ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى

ئالىم ئۆلدى ئالەم ئۆلدى

نۇرانىيە قەشقىرى
بۈگۈن بىز شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ مۇسۇبەت باشىمىزغا كەلدى. ئاسمان يىرىلدىمۇ؟ ئۆگزىمىز چۈشۈپ كەتتىمۇ؟بىشىمىزغا كەلگەن زۇلۇملار، ئاڭلىغان خەۋەرلەر ئاز كەلدىمۇ؟ بىزنىڭ ئاتاقلىق دىنى ئالىمىمىز، قۇرئاننى بىزگە تەرجىمە قىلىپ بىزنىڭ ئاللاھنىڭ سۆزىنى تىخىمۇ ياخىشى چۈشىنىپ ئاللاھقا ھەقىقى رەۋىشتە قۇلچىلىق قىلىشىمىز ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان ئۇستازىمىز مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئاكىمىزنىڭ سەكسەندىن ئاشقاندا خىتاينىڭ رەھىمسىزلەرچە قىيناپ ئۆلتۈرەگەنلىك خەۋرى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى تەۋرىتىۋەتتى، ئالدى بىلەن شېھىد مۇھەممەد سالىھ ھاجىم ئۇستازغا ئاللاھتىن شېھىدلىك مەرتىۋىسى تىلەيمىز، ئاللاھنىڭ رەھمەت – مەغفىرتى ئۇنىڭغا بولسۇن.
پۈتۈن دۇنيادا بىرلا كۈندا ئۇلۇغ ئۇستازىمىزنىڭ غايىبانە جىنازا نامىزىنى ئوقۇدۇق، يۈرەكلىرىمىزدىكى بۇ ھىسياتنى ئىپادىلەشكە تىل ئاجىزلىق قىلىدۇ.
بىز مۇھەممەد سالىھ ھاجىمدەك مىڭلارچە ئالىمىمىزدىن ئايرىلدۇق، خەلق بۇ ئالىملار ئۈچۈن جانلىرىنى پىدا قىلدى، ئۇلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلدى، بىراق زالىم دۈشمەن بىر كۈنمۇ توختىماي ئالىملىرىمىزنى قىرىپ كەلمەكتە، قانداق مىللەت بۇ، شۇنچە قىرسىمۇ تۈگىمەيدىغان دەۋاتقان بولىشى مۇمكىن. بىز شۇندا تۈگىمەيدىغان مىللەت، قىنىمىزدا ئۇيغۇرلۇق ئاقىدۇ، يۈركىمىزدە ئۇيغۇرلۇق ياتىدۇ، قوپۇرۋىتەلمەيسەن. بىز شۇنداق مىللەت، سەن يىقىتىمەن دەيسەن بىز يىقىلماسلىق ئۈچۈن تىرىشىمىز. يىقىلساقمۇ دەرھال تۇرۇپ دۈشمەنگە يۈزلىنىمىز.
بىز شۇنداق مىللەت، غورۇر ئەرلىرىمىزدىلا ئەمەس ئاياللىرىمىزدىمۇ شۇ قەدەر كۈچلۈككى، ئاياللىرىمىز ئالدىدا زالىم دۈشمەن ئامالسىز قالىدۇ. شۇ سەۋەپتىن بىزگە تەڭ كەپ بولالماي رەزىل ۋاستە قوللىنىۋاتىدۇ.
دۈشمەننىڭ بۇنداق غالجىرلىشىشى ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ چەكسىز قۇدرەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن، بەك كۈچلۈكلىكىدىن ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ تۈخۇ يۈرەك، پەسكەش،چىدىماسلىقىدىن بولىۋاتىدۇ، دۈشمەن ئۆلىدىغىنىغا، ئەزرائىلنىڭ يىنىغا كەلگىنىگە ئىشىنىپ بولدى. «خىتايلارنىڭ جەھەننەمدە كۆرشەيلى !»دەپ خوشلىشىدىغىنىنى بىلەمسىز، خىتاي ئۆزىنىڭ جەھەننەم ئەھلى ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.
قورۇلۇش قىلىش جەريانىدا ۋەقە يۈزبىرىپ ئادەم ئۆلگەن ئۆيلەرگە ئۆينى بىكارغا بەرسىڭىزمۇ خىتاي ھەرگىز ئولتۇرمايدۇ، سەۋەبىنى بىلەمسىز؟خىتاي ئۆلىۋالماقچى بولسا روھىم بىرەسىنى ئازاپلىسۇن دىسە قىزىل كىيىم كىيىپ ئۆلىۋالىدۇ، بۇنىڭمۇ سەۋەبىنى بىلەمسىز؟
خىتاي بەك قورقۇنچاق، خۇراپى، پالغا ھەتتىدىن زىيادە ئىشىنىدۇ، 4رەقىمىنى قەتئىي ئىشلەتمەيدۇ، 18-قەۋەتتە ئولتۇرمايدۇ، سەۋەبىنى بىلەمسىز؟
چۈنكى ئۇلارنىڭ نەزىرىدە، 4رەقىمى ئۆلۈم سۆزى بىلەن ئاھاڭداش، ئۇلارنىڭ دوۋزىخ 18دوۋزاخ، شۇڭا ئىگىز قەۋەتلىك بىنالارنىڭ نۇمرىغا دىققەت قىلسىڭىز 17-قەۋەتتىن ئاتلاپلا 19-قەۋەتكە چىقىپ كىتىدۇ. بۇنداق خۇراپىي ئىددىيە ئۇلارنىڭ قان قىنىغا سىڭىپ كەتكەن.
خىتاي ئەڭ قىززىقارلىقى مۇسۇلماننىڭ ئەرۋاھىنىڭ كىلىپ ئۆزىدىن ئۆچ ئىلىشىدىن ئۆلگىدەك قورقىدۇ، ئۇلار ئادەم ئۆلگەندىن كىيىن روھى كىلىپ كىتەلەيدۇ دەپ ئىشىنىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇشۇ دۇنياغا قايتا تۆرلىدۇ دەپ بىلىدۇ. بىزدىكى قايتا تىرىلىش بىلەن خىتاي دەۋاتقان قايتا تىرىلىش ئاسمان زىمىن پەرقلىنىدىغان ئىككى خىل ئۇقۇم.
مەن بۇ يەردە بۇلارنى سۆزلىشىمدىكى سەۋەپ خىتايدىن قورقۇپ نىمە قىلارىنى بىلەممەيۋاتقان قىرىنداشلىرىمنىڭ يۈرەكلىك بولىشىنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن بۇلارنى سۆزلەپ ئولتۇرۇپتىمەن.
پۈتۈن دۇنيا بىزنى يوقىتىش ئۈچۈن يۈزلەنسىمۇ بىز بىر ئاللاھقا سىغىنىپ ئاللاھتىن ياردەم تىلەپ مەزمۇت تۇرساقلا، بىزگە ئاللاھ ئىرادە قىلغان خەتەردىن باشقىسى كەلمەيدۇ. قەلبىمىزدىكى شىرىك ئەقىدە بىزنى ئاللاھنىڭ ياردىمىدىن، رەھمىتىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ، خىتاي ھەممىنى بىلىپ تۇرالايدىغانغا ئۇ مۈرىڭىزدىكى ئىككى پەرىشتىمۇ؟خىتاينى ئۇنداق كۆككە كۆتۈرۈپ، مۇبالىغە قىلىپ خىتاينى شەرھىيلەش بىزگە نىمە ئىلىپ كىلىدۇ؟ بۇنىڭ بىزگە ئىلىپ كىلىدىغىنى پەقەتلا ۋەھىمە، يۈرەكسىزلىك.
خىتاينىڭ قىلىۋاتقانلىرىنى ئىنىق بىلىپ، خىتاينى چۈشىنىپ تۇرۇپ تەپەككۈر يۈرگۈزۈشكە تىرىشىڭ.
خىتاينى سىز بىلەن مەندىن ياخشى چۈشىنىدىغان ئىككىنجى بىرى چىقمايدۇ، ئۇنىڭ كۈچلۈك ئاجىز نوقتىلىرى سىز ۋە مىنىڭ قولىمىزدا. ئۆزىڭىزنى ئاجىز ھىس قىلماڭ، ئىش قىلىۋاتقانلارنىڭ يىنىدا تۇرۇڭ، سىزگىمۇ بىر كىشلىك خىزمەت قىلىش پۇرسىتى كىلىدۇ، جەننەت ئىزدەپ ئاي شارىغا چىقمىسىڭىزمۇ ئۆز ئۆيىڭىزدە، ئۆزىڭىز تۇرىۋاتقان يىرىڭىزدە سىز ئۈچۈن ھەممە تىپىلىدۇ.
ئالىملىرىمىزغا قانداق ساھىپ چىققان بولساق غورورىمىز بولغان ۋەتىنىمىزگە شۇنداق ساھىپ چىقىشقا بىز ھەم تەييار.
ۋەتەنىمىز بىز ئۈچۈن ھەممىنى بىرەلەيدۇ، بىخەتەرلىك، بايلىق، خۇشاللىق …ئاللاھ بەرگەن شۇ نىئمەتنى جايىدا قارار تاپقۇزۇپ، شۇنىڭ قەدرىنى قىلالىغان ۋاقىتتا بىز باشقىچە بىر تەقدىر بىلەن ئۇچۇرىشىمىز. ئاللاھ نىمىنىڭ قەدرىنى بىلسەك شۇنى بىزگە زىيادە قىلىپ بىرىدۇ.
ھەممەيلەننىڭ بۇ بىرلىك بۇ ئىتتىپاقلىق ئۈچۈن كۈچ چىقىرشىمىزنى، مۇشۇ ئازادلىق كۆرشى ئۈچۈن بىر كىشلىك ھەسسە قوشۇشىمىزنى تىلەيمەن.
قول تۇتۇشۇپ بىر بىرىمىزنى يۆلەپ ۋەتەننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ئالغا.
2018-يىل 2-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئىستانبۇل

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 45

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش