ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » سادا

سادا

غ . ئو . زۇلپىقار

1
كىچىككىنە پەنجىرىسىدىن كۆك ئاسماننىڭ ئالىقانچىلىك يېرى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ سولاقخانىغا سالاھىيتى، ياش-قۇرامى ۋە ئىش–ئوقىتى ئوخشىمايدىغان ئالتە كىشى قامالغان بولۇپ، ئالتە ئادەم ئۈچۈن تارلىق قىلمايتتى. لېكىن «تۈرمە دىگەن بەرىبىر تۈرمە، مېھمانخانا ئەمەس» بولغاچقا، كىشى ھامان سىقىلىش ھېس قىلاتتى. ئەركسىزلىك ۋە ناچار شارائىت ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى نارازى قىلسىمۇ، بىراق ئۇلارنىڭ يېرىمى بۇ مۇھىتقا تەدرىجىي كۆنۈپ، تاماق يەپ، ئۆلمەي مىدىرلاپ يۈرگىنىگە شۈكرى قىلىدىغان بولۇپمۇ قېلىشقانىدى. بۇ ئۈچەيلەننىڭ تىت-تىت بولۇش سەۋەبلىرىمۇ ئوخشىمايتتى.
بۇلاردىن بىرى ئوتتۇز ياشلاردىن ھالقىغان، ئويچان، ئورا كۆزلۈك يىگىت بولۇپ، ئۇ كارۋانلارغا ئەگىشىپ چەت ئەللەرگە چىققان ۋە شۇ سەرگەردان تۇرمۇش جەريانىدا باشقا ئەللەرنىڭ تۇرمۇشنى كۆرۈپ، ئۇلاردىن تەسىر ئېلىپ، شۇ تەرەپلەردە ئازدۇر-كۆپتۇر ئوقۇغان ھەمدە ئۇيغۇر يېڭى مەدەنىيەت ھەرىكىتى راسا بىخلىنىشقا باشلىغان 30-يىللارنىڭ بېشىدا ۋەتەنگە قايتىپ، ئاقارتىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان مۇئەللىم ئىدى.ئۇ جۇشقۇن روھ بىلەن خىزمەت قىلىۋاتقان كۈنلەردە «گۇمانلىق ئۇنسۇر» دەپ قارىلىپ،شېڭ شىسەي جاللاتلىرى تەرىپىدىن مەكتىپىدىلا قولغا ئېلىنغانىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ئاشۇ جۇشقۇن ھاياتىدىن، سۆيۈملۈك مەكتىپىدىن، بىلىمگە تەلپۈنۈپ تۇرغان ئوقۇغۇچىلىرىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا تىت-تىت بولاتتى.
يەنە بىر مەھبۇس چەت ئەللىك پەرەڭ ئىدى. قىزغۇچ سېرىق چاچلىق، ئېگىز قاڭشارلىق، ئورا كۆز بۇ ئادەم ئۆزىنىڭ ئېيتىشىغا قارىغاندا «تۈركولوگ» ئىكەن. ئۇ قەشقەرگە ئەمەلىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش مەقسىتىدە كەلگەنىكەن. بىراق مۇشۇ قالايمىقان كۈنلەردە ئۇ «چەت ئەل جاسۇسى» دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇلغانىدى. دەسلەپ ئۆزى يالغۇز قامىلىپ، ئالاھىدە كۈتۈلگەن، بىراق كېيىن قولغا ئېلىنغانلار بەك كۆپىيىپ كەتكەچكە، سولاقخانىلار يېتىشمەي ئۇنىڭغا بەش ھەمراھ قوشۇپ قويۇلغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ يەنىلا ئايرىم تاماق يەيتتى، بىر نەچچە قېتىم شامالداشقا چىقىرىلاتتى. ئۇنىڭ باھانىسىدا قالغان بەشەيلەنمۇ ئىلتىپاتقا ئېرىشىپ تۇراتتى. باشقا سولاقخانىدىكى مەھبۇسلار پەقەت بىر قېتىملا شامالداشقا چىقىرىلاتتى. پەرەڭنىڭ جاسۇس ئەمەس بولۇپ چىقىپ، دۆلىتى تەرىپىدىن نارازىلىققا ئۇچراشتىن ئەنسىرىگەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئېتبار قىلىشنى ئۇنتۇشمىغان ئىدى.
پەرەڭ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پىلانىنىڭ ئاستىن-ئۈستۈن بولۇپ كەتكىنىگە، تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنى ئېلان قىلىش بىلەن قولغا كېلىدىغان پۇل ۋە شۆھرەتتىن مەھرۇم بولغىنىغا شۇنچىلىك بوغۇلاتتىكى، ھەمىشە ئۆزىنىڭ تىلىدا بىرنېمىلەرنى دەپ كالدىرلاپ، يەرلىك ھۆكۈمەتنى تىللايتتى.
ئۈچىنچىسى بولسا شەھەر ئەتراپىدىكى بىر بەگلىكنىڭ ئەڭ ھۆرمەتلىك موللىسى ئىدى. ئۇ يالغۇز مۇشۇ يېزىغىلا ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن قەشقەرگە تونۇلغان داڭلىق شەخس ئىدى. ئۇ ھۆكۈمەتكە سەمىمىي سادىق بولۇپ، شېڭ دۇبەننىڭ ئالتە بۈيۈك سىياسىتىنى ھەدىسلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەشۋىق قىلىپ كەلگەچكە، ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئىناۋىتىنى تازا كۆتۈرگەن ئىدى. قىسقىسى، ئۇمۇ بارلىق دىن مۇخلىسلىرىغا ئوخشاشلا ھۆكۈمرانلارنىڭ يالاقچىلىقىنى قىلىپ، ئۆزخەلقىنى قۇربانلىق قويدەك زامان قاسساپلىرىغا تۇتۇپ بېرىپ كەلگەنىدى. ئىناۋىتىنىڭ يۇقىرىلىقىنى شۇنىڭدىنمۇ كۆرىۋېلىشقا بولاتتىكى، كىشىلەر ئۇنىڭ ئۆزىنى كۆرگەندىلا ئەمەس، ئىسمىنى ئاڭلىغاندىمۇ جىددىيلىشىپ كېتەتتى. كىشىلەر دادىسىدىن ئايىغان نەرسىسىنى بۇ موللىسىغا بېرىشنى ئۆزلىرىنىڭ شەرىپى دەپ بىلىشەتتى. موللىنىڭ شۇ بەگلىك تەۋەسىدىكى بازاردا بىر دۇكىنى بار ئىدى. ئېلىپ-ساتارلار ۋە باشقا سەييارە تىجارەتچىلەر «موللام ئاللاغا يېقىن ئۇلۇغ ئادەم، ئۇنىڭ مېلىدا بەرىكەت بار، چوقۇم پايدا ئالالايمىز» دەپ، قىممەت بولسىمۇ شۇنىڭ دۇكىنىدىن مال سېتىۋالاتتى…
نېمە سەۋەبتىنكى ھۆكۈمەت ئاخىرى ئۇنىمۇ قولغا ئالدى. بۇ ھال ئۇنى گاڭگىرتىپ قويدى. «ھۆكۈمەت يېڭىلىشتى ياكى دۈشمەنلىك بولۇپ قالدىم» دەپ ئويلىدى ئۇ. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىرى بولسا، ئۇنى «بىزنىڭ بۇ ھۆرمەتلىك موللىمىز بىزنىڭ يىغىمىزنى يىغلاپ، كۈلكىمىزنى كۈلۈپ كېلىۋاتقاچقا، ھۆكۈمەت ئۇنى يامان كۆرۈپ قالدى»دەپ ئويلاشتى. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ ئىناۋىتى بىرھەسسە ئېشىپ كەتتى. ھۆكۈمەتنى ئۆزلىرى ئۈچۈن دۈشمەن دەپ بىلىدىغان خەلق بىر ئادەمنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا ئۇنىڭ ھۆكۈمەت بىلەن يېقىن-يىراقلىقىغا قاراپ ھۆكۈم قىلاتتى-دە! موللا بىلەن كېلىشەلمەيدىغان زىيالىيلار بولسا بۇنىڭدىن ئەجەبلىنىپ كەتمەيتتى. ئۇلارنىڭ قارىشىدا، ساتقىن ۋە مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ئۆزى سېتىلغان ھەم خىزمەت قىلغان تەرەپنىڭ قولىدا ئۆلمىكى قانۇنىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىش ئىدى. لېكىن ھۆكۈمەت ئۇنى پەقەت «نوپۇزىدىن ئەنسىرەش »سەۋەبى بىلەن قولغا ئالغانىدى. موللىنىڭ نوپۇزى بەك ئېشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ھۆكۈمەت خاتىرجەمسىزلەنگەن، ئۆزىنىڭ بۇ سادىق يالاقچىسىغا ئىشەنچقىلالمىغانىدى. شۇڭا ئۇنى ھېچ بولمىسا مۇشۇ ئەنسىز يىللار ئۆتۈپ كەتكۈچە خەلقتىن ئايرىپ قويۇشنى توغرا تاپقاندۇ، ياكى بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئۇقۇشماسلىق بولغاندۇر. بۇ ھال موللىنى تىت-تىت قىلاتتى. ئۇ ھەمىشە قېچىرغا مىنىپ، بىر توپ جامائەتنى ئارقىسىغا سېلىپ سۆلەت بىلەن مېڭىپ يۈرگەن، ھامان تۆرنىڭ بېشىدا ئولتۇرغان چاغلىرىنى ئويلاپ ھەسرەتلىنەتتى. بىراق، يەنىلا ھۆكۈمەتتىن ئاغرىنمايتتى. تۈرمىدە ئولتۇرۇپمۇ ھە دەپ ھۆكۈمەت ھەققىدە ياغلىماگەپلەرنى قىلىپ تۇراتتى. ئۆزىنى يوقلاپ كەلگۈچىلەردىن سىرتنىڭ ئەھۋالى، جامەنىڭ، يۇرتنىڭ، ئائىلىسىنىڭ، دۇكاننىڭ ئەھۋالىنى سوراش بىلەن بىرگە ھۆكۈمەت ئىشلىرى ھەققىدىمۇ كۆڭۈل بۆلگەن ھالدا بىرنېمىلەرنى سوراپ كېتەتتى (ھەر قېتىم مۇشۇنداق قىلىۋاتقاندا، مۇئەللىم مەسخرىلىك كۈلۈمسىرەيتتى).
قالغان ئۈچ مەھبۇس ئاددى پۇقرالاردىن بولۇپ، بىرى دېھقان، يەنە بىرى ھۈنەرۋەن، ئۈچىنچىسى شەھەر پۇقراسى ئىدى. بۇ ئۈچەيلەن موللىنىڭ خىزمىتىنى جان دەپ تالىشىپ قىلىشاتتى. بۇنداق قىلىشنى بىرخىل مەجبۇرىيەت دەپ ئەمەس، ئۆزلىرىگە كەلگەن ئامەت دەپ قارىشاتتى. موللا بۇ يەردىمۇ ئوخشاشلا ئىنتايىن ياخشىياشايتتى. ھەركۈنى ئۇنىڭ ئالدىغا شەھەر ۋە يېزىلاردىن يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ سوۋغا-سالاملىرى تۆكۈلۈپلا تۇراتتى. ئۇ بولسا، بۇ نەرسىلەرنى بىر ئۆزى يالغۇز تۈگىتەلمەيدىغان بولغاچقا، گۇندىپايلارغا، تۈرمە باشلىقىغا ۋە باشقا مەھبۇسلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرەتتى. بۇ ھال ئۇنى پۈتۈن تۈرمىدىكى مەھبۇسلار ئىچىدە تېخىمۇ تونۇتقان بولسا، گۇندىپايلارنى ئۇنىڭ رايىغا بوي سۇنىدىغان قىلىپ قويغانىدى. بۇندىن باشقا،سوۋغا-سالاملار ئىچىدىن پۇللۇقراق ھەم ئاسانلىقچە بۇزۇلمايدىغان نەرسىلەرنى تاللاپ ئېلىپ قېلىپ، دۇكىنىغا سېلىش ئۈچۈن ئۆيىگە ئەۋەتەتتى.
– ئۆيدىن ئەنسىرىمەي ئۆزلىرى ئىشلىتىۋەرسىلە بولاتتى، ئۆيدىكىلەرگە ئوبدان قاراۋاتىمىز، خاتىرجەم بولسىلا، دۇكاننىڭ سودىسىغا خۇدا بەرىكەت بېرىۋاتىدۇ…- دەيتتى يوقلاپ كەلگەن ئىخلاسمەنلىرى.
-خۇدا «يەڭلار، ئىچىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار» دېگەن. بۇ يەردە ئىسراپ بولغىنىدىن ئۆيگە كەتكىنى ياخشى، – دەيتتى موللا. ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەركۈنى چۈشۈپ تۇرىدىغان سوۋغىلارمۇ مىلىچمال دۇكىنى ئېچىشقا يەتكۈدەكلا ئىدى.
ئۇنىڭ دۇكىنىغا بېرىلىۋاتقان بەرىكەت ئەمەلىيەتتە ساددا ئىخلاسمەنلىرىنىڭ قارىغۇ ئېتىقادىنىڭ مەھسۇلى ئىدى. ئاشۇ قارىغۇ ئېتىقاد ۋە نادانلارچە ئىخلاسمەنلىك كىشىلەرنى مەرد ۋە نامسىز ياخشىلىق قىلغۇچىلارغا ئايلاندۇراتتى: بەزى كېچىلىرى موللىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئۇلاغ-ئۇلاغ ئوتۇنلار ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى چۈشۈرۈپ قويۇلاتتى. بۇ ھال كىشىلەرگە كۆزگە كۆرۈنمەس پەرىشتىلەر بىلەن بۇ موللىنىڭ سىرلىق ئالاقىسى باردەك تۇيغۇ بېرىپ، ئۇنى تېخىمۇ يۈكسەك مەرتىۋىلەرگە كۆتۈرەتتى….
2
موللا ئۆز ئىسمىغا يارىشا ھەردائىم قۇرئاندىكى ئايەتلەرنى يادقا ئوقۇپ تۇراتتى. سولاقخانىدىكى ئۈچ مەھبۇس ئۇنىڭ بىرخىلدا سىلىق تەۋرىنىپ، كۆزلىرىنى چالا يۇمۇپ تۇرۇپ، ئاھاڭ بىلەن قۇرئان ئوقۇشىغا پۈتۈن ئىخلاسى بىلەن بېرىلىپ قۇلاق سالاتتى. ئۇلارنىڭ ئىخلاسىدا «ئۇ دۇنيا» تەشۋىشى بولغاندىن تاشقىرى، نان قايغۇسىمۇ ناھايىتى مۇھىم رول ئوينايتتى. چۈنكى ئۇلار موللىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئۆيلىرىدىكىدىنمۇ توقراق يۈرەتتى. ۋەھالەنكى، تويغۇزغۇچىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سالماسلىق بىھۈرمەتلىك بولاتتى، ئەلۋەتتە.
موللا شامالداشقا چىققاندىمۇ جىمى مەھبۇسلار ئالدىدا قۇرئان ئوقۇپ، ھەدىسلەردىن مەنە يېشىپ ھەم بۇنىڭغا بىرلەشتۈرۈپ «شېڭ دۇبەن جانابلىرى» يۈرگۈزىۋاتقان پارلاق سىياسەتلەرنى دىنىي ئەقىدىلەر ئارقىلىق ئاساسلايتتى، شېڭ شىسەينىڭ مىڭلىغان ئادەمنى تۈرمىگە بەنت قىلغانلىقىنى «قۇرئان» دىكى «خۇدا بەندىلىرىگە زۇلۇم قىلمايدۇ، ئۇلار گۇناھلىرى بىلەن ئۆز-ئۆزىگە زۇلۇم قىلىدۇ» دېگەن ئايەت بىلەن ئاقلايتتى ھەم مەھبۇسلارغا «ئى ئاللا، بىز ئۆز-ئۆزىمىزگە زۇلۇم قىلدۇق…» دېيىشنىڭ ساۋاب بولىدىغانلىقىنى چۇشەندۈرەتتى. يەنە راستچىل بولۇشنىڭ خاسىيتى ۋە يالغانچىلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى ھەققىدە ۋەز ئېيتىپ، مەھبۇسلارنى ھۆكۈمەت سورىغان نەرسىلەرگە ئەينەن جاۋاب بېرىشكە دەۋەت قىلىپ تۇراتتى.
موللىنىڭ ۋەزلىرىگە پەرەڭدىن باشقا مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى جىددىي ياكى ياسىما جىددىي پوزىتسىيە بىلەن قۇلاق سېلىپ تۇرۇشاتتى. بۇنىڭدىن مۇئەللىممۇ مۇستەسنا ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. گەرچە ئۇ بۇ ئىشلاردىن كۈلگۈسى كېلىپ تۇرسىمۇ، لېكىن نادان جامائەتنىڭ ئومۇمىي قارشىلىقى ئىچىدە قالماسلىق ئۈچۈن ياسىما پوزىتسىيە بىلەن كۆڭلىدىكىنى يوشۇرۇشقا مەجبۇر ئىدى. پەرەڭ بولسا بۇلارنى مەسخىرە قىلغاندەك مىيىقىدا كۈلۈپ تۇراتتى.
بىر كۈنى پەرەڭ مۇئەللىمنى نوقۇپ:
– ئەپەندىم، ھېچ نەرسە قىلماي كۈن ئۆتكۈزەمدۇق؟ – دېدى.
-قىلغۇدەك نېمە ئىش بار دەيسىز؟ ئامال يوق… – دېدى مۇئەللىم ئۈمىدسىزلىككە تولغان ئاۋازدا يېرىم ئۇيغۇرچە، يېرىم ئىنگلىزچە، – مۇشۇنداقلا چىرىپ كېتىمىز…
– مەن سىزگە مۇئەللىم بولاي، سىز ماڭا ياردەمچى بولۇڭ، – دېدى پەرەڭ چۈشىنىكسىز ھالدا.
– نېمە دېدىڭىز؟
-سىز ئىنگلىزچىنى بەك يامان سۆزلەيسىز، بەك ناچار! مەن سىزگە مۇئەللىم بولاي، سىز ئىنگلىزچىنى ياخشى ئۆگىنىڭ، كېيىن ماڭا ياردەمچى بولىسىز، مەن كىتاب تەرجىمە قىلىمەن.
– كىتاب تەرجىمە قىلىمەن دەمسىز، مەن ياردەمچى بولىمەن؟
-ھە، بىكارچىلىق ئادەمنى بىمەنە خىياللارغا ئېلىپ بارىدۇ، بۇنىڭ ئاخىرىدا نېرۋا بۇزۇلىدۇ، نېرۋا… – بۇزۇلىدۇ؟ ھە…نېرۋا، نېرۋا… – دېدى مۇئەللىم چېكىسىگە نوقۇپ.
پەرەڭ ئورتاق تۈركچە سۆزلەيتتى. ئۇ ھەممە گەپنى ئوبدان چۈشىنەتتى، لېكىن سۆزلىگەندە تاققا-تۇققىراق سۆزلەپ قوياتتى.
پەرەڭنىڭ پەرۋاسىزلارچە ئېيتقان گەپلىرى مۇئەللىمنى بەك ھەيران قالدۇردى. ئۇ شۇ تاپتا ھەممىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، كەلگۈسى ئۆلۈمنى كۈتۈپلا ياتقاچقا، بۇ گەپ ئۇنى ھەيران قالدۇراتتى، ئەلۋەتتە.
– بىز ھازىر جاللاتنىڭ چاڭگىلىدا، – دېدى ئۇ ئەجەبلىنىشنى يوشۇرماي، – ساق قۇتۇلۇپ كېتىشىمىزدىن ئۆلۈپ كېتىشىمىز ئېنىقراق، بۇ ھالدا ئىلىم تەھسىل قىلىشتىن نېمە پايدا؟ كىم بىلىدۇ، بۈگۇن كېچە ياكى ئەتە كۈندۈزدە ئاتقىلى ئېلىپ چىقار…
– ئەگەر ساق قالسىڭىزچۇ؟
– ئەگەر ساق قالسام؟… بۇ مۇمكىن ئەمەس! مەندە ئىشەنچ يوق…
-ئىشەنچ بولۇشى كېرەك، بۇ ھاياتلىق ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم، – دېدى پەرەڭ خاتىرجەم ھالدا، – مېنىڭ تەكلىپىمنىڭ ھېچ بولمىسا بىر پايدىسى بار، ئەگەر ساق قالىدىغان بولساق، مۇشۇ مەزگىلدىكى ئۆمرىمىز بىھۇدە ئۆتمىگەن بولىدۇ، تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن پۇشايمان ھەسرىتىنى چەكمىگەندىن تاشقىرى، ئەمگىكىمىزنىڭ مېۋىسىنى كۆرىمىز؛ ئەگەر ساق قالمىغان تەقدىردە ئۆلگىچە بولغان ئارىلىقتىكى روھىي ئازابتىن قۇتۇلۇپ، ئىش بىلەن مىلىكە بولىمىز، ھەرھالدا ئويلاپ كۆرۈڭ.
مۇئەللىم ئۇزاق ئويلىدى. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق ئىكەن. شۇڭا ئۇ پەرەڭنىڭ تەكلىپىگە رازىلىق بەردى.
ئىككىسى دەرھال ئىش باشلاپ كەتتى. مۇئەللىمنىڭ ئۈمىدسىزلىككە تولغان چېھرىسىنى ئەمدى ھايات جىددىيلىكى ئىگىلەپ خېلى جۇشقۇن بولۇپ قالدى. ئەمدى ئۇنىڭ پۈتۈن ۋاقتى سۆزلۈك يادلاش بىلەن ئۆتۈشكە باشلىدى…
3
– قاراڭلار ئاۋۇ ئىماندىن ئازغاننى، – دېدى دېھقان ئىنگلىزچە سۆزلۈك يادلاۋاتقان مۇئەللىمنى ئىشارە قىلىپ ھەمراھلىرىغا، – ناسارا بىلەن خېلى ئوبدان يېقىنلىشىپ كەتتىغۇ، كاپىر!
– بۇ ئەپەندىچاق جەزمەن ناسارانىڭ دىنىغا كىردى، ئۇنىڭ ئۆگىنىۋاتقانلىرى ئاشۇ خەقنىڭ ئايەتلىرىمىكىن دەيمەن، – ھۈنەرۋەن ئۆز نۆۋىتىدە گەپ قىستۇرۇپ موللىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويدى.
موللا بايىلا سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن تائاملار بىلەن ئوزۇقلىنىپ، راسا بىرنى كېكىردى ۋە «ئى رەببىم ئاللا، بەرگەن رىسقىڭغا شۈكۈر!» دەپ ساقىلىنى بىر سىيپاپ قويۇپ ئورۇن-كۆرپىسىگە قىيسايدى ۋە ئاشقان تائاملارنى ئۈچەيلەنگە ئىلتىپات قىلىۋەتتى.
ئىلگىرى ئۇ سىرتتىن كىرگۈزۈلگەن نەرسىلەرگە مۇئەللىمنىمۇ، پەرەڭنىمۇ تەكلىپ قىلىپ، «ئادەمگەرچىلىك»ىنى ئىپادىلەيتتى. ماۋۇ ئۈچەيلەن ھەمىشە ئاچ-زېرىن، چىشلىرىنى پارقىرتىپ قاراپلا تۇرغاچقا، ئۇلارغا بەرمەستىن يېيىش تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. كېيىن مۇئەللىمنىڭ «ناساراچە» گەپنى بىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان ھامان ئۇنى دىندىن چىققانمىكىن، دېگەن گۇمان كېلىپ غوتۇلداپ يۈرىدىغان بولغانىدى. ئۇنڭسىزمۇ ئىلگىرى ئۇ بۇنداق ئەپەندىلەر بىلەن پەننىي مەكتەپ ئېچىش-ئاچماسلىق مەسلىسىدە تالىشپ قالغاچقا، ئەپەندى دېگەنلەرنىڭ ئىمانى بىجىرىم بولۇشىغا تازا ئىشىنىپ كەتمەيتتى. ئەمدى ئۇ كىبىرلىنىپ، ئەپەندىلەرنىڭ ۋەكىلى بولغان مۇشۇ مۇئەللىمگە بارغانسېرى ئۆچلۈك قىلىپ «قارىغىنا، خەلق موللىنى ياخشى كۆرەمدىكەن، ئەپەندىنىمۇ؟» دېگەندەك چېقىۋېلىش مەنىسىدە قارايدىغان بولىۋالدى. ئۇ، ئەپەندى بىلەن پەرەڭ ئىككىسىنىڭ ئۆز نوپۇزىنى ئانچە كۆزگە ئىلىپ كەتمىگىنىگە بەك ئاچچىقى كېلىپ تۇرغاچقا، ئەمدى ئۇنىڭغا ئاشكارا قارشى تۇرۇشنىڭ باھانىسىگە ئېرىشكەندەك بولدى. كۆڭلىدىن بۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئارقىلىق پەرەڭگە دەز كەتكۈزۈش خىيالى كەچتى، چۈنكى پەرەڭگە بىۋاستە چېقىلىشتىن يەنىلا ئەيمىنەتتى. نېمىشقىدۇ بۇ خەق ئاللىقانداق سىرلىق كۈچكە ئىگىدەك، چۈشىنىكسىز تۇيۇلاتتى. ئەپەندى بولسا چۈشىنىشلىك، ئۇنى ئېشەكنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالاش تامامەن مۇمكىن!
موللا ساداقەتمەنلىرىنىڭ ئەپەندى ھەققىدە دېيىشكەن گەپلىرىگە باش لىڭشىتىپ ماقۇللۇق بىلدۈردى ۋە قوشۇمچە قىلدى:
– ئەپەندىلەرنىڭ ھەممىسى ناسارا بىلەن ئوخشاش! ماڭا قويۇپ بەرسە، ئىتنى دۇمبالىغاندەك دۇمبالايتتىم بۇنداق جوھۇت، خاۋارىجنى!…
– زۆرۈر كەلسە تېتىتىپ قويىمىز! – دېدى شەھەرلىك مەھبۇس دادىللىق بىلەن، – ئۆزۈمنىڭمۇ بۇ خەق بىلەن زادىلا پۇرچىقىم پىشمايدۇ. مېنىڭ مۇشۇ يەرگە قامىلىپ قېلىشىممۇ مۇشۇ نېمىلەرنىڭ كاساپىتى ئەمەسمۇ! مېنى ئەپەندىلەر بىلەن چېتىشلىقى بار، دەپ قولغا ئالغان. مېنىڭ گۇناھىم – ئۆيۈم مۇشۇ خەقنىڭ مەكتىپى بىلەن قوشنا بولغىنى!
– ئېپى كەلسىلا راسا يۇمشىتىپ قويىلى بولمىسا، – دېدى ھۈنەرۋەن.
– ئېپىنى كەلتۈرىمىز – دە! يەنى مەسلەن، گەپتىن-گەپ چىقىرىپ، گېپىدىن پۇتاق چىقىرىپ… – دېھقانمۇ ئۆز نۆۋېتىدە گەپ قوشتى.
ئۇلارنىڭ ساددا دىللىرى موللىنى ئۆزلىرى ئۈچۈن شاپائەتچى، مۇئەللىمنى بولسا دۈشمەن دەپ تونۇيتتى. «مۇشۇنداق ئادەملەر ئىنقىلاب قىلىمىز، قوزغىلاڭ قىلىمىز، دەپ ھۆكۈمەتكە قارشى چىقمىغان، جەدىتچىلىك تەرغىباتلىرىنى قىلمىغان بولسا، بىزدەكلەرنى كىم زىندانغا تاشلايتتى؟ تىنچ –خاتىرجەملىك ئىچىدە زاغرا بىلەن ئۇماچ بولسىمۇ ئاللانىڭ بەرگەن رىسقىغا شۈكۈر قىلىپ، نامىزىمىزنى ئوقۇپ يۈرىۋەرگەن بولاتتۇق…» دەپ ئويلىشاتتى. بۇ تېخى ئۇلارنىڭ «يىراقنى كۆرۈش» كاتېگورىيسىدىكى قارىشى ئىدى. تېخىمۇ نەق ۋە ئۇلارنىڭ ئورنى، شارائىتى، ئەقىل-ئىدرىكى ئۈچۈن مۇۋاپىق بولغان قاراش – «نانغا بولىدىغان شېرىكنى ئازايتىش» ئىدى. ئۇلار ئاداۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇناسىۋەتنى يىراقلاشتۇرۇۋەتسە موللىغا كېلىپ تۇرىدىغان نېمەتلەرگە مۇئەللىمنى ۋە پەرەڭنى چاقىرىش پۈتۈنلەي توختايتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار نۆۋەتتە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان ئوزۇقلىنىش مەسلىسىدە بىر لوقما بولسىمۇ پايدىغا ئېرىشەتتى.
4
مۇئەللىم ھەقىقەتەنمۇ ئۆزىنى يېنىك ھېس قىلىدىغان بولدى. ئۆگىنىش جەھەتتىكى ئىلگىرلەش ئۇنى روھلاندۇرىۋەتكەنىدى. ئۇ كەلگۈسىنى ئىنتايىن ئۈمىدۋارلىق ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلاتتى. كەلگۈسىدە ئۇ ئىنگلىز تىلىنى راۋۇرۇس ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن، چەت ئەلگە چىقىپ بىرەر كەسىپ بويىچە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇپ كەلسە ۋە بۇ بەختسىز مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلسا، ئەنە ئاۋۇ ئۈچەيلەنگە ئوخشاش بىچارىلەرنىڭ قەلبىنى ئىلىم مەشئىلى بىلەن يورۇتسا، ئۇلارمۇ ئىچكى دۇنياسىدىكى مەنىۋىي توقچىلىق بىلەن بېشىنى تىك تۇتۇپ ياشىسا… ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى مۇشۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا چەت ئەل تىلىنى ئۆگىنىۋېلىپ، چەت ئەلگە ئوقۇشقا چىقسا… ئۇيغۇر مىللىتىمۇ ئۆزلىرىنىڭ ئىلىم-پەن خادىملىرىغا ئىگە بولسا، مۇشۇ ئوتتۇرا ئەسىر جاھالىتى ئىچىگە پاتقان مۇھىت ئۆزگىرىپ، قەۋەتلىك بىنالار، ئاسفالت يوللار، تۆمۈر يوللار، مىڭلاپ ئىشچى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار قۇرۇلسا … ئالىي مەكتەپلەردىن نەچچە ئونى قۇرۇلۇپ كەتسە… مۇئەللىم شۇنچىلىك ھاياجانلاندىكى، ئۇ ئۆزىنى تۈرمىدە ئەمەس، ئاشۇ گۈزەل تەسەۋۋۇرىدا پەيدا بولغان ئالىي مەكتەپتە ئىنگلىز تىلى دەرسى سۆزلەۋاتقاندەك ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئاۋازىنى چىقىرىپ ئىنگلىزچە «ياخشى ئىشلار ئالدىمىزدا!» دەپ توۋلىۋەتتى.
– توۋلىما، ۋۇي جوھۇت! – دەپ ۋارقىرىدى دېھقان ئۇنىڭغا ھۈرپىيىپ، – نېمە سەت ۋارقىرايسەن؟ موللا ئاكام ئارام ئېلىۋاتسا ئالۋاستىلارنىڭ تىلىدا كاركىراپ يۈرىسەنا؟ چىشىڭنى تۆكۈۋېتىمەن ھېلى بىكار!
– نېمە چېچىلىلا، ئاكا؟ مەندىن ئۆتكەن بولسا ناماقۇل بولاي، يات مىللەت ئالدىدا بىر-بىرىمىزنى بوغۇشۇپ سەتلەشمەيلى، – دېدى ئۇ ئۇخلاۋاتقان پەرەڭ تەرەپنى ئىشارە قىلىپ. ئۇ، ھەقىقەتەنمۇ خۇددى ياخشى ئاتا يامان ئۆگەنگەن بالىسىنىڭ ئەسكى قىلىقلىرى ئۈچۈن ياتلارنىڭ ئالدىدا خىجىل بولغىندەك، بۇلارنىڭ بەزى ئىشلىرىدىن پەرەڭ ئالدىدا ئىزا تارتىپلا يۈرەتتى. ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆز قېرىنداشلىرى بىلەن ئىتتەك تالىشىپ يۈرۈش تولىمۇ سەت ئىش ئىدى-دە!
-ئەمدى تېخى يات مىللەت دەپ كەتكىنىنى مانىڭ! باشقا چاغدا يات دېمەي، شۇنىڭ ئايەتلىرىنى كاسىلداپ، شۇنىڭ تىلىدا سۆزلەيسەن. ئەمدى يات مىللەت، ئاقىلەي-كۆكىلەي دەپ كەتكىنىنى! ئىككىنچى ئاۋازىڭنى چىقىرىدىغان بولساڭ!…
– گاچا بولۇۋالايمۇ ئەمدى؟
-تەنە قىلىدۇ تېخى، ھۇ ئاناڭنى!… پەرەڭچە ئۈنۈڭنى يەنە ئاڭلاپ قالىدىغان بولسام، چىشلىرىڭنى تۆكۈۋېتىمەن!
مۇئەللىم ھەم ئەلەم، ئىزا-ئاھانەتتىن، ھەم ھەيرانلىقتىن نېمە دېيىشىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى.
مۇئەللىم گاچا يۈرىۋېرىشكە چىدالمايتتى. چۈنكى ئۇ ھەرقانداق ئادەمنىڭ چەكلىمىسىگە بوي سۇنۇشنى قۇللۇقنىڭ بىرخىل شەكلى دەپ قاراپ، ئازادلىق ئۈچۈن كۈرەشكەن جەڭچى ئىدى-دە! لېكىن ئۇنىڭ كامېرداشلىرى موللا ئالدىدا ئۆزلىرىنى كۆرسىتىپ قويۇشقا ئالدىرايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن جېدەلنى زورمۇزور تېرىماي بولمايتتى. بۇنداق ئەھۋالدا توقۇنۇشتىن ساقلىنىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. مۇئەللىم ئاۋالقىدەكلا خاتىرجەملىك بىلەن سۆزلۈك يادلاشنى داۋام قىلىۋەرگەنىدى، ئۇنىڭ ئاۋازى چىڭراق چىقىپ كەتكەن ھامانلا دېھقان ئۇنىڭغا تىل سالغىنىچە ئېتىلىپ كەلدى. ھۈنەرۋەن بىلەن شەھەرلىك پۇقرا بولسا «كۈچۈڭ يەتمىسە بىز تەييار» دېگەندەك چەتتە قاراپ تۇرۇشتى.
– ھوي، نېمە بولدىلا؟ توختاپ تۇرسىلا… – مۇئەللىم ئۆزىنى قوغداشقا تەييارلانغاچ شۇنداق خىتاب قىلدى.
– نېمە بولدى دەيدۇ تېخى ما كاپىر! مانا، مۇنداق بولدى! مۇنداق! مۇنداق بولدى! – ئۇ ھەربىر مۇشت ئۇرغاندا شۇنداق دەيتتى. دېمىسىمۇ، ئۇنىڭ راسا ئوغىسى قايناپ، ۋىجدانى مۇشۇنداق قىلىشقا مەجبۇر قىلغانىدى. بىر دىنىي قېرىنداش تۇرۇپ، يات بىر ناسارا بىلەن يېقىنلىشىپ يۈرگىنى نېمىسى!
– توختاڭ، توختاپ تۇرۇڭ! – پەرەڭ دەرھال ئارىغا كىرىپ، گەپ ئاڭلىتالمىغاندىن كېيىن، دېھقاننى ئىتتىرىۋەتتى.
– ھۇ ئاناڭنى!… كاپىر، ناسارا! سەن ئارىلاشماي ئىشىڭنى قىل، بولمىسا سەنمۇ يەيسەن!
پەرەڭنىڭ قاتتىق جۇدۇنى تۇتتى. ئۇ ھاقارەتكە ئۇچرىغان ئىززەت-نەپىسى ئۈچۈن جېنىنى تىكىشكە ھەرقاچان تەييار ئىدى. ھۈنەرۋەن ئورنىدىن تۇردى. دېھقانمۇ شىردەك ھۆركىرەپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى… پەرەڭ ئۆز تىلىدا بىرنېمىلەرنى دەپ ۋارقىرايتتى…شۇ چاغدا كامېر ئىشىكى ئېچىلىپ، تۈرمە نازارەتچىسى بىرنەچچە مۇھاپىزەتچى ئەسكەرنى باشلاپ كىرىپ كەلدى. ئۇلار كىرگەن ھامانلا جېدەل جىممىدە بېسىقتى.
– نېمە گەپ؟نېمە بولدى دەيمەن!؟
ھەممەيلەن بىر ھازاغىچە كىمنىڭ گەپ قىلغىنى خوپكىن، دەپ جىم تۇرۇشتى. بىرىنچى بولۇپ پەرەڭ ئېغىز ئاچتى:
– بۇلار، – ئۇ قولى بىلەن ئۈچەيلەننى كۆرسەتتى، – مېنى ئۇردى، يەنە ئۇرماقچى. ئەگەر مېنىڭ ھاياتىم، سالامەتلىكىم زىيانغا ئۇچرىسا، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئىختىلاپقا سەۋەب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. سىلەر بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۈستۈڭلارغا ئالالامسىلەر؟ مەن سىلەردىكى ئىگىسىز ئېشەكلەرگە ئوخشىمايمەن! مەن ئادەم سۈپىتىدە، كىشىلىك قەدىر- قىممىتىمنى قوغداش ھوقۇقىغا ئىگىمەن!…
پەرەڭ ناھايىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەچكە جىق سۆزلىدى. تۈرمە نازارەتچىسى ئىنتايىن چۆچۈپ كەتتى ۋە ھېلىقى ئۈچەيلەنگە:
– ئورنۇڭدىن تۇرۇشە! – دەپ ۋارقىرىدى. ئۈچەيلەن ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشتى. ھەممىسى تىترەيتتى ۋە بىر-بىرىگە قارايتتى. ئۆزلىرىگە ياخشىلىق يوقلۇقىنى تۇيغان ھامان شەھەر پۇقراسى ئۆزىنى كاچاتلاپ:
– شور پېشانىلىكىمدىن ساپلا خەقنىڭ ئىشىغا چېتىلىپ قالىمەن، زىندانغا چۈشكىنىممۇ ئۆز گۇناھىمدىن بولمىغان، بايىقى ئىشتىمۇ مەن يوق، موللام گۇۋاھ… مۇشۇ ئىككىسىنىڭ قىلغان ئىشى. ماڭا ئىشەنسىلە ئامبال غوجام. بولمىسا پەرەڭدىن سوراپ باقسىلا، مەن ئارىلاشمىدىم… – دېدى.
– ھەيدە! بۇلارغا ئادەم ئۇرۇشنىڭ نېمىلىكىنى ئۆگىتىپ قويۇڭلار!
ھەرقانداق نالە-پەريادقا قۇلاق سېلىنمىدى. مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر ھېلىقى ئۈچەيلەننى ئېلىپ مېڭىش ئۈچۈن ئىتتىرىشكە باشلىدى.
– موللا ئاكا، سىلى گەپ قىلسىلىچۇ… -شەھەرلىك ھە دەپ يىغلايتتى.
– ھۆكۈمەتنىڭ ئەمرى ۋاجىپ، چىق دېگەندىكىن چىقمامسەن، – دېدى موللا، – ئادەم ئۇرماق ئاۋام ئۈچۈن توغرا ئىش ئەمەس، پەقەت شەرىئەت ۋە ھۆكۈمەت جازا بېرىشكە ھوقۇقلۇق…- ئۇ يەنە ئاللىنېمىلەرنى پىچىرلاپ قالدى. نازارەتچى ئۈچەيلەننى ھەيدەپ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن كامېر ئىشىكى تاقالدى. موللا بولسا يان تايىقىدىن ئايرىلغاندەك، پەرەڭ بىلەن مۇئەللىم تەرەپكە ئۆمسە قاراپ قويدى ۋە ھېچبىر خىجىل بولمايلا ئۇلارغا بىرنەچچە ئېغىز ياخشى گەپ قىلدى.
– پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالاممۇ ھەدىسلىرىدە «بىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگەنمەك كېرەك»دېگەن…- دەپ غودۇڭشىدى. بۇ ئۇنىڭ مۇئەللىمگە قاراتقان گېپى بولۇپ، مەن سېنى قوللايتتىم، دېگىنى ئىدى.
بىرنەچچە سائەتتىن كېيىن كامېرداشلار قايتىپ كەلدى. ئۇلاردىن بىرىنىڭ يۈز-كۆزى كۆكەرگەن، يەنە بىرىنىڭ بېشى يېرىلغان، ئۈچىنچىسى ئوتتۇرا چىشلىرىدىن ئايرىلغانىدى. ئۇلار كىرىپلا ئورۇنلىرىغا قىيسىيىشىپ ۋايسىغىلى تۇردى. خېلى ئۇزۇنغىچە، ھەتتا بىرنەچچە كۈنگىچىمۇ ئۈچىلىسى ئۆز كويىدىلا بولۇپ، گويا بىر-بىرىگە ماي تارتىشىۋاتقاندەك ئۆز-ئارا سۆزلەشمىدى. كېيىن، سەل ھوشىنى تېپىشقاندىن كېيىن، مۇئەللىمنى سۆكۈشكە باشلىدى. ھەممە بالا-قازانىڭ سەۋەبچىسى ئاشۇ، دەپ كوتۇلداشتى. بارا-بارا ئۇنى ئاشكارا تىللايدىغان بولدى. شامالداشقا چىققۇچە ۋە كىرگۈچە ئۇ ئۇيان، بۇ بۇيان ئىتتىرىشەتتى. پەرەڭنىڭ تىرەك بولىدىغان دۆلىتى بولغان بىلەن مۇئەللىمنىڭ ھېچنىمىسى يوقلۇقىنى، ئۇنىڭ كوچىدا قالغان ئىگىسىز ئىتتەكلا بىرنېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەچكە، ئۇنى بىمالال بوزەك ئېتىشكە باشلىدى. مۇئەللىم ئۆزىنىڭ كىشىلىك ئار-نومۇسىنى، قەدىر-قىممىتىنى قوغداش ئۈچۈن ئۇلاربىلەن سوقۇشۇشقا مەجبۇر بولدى. يەنە ھېلىقى ئۈچەيلەن يوپۇرۇلۇپ كېلىپ ئۇنى ئارىغا ئېلىشتى. مۇئەللىمنىڭ ھالىغا ئېچىنغان پەرەڭ يەنە ئۇنىڭغا يان بېسىپ، ئۇنى ئارىدىن ئېلىپ چىقتى.
– سىلى بۇ ئىشقا ئارىلاشمىسىلا، سىلىگە گېپىمىز يوق، بۇنى ئۆزىمىزگە قويۇپ بەرسىلە، – دېيىشتى مۇشتۇمزورلار.
– نېمىشقا ئارىلاشمايمەن؟ بۇ ئادەم ئەمەسمىكەن؟ نېمىشقا بىراۋنى ئانىي تاپىسىلەر؟سىلەردە ئادەمگە خاس يۈرەك بارمۇ-يوق؟!…
– سىلىنى بىرنېمە دېمىگەندىكىن ئۆزلىرىنى بىلسىلە بولمامدۇ؟!
– ياق! ئېيتىپ قوياي: سەنلەر بۇنىڭغا يەنە چېقىلىدىغان بولۇشساڭ، مەن بۇنىڭ تەرەپ بولۇپ مۇشتلىشىمەن!
پەرەڭنىڭ بۇ گېپى بىلەن ئۈچەيلەننىڭ غەزەپلىرى سۇ تۆكۈلگەن ئوتتەك جىممىدىلا بېسىلىپ قالدى. پەرەڭ بۇ خەقنىڭ تارىخى، مەدەنىيتى، ئۆرپ-ئادىتىنى تەتقىق قىلغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ پىسخىكىسىنى ئازتولا بىلگەچكە، ئاشۇنداق پەش قىلغانىدى، بۇ خېلى ئۈنۈم بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن كامېردىكىلەر مۇئەللىمگە چېقىلالمايدىغان بولۇشتى. پەرەڭ بىلەن مۇئەللىم بىر بۇلۇڭدا ئۆز پاراڭلىرى بىلەن بولدى؛ موللا بىلەن قالغان ئۈچەيلەنمۇ يەنە بىر تەرەپكە ئولىشىپ ئولتۇرۇپ ئۆز ئشلىرىنى قىلشاتتى: موللىنىڭ قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن سۆزلەيدىغان تەپسىرىنى ئاڭلايتتى، بەزىدە قۇرۇق پاراڭ سېلىشاتتى. قالغان ۋاقتى ئۇخلاش ۋە موللىنىڭ داستىخىنىغا ئېغىز تەگكەچ ئۇنى ماختاش بىلەن ئۆتەتتى…
5
بىراق مۇئەللىمنىڭ بېشىدىكى خەۋپ ئۈزۈل-كېسىل تۈگەپ كەتمىگەنىدى. بۇ خەۋپ كۆرۈنۈپ كېلىدىغان ھۆكۈمەت جازاسى ئەمەس ئىدى، ئەلۋەتتە. چۈنكى ئۇ ئۆز تەقدىرداشلىرى ئىچىدە دۈشمەنلىك بولۇپ قالغان، ئۆچ ئېلىشنى ئۇنۇتمايدىغان بۇ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەدىبىنى بېرىش نىيتىدىن يېنىشمىغانىدى. ئۇ ئۆز قېرىنداشلىرىم دەپ تونۇغان كىشىلەرنىڭ دۈشمەنلەرچە مۇئامىلىسىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن جاندىنمۇ، جاھاندىنمۇ كېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن ئاشۇ خەلق ئۈچۈن قىلماقچى بولۇۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ قويغانىدى. پەرەڭ ئۇنىڭ كۆڭلىدىكىنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا تەسەللى ئېيتتى:
– كۆڭلىىزدىكىنى چۈشىنىمەن، دوستۇم. سىز مۇشۇ خەلق ئۈچۈن ئۆزۈمنى ئۇپرىتىپ نېمە قىلاي؟ خىزمەت قىلغاننى بىلمەيدىغان بۇ ياۋايىلارغا جان كۆيدۈرۈپ ئاۋارە بولغان مەنمۇ ئەخمەق، دەپ ئويلاۋاتىسىز. قىممەتلىك مىللىتىڭىزلارنىڭ زىيان تارتىشىدىكى بىر سەۋەبمۇ دەل مۇشۇنداق يەڭگىللىكتە. ئومۇمەن سىلەر تۈركىي خەلىقلەر بەكمۇ قىزغىن ۋە قىزىققان خەلقسىلەر. بىر ئىشتىن ناھايىتى چاپسانلا سوۋۇيسىلەر. مەسلەن، سىز مۇشۇ مىللەتنىڭ خېلى ئۇقۇمۇشلۇق بىر ئەزاسى، كۆڭلىڭىزدە بۇ مىللەتكە خىزمەت قىلىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاش، كېرەك تېپىلغاندا، ئۇنىڭ ھۈرلۈكى ئۈچۈن جان پىدا قىلىش ئارزۇسىمۇ بار ئىدى. بىراق بىرنەچچە نادان ئادەمنىڭ ئۆزىڭىزگە مالاللىق يەتكۈزىشى بىلەن ھەممىدىن ۋاز كېچىش دەرىجىسىگە بېرىپ قالدىڭىز. شەخسىي ئۆچمەنلىك بىلەن ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتنى قۇربان قىلىۋېتىش، ئۇنىڭدىن كېچىش توغرا كەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ نادانلىقىنى نېمىشقا ئەپۇ قىلالمايسىز؟ سىلەر ھەمىشە يۇرتۋازلىق، شەخسىي ياكى گورۇھنىڭ زىددىيتى، مەنپەئەتىنى دەپ ئومۇمىي مىللىي مەنپەئەتتىن كېچىسىلەر. يەنى كىچىكنى كۆرۈپ چوڭنى، يېقىننى كۆرۈپ يىراقنى كۆرمەيسىلەر. مانا بۇ زىيان تارتىشىڭلاردىكى ئاساسىي سەۋەب…
بۇ گەپلەر مۇئەللىمگە چوڭقۇر تەسر قىلدى. ئۇ ئۆگىنىشنى تېخىمۇ قاتتىق ئىرادە بىلەن باشلىدى. چەت ئەللىكنىڭ سۆزى ئۇنى تولىمۇ خىجىل قىلىپ قويغانىدى. شۇڭا ئۇ كۆڭلىدە «مەن ئەگەر نادان خەلقىمنىڭ مېنى چۈشەنمەسلىكى نەتىجىسىدە ھاياتىمغا خەۋپ يېتىش قىسمىتىگە دۇچ كەلگەن تەقدىردىمۇ ئۇلاردىن ئاغرىنمايمەن!» دەپ ئۆز-ئۆزىگە ۋەدە بەردى. ئۇمۇ ساغلاملىقنى ساقلاش ئۈچۈن پەرەڭ بىلەن بىللە گىمناستىكا ئوينايتتى. شامالداشقا چىققاندا كۈن نۇرىغا كۆپرەك قاقلىنىۋېلىش ئۈچۈن تىرىشاتتى…
بىراق ئۇنىڭغا كېلىدىغان خەۋپ ئاخىرى كەلدى.
موللا شۈكلەپ قالغاندەك، ھېلىقى ئۈچەيلەنمۇ ئاداۋەتنى ئۇنتۇپ قالغاندەك كۆرۈنەتتى. لېكىن موللىنىڭ پۈتۈن تۈرمىدىكى نوپۇزى يەنىلا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇردى. ئۇ، ئاستىرتتىن مۇئەللىمگە ئوخشاش جەدىتلەرگە قارشى ئىتتىپاق ئۇيۇشتۇردى. ئۇلار بىر ياقىدىن باش چىقىرىشتى. مەخپىيەتلىك ئوبدان ساقلاندى. موللىنىڭ ئىشلىرىمۇ ئوڭۇشلۇق باردى. مەھبۇسلار قۇتۇپلارغا ئايرىلغان، دىنىي، سىياسىي كۆزقاراشلار بويىچە ئىككى چوڭ قۇتۇپقا بۆلۈنگەنىدى. موللا تەرەپدارلىرى يەنە ئۆز ئىچىدىن ھەربىر يۇرت بويىچە، بۇنىڭدىن باشقا شەھەرلىك، سەھرالىق بويىچە پارچىلانغانىدى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇلار جەدىتلىرىگە قارشى مەقسەتتە يەنىلا پىكىر بىرلىكىگە ئىگە بولغاچقا، ئىشلىرى ياخشى يۈرۈشتى. ھېچقانداق يوچۇق ۋە بۇس چىقارماستىن بىر مۇنچە ئىشلارنى قىلدى. مۇشۇ ئىشلار ئىچىدە مۇئەللىمنىڭ تەقدىرىنى ھەل قىلىش ئىشىمۇ بار ئىدى.
بىركۈنى شامالداشقا چىققاندا كىمدۇر بىرى ھاجەتخانىدا مۇئەللىمنىڭ بېشىغا ئۇرۇپ ھوشسىزلاندۇرىۋەتتى. شامالداش ۋاقتى توشۇپ ھەممەيلەن كامېرلارغا كىرىپ بولغاندا، ئۇنىڭ يوقلۇقى مەلۇم بولۇپ، مۇھاپىزەتچى ئەسكەرلەر جىددىيلەشكەن ھالدا ئۇنى ئىزدەشتى. قېچىپ كەتتىمىكىن، دەپ بەكمۇ ئەنسىرەشتى. كېيىن ئۇ ھاجەتخانىدىن بىھوش ھالەتتە تېپىلدى. بۇنىڭ بىلەن ساقچىلار يېنىك تىن ئېلىشتى.
مۇئەللىم بىر نەچچە كۈنگىچە ھوشسىز ۋە يېرىم ھوشسىز ياتتى. ئۇنىڭغا پەرەڭ كۆز-قۇلاق بولۇپ تۇردى. پەرەڭ ئۇنىڭ ساق قېلىشىغا ئىشەنچ قىلالمايتتى. شۇنداق بولسىمۇ ئۇ بىر ئىلمىي خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك بۇرچىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ تۇردى. ئۆزىنىڭ تامىقىدىن يېگۈزدى. پات-پات سۇ ئىچكۈزۈپ قويدى. ئۇ خېلى كۈنلەردىن كېيىن ھوشىغا كەلدى. ئەمما ئىنتايىن زەئىپ، ھالسىز ئىدى. ئۇ ناھايىتى تەستە كۈچىنىپ تۇرۇپ، گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىنى مىدىرلاتتى:
– ماڭا…ئېيتىڭا…ئەپەندىم… – ئۇ دېمى كېسىلىپ توختاپ قالدى. سۆزىنى داۋام قىلدۇرغۇدەك ماغدۇرى يوق ئىدى. بىراق ئۇ تېخىمۇ زور غەيرەت بىلەن، پېشانىسىگە مونچاقتەك تەر تامچىلىرىنى پەيدا قىلىپ تۇرۇپ دېدى،- ئېيتىڭا … ماڭا … مېنىڭ خەلقىم… خەلقىم… ئازاد بولارمۇ؟… قاچان؟…
پەرەڭ كۆزلىرىگە ياش ئالغان ھالدا ئىتتىك بېشىنى بۇراپ، موللامنىڭ نېمەتلىك داستىخىنىدا بىخىرامان ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتـ ـقانلارغا قارىۋالدى. بىردەمدىن كېيىن تامىقى قۇرۇپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ تەسلىكتە ئىنگلىزچە سۆزلىدى:
– بولىدۇ… ئازاد بولىدۇ، سىزنىڭ خەلقىڭىزمۇ ئازاد بولىدۇ…
– قاچان؟… ئېيتىڭا… قاچان؟…
– خەلقىڭىز ئاۋۇ سەللىلىك جانابنى ئەمەس، سىزنى يوقلاپ كېلىدىغان بولغاندا ئازاد بولىدۇ…
ئۇ ھالسىز ياتقان بىمار ئۈچۈن بۇ سۆزلىرىنى ئىزاھلاپ داۋام قىلدى، – خەلقىڭىزگە ئازادلىقنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ، ھۈرلۈكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشىندىغان بولغاندا، ئۆز ئازادلىقى ئۈچۈن تەبئىي ھالدا كۈرەش قىلىدۇ، ھەم بۇ يولدا كۈرەشكەنلەرنى يېتىم ھالدا قالدۇرمايدۇ. تۈرمىلەرگە بېرىپ جاھالەتنىڭ ھامىيلىرىنى – موللىنى ئەمەس، سىزدەك كۈرەشكۈچىلەرنى يوقلايدىغان بولىدۇ. مانا شۇ چاغدا خەلق تەڭداشسىز كۈچكە ئايلىندۇ، ئازادلىقمۇ شۇ چاغدا قولغا كېلىدۇ…
مۇئەللىم رازىمەنلىك بىلەن كۆزلىرىنى يۇمدى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قايتا كۆزىنى ئاچمىدى. ئۇ ئۆزى ئارمان قىلغان ئازادلىقنى كۆرەلــمەيلا ۋاپاسىز دۇنيا بىلەن خوشلاشتى.
كۆپ ئۆتمەي پەرەڭنى قويۇۋېتىشتى. ئۇ، مۇئەللىمنىڭ قەبرىسىنى سۈرۈشتۈرۈپ تېپىپ، ئۇ يەردە بىرھازا سۈكۈتتە تۇرۇشنى ئۇنۇتمىـ ـدى. شۇ يەرلىك بىر بالىدىن مۇئەللىمنىڭ نامىزى چۈشۈرۈلمەي كۆمۈۋېتىلگەنلىكىنى، موللىلار ئۇنى دىندىن چىققان، نامىزىنى چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ، دەپ شۇنداق قىلغانلىقىنى، شۇڭا جامائەتمۇ مېيىت ئۇزىتىپ قەبرىستانلىققا چىقمىغانلىقىنى، پەقەت بىرنەچچە ياش يىگىت ئۇنى كۆمۈپ قويغانلىقىنى ئۇقتى. لېكىن بۇ قەبرە خېلى ئېگىز ھەم كۆڭۈل قويۇپ ياسالغانىدى.
شۇ كۈنلەردە موللىمۇ تۈرمىدىن چىقتى. كىشىلەر ئۇنى جەڭدىن ساق كەلگەن غازىدەك كۆرۈشۈپ باشلىرىدا كۆتۈرۈشتى. ئۇنىڭ ئىناۋىتى تېخىمۇ ئۆستى. ئۇ يەنە قېچىرغا مىنىپ بىر توپ جامائەتنىڭ ئالدىدا مېڭىشنى، مەسچىت-جامەلەردە تەرىقەتلەرنى سۆزلەشنى داۋام قىلدى.
مەنبە: تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئەدەبىيات دەرسلىكىدىن ئېلىندى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1184

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش