ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 26 - ئاۋغۇست فاتىھ سۇلتان مەھمەت ئۇنىۋېرسىتېتى توپكاپى مەۋلەۋىخانىسىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى مۇھاكىمە يىغىنى» ھەققىدە خۇلاسە دوكىلاتى قىلىندى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مۇسىبەتتىن تامغان تامچىلار

مۇسىبەتتىن تامغان تامچىلار

نۇرانىيە قەشقىرى

كىچىك چاغلىرىمىزدا ماڭغان كوچىلار، كەزگەن دەريا، چىققان تاغلار … يۇرتۇمنىڭ پۈتۈن گۈزەللىكلىرى كۆز ئالدىمدىن كەتمەيدۇ. شۇ غۇبارسىز چاغلار نىمە دىگەن گۈزەل. چوڭلارنىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى قارا كۈنلەر دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم، دادامنىڭ ئېيتىپ بىرىشىچە نۇرغۇن ئادەم ئۆز ئاتا ئانىسىدىن چەك چىگىرىنى ئايرىپ بايانات ئىلان قىلىپ ھاياتىنى ساقلاپ قاپتىكەن. شۇ كۈنلەر تۈگەپ كىيىنگە ئۇلاشقاندا بولسا ئاتا ئانىسىدىن تانغان مەلئۇنلار بىر ئۆمۈر يۈزى سۆرۈن ياشىغانلىقىنى كۆرگەن ئىدىم، ئۇلار نەگىلا بارسا ھىكايىسى تەڭ ئەگىشىپ باراتتى. بىز چوڭلار توغرۇلۇق شۇ ئېيتىلغان ئۆتمۈش ھىكايىلىرىگە ھەم ھەيرانلىق ھەم غەزەپ، ھەم يىرگىنىش بىلەن قىزىقسىنساق، خەلقىمىزنىڭ يەنە شۇنداق باتۇرلىقى بىزنى سۆيۈندۈرەتتى. بىر ھىكايە ئىسىمدىن چىقمايدۇ.

ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلاۋىدا يېزىلاردىكى ھەممە ئائىلىگە مەجبۇرىي بىردىن چوشقىنى بىقىش ۋەزىپىسى تاپشۇرلۇپتۇ. شۇنىڭ بىلەن دېھقانلار بۇ چاقىرىلمىغان مىھماننى ئۆيگە ئەكىرىشكە مەجبۇر بوپتۇ. ئەقىللىق، ۋىجدانلىق دىھقانلىرىمىز بۇ مىھماننى ئىچكىرى ئۆيگە ئەكىرىپ راسا دۇمبالاپ ئۆلتۈرۈپ ئۆلىگىنى كۆمىۋىتىپتۇ. ئۇ باشلىقلار تەكشۈرگىلى كەلگەندە :«بىز بۇنى بەك ياخشى بىقىۋەتتۇقمۇ بىلمىدۇق، بەرگەن يىمەكنى كۆتۈرەلمەي ئاقاراق بوپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەتىسى قوتانغا كىرسەك تۆت پۇتى ئاسمانغا بوپ ياتىدۇ، ئۆلۈپ قاپتۇ، كۆڭلىمىز يىرىم بولدى. يۇقىرى تاپشۇرغان ۋەزىپىتى ئەمەسمۇ، بىراق ئۆلۈپ قالسا گۆشىنى بىز يىمىگەندىكىن ئاستا ئاپىرىپ كۆمۈپ قويدۇق.» كادىرلار غودۇرغان بولسىمۇ ئۆلگەن نەرسىنى نىمە قىلالايدۇ؟ شۇنداق قىلىپ بۇ ۋەزىپە توختىغىچە مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۈندە دىگۈدەك داۋاملىشىپ، ئاخىرى بۇ بەتنىيەت ئىنقىلاۋى (چوڭلار بۇ ئىنقىلاپقا بەتنىيەت ئىنقىلاۋى دەپ نام بەرگەن) تۈگەپتۇ.

ئىنساننىڭ ياشىغان ئىكەن مەيدانى ئىنىق بولىشى كىرەك. شۇنداق قىيىنچىلىقتىمۇ مەيدانى مۇستەھكەم تۇرغان ئانا، دادىلىرىمىز ئاخىرىدا ھەممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشتى.

نەسلى ساپنىڭ ئەسلى ساپ بولىدۇ دىگەننى خىتاي يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى. بۇ نەسلى بۇزۇق، ئۇرىغى پۈچەك، ماڭقۇرۇتلار دۇنياغا بالا بولماقتا. ھەر بىرىمىزنىڭ كۆزى قان ياشقا تولغان بۇگۈنكى كۈندە ئۆز نەسلىنى بىلمەيدىغان، تامنىڭ تۆشۈگىدىن چۈشۈپ قالغان، قىنى بۇزۇق ئۇيغۇرلىرىمىز ئارىمىزدا دائىم كۆرۈلۈپ تۇرسىمۇ، ئوغۇز ئەۋلادى، ئىسىل مەدەنىيەتنىڭ مىراسخورى بولغان، ئاتامنىڭ غورورى، ئانامنىڭ ئىپتىخارى بولغان جەسۇر ئوغۇل قىزلىرىمىز يەنە تۈركۈملەپ مەيدانغا كىلىۋاتىدۇ.

مۇسىبەت ھەممە ئۆينى باستى، چىراق يىقىپمۇ ئۆينى يورىتالماي، قاچان تاڭ ئاتا دەپ پۇچۇلۇنۇپ كىچىنى تاڭغا ئۇلاپ ياشاۋاتىمىز، ئانامنىڭ ھىدىنى، دادامنىڭ باغرىنى سېغىندىم. ئاھ پىغانلىق!

شۇنداق مۇراجەت قىلىمەنكى، قىرىنداشلىرىمىزنى قۇتقۇزايلى، گالدىن غىزا ئۆتمەيۋاتىدۇ. «بالام» دىگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلاش مۇشۇ 21-ئەسىردە مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ. ئانامدىن سورىغىم بار: ”ئانا مىنى قانداق ئارزۇ بىلەن تۇققان؟“ دەپ. ۋەتەندە تۇرۇپ بالىسىنى، ئىرىنى، ئانىسىنى، دادىسىنى تاپالمايۋاتقانلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ ئولتۇرۇپتىمىز. بىز ھىچكىمىمىزنى تاپالمايۋاتىمىز! قانداق قۇتقۇزىمىز، يولىنى تاپايلى قىرىنداشلار! ھايات ياشىغىنىمىز بىلەن روھىمىزنى تاپالمايۋاتىمىز. خۇدىمىزنى بىلەلمەي، يەرگە دەسسەپ كىتىۋاتامدۇق، ئاسمانغىمۇ پەرق ئىتەلمەيۋاتىمىز.

بىشىنى ئىچىگە تىقىپ جان ساقلاي دىگەنلەر ئەمدى ئويغانمىسىڭىز، يوتقاندا ياتقان پىتى قارا يۈز ھالەتتە ئاخىرەت سەپىرىگە ئاتلىنىسىز. مەيلى قانچىلىك قىلىپ، نەگىچە بارمايلى ۋىجدانىمىز ئارام تاپقىدەك ياشايلى قېرىنداشلار.

ئاللاھ ھەممىمىزگە سەبىر بەرسۇن، ئەقىل ئىدراك بەرسۇن، كۈچ قۇۋۋەت بەرسۇن، مۇستەھكەم ئىمان، كۈچلۈك غورۇر، سۇنماس ئىرادە بەرسۇن، ئامىن!

2018-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 85

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش