۇق دېگۈدەك يوقىتىلغاندىن تاشقىرى 1921-يىلى، 5-ئايدا سوۋېت ھاكىمىيىتى ياڭ زېڭشىن بىلەن مەخپىي كېلىشىم تۈزۈپ، قىزىل ئارمىيەنى چۆچەك قاتارلىق جايلارغا كىرگۈزۈپ، بۇ رايونغا قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىۋاتقان گېنېرال ئالېكسېي دۇتوۋ، گېنېرال ئاندرېي باكىچ ۋە گېنېرال بورىس ئاننېنكوۋ قوماندانلىقىدىكى قاچاق ئاقلار ئارمىيەسىنى تارمار قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغان ئىدى. ياڭ زېڭشىن پۈتۈنلەي سوۋېتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ۋە ئۇنىڭ رايىغا بويسۇنىدىغان سىياسىي تەدبىر قوللىنىۋاتاتتى.

 

ئۈمىدسىزلىك ۋە ئۈمىد ئارىسىدىكى توقۇنۇش

ئۇيغۇر يازغۇچىسى خەمىت ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى» ناملىق رومانىدىكى ئىككى ئاساسلىق توقۇلما پېرسوناژ ئەركىن بىلەن ئازات گەرچە تارىختا رەسمىي ئۆتكەن شەخس بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ پروتوتىپى ئەينى ۋاقىتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە مەۋجۇتۇر. ئۇلار، 20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدىكى ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرىدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئىشىنىش، ئۇنىڭغا پۈتۈن ئۈمىدىنى باغلاش، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز مىللىي ئازادلىقىغا ياردەم بەرگۈچى ۋە ئۇنى قوللىغۇچى، ھەتتا ئۆزلىرىنىڭ «نىجات يۇلتۇزى» دەپ قارايدىغان پىكىر ئېقىمى بىلەن سوۋېت رۇسىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئازادلىقى يولىدىكى ئارزۇ-ئارمانلىرىنى پەقەت ئۆزىنىڭ سىياسىي مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قۇربان قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ، ئۇنىڭغا ئارتۇقچە ئۈمىد باغلىماسلىق، ئۆز تەقدىرىنى ئۆزگەرتىشتە باشقا خىل يول ئىزدەشتىن ئىبارەت يەنە بىر خىل پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى ئىككى خىل تىپنىڭ ۋەكىللىرى ئىدى.

شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى، 1921-يىلى، ئىيۇندىكى تاشكەنت قۇرۇلتىيى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئىنقىلابچىلىرى ۋە مىللەتپەرۋەرلىرى ئۈچۈن زور ئۈمىد ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلار ئۆز ۋەتىنىدە ئىنقىلاب قوزغاپ، ياڭ زېڭشىن ۋەكىللىكىدىكى خىتاي مىلىتارىست ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىدا خۇددى بۇخارا، خارەزم قاتارلىق جايلاردا قۇرۇلغاندەك سوۋېت جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش غايىسىنىڭ ئارقىسىغا قارا كۆلەڭگۈنىڭ يوشۇرۇنغانلىقى، يەنى كرېمىل سارىيىدىكى بولشېۋىكلار پارتىيەسى يۇقىرى رەھبەرلىك قاتلىمىنىڭ نىيىتىنىڭ باشقا ئىكەنلىكىدىن بىخەۋەر قالغان ئىدى. بىراق، يان رۇدزۇتاك لايىھەسىنىڭ كۈن تەرتىپتىن قېلىشى ۋە ئارقىدىن « ئۇيغۇر ئىنقىلابى ئىتتىپاقى»نىڭ تارقىتىۋېتىلىشى بىلەن بىر قىسىم سەزگۈر ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى سوۋېتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللىمايدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتسىمۇ، بىراق يەنىلا ئۈمىدىنى ئۈزمىدى. سوۋېتلەرگە ئۈمىد باغلىمىغان، ئەكسىچە ئۇلارغا قارشى تۇرغان ھۈسەيىنبەگ يۇنۇسوف ۋە باشقا مىللەتپەرۋەرلەر بولسا غۇلجىغا قېچىپ بېرىۋالدى. لېكىن، ئابدۇللا روزىباقىيېف، ئىسمائىل تاھىروف ۋە باشقا يۈزلىگەن مىللەتپەرۋەرلەر يەنىلا بولشېۋىكلاردىن ئۈمىدىنى يوقاتمىغان بولۇپ، ئۇلار بولشېۋىكلار مەپكۇرىسىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كېڭەيتىشكە كىرىشىپ، بۇ يولدىن پايدىلانماقچى بولدى. ئەمما، 1923-يىلى، ئۇيغۇر كوممۇنىستلىرىنىڭ يەتتىسۇ ۋىلايەتلىك كومىتېتى تارقىتىۋېتىلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى ئارىسىدا سوۋېتلەردىن تولۇق ئۈمىد ئۈزۈش كۈچەيگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا بىر مەزگىل مۇنازىرىلەر داۋاملاشانتى. نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف قاتارلىق سوۋېتلەردىن ئۈمىد ئۈزگەن گۇرۇپپا بولسا ئابدۇللا روزىباقىيېف قاتارلىقلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دەسلەپكى يولىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلىشتى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بولسا، سوۋېت ھۆكۇمتىنىڭ پۈتۈن دۇنيا، جۈملىدىن شەرقتىكى ئېزىلگۈچى خەلقلەرنىڭ مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىگە ياردەم بېرىش شوئارلىرىغا ئىشەنگەن ۋە ئۇمىد باغلىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى تۈرلۈك يەر ئاستى تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇپ، مەخپىي تۈردە « ئۇيغۇرىستان» ھەرىكىتى پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ باردى. بۇ خىل تەشكىلاتلارنىڭ سانى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، لېكىن ئۇلار قەشقەر، ئاقسۇ ۋە غۇلجا ئەتراپلىرىدا ھەرىكەت قىلغان ئىدى. 1923-1924-يىللىرى غۇلجا ئەتراپىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان مەخپىي يەر ئاستى « شەرق » تەشكىلاتى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، «ئۇيغۇرىستان» غايىسىنى ئاساس قىلغان مەزكۇر تەشكىلات ھەتتا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ئاگېنتلىرى بىلەنمۇ ئالاقە ئورناتقان ئىدى(11 ). تارىخى مەنبەلەرگە تايانغاندا كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال ئۆز ئاگېنتلىرىنى تاكى 1927-يىللىرىغىچە ئۇيغۇرلار دىيارىغا كىرگۈزۈشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئالمۇتانى بازا قىلغان ئابدۇللا روزىباقىيېف مەسئۇل بولۇپ، بىر قىسىم ئۇيغۇر يەر ئاستى خادىملىرىنى ئۇيغۇر دىيارىغا ئەۋەتىش ۋە ئۇ يەردە مەخپىي تەشكىلاتلارنى قۇرۇش ھەم ئالاقە قىلىش ئىشلىرىنى ئېلىپ بېرىشنى داۋاملاشتۇردى. بىراق، 1927-يىلى، 17-فېۋرال كۈنى ستالىن رەھبەرلىكىدىكى پۈتۈن رۇسىيە بولشېۋىكلىرىنىڭ كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە ئىنقىلاب قىلىش ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق چەكلەش ھەققىدىكى قارار قوبۇل قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئۇيغۇر دىيارىغا مەخپىي تۈردە «قوراللىق ئۇيغۇر خادىملىرنى ئەۋەتىش، قورال-ياراق كىرگۈزۈش ئىشلىرىنى دۆلەت سىياسىي قوغداش ئىدارىسىنىڭ قاتتىق چەكلىشى، كوممۇنىستلار پارتىيەسى ئوتتۇرا ئاسىيا بيۇروسى ۋە قازاق ئۆلكىلىك بيۇروسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلۈملىرىنى تەشكىللىگىچىلەر تەركىبىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ھەرىكەتلەرگە ئارىلاشقان كىرىشىلەرنى خىزمەتكە قويماسلىق» نى( 12)، « شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىيدىغان ھەرقانداق ھەرىكەتلەرنىڭ ۋە تەشۋىقاتلارنىڭ ھەممىسى زىيانلىق دەپ ھېسابلاپ، ئۇلارغا قەتئىي يول قويۇشقا بولمايدىغانلىق»نى بېكىتتى( 13).ئەنە شۇ ۋاقىتتىن ئېتىبارەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى يەنە بىر قېتىم رەسمىي تۈردە سوۋېت تېررىتورىيەسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىغا ئايدىڭ بولغان ئىدى، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا موسكۋانىڭ بۇ تۈپ مەيدانىدىن بىخەۋەر ھالدا ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتۈش خاھىشى يەنىلا داۋاملىشىۋەرگەن ئىدى.

بۇ قارار ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف قاتارلىق بىر قىسىم ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرىنىڭ سوۋېتلەردىن ئۈزۈل-كېسىل ئالاقىسى ۋە ئۈمىدىنى ئۈزۈش، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىلى قاتارلىق جايلارغا قېچىپ كېلىپ، تىنچ ياشاش يولىنى تۇتۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش رولىنى ئوينىغان ئىدى. ئەنە شۇ قارار بويىچە، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەنجان، قاراقول،تاشكەنت ،ئالمۇتا ۋە باشقا جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى ئۆز ئانا ۋەتىنىدە سوۋېتلەرگە تايىنىپ، ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىش سىياسىي تەشۋىقاتلىرى ئېلىپ بارغان ھەم تەشكىلات بولۇپ ئۇيۇشقانلارنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسىمۇ يۈز بەرگەن بولۇپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن»ناملىق ئەسلىمىسىدە قەيت قىلىنغان ئەنجان قاتارلىق جايلاردا مەخپىي تەشكىلىنىپ، قەشقەر تەرەپلەرگە كىرىپ ئىنقىلاب قىلماقچى بولغان بىر گۇرۇپپا قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ كوللېكتىپ تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەسى سىياسىي بىيورونىڭ ئەنە شۇ قارارىدىن كېيىن بولغان ئىشلار بولۇشى مۇمكىن.

خەمىت ھەمرايېف ئەركىن ۋە ئازاتتىن ئىبارەت ئىككى شەخس ئارقىلىق 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەرلىرى ئارىسىدا شەكىللەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىق ھەرىكىتىدە سوۋېتلەردىن ئۈمىد ۋە ياردەم كۈتۈش تەرەپدارلىرى بىلەن سوۋېتلەرگە ئۈمىد باغلىماسلىق تەرەپدارلىرى ئارىسىدىكى ئىختىلاپنى ئېچىپ بېرىدۇ. روشەنكى، بۇ خىل ئىختىلاپلار كېيىنمۇ ئىزچىل داۋاملاشقان بولۇپ، بۇ مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللى ھەرىكەتلىرىگە ئىزچىل كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى.

 

خۇلاسە

خەمىت ھەمرايېف تارىخى روماننى يېزىشتا رۇس تىلىدا ئاشكارا ئېلان قىلىنغان تارىخى ھۆججەتلەر ۋە ئارخىپ ماتېرىياللىرى ، تەتقىقات ئەسەرلىرى ، ئەسلىمىلەر شۇنىڭدەك ئۇيغۇر تارىخى شاھىدلارنىڭ ئەسلىملىرى ۋە باشقا تۈرلۈك مەنبەلەرنى ماتېرىيال ئاساسى قىلغان.
ئەسەردە نۇقتىلىق بايان قىلىنغان ۋە قىستۇرما شەكىلدە ئەسكەرتىلگەن زور سىياسى ۋەقەلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى يېقىنقى زامان ئوتتۇرا ئاسىيا، رۇسىيە ۋە ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈزبەرگەن رېئال ۋەقەلەردىن ئىبارەت بولۇپ، سوۋېت ھاكىمىيىتىنىڭ پۈتۈن رۇسىيە، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئورنىتىلىشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى سىياسىي ۋەقەلەر، جۈملىدىن كوممۇنىزم ھەرىكىتى، ئاقلار ھەرىكىتى، ئاتالمىش «باسمىچىلار »  ھەرىكىتى، جەدىتىزم ھەرىكىتى، «ياش بۇخارالىقلار»، «ياش خىۋەلىكلەر» ۋە «ئالاش ئوردا»نىڭ ھەرىكەتلىرى ھەم باشقا ھەرىكەتلەر ئاپتورنىڭ «غۇلجا يولى» رومانىدا يادرو قىلىنغان 1917-1921-يىللىرىدىكى ئۇيغۇر تراگېدىيەلىرى بىلەن ئورگانىك بىرلىشىپ كەتكەن ئىدى.
خەمىت ھەمرايېف رومانىنى يېزىپ چىقىشتا تارىخى چىنلىققا ۋە ئەينى دەۋر تارىخى رېئاللىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، رېئاللىققا ماس كەلمەيدىغان ۋەقەلەرنى خالىغانچە توقۇپ چىقىشتىن ساقلانغان. ئەلۋەتتە، ئاپتور تارىخىي شەخسلەرنىڭ ئوبرازىنى يارىتىش ۋە گەۋدىلەندۈرۈشتە ئالدى بىلەن تارىخى شەخسلەرگە ئائىت ماتېرىياللار، ئەينى ۋاقىتتىكى كىشىلەرنىڭ ئۇلار ھەققىدىكى تەسۋىرلىرى، ئۇلار ھەققىدىكى سۈرەتلەر، فىلىملەر ، ھۆججەتلەر ۋە باشقا كېرەكلىك مەنبەلەر ئۈستىدە تەتقىقات يۈرگۈزۈپ، ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسى، خاراكتېرى، پىكىر قىلىش ئۇسۇلى ۋە باشقىلارنىڭ ئەسلى رېئاللىققا ۋە چىنلىققا ماس كېلىشىگە تىرىشقان . شۇ سەۋەبتىن، كۆز ئالدىمىزدا پەيدا بولغان 20-ئەسىر دەۋرىگە ئائىت رۇس بولشېۋىك رەھبەرلىرى، پائالىيەتچىلىرى، ئاق گۋاردىيەچىلەر، ئۇيغۇر ئىنقىلابچىلىرى،  مىللەتپەرۋەرلىرى ۋە باشقىلار كىشىگە تەبىئىي تۇيغۇ بېرىدۇ. ئەلۋەتتە، ئەسەردە بىر قىسىم مەركىزىي تارىخى رېئال ۋەقەلەرنى يانداشقان توقۇلمىلارمۇ بار بولۇپ، ئاپتور بۇنداق توقۇلمىلارنى بىر تەرەپ قىلىشتىمۇ چىنلىققا ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن.

ئەمما، شۇنى ئەسكەرتىش لازىمكى، ئاپتور سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت خىتايدىن پەرقلىق باشقا بىر سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇھىتىدا تۇغۇلۇپ يېتىلگەن، پۈتۈن مائارىپ تەربىيىسىنى رۇس تىلىدا ئالغان بولۇشىغا قارىماي ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مىللىي مەدەنىيىتى، تارىخى، ئومۇمىي مىللىي پسىخىكىسىنى ياخشى چۈشەنگەنلىكىنى نامايەن قىلدى. ۋاھالەنكى، ئۇ مۇنداق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولسىمۇ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دىئاسپورىسىنى ياخشى چۈشەنسىمۇ، بىراق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ياشايدىغان ئانا ۋەتىنى -قەشقەرىيە، ئىلى ۋادىسى ۋە باشقا جايلارنىڭ مۇھىتى، ئادەملەرنىڭ مىجەز -خۇلقى، رايون خاراكتېرلىق ئالاھىدىلىكلىرى ، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى ئۇيغۇر مىللىي ئالاھىدىلىكلىرى، دىئالېكىت ۋە تەپەككۇر ئادەتلىرى، رايون خاراكتېرلىق پسىخىكىسى، رايون خاراكتېرلىق ۋە ئومۇمىي قاراشلىرى ھەم باشقا نۇرغۇن مەسىلىلەر ھەققىدە تېخى تولۇق ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسىرىدە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى قەشقەرىيە ۋە ئىلىنى ئۇيغۇرلىرى ھەققىدە كۆپ تەسۋىرلەشتىن چەتنەپ ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. لېكىن، قانداق بولۇشتىن قەتىينەزەر خەمىت ھەمرايېفنىڭ «غۇلجا يولى» ئەسىرىنى بۈگۈنكى قازاقىستان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى كۈچلۈك تارىخى رېئالىزملىق ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ.

 

ئىزاھاتلار

(1) Николаева В. П., Турккомиссия как полномочный орган ЦК РКП(б)( Türk komissiyesi Rusiye kommunistlar partiyesi merkizi komitétining toluq hoquqluq orgini). ”Вопросы истории КПСС“, 1958. 2-san.
(2). Glenn L. Roberts( 2007).Commissar and Mullah: Soviet-Muslim Policy from 1917 to 1924 ( Komissar we Molla: 1917-1924-yilighihe Sowét musulmanlar siyasiti) . Publisher. Dissertation.Comp. pp.73-76.
(3). Yene shu kitab.73-76-betler.
(4) . David Brophy. Uyghur Nation. Reform and Revolution in Russia-China Frontier ( Uyghur Xelqi: Rus-Xitay chégrisidiki islahat we inqilab) . Harvard University Press.2016.pp. 175-190.
(5). Nebijan Tursun. Léninning Yiraq sherq istratégiyeside Uyghur milli azadliq herikiti- “ Ana yurt “ jurnili, 2013-yili, 2-san. Enqere. David Brophy. Shu kitab. 175-190-betler.
(6) . Тельман ДОСТАНБАЕВ, Герой дунганского народа Магазы Масанчи ( Tunggan xelqining qehrimani -Magazi Masanchi) .<«Мысль» . Июнь 27, 2016.
(7). Бармин В.А. Советский Союз и Синьцзян. 1918-1941 ( Sowét itipaqi we shinjang 1918-1941-yili) Барнаул, 1998. с.84-85
(8). Nebijan Tursun. Léninning Yiraq sherq istratégiyeside Uyghur milli azadliq herikiti (1917-1924-yilliri) “ Ana yurt “ jurnili, 2013-yili, 2-3-sanliri.Enqere.
(9) . Nebijan Tursun. Léninning Yiraq sherq istratégiyeside Uyghur milli azadliq herikiti ( 1917-1924-yilliri) “ Ana yurt “ jurnili, 2013-yili, 2-3-sanliri.Enqere.
(10) . Nebijan Tursun. Léninning Yiraq sherq istratégiyeside Uyghur milli azadliq herikiti(1917-1924-yilliri) “ Ana yurt “ jurnili, 2013-yili, 2-3-sanliri. Enqere.
(11). РГАСПИ Ф. 514. Оп. 1. Д. 48. (Rusiye döletlik ijtimaiy-siyasiy tarix arxipi) Aprel ,1924. Д оклад по Синьцзяну( Shinjang heqqide doklat. 1924-yili,aprél)
(12). ВКП(б), Коминтерн и Китай. Документы. Т. 2.1926-1927. Ч. 2.Москва,1996. С.619 ( pütün ittipaq kommunistlar partiyesi, Kommunistik intérnatsiyonal we Xitay; höjjetler. 2-tom.1926-1927-yilliri.2-qisim.619-bet. Moskwa)
(13). ВКП(б), Коминтерн и Китай. Документы. Т. 2.1926-1927. Ч. 2 Москва,1996. С.619

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 133

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش