ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز (كۆكلەم) شادلىقى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز (كۆكلەم) شادلىقى پائالىيىتى ئۇقتۇرۇشى

تىل – بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشىدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر. پۈتۈن دۇنيادىكى مىللەتلەر ئۆز ئانا تىلىنى قوللىنىۋاتقان ۋە تەتقىق قىلىپ، تەرەققى قىلدۇرۇۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئوغۇز سۈتى بىلەن تەڭ قېنىمىزغا، ئەللەي ناخشىسى بىلەن ھاياتىمىزغا سىڭىپ كەتكەن ئانا تىلىمىزنى قوغداش ھەربىرىمىزنىڭ مۇقەددەس بۇرچىدۇر.

2017-يىلى 1-سىنتەبىردىن باشلاپ، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە رەسمىي قانۇنلۇق تىل بولغان ئۇيغۇر تىلى ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەردە مائارىپ تىلى بولۇشتىن چەكلەندى ۋە پۈتۈن دەرسلەر خىتاي تىلىدا ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى يەسلى يېشىدىن باشلاپ، خىتايچە تەلىم تەربىيەگە مەجبۇرلانماقتا. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى بولسا ئېغىر تىل كىرىزىسىگە دۇچ كەلمەكتە.

ئۇنىڭدىن باشقا، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكى، مەدەنىيىتى ۋە دىنى ئىتىقادى چەكلىنىپ، ئېغىر دەپسەندە قىلىنماقتا. يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان ئېسىل ئۇيغۇر ئۆرپ-ئادەتلىرى، دىنى ئىتىقاد ۋە مىللىي ھېيىت – بايراملار رەزىل بىر شەكىلدە سېستىمىلىق يوقۇتۇلماقتا. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قورقونۇچلۇق ئاسمىلاتسىيە بولۇش تەھدىتىگە ئۇچراپ، ئېغىر كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرمەكتە.

ئۇيغۇرلار ئۇزاق تارىخ ۋە مول مەدەنىيەتكە ئىگە بىر مىللەت. ياۋنىڭ ئۇيغۇرنى يوق قىلىش پىلانى بولسا، ئۇيغۇرنىڭمۇ ئۇنىڭغا قارشى مۇستەھكەم ئىرادىسى بار. ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇدىيىتى ۋە ھۆرلىكى ئۈچۈن ھەقلىق كۆرەشىنى ھەرگىزمۇ توختاتمايدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى خەۋپ ئاستىدا جان تالىشىۋاتقان ئانا تىلىمىزنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر زىيالىلىرىنى سەپەرۋەر قىلىپ، 2010-يىلىدىن بۇيان «21-فېۋرال خەلقئارا ئانا تىل كۈنى»نى خاتىرلەش نامىدا، 8 قېتىم ئۇيغۇر ئانا تىل ئىلىمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئورۇنلاشتۇردى. بۇ تۈر ئەمەلىي خىزمەتلەرنىڭ تەسىرى ۋە تۈرتكىسىدە، ۋەتىنىمىزنىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش دولقۇنى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈش بىلەن بىرگە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ھەر يىلى ئۆزلۈكسىز ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.

مەرھۇم ۋەتەنپەرۋەر شائىرىمىز ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «توختىماس كارۋان، گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق.» سۆزىگە بىنائەن، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى 2018-يىلى 25-مارت يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە «ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە نورۇز (كۆكلەم) شادلىقى» ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى. ئاكادېمىيە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىنى ۋە مەدەنىيىتىنى سۆيىدىغان مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى دوست – دۈشمەنگە يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىماقچى بولىۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ھەر يىلى ئۇيغۇر ئانا تىل خاتىرىلەش پائالىيىتى، ئۇيغۇر ماگېستىر -دوكتور ئوقۇغۇچىلار ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى، ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلارنى خاتىرىلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ۋە ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەسىسلەر ئۇچرىشىشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئانا تىلنى قوغداش جەھەتتە ئوينىغان ئاساسلىق رولى تۆۋەنىكىدەكتۇر:

1) ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىستىمال دائىرىسى كۈندىن كۈنگە تارىيۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر تىلى ھازىر ئىنتايىن خەۋپ ئاستىدا قالماقتا. ئۇيغۇر تىلى ئۇيغۇر مائارىپىدىن سىقىپ چىقىرىلماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ خىل ۋەزىيەتنى ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ نەقەدەر زۆرۈرلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنى بۇ تىل يولىدا جان بېرىپ قوغداشقا سەپەرۋەر قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

2) ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىپادىلەش كۈچى ئاجىز بىر ئېغىز تىلى ئىكەنلىكى ۋە ئەدەبىي يېزىق تىلى بولالمايدىغانلىقى كۆرسىتىلىپ كېرەكسىز بىر تىل سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنماقتا. ئۇيغۇر ئاكادېمىيسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىدا، تونۇلغان تۈركولوگلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىنىڭ ئورتاق ئەدەبىي تىلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قەدىمدىن ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان نادىر ئەسەرلەرنى ئۆرنەك سۈپىتىدە كۆرسىتىپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھەتلىك ۋە ئىپادىلەش كۈچىگە باي تىل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا.

3) ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە ئىلىم – پەندە ئىشلەتكىلى بولمايدىغانلىقى، سۆزدە ۋە ئىپادىلەشتە كەمبەغەل بىر تىل دەپ قارىلىپ، نەچچە مىڭ يىللاردىن بېرى مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولۇپ كەلگەن ئۇيغۇر تىلى مەڭگۈلۈك يوق بولۇش خەۋپىگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بۇ سەككىز يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلىدا ئېلىپ بارغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىلىرىدا، ئۇيغۇر ئەدىب، پەن – تەتقىقاتچى ۋە مۇتەخەىسلەرنىڭ ئىجتىمائىي ۋە تەبىئىي پەنلەرگە ئائىت ھەرخىل تېمىلاردا بەرگەن ئىلمىي دوكىلاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپ ۋە ئىلىم – پەن تىلى بولالايدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كەلمەكتە.

بۇ پائالىيەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچى زىيالىلار ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل ئۇسۇلى بىلەن تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر تىلىنى قوغداشنى ئالدى بىلەن ئۆزىمىزدىن باشلىشىمىز كىرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىمەكتە.

1) ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلار چۇقۇم ھەر كۈنى ئۇيغۇرچە خەۋەر، ماقالە ۋە ئۇيغۇرچە كىتاب ئوقۇشقا ئاز بولسىمۇ ۋاقتىنى ئالاھىدە سەرپ قىلىشى كىرەك. شۇندىلا ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز تىلىنىڭ راۋان ۋە جانلىقلىقىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

2) ئائىلىدە ئۆز ئارا چوقۇم ساپ ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە ئەھمىيەت بېرىش، بالىلار چۈشىنەلمەي قالارمىكى دەپ يات تىلنى ھەرگىزمۇ ئارىلاشتۇرماسلىق. ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر تىلىنى راۋان سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ساۋادىنىڭ چىقىشىنى ئاتا – ئانا ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىدا بىلىپ ياردەم قىلىش كېرەك. شۇندىلا كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ راۋان ئۇيغۇرچە سۆزلىيەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئوقۇپ – يازالىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.

3) ھەر كەسىپتىكى ماگېستىر ۋە دوكتورلارنىڭ ئۆز كەسپىگە ئائىت بۇرۇن نەشىر قىلىنغان كەسپىي ئۇيغۇرچە كىتابلارنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇشى كېرەك. ھەركىم ئۆز ساھەسىدە كەسپىي بىلىم قۇرۇلمىسىغا تايىنىپ، قىسقا كەسپىي ماقالىلەرنى يېزىپ تۇرۇشى ۋە ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز ياساش ئالاھىدىلىكى بويىچە ئۇيغۇرچىدا بولمىغان يېڭى كەسپىي ئاتالغۇلارنى ئىجات قىلىشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر ياسالغان سۆز ئۇيغۇرچىنىڭ تىل قائىدىسىگە ۋە كەسپىي مەناغا چۈشۈپلا قالسا، ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن تېزلا ئۆزلىشىدۇ- دە، ئۇزاققا قالماي ئۇيغۇر تىلى لۇغەت تەركىبىگە قوشۇلىشى مۇمكىن. شۇندىلا ئۇيغۇر تىلىنىڭ مائارىپتا ۋە پەن – تېخنىكىدا ئىشلەتكىلى بولىدىغان تىل ئىكەنلىكىنى ياتلارغا ئىسپاتلاپ، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەكرار ئۇيغۇر مائارىپىدا ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلارنىڭ كەسپىي كىتابلىرىدا ئىشلىتىلگەنلىكىنى قايتا كۆرگىلى بولىدۇ.

گەرچە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ قىلىۋاتقان پائالىيەتلىرى ناھايىىتى ئاددىي ۋە كىچىك ھەرىكەتلەردەك تۇيۇلغان بىلەن، ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھەربىر ئىلمىي خىزمىتى ئۇيغۇرنىڭ مۇقەددەس رۇھىدا ناھايىتى ئەھمىيەتلىك بولۇپ، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىلارغا بېرىپ كەلگەن رۇھى ئۇزۇقى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر خەلقىگە بېرىپ كېلىۋاتقان مۇقەددەس مىللىي مەۋجۇتلۇق ئۈمىدىدۇر.

مانا شۇنداق بىر كۈندە، مىللى ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىغا، ئۆز ئانا تىلى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت ۋە سۆيگۈ ھىسياتىغا ئىگە ھەربىر قېرىندىشىمىزنىڭ، قىممەتلىك ۋاقتىنى چىقىرىپ بۇ تەبرىك پائالىيىتىگە قەدەم تەشرىپ قىلىشىنى چىن يۈرەكتىن  ئۈمىت قىلىمىز.

پائالىيەت كۈنتەرتىپى:

14:20 – 14:00: ئېچىلىش مۇراسىمى

14:45 – 14:20: نورۇزلۇق تۇخۇم سوقاشتۇرۇش ۋە نورۇز ئېشى بىلەن نورۇز تەنتەنىسىنىڭ باشلىنىشى

پائالىيەتنىڭ 1 – بۆلۈمى: ئۇيغۇرلاردا ئانا تىل سۆيگۈسى

15:05 – 14:50: ئۇيغۇر تىلىنىڭ تارىخى تەرەققىياتى، بۈگۈنكى قىسمىتى ۋە ئۇنى قوغداشنىڭ ئەمەلىي چارە تەدبىرلىرى

ياردەمچى دوتسېنت دوكتور مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى (بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

16:20 – 15:10: ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا ئانا تىل ئەدەبىيات – سەنئەت نۇمۇرلىرى

پائالىيەتنىڭ 2 – بۆلۈمى: ئۇيغۇرلاردا نورۇز شادلىقى

16:55 – 16:30: ئۇيغۇرلاردا نورۇز بايرىمى ۋە ئۇنى تەبرىكلەشنىڭ مۇھىملىقى

ياردەمچى دوتسېنت شەۋكەت ناسىر (ئارەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

18:00 – 17:00: كەسپى ئۇيغۇر سەنئەتچىلەرنىڭ ئورۇنلىشىدا نورۇزلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت نۇمۇرلىرى

18:10 – 18:00: يېپىلىش مۇراسىمى

قوشۇمچە: بۇ قېتىمقى ئانا تىل ۋە نورۇز پائالىيىتىگە تەكلىپ قىلىنغان ئۇيغۇر ۋە تۈرك سەنئەتچى ھەم تەتقىقاتچىلار تۆۋەندىكىچە:

مۇختەر ئابدۇكېرىم جانباز (ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى، شىۋىتسىيە)

مىركامىل تۈركەل (ئۇيغۇر خەلق سەنئەتچىسى، شىۋىتسىيە)

دوكتور پەرھات قۇربان تەڭرىتاغلى (ئىبىن خالدۇن ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

دوكتور گۈلزادە تەڭرىتاغلى (مىمار سىنان گۈزەل – سەنئەتلەر ئۇنىۋېرسىتىتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

بۈنيامىن ئاقسۇنگۇر (ت ر ت سەنئەتچىسى، تۈركىيە)

ياردەمچى دوتسېنت مەغپىرەت كامال يۇنۇسئوغلى (بەيكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

ياردەمچى دوتسېنت شەۋكەت ناسىر (ئارەل ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، تۈركىيە)

جىددى ياردەم چاقىرىقى

2018-يىلى 25-مارت يەكشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 2:00 دە ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان «ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە ئۇيغۇرلاردا نورۇز تەنتەنىسى» ئەدەبىيات – سەنئەت پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە تەسىرلىك ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ پائالىيەتنى ھەر جەھەتتىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ بېرىشى تۆلىمۇ زۆرۈردۇر.

1) تۈركىيەدىكى ئاتا – ئانىلار ئۇيغۇرچە ناخشا، شېئىر ۋە نەسىر ئوقۇيالايدىغان باللىرىنى نورۇز ۋە ئانا تىل پائالىيىتىدە سەھنىدە نومۇر ئورۇنلشىغا ئاكتىپ قاتناشتۇرۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىمىز. نومۇر ئورۇنلىغان ئۆسمۈرلەرگە ئويۇنچۇق ھەدىيە سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

باللىرىنىڭ سەھنىدە نومۇر كۆرسىتىشىنى ئارزۇ قىلىدىغان ئاتا – ئانىلار ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ۋوتىسئاپ (ئالاقە نۇمۇرى: 05306677851) ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

2) تۈركىيەدىكى ئۇسۇل ئوينىيالايدىغان، ناخشا ئېيتالايدىغان ۋە ساز چالالايدىغان ئۇيغۇر قېرى – ياش ۋە ئەر – ئايال بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ سەنئەتتىكى قابىلىيىتىنى نامايان قىلىپ، نورۇز ۋە ئانا تىل پائالىيتىنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە قىزغىن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى مەسئۇل خادىملار بىلەن ئالاقە قىلىپ، ئورۇنلىماقچى بولغان نۇمۇرلىرىنى ۋوتىسئاپ (ئالاقە نۇمۇرى: 05306677851) ئارقىلىق ئەۋەتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

3) ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئانا تىل ۋە نورۇز پائالىيىتىگە كېلىش ئىمكانى يار بەرگەن، ئانا تىل سۆيگۈسى ۋە مىللىي مەدەنىيەت ئىشقىدا يۈرىكى ئوت بولۇپ يېنىۋاتقان بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا دوپپا ۋە ئۇچىسىغا مىللىي كېيىملىرىنى كېيىپ كېلىپ، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلىشلىرىنى ئالاھىدە تەلەپ قىلىمىز.

– ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئالاقە تېلفۇنى: 05063845639  ,05306677851

ئورنى: ئىستانبۇل فىندىكزادە زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزى

ئادرىسى: فىندىكزادە ئوغۇزخان كوچىسى، 19 – نومۇر، فاتىھ، ئىستانبۇل

زۈبەيدە خانىم كۈلتۈر مەركىزىنىڭ گۇگۇل خەرىتىسىدىكى ئورنى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1190

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش