ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بۇندىن كېيىن يىلدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى بۇندىن كېيىن يىلدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىدۇ

تۈركىيە باش مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بۇندىن كېيىن يىلدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

بەزى دۆلەتلەردىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش مەۋسۇملىرىنىڭ بۇرۇن تاماملىنىشىدەك ئەھۋال كۆزدە تۇتۇلۇپ، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى ساقلاتماسلىق ئۈچۈن، ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى يىلدا ئۈچ قېتىمغا كۆپەيتىلدى.

1- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2017 – يىلى 30 – ئۆكتەبىردىن 30 – نويابىرغىچە

ئىلتىماس نەتىجە ئىلانى: 2018 – يىلى 15 – فېۋرال

2- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 5 – فېۋرالدىن 5 – مارتقىچە

ئىلتىماس نەتىجە ئىلانى: 2018 – يىلى 15 – ماي

3- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 16 – ئاپرىلدىن 14 – مايغىچە

ئىلتىماس نەتىجە ئىلانى: 2018 – يىلى 24 – ئىيۇل

ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچى نامىزاتلار يۇقارىدا بەلگىلەنگەن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش باشلانغان ۋاقتلاردا www.turkiyeburslari.gov.tr تورى بېتىدە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

2017 – يىلىدىكى 163 دۆلەتتىن 107 مىڭ كىشىلىك ئوقۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋالغان تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2018 – يىللىق يېڭى ئىلتىماس قوبۇل قىلىش مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى نامىزاتلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلىشىنى كۈتمەكتە.

مەنبە: https://www.turkiyeburslari.gov.tr/turkiye-burslarina-artik-yilda-3-kez-basvurulabilecek/

Türkiye Bursları’na Artık Yılda 3 Kez Başvurulabilecek

Yurtdışı Türkler ve Akraba Topluluklar Başkanlığının (YTB) “Türkiye Bursları“na artık yılda 3 kez başvuru yapılabilecek.

Bazı ülkelerde eğitim dönemlerinin daha erken bitmesi nedeniyle adaylar, Türkiye Bursları başvuruları için uzun süre beklemek zorunda kalıyordu. Bu durum, öğrencilerin kariyer planlamalarına da etki ediyordu.

YTB, bu tür sorunları göz önünde bulundurarak uluslararası öğrencilerin Türkiye’de burslu olarak yükseköğrenim almalarına fırsat veren Türkiye Bursları’nı, dünyadaki eğitim-öğretim dönemlerine göre yeniden düzenledi.

Başvurular 3 döneme ayrıldı
Yeni düzenlemeyle 2018 için başvurular 3 döneme ayrıldı.

Buna göre, Türkiye Bursları’nın 1. dönem başvuruları, 30 Kasım’da sona erdi. Sonuçların duyurulması ise 15 Şubat 2018’de olacak.

Burslar için 2. dönem başvuruları 5 Şubat-5 Mart 2018 tarihlerinde yapılabilecek. Bunların sonuçları 15 Mayıs 2018’de açıklanacak.

3. dönem başvurular ise 16 Nisan-14 Mayıs 2018 tarihlerinde olacak. Başvuruları kabul edilenler 24 Temmuz 2018’de duyurulacak.

Yeni takvimle, 2017’de 163 ülkeden yaklaşık 107 bin başvuru alan Türkiye Bursları’na yeni dönemde toplamda daha fazla başvuru yapılması bekleniyor.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش