ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - مارت يەكشەنبە سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز شادلىقى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئاكادېمىيەنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە

ئاكادېمىيەنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرى ھەققىدە

تۈركىيە ئىچى ۋە سىرتىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىگە ئەزا بولۇپ قوللاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىكلار، ئاكادېمىيە ئەزا ۋە ۋەكىللىرىنىڭ بەدەل پۇلى بىلەن، 2018-يىلى 7-فېۋرالدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇل چاپىدىكى ئىشخانىسىغا بىر نەپەر ئۇيغۇر كاتىب قوبۇل قىلىندى. نەتىجىدە، ئاكادېمىيەدە 3-4 يىلدىن بۇيان ئىشخانا بار، ئەمما ئىشلەيدىغان خىزمەتچى بولماسلىقىدەك ئەھۋالغا خاتىمە بېرىلدى.

ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ھەپتە ئىچى ئەتىگەن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە 5 كۈن ئوچۇق بولىدۇ.

ئەسكەرتىش: ھەپتە ئاخىرىدا دەرس ياكى پائالىيەت بولغاندا ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئوچۇق بولىدۇ، ئالاھىدە ئەھۋالدىن سىرىت ھەپتە ئاخىرى ئىش بىجىرىلمەيدۇ.

ئاكادېمىيە كاتىبى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە خالىسانە خىزمەت قىلىدۇ:

1) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تۈركچە كۇرسى ئېچىش

2) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنىڭ قانۇن – تۈزۈملىرى ۋە تۈرك ئۆرپ-ئادەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش ۋە لىكسىيە ئورۇنلاشتۇرۇش

3) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ياش – ئۆسمۈرلەر ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇش ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، مەكتەپلەرگە كىرىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش

4) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا ئىقامەت راندېۋۇسى (ئىقامەت ئۈچۈن ماتېرىيال تاپشۇرۇش ۋاقتى) ئېلىپ بېرىش

5) يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ تۆۋەن باھادىكى ئىشەنچلىك سالامەتلىك سوغۇرتىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش

6) ئىستانبۇل فاتىھ رايۇنىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ باللىرى ئۈچۈن ئانا تىل ۋە ئىنگىلىزچە كۇرسى ئېچىش

7) ئۇيغۇر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۆرلەپ ئوقۇشى ئۈچۈن ئىنگلىزچە ۋە ALES كۇرسى ئېچىش

8) كەلگۈسىدە تۈركىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈشنى ئارزۇ قىلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار قانۇن – تۈزۈملەر ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش

9) ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئۇيغۇر تارىخى ۋە پىسخولوگىيە پەنلىرى بويىچە دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش

10) ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش

ئىستانبۇلدىكى كونا – يېڭى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكادېمىيە خىزمەتلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوقۇش ۋە تۇرمۇشلىرىدىكى قېيىنچىلىقلارنى يېڭىۋېلىشى ئۈچۈن بۇ پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

قوشۇمچە: ئاكادېمىيەنىڭ بۇرۇندىن قىلىپ كېلىۋاتقان ئاساسلىق پائالىيەتلىرى

1) ئۇيغۇر پەن-تەتقىقاتچى، ئەدىب ۋە مۇتەخەسىسلەر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

2) ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى

3) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

4) ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى

5) ئاكادېمىيە تەۋپىق ئوقۇش مۇكاپاتى

6) ئۇيغۇر ماگېستىر ۋە دوكتۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە ياردەم قىلىش خىزمىتى

7) ئاكادېمىيە تورى ۋە تور كۈتۈپخانىسى خىزمىتى

8) ئاكادېمىيە لىكسىيەلىرى

9) ئاكادېمىيە ئىلمىي سۆھبەتلىرى

 ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئىستانبۇل چاپادىكى ئىشخانىسى

 Uyghur Academy Office in Istanbul

iletisim

ئادرىس Address: Şehrimeni Mah. Börekçi Veli Sok. No: 38/4, (Posta Kodu: 34104) Çapa, Fatih, İstanbul / Türkiye

تېلىفۇن Phone: 0090-2125897667

يانغۇن Mobile Phone: 0090-5306677851   /  0090-5063845639

ئېلخەت E-mail: uyghuracademy@gmail.com

تور بەت Web: www.akademiye.org

سەھىپىسى Facebook ئاكادېمىيە

Uyghur Academy Facebook

قانىلى Youtube ئاكادېمىيە

Uyghur Academy Youtube Channel

ئاكادېمىيە ئىشخانىسىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

(ئىستانبۇل تىبابەت فاكۇلتىتى قارشىسىدىكى چاپا-شەھرەمىنى ترامۋاي بىكىتى يېنىدا)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1172

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش