ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئاكادېمىيە » ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە ھەقسىز تۈركچە تىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە ھەقسىز تۈركچە تىز تەربىيەلەش كۇرسى ئۇقتۇرۇشى

     سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە باشقا دۆلەتلەردىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تىزرەك تۈركچە ئۆگىنىپ تۈركىيەگە كۆنۈشى، ئوقۇشقا كىرىشى ۋە خىزمەت تېپىشى قاتارلىق ئەمەلىي ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئىككى ئايلىق باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدىكى ھەقسىز تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئادەم تەربىيەلەش مۇقەددەس ۋە قېيىن ئىشلاردىن بىرى. ئاكادېمىيە بۇ مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچە دەرس بېرىدىغان تۈرك ئوقۇتقۇچىنىڭ مائاشىنى تۆلەيدۇ ۋە تۈركچە كۇرسنىڭ تېخىمۇ سۈپەتلىك ۋە غەلبىلىك ئاخىرلىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. كۇرسقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قىز – ئوغۇل سانى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن قاتناشقۇچىلار يىتەرلىك بولغان تەقدىردە قىز – ئوغۇللار سىنىپلىرى ئايرىم تەشكىللەنىشىمۇ پىلانلانماقتا.

تەلەپكە ئاساسەن بۇ قېتىم يېڭىدىن ئېچىلماقچى بولغان تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ 27-قارارلىقى بولۇپ، بۇرۇنقى ئوقۇتۇش تەجرىبىسىنى قوللىنىپ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىستانبۇلغا يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ياخشى ئۆگىتىشكە تىرىشىدۇ.

تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاكادېمىيەدە ئۆگەنگەن تۈركچىسى ۋە تۈركىيە ھەققىدە ئالغان مەلۇماتى بىلەن تۈركىيەدىكى يېڭى ھاياتىنى تېخىمۇ مەنىلىك ۋە غەلبىلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشمىز.

كۇرس ئورنى ۋە دەرس ۋاقتى ھەققىدە

ئاكادېمىيە تەرىپىدىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان كونا – يېڭى بارلىق تۈركچە كۇرسلىرىنىڭ دەرس كۈنلىرى دۈشەنبەدىن جۈمەگىچە ھەپتىدە 5 كۈن ۋە باشلانغۇچ سەۋىيەدىكىلەر ئۈچۈن دەرس سائەتلىرى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30 دىن 12:30 گىچە، ئوتتۇرا سەۋىيەدىكىلەر ئۈچۈن دەرس سائەتلىرى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 تىن 6:00 گىچە، كۈندە 3 سائەت قىلىپ بېكىتىلدى.

دەرس باشلاش ۋاقتى: 12-مارت دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30

دەرس ئۆتىلىدىغان ئورۇن: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسى

ئىشخانا ئادرىسى: چاپا شەھرەمىنى مەھەللىسى، بۆرەكچى ۋەلى كوچىسى، 38- نۇمۇر، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Akademi Ofisi Adresi: Şehremini Mahellesi, Börekçi Veli Sokak, No: 38, Çapa, Fatih

تۈركچە كۇرسىغا تېخىچە تىزىملاتمىغان ئەمما ئوقۇشنى خالىغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرەلىشى ئۈچۈن 09-مارت جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە ئاكادېمىيەنىڭ چاپادىكى ئىشخانىسىغا بېرىپ، تىزىملاش ھەققى بىلەن كىتاب پۇلىنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىنىدۇ. (دىققەت: ئىش ۋاقتى سىرتىدا ۋە شەنبە – يەكشەنبە كۈنلىرى تېلىفۇن قوبۇل قىلىنمايدۇ.)

ئەسكەرتىش: بۇرۇنقى ئېچىلغان تۈركچە كۇرسلاردا تىزىملىتىپ قويۇپ كەلمىگەن ئەھۋال كۆرۈلگەچكە يۇقارىقى تەدبىر ئېلىندى.

تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىش تەلىپىگە ئاساسەن، تۈركچە كۇرسلار ئىمكانىيەتنىڭ يار بېرىشىچە داۋاملىق ئېچىلىدۇ.

تۈركچە كۇرسىغا قاتناشقان ئۇقۇغۇچىلارغا تۈركچە دەرستىن سىرت تۈركىيە ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئوقۇشقا كىرىش ۋە خىزمەت تېپىش جەھەتلەردە بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم نوقتىلار ۋە پايدىلىق ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىنىدۇ.

تۈركىيەلىك تۈركولوگىيە ۋە تارىخ كەسپىدىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلارغا تۈركچىنى ياخشى ئۆگىتىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇرلارغا تۈركىيەنى، تۈركىيە جەمىئىيىتىنى ۋە ئويغۇر تارىخىنى ئەتراپلىق تونۇتۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

ئاكادېمىيە ئاچقان تۈركچە كۇرستا تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار سىرتىدا، ئۇيغۇر دىيارىدىن يېڭى كەلگەن قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبەك قېرىنداشلارمۇ ھەقسىز تۈركچە ئۆگىنىش پۇرسىتىدىن بەھرىمان بولسا بولىدۇ.

ئىلاۋە: تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئېچىلغان ھەر بىر تۈركچە سىنىپى ئۈچۈن تۈركچە ئوقۇتقۇچىغا ئايلىق 750 لىرا مائاش بېكىتىلگەن بولۇپ، 2 ئايلىق بىر سىنىپ ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى مائاشىغا جەمىئىي 1500 لىرا سەرىپ قىلىنىدۇ. ياردەم سۆيەر ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈركچە كۇرسى ئوقۇتقۇچى مائاشىنى تۆلەشتە ياكى ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە كىتاب ئېلىپ بېرىشتە ئاكادېمىيەگە ياردەم قىلىشىنى سەمىمىي ئۆتۈنىمىز. ياردەم بەرگۈچىنىڭ تەلىپى سىرتىدا، ئۇنىڭ كىملىكى ۋە ياردىمى قەتئىي مەخپى تۇتىلىدۇ. ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ياردەملىرىنى ئايىمىغاي.

– ھۆرمەت بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى دائىمىي ھەيئەت كومىتېتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىى بانكا ھېسابى:
تۈركىيە ئىش بانكىسى
ئىبان نومۇرى: TR 6100 0640 0000 1106 8093 1248
ھېساب نومۇرى: 1068-931248
ھېساب ئىگىسى: Uluslararası Uygur Akademisyenler Derneği
مۇشتەرى نومۇرى: 223926880
فېندىكزادە شۆبە كودى: 1068

2 ئايلىق تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى تەپسىلاتى: 

تۈركچە كۇرس مۇددىتى: 2 ئاي (120 سائەت)

كۇرس سەۋىيەسى: باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيە

دەرس باشلاش ۋاقتى: 12-مارت دۈشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30

تىزىملىتىش ۋاقتى: 09-مارت جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە

تىزىملىتىش شەرتى: ئۇيغۇر قاتارلىق پۈتۈن تۈرك قەۋىملىرىدىن تۈركىيەگە يېڭى كەلگەن قېرىنداشلار

دەرس كىتابى: تۈركچە ئۆگىنەيلى (Türkçe Öğrenelim)

تىزىملىتىش ھەققى: 100 تۈرك لىراسى (دەرسكە تولۇق قاتناشقان ۋە تۈركچىنى ياخشى ئۆگەنگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىزىملىتىش ھەققى مۇكاپات سۈپىتىدە قايتۇرۇلۇپ بېرىلىدۇ.)

كىتاب پۇلى: 30 تۈرك لىراسى

سىنىپتىكى ئوقۇغۇچى سان چەكلىمىسى: 12 ئوقۇغۇچى

تىزىملىغۇچى: دىلنۇر ئەنۋەر (تېلفۇن: 02125897667، ئەسكەرتىش: ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئىش ۋاقتى ھەپتە ئىچى چۈشتىن كېيىن سائەت 9:30 دىن چۈشتىن كېيىن سائەت 4:30 غىچە)

تۈركچە كۇرسىدا ھەپتىدە 5 كۈن، كۈندە 3 سائەت بولۇپ، ئايدا جەمىئي 60 سائەت دەرس ئۆتۈلىدۇ.

تۈركچە كۇرستا ئوقۇشقا تىزىملىتىدىغانلار ئاكادېمىيە ئىشخانىسىغا بېرىپ، كۇرسقا تىزىملىتىش جەدىۋېلىنى تولدۇرۇپ كىرەكلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشى كىرەك.

2 ئايلىق تۈركچە كۇرسىنى غەلبىلىك تۆگەتكەن ئۇيغۇرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىى تەرىپىدىن باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيەدە تۈركچە ئۆگەنلىكىگە ئائىت تۈركچە تىل كېنىشكىسى بېرىلىدۇ.

ئاكادېمىيە ئىشخانىسى ئادرىسى: مىللەت كوچىسى، بۆرەكچى ۋەلى تار كوچىسى 38-نۇمۇر، چاپا، فاتىھ، ئىستانبۇل (چاپا تىرامۋاي بىكىتى يېنىدا)

Türkçe Kitap

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تۈركچە كۇرسىدا ئىشلىتىلىۋاتقان دەرس كىتابى

(ئىستانبۇل سۇلايمانىيە فىلىز كىتاب ئۆيى نەشىرى)

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش