ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى ئېتىقادى

ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى ئېتىقادى

1. قۇرئاننى رەتلەش
«قۇرئان» ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق مۇقەددەس كىتابى بولۇپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ قانۇنى ئاساسى، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۇنيا قاراش ۋە كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنىڭ ئاساسى: «قۇرئان» ئاللانىڭ تىلى بولۇپ، ئاللا يۈز بەرگەن ئىشلار ۋە ئەينى چاغدىكى جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن پەرىشتە جىبىرئىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈپ بېرىلگەن ۋەھىيدۇر.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، «قۇرئان» نى يىغىش، رەتلەش خىزمىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ قالدى. چۈنكى ئەينى چاغدا ئاللا ۋەھىي قىلىپ چۈشۈرگەن «قۇرئان» پارچە-پارچە ھالدا خۇرما يوپۇرماقلىرىغا، ئاق تاشلارغا ياكى دۇبۇلغا-ساۋۇت ۋە تېرىلەرگە خاتىرلەنگەن ياكى مۇسۇلمانلارنىڭ كۆڭلىدە يادلاقلىق ھالەتتە ئىدى. ئەبۇ بەكرىنىڭ دەۋرىدە «قۇرئان» نى رەتلەش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئەڭ ئالدى بىلەن مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سابىق كاتىپى سەيد ئىبنى سابىت (مىلادىيە 611—665 يىللار) ھەرىكەتكە كېلىپ، توپلام قىلىپ رەتلىگەندىن كېيىن ئەبۇ بەكرى ساقلىغان؛ ئەبۇ بەكرى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئۆمەر، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ خوتۇنى ھەفىسە (مىلادىيە 604—665 يىللار) ساقلىغان. خەلىپە ئوسمان دەۋرىگە كەلگەندە، «قۇرئان» نىڭ ئوقۇلىشى ئۇسۇلىدا ئىختىلاپ پەيدا بولدى. مىلادىيە 646- يىلى سۈرىيە ۋە ئىراق مۇسۇلمانلىرى ئەرمىنىيە ۋە ئازەر بەيجان غازىتىدا سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇش ئۈستىدە تالىشىپ قالدى. ئۇزۇن ئۆتمەي، بۇ خىل تالاش-تارتىش ھەممە يەرگە دېگىدەك تارقالدى ۋە ئىسلام دىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە تەسىر كۆرسەتتى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ھەربىي قوماندان ھۇزەيغا، خەلىپە ئوسماننىڭ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ «قۇرئان» نىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇسخىسىنى بېكىتىشنى تەكلىپ قىلغان. خەلىپە ئوسمان مىلادىيە 651-يىلى، «قۇرئان» نى تۈزۈش، بېكىتىش خىزمىتىنى سەيد ئىبنى سابىتقا ھاۋالە قىلىپ، يەنە بىر قانچە نەپەر قۇرەيىشنى ئۇنىڭغا ياردەمگە بەلگىلىگەن. «قۇرئان» نىڭ ئەسلى يېڭى نۇسخسى مەدىنىدە ساقلىنىپ، قالغان 6 دانە كۆچۈرۈلمە نۇسخسى دەمەشىق، يەمەن، بەھرەيىن، كۈفە، بەسرە، مەككە قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىلىپ، قالغانلىرى بىردەك كۆيدۈرىۋېتىلگەن. ئوسمان بۇيرۇق چۈشۈرۈپ تۈزدۈرگەن «قۇرئان» ئادەتتە بېكىتىلگەن نۇسخا ياكى «ئوسمان نۇسخىسى» (مۇسھەپ ئوسمانى) دەپ ئاتىلىدۇ.
دەسلەپكى دەۋرلەردىكى ئەرەب ھەرپلىرىنىڭ سوزۇق تاۋۇشلىرى ۋە زىر-زەۋەرلىرى كام بولغاچقا، ئوقۇش جەھەتتىكى ئىختىلاپ ئۈزۈل-كېسىل ھەل بولماي، پەقەت 10-ئەسىرگە كەلگەندىلا ئاندىن «قۇرئان» سۈرىلەرنىڭ ئوقۇلىشى ئەڭ ئاخىرىدا مۇقىملاشتۇرۇلغان. ھەممىگە مەلۇم «قۇرئان» دا جەمئىي 114 سۈرە، 6200 دىن ئارتۇق ئايەت بار. سۈرىلەرنىڭ ئۇزۇن-قىسقىلىقى ئوخشاش ئەمەس، ھەربىر باپتا مۇقىم رولى بار ئابزاستلار بولۇپ، بەزى ئابزاستلار تېما بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ھەرقايسى بابلارنىڭ مۇقىم رەت تەرتىپى يوق، ئەمما قىسقا سۈرىلەرنىڭ ھەممىسى كەينىدە، نىسبەتەن ئۇزۇن سۈرىلەر ئالدىدا، ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ ئىچىدە نىسبەتەن ئالاھىدە ئەھۋاللارمۇ بار.
ھازىرقى «قۇرئان» نىڭ بېكىتىلگەن نۇسخىسى ۋەھىيلەرنىڭ چۈشۈرۈلگەن تارىخى تەرتىپى بويىچە تىزىلغان ئەمەس، ھەرقايسى بابلارنىڭ تەۋە ۋاقتىمۇ ئىزاھلانمىغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئەلى تۈزدۈرگەن «قۇرئان» نىڭ ھەرقايسى بابلىرىنىڭ تەرتىپى ئىلگىرى-كېيىنلىك رېتى بويىچە تۈزۈلگەن ئىكەن. ئىبنى. مەسئۇد قاتارلىقلار تۈزگەن نۇسخىسى بولسا ۋەھىيلەرنىڭ چۈشۈرۈلگەن ئىلگىرى-كېيىنلىك رەت تەرتىپى بىلەن تۈزۈلمەي، بەلكى ئۆزىگە خاس تۈزۈش پىرىنسىپى بار ئىكەن. ئەپسۇسكى، بۇ نۇسخىلارنى ھازىر تېپىش مۇمكىن ئەمەس. كېيىن، قۇرئان تەپسىرچىلىك ئىلمينىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، مۇسۇلمان ئالىملىرى سۈرىلەرنىڭ مەنىسى، سەۋەبى ۋە ئارقا كۆرىنىشىنى ئىزاھلاش بىلەن بىرگە، ھەربىر بابنىڭ چۈشۈرۈلگەن ۋاقتى ۋە ئورنىنىمۇ ئېنىقلاشنى باشلىدى. بىز ھازىر ئوقۇۋاتقان «قۇرئان» ئادەتتە ئىككى چوڭ قىسىمغا بۆلىنىدۇ، يەنى مەككىدە نازىل بولغان قىسمى ۋە مەدىنىدە نازىل بولغان قىسمى. مەككە قىسمى، ئاللا مەككىدە پەيغەمبەرگە ۋەھىي قىلىپ چۈشۈرۈلگەن ئابزاسلىرى بولۇپ جەمئىي 86 باب. مەككە قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكى سۈرىلەرنىڭ كۆپىنچىسى قىسقا، ئىخچام بولۇپ، ئۇلاردا ئاللا كۆپ يەردە تىلغا ئېلىنىپ، بۇ ئارقىلىق ئاللانىڭ پۈتۈن ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ۋە تەربىيلىگۈچىسى ئىكەنلىكى، پۈتكۈل ئالەمنىڭ ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن باشقۇرىلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان. مەككە قىسمىنىڭ كېيىنكى مەزگىللەردىكى سۈرىلىرىدە ئاللا نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنىڭ ھىكايىلىرىنى تىلغا ئالغان، ھەمدە پەيغەمبەرلەرنىڭ كەچۈرمىشلىرى ۋە دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ ئاقىۋىتىنى تەكرار بايان قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئاللا يەنە دىنىغا ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن. مەككە قىسمىنىڭ ئاساسى تېمىسى ئاساسلىقى دىنى ئېتىقاد پروگراممىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىنىڭ يادروسىنى تەشكىل قىلىدۇ.
مەدىنە قىسمى بولسا مىلادىيە 622-يىلى پەيغەمبەر مەدىنىگە ھىجرەت قىلىپ كەلگەندىن تارتىپ 632-يىلى پەيغەمبەر ۋاپات بولغانغا قەدەر 10 يىل ئىچىدە نازىل بولغان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ دەۋر ئىسلام دىنى راۋاجلىنىپ غەلىبە قىلغان دەۋر بولۇپ، بۇ 10 يىلدا نازىل قىلىنغان سۈرىلەر جەمئىي 28 باب. قۇرئاننىڭ مەدىنە قىسمىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا، ھەجىمى ئۇزۇن، چىرايلىق سۆز-ئىبارىلەر كۆپرەك. قانۇن تۇرغۇزۇشنى ئاساسى تېما قىلغان ئۇزۇن سۆزلەر ئۇدۇل بايان قىلىنغان. مەدىنە قىسمىدا، ئاللا ۋە پەيغەمبەرگە بويسۇنۇش تەكىتلىنىپ، بۇ ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇتلەق رەھبەرلىك ئورنى بېكىتىلگەن. مۇشۇ ئاساستا سۈرىلەردە يەنە ناماز، روزا، پەرھىز، ھەج قىلىش قاتارلىق دىنى تۈزۈملەر، جەمئىيەتنىڭ ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەشتىكى ئەدە-ئەخلاق ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم، ھەمدە ھاراق ئىچىش، قىمار ئويناش، بەزى يىمەكلىكلەرنىڭ ھارام قىلىنغانلىقى توغرىسىدىكى چەكلەش بۇيرۇقلىرى بايان قىلىنغان. شۇڭلاشقا، مەدىنە قىسمىنىڭ مەككە قىسمىغا ئوخشىمايدىغان يەرلىرى— مەدىنە قىسمى، دىنى ۋە ئىجتىمائىي مەجبۇرىيەتلەرنىڭ بېكىتىلىپ، دىنى ئەھكاملارنىڭ قېلىپلىشىشى ۋە تۈزۈملەرنىڭ تۇرغۇزىلىشىدىن ئىبارەت بولغان.
2. ئاساسى پەرزلەر
ئىسلام دىنىدىكى«بەش پەرز» ئىمان ئېيتىش، ناماز ئۆتەش، روزا تۇتۇش، زاكات بېرىش، ھەج قىلىشتىن ئىبارەت. «بەش پەرز» نى شەرتسىز ئورۇنلاش، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللاغا مۇتلەق ئىتائەت قىلىدىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى، شۇنداقلا بەش پەرز يەنە ئىسلام دىنىنىڭ تۈۋرىكى ۋە ھۇل تېشى، بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ تۈپكى دىنىي مەجبۇرىيىتى.
ئىمان يەنى ئىمان ئېيتىش كەلىمە شاھادەت (كەلىمە. تەيىبە) «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممۇدۇن رەسۇلۇللا»- بۇ، ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىڭ يادروسى. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، ئىمان ئۈچ ئامىلدىن تەركىب تاپىدۇ: دىلدا ئىخلاس قىلىش، تىلدا ئوقۇش، تەندە ئەمەل قىلش. ئىمان ئېيتىش— بۇ ئۈچىنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىم كونكىرىت ئىپادىسى. «كەلىمە. تەيىبە» نى ئۈنلۈك ئوقۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئېتىقادىنى ئىپادىلەش ۋە كۈچەيتىش بولسا— مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ ئەقەللى شەرتىدۇر. «كەلىمە شاھادەت» ھەربىر مۇسۇلمانغا بىر ئۆمۈر ھەمرا بولىدۇ: يېڭى بوۋاق تۇغۇلغاندا ئاڭلايدىغان تۇنجى جۈملە سۆزى كەلىمە شاھادەت، ھەر قېتىم ناماز ئۆتىگەندە ئوقۇيدىغىنى كەلىمە شاھادەت، مۇسۇلمانلار جان ئۈزۈش ئالدىدا ئوقۇيدىغان ياكى ئاڭلايدىغىنى كەلىمە شاھادەت، كەلىمە شاھادەتنى ئوقۇش بولسا— ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىشنىڭ ئاساسى پەرزلىرىدىن بىرىدۇر.
«ناماز» يەنى ناماز ئۆتەش بولسا— مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىنى قىبلىگە (مەككە كەئىبىگە) قارىتىپ سۈرە-ئايەتلەرنى ئوقۇپ، دۇئا قىلىش، رۇكۇ، سەجدە قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش دىنىي مۇراسىملارنى ئورۇنلىشىنىڭ ئومۇمىي ئاتىلىشىدۇر. ئۇ ھەر كۈنى بەش ۋاقىت ناماز، ھەپتىدە بىر قېتىم جۈمە نامىزى، يىلدا 2 قېتىم ھېيت نامىزى ئۆتەشنى كۆرسىتىدۇ، بەزىلەر جىنازا نامىزىنىمۇ مېيىت ئۇزىتىشتا سەجدە ۋە رۇكۇسى يوق كوللېكتىپ ناماز، دەپ قارايدۇ. بۇلاردىن سىرت يەنە ئىختىيارى ئۆتەيدىغان ۋاجىپ نامازلار ۋە روزا ئېيىدا ئوقۇيدىغان تاراۋە نامىزى قاتارلىقلار بار. ھەر كۈندىكى بەش ۋاقىت ناماز— بامدات، پىشىن، دىگەر، شام ۋە خۇپتەندىن ئىبارەت. جۈمە نامىزى ھەر ھەپتىنىڭ 5-كۈنى (جۈمە) كوللېكتىپ ئۆتىلىدۇ. ۋاقتى پىشىن نامىزىنىڭ ۋاقتى بىلەن ئوخشاش. روزا ھېيت ۋە قۇرباش ھېيتتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھېيتتا كەڭ كۆلەملىك ھېيت نامىزى ئوقۇلىدۇ. ۋاقتى كۈن چىققاندىن كېيىن چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا ئوقۇلىدۇ. ئىسلام دىنىدا نامازغا قارىتا نۇرغۇنلىغان بەلگىلىمە ۋە شەرتلەر بار. بۇ بەلگىلىمە ۋە شەرتلەرگە خىلاپلق قىلىنسا ناماز ئىناۋەتسىز بولىدۇ، ئۇنى چوقۇم تولۇقلاش كېرەك. مەسىلەن، تاھارەت ئېلىش، ناماز ئوقۇشتىن بۇرۇن چوقۇم پاكىز سۇ بىلەن بەدەننى يۇيۇش (غۇسلى قىلىش) كېرەك، ياكى قىسمەن يەرلەرنى يۇيۇپ تاھارەت ئېلىش كېرەك. بۇ ناماز ئوقۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. تاھارەت ئالماي تۇرۇپ ناماز ئۆتەشكە بولمايدۇ، ناماز ئوقۇشتا پاكىز كىيىم كىيىش، پاكىزە جايدا، قانداق ناماز ئۆتەيدىغانلىقى ھەققىدە نىيەت قىلىپ، نامازنى ۋاقتى ۋە قىبلىنى ئېنىق بىلىش كېرەك. تاھارەت ئالىدىغان سۇ پاكىز بولۇش، كىيىم پاكىز بولۇش، ئورۇن پاكىز بولۇش، نىيەت قىلىش، ۋاقىت ۋە قىبلە توغرا بولۇش— «ناماز سىرتىدىكى 6 پەرز» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نامازدىكى 6 پەرز بار. ئۇ ناماز ئۆتەشتىكى بىر يۈرۈش ھەرىكەتلەرنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، ئاللاغا ھەمدۇ-سانا ئوقۇش ۋە قول كۆتىرىپ تەكبىر ئېيتىش، قىيامىدا تۇرۇش، سۈرە ئوقۇش، رۇكۇ، سەجدە ۋو ئولتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. بىر قېتىم ئۆرە تۇرۇش، روكوغا بېرىش ۋە ئىككى قېتىم سەجدە قىلىش بىر رەكئەت ناماز بولىدۇ. ھەرخىل نامازلارنىڭ رەكئەت سانى ئوخشىمايدۇ، ئىسلام دىنى قائىدىلىرىدە بۇلار ئېنىق بېكىتىلگەن. ئىسلام دىنىنىڭ ھەرخىل مەزھەپلىرىدە، نامازنىڭ بەزىبىر ئۇششاق تەپسىلاتلىرىدا ئوخشىماسلىقلار بار. مەسىلەن، ناماز ئوقىغاندىكى قىرائەتنىڭ ئاۋازىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، قول كۆتىرىش قېتىم سانى، ئىككى قول ۋە ئالقاننىڭ ئورنى، قىياپىتى قاتارلىقلاردا دائىم بەزى ئوخشىماسلىقلار بار. ئەمما، قايسى مەزھەپ بولىشىدىن قەتئى نەزەر، ھەممىسى ناماز ئوقۇشنى مۇسۇلمانلارنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم مەجبۇرىيىتى دەپ قارايدۇ. ئاللامۇ «قۇرئان» دا (4—103) سۈرەنى نازىل قىلىپ نامازنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالاممۇ: «ناماز ئوقۇش ئىسلام دىنىنىڭ تۈۋرىكى» دېگەن. بۇنىڭدىن ناماز ئوقۇشنىڭ مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇستەھكەم ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ.
«روزا» يەنى «روزا تۇتۇش» مۇسۇلمانلارنىڭ ئاللا «قۇرئان» دا بەلگىلىگەن قائىدىلىرىگە ئاساسەن ئادا قىلىدىغان بىرخىل پەرزدۇر. ھىجرىيە يىلىنىڭ 9-ئېيى يەنى«رامىزان» ئېيى، روزا ئېيى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزا تۇتىدىغان ئاي. روزا ئېيىدا مۇسۇلمانلار سۈبىھىدىن كۈن ئولتۇرغىچە ھېچقانداق نەرسىنى يىمەيدۇ، ئىچمەيدۇ. ئەر-خوتۇن بىرگە بولمايدۇ. كاللىسىدىكى يات خىياللارنى پۈتۈنلەي چىقىرىۋىتىپ، نىيىتىنى پاكلاپ، ئاللاغا سېغىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ روزا تۇتۇش تۈرلىرى كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىمى پەرز روزىدىن ئىبارەت. يەنى رامىزان ئېيىدا تۇتۇلىدىغان روزا. بۇ بارلىق ساغلام ئەر-ئايال مۇسۇلمانلار جەزمەن تۇتۇشقا تېگىشلىك روزا. سەۋەبسىز روزا تۇتماسلىق گۇناھ ھېسابلىنىدۇ. ئەمما، كېسەللەر، سەپەردىكى ئادەملەر، قېرى، ئاجىز، ئەقلى جايىدا ئەمەسلەر، ھامىلىدار ئاياللار، بالا ئېمىتىۋاتقان ئاياللار، ئادەت كۆرۈپ قالغان ۋە تۇغۇتتىن كېيىن دەم ئېلىۋاتقان ئاياللار، بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار روزا تۇتمىسىمۇ بولىدۇ. ئالاھىدە ئەھۋال تۈپەيلىدىن روزا تۇتالمىغانلار بەلگۈلىمە بويىچە تولۇقلاپ روزا تۇتىشى ياكى سەدىقە پىتىر بېرىشى كېرەك. 30 كۈن روزا توشقاندىن كېيىن ھىجرىيە 10-ئاينىڭ 1-كۈنى روزى ھېيت بولىدۇ. ئىسلام دىنى پەرز روزا تۇتقۇچىلاردىن ھەردائىم ئاللانى يادلاپ تۇرۇشنى، بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ھىچقانداق نەرسە يىمەي-ئىچمەي ۋە جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمىگەندىن سىرت يەنە كىشىلەرگە زىيان يەتكۈزمەسلىك، ئوغرىلىق قىلماسلىق؛ يامان ئىش قىلماسلىق، سەت گەپ، يامان گەپ، يالغان گەپ قىلماسلىق، تۆھمەت قىلماسلىق؛ غەيۋەت قىلماسلىق، شەھۋانى نەرسىلەرنى كۆرمەسلىك قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىدۇ. روزا تۇتمىغانلارنىڭ روزا تۇتقانلار ئالدىدا ئەدەب-قائىدىلەرگە دىققەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئالدىدا يەپ-ئىچمەسلىك، تاماكا چەكمەسلىك، ئەپسانە گەپلەرنى قىلماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. پەرز روزىدىن باشقا يەنە تۇتسا ساۋاب بولىدىغان، تۇتمىسا گۇناھ بولمايدىغان ۋاجىپ روزىلارمۇ بار. مەسىلەن: ئاشۇرا (ھىجرىيە 1-ئاينىڭ 10-كۈنى) بارات (ھىجرىيە 8-ئاينىڭ 15-كۈنى) ۋە ھىجرىيە 10-ئاينىڭ خالىغان 6 كۈنىدە روزا تۇتۇش، ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ۋە پەيشەنبە كۈنلىرى روزا تۇتۇش قاتارلىقلار. بۇ ئىختىيارى روزىلار مۇسۇلمانلار ئېتىقاد، ۋەدە قىلىش، تولۇقلاش، ساۋاب تىلەش قاتارلىق سەۋەبلەردىن ئىختىيارى تۇتىدىغان ۋاجىب روزا بولۇپ، ئىسلام دىنى روزىنى قانچە جىق تۇتسا شۇنچە ياخشى دەپ تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئەكسىچە، ئۇنىڭدا ئالاھىدە، روزا تۇتۇش چەكلىنىدىغان بەلگىلىمىلەر بار. مەسىلەن، روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيتتىن كېيىنكى 3 كۈن ئىچىدە، روزا تۇتسا ساۋاب بولمايلا قالماستىن بەلكى گۇناھ بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. يەنە جۈمە كۈنى روزا تۇتۇش ۋە بىر يىلنىڭ 4 پەسلىدە ھەركۈنى روزا تۇتۇش قاتارلىقلار چەكلىنىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، روزا تۇتۇش ئاللاھنىڭ مۇسۇلمانلارغا بولغان سىنىقى بولۇپ، روزا تۇتۇش ئارقىلىق كىشىلەر ئىقتىسادچانلىقنى ئۈگىنىپ، ئىرادىسىنى چېنىقتۇرىدۇ. ئاچلىققا چىداپ، كۆڭلىنى تىنچ تۇتۇپ، گۇناھ سادىر قىلىشتىن ساقلىنىدۇ. تىنچ، ئىناق ئىجتىمائىي تەرتىپنى قوغدىيالايدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام روزا ئېيىنىڭ ئۇلۇغلىقى توغرىسىدا، رامىزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ ئىشىكلىرى ئېچىۋېتىلىپ، دوزاخنىڭ ئىشىكلىرى تاقىۋېتىلىدۇ. شەيتان كىشەنلەپ قويۇلىدۇ، روزا تۇتۇش بىر قالقان، ئۇ بارلىق گۇناھلاردىن توسايدۇ، دېگەن. بۇندىن سىرىت، روزا تۇتۇش يەنە تۆۋبە قىلغۇچىلارنىڭ ئاللاغا تۆۋبە-ئىستىغپار ئوقۇپ، گۇناھىنى يۇيۇشتىكى بىرخىل ئۇسۇلىدۇر. «قۇرئان» دا قەستەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغۇچىلار، ئەگەردە قۇل ئازاد قىلىش ۋە نامراتلارنى يۆلەشكە ئىقتىسادىي يار بەرمىسە، ۋەدىسىنى بۇزغانلىقنىڭ جازاسى ئۈچۈن 3 كۈن روزا تۇتۇشى لازىم، دەپ بەلگىلەنگەن.
«زاكات» يەنى «ئۈشرە زاكات» بۇنىڭ مەنىسى پاكىزە، ھالال دېگەنلىك. زاكات بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مال-مۈلكى ھالاللىنىدۇ. زاكات ئىسلام دىنى قانۇنىدا بەلگىلەنگەن سەدىقە بېرىش، يەنى «ئاللانىڭ ھۆكمى بىلەن بېكىتىلگەن دىنى باج بولۇپ، ئىسلام دىنىنىڭ مۇھىم ئىقتىسادىي تۈزىمىدۇر. ئەڭ دەسلەپتە، پەقەت ئىختىيارى سەدىقە بېرىش تەشەببۇس قىلىنغان، ئۇ «سەدىقە بېرىش» ياكى «خەيرئىھسان قىلىش» دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭدا سەدىقىنىڭ مىقدارى ۋە قانداق ئىجرا قىلىش بەلگىلەنمىگەن. مىلادىيە 623-يىلى «ھەدىس» تىكى كۆرسەتمە بويىچە، بۇ خىل سەدىقە بېرىش بىرخىل دىنىي زاكات تۈزىمىگە تەرەققى قىلغان. پرىنسىپ جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، زاكات ئەمەلىي مال بىلەن بېرىلىپ، مەخسۇس ئادەم يىغىدۇ، زاكاتنىڭ مىقدارى توغرىلىقمۇ ئېنىق بەلگۈلىمىلەر بار. مۇسۇلمانلار ھەر يىلى ئۆزىنىڭ مال-دۇنياسىنى بىر قېتىم ھېسابلاب چىقىپ، نورمال چىقىملىرىنى چىقىرىۋېتىپ، قالغان مال-دۇنياسىدىن (ئايلانما ۋە كۆچمەس مۈلۈكلىرىمۇ مۇشۇنىڭ ئىچىدە) ئوخشىمىغان نىسبەت بويىچە زاكات بېرىشى كېرەك: تاۋار ۋە نەق پۇلنىڭ 40 دىن بىرىنى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ 20 دىن بىرىنى ياكى 10 دىن بىرىنى، چارۋا مال ۋە كان مەھسۇلاتلىرىغىمۇ ئوخشىمىغان زاكات نىسبىتى بېكىتىلگەن بولۇپ، زاكات ئادەتتە يىلدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ. ئىسلام دىنى قانۇنىنىڭ بەلگۈلىمىسى بويىچە زاكات قوبۇل قىلىش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئادەملەر تۆۋەندىكى بىر قانچە خىلغا بۆلۈنىدۇ: نامراتلار، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەر، نامرات يېڭى مۇسۇلمانلار، قەرىزدارلار، كەمبەغەل سەيياھلار، مۇساپىرلار ساخاۋەت جەمئىيىتى، تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلار، ئازاد قىلىنغان قۇللار ۋە نامرات تۇققانلىرى قاتارلىقلار. قۇرئاندىكى (9—60) سۈرىدە، سەدىقە بېرىشنىڭ پىرىنسىپى ئالدى بىلەن يېقىندىكىلەرگە، ئاندىن كېيىن يىراقتىكىلەرگە؛ ئالدى بىلەن ئۇرۇق-تۇققانلىرىغا ئاندىن كېيىن ياتلارغا بېرىش دەپ كۆرسىتىلگەن. ئالدى بىلەن ئۆز رايونىنىڭ ئەتراپىدىكى نامراتلارنىڭ ئېھتىياجىنى ئويلۇنۇش، زاكاتنى يىغىش ۋە تارقىتىشقا ئۆز ئورنىدىكى باشقۇرۇش تارماقلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەك. ھەرقانداق ئادەمگە زاكاتتىن چۈشكەن پۇل ۋە مالنى تارقاتقىچە ھاقارەتلەش خاراكتېرىدىكى گەپ-سۆزلەر ئىپادىلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ئاللا «قۇرئان» دىمۇ: (2—263) سۈرىنى نازىل قىلىپ، «سەدىقە بېرىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتقىچە، سەدىقە بەرمەي ئۇلارنى غەمدىن خالاس قىلىڭلار» دېگەن. ئەمەلىيەتتە، ئوخشىمىغان دەۋر ۋە رايونلاردا زاكات بېرىش، يىغىش ۋە ئىشلىتىش بىرلىككە كەلگەن ئەمەس. ھازىر دۇنيادىكى بارلىق ئىسلام دۆلەتلىرى مەمۇرىي قانۇن-نىزاملار ۋە قائىدىلەرگە ئاساسەن بىر يۈرۈش مۇستەقىل زاكات يىغىش تۈزۈملىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.
«ھەج» يەنى «ھەج تاۋاپ قىلىش. ھەر بىر بالاغەتكە يەتكەن ئەر-ئايال مۇسۇلمان، تېنى ساغلام، ئىقتىسادىي شارائىتى يار بەرگەن ۋە سەپەر قىلىش بىخەتەر ئەھۋال ئاستىدا، ئۆمرىدە بىر قېتىم مەككە كەئىبىگە بېرىپ تاۋاپ قىلىش پەرز قىلىنغان. ھەج تاۋاپ قىلىشنى تاماملىغانلار «ھاجى» دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىدۇ. ھەج قىلىش ۋاقتى ھېجرىيە 12-ئاينىڭ 9-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئاساسى پائالىيەتلىرى: بەلگىلەنگەن جايدا ئىھرام باغلاش، كەئېبىنى ئايلىنىش، سافا ۋە مەرۋە تېغى ئارىسىدا مېڭىش، مىنادا قونۇش، ئەراپات تېغىغا چىقىش، شەيتانغا تاش ئېتىش، قۇربانلىق قىلىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. بۇنىڭ ئىچىدە، ئەراپات تېغىغا چىقىش ھەج قىلغۇچىلار بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە كوللېكتىپ قاتنىشىدىغان چوڭ مۇراسىم بولۇپ، ھىجرىيە 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئۆتكۈزىلىدۇ. 12-ئاينىڭ 10-كۈنى قۇربان ھېيىت. ئىسلام دىنى قانۇنىدا ھەج قىلغۇچىلارنىڭ تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ ھازىرلىشى بەلگىلەنگەن: قۇرامىغا يەتكەن بولۇش، ئوغۇللار 12 ياش، قىزلار 9 ياشتىن بۇرۇن ھەج قىلىش مەجبۇرىيىتى بولمايدۇ؛ بەدىنى ساغلام بولۇش، ئېغىر كىسەللەر، مەجرۇھ، ياشانغان، بەدىنى ئاجىزلار ھەج قىلمىسىمۇ بولىدۇ. خىراجىتى يىتەرلىك بولۇش، تىلەمچىلىك قىلىپ ۋە باشقىلارنىڭ ياردىمى بىلەن ھەج قىلىشقا بولمايدۇ؛ قەرزى يوق بولۇش، شۇنداقلا ھەج قىلىشتىن بۇرۇن پۈتۈن ئائىلىسىنىڭ بىر يىللىق تۇرمۇش راسخوتىنى تەييارلاپ قويۇش كېرەك، قەرز ئېلىپ ھەج قىلىشقا بولمايدۇ؛ سەپەر بىخەتەر بولۇش، ئەگەردە يولدا ئۇرۇش، قەھەتچىلىك، تەبىئىي ئاپەت يۈز بەرگەن بولسا، ۋاقتىنچە ھەج قىلىشقا بارماسلىق كېرەك. ھېچقانداق خەۋپ-خەتەر بولماسلىقى كېرەك. ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا خەۋپ يەتمەسلىكى لازىم؛ ئەقلى-ھۇشى جايىدا ئادەملەر بولۇش، تۇتقاق كېسەل، لەقۋا، ئېسىنى بىلمەيدىغانلار، كىشىلىك ئەركىنلىكى يوقلار ھەج قىلىشقا بولمايدۇ. ھەج قىلىش جەريانىدا، ئىھرام باغلىغان ئادەملەر جىدەل-ماجرا قىلىشقا، جىنسى مۇناسىۋەت قىلىشقا، ئوۋ ئوۋلاش ۋە جان قىيىشىقا بولمايدۇ. ھەج قىلىش-پۈتۈن مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن ئاللانىڭ بىر قېتىملىق روھى جەھەتتىكى سىنىقى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى بىر سورۇنغا جەم بولىدىغان، يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كاتتا مەرىكە. ئۇ ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق ۋە چۈشىنىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. مۇسۇلمانلار ھەج قىلىش جەريانىدا ئاللاغا تۆۋبە قىلىپ ئاللادىن بارلىق گۇناھلىرىنى مەغپىرەت قىلىشنى تىلەيدۇ. مۇھەممەد پەيغەمبەر: «ھەج قىلىپ بولغان مۇسۇلمانلار خۇددى ئانىدىن يېڭى تۇغۇلغان بالىغا ئوخشاش پاك بولىدۇ» دېگەن. شۇڭلاشقا، ھەج قىلىش ھەربىر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە ئالاھىدە يۈكسەك ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ ھەربىر مۇسۇلماننىڭ ئۇلۇغ ئارزۇسىدۇر. پەرز ھەجدىن باشقا يەنە «ئۈمرى ھەج قىلىش» مۇ بار. بۇنى يىلنىڭ ھەرقانداق ۋاقتىدا ئىلىپ بېرىشقا بولىدۇ. ھەج قىلىشنىڭ بىرنەچچە خىل تۈرلىرى بار. ھەج قىلىش جەريانىدا نۇرغۇنلىغان رەسمىيەت ۋە چەكلىمىلەر بار. ئەگەردە ئۇلارغا خىلاپلىق قىلىنسا، ھەج قوبۇل بولمايدۇ ياكى ئوخشىمىغان دەرىجىدە گۇناھ سادىر بولىدۇ.
3. تۈپكى ئېتىقاد
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ھايات ۋاقتىدا، ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپلىرىنى سىستېمىلىق شەرھىلىگەن ئەمەس. ئەمما ئاللا قۇرئان كەرىمدە ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى ئەقىدىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن: «ئىي! بەندىلىرىم، سىلەر ئاللا ۋە ئۇنىڭ رەسۇلۇللاسىغا ئىشىنىڭلار! ئۇنىڭ رەسۇلۇللاسىغا چۈشۈرۈپ بەرگەن مۇقەددەس كىتابلىرىغا ئىشىنىڭلار! كىمدە-كىم ئاللاغا، پەرىشتىلىرىگە، مۇقەددەس كىتابلارغا، رەسۇلۇللاغا ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىكەن، ئۇ قاتتىق ئازغان بولىدۇ». (4—136) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋاپات بولغاندىن كېيىن، دىن ئالىملىرى ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى پىرىنسىپلىرىنى 3 تۈرگە بۆلدى: ئىمان، ئىبادەت ۋە ئىھسان. بۇ ئۈچىسى قوشۇلۇپ ئادەتتە «دىن» دەپ ئاتىلىدۇ. ئاتاقلىق مۇسۇلمان مائارىپشۇناس ئەخمەد ئېمىن تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ: ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى ئېتىقاد ۋە ئەمەلىيەتتىن ئىبارەت ئىككى تەرەپكە بۆلىنىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن. بۇ ئىككىسى بىرلەشكەن بولۇپ، پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى قاتتىق ئەمەل قىلىشى كېرەك. لېكىن، ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ كونكىرىت ئەھۋالى ئوخشاش ئەمەس. مۇسۇلمانلار ئەمەلىي ئەھۋالغا ئاساسەن بۇ ئەقىدىلەرگە قارىتا ئوخشاش چۈشەندۈرۈش ئېلىپ بارالايدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا بېيىتىلىدۇ. ئالىملار بىردەك، بۇنداق قىلىش ئاللاغا شەك كەلتۈرمەيلا قالماستىن، بەلكى پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى تېخىمۇ چىڭىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
«ئىمان» ئەرەپچە سۆز بولۇپ «ئېتىقاد» نىڭ تەرجىمىسىدۇر. بۇ سۆز «قۇرئان» دا كۆپ قېتىم تىلغا ئېلىنغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ھەدىس» لىرىدىمۇ بۇ سۆزنى چۈشەندۈرگەن. مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبىدىكى نىسبەتەن بىرلىككە كەلگەن تەبىرگە ئاساسلانغاندا، ئىسلام دىنىنىڭ ئەقىدىلىرى مۇنداق 6 تۈرلۈك:
ئاللاغا ئىشىنىش، پەيغەمبەرگە ئىشىنىش، پەرىشتىلىرىگە ئىشىنىش، مۇقەددەس كىتابلارغا ئىشىنىش، ئاخىر زامانغا ئىشىنىش ۋە تەقدىرگە ئىشىنىش. تۆۋەندە بىز مۇشۇ ئالتە تۈرلۈك تۈپكى ئېتىقاد ئۈستىدە سۆزلەپ ئۆتىمىز:
(1)ئاللاھغا ئىشىنىش
بۇ ئىسلام دىنىنىڭ ئەڭ تۈپكى ئېتىقادى «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ» (تامامى كائىناتنىڭ پەرۋەردىگارى بىر ئاللادۇر) ئاللا مۇسۇلمانلارنىڭ بىردىن-بىر چوقۇنىدىغان پەرۋەردىگارىدۇر. «قۇرئان» دا ئاللانىڭ سۈپەتلىرى تەرىپلەنگەن: «جىمى ھەمدۇ-سانا ئاسمانلارنىڭ پەرۋەردىگارى، زىمىننىڭ پەرۋەردىگارى ۋە ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاغا خاستۇر!» (45-سۈرە 36-ئايەت) «ئاللادىن باشقا ھىچ مەبۇدە يوقتۇر، ئۇ مۇتلەق پادىشاھتۇر (يەنى پۈتۈن مەخلۇقاتنىڭ مالىكىدۇر)، پاكتۇر (يەنى ھەممە نۇقساندىن پاكتۇر)، (مۆمىنلەرگە) سالامەتلىك بېغىشلىغۇچىدۇر. (دوستلارنى قورقۇنچتىن، ئازاپتىن) ئەمىن قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى كۆزىتىپ تۇرغۇچىدۇر، غالىپتۇر، قەھىر قىلغۇچىدۇر، ئۇلۇغلۇق ئىگىسىدۇر (مۇشرىكلارنىڭ) شېرىك كەلتۈرگەن نەرسىلىرىدىن پاكتۇر (59-سۈرە 23-ئايەت). ئاللا (ھەممىنى) ياراتقۇچىدۇر، يوقلۇقتىن پەيدا قىلغۇچىدۇر، (ھەممە نەرسىگە) سۈرەت (شەكىل) بېغىشلىغۇچىدۇر، ئەڭ چىرايلىق ئىسىملارغا ئىگىدۇر، ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئۇنىڭغا تەسبىھ ئېيتىپ تۇرىدۇ، ئۇ غالىپتۇر، ھىكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.» (59-سۈرە 24-ئايەت) « (ئىي مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ئۇ، ئاللا بىردۇر (1) ھەممە ئاللاغا مۇھتاجدۇر (2) ئاللا بالا تاپقانمۇ ئەمەس، تۇغۇلغانمۇ ئەمەس (3) ھېچ كىشى ئۇنىڭغا تەڭداش بولالمايدۇ (4).» (112-سۈرە 1-4 گىچە ئايەتلەر) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئاللانىڭ 99 ئىسمى بار، كىمدە-كىم ئۇنى ئېسىدە ساقلىسا ۋە تارقاتسا شۇ ئادەم جەننەتكە كىرىدۇ. ئاللا تەنھا بىردۇر. شۇڭا ئۇ تاق ساننى ياخشى كۆرىدۇ»، ئاللانىڭ شېرىكسىز، مۇستەسناسىز، تەنھا، بىر ئىكەنلىكى ئاللانىڭ ئاساسى ئالاھىدىلىكىدۇر. ھەربىر مۇسۇلمان ئاللانىڭ بىرلىكىدىن ئىبارەت بۇ ئېتىقادنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشى، ھەمدە ئاللاغا شېرىك كەلتۈرۈشنىڭ ئەڭ چوڭ كەچۈرگۈسىز گۇناھ (گۇناھى كەبىر) ئىكەنلىكىنى بىلىشى لازىم.
رەھىم-شەپقەتلىك بولۇش ئاللانىڭ يەنى بىر خاسلىقىدۇر. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ھەربىر بابى رەھمەتلىك ئاللانىڭ نامى بىلەن باشلىنىدۇ. ئاللا پۈتكۈل زېمىن ۋە يەر يۈزىدىكى جىمى مەخلۇقاتلارنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر. ئاللانىڭ ئوخشىشى، شەكلى يوق، پاكتۇر. ئۇ ئەسلىدىنلا مەۋجۇد. ئاللانىڭ بىلمەيدىغىنى يوق، ئۇ ھەممىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ. «ئاللا پۈتكۈل شەيئىلەردىن خەۋەردار»، «ئاللا ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنىمۇ بىلىپ تۇرغۇچىدۇر»، «ئاللا ھەممىگە قادىر»، «ھەممىدىن كۈچلۈك، ھەممىدىن قۇدرەتلىكتۇر».
(2)پەيغەمبەرگە ئىشىنىش
ھەربىر نەپەر مۇسۇلماننىڭ قەلبىدە، پەيغەمبەر ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ كىشىلەرگە ھەقىقەتنى يەتكۈزگۈچىدۇر. ئۇ، ئۇلۇغ ئاللانىڭ «بارلىق ئادەملەرگە رەھىم قىلىپ» ئەۋەتىپ بەرگەن، كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى، توغرا يولغان باشلىغۇچى، كىشىلەرگە ئىلتىپات قىلغۇچى، كىشىلەرنى قۇتقازغۇچى، كىشىلەرگە يول باشچىلىق قىلغۇچى پەيغەمبەردۇر. پەيغەمبەرگە ئىشىنىش تۆۋەندىكى بىر قانچە ئاساسى مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىرىنچى، پەيغەمبەر ئاللانىڭ ۋەھىيسىنى بىۋاسىتە قوبۇل قىلىپ، ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى يەتكۈزگۈچىدۇر. ئۇ «ئاللانىڭ يولى» نى تارقىتىدىغان مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسىگە ئالغان، شۇڭا ئۇ كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى كېرەك. ئاللا «قۇرئان كەرىم» دە: «ئاللاغا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبەرلىرىگە ئىمان ئېيتقان، ئۇلاردىن ھېچبىرىنىڭ ئارىسىنى ئاجرىتىۋەتمىگەن (يەنى ھەممىسىگە ئىمان ئېيتقان) كىشىلەرگە ئاللا ئۇلارنىڭ (تېگىشلىك) ئەجىرلىرىنى ئاتا قىلىدۇ، ئاللا ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر». (4-سۈرە 152-ئايەت) ئەمما بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ھەممىسى ئىلاھ ئەمەس، ئادەم، ئاللانىڭ بەندىسى، كىشىلەر پەيغەمبەرلەرگە ئاللاغا چوقۇنغاندەك چوقۇنمايدۇ. ئىككىنچى، ئىنسانلار تارىخىدا ئاللا ئېۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپلىكىگە ئىشىنىش، ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردە، ئوخشىمىغان مىللەتلەردە، ئاللا ئېۋەتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئوخشاش ئەمەس. پەقەت «قۇرئان كەرىم» دە تىلغا ئېلىنغان پەيغەمبەرلا 28 نەپەرگە يېتىدۇ، بۇلارنىڭ ئىچىدە «6 نەپەر چوڭ پەيغەمبەر» ھەم ئۇلۇغ ھەم «ئالاھىدە نام» لارغا ئىگە: ئادەم ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ يېقىن دوستى»، نوھ ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ بىشارەتچىسى»، ئىبراھىم ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ قەدىناسى»، مۇسا ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ ۋاكالىتەن سۆزلىگۈچىسى»، ئەيسا ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ روھىناتى»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام «ئاللانىڭ ئەلچىسى». ئۈچىنچى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ پەزىلىتى ئۆزىگە مۇجەسسەملەنگەن ئەڭ ئۇلۇغ پەيغەمبەر بولۇپ، ئۇ ئاللا ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدۇر. شۇڭا ئۇ «شەجەرىلىك پەيغەمبەر» دەپ ئاتالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «مەن ھەقىقەتەن پۈتكۈل ئىنسانلارغا ئەۋەتىلگەن پەيغەمبەرمەن» دېگەن. «لا ئىلاھە ئىللەللاھۇ، مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا» (ئاللا شېرىكسىز، مۇستەسناسىز ئىلاھتۇر، مۇھەممەد ئاللانىڭ بەرھەق ئەلچىسىدۇر» نى ئۈنلۈك ئوقۇپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللانىڭ ئەلچىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش بولسا، ئىسلام دىنى ئېتىقادىنىڭ تۈپكى ئاساسلىرىدىن بىرىدۇر. ئاللا «قۇرئان كەرىم» دە: «سىلەر ماڭا بويسۇنۇڭلار، پەيغەمبىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار» دېگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ شەجەرىلىك پەيغەمبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىشىلەرگە ئاگاھلاندۇرۇش، خۇشخەۋەر يەتكۈزۈش ھەمدە ئىسلام دىنىنى گۈللەندۈرۈشتەك ئۇلۇغ ۋەزىپىسىنى تاماملىغان، شۇڭلاشقا مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاھىدە ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مۇسۇلمانلار يەنە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسلام دىنىنى ياراتقۇچىسى ئەمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ، چۈنكى ئىسلام دىنى «ئەلمىساقتىن تارتىپ بار بولغان قەدىمى دىن» بولۇپ، ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن تارتىپ ئەيسا پەيغەمبەرگىچە تارقىتىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنى ئىدى. ئەيسا پەيغەمبەردىن كېيىنكى بىرقانچە يۈز يىل ئىچىدە ئىسلام دىنى تارقىتىلماي تاشلىنىپ قالغان. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللانىڭ تاپشۇرىقى بىلەن «قۇرئان كەرىم» نى يېتەكچى قىلىپ، قاتمۇ-قات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئىسلام دىنىنى قايتا گۈللەندۈرگەن ۋە تەدرىجىي راۋاجلاندۇرۇپ زورايتقان.
(3)پەرىشتىلەرگە ئىشىنىش
پەرىشتە، مالائىكە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، پەرىشتىنى ئاللا نۇردىن يارىتىدۇ. ئۇلارنىڭ جىنسى ئايرىلمايدۇ، قېرى-ياش دەپ ئايرىلمايدۇ، ئۆلمەيدۇ، تۇغۇلمايدۇ، توي قىلمايدۇ، يىمەيدۇ، ئىچمەيدۇ، ئۇخلىمايدۇ. كىشىلەرگە كۆرۈنمەيدۇ. ئۇلار پەقەت ئاللانىڭلا گېپىنى ئاڭلاپ، ئاللانىڭ بۇيرىقىنى ئىجرا قىلىدۇ. پەرىشتىلەرنىڭ سانى ئىنتايىن كۆپ، ئاللا «قۇرئان كەرىم» دە: «ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى-كەينىدە ئاللانىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار» (13-سۈرە 11-ئايەت) دېيىلگەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاتاقلىق 4 پەرىشتە بار: ئۇلار ئاللانىڭ ۋەھىيىسىنى يەتكۈزىدىغان پەرىشتە جىبرىئىل، «قۇرئان كەرىم» جىبرىئىل ئارقىلىق مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا يەتكۈزۈلگەن. پۈتكۈل ئالەمنى كۆزىتىپ ئىنسانلارغا رىزىق بېرىدىغان پەرىشتە،-مىكائىل، مەخسۇس ئۆلۈم ئىشلىرىغا مەسئۇل «جان ئالغۇچى پەرىشتە»-ئەزرائىل، ئاخىر زامان يېتىپ كەلگەندە كاناي چېلىشقا مەسئۇل پەرىشتە-ئىسراپىل ئەلەيھىسسالاملاردىن ئىبارەت. بۇلاردىن سىرت يەنە ئۆلگەندىن كېيىن سوئال-سوراق قىلىدىغان پەرىشتىلەر مۇنكىر، نەكىر، جەننەتنى باشقۇرىدىغان پەرىشتە رىزۋان، دوزاخنى باشقۇرىدىغان پەرىشتە مالىك قاتارلىقلار بار. ھەربىر ئادەمنىڭ ئوڭ ۋە سول مۈرىسىدە بىردىن پەرىشتە بولۇپ، ئوڭ مۈرىسىدىكى پەرىشتە بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغان ياخشى سۆز، ئىش-ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلەپ ماڭىدۇ، سول مۈرىسىدىكى پەرىشتە بۇ ئادەمنىڭ پۈتۈن ئۆمرىدە قىلغان يامان سۆز، يامان ئىش-ھەرىكەتلىرىنى خاتىرلەپ ماڭىدۇ. ئاخىر زامان يېتىپ كەلگەندە، ئومۇمىي ھېسابات قىلىنىپ، قىلغان ياخشى ئىش-ھەرىكەتلىرى مۇكاپاتلىنىپ، يامان ئىش-ھەرىكەتلىرى جازالىنىدۇ. يۇقىرقىلاردىن سىرت، دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئىسلام دىنى: ئاللا ئىنسانلارنى يارىتىشتىن ئىلگىرى پەرىشتىلەرنى ياراتقان، ئادەم ئەلەيھىسسالامنى ياراتقاندىن كېيىن، ئاللا پەرىشتىلەرنى ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تازىم قىلىشقا بۇيرۇغان. ئاللانىڭ بۇيرۇقى بىلەن پەرىشتىلەر ئادەم ئەلەيھىسسالامغا تازىم قىلغان بولسىمۇ، پەقەت شەيتان ئىبلىسلا ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىشنى رەت قىلغان. شۇڭا، ئاللا ئۇنى جازالاپ، ئۇنىڭغا باقى ئالەمدىكى دوزاخ ئوتىنى تەييارلاپ قويغان، دەپ ئىشىنىدۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدىكى، ئىنسانلار دۇنيادا ئەڭ قىممەتلىك بولۇپ، ئاللا ئۈچۈن زىمىننى باشقۇرۇش ۋەزىپىسىنى زىممىسىگە ئالغان. ئۇنىڭ ئورنى باشقا جانلىقلاردىن يۇقىرى تۇرىدۇ، ھەتتا پەرىشتىلەردىنمۇ يۇقىرى تۇرىدۇ، پەرىشتىلەر ۋە تەبىئەت دۇنياسىدىكى ھەممە نەرسىلەر ئىنسانىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
(4)مۇقەددەس كىتابلارغا ئىشىنىش
بۇنىڭ ئىككى مەنىسى بار: بىرىنچى، ئاللانىڭ كىشىلەرگە نازىل قىلىپ چۈشۈرۈپ بەرگەن مۇقەددەس كىتابلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ راست، ئاللادىن كەلگەن، ئاللانىڭ ۋەھىيسى ئىكەنلىكىگە، بۇ مۇقەددەس كىتابلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ تىلى ئەمەسلىكىگە، ئىنسانلارنىڭ ئۇلارنى دوراپ، تەقلىد قىلىشىغا بولمايدىغان دەستۇرلار ئىكەنلىكىگە ئېتىقاد قىلشتىن ئىبارەت. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئاللا ئوخشىمىغان تارىخى دەۋىرلەردە ئىنسانلارغا 104 پارچە مۇقەددەس كىتاب چۈشۈرۈپ بەرگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ئاتىغا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 10، شىيىسقا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 50، ئىدىرىسكە چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 30، ئىبراھىمغا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 10، داۋۇتقا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 1 «زەبۇر»، «داۋۇت شېئىرلىرى» ياكى «ئىنجىل، شېئىرى نەزمىلەر» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. مۇساغا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 1 «تەۋرات» بولۇپ، «موسا قانۇنلىرى» ياكى «مۇسانىڭ 5 ئەركانى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئەيساغا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 1 «ئىنجىل»، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا چۈشۈرۈپ بېرىلگىنى 1 «قۇرئان كەرىم» دىن ئىبارەت. ئىككىنچى، ئىسلام دىنى يەنە «قۇرئان» نازىل قىلىنغاندىن كېيىن، بۇرۇن چۈشۈرۈلگەن بارلىق دەستۇرلارنى ئەمەلدىن قالدۇرىۋېتىش كېرەك. گەرچە ئۇ دەستۇرلارنىمۇ ئاللا چۈشۈرۈپ بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن، مەزمۇنلىرىنى كىشىلەر قىسقارتىپ ياكى ئۆزگەرتىپ، قايتىدىن تۈزىۋالغان. شۇڭا ئۇلارنىڭ ۋاقتى ئۆتتى. كىشىلەر پەقەت «قۇرئان كەرىم» دىن ئىبارەت بۇ ئەڭ ئاخىرقى مۇقەددەس دەستۇرگە ئاساسەن ئىش قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئاللا چۈشۈرۈپ بەرگەن مۇقەددەس دەستۇر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىش. ئىسلام دىنىدىكى «مۇقەددەس كىتاب» قا ئىشىنىشنىڭ تۈپكى مەزمۇنىدۇر.
(5)ئاخىرەتكە ئىشىنىش.
بۇ يەنە «ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. «ئۆلگەندىن كېيىن قايتا تىرىلىش» كە ئىشىنىش، «قىيامەت كۈنىدىكى سوراق» قا ئىشىنىش. ئىسلام دىنى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى پانى ئالەم ۋە باقى ئالەمنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ، تۇغۇلۇش بولغان ئىكەن، ئۆلۈش بولىدۇ. ھامان بىر كۈنى دۇنيادىكى ھەممە نەرسە يوقىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. مانا بۇ «ئاخىر زامان» دۇر. ئۇچاغقا بارغاندا، پانى ئالەمدە ياشىغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قايتا تىرىلىپ، ئاللانىڭ سورىقىنى قوبۇل قىلىدۇ، ھۆكمىنى ئاڭلايدۇ. ياخشىلىق قىلغانلار جەننەتكە كىرىدۇ، يامانلىق قىلغانلار دوزاخقا چۈشىدۇ. ئاخىر زاماندىكى بۇ «قىيامەت سورىقى» دىن ھىچكىممۇ قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ قارىشىچە، پانى ئالەم ۋاقىتلىق، ئىنتايىن قىسقا، باقى ئالەم بولسا ئۇزۇن، مەڭگۈلۈك بولىدۇ. ئىسلام دىنى بۇ ئارقىلىق كىشىلەرنى قىلچە ئىككىلەنمەي ئاخىرەتكە ئىشىنىش، بۇ دۇنيانىڭ راھەت-پاراغىتىگە بېرىلمەسلىكنى ئاگاھلاندۇرىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دە ئاللا: «ئاخىرەت ياخشىدۇر ۋە باقىيدۇر» (87:17) دەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، كىشىلەرنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۇرمۇشىدىن ۋاز كېچىپ، ئاخىر زاماننى قوغلۇشۇپ كەتمەسلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام: «خۇددى مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك بۈگۈنكى دۇنيا ئۈچۈن تىجارەت قىلىڭلار، خۇددى ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئاخىرەت ئۈچۈن ئىبادەت قىلىڭلار» دەپ كىشىلەردىن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى جاھانغا يېڭىدىن كۆز ئاچقاندەك روھ بىلەن قىلىشنى، تىرىشىپ ئىشلەپ ئۆزىنىڭ ياخشى ئەمەللىرى بىلەن كىشىلىك تۇرمۇش مۇساپىسىنى ئوبدان مېڭىشىنى؛ ئۆزىنىڭ سەمىمىي ئەمگىكى ۋە ئەقىل-پاراسىتى بىلەن «ئاللا بۇ دۇنيادا كىشىلەر ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن نىمەت ۋە ھىدايەتلىرى» دىن بەھرىمەن بولۇپ، «ئىككى دۇنيالىق ساۋاب» نى قولغا كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.
(6)تەقدىرگە ئىشىنىش
بەزى دىنىي قائىدە-يوسۇن ئالىملىرى، تەغدىرگە ئىشىنىشنىمۇ، ئىسلام دىنىنىڭ تۈپكى ئېتىقادلىرىنىڭ بىرى دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ. ئىسلام دىنى دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاللانىڭ ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغانلىقىغا ئىشىنىدۇ، كىشىلەرنىڭ باي-كەمبەغەللىك، بەخت-تەلەي، بالا-قازا، ياشاش-ئۆلۈش، سەت-چىرايلىق، ياخشى-يامان بولۇشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئىرادىسى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. تەبىئەت دۇنياسىدىكى بوران-يامغۇر، گۈلدۈرماما، چاقماق چېقىش، 4 پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشى، تاغ-دەريا، گۈل-گىياھلار، كۈن-ئاي يۇلتۇزلار ئالەمنىڭ دەۋر قىلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاللانىڭ ئىرادىسىگە بويسۇنىدۇ. مانا بۇ مۇسۇلمانلار دائىم دەيدىغان: «ھەممە نەرسە تەقدىرگە باغلىق» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسىدۇر. بۇ تەقدىر قارىشىغا ئاساسەن ئالغاندا، تۇغۇلۇش، ئۆلۈشنى، كىمگە ھىدايەت قىلىش، كىمنى جازالاشنى، دۇنيادىكى بارلىق ئىشلارنى ئاللا ئاللىقاچان ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان بولۇپ، كىشىلەر ئۇنى ئۆزلىرى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئىسلام دىنىنىڭ چوڭ مەزھەپلىرى بۇ خىل تەقدىر نەزىرىيىسى، ئىنسانلاردا ئىرادە ئەركىنلىكى بولىدىغانلىقى، ئىنسانلارنىڭ ئىرادە ئەركىنلىكىنى ۋە تاللاش ھوقۇقىنى تارتىۋالمايدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمايدۇ. كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئەقىل-ئىدراكىنى قوللۇنۇپ ياخشى-يامانغا ھۆكۈم قىلىپ، ئېتىقادىنى تاللايدۇ؛ ھەربىر ئادەم ئۆزىنىڭ سۆز-ھەرىكىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. بۇ ئاللانىڭ ئۇلارنى شۇنداق قىلدۇرغانلىقىدۇر.
يۇقارقىدىكىلەر بىز دېمەكچى بولغان 6 چوڭ ئېتىقاد بولۇپ، مۇسۇلمانلار جەزمەن بويسۇنۇشى كېرەك. 6 چوڭ ئېتىقادنىڭ نېگىزى ئاللا ۋە پەيغەمبەرگە ئىشىنىشتىن ئىبارەت.

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1202

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش