ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » چەتئەلدە پۇل تاپقان ئۇيغۇر باينىڭ ھېكايىسى

چەتئەلدە پۇل تاپقان ئۇيغۇر باينىڭ ھېكايىسى

مەمەتتۇرسۇن ئۇيغۇر

چەتئەلدىكى بىر ئۇيغۇر سودىگەر ئون نەچچە يىل بۇرۇن ھەج قىلىش جەريانىدا ئامېرىكىنىڭ نىيۇيورك شەھىرىدە ياشاپ كېلىۋاتقان 92 ياشلارغا كىرىپ قالغان ۋە ھاسىسىنى توكۇلدۇتۇپ ئاران ماڭىدىغان بىر سودىگەر بوۋاي بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئۇ بوۋاي ناھايىتى باي سودىگەر بولۇپ تۆت ئوغلى بار ئىكەن. 50 مىليون دوللارلىق ئۈچ قەۋەتلىك بىر داچىدا ئولتۇرىدىكەن. ياش ئۇيغۇر سودىگەر بوۋاينىڭ قانداق قىلىپ، شۇنچە باي بولالىغانلىقىغا بەكمۇ قىزىقىپ قاپتۇ.
ھەرەمگە تاۋاپ قىلغاچ سودا قىلغىلى بارغان ئۇيغۇر سودىگەر ھە دېگەندە بوۋايدىن تىجارەتنى نېمىدىن باشلىغانلىقى، قانداق قىلىپ پۇل تېپىپ، ئاشۇنداق بايلاردىن بولۇپ كەتكەنلىكىنى كوچىلاپ، تەكرار- تەكرار سوراپتۇ. ئۇيغۇر بوۋاي ياش سودىگەرگە مۇنداق دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ:
بوۋاي 38- 40 ياشلىرىدا ۋەتەندىن ئايرىلغان ئىكەن، دەسلەپتە ئاياغ تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىپتۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بىر قانچە ئامېرىكىلىق ۋە يەھۇدى سودىگەرلەر بىلەن تونۇشۇپ قاپتۇ. ئۇلار ئاساسەن نەدە ئۇرۇش بولسا شۇ يەرگە بېرىپ تىجارەت قىلىدىكەن. ئۇرۇش داۋاملىق مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە بولىدىكەن. ئۇلار ئۇرۇشنىڭ قايسى مۇسۇلمان دۆلەتتە قاچان بولىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلىپ تۇرىدىكەن. ئامېرىكىلىقلاردىن ئۇچۇر ئىگىلىگەن ئۇ ئۇيغۇر بوۋايمۇ شۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىلىقلار بىلەن بىللە بېرىپ تىجارەت قىلىشقا باشلاپتۇ. بۇ تىجارەتنىڭ پايدىسى ئاياغ تىجارىتىگە سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە ياخشى ئىكەن. ئۇ تىجارەتچىلەر ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىققاندا ئاندىن شۇ دۆلەتتىن يەر- زېمىن سېتىۋېلىشقا باشلايدىكەن. ئۇ بوۋاي ئافغانىستان ئۇرۇشى باشلىنىپ ئاخىرلاشقىچە بولغان جەرياندا ئاساسەن ئافغانىستان ۋە پاكىستانلاردا ئىكەن. ئىراق ئۇرۇشى باشلانغان ۋە ئاخىرلاشقان جەرياندا بولسا ئىراقتا ئىكەن.
ئۇيغۇر سودىگەر ئۇ ئۇيغۇر بوۋايدىن مۇنداق دەپ سوراپتۇ:
-”ئۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتىنى قانداق بىلگىلى بولىدۇ؟
بوۋاي مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
-بالام، ئون نەچچە يىل چېنىققان خەلقئارالىق بوكسىيورچىلارمۇ ئۈچ مىنۇت ئۇرۇشۇپ بىر مىنۇت دەم ئالىدۇ. نورمال ئىنسانلار ئۇنداق ئۇرۇشالمايدۇ. ئاشۇلارنىڭ ئەڭ يامانلىرى 12 مەيدان ئۇرۇشقا چىدايدۇ. مۇسۇلمانلارمۇ تەرەپ – تەرەپتىن ئەۋەتكەن، يىغىپ كەلگەن ئىقتىسادىغا سېتىۋالغان قوراللىرى، ئوق- دورىلىرى ۋە تەييارلىغان ئەسكەرلىرىنى يىغىپ پۈتۈن كۈچى بىلەن بىر- بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشلار بەك ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كەتمەيدۇ.
ئامېرىكىلىقلار ئۆز ئارا ئولتۇرۇشۇپ، ئۇرۇشنىڭ قاچان بولىدىغانلىقى، نەدە بولىدىغانلىقى، مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارنىڭ قوراللىنىش ئەھۋاللىرى ۋە ئۇرۇشنىڭ قاچان ئەۋجىگە چىقىدىغانلىقىنى باراڭلىشىپ كۈتۈپ تۇرىشىدۇ. ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققاندا خەلق بار – يوق نېمىسى بولسا ئېلىشىغا سېتىپ، جېنىنى ئېلىپ ئۇدۇل كەلگەن تەرەپلەرگە قېچىشقا باشلايدۇ. مانا بۇ ۋاقىت ئۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىققان ۋاقتى بولىدۇ. بىز سودىگەرلەر ئەنە شۇ ۋاقىتتا دەرھال يەرلىك كىشىلەر ئارقىلىق شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسى، ئاۋات يول بويلىرى، بازارلار قاتارلىقلاردىن يەر، زېمىن سېتىۋېلىشقا باشلايمىز. بىر قانچە يىل ئۆتكەندە قالايمىقانچىلىقلار توختاپ، خەلق يەنە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كېلىشكە باشلايدۇ. بىز ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئالغان يەرلىرىمىزنى يەنە ئۇلارغا سېتىپ بېرىمىز، بۇ جەرياندا نەچچە يۈز ھەسسە پايدا چىقىدۇ، مەن مانا مۇشۇنداق تىجارەت قىلىپ پۇل تاپتىم.
ئۇيغۇر سودىگەر بوۋايدىن يەنە سوئال سوراشنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-بوۋا بۇنداق قىلسىلا گۇناھ بولمامدۇ؟
بوۋاي مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
-ۋاي جېنىم بالام، شۇنداق كۆپ ئامېرىكىلىقلار، يەھۇدىلار ۋە ياۋرۇپالىقلار پۇل تاپسا بولىدىكەن، مەن بىر ئۇيغۇر پۇل تاپسام بولمامدىكەن؟ مەن بولمىساممۇ ئۇلار زادى بۇرۇندىن تارتىپ ئەنە شۇنداق تىجارەت قىلىدىكەنغۇ؟ مەن بۇنى ئويلاپ، مەن بولساممۇ ياكى بولمىساممۇ بۇلار شۇنداق تىجارەت قىلىدىكەن. كىشىلەر يەر – زېمىنلىرىنى ئۆزلىرى خالاپ سېتىپ بەرگەندىن كېيىن سېتىۋالىمەن، شۇڭا گۇناھ بولماس دەپ ئويلايمەن.
ئۇيغۇر سودىگەر بوۋايدىن سوراپتۇ:
-”ئۇرۇش نېمىشقا مۇسۇلمان دۆلەتلەردە بولىدۇ؟“
بوۋاي مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
-بالام، خەرىتىگە قاراپ بېقىڭ، ئىسرائىلىيە مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا. شۇڭا ئۇ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئۈچۈن مۇسۇلمانلارنى داۋاملىق ئۇرۇشقا سېلىپ قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى بۇراپ، ئۆزىدىن يىراق تۇتۇش بىلەن بىرگە مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئارا ئۇرۇشقا سېلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى، كۈچى ۋە سانىنى تىزگىنلەپ تۇرىدىكەن.
ئۇيغۇر سودىگەر يەنە سۇئالىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-بوۋا، مۇسۇلمانلار بىلىپ تۇرۇپ بىر- بىرى بىلەن نېمىشقا ئۇرۇشىدۇ؟
بوۋاي ئېرىنمەي جاۋابىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
-بالام، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپلىرىمىز ئوقۇمىغان، ئوقۇغانلىرىمىزمۇ دىندا ئوقۇغان. كۆپلىرىمىز پەقەت قۇرئان كەرىم ۋە دىنىي كىتابلارنىلا ئوقۇغان بولغاچقا، ئۆزىمىز 21- ئەسىردە ياشاۋاتقان بولساقمۇ كاللىمىز 1400 يىل بۇرۇنقى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا توختاپ قالغان. شۇڭا ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە سىياسەت دېگەنلەرنى بىلمەيمىز. كاپىرلار بولسا بىزنىڭ مانا مۇشۇنداق ئاجىزلىقىمىزنى بەك ياخشى بىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئاجايىپ قارىلار، ئالىملار باركەن. بىز مۇسۇلمانلار بەك نادان بولغاچقا، ئۇلار قانداق ئىسىملارنى ئىجاد قىلىشنىمۇ ياخشى بىلىدىكەن. ئالدى بىلەن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ئاجايىپ ئېقىم ۋە پىكىرلەرنى تارقىتىپ، مۇسۇلمانلارنى ھەر خىل ئىسىملار بىلەن گوروھلارغا ئايرىپ، ئاندىن بىرسىنى كاپىر، بىرسىنى شېرىك، بىرسىنى مۇرتەد، يەنە بىرسىنى كۇپپار قىلىپ كۆرسىتىدىكەن. ئاندىن ئۇ گۇرۇپپىلارنىڭ بىرسىنى ئامېرىكا قوللايدىكەن، يەنە بىرسىنى ياۋرۇپا ياكى ئىران قوللايدىكەن، شۇنداق قىلىپ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمان خەلقىمۇ ماۋۇنىڭ توغرا، ئاۋۇنىڭكى خاتا دەپ، ئۆزلىرى توغرا يولدا دەپ قارىغان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا تاپقان پۇللىرىنى ئەۋەتىپ ياردەم قىلىدىكەن. ھەرقايسى دۆلەتلەرمۇ ئۆزلىرى قوللاۋاتقان مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قورال ۋە ئوق- دۇرىلارنى سېتىپ بېرىدىكەن. شۇنداق قىلىپ مۇسۇلمانلار بىر- بىرىنى كاپىر ۋە دۈشمەنگە چىقىرىپ تازا ئۇرۇشىۋاتقاندا ئاۋۇ دۆلەتلەر ۋە چوڭ قورال- ياراغ سودىگەرلىرى تازا باي بولۇپ، دۆلەتلىرى تەرەققىي قىلىشقا باشلايدىكەن. مۇسۇلمانلار بولسا بۇ ئۇرۇشلا جەريانىدا ئىقتىسادىدىن، جېنىدىن ۋە مېلىدىنمۇ ئايرىلىدىكەن. دۆلەتلىرى تەرەققىي قىلىش تۈگۈل تېخىمۇ خاراپلىشىدىكەن. ئاۋۇ كاپىرلار ۋە ئىسرائىللار بولسا تېخىمۇ بېيىپ كېچىلىرى ياتالماي، يەنە تېخىمۇ پۇل تېپىشنىڭ كويىدا كىرپىك قاقماي پىلان تۈزەش بىلەن ئۆتىدىكەن.
ئۇيغۇر سودىگەر بوۋايدىن يەنە سوراپتۇ:
-بوۋا قورال- ياراغنىڭ سودىسى يەر – زېمىن سودىسىدىن ياخشى بولغاندىن كېيىن نېمىشقا سىلىمۇ قورال – ياراغ ساتمايلا؟
ئۇيغۇر بوۋاي سودىگەرگە ئەجەپلىنىش بىلەن قاراپ مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
-ۋاي بالام، ئۇ قوراللار بىلەن مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرىدىغان تۇرسا، مەن قورال- ياراغ ساتسام، مەنمۇ ئاشۇلارغا تەڭ شېرىك بولۇپ ئېغىر گۇناھكار بولۇپ قالمايمەنمۇ؟ خۇدايا توۋا دەڭ. ئۇ ئۇرۇشلاردا پەقەت مۇسۇلمانلار مۇسۇلمانلار بىلەنلا ئۇرۇشىدۇ. ئەگەر ئارىسىدا كاپىرلار بار دېيىلسە، ئۇلار مۇسۇلمانلارغا بىر- بىرىنى قانداق ئۆلتۈرۈشنى ئۆگىتىپ پىلان تۈزۈپ بېرىدۇ. بەزىدە ئاشۇ ئامېرىكىلىق ۋە يەھۇدى سودىگەرلەر بىلەن ئولتۇرۇپ پاراڭلىشىپمۇ قالىمەن. ئۇلار ئۆز ئارا پاراڭلاشقاچ كۈلۈشۈپ؛ تۈنۈگۈنكى ئۇرۇشتا قانچە مۇسۇلمان بىر- بىرىنى ئۆلتۈرۈشتى؟ ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان جەمئىي قانچە مۇسۇلمان ئۆلدى؟ دېيىشىپ، بىر- بىرىگە خەۋەر يەتكۈزۈشۈپ، ئۆز ئارا بىر- بىرىنى تەبرىكلىشىپ تۇرىشىدۇ. ئۇلارغا ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن ۋاقتى – ۋاقتىدا خەۋەرلەر كېلىپ تۇرىدىكەن. ئۇلارنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ ئېغىر ئۇھسىنىپ ئولتۇرۇپ كېتىمەن.
ئۇ ئۇيغۇر بوۋاي 2003- يىلى ئىراق ئۇرۇشى باشلانغان ۋاقىتتا چوڭ ئوغلى بىلەن ئىراقتا ئىكەن. بوۋاي ئاشۇ ۋاقىتتىكى تىجارەت ئەھۋالىدىن بىر قېتىملىق تىجارىتىنى ئۇيغۇر سودىگەرگە ئېيتىپ بېرىپتۇ.
ئۇ ئۇيغۇر بوۋاي باغداتتىن بىر بازارنى 7500 دوللارغا سېتىۋالغان ئىكەن. ئارىدىن سەككىز يىل ئۆتكەندە باغداتقا بېرىپ شۇ بازارنى 7 مىليون 500 مىڭ دوللارغا سېتىپتۇ.
ئۇيغۇر سودىگەر بوۋايدىن يەنە مۇنداق سوراپتۇ:
-سىلە ئامېرىكىدا ياشايدىكەنلا، ئوغۇللىرىمۇ مۇسۇلمانمۇ؟
ئۇيغۇر بوۋاي يەنە ئەجەپلىنىپ تۇرۇپ مۇنداق جاۋاپ بېرىپتۇ:
– نىمە دېگەنلىرى ئۇ؟ ئوغۇللىرىممۇ ئەلۋەتتە مۇسۇلمان- دە؟
ئۇيغۇر بوۋاي پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلەش ئەھۋالى توغرىلىق مۇنداق دەپتۇ:
-مەن مۇساپىر بولۇپ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن بەك كۆپ جاپا تارتتىم. ئۇ كۈنلەرنى ئويلىسام باشقىچە بولۇپ قالىمەن. ئاللاھ، ئاللاھ دېگەن بەندىسىنى ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىمىسۇن. سىز مېنى ھەجەپ بايكەن دەپ، ماڭا ھەۋەس قىلىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. ئەمما مەن ھازىرقىدەك باي بولمىساممۇ، ھەتتا كۈندە 3 ۋاق زاغرا يېسەممۇ ۋەتىنىمدە ياشىيالىغان بولسام ئۆزەمنى بۇ دۇنيادىكى ئەڭ بەخىتلىك ئادەم دەپ ھېسابلايتتىم. مەن دەسلەپكى ۋاقىتتىن باشلاپلا بالىلىرىمنى ئىسلامى ئىلىملەر بىلەن تەربىيىلىدىم. ياش ۋاقتىدا ئۆگەنگەن بىلىم ئىنسان ۋۇجۇدىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىدۇ. بالىلىرىم ئىسلام دىنىدىن دەسلەپكى ساۋادىنى چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالايدىغان بولغاندىن كېيىن ئۇلارنى پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇتتۇم. ئۇلار قانچىلىك ئوقۇيمەن دېسە، قىينالساممۇ، جاپا تارتساممۇ ئوقۇتتۇم. بالىلىرىمنىڭ ھەممىسى ئوقۇغان، بىلىملىك ياخشى بالىلار. سىزگىمۇ تەۋسىيەم، بالىلىرىڭىزنى ئالدى بىلەن ئىسلام دىنى بىلەن تەربىيىلەپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىغا ئالدى بىلەن ئىسلامىي بىلىملەر بىلەن ھۇل سېلىڭ. ئاندىن پەننىي مەكتەپلەردە ئوقۇتۇڭ. بالىلىرىڭىزغا ئىسلام بىلىملىرى بىلەن ھۇل سېلىنغان ئىلىم ئۆگەتسىڭىز ئۇلار چوڭ بولغاندىن كېيىن ياراملىق ياخشى ئادەملەردىن بولۇپ چىقىدۇ.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1194

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش