ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن
*
كۆيەر ۋەتەن ئوت ۋە ئاتەش ئىچىدە،
خەلقىم گويا ۋەيلۇن ئىچرە شىكەستە،
مەن ھىجرەتتە تىنىچ- ئامان يۈرگۈچە،
كۆيسەمچۇ گەر ئەشۇ ئوتنىڭ قەھرىدە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
شاھى بەھرام ئاتلىق ئىنىم تۈرمىدە،
رەپىقىسى ئۆز يۇرتىغا سۈرگۈندە،
پەرزەنتلىرى قەلبى چاك -چاك شىكەستە،
مەن ھىجرەتتە شۇم خەۋەرنى ئىشىتكۈچە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
تەربىيلەش مەركىزىدە ئىكرامىم،
كەنجى ئىنىم- زىبا يۈزلۈك پالۋانىم،
«قاچان ئازاد؟» بۇنى بىلمەس ھىچ كىشىم،
مەن ھىجرەتتە يوقاتقۇچە ئارامىم،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
غەمگۇزارىم ئانام غەمدە -ھەسرەتتە،
شىپاخانە ئىچرە بىتاپ جان خەستە،
پەرزەنت ئوتى قەلبىدە لىق -پەۋەستە،
مەن ھىجرەتتە بىقوۋۇل ئاھ ئۇرغۇچە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
ھەدەم دەيدۇ: «تېلىفۇننى ئۇرماي قوي،
نېمە بولدى بۇنى زادى بىلمەي قوي،
خەۋپ يېتەر تېلفۇنىڭدىن بۇنى سەن تۇي!»
مەن ھىجرەتتە ياشتا يۈزۈم يۇغۇچە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
ئەزىز ۋەتەن قوينىدا گەر بولساممەن،
ئانام باشىن قۇچاغىمغا ئالساممەن،
شۇ مۇبارەك ئاياقلىرىن سۆيسەممەن،
مەن ھىجرەتتە يېتىم كەبى يۈرگۈچە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
ئەزىز ۋەتەن قوينىدا گەر بولساممەن،
زىندان ئىچرە قېرىندىشىم كۆرسەممەن،
ياكى ئۇندا بىللە زاۋال تاپساممەن،
مەن ھىجرەتتە سېغىنىشتىن ئۆلگۈچە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
ئەزىز ۋەتەن قوينىدا گەر بولساممەن،
خەلقىم بىلەن بىللە يىغلاپ – كۈلسەممەن،
بارۇ-يوقنى تەڭ كۆرۈپ تەڭ ئۆلسەممەن،
مەن ھىجرەتتە راھەت سۈرۈپ ياتقۇچە،
ئايرىلمىسام بولاركەن شۇ ۋەتەندىن.
*
2017 – يىلى، 28 – نويابىر، ئامېرىكا