ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ئۇيغۇر دىنى ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامغا تەزىيە

ئۇيغۇر دىنى ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامغا تەزىيە

 

«قۇرئان كەرىم» نىڭ يېقىنقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى نەشىر قىلدۇرۇپ، كومىنىست تۈزۈمدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ دىلىغا ئويۇلتاشتىن ئىتىقاد قورغانى بەرپا قىلغان مۇنەۋۋەر دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ يېقىندا ئۇشتۇمتۇت قاماقتا شېھىت بولغانلىقى خەۋىرى ۋەتەن ئىچى – سىرتىدىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ئېغىر مۇسىبەتكە چۈمدۈردى.

مۇھەممەد سالىھ داموللام كېيىنكى يىللاردا ئۆز ئۆيىدە نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىنغان بولۇپ، 2017 – يىلى دېكابىر ئېيىدا قىزى نەزىرە مۇھەممەت سالىھ ۋە كۈيئوغلى بولغان ئاتاقلىق شائىر ئادىلجان تۇنىيازلار بىلەن بىرلىكتە ئاتالمىش «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە قامالغان. مۇھەممەد سالىھ داموللام ئېغىر قىيىن – قىستاققا ئېلىنىپ شېھىت قىلىنغانلىقى ئۇرۇق-تۇققانلىرى تەرىپىدىن جامائەتكە ئاشكارا قىلىنغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مۇسىبەتلىرىنى تۇشمۇ-تۇشتىن بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، زالىم كۈچنىڭ زۇلمىغا لەنەت ئوقۇدى.

مۆھتەرەم تىلشۇناش ۋە تەرجىمان مۇھەممەد سالىھ داموللام ھايات ۋاقتىدا، «قۇرئان كەرىمنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى» نى تەييارلاپ، خەلقىمىزنىڭ تارىختىكى ئەڭ چوڭ بوشلۇقىنى تولدۇرۇش بىلەن بىرگە،  «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمىھالى»، «ياخشىلار باغچىسى»، «سەھىھۇلبۇخارى جەۋھەرلىرى» قاتارلىق مۇھىم ئىسلامىي ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرۇپ، خەلقىمىزنىڭ ئىسلامغا بولغان تەشنالىقىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئويناپ، كومىنىست تۈزۈمدە ئىسلام دىنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يىلتىز تارتىشى ئۈچۈن قان – تەرىنى سەرىپ قىلغان.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىلار نامىدىن مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللامنىڭ ياتقان يېرىگە جەننەت تىلەش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئىتىقادىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرىگە ئاللاھتىن ئاخىرەتتە كاتتا ئىنئاملار تىلەيمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

مۇھەممەد سالىھ داموللام كىم؟

imagesCA313LYG

ئىجتىھاتلىق تۆھپىكار ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللام  1936 – يىلى ئاتۇشتىكى تونۇلغان ئۆلىما سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. سالىھ داموللا ھاجىم ئەينى زاماندا ئەرەب، پارىس ئەدەبىياتى بويىچە يېتىلگەن ئەدىب، ئىسلام دىنى ئىلمىدا توشقان كاتتا ئۆلىما، مەرىپەتپەرۋەر زات ئىدى.

پەننىي مەكتەپتە ئوقۇپ يۈرگەن مۇھەممەد سالىھ ئاتىسىنىڭ تەسىرىدە كىچىكىدىنلا ئەتراپلىق دىنىي تەلىم ئېلىشقا باشلىدى، 11 يېشىدىلا خەتمىدىن ئۆتۈپ، مۇرەتتەب قارى بولغاندىن كېيىن ئەرەب، پارىس تىللىرىنى ئۆگىنىشكە كىرىشتى. كېيىنكى ئېغىر جاپالىق كۈنلەردىكى قىيىن شارائىت ۋە بېسىم ئۇنىڭ ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى ۋە بۈيۈك غايە ئۈچۈن تىكلىگەن ئىرادىسىنى بويسۇندۇرالمىدى.

ئاتىسى سالىھ داموللا ھاجىم ئوغلىنىڭ يۇمران قەلبىدە ئۇنىڭ توغرا يۆلۈنۈش بويىچە ئەتراپلىق يېتىلىشى ئۈچۈن تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ئۇنتۇلغۇسىز، ئىلھامبەخىش ئىزلارنى قالدۇرغانىدى. ئاتىسىنىڭ تەربىيسىدە ئىسلام دىنىنىڭ ھەر قايسى ئىلىم تۈرلىرىگە پۇختا ئاساس سېلىپ بولغان مۇھەممەد سالىھ كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ، ئىسلام ئىنىستىتۇتىدا بىر يىل ئوقۇدى. ئەينى چاغلاردا مىسىردىن تەكلىپ قىلىنغان بەھىييۇددىن زەييانى، شەيخ ئابدۇللەتىف ھامىد سۇلايمان قاتارلىق پروفېسسرورلارنىڭ بىۋاسىتە يېتەكچىلىكىدە، تەپسىر، ھەدىس، فىقھى، ئەقىدە، ئىسلام پەلسەپىسى، ئىسلام تارىخى، ئىلمىي بالاغەت، ئىلمىي كالام، ئەرەب ئەدەبىياتى قاتارلىق پەنلەرنى سېستىملىق ئۆگەندى. 1960-يىلى كۈزدە مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرۈپ، ئۈرۈمچىدە مىللەتلەر تەتقىقات ئورنىغا ئورۇنلاشتى.

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ كۆڭلىگە پۈككەن پىلانلىرى بويىچە پۈتۈن زېھنى بىلەن دىن تەتقىقات خىزمىتىگە كىرىشىپ كەتتى. «قۇرئان كەرىم» دۇنيادا نۇرغۇن تىللارغا تەرجىمە قىلىنىپ نەشىر قىلىنىۋاتقان شارائىتتا، ئۇنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەرجىمىسىنىڭ يوقلىقى زور بىر بوشلۇق ئىدى. ئۇنى تەرجىمە قىلىش ئۇيغۇر كىتابخانلىرىنى قۇرئاننى بىۋاسىتە چۈشىنىش، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ ئېتىقاد جەھەتتىكى جىددى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى ئىلىم-پەن خادىملىرىنى قۇرئاننى تەتقىق قىلىش ئىمكانىيتىگە ئىگە قىلاتتى. ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ بۇ تەشنالىقىنى چۈشەنگەن مۇھەممەد سالىھ «قۇرئان كەرىم»نى تەرجىمە قىلىشنى نىيەت قىلىپ، خېلى بۇرۇندىن تارتىپ نوپۇزلۇق قۇرئان تەفسىرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى توپلاشقا كىرىشكەن ئىدى. «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش مۇرەككەپ بىر تەتقىقات جەريانى بولدى. مۇھەممەد سالىھ ھەربىر ئايەتنى تەرجىمە قىلغاندا نوپۇزلۇق تەپسىر كىتاپلىرىغا ۋە كىلاسسىك ئەرەپ تىلى بىلەن ھازىرقى زامان ئەرەپ تىلى سېلىشتۇرۇلغان لۇغەت-قامۇسلارغا مۇراجىئەت قىلدى. ئىپادىلەش جەھەتتىمۇ ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ، ھەربىر سۆز ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدەندى. «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئالاھىدە ئورنىنى ۋە ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنى نەزەردە تۇتۇپ، ھەربىر ئايەتنىڭ مەزمۇنىنى ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلى بويىچە ئەينەن تەرجىمە قىلدى. كىتابخانلارنىڭ چۈشىنىشىگە ئاسانلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، زۆرۈر تېپىلغاندا جايلارغا قىستۇرما سۆز ۋە قىسقىچە ئىزاھلارنى بەردى. بۇ ئىزاھلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئىشەنچىلىك قۇرئان تەپسىرلىرىدىن تاللاپ ئېلىندى. ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەر بىر مۆجىزە، ئۇلۇغ ئىشلار كىشىلەرنىڭ قان-تەر تۆكۈشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ كۆپ يىللىق جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، نۇرغۇن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ئاخىرى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي دەستۇرى بولغان «قۇرئان كەرىم» نى ئەرەب تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەلەپكە لايىق رەۋىشتە تەرجىمە قىلىپ چىقتى. قۇرئاننىڭ قىسقىچە تەفسىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ تەرجىمە پۈتۈپ نەشىر قىلىنىش ئالدىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيتىنىڭ تەشكىللىشى بويىچە ئۇيغۇر دىيارىدا مۆتىۋەر ھېسابلانغان 15 نەپەر نوپۇزلۇق ئۆلىمانىڭ كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىشىغا سۇنۇلدى. ئۆلىمالار تەرجىمىنى باشتىن-ئاخىر مۇتالىئە قىلىپ چىقىپ، بىر ئېغىزدىن ماقۇللاپ، ئالاھىدە تەھسىن ئوقۇپ، تەقرىز يېزىپ بەردى. بۇ تەرجىمە 1986-يىلى مەركىزىي مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 200 مىڭ پارچە بېسىپ تارقىتىلدى.

شۇنداقلا «قۇرئان كەرىم» نىڭ بۇ تەرجىمە نۇسخىسى سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى فەھدىنىڭ تەستىقلىشى ۋە ئەمرى بىلەن پادىشاھنىڭ قۇرئان بېسىش مەتبەسىدە بىر قانچە يۈزمىڭ پارچە بېسىلىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرگە تارقىتىلدى. سەئۇدىدا بېسىلغان بۇ نۇسخا خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى ئارقىلىق ئالدۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر دىيارىغىمۇ خېلى نۇرغۇن تارقىتىلدى. ئۇ ئىشلىگەن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ سىلاۋىيان يېزىقىدىكى نۇسخىسى موسكۋادا نەچچە مىڭ نۇسخا بېسىپ تارقىتىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك ئالقىشىغا ئېرىشتى.

مۇھەممەد سالىھ يەنە ھەدىس ئىلمىدىكى ئالتە ئىشەنچلىك، نوپۇزلۇق كىتابلارنىڭ بىرىنچىسى بولغان «سەھىھۇلبۇخارى» نى ۋە «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تەرجىمھالى» قاتارلىق كىتابلارنىمۇ ئەرەبچىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر قىلدۇردى. مەيلى قۇرئان ياكى ھەدىس بولسۇن، ئالاھىدە ئىجتىمائىي مۇھىتتا ۋە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشكە ئىگە، تىلى بۇنىڭدىن مىڭ نەچچە يۈز يىل ئىلگىرىكى ئەرەب بەدىئىي تىلىنى ئاساس قىلغان، پاساھەت-بالاغىتى ۋە بەدىئىيلىكى يۇقىرى بولغان، ئۇنى چۈشىنىش، ئەسلىگە سادىق بولغان ھالدا تەرجىمە قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. ئىستېداتلىق دىنىي ئالىم مۇھەممەد سالىھ ئۇزۇن يىل كىتابلار دېڭىزىدا ئۈزۈش، نۇرغۇن زېھن-قۇۋۋىتىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە ئاخىر بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى.

ئۇلاردىن باشقا، ئۇ يازغان «قۇرئان كەرىمنىڭ 29-ۋە 30-پارىلىرىنىڭ تەپسىرى»، ئىسلام ئېتىكىسىغا ئائىت 30 نەچچە تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان «قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىسلەردىن تاللانما» ناملىق كىتاب ۋە ئوتتۇرا ھەجىملىك «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە لۇغەت» نەشىردىن چىقىپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى. بولۇپمۇ ئالىمنىڭ 20 يىللىق جاپالىق ئەجرى ۋە يۈرەك قېنىنىڭ مىۋىسى بولغان چوڭ ھەجىمدىكى «ئەرەبچە-ئۇيغۇرچە چوڭ لۇغەت» 2002-يىلى ئۇيغۇر خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىردىن چىقىپ، بۇ ساھەدىكى زور بوشلۇقنى تولدۇردى. يەنە «دۇئانىڭ ئەھمىيتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار» ناملىق كىتابىمۇ نەشىردىن چىقىپ تارقىتىلدى.

مۇھەممەد سالىھنىڭ تەتقىقاتى دىنىي تېمىلار بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، يەنە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى، تارىخ، تىل، مائارىپ ساھەلىرىگىمۇ چېتىلىدۇ. مۇھەممەد سالىھ يەنە ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئاساسىدا «جامىئۇتتەۋارىخ»، «تەۋارىخ خەمسە»، «غازات دەر مۈلكى چىن»، «ئىھيا ئۇلۇمىددىن»، «مەكتۇبات»، «تەزكىرەئى ئەزىزان»، «سىررۇلمۇخلىس»، «زەپەرنامە»، «تەزكىرەئى ئۇۋەيسىييە»، «تەۋارىخ جەدىدە»، «جەھدۇلمۇقىل»، قاتارلىق كىتابلارنى تەرجىمە قىلىپ، ئىلمى تەتقىقات ئىشلىرىنى مول ماتېرىياللار بىلەن تەمىن ئەتتى. مۇھەممەد سالىھ 1961-يىلدىن تارتىپ تارىخشۇناس ئۇيغۇر سايرانى ئەپەندى بىلەن بىرلىشىپ «دىۋان لۇغەتىتتۈرك» كىتابىنى ئەرەبچە فاكسىمىل نۇسخىسى بىلەن باسما نۇسخىغا ئاساسەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىشقا كىرىشكەنىدى. 4 يىل جاپالىق ئىشلەش ئارقىلىق بۇ ۋەزىپىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملاپ نەشىرگە سۇنۇش ئالدىدا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ شۇ «ئىنقىلاب» قالايمىقانچىلىقىدا ئۇ تەرجىمە نۇسخا تالان-تاراج قىلىنىپ زايا بولۇپ كەتتى.

مۇھەممەد سالىھ داموللام كۆپ يىللىق ئىجادى خىزمىتى جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي، ئىلمى تەكشۈرۈشلەرگە ۋە ماتېرىيال توپلاشقا قاتناشتى. جاپالىق ئىزدىنىپ بىرىنچى قول ماتېرىياللارنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇنىڭ ئايىغى تەگمىگەن قەدىمى جايلار، يادىكارلىقلار، مازار-ماشايىخلار، مەسچىت-مەدرىسلەر قالمىدى. ئەينى چاغدىكى نامدار ئۆلىمالار، پىشقەدەم ۋەقەشۇناسلار، يۇرت مۆتىۋەرلىرىنى زىيارەت قىلىپ ئىلمىي سۆھبەتلەرنى ئېلىپ باردى.

ئۇ يەنە «تۈركى تىللار دىۋانىنىڭ مۇقەددىمىسىنى ئوقۇغاندىن كىيىن»، «ئۇلۇغ ئەدىب تەجەللىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى توغرىسىدا»، «رۇقەئاتى نەۋائىي ھەققىدە»، «ئاپاق خوجا مازىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى توغرىسىدا»، «مازارپەرەسلىك ۋە ئۇنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى خۇسۇسىيەتلىرى»، «قۇتادغۇبىلىكتىكى ئۇدغۇرمىش ئوبرازى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى دىنىي مائارىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي ئۆتمۈشى»، «ئىسلام دىنى تارىخىدىكى خاۋارىجلار گۇرۇھى»، «شىئە ئىسمائىلىيە مەزھىپى ۋە ئۇنىڭ تارىخى توغرىسىدا»، «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مازارلار توغرىسىدا»، « مەخدۇم ئەزەم ۋە ئۇنىڭ نەسەبنامىسى»، «ئىسلام دىنى ۋە ئىلىم پەن»، «دۇانىڭ ئەھمىيىتى ۋە خاسىيەتلىك دۇئالار»، «ئاللاھنىڭ گۈزەل ئىسىملىرى ۋە سۈپەتلىرى» قاتارلىق ئىلمىي ماقالىلەرنى يازدى. بۇ ماقالىلەرنىڭ بەزىلىرى خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، مەملىكەتلىك يىغىنلاردا ئوقۇلدى ۋە كۆپلىگەن ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.

مۇھەممەد سالىھ يەنە ۋاقىت ئاجرىتىپ ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى تەتقىقاتى بىلەنمۇ شۇغۇللاندى. «تەجدىد» ناملىق غەزەللەر دىۋانىنى، «تۇتنامە»نى، چوڭ ھەجىملىك داستان «مۇھەببەتنامە»، ھۈسەيىنخان تەجەللىنىڭ ۋە دادىسى سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ بىر قىسىم شېئىرلىرىنى نەشىرگە تەييارلىدى ۋە «بۇلاق» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلدى. مۇھەممەد سالىھ بىر تەرەپتىن جاپالىق ئىلمىي تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانسا، يەنە بىر تەرەپتىن 1987-يىلىدىن باشلاپ ئىسلام ئىنىستىتۇتىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. ياراملىق دىنىي ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ھاردىم-تالدىم دېمەي تەر تۆكتى. ئىنىستىتۇتنىڭ ھەر قايسى تەرەپتىكى خىزمەتلىرىنى چىڭ تۇتۇش بىلەن بىرگە ئوقۇ-ئوقۇتۇش تۈرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قاراپ، نازارەتچىلىك قىلىشلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى بىۋاستە قول سېلىپ ئىشلىدى، دەرسلىكلەرنى تۈزدى، دەرسخانىغا كىرىپ بىۋاستە دەرس ئۆتتى.

ئەسلى مەنبە: خىتاي مۇسۇلمانلىرى ژورنىلى

ئەسكەرتىش: ئەسلى مەنبەدە بېرىلگەن مەرھۇمنىڭ تەرجىمىھالىدىكى ناتوغرا ئىبارىلەرگە تۈزۈتۈش كىرگۈزۈلدى.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1163

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش