ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » پايدىلىق ئۇچۇرلار » تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسىدا يېڭى بەلگىلىمە

تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسىدا يېڭى بەلگىلىمە

تۈركىيە باش مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ بۇندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك يىلدا ئۈچ قېتىم ئوقۇش ئىلتىماسى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

1- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2017 – يىلى 1 – نويابىردىن 30 – نويابىرغىچە

ئىلتىماس نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 15 – فېۋرال

2- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 5 – فېۋرالدىن 5 – مارتقىچە

ئىلتىماس نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 15 – ماي

3- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماسى

ئىلتىماس قوبۇل قىلىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 16 – ئاپرىلدىن 14 – مايغىچە

ئىلتىماس نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 24 – ئىيۇل

ئەسكەرتىش: تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2018 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش كالىندارىغا كۆرە، خىتاي پاسپورتى بار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى مەزگىللەردە تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلالايدىكەن. 

1) ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ۋاقتى: 2- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس مەزگىلى (2018 – يىلى 5 – فېۋرالدىن 5 – مارتقىچە)

ئىلتىماس نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 15 – ماي

2) باكلاۋۇرلۇق  ئۈچۈن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلتىماس ۋاقتى: 3- قېتىملىق تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئىلتىماس مەزگىلى (2018 – يىلى 16 – ئاپرىلدىن 14 – مايغىچە)

ئىلتىماس نەتىجىسىنىڭ ئىلان قىلىنىش ۋاقتى: 2018 – يىلى 24 – ئىيۇل

كالىندارنىڭ تەپسىلاتىنى تۆۋەندىكى ئۇلانمىدىن كۆرگىلى بولىدۇ:

تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى 2018 – يىللىق ئوقۇ – ئوقۇتۇش كالىندارى

ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئوقۇغۇچى نامىزاتلار يۇقارىدا بەلگىلەنگەن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىش باشلانغان ۋاقتلاردا www.turkiyeburslari.gov.tr تورى بېتىدە تەلەپ قىلىنغان ماتېرىياللارنى تەييارلاپ بىۋاستە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماسىدا يېڭى بەلگىلىمە

تۈركىيە باش مېنىستىرلىكىگە قاراشلىق تاشقى تۈركلەر ۋە قېرىنداش مىللەتلەر ئىدارىسى تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا دائىر 2017-يىلى 26-دېكابىر ئىلان قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىسىدە، تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ۋە تۈركىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇش مەقسىتى بىلەن ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچى نامىزاتلىرىدىن تەلەپ قىلغان ماتېرىياللار ئىچىگە «ئالەس ALES» ئىمتىھانى (ئاكادېمىك خادىملار بىلەن ماگېستىر ۋە دوكتور ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى) دىن ئەڭ ئاز بولغاندىمۇ 50 نۇمۇر ئېلىشنى شەرت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىش ئۈچۈن «ئالەس ALES» ئىمتىھانىغا قويغان تەلىپى بىر – بىرىدىن پەرقلىق.

بەلگىلىمىدە، تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىنى پۈتتۈرگەن ۋە تۈركىيەدە ئۆرلەپ ئوقۇش مەقسىتى بىلەن ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچى نامىزاتلىرىنىڭ ئىلتىماس قىلماقچى بولغان ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «ئالەس ALES» ئىمتىھانىغا قويغان تەلەپلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشى ۋە ئۆزلىرى ئالغان «ئالەس ALES» ئىمتىھانى نەتىجىسىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالىي مەكتەپ ۋە كەسىپ تاللىشى كېرەكلىكى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.

بەلگىلىمىدە يەنە، «ئېلىكترونىك ئالەس e-ALES» ئىمتىھانى نەتىجىسىنىڭمۇ كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ئېگەللىنىشىچە، تۈركىيە سىرتىدىن تۈركىيەدە ماگېستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇشىغا كىرىش ئۈچۈن تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلغۇچى ئوقۇغۇچى نامىزاتلىرىدىن «ئالەس ALES» ئىمتىھانى نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىماي، ئۇنىڭ ئورنىغا GRE ياكى GMAT ئىمتىھان نەتىجىسى تەلەپ قىلىنىدىكەن.

مەنبە: تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ئورگان تورى

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىغا ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن ئا. قاراخان

Türkiye Burslarına Başvuracak Türkiye Mezunlarının dikkatine!

2018 yılı Türkiye Bursları başvuruları 3 döneme ayrılmış olup,

1. Dönem başvuruları 1 Kasım – 30 Kasım 2017,

2. Dönem başvuruları 5 Şubat – 5 Mart 2018,

3. Dönem başvuruları ise 16 Nisan – 14 Mayıs 2018 tarihleri arasında alınacaktır.

2018 yılı Uygulama Takvimine www.turkiyeburslari.gov.tr adresi üzerinden ulaşabilirsiniz.

Lisansüstü eğitim alacak olan öğrenciler için 2018 yılı itibari ile yürürlüğe konulan uygulama aşağıdaki gibidir;

Türkiye’de Lisans/Yüksek Lisans düzeyinde eğitim almış ve Yüksek Lisans/Doktora başvurusu yapacak olan adaylarda akademik kriter olarak ALES puanı şartı aranacaktır. Türkiye Burslarına başvuru yapan adaylar sınav tarihinden itibaren ALES belgesi 3 yıl geçerlilik süresi olmak kaydı ile asgari 50 puan almaları gerekmektedir.

Bununla birlikte söz konusu puan barajı başvurusu yapılan üniversiteye göre farklılık arz edebilmektedir.  Bu kapsamda, Türkiye burslarına başvuru yapan adayların üniversite ve bölüm tercihlerini yaparken ilgili üniversitenin ALES yeterlilik puanı başta olmak üzere başvuru kriterlerini inceleyerek başvuru yapmaları gerekmektedir.

Öğrencilerin ALES hariç E-ALES puanları da kabul edilmektedir.​

TÜRKİYE BURSLARINA BAŞVURACAK TÜRKİYE MEZUNLARININ DİKKATİNE!

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش