ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2017- يىلى 11- ۋە 12- نويابىردا ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فاتىھتىكى مۇدىرىيەت بىناسىدا «ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى» ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ۋاقتىدا
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » «قۇرئان كەرىم»نى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟

«قۇرئان كەرىم»نى قانداق ئوقۇشىمىز كېرەك؟

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn1Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

1354411e6l2hr1q1e6mtq1[1]

ئەلى ئىززەتبېگوۋىچ

«قۇرئان كەرىم»نى نەچچە قېتىم قايتىلاپ ئوقۇغانغان ئىدىم، بىراق بۇنىڭدىن بۇرۇن «قۇرئان كەرىمنى ھەقىقىي مەنىدە قانداق ئوقۇيمىز؟» دېگەن سوئال ھەققىدە پەقەتلا ئويلىنىپ باقمىغان ئىدىم. بۇ سوئال ھەققىدە ئويلىنىپ كۆردۈم، نەتىجىدە كاللامدا پەيدا بولغان بەزى چۈشەنچەلەرنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ ئۇشبۇ ماقالىنى يازدىم.
ھەممىدىن ئاۋال شۇنى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇۋىلىشىمىز كېرەككى، «قۇرئان كەرىم»دىكى ئايەتلەرنى بىر-بىرىدىن ئايرىپ چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ. «قۇرئان كەرىم»دە بايان قىلىنىش ئۇسۇلىدىن ئايرىم ھالدا تىلغا ئېلىنغان ھەر قانداق بىر ئايەت بىزگە تولۇق مەنىسى بىلەن ھەقىقەتنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەيدۇ. پەقەتلا ئۇنىڭدىن مەلۇم بىر قىسمىنىلا ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. چۈنكى ئەگەر «قۇرئان كەرىم» بىر پۈتۈن ھالدا ئىزاھلانسا، ئاندىن تولۇق بىر ھەقىقەتنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. يالغۇز بەزى ئايەتلەرنىڭ ئىزاھلىنىشى بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بۇ ئەھۋال ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئايەت بىلەنلا چەكلىنىدۇ. بۇ ئەھۋالنى بىر موزايكىغا ئوخشىتىپ چۈشەندۈرسەك تېخىمۇ چۈشۈنۈشلۈك بولىدۇ. بىر موزايكا تەگلىكىدە قىزىل ياكى قارا رەڭلەر پەقەت باشقا رەڭلەر بىلەن بىرلىكتە بولغاندا مەنە ئىپادىلەيدۇ. تەگلىككە تەۋە رەڭدىن ياكى بىر پارچىسىنى ئالغىنىمىزدا بۇ رەڭ ياكى پارچە تەگلىكنى تەشكىل قىلغان باشقا رەڭ ياكى پارچىلار بولماستىن تەگلىكنىڭ گۈزەللىكىنى تولۇق ھېس قىلغىلى بولمايدۇ. بۇنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىسالغا قاراپ چىقايلى. «ئەي! ئىمان ئېيتقۇچىلار!، سىلەرگە قىساس پەرز قىلىندى» دېگەن «قۇرئان كەرىم» ئايىتى قىساسنى يوللۇق كۆرىدۇ. يەنە بىر ئايەتتە بولسا ئەپۇ قىلىشقا چاقىرىلىدۇ. يەنى «كىمكى كەچۈرىۋەتسە، ئۇنىڭ ئەجرى ئاللاھ ھۇزۇرىدا بولىدۇ، ئاللاھ زالىملارنى ياخشى كۆرمەيدۇ» دېگەن ئايەت بار. «ئەي ئىمان ئېيتقۇچىلار! ئاللاھ سىزگە ھالال قىلغان رىزىقلارنى ھارام قىلىۋالماڭلار ۋە ھەددىدىن ئاشقۇچى بولماڭلار». بۇنىڭغا ئوخشاش مىساللارنى تېخىمۇ كۆپ بېرەلەيمىز. «قۇرئان كەرىم»نى ئوقىغان بىرەرسىگە نىسبەتەن بىر قىسىم ئايەتلەردە زىتلىق باردەك بىلىنىشى مۇمكىن. بىراق بۇنداق بولۇشى قەتئىي مۇمكىن ئەمەس. ئەكسىچە، ئەھۋال بۇنىڭ دەل ئەكسىچە بولىدۇ. ئىشنىڭ ھەقىقىتى بولسا «قۇرئان كەرىم» ۋە ئىسلامنىڭ يەككە-يىگانە بولۇشىغا زىچ مۇناسىۋەتلىك. كۆرۈنۈشتە «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى ئوتتۇرىسىدا تولۇق ماسلىشىش بار بولۇپ، دەسلەپتە زىتلىق باردەك كۆرۈنىدۇ. چۈنكى «قۇرئان كەرىم» بىزنى يالغۇز بىرلا ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئەكسىچە، ئىككى ئىشنىڭ تەڭ بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بىزدىن يالغۇزلا قىساس ئېلىشىمىزنىلا تەلەپ قىلمايدۇ. بەلكى بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە كەچۈرۈم قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇنىڭ تەتۈرىسنى ئويلىساقمۇ بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم» بىزدىن يالغۇز ئاخىرەت ئۈچۈنلا ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلمايدۇ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۇنيا ئۈچۈنمۇ ئىشلىشىمىزنى تەلەپ قىلىدۇ. يەنى بىرى بولماي تۇرۇپ يەنە بىرىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەق ئۈچۈن بولسىمۇ جازادىن باشقا ھېچقانداق بىر ئىشنى ئويلىمايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانى مۇكەممەل بىر ئىمان سەۋىيەسىگە يېتەلمىگىنىگە ئوخشاش، يالغۇز كەچۈرۈم قىلىشنىلا ئويلايدىغان بىر مۇسۇلماننىڭ ئىمانىمۇ مۇكەممەل بىر ئىمان ھېسابلانمايدۇ. ئۇنداقتا كامالەتكە يەتكەن مۇسۇلمان ئىككى ئەمىرنىمۇ بىلگەن ھالدا مۆتىدىل ھەرىكەت قىلىدىغان كىشىدۇر. بىر ئاز بۇرۇن يىغىنچاقلاپ ئۆتۈلگەن يەكۈنلەرنى «قۇرئان كەرىم» بىر پۈتۈن ھالدا ئانالىز قىلىنغاندا ئاندىن تولۇق چۈشۈنۈپ يەتكىلى بولىدۇ. بىر قىسمىلا چىقىش قىلىنسا يۈزەكى چۈشىنىۋېلىش كېلىپ چىقىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئىسلام ۋە ئىسلام رىسالىسىنى تولۇق چۈشىنىش ۋە بۇ مەقسەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن مۇشۇ ئۇسۇلنى ئەڭ ياخشى ۋە ئەڭ مۇۋاپىق، دەپ قارايمەن.
يەنە بىر مۇھىم مەسىلە بولسا، «قۇرئان كەرىم»نى ئىزچىل ئوقۇپ تۇرۇش لازىم. بۇ ئۇسۇلنى، «قۇرئان كەرىم» نۇرىنىڭ پارلاقلىقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن ئەڭ ئىشەنچلىك يول، دەپ قارايمەن. چۈنكى «قۇرئان كەرىم»نى ھەر قېتىم ئوقۇغىنىمىزدا يېڭى-يېڭى نەرسىلەرنى چۈشۈنىۋىلىشىمىزغا پايدىسى بولىدۇ. «قۇرئان كەرىم»گە ھازىرغىچە ھېچقانداق بىر ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمەسىتىن شۇ پېتى ساقلىنىپ كەلگەن. بىراق ئۆزگەرگەن بىرلا نەرسە بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ بىز. ئەتراپىمىزدىكى نەرسىلەر، شەرت-شارائىتلار ئۆزگەردى، قىسقىسى دۇنيا ئۆزگەردى. بۇ ئۆزگىرىشلەر بولسا بىزنى يېڭى، ئەمما مۇرەككەپ ۋە چېگىش مەسىلەلەر بىلەنلا بەند قىلىپ قويۇش بىلەن بىرگە، بۇنىڭدىن بۇرۇن ئوقۇغان «قۇرئان كەرىم»دىن پۈتۈنلەي غەپلەتتە قېلىشىمىزنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئەمما بىردىنلا قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئايەتلەرنىڭ سادالىرىنى ھېس قىلغىنىمىزدا «قۇرئان كەرىم»نىڭ ھەقىقىي مەنەسىدىن پۈتۈنلەي خەۋەرسىز قالغانلىقىمىزنى تونۇپ يەتتۇق. ھەر كىمنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىپ بېقىشىنى ۋە ئۆزى ھەققىدە قايتىدىن ئويلىنىپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن. مەن بۇ ماقالەمدە بەزى شەخسىي تەجرىبىلىرىمدىن مىسال بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.
بۇنىڭدىن ئىنتايىن ئۇزۇن يىللار بۇرۇن، يەنى ياش چاغلىرىمدا «قۇرئان كەرىم»نى ئوقۇش ئەسناسىدا جىھاد، ئادالەت ۋە ئەمەل ھەققىدىكى ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك ئويلىناتتىم. بۇنىڭغا ئۆز ۋاقتىدىكى خاتىرە دەپتىرىم ئىسپات بولالايدۇ. ئاللاھ باشقا نۇرغۇنلىغان دەپتەرلىرىم ئىچىدىن پەقەت مۇشۇنىلا ماڭا ھېچقانداق زىيان-زەخمەت يەتمەستىن يەتكۈزۈپ بەردى. بۇ دەپتەر «قۇرئان كەرىم»دىن ئېلىنغان بۇ ئايەتلەر ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئايەتلەر بىلەن تولغان ئىدى. بۇ ئايەتلەرنىڭ بىرىدە دۈشمەنلەرنىڭ ۋە ئىستىبداتنىڭ رەت قىلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك مۇسۇلمانلارنىڭ شەخسىيىتى ھەققىدە توختىلىدۇ. «زۇلۇمغا ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۆزلىرىنى قوغدايدۇ»(شۇرا، 39). مەن نۆۋىتى كەلسىلا بۇ ماقالەمدە تەكىتلىگەن ئايەتلەر ھەققىدە ئويلىنىۋاتقاندا، بىر ئاللاھ ھەققىدە توختالغان ۋە دۇنيا ھاياتىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئايەتلەر ئالاھىدە دىققىتىمنى قوزغىدى. ئاللاھتالادىن باشقا ھەر نەرسىنىڭ يوق بولۇپ كېتىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەر مېنىڭ شەخسىيىتىمنى تەسىرى ئاستىغا ئالغانلىقىنى ۋە تەسىرىنىڭ ھازىرغىچە مەندە بارلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتمەكچىمەن. چۈنكى ئاللاھ ۋەدە قىلغان ھەقىقەت زىتلىق تاپقىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى. «ھەر نەرسە پانىيدۇر، لېكىن كەرەم ۋە ياخشىلىق ئىگىسى رەببىڭ باقىيدۇر» . يەنى ئاللاھتالا ئۆز ئالدىغا پۈتۈن شەيئىلەردىن بۇرۇن ۋە ئۇلاردىن كېيىنمۇ مەڭگۈلۈك ئىدى. بۇ دەل ئۆز ئالدىغا ئۆزگەرمەس بىر ھەقىقەت ھېسابلىناتتى. ئانام قازا قىلغاندا ئىنتايىن قايغۇرغان ئىدىم. فەجر سۈرىسىدىكى(27-30)«ئەي ئارام تاپقۇچى جان! سەن پەرۋەردىگارىڭدىن مەمنۇن، پەرۋەردىگارىڭ سەندىن رازى بولغان ھالدا، ئۇنىڭ دەرگاھىغا قايتقىن. سەن مېنىڭ «ياخشى بەندىلىرىم» قاتارىغا قوشۇلغىن. مېنىڭ جەننىتىمگە كىرگىن» دىگەن ئايەتلەرنىڭ مەنىسىنى بۇرۇن ھازىرقىدەك ھېس قىلىپ باقمىغان ئىكەنمەن. بۇ ئايەتلەر ماڭا بەكلا تەسىر قىلغان ۋە ئۆز-ئۆزۈمدىن مۇنۇ سوئاللارنى سورىغان ئىدىم: «كىممۇ بىرەرسىنىڭ ئانىسى قازا قىلغاندا، ئۇنىڭغا ئانىسىنىڭ ئۆلۈمىنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن تېخىمۇ گۈزەل بىر سۆز ئېيتالىسۇن؟». ئۇنداقتا «قۇرئان كەرىم» بىر تەرەپتىن شەرىئەت، يەنە بىر تەرەپتىن جىھادنى ئۇلۇغلايدىغان، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا زاماننىڭ دائىرىسىدىن چىقىش يولى تاپالمايۋاتقانلارغا تەسەللىي مەنبەسى ئىدى. بۇنىڭغا بىنائەن شەخسىي ھاللىرىمىزغا كۆرە دىققىتىمىزنى بىر نەرسە تارتقان بولسا يەنە بىرخىل ئەھۋالدا دىققىتىمىزنى باشقا بىر نەرسە تارتىشى مۇمكىن. بۇ ئەھۋالنىڭ «قۇرئان كەرىم»دىكى ئىپادىلىرى ئىنساننىڭ ئالاھىدە ئەھۋاللىرىغا مۇناسىۋەتلىك بولغىنىغا ئوخشاش، ئىجتىمائىي ۋە تارىخىي شارائىتلارغىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئۇنداقتا جەمئىيەت ياكى تارىخقا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار، ئېتنىك ئوخشىماسلىقلارنىڭ جەمئىيەتنى پارچىلىشى، كۆز قارىشىمىزنى ئاياللارنىڭ ھوقۇقتا باراۋەرلىكى، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەردە توختالغان ئايەتلەر ئۈستىدە كۆپرەك باش قاتتۇرۇشىمىزغا بۇرايدۇ. مەسىلەن، دىنى قانۇن دەپسەندە قىلىنغان ياكى قايسى خىل شەكىلدە بولۇشتىن قەتئىينەزەر بۇ مەسىلىدىكى ئىتىخىلاپلار ۋە ئوخشىماسلىقلار ئەۋج ئالغان بىر جەمئىيەتتە ئۈچ سۆزدىن تەشكىل تاپقان مۇنۇ ئايەت كۈنتەرتىپكە كېلىدۇ، «دىندا مەجبۇرلاش يوق».
بىز مۇسۇلمانلار ئايەتلەرگە ئوخشاش قارايمىز. بىراق غەيرى مۇسۇلمانلار «قۇرئان كەرىم»دىكى يۇقىرىقى قىسقا ئايەتنىڭ، دىنى كەڭچىلىك نۇقتىسىدىن ئەڭ چوڭقۇر مەنىنى بىلدۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىشىدۇ. بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلانساق بولىدۇ. بىراق مەزكۇر مەسىلە قىسقىغىنە بولغان ماقالەمنىڭ دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىدۇ.
شۈبھىسىزكى، «قۇرئان كەرىم»نىڭ ئوقۇلۇشى ۋە ئاڭلىنىشى ھەققىدە نېمىنى كۆزدە تۇتقانلىقىم ئۈستىدە توختلىشىمىز لازىم. بەزى ئىنسانلار مۇسۇلمانلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنەلمىگەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇنى پايدىسى ئىنتايىن ئاز ئىشتەك ئويلىۋالىدۇ. مەن بۇ قاراشقا قوشۇلمايمەن ۋە ھاياتىمدا پەقەتلا ئېسىمدىن چىقمايدىغان بىر ۋەقەنى بۇ يەردە تىلغا ئېلىپ ئۆتمەكچىمەن. بۇنىڭدىن بىر نەچچە يىل بۇرۇن بىر خەلقئارالىق ئىسلام يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغان ئىدىم. يىغىن ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرىدە چاقىرىلغان ئىدى. يىغىنغا كۆپ ساندىكى ئۆلىما ۋە ئالىملار ئىسلام چۈشەنچىسىنىڭ يېڭىلىنىش مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن قاتناشقان ئىدى. ھەر كۈنى يىغىننىڭ باشلىنىشىدا ۋە ئاخىرىدا دۇنيادا تونۇلغان قارىلار تەرىپىدىن قۇرئان خەتمە قىلىنىۋاتاتتى. ئۆلىما ۋە ئالىملار ماقالە ئوقۇۋاتقاندا بەزى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ بىر-بىرىگە پىچىرلىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالاتتۇق. بىراق «قۇرئان كەرىم»دىن ئايەتلەر ئوقۇلۇشقا باشلانغاندا زالدا جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈرۈشكە باشلايتى. يىغىن ئىشتىراكچىلىرى پۈتۈن زېھنى بىلەن «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىنى ئاڭلايتتى. قارىنىڭ ئېغىزىدىن «قۇرئان كەرىم» ئايەتلىرى تۆكۈلۈشكە باشلىغاندىكى ئەھۋال بىر دەريانىڭ جىمجىت ۋە ئاستا ئېقىشىغا ئوخشايتتى. ئارقىدىن ئىنساننى تېخىمۇ ئۇزاقلارغا باشلىغان بىر شارقىراتمىنىڭ بېشىغا ئېلىپ كېتەتتى. قارى تىلاۋەت قىلىۋاتقان «راھمان سۈرەسى»دىكى «رەببىڭنىڭ قايسى نېمەتلىرىنى ئىنكار قىلالايسىلەر؟» ئايىتى يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنى گويا بىپايان ئوكيانلارغا باشلاپ كەتتى. مەن بۇ گۈزەل مىنۇتلاردا شۇنى ھېس قىلدىمكى، تىلاۋەت قىلىنىۋاتقان ئايەتلەرنى تولۇق چۈشەنگەن ئىدىم. ئۆزەمنى مۇھاكىمە يىغىنى جەريانىدا يىغىن ئىشىتىراكچىلىرىغا شۇنچىلىك يېقىن ھېس قىلدىم. باشقىلارنىڭ يۈزىدىمۇ شۇ ئىپادىنى كۆرگىلى بولاتتى. يەنى «قارىمامسىز؟ ھەممىمىز ئىسلامدا قېرىنداشقۇ؟».
بۇ ئىشتىن كېيىن «قۇرئان كەرىم»نى چۈشۈنۈپ ئوقۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى ھېس قىلدىم. پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ قەلبلىرى «قۇرئان كەرىم»نى مۇشۇ شەكىلدە ياكى باشقا بىر شەكىلدە چۈشىنەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە «قۇرئان كەرىم»نى چۈشىنىپ ئوقۇشمۇ ۋاجىپتۇر.
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
مەنبە: ئۇيغۇرئونلايىن.نت،
تۈركچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: قۇتلۇق بىلگە
ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 03 June 2011
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭
http://uyghuracademy.com/?p=17192
٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭٭

 

Email this to someoneTweet about this on TwitterShare on LinkedIn1Print this pageShare on Facebook33Share on Google+0

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1112

ئىنكاسلار (7)

  • كەلگەنلەر

    سالامۇ ئەلەيكۇم ! تورداش تېنىچلىق.
    يۇقىرىدا قۇرئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش توغرىسىدا بىرقانچە بەلگىلىمە ۋە ئايەتلەرنى مىسال قىلىپ ئەۋەتىپسىز بۇنىڭ ئۈچۈن سىزگە رەھمەت ئېيتىمەن . لىكىن بۇ ئەۋەتكەن مىساللىرىڭىزنى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش جەريانىدا، بەزەن بىر قىسىم ئايەتلەرنى چۈشۈنەلمىدىم . مەسلەن : ئايەت بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، اﷲ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ.ئەنئام سۈرىسى 39 – ئايەت . مۇشۇ ئايەتنىڭ ئايەتبىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر . مۇشۇ قىسمىغىچە ياخشى چۈشەندىم ، لىكىن اﷲ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ . دىگەن قىسمىنى چۈشۈنەلمىدىم . ئەگەر ئاللاھ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرسا ھازىرقى كاپىرلارنىڭ ئېزىپ كېتىشىگە ئاللاھ سەۋەپچىمۇ ؟ ياكى ئاشۇ ئازغۇچىلارنىڭ ئۆزى سەۋەپچىمۇ ؟ ئەگەر ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغاننى ئازدۇرسا ئۇ ۋاقىتتا گۇناھ ئازغۇچىللاردىمۇ ؟ ئۇنداق بولسا بۇ ئايەت بىلەن شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ.يۈنۈس سۈرىسى 44- ئايەت بۇ ئايەت ئوتتۇرسىدا زىتلىق بولۇپ قالمامدۇ ؟ مۇشۇ ئايەتلەرنى تېخىمۇ ئنىق قىلىپ چۈشەندۇرۇپ بەرسىڭىز ؟ مۈجمەل بولۇپ قالغان يەرلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۈرۈپ بەرگەن بولسىڭىز ؟ يەنە بىر قېتىم رەھمەت .

  • كەتمەنباي

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەزكۇر ماقالىنىڭ ئىملاسى توغرىلانغاندىن كېيىنكى نۇسخىسىنى مەن «ئىزدىنىش مۇنبىرى»گە يوللاپ قويغان ئىدىم. ئەگەر ئاۋارىچىلىق دەپ قارىمىسىڭىز، شۇ نۇسخىنى بۇنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇپ قويسىڭىز.
    مەنزىل: http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=52166

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام،رەخمەت سىزگە كەتمەناي
      بىزنى قوللاپ قۇۋۋەتلەپ،يېقىندىن كۆيۈنگەنلىكىڭىز ئۈچۈن رەخمەت.
      مۇشۇ ئىزدىنىش تورىدىكى شۇ ماقالا تۇلۇق ئېچىلماي خاپا قىلىپ،ئاندىن سىزنىڭ بىلوگدىن ئالغانتىم.
      مۇمكىن بولسا ئىنكاس شەكلىدە بىزگە ئىبەرتىپ بېرەلەرسىزمۇ قېرىندىشىم؟

  • تېنىچلىق

    قۇر’ئاننى تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇڭ

    ئىسلام دىنىنىڭ ئاساسى قانۇنى بولغان قۇر’ئان كېرىمنى نۇرغۇنلىرىمىز ئوقۇۋاتىمىز ،بۇ توغۇرىسىدىكى ئىزدىنىشلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، ھازىر مۇسۇلمانلار ئارىسىدا يەنىلا قۇر’ئان كېرىم ئەرەپچى نازىل بولغان شۇڭا ئەرەپچە ئوقۇش توغرا دەيدىغان ئىدىيە ئاساسى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ……مەنمۇ ھەم بۇ تېمىغا كۆڭۇل بۆلگۇچى بولغۇنۇم ئۈچۈن ”قۇر’ئاننى قانداق ئوقۇش كېرەك“دىگەن تېمىغا دائىر قۇر’ئاندىكى بەلگىلىمىلەرنى يىغىپ كۆردۇم، قۇر’ئاندا(ئاللاھنىڭ قانۇنىدا) قۇرئاننى قانداق ئوقۇش توغۇرىسىدا تۆۋەندىكىچە بەلگىلىمىلەر كۆرسۇتۇلگەن؛
    1.قۇر’ئاننى پاكلانغان ھالدا (تەرەت ئېلىپ) ئوقۇش.
    بۇ ئەلۋەتتە ئاللاھقا بولغان ھۇرمەت ،چەكسىز يۈزلىنىشنىڭ ئىپادىسىدۇر.
    2.شەيتاننىڭ ئازدۇرۇپ كېتىشىدىن پاناھلىق تىللەپ ئوقۇش.
    چۈنكى شەيتان ھەر چاغ بىزنى توغرا يولدىن ئازدۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ تۇرىدۇ.
    3.تېنىچ ئولتۇرۇپ(گەپ-سۆز قىلماي) ئوقۇش(ئاڭلاش).
    4.دانە-دانە قىلىپ(ئالدىرىماي) ئوچۇق ئوقۇش.
    5.ئەلۋەتتە ”ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن“دەپ باشلاش.
    6.تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇش،بىلىش ئاساسىدا ئوقۇش.
    يۇققۇرقى 6 تۇرلۇك بەلگىلىمىنىڭ 1-5 -سىگىچە بولغان بەلگىلىمىنى بىز ئاڭلىغان .بۇ 6 بەلگىلىمىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بىز سەل قاراۋاتقان ،قۇر’ئاندا نۇرغۇن قېتىم ھەر خىل شەكىلدە بايان قىلغان“تەپەككۈر قىلىپ ئوقۇش،بىلىش ئاساسىدا ئوقۇش“ تۇر. شۇڭا بىز قۇر’ئاننى ئەرەپچى ئوقۇ! ئۇيغۇرچە ئوقۇ! دىمەي بىلىش ئاساسىدا ئوقۇ! تەپەككۇر قىلىپ ئوقۇ دىيىشىمىز توغرىدۇ.
    بىلىشىمىز كېرەككى ”قۇر’ئان“نىڭ ئىنسانلارغا رەھمەت قىلىپ نازىل قىلىنىشى ،پەقەت ۋە پەقەتلا ئىنسانلارنىڭ ئاللاھنىڭ قانۇنىنى بىلىش ئاساسىدا ئوقۇپ،تەپەككۇر قىلىشى ،ئاللاھنىڭ مۇكاپاتلىرىنى ئارزۇ قىلىشلىرى،غەزەپلىرىنى بىلىپ ئۇنىڭدىن قورقۇشى،چەكلىگەن ئىشلىرىدىن ئۆزىنى تارتىپ ،بۇيرىغان ئىشلىرىنى قىلىشلىرى ئۈچۈندۇر.
    شۇڭا بىز قۇر’ئاننى ئوقۇش ئۈچۈن ئوقۇماي،ئاللاھنىڭ بەلگىلىمىلىرىنى بىلىش،تەپەككۇر قىلىش ئۈچۈن ئوقۇشىمىز توغرىدۇر.
    تۆۋەندىكى مۇناسىۋەتلىك ئايەتلەرنى تەپەككۇر قىلىڭ:
    كىمكى اﷲ قا ۋە پەيغەمبىرىگە ئاسىيلىق قىلىپ، اﷲ نىڭ قانۇنلىرىنىڭ سىرتىغا چىقىپ كېتىدىكەن، اﷲ ئۇنى دوزاخقا كىرگۈزىدۇ، ئۇ دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، خورلىغۇچى ئازابقا دۇچار بولىدۇ.نىسا سۈرىسى 14 – ئايەتبىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، اﷲ خالىغان ئادەمنى ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى توغرا يولغا سالىدۇ.ئەنئام سۈرىسى 39 – ئايەت
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر اﷲ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى اﷲ تىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ).ئەنئام سۈرىسى 46 – ئايەت
    مۇنبەت يەرنىڭ گىياھسى اﷲ نىڭ ئىزنى بىلەن تولۇق ئۈنىدۇ (بۇ ۋەز – نەسىھەتكە قۇلاق سېلىپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىدىغان مۆمىننىڭ مىسالىدۇر)، ناچار يەرنىڭ گىياھسى ئاز ئۆسىدۇ (بۇ ۋەز – نەسىھەتتىن پايدىلانمايدىغان كاپىرنىڭ مىسالىدۇر)، شۈكۈر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن قۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلىمىز.ئەئراف سۈرىسى 58 – ئايەت
    ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ۋە ئايەتلىرىمىزدىن غاپىل بولغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىپ جازالىدۇق .ئەئراف سۈرىسى 136 – ئايەت
    يەر يۈزىدە ناھەق تەكەببۇرلۇق قىلىدىغانلارغا مېنىڭ ئايەتلىرىمنى پەھىم قىلدۇرمايمەن، ئۇلار بارلىق مۆجىزىلەرنى كۆگەندىمۇ ئۇنىڭغا ئىشەنمەيدۇ، ئۇلار ئەگەر توغرا يولنى كۆرسە، ئۇنىڭدا ماڭمايدۇ، گۇمراھلىق يولىنى كۆرسە ئۇنىڭدا ماڭىدۇ، بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلدى ۋە ئۇنىڭدىن غاپىل بولدى. ئەئراف سۈرىسى146- ئايەت
    شەك – شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق، ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر.ئەئراف سۈرىسى179- ئايەت
    شۈبھىسىزكى، اﷲ نىڭ نەزىرىدە ھايۋانلارنىڭ ئەڭ يامىنى (ھەقنى ئاڭلىماي) گاس بولۇۋالغان، (ھەقنى سۆزلىمەي) گاچا بولۇۋالغان، (ياخشى – ياماننى پەرق ئەتمەي) ئەقلىنى يوقاتقان كىشىلەردۇر.ئەنفال سۈرىسى 22 – ئايەت
    ئەگەر اﷲ ئۇلاردا بىرەر ياخشىلىق بار دەپ بىلسە ئىدى، ئەلۋەتتە ئۇلارغا (ھەقنى) ئاڭلىتاتتى؛ ئۇلارغا ئاڭلاتقان تەقدىردىمۇ، ئۇلار ھەقتىن ئەلۋەتتە يۈز ئۆرۈگەن ھالدا باش تارتاتتى.ئەنفال سۈرىسى 23 – ئايەت
    ئى مۆمىنلەر! اﷲ ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى سىلەرنى تىرىلدۈرىدىغان (يەنى ئەبەدىي ھاياتقا ئېرىشتۈرىدىغان) ئىمانغا دەۋەت قىلسا، ئۇنى قوبۇل قىلىڭلار. بىلىڭلاركى، اﷲ كىشى بىلەن ئۇنىڭ قەلبى ئارىسىدا توسالغۇ بولالايدۇ (يەنى كىشىنىڭ دىلىنى ئىگىسىنىڭ خاھىشى بويىچە ئەمەس، بەلكى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەررۇپ قىلىدۇ). (قىيامەت كۈنى) سىلەر اﷲ نىڭ دەرگاھىغا يىغىلىسىلەر.ئەنفال سۈرىسى24- ئايەت
    «ئەگەر اﷲ ئىرادە قىلسا، سىلەرگە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) تىلاۋەت قىلماس ئىدىم، اﷲ مۇ ئۇنى (مەن ئارقىلىق) سىلەرگە بىلدۈرمەس ئىدى. ئاراڭلاردا ئۇنىڭدىن (يەنى قۇرئان نازىل بولۇشتىن) ئىلگىرى ئۇزۇن زامان تۇردۇم، (مۆجىزە بولغان بۇ قۇرئاننىڭ پەقەت اﷲ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىنى بىلىشكە) ئەقلىڭلارنى ئىشلەتمەمسىلەر؟» دېگىن.يۈنۈس سۈرىسى 16 – ئايەت
    ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار قۇرئاننىڭ مەنىسىنى تولۇق چۈشەنمەي ۋە ھەقىقىتىگە تېخى ئەقلى يەتمەي تۇرۇپ ئۇنى ئىنكار قىلىشتى. ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇلارغا ئوخشاش يالغانغا چىقارغان ئىدى. زالىملارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ باققىن.يۈنۈس سۈرىسى 16 – ئايەت
    ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغىنىڭدا) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، سەن گاسلارغا (يەنى اﷲ ئاڭلاش ئىقتىدارىنى ئېلىپ تاشلىغانلارغا) ئۇلار ھېچ نەرسىنى چۈشەنمىسىمۇ ئاڭلىتالامسەن؟.يۈنۈس سۈرىسى 42 – ئايەت
    شۈبھىسىزكى، اﷲ ئىنسانلارغا قىلچە زۇلۇم قىلمايدۇ، لېكىن ئىنسانلار (كۇفرى ۋە گۇناھ ئارقىلىق) ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زۇلۇم قىلىدۇ.يۈنۈس سۈرىسى 44- ئايەت
    ئى ئىنسانلار! سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن نەسىھەت بولغان، دىللاردىكى دەردكە (يەنى شەك ۋە نادانلىققا) شىپا بولغان، مۆمىنلەرگە ھىدايەت ۋە رەھمەت بولغان (قۇرئان) كەلدى.يۈنۈس سۈرىسى 57- ئايەت
    ھەر قانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ.يۈنۈس سۈرىسى 100- ئايەت
    (كاپىرلار ۋە مۆمىنلەردىن ئىبارەت) ئىككى پىرقە) ئەماغا ۋە گاسقا ئوخشايدۇ، (يەنە بىر پىرقە بولسا) كۆزى كۆرۈدىغان، قۇلىقى كۆرۈدىغان، قۇلىقى ئاڭلايدىغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، ئۇلارنىڭ ئەھۋالى بىر – بىرىگە ئوخشامدۇ؟ ئىبرەت ئامامسىلەر؟.ھۇد سۈرىسى 24 – ئايەت
    (ئۇلارنى ئۇلارنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) دەلىللەر ۋە مۇقەددەس كىتابلار بىلەن (ئەۋەتتۇق)، بىز ساڭا قۇرئاننى ئىنسانلارغا چۈشۈرۈلگەن شەرىئەتنى بايان قىلىپ بەرسۇن، ئۇلار (بۇ قۇرئاننى) پىكىر قىلىپ (ئۇنىڭدىن ۋەز – نەسىھەت ئالسۇن) دەپ نازىل قىلدۇق.نەھل سۈرىسى 44 – ئايەت
    قۇرئاننى كىشىلەرگە دانە – دانە ئوقۇپ بېرىشىڭ ئۈچۈن ئۇنى بۆلۈپ – بۆلۈپ نازىل قىلدۇق، ئۇنى تەدرىجىي نازىل قىلدۇق.ئىسرا سۈرىسى 106 – ئايەت
    پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرى بىلەن پەند – نەسىھەت قىلىنغان، ئۇ ئايەتلەردىن يۈز ئۆرۈگەن ۋە ئۆزىنىڭ قىلغان گۇناھلىرىنى ئۇنتۇغان كىشىدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، بىز ئۇلارنىڭ دىللىرىغا قۇرئاننى چۈشىنىشكە توسقۇنلۇق قىلىدىغان پەردىلەرنى تارتتۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق، ئەگەر ئۇلارنى ھىدايەتكە دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار ھەرگىز ھىدايەت تاپمايدۇ (يەنى ئۇلارنى ئىمانغا، قۇرئانغا دەۋەت قىلساڭ، ئۇلار دەۋىتىڭنى ھەرگىز قوبۇل قىلمايدۇ).كەھف سۈرىسى 57 – ئايەت
    ئاندىن بىزنىڭ پەيغەمبەرلىرىمىزنى ئارقىمۇ ئارقا ئەۋەتتۇق، ھەر ئۈممەتكە ئۇنىڭ پەيغەمبىرى كەلگەن چاغدا، ئۇلار ئۇنى ئىنكار قىلغانلىقتىن، ئۇلارنى ئارقىمۇ ئارقا ھالاك قىلدۇق، ئۇلارنى (كىشىلەرگە) ھېكايە قىلىپ قالدۇردۇق، ئىمان ئېيتمايدىغان قەۋم اﷲ نىڭ رەھمىتىدىن) يىراق بولسۇن.مۇئمىنۇن سۈرىسى 44 – ئايەت
    ھەربىر قەۋمگە نۇرغۇن مىساللارنى بايان قىلدۇق، (ۋەز – نەسىھەت ئۈنۈم بەرمىگەنلىكتىن) ھەربىر قەۋمنى ھالاك قىلدۇق.فۇرقان سۈرىسى 39 – ئايەت
    بىز ئىنسانلارغا (قۇرئاندا ئۇلارنىڭ زېھنىغا يېقىنلاشتۇرۇش ئۈچۈن) بايان قىلغان بۇ تەمسىللەرنى پەقەت ئالىملارلا چۈشىنەلەيدۇ.ئەنكەبۇت سۈرىسى 43 – ئايەت
    بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە كۈچىنىڭ بېرىچە قارشى تۇرغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ.سەبەئ سۈرىسى 5 – ئايەت
    (بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز – نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر.ساد سۈرىسى 29 – ئايەت
    قۇرئان ئەرەبچىدۇر، ئەگرىلىكتىن خالىدۇر، ئۈمىدكى، ئۇلار (قۇرئاننىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ كۇفرىدىن) ساقلانغاي.زۈمەر سۈرىسى 28 – ئايەت
    اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلار (ھىدايەتتىن ۋە ھەقىقەتتىن) شۇنداق بۇرۇلۇپ كېتىدۇ (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭنىڭ اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا قايغۇرۇپ كەتمىگىن، ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەر مۇشۇنداق قىلغان).غافىر سۈرىسى 63 – ئايەت
    شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرىدىغانلار بىزگە مەخپىي قالمايدۇ، قىيامەت كۈنى دوزاخقا تاشلىنىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ ياكى قىيامەت كۈنى (اﷲ نىڭ ئازابىدىن) ئەمىن بولغان ھالدا كېلىدىغان ئادەم ياخشىمۇ؟ خالىغىنىڭلارنى قىلىڭلار، شۈبھىسىزكى، اﷲ قىلمىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر.فۇسسىلەت سۈرىسى 40 – ئايەت
    ئۇنىڭغا ئالدىدىنمۇ، ئارقىسىدىنمۇ (يەنى ھېچقايسى تەرىپىدىن) باتىل يۈزلەنمەيدۇ، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى، مەدھىيىگە لايىق اﷲ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر.فۇسسىلەت سۈرىسى 42 – ئايەت
    ئۇلارغا بىز تاكى ئۇلارغا قۇرئاننىڭ ھەق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغۇچە، (ئاسمان – زېمىن) ئەتراپىدىكى ۋە ئۆزلىرىدىكى (قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان) ئالامەتلەرنى كۆرسىتىمىز، پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقى (سېنىڭ راستلىقىڭنىڭ دەلىلى بولۇشقا) ئۇلارغا كۇپايە ئەمەسمۇ.فۇسسىلەت سۈرىسى 53 – ئايەت
    روشەن كىتاب بىلەن قەسەمكى، سىلەرنى (ئۇنىڭ مەنىسىنى) چۈشەنسۇن دەپ، بىز ئۇنى ھەقىقەتەن ئەرەبچە قۇرئان قىلدۇق.زۇخرۇف سۈرىسى 2 – ئايەت
    ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ).مۇھەممەد سۈرىسى 24 – ئايەت
    ھەمدە (پەيغەمبەرنى) تېخى ئۇلارنىڭ زامانىدا بولمىغان (كېيىن كېلىدىغان) ئىككىنچى بىر قەۋمگە (يەنى قىيامەتكىچە كېلىدىغان مۇسۇلمانلارغا) ئەۋەتتى (يەنى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى زامانداشلىرىغىلا ئەمەس، بەلكى قىيامەتكىچە كېلىدىغان كىشىلەرگىمۇ ئومۇمىيدۇر)، اﷲ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.جۇمۇئە سۈرىسى 3 – ئايەت
    تەۋراتنى كۆتۈرۈشكە (يەنى ئەمەل قىلىشقا) تەكلىپ قىلىنغان، ئاندىن ئۇنى كۆتۈرمىگەنلەر (يەنى تەۋرات بېرىلگەن ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىشقا تەكلىپ بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلمىغان ۋە ھىدايەتتىن پايدىلانمىغان يەھۇدىيلار) خۇددى كىتاب يۈكلەنگەن ئېشەككە ئوخشايدۇ (يەنى پايدىلىق چوڭ – چوڭ كىتابلارنى ئۈستىگە ئارتىۋالغان، چارچاشتىن باشقا، ئۇلاردىن ھېچقانداق پايدىلىنالمايدىغان ئېشەككە ئوخشايدۇ)، اﷲ نىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋمنىڭ مىسالى نېمىدېگەن يامان! اﷲ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ.جۇمۇئە سۈرىسى 5 – ئايەت
    بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلغانلارنى ماڭا قويۇۋەتكىن، ئۇلارنى تۇيدۇرماستىن، ئاستا – ئاستا ھالاكەتكە يۈزلەندۈرىمىز.قەلەم سۈرىسى 44 – ئايەت
    كېچىنىڭ ئازغىنىسىدىن باشقىسىدا، يېرىمىدا ياكى يېرىمىدىنمۇ ئازراقىدا ياكى يېرىمىدىن كۆپرەكىدە ناماز ئوقۇغىن، قۇرئاننى تەرتىل بىلەن (يەنى دانە – دانە، ئوچۇق) ئوقۇغىن.مۇززەممىل سۈرىسى 2 – ئايەت
    شۈبھىسىزكى، بىز ئىنساننى ئارىلاشما مەنىي (يەنى ئەر بىلەن ئاياللارنىڭ مەنىيسى) دىن ياراتتۇق، ئۇنى بىز (شەرىئەت تەكلىپلىرى بىلەن) سىنايمىز، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى بىز (ئۇنى نازىل قىلغان ئايەتلىرىمىزنى ئاڭلىسۇن، كائىناتنى ياراتقۇچىنىڭ بىرلىكىگە دالالەت قىلىدىغان دەلىللەرنى كۆرسۇن دەپ) ئاڭلايدىغان، كۆرۈدىغان قىلىپ ياراتتۇق.ئىنسان سۈرىسى 2 – ئايەت
    (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «اﷲ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا اﷲ نىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھيى قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر اﷲ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا – جۇدامەن».ئەنئام سۈرىسى 19 – ئايەت
    مەنبە: ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن تەسىرات
    [ بۇ يازمىنىkanwayدە2012-12-01 12:31قايتا تەھرىرلىد ]
    مەنبە:باغداش تورى

    • تۇرسۇنئاي

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! قىرىندىشىم!
      مەن سىزنىڭ بۇ ماقالىڭىزدىن نۇرغۇن ئىلىملەنى بىلىۋالدىم! ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن!

    • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، پايدىلانغان بولسىڭىز، باشقىلارغىمۇ يەتكۈزۈپ قويارسىز.
      سىزنىڭ ياخشى كۆرگەن يازمىلىرىڭىز بولسا تەمىنلەشنى ئۇنۇتماڭ، ياردىمىڭلار بىلەن كۆكلەيمىز.
      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام

  • ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

    تۈزۈتىلدى،رەخمەت سىزگە!
    ياردىمىڭىزنى مۇشۇنداق ئايىمىغايسىز.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش