ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلىلەر

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بىرقانچە مەسىلىلەر

ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەت (شىۋىتسىيە)

قىسقىچە مەزمۇنى
ئۇيغۇرلار تارىختا ئۆزىگە خاس ئسىم-فامىلىگە ئىگە مىللەت بولسىمۇ، ئەمما قاراخانىلاردىن باشلانغان تىل-يېزىقنىڭ ئەرەپلىشىشى ھادىسىسى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىىسم – فامىلىسىدە ئاز بولمىغان ئۆزگۈرۈشلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ئۆزگۈرۈشلەر ئاخىر ھېساپتا ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلىسىز قېلىشى بىلەن نەتىجىلەندى. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى 20-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن باشلاپ ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىشقا، تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى. گەرچە بۇ جەرياندا بىر قىسىم نەتىجىلەر قولغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلە سېستىمىسىدا يەنىلا ئاز بولمىغان مەسىلىلەر ساقلانماقتا. بىز بۇ ماقالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم فامىلىسىدا نىگىزلىك ساقلىنىۋاقتان بىر قىسىم مەسىلىلەر ھەققىدە ئانالىز يۈرگۈزدۇق.

ئاچقۇچلۇق سۆزلەر: ئىىسم-فامىلە، ئۇيغۇرلار، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر.

ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسى ھەققىدىكى ئويلىنىش ۋە تەتقىقاتلار 80-يىللاردىن كېيىن باشلاندى دىيىشكە بولۇدۇ. بۇندىن ئىلگىرى بۇ ھەققىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغانغا دائىر ھېچقانداق يازما مەنبەلەرگە ئىگە ئەمەسمىز . مۇتەللىپ سىدىق قاھىرنىڭ 1992-يىلى نەشىر قىلىنغان «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى ۋە ئۇنىڭ مەنىسى» ناملىق كىتابى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلە تەتقىقاتىدا تاشلانغان تۇنجى قەدەم دىيىشكە بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىسىم ۋە فامىلە ھەققىدە ئويلۇنىش ،باش قاتۇرش ۋە ئىزدىنىشلەر ئوتتۇرىغا چىقتى. بىر قىىسم تەتقىقاتچىلار مەخسۇس مۇشۇ ساھە بۇيىچە ئىزدىنىپ، بىر قىسىم ئىلمىي ئەمەگەكلەرنى ياراتتى. «ئىسىمنى قانداق قويۇش كېرەك»، «ئىسىم قويۇش قوللانمىسى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى»، «ئۇيغۇر فامىلە تەتقىقاتى»، «ئۇيغۇرلاردا فامىلە»، «ئۇيغۇر ئىسىم- فامىلىلىرى»، «خەزىنىلەر ئاچقۇچى»، «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى قامۇسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ نەشىر قىلىنىشى دەل ئاشۇ ئىلمىي ئەمەگەكلەرنىڭ جەۋھەرلىرىدۇر.
بۇ ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئوتتۇرغا چىقىىشى بۇ ساھادىكى بوشلۇقلارنى تولدۇرغاندەك قىلسىمۇ ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسم- فامىلە سېستىمىسىدىكى رىئالنىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئاجىز ئىدى. بۇنىڭغا يەنە بۇيرۇق خارەكتىرلىك مەمۇرىي ھۆجەتلەرمۇ كېرەك ئىدى. بۇ شەخىسلەرنىڭ تەتقىقاتى ئاساسىدا تەييارلانغان كەسىپىي ئورۇنلارنىڭ تەكلىپ لاھىيلىرىگە مۇھتاج بولاتتى. گەرچە بۇ خىزمەتلەر 1986-يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايونلۇق مىللەتلەر تىل-يىزىق خىزمىتى كومتىتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ئجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيسى تىل تەتقىقات ئورنىدىكى ئىبراھىم مۇتىئى ، ئېلى ئابىت، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار، غەنىزات غەيۇرانى، ئابلىز ياقۇپ، ئابدۇرىشىت سابىت، پەرھات جىلان قاتارلىق بىر قىسىم ئىلمىي خادىملارنىڭ تەشكىللىنىشى ۋە تۈمۈر داۋامەت ، ئابلەت ئابدۇرشىت قاتارلىق رەئىسلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بولسۇممۇ، ئەمما بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئاخىرى چىقمىدى. بۇ خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئۇيغۇر لارنىڭ ئىسىم-فامىلىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە تەلەپپۇزى دەسلەپكى قەدەمدە قېلىپلاشتۇرۇلغان «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى قائىدىسى قوللانمىسى» ناملىق كىتاب نەشىردىن چىققان بولدى. بۇ كىتاپنىڭ نەشىر قىلىنىشى گەرچە ئۇيغۇرلار ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئىسىم فامىلىلىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى ۋە تەلەپۇزىدىكى قىسمەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغان بولسىمۇ لېكىن تەلەپتىن بەكلا يىراق ئىدى. بۇنىڭ يەنە ئۆزىگە تىگىشلىك بىرقىىسم ئەگەشمە كىسەللىكلىرى بار ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىىسم-فامىلىلىرىدىكى مەسىلىلەرنى مەيلى ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇلىيتى نوقتىسىدىن كۈزۈتەيلى، مەيلى ئىلمىي تەتقىقات ۋە شەخىسلەرنىڭ ئىستەكلىرى نوقتىسىدىن كۈزۈتەيلى يەنىلا كۆڭۈلنى غەش قىلىدىغان بىر تالاي مەسىلىلەر دۆۋلىنىپ تۇرۇپتۇ. بۇ مەسىلىلەنى ھەل قىلىش يەنىلا ئالدىمىزدىكى مۇھىم ۋە ۋەزىپە ۋە بۇرۇچلارنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم – فامىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە نوقتىدىن شەرھىيلەشكە بولىدۇ.
(1) ھازىرغىچە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە نامى قوللۇنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بۇيرۇق خارەكتىرلىك ھۆجەت چۈشمىدى. ئەلبەتتە بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ فامىلە نامى قوللۇنىشىنى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلىدىغان ۋە مەجۇرىي ئىجىرا قىلىنىدىغان يولدۇر. ئەمما بۇ ئانچە ئاسانغا چۈشمەيدۇ، داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتىشكە ۋە بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ. لېكىن بۇ يەردە بىر مەسىلىنى تەكىتلەش زۆرۈركى، تېخى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئارىسىدا فامىلىنىڭ ئىسىمنىڭ قەيىرىدە بولۇشى كېرەكلىكى ۋە ئاتىسىنىڭ نامىنى ئېلىش ياكى ئالماسلىقى ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن بىر كۆز قاراش يوق. بەزىلەر فامىلە نام كىشى ئىسىمنىڭ بېشىدا كېلىش كېرەك دېسە، بەزىلەر كىشى ئىسمى بىلەن ئاتىسىنىڭ ئىسمىنىڭ ئارىسىدا كېلىش كېرەك دەيدۇ، يەنە بەزىلەر كىشى ئىسمى، ئاتىسىنىڭ ئىسىمى، فامىلە نامى شەكىلدە بولۇشى كېرەك دەيدۇ. ھازىر زىيالىيلار قاتلىمىدا بىر قەدەر ئومۇملاشقىنى كىشى ئىسىمى، ئاتىسىنىڭ ئىسىمى، فامىلە نامى شەكلىدۇر. مېنىڭچە كىشى ئىسىمى، فامىلە نام شەكلى بىر قەدەر مۇئاپىق دەپ قارايمەن، بۇ شەكىل خەلقئارادا بىرقەدەر ئومۇملاشقان شەكىلدۇر.
(2) ئۇيغۇرلاردا ئومۇمى يۈزلىك فامىلە نامى قوللۇنىش ئېڭىنى يىتىلدۇرۇش ۋە زۆرۈرىيتىنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش قەدىمدىن تارتىپ ”ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ مەدەنىي مىللەتلىرى“ دەپ تۇنۇلۇپ كىلىۋاتقان بىر مىللەت ئەزالىرىنىڭ مۇشۇنداق فامىلىسىز كېتىۋېرىشى، بىر تەرەپتىن ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ تارىخىي ئەنئەنىسىگە خىلاپ، يەنە بىر تەرەپتىن، ھازىرقى زامان مىللەتلىرىنىڭ قاتارىدا ئىسىم-نەسەپلىك بىر مەدەنىي مىللەت بولۇشىمىزغىمۇ نۇقسان يىتىدۇ» (ئىبراھىم مۇتئى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى ھەققىدە، 654-بەت). ئەلبەتتە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ يەنە نۇرغۇن مۇشكۈلاتلار بار. ھازىرقى رىئاللىقمىزدا قوللانماقچى بولغان فامىلە نامىمىزنى قانۇنلۇق ھۆجەتلەرگە يازدۇرۇشىمىز قىيىن، ئەمما بۇنى يېڭىدىن تۇغۇلغان بالىلىرىمىزدىن باشلىساق بىر قەدەر ئاسان بولۇشى مۈمكىن.
(3) كىملىك، پاسپورت، دېپلوم ۋە باشقا قانۇنىي ھۆجەتلەردىكى ئىسىم- فامىلىلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش مەسىلىسى. بۇ ئىككى نوقتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى خەنزۇ تىل-يېزىقىدا قېلىپلاشتۇرۇش، يەنە بىرى لاتىن يېزىقىدا قېلىپلاشتۇرۇش. مەن 2003-يىلى چەتئەلگە چىققىچە بولغان ئارلىقتا مېنىڭ ئىسىمىمنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى تۆۋەندىكىدەك شەكىللەردە بولدى.

阿布都许库尔 .买买提库尔班
阿不都西库尔. 买买提
阿布都。西库
阿布都旭库尔. 买买提
阿布都苏库尔 .买卖提
买卖提.阿不都苏库尔

گەرچە 2002-يىلى «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى قائىدىسى قوللانمىسى» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىپ، بۇنىڭدىكى بەزى مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن پاسپورتتىكى ئىسىم-فامىلە ئورننىڭ ئالمىىشپ قېلىشى، ئۇيغۇرچىدىكى ئوخشاش بىر تاۋۇشنىڭ خەنزۇچىدا ئوخشىمىغان ھەرىپلەر بىلەن ئىپادىلىنىشى ۋە «ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرىنىڭ خەنزۇچە يېزىلىشى قائىدىسى قوللانمىسى» دا بولمىغان ئىسىملارنىڭ تىزىمغا ئېلىنماسلىقى قاتارلىق يەنە بىر قاتار مەسىلىلەر ساقلانماقتا. ھازىر ياۋرۇپادا نۇرغۇن ئۇيغۇر قىز- ئاياللىرى توخىتىي، مەيمەيتىي، يىبۇلايىمۇ دىگەندەك ئىسىملار بىلەن چاقىرلماقتا.
ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت، كىملىك، دېپلوم ۋە باشقا قانۇنىي ھۆجەتلىرىگە خەنزۇچە ئىسىملار بىلەن تەڭ لاتىن يېزىقىدا ئىسىم –فامىلىلىرىنى يېزىشى زۆرۇر ئىدى. بۇنداق بولغاندا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىنىڭ خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەردە توغرا ئاتىلىشىغا مۈمكىن بولاتتى. لېكىن بىزدە ھازىرغىچە ئۇيغۇرچە تىل تاۋۇشلارنى تۇلۇق ئىپادىلەپ بىرەلەيدىغان بىرھەر لاتىن ھەرىپى لاھىيىمىز يوق. تۈرۈكچە ھەرىپلەرمۇ تۇلۇق ئىپادىلەپ بىرىشكە قادىر ئەمەس. ھەتتا تۈركچە چىقىدىغان گېزىت – ژورناللاردىمۇ ئۇيغۇر ئاپتورلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرى خەنزۇچە پىڭيىن بۇيىچە يېزىلىۋاتىدۇ. بىزدە ئالدى بىلەن بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ، ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ لاتىن يېزىقىدىكى ئىسىم-فامىلىسىنى خەنزۇچە ئىسىملار بىلەن پارالېل يېزىش تەكلىپىنى بېرىشمۇ قىيىن بولىدۇ.
(4) ئىسىم- فامىلىلەردىكى مىللىي تۈسنىڭ ئاجىزلىقى. ئىسىم- فامىلىنىڭ تاللىنىشى ۋە قۇيۇلىشى شەخىسنىڭ ئىرادىسى ۋە تاللىشىغا باغلىق بولسىمۇ ، ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە ئىپادىلىنىشى يەنىلا ئۆزى تەۋە بولغان توپلىقنىڭ مىللىي تۈس ۋە خاسلىقىغا تەۋە بولۇدۇ. بولۇپمۇ بۇ ھادىسە ياۋرۇپا مىللەتلىرى بىلەن تۇركىيە تۈركلىرىدە ئالاھىدە گەۋدىلىكتۇر. گېزىت –ژورناللاردىن ۋە تېلېۋىزور قاتارلىق تاراتقۇلاردىن بىرھەر ئادەمنىڭ ئىسىم-فامىلىسىنى كۆرسەك ئۇنىڭ شىۋېت ياكى تۈرك ئىكەنلىكىنى ياكى ھېچ بولمىسا تۈركىيەلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولۇدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىدە ئىپادىلەنگەن قۇيۇق مىللىي تۈسنىڭ بىزگە بەرگەن ئۇچۇرۇدۇر.
«ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ، ئادەم ئىسىملىرىدا بىر قەدەر زور ئۆزگۈرۈش يۈز بېرىپ، بۇرۇنقى شامان دىنى ،مانى دىنى ، بۇددا دىنىغا خاس ئادەم ئىسىملىرىنىڭ ئورنىنى ئىسلامىيەتكە خاس بولغان ياكى ئىسلام دىنى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئەرەپچە ياكى پارىسچە ئىگىلىدى. بارا-بارا مۇنداق مۇسۇلمانچە ئىسىملار ھەتتا بىر قىسىم ئەسلى ئۇيغۇرچە ئىسىملارنىمۇ سىقىپ چىقاردى.
ھازىرقى ئۇيغۇر ئادەم ئىسىملىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى ئەنە شۇنداق ئىسلام دىنى تەسىرىدە پەيدا بولغان ئىسىملاردىن ئىبارەت» (ئىبراھىم مۇتئى، ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى ھەققىدە، 647-بەت).
دىمەك «كۈنىمىزدىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈرك تىللىق خەلقلەردىن ئۇيغۇر، ئۆزبەك، ئەزەربەيجان، تۈركىيە تۈركلىرى (جۇمھۇرىيەتنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغىچە بولغان دەۋردە)، بالقان تۈركلىرى ۋە ئىران، ئىراق، سۈرىيە تۈركمەنلىرىدە ئەرەبچە–پارسچە ئىسىملارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى زور سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسىملىرىدىن، ئۇلارنىڭ تۈرك تىللىق مىللەتكە مەنسۇپلىقىنى بايقاش ناھايىتى تەس ئىدى. لېكىن قىپچاق تۈركلىرىنىڭ كىشى ئىسىملىرى (قازاق، قىرغىز، تاتار، باشقۇرت، نوغاي، قاراچاي) يۇقىرىقى ئوغۇز تۈركلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن تۈركچە ئۆزگىچىلىكىنى مۇھاپىزەت قىلغان.» (ئابدۇرەشىد جېلىل قارلۇق، تۈركلەر ۋە كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات).
ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئىشەنگەن مىڭ يىلدىن بۇيان گەرچە ئەرەپ، پارىس تىللىرىدىن نۇرغۇن ئىسملارنى ۋە سۆزلۈكلەرنى قۇبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ئىسملارنى تەدىرجى ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونتىكىلىق قانۇنۇيەتلىرىگە بويسۇندۇرۇپ، تەلەپپۇزىغا ماسلاستۇرۇپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىقچاملاپ باردى. بۈگۈنكى كۈندە ئىسىم – فامىلىمىزدە قوللۇنىلىۋاتقان نۇرغۇن ئىسىملار ئەسلىدىكى ئەرەپچە ۋە پارىسچە ئىسىملاردىن كۆپ ئىخچاملانغان ۋە ئۆزگەرگەندۇر. بۇ خىل ئىخچاملاشلار مەلۇم بىر كۈچنىڭ پىلانلىشى ياكى مەجبۇرلىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئىرادىسى، تاللىشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەبئىي راۋاجى بىلەن شەكىللەنگەندۇر. مەسىلەن: مەمەت، سەمەت، ئابلا، ھېمىت ،خەمىت، ئابلەت، رېشىت، مىنەۋەر، پەرىدە، زۇلپىيە، مەتسەيدى قاتارلىقلار.
بۇ خىل باشقا مىللەتلەردىن كىرگەن ئىسىم ۋە سۆزلەرنى ئۆز تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن ئۆزگەرتىش ۋە ئىخچاملاش پەقەت ئۇيغۇر تىلىغا خاس ھادىسە بولماستىن، ھەممە مىللەتلەردە ئۇچرايدىغان ئورتاق ھادىسىدۇر. مەسىلەن:
محمد (ئەرەپچە)
مۇھەممەد ( ئەرپچىنىڭ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى)
مۇھەممەت (ئەرەپچىنىڭ يەنە بىر خىل ئۇيغۇرچە يېزىلىشى)
مەمەت ( ئۇيغۇرچە)
مەتتوختى ( ئۇيغۇرچە)
مەھمەت (تۈركچە)
مۇخامېت ( قازاقچە)
مۇھاممۇدا (بېڭگال)
مۇخامماد (ئېڭگىلچە، شىۋېتچە)
(خەنزۇچە) 穆罕默德
ماخوما (ئىسپانچە)
دېمەك ئىسملاردىكى بۇ خىل ئۆزگۈرۈشلەر ئاشۇ تىللارغا تەۋە بولغان فونتىكىلىق قانۇنىيەتلەر تەرپىدىن بەلگىلەنگەندۇر.
بىز بۈگۈن ئىشىلىتىۋاتقان ئىخچاملانغان ۋە ئۆزگەرگەن ئىسىملىرىمىزدىن ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى، ئۇيغۇر تىلى شەكىللەندۈرگەن مەدەنىيەتنىڭ روشەن ئالامەتلىرىنى كۆرەلەيمىز. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر قىسىم كىشىلەر، ھەتتا ئوقۇغان زىيالىي قاتلىمىدىكى بىر قىسىم بىلىم ئىگىلىرىمۇ ئىسىملىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلماقتا، ھەم نەچچە ئون يىللاردىن بىرى ئىشلىتىپ كىلىۋاتقان ئىسىم فامىلىسىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ ئەسلىدىكى ئىخچام ئىسىملىرىنى ئۇزارتىپ، مىللىي خاسلىقتىن يىراقلاشتۇرماقتا. مەسىلەن:
خەمىت رېشىت (ئەسلىدە ئىشلەتكىنى)
ئابدۇلھەمىد ئابدۇرەشىد (ئەسلىگە قايتۇرغىنى)
غۇپۇر ئابلا (ئەسلىدە ئىشلەتكىنى)
ئابدۇغۇپۇر ئابدۇللاھ (ئەسلىگە قايتۇرغىنى)
جاپپار مىجىت (ئىشلەتكىنى)
ئابدۇلجەببار ئابدۇلمەجىد ( ئەسلىگە قايتۇرغىنى)
ئەگەر مىسال ئالساق بۇنداق مىساللارنى تۈركۈملەپ كەلتۈرۈشىمىز مۈمكىن. كېسىپ ئېيتىشقا بولۇدىكى ئەسلىگە قايتۇرغان بۇ ئىسىملاردىن بىز بۇ ئىسىملارغا تەۋە كىشىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلالمايمىز ھەم ئۇيغۇرلىقىغا ئىشەنمەيمىز. مېنىڭ تەشەببۇسۇم ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىچكى قانۇنىيتىگە ماس كەلگەن ئىخچاملانغان ئىسملارنى ساقلاپ قېلىش.
(5) ئىسم – فامىلىلەرنىڭ ئىملاسىدا ساقلانغان مەسىلىلەر. ئۇيغۇرلار ھازىر قوللۇنىۋاتقان ئىسىم-فامىلىرىنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم ئىسىملارنىڭ بىرقانچە ۋارىيانىتلىرى بولۇپ، ئېغىز تىلىدا قانداق ئېيتىلغان بولسا يېزىق تىلىدىمۇ شۇنداق يېزىلىۋاتىدۇ. بۇ ئەمىلىيەتتە پەقەت ئىملا جەھەتتىكى خاتالىقلار بولۇپ، ئۇنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىسىم-فامىلىلىرىمىزنى قېلىپلاشتۇرۇشنىڭ تەقاززاسىدۇر. مەسىلەن:
ئىبراھىم، ئىبرايىم، ئورايىم
ھىمىت، يىمىت
ئابدۇراخمان، ئابدۇرەھمان
ئابدۇرەھىم، ئابدۇرېھىم
سەلىم، سېلىم
تۇرسۇنگۈل، تۇسۇنگۈل
(6) ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسىم-فامىلىلىرىدىكى «ف» تاۋۇشىنىڭ ئاڭسىز ھالدا قايتۇرۇلۇپ كېلىنىش مەسىلىسى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى قۇبۇل قىلغان قارىخانىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن ئەرەپ يېزىقىنى تەڭ ئىشلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما كېيىنچە پۈتۈنلەي ئەرەپچە ھەرىپلەرگە كۈچۈپ كەتتى. چاغاتاي تىلى دەۋىرىدە قارىخانىلاردىن قالغان ئەرەپچە ھەرىپلەر بىرقانچە قېتىملىق ئىسلاھات ۋە ئۆزگەرتىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئەرەپچە تىل تاۋۇشى ۋە ھەرىپلەرنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلالمىدى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن، بولۇپمۇ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر تىلى باشتىن كەچۈرگەن تەرەققىياتلار ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ ھازىرقى ھالىتىنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ جەرياندا ئەسلىدىنلا ئۇيغۇر تىلىغا تەۋە بولمىغان «ف» ھەرىپىگە ئوخشاش بىر قىسىم ھەرىپلەر ئۇيغۇر تىلىدا ناھايتى كامدىن – كام سۆز تەركىۋىگە كىرگۈزىلىدىغان بولدى. شۇڭا 80-يىللاردىن باشلاپ نەشىر قىلىنغان كىلاسسىك ئەسەرلەردە ئۇچۇرايدىغان ئادەم ئىسىملىرىدىكى «ف» ھەرىپىنى «پ» ھەرىپى بىلەن ئىپادىلەپ، نەشىر قىلغانىدى. گەرچە بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھازىرقى تەرەقىياتىغا ئۇيغۇن بولسىمۇ، ئەمما ئىلمىيلىك نوقتىسىدىن تەتقىقات پىرىنسىپلىرىغا ئانچە ئۇيغۇن ئەمەس ئىدى. بۇ نوقتىنى نەزەرگە ئالغان تەتقىقاتچىلىرىمىز يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بىرى كىلاسسىك ئەسەرلەردە كىشى ئىسىملىرى قانداق يېزىلغان بولسا شۇ بۇيىچە ئىشلىتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە شۇ بۇيىچە بىر قىسىم ئىىسملارنى ئۆزگەرتىپ نەشىر قىلغان بولدى. بۇنىڭ تىپىك مىسساللىرىنىڭ بىرى يۈسۈپ خاس ھاجىپ نامىنىڭ يۈسۈف خاس ھاجىپ قىلىپ ئۆزگەرتىلىشىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. ئەمما بۇ ھازىرقى دەۋىردە، ھازىرقى ئۇيغۇر تىلى مۇھىتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ ئىسىم –فامىلىسىدىكى «پ» ھەرىپنى «ف» ھەرىپىگە ئۆزگەرتىڭلار دېگەنلىك ئەمەس ئىدى. كىلاسىسىك ئەسەرلەردىكى ئىسىملارنىڭ ئەسلىگە سادىق بولۇش بىلەن ھازىرقى تىل مۇھىيتىمىزدىكى ئىسىملارنى ئىشلىتىش ئوخشىمىغان باشقا – باشقا نەرسىلەردۇر . بۇنداق مىساللار باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلىدىمۇ كۆپ ئۇچۇرايدۇ.
«Carl» دېگەن نام مەسلەن: شىۋېت تىلىدا ئۇچۇرايدىغان شىۋېتچە كىلاسسىك ئەسەرلەرنى نەشىر قىلغاندا ئۆز پېتى ئېلىنسا، كارىل ئىسىملىك ھازىرقى دەۋىردە، ھازىرقى شىۋېت تىلى مۇھىتىدا ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ نامى ھازىرقى دەۋىرگە ماس ھالدا «Karl» دەپ يېزىلىدۇ.
بىزدىكى قىزىق مەسىلە شۇكى، يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ ئىسىمى «يۈسۈف» خاس ھاجىپقا ئۆزگۈرۈش بىلەن ئىسىمىدا «پ» ھەرىپى بار نۇرغۇن قېرىنداشلىرىمىز بىر كېچىدىلا ئىسىملىرىدىكى «پ» ھەرىپىنى « ف» ھەرىپىگە ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ يۈرۈشىدۇ. مەسىلەن: يۈسۈپ- يۈسۈف، پەرىدە-فەرىدە، پەتتار-فەتتار، پەرۇق-فەرۇق، زۇلپىيە-زۇلفىيە،پەرھات-فەرھات. مېنىڭچە بۇ ئانچە توغرا بولمىغان ھادىسە، بۇ مەسىلىنى ئۇيغۇرتىلىغا مەسئۇلىيەت بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ياخشىراق ئويلاپ بېقىشى كېرەك.
ئۇيغۇر تىلى پەيدا بولغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە نۇرغۇنلىغان تەرەققىيات جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈردى. بۇندىن كېيىنمۇ داۋاملىق تەرەققىي قىلىدۇ. تىلنىڭ تەرەققىياتى كىشىلەرگە قولايسىزلىق ئەكىلىشنى مەقسەت قىلماستىن، بەلكى قولايلىق بولۇشنى، راۋان بولۇشنى نىشان قىلىشى كېرەك.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىىسم-فامىلىسىدە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ناھايىتى كۆپ، مەن بۇ يەردە پەقەت ئۆزۈم ھېس قىلغان بىرقانچە نىگىزلىك مەسىلىلەرنى كۆرسۈتۈپ ئۆتتۈم.
پايدىلانغان مەنبەلەر:
1. ئۇيغۇرلارنىڭ يېزىقى ۋە تىلى ھەققىدە، ئىبىراھىم مۇتئى، مىللەتلەر نەشىرىياتى، 2013-يىلى 9-ئاي، 1-نەشىرى
2. ئۇيغۇرلاردا فامىلە، ئۇيغۇرلاردا نەسەپنامە، ئەنۋەر سەمەد غەربىي،شىنجاڭ خەق نەشىرىياتى، 2002-يىلى 12-ئاي، 1-نەشىرى.
3. «تۈركلەر ۋە كۈنىمىز ئۇيغۇرلىرىدىكى كىشى ئىسىملىرى ئۈستىدە تەتقىقات»،
ئابدۇرەشىد جەلىل قارلۇق. ئوكيان تورىدا ئىلان قىلىنغان.

(ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە 2016 – يىلى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئويۇشتۇرۇلغان ئۇيغۇر تارىخى تەتقىقاتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۇنۇلغان ئىدى. ماقالە شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى ئاساس قىلىپ يېزىلغان.)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1184

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش