ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلاردا نورۇز تەنتەنىسى ۋە ئانا تىل سۆيگۈسى» ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » خەلقىم زارى

خەلقىم زارى

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

ئاپتورى: سەرۋى

1

زۇلۇم يانجار خەلقىم باشى، كۆزلىردە سەلدۇر ياشى،
قۇل بولغاچقا شۇم خىتايغا ئۆرتەر ھۆرلۈك سەۋداسى.

باشلاپ دۈشمەن ئايۋىنىغا يۈرەكتە كۆپ پۇشايمانى،
پۇشايماندىن پايدا كۆرمەس، ئاشار ئاھۇ – پېغانى.

دوست تارتساڭمۇ دۈشمىنىڭگە دۈشمەن بولماس دوستۇڭ زادى،
داۋام ئەتسەڭ شۇ قۇللۇقنى تۇتار ئەۋلاد ئاھۇ – زارى.

نە قىسمەت بۇ، نە تەتۈرلۈك، مەھكۇملۇقنىڭ تامغىسى،
ئەزىز خەلقىم باشلىرىدا زالم كۇپرى قامچىسى.

ئەزىز خەلقىم ھەقىر بولدى، مەھكۇملۇققا ئەسىر بولدى،
ئەيلەپ پەرياد دۇئالاردا جان تالاشماق ئۇدۇم بولدى.

تۈرمىلەردە ياش يىگىتلەر ئېغىر زەنجىر كىشەنلەردە،
زەققۇم كەبى تائام بىرلە ياشاش ئۈچۈن كۆرەشلەردە.

جانانلىرى چېكەر ئەفغان، تېلەر يارىن دىدارىنى،
سېغىنىشتا مەزلۇم قەلبى سېزەر غەزەپ لاۋاسنى.

جاينامازدا ئاق باش ئانا، دۇئادا قول، قىلار سادا:
”پەرۋەردىگار ئازاد قىلغىن، قۇرغۇيۇمنى ئۇچۇر ماڭا!“

نارەسىدە گۆدەكلىرى توپا يولدا قىسار بويۇن ،
قاناتى سۇنۇق قۇش كەبى ئىرۇر ھالى خارۇ – زەبۇن.

2

يېرىم ئەسىر بۇندا ئۆتتى، خىتاي قايتا قارار ئالدى:
”ئاسمىلاتسىيە ئاستا بولدى، مىللىي قىرغىن قىلي ئەمدى!“

”تىلى، دىنى بۇ مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيەت جان تومۇرى،
بۇ تومۇرغا قىلىچ ئۇراي زاۋال تاپسۇن ئۇيغۇر ئەمدى.“

قۇرئان كۆيەر ئوت – گۈلخاندا، جاينامازلار قايچىلاردا،
مەسچىدلەردە كامىرالار، كۇفۇرلۇقلار تەشۋىقاتتا.

قايسى ئىمام دىندا ئالىي، قىلسا ھەق يول تەرغىباتى،
بولسا خەلق سۆھبەتدىشى تۈرمە ئىرۇر بارارگاھى.

قايسى ئەدىب يازار ئەسەر، ئوقۇ ئويغان دەپ تەر تۆكەر،
ئوغلى -ئۆزى يورۇق كۆرمەس، زىندانلاردا چىرىپ تۈگەر.

قايسى ئۇيغۇر كامىل ئىمان، تازا- پاكىز مىللىيىتى،
«تەربىيەلەش مەركىزى» دە بولار «دىنى ئەسەبى».

كىيسە ھىجاپ، ئۇزۇن كۆينەك، قايسى ئۇيغۇر قىز – چوكىنى،
«رادىكال ئسلام» كۆرىشىنىڭ قۇربانىدۇر مەزلۇم باشى.

مەكتەپلەردە قوللىنىلماس گۈزەل تىلى ئۇيغۇرۇمنىڭ،
خىتايچىغا مەجبۇرىدۇر قايماق تىلى پاك مەسۇمنىڭ.

”ئانا تىلىڭ جان تىلىڭدۇر، مىللىيەتىنىڭ ئاساسىدۇر،“
دەپ قاينىسا قايسى ئۇستاز كويزا – كىشەن قولىدادۇر.

گۆدەك قولىدا ساختا تارىخ: ئۇيغۇر خۇا -شىيا ئەۋلادى،
ئېلەشتۈرەر قوچۇپ مېڭە ماركىسىزىم تەرغىباتى.

يالغان تارىخ، ئاتىئىزىم، كاللا يۇيۇش كۆرەشلىرى،
بەك ئۈنۈملۈك خىتاي قەستى بۇلغار خەلقىم روھىيىتى.

قايسى دىسە ئۇيغۇر دىگەن ئوغۇز پۇشتى، خان ئەۋلادى،
پۇتى تەگمەس يەر يۈزىگە، كۆرمەس دۇنيا يۈزىنى.

قايسى چوكان ئەمەس بۇندا «پىلان تۇغۇم» رىئايىدە،
قارنىن يېرىپ جاللات كەبى چاڭ سالىدۇ ھامىلىگە.

ئىشلار گويا پۇشكىن يازغان بۆرە – قوزا مەسەلى،
يېمەك بولسا ئەگەر بۆرە، ياسار ساختا سەۋەبنى.

ئۆز مىللەتتىن ئايغاقچىلار، پايلار، قەستلەر، ساتار مىللەت،
سايىسىدىن ئۈركەر ئۇيغۇر، سۆھبەتلەرگە ئىزدەر خىلۋەت.

يەڭلىرىدە قىزىل بەلگە، قەلبى چىركىن شۇم پايلاقچى،
مەھەللىدە توپلار «ئارخىپ»، چېپىپ خىتاي كەتمىنى.

مىللەت ئېڭى، ئىمان كىمدە، قايسى ئايال ھامىلدار،
”قىزىل بەلگە“ تىزىم ئالار، ئاقچا ئۈچۈن ئادەم ساتار.

شۇڭا خىتاي تۈرمىسىدە ئۇيغۇر مەھبۇس قىيان ياسار،
قىيناق – ئىقرار سوراقىدا تېپىك – توقماق ئىچرە ياتار.

خىتاي ئۈچۈن ئورگان ئامبار ئىرۇر ئۇيغۇر مەھبۇسى،
ئۇيغۇر گېنىدىن ئارخىپ ئالماق بۇ سۈيقەستنىڭ بائىسى.

جان تالىشار ئۇيغۇر مەھبۇس ئوپېراتىسيە ئۈستىلىدە،
خەستە خىتاي گىراژدانىغا دىئېنئېي گەر ماس كەلسە.

يانفۇنىدا چىقسا تەبلىغ بولسا سۈرەت «سىياسى»،
تېرورستتۇر شۇ ئۇيغۇرۇم مەھبۇس فورما بولار تونى.

خاۋاتىردە بىر ئۇيغۇردىن، پۈتۈن يېزا ھۇجۇمدادۇر،
پىلمۇت بىلەن قىرغانىدىن، پۈتۇن دۇنيا بىخەۋەردۇر.

دۇكان- ساراي ئاچار ئۇيغۇر تىزماق كىرەك مەي-شاراپنى،
بويسۇنمىسا بۇ قارارغا «سىياسىدۇر» جىنايىتى.

قېرى مەزىن، ئىمام – موللا شوخ كۈي بىرلە ئۇسۇل ئوينار،
كۈلمە كۆرۈپ بۇ مەنزىرە، ئۇسۇلغا شۇم خىتاي زورلار.

رامىزاندا يىگىت – قىزى شاراپ ئىچەر قاتار-قاتار.
دىسە خىتاي يا ئىچ – يا ئۆل بۇ جانلاردا نە چارە بار؟

ئۇشبۇ يەڭلىغ تەھلىكىدە خىتاي ئۈچۈن كۆپ پايدا بار:
ئىمان سۇسلاپ، نومۇس ئۆلەر، ئاقىبەتتە مىللەت قۇرار.

فىرئەۋىندۇر گويا خىتاي زۇلۇم – سىتەم مۇقامىدا،
مۇجار يۈرەك، قسار نەپەس، شۇم قوللىرى ياقىلاردا.

رەستىلەردە خىتاي مارشى، بەھەيۋەتتۇر دەسسەشلىرى،
بەتلەپ مىلتىق خەلقىم تامان ئاشكارىدۇر خىرسلىرى.

ھەر قەدەمدە تەقىپ ئېتىپ ئىنسانلىقنى خارلار خىتاي،
تېرىك تۇرۇپ ئۆلەي ئەمدى بۇ خارلىققا قانداق چىداي.

3

تالاشقان شەھەرلىرىڭ، قالدى خىتاي ئەمدى ئوڭچە،
بوپ ۋەتەنسىز قىلدىم ھىجرەت باشىم ئېلىپ يات ئەللەرگە .

كاشىغەرىم مۇڭلۇق ئىرۇر، پەرياد قىلار خوتەن ئىلچى.
ئاقسۇ-تۇرپان نالە قىلار، ھەربىر شامۇ -سەھەرى.

نالە بىرلە ھۆرلۈك كەلمەس، ياش تۆككەنگە ئازاپ كەتمەس،
قانلار دەريا ئاقمىغۇنچە بۇ تۇپراقتىن خىتاي تەزمەس.

4

پەرۋەردىگار رەھناماسەن، كەچۈر گۇناھ – كەبىرىمىز،
زالىمنى سەن يەكسان ئەيلە كۆتەر قەدىر- ئىززىتىمىز.

چىڭ تۇتمغاچ سېنىڭ يولۇڭ، ئايرىمىدۇق دوست -دۈشمەننى،
ساختا قورچاق ئەمەل ئۈچۈن ساتتۇق ۋەتەن تۇپرىقىنى.

شىھىتلەرنىڭ ھەققى ئۈچۈن رەببىم بىزگە قەھىر ئەتمە،
گۇناھىمىز مەغفىرەت قىل، بىز ناتىۋان رەھىم ئەيلە

بۇ گۇناھلار بەدىلىگە خەلقىم غېرىپ – غۇرۋالىقتا،
دىلدا غەزەپ، كۆزدە ياشى، ئىسسق جېنى بى ئەتىۋا

تونىدۇق بىز قارشى ئالغان خىتاي دىگەن شۇم دۈشمەننى،
قىلماس ۋاپا، سالار جاپا پەنجى قانلىق ئەجدەھارنى.

مەزلۇم قەۋمىم ئىمانى سۇس، بەك ئاجىزە ھەق يولىدا،
رەب بەرمىسەڭ سەن كۈچ – قۇۋۋەت يوقار تارىخ ئېقىمدا.

نادان قەۋمىم، ئەقلى چولتا، ھىدايەت قىل ئېچىپ كۆزى،
دۈشمەن كىمدۇر، تەدبىر قايدا بۇندا تۇيسۇن يۈرەكلىرى.

سالغىن تەۋپىق قەۋمىم قەلبى، قىلغىن مەزمۇت قەدەملىرى،
قانات يايدۇر بۇ تۇپراقتا مۇستەقىللىق ھەركەتلىرى.

ئۈمىدۋار بىز ياش تۆكسەكمۇ، ھەر دەققە رەھمىتىڭدىن،
چۈنكى ھەر بىر غازاتلاردا غەلبە سېنىڭ ھىممىتىڭدىن.

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامرىكا

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn0Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1133

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش