ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ئەلنىڭ قىزى گۈلچېھرە

ئەلنىڭ قىزى گۈلچېھرە

ئابدۇۋەلى تۇرسۇن

(ئەل قەلبىدە پورەكلىگەن بىر گۈلنىڭ ھېكايىسى)

مەن تۆۋەندە سىلەرگە بىر گۈلنىڭ ھېكايىسىنى، ئۆزنىڭ چاربېغىدىن ئايرىلىپ گۈلزارلىقنىڭ ھەسرىتىنى چېكىۋاتقان، گۈل شېخىدىن ئايرىلىپ ھىجران گۈلخانىدا ئاتەش بولۇپ كۈيۋاتقان ئۆزى نازۇك لېكىن قەيسەر، مېھرى ۋە چېھرى بىلەن تالاي مىسكىن كۆڭۈللەرگە تەسەللى بېرىۋاتقان گۈلنىڭ ئاددى ئەمما تەسىرلىك بىر قىسسىسىنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.

سىزنىڭ ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرقى چارىكىدە جاھاننامە ئەينىكى دەپ تەرىپلەنگەن تېلېۋىزور رەڭسىز ھالىتىدە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىگە قەدەم تەشرىپ قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رەڭلىك كاتتا تېلىۋىزورلارمۇ سالاپىتىنى نامايەن قىلىشقا باشلىدى. مانا ئەشۇ جاھان ئەينىكىنىڭ ئېكرانلىردا تەمتىرەش، گاڭگىراشلىرى ئىچىدىكى گىرەلەشكەن تۈرلۈك يېڭىلىقلار، يېڭى پىروگراممىلار پەيدا بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئىككى تال ئۆرۈمە چېچى بار چىمەن دوپپىلىق بىر ئوماق ئۇيغۇر قىز ئارقىسىغا سەبىيلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ئېكراندا پەيدا بولدى. سانسىزلىغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئېكراندىكى بالىلار بىلەن بىرلىكتە سېھىرلىك ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىنى ئاشۇ قىزنىڭ جەلپكار، چۈچۈك ئاۋازى ئارقىلىق ئاڭلاپ مەستخۇش بولدى. ھەتتا سەھرالاردىكى تالادىن كىرمەي ئوينايدىغان بالىلارمۇ «تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى» نىڭ مۇزىكىسى چىققان ھامان ئۆيلىرىگە يۈگۈرۈشۈپ كرىپ، ئېكراندا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئوينايدىغان بولۇشتى. ئۇ بالىلارنىڭلا ئەمەس ھەتتا ئاتا – ئانىلارنىڭ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ سادىق دوستىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى. شۇ كۈنلەردىن باشلاپ ئېلان، تۈرلۈك تېلىۋىيە فىلىمى، كىنو ئېكرانلىرىدا بۇ خۇشخۇي چىراي خەلقىمىزگە تونۇش بىر سىماغا ئايلانغان ئىدى. شۇ تەرىقىدە 21 – ئەسىرنىڭ درۋازىسىنىمۇ شۇ سۇيۇملۇك چىمەن دوپپا، بادام دوپپىلار بىلەن ئاچقان بۇ سۆيۈملۈك قىز جەمىيەت ئەمدىلا يانفون دەۋرىگە، ئىنتېرنېت دەۋرىگە قەدەم تاشلىغان بىر پەيىتلەردە ۋەتەن ئېكرانلىرىدىن تۇيۇقسىز غايىپ بولدى ۋە ئىسمىمۇ قانداقتۇر كىشىلەر ئاشكارا تىلغا ئالالمايدىغان سىرلىق بىىر ئىسم بولۇپ قالدى.

ئۇنداقتا بۇ قىز زادى كىم؟

ئۇ-
نازۇككىنە يېتىلىپ،
بەرگلىرى ئېچىلىپ ،
خۇشھېدلىرى چېچىلىپ،
كۈي تۆككەن گۈل چېھرىدىن.

ئۇ-
سەھەرلەرگە تەلمۈرۈپ،
ۋىسال ئىزلەپ چۈش كۆرۈپ،
ھېجران ئارا مىڭ ئۆلۈپ،
مەھرۇم قالغان كۈلكىدىن.

ئۇ-
سەبىلەرنىڭ مۇڭدىشى،
غەمكىنلەرنىڭ دىلدېشى،
تەنھالارنىڭ سىردىشى،
نۇر بېرىدۇ مېھرىدىن.

ئۇ-
مەزلۇملارنىڭ ئاۋازى،
ئۈمىدلەرنىڭ ئىزھارى،
دىل بېغىنىڭ باھارى،
ئەل شادلىنار سۆزىدىن.

ئۇ-
كارۋانلارنىڭ ئىزىدىن،
بوستانلارنىڭ قىرىدىن،
چۆچەكلەرنىڭ ئىچىدىن،
يول ئىزلەيدۇ يېڭىدىن.

ئۇ-
ئۇيغۇر قىزى گۈلچېھرى،
ئەلنى سۆيگەن ئەل قىزى،
گۈل تېرىيدۇ ھەر ئىزى،
ئەلمۇ مەمنۇن ئۇنىڭدىن.

ئۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېلىمۇ ئېسىدە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان، كۆزلىرىدىن سەبىلىك ۋە سەمىمىلىك تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان، بالىلارنى قىزىق ـ قىزىق چۆچەك ۋە ھېكايىلەر بىلەن تەسەۋۋۇر ئالىمىدە پەرۋاز قىلغۇزسا، يېشىمى چوڭقۇر بولغان تېپىشماقلار بىلەن تەپەككۇر دېڭىزىدا ئۈزدۈرگەن، چوپ – چوڭ بولۇپ كەتسىمۇ بالىلار بىلەن ئويۇن ئوينايدىغان، كىچىك بالىلارنىڭ دوستى گۈلچېھرە ئىدى!

«ئوينايدىغان بالا بارمۇ ؟»، «كىچىك دوستلار، ئېيتىڭلارچۇ ئۇ نىمە؟» دەپ، ئۈسمۈر بالىلارنى كەينىگە ئەگەشتۈرۈپ يۈرۈپ، بالىلار دۇنياسىدىن كىشىلىك ھاياتنىڭ رەڭدار سەھنىسىگە ئاستا-ئاستا كىرىپ كەلگەن، ئەمما يۈرىكىگە بالىلاردەك سەمىمىيلىك ۋە ئاقكۆڭۈللۈكنى مەھكەم قەلبىگە تاڭغان گۈلچېھرە ئۆز غېمىدىن ئەل غېمىنى چوڭ بىلىپ، زالىمنىڭ زۇلمىدىن نەپرەتلىنىپ، نەيرەڭۋازلىقلىردىن سەسكىنىپ، سەبىلەرگە ئېچىنىپ، ھەق يول ئۈچۈن مەئىشەتتىن كېچىپ، داۋانلار ئېشىپ ھۆرلۈك غايىسى يولىدا ئىزدىنىۋاتقان گۈلچېھرە ئىدى!

رەھىمسىز يىللار نۇرغۇن كەچمىشلەرنى ئۆز باغرىغا كۆمدى…

باشقىلار: «چوڭ بولمامدىكى بۇ چۆچەكچى قىز» دەيدىغان گۈلچېھرەنىڭ ئۆزىنىڭمۇ مانا بالىلىرى بولدى. ئۇ ئىككى قىز، بىر ئۇغۇلغا ئانا بولدى ئەمما سىز تازا زەڭ سالسىڭىز ئۇ يەنىلا كۆڭۈل كۆزىدە بالىلىق ھالىتىدە قېتىپ قالغاندەك كۆرۇنەتتى … ئۇ ھازىر ئۇچ پەرزەنتنىڭ ئانىسى. ئۇ ئۆز ئېلىدىن، تۇغۇلغان ئانا تۇپرىقىدىن ئۇزاق ـ ئۇزاقتا، ناتونۇش ئەلنىڭ قۇچىقىدا‏ ـ ئامېرىكىدا ياشاۋاتىدۇ. ئۇ ھەر دەقىقىدە ئائىلىسىنى، ھەتتا ئالەمنى ۋەتەنگە ئايلاندۇرۇش ھەلەكچىلىكىدە. بالىلىرىنىڭ دادىسى قازاقىستانلىق ئۇيغۇر. بالىلىرى ھەر ۋاق ئۇ ئۆز قولىدا ئەتكەن ئۇيغۇر تائاملىرنى مەززە قىلىپ يىگەندە، «رەھمەت جېنىم ئاپا، ئاللاھقا شۈكۈر، ئۇيغۇر بالىسى بولۇپ تۇغۇلۇپتۇق، بولمىسا بۇنداق مەززىلىك پولو – لەغمەن مانتىلارنى بىلمەي، يىمەي چوڭ بولاتتۇق ھە…» دىيىشىدۇ.

دېمەك، ئۇ ھەر يۇتۇم سۇ، ھەر بىر ئېغىز تاماق بىلەنمۇ بالىلىرىنىڭ ۋۇجۇدىغا ۋەتەن ـ مىللەت سۆيگۈسىنى سىڭدرۈشكە تىرىشىدۇ … چۈنكى ئۇ ئۆزىمۇ شۇنداق چوڭ بولغان. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىدىن، ئۆز ئائىلىسىدىن، مىللىتىدىن، مەدەنىيىتىدىن، ئۆزى تەۋە توپلۇقنىڭ ھەممە نەرسىسىدىن پەخىرلىنىپ ئۈسۈپ يېتىلگەن. شۇڭا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن، تامان سىياقىدىن، ھەركىتىدىن، گەپ سۆزلىرىدىن ئۇيغۇرلىقى يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئۇنىڭ ئۆيدىكىلىرى، ئۇرۇق ـ تۇغقان، يېقىنلىرى ئۇنى «گۈل» دەپ چاقىرىشىدۇ. بۇرۇنمۇ ساۋاقداشلىرى، مۇئەللىملىرى ئۇنى شۇنداق چاقىراتتى. ھازىرغىچە كۆپۇنچە ئادەم ئۇنى گۈل دەيدۇ. تەلەپپۇز قىلىشقا ئوڭايراق بولغاچقا ئامېركىدىكى باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ ئۇنى گۈل دەپ چاقىرىشىدۇ. ئەلۋەتتە، دېمىسىمۇ ئۇ ئۇيغۇر ئۇچۈن ئېچىلغان بىر گۈلى دە…

يىللار يورغىلاپ ئۆتۇپ كەتتى. ئۆز ۋاقتىدىكى سەبىيلەر ئەمدى چوپ ـ چوڭ ئادەم بولۇپ كەتتى. بىزنىڭ گۈلمۇ ھۆسنىگە تولۇپ ۋايىغا يەتتى. ئەمما يۈرىكىدە بىر سېغىنىش ئوتى توختىماي يېلىنجايدۇ… گۈلچېھرە ھازىرمۇ ئاشۇ بىغۇبار بالىلارنى، ئۇلارنىڭ كۆڭۈللۈك دۇنياسىنى، ئۆزىنىڭ ئۆزلۈكىنى، تەڭرى تېغىنى ۋە ئۇنىڭ غۇنچىلىرىنى سېغىنىدۇ….

بۇ گۈلنىڭ تۇنجى ئاۋازى 2001 ـ يىلى 11 ـ ئايدا ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسىدا ياڭرىغاندا، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن باشلاپ بارلىق يېقىن دوست ـ يارەنلىرىنىڭ بېشىغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل شەكىلدىكى توقماقلىرى تېگىشكە باشلىدى. ۋەتەن تۇپراقلىرىدا تۇنجى ئارخىئۇلۇگ بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلىم كارۋىنىنىڭ ئالدىدا يۈرگەن، ھەم بىر ئۆمۈر بۇ يولدا يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان دادىسى ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندى بىلەن خانىمىنىڭ پاسپورتلىرى مۇسادىرە قىلىندى. ئۇنىڭ ئېكران ھاياتىدىكى بارلىق خاتىرىلىرى غايىپ بولدى. ھۆرلۈك ئىزدىگۈچىنىڭ ئەتراپى ھۆرسىزلىككە مەھكۇم بولدى.

ئۇنىڭ ئازابلانغان، ئىزتىراب چەككەن، پۇچىلانغان، ئىككىلەنگەن كۈنلىرى بولدى ئەمما ھېچ پۇشايمان قىلمىدى چۈنكى سۈكۈت ئۆلۆمگە ئەڭ يېقىن. ئۇ ئادالەتسىزلىككە جار سېلىپ، مەزلۇم خەلقنىڭ ئاۋازى بولدى. ئۇنىڭ ئىسىيانكار روھىيىتى ئۇنى ئۇيغۇرنىڭ ئاۋازىغا ئايلاندۇرۇپ بولغان ئىدى.

ئۇ ھازىر ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدەك دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردىن بىر خەلقئارالىق رادىئو ـ تېلىۋېزىيەسىنىڭ ئەڭ پېشقەدەم خىزمەتچىسى، ئالىي دەرىجىلىك مۇخبىرى، تېلىۋېزىيە رىياسەتچىسى ۋە رېجىسسورىدۇر.

گۈل يەنە ئۇيغۇر تېلىۋىزىيە ساھەسىدە تۇنجى ۋە بىردىن بىر ھىجابلىق مۇخبېر ۋە رىياسەتچى بولۇپ قالدى. بۇ ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدىكى ئۆزىدىن ئەڭ پەخىرلىنىدىغان تەرىپى. ئۇ بۇ ھەقتە توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ:

10 يىللارچە ۋاقىت كەتتى. مەن يېڭىلا ھىجابلىق ھالدا تېلىۋىزورغا چىقىشقا باشلىغان، جەمىيەتتە بۇنىڭغا قارىتا ئوخشىمىغان پىكىرلەر قايناۋاتقان بىر ئەسنادا داڭدار بىلىم ئادەملىرىمىزدىن بىرىنىڭ ‘ئاپىرىن سىڭلىم، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي باستۇرۇشنى تازا كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، ياغلىقىڭىزغا بىر بومبىنى يۆگەپ ئاتتىڭىز!’ دەپ مەدەت بەرگىنىنى ھەرگىز ئۇنتىمايمەن. مەيلى قايسى جايدىن ئېكراندا كۈرۈنەي، قانداقلىكى سىياقتا كۆرۈنەي، خەلقىم مېنى سۆيدى، ئىزچىل قوللىدى، ئىلھام بېرىپ كەلدى. ئەلنىڭ سۆيگۈسى ۋۇجۇدۇمنى، قەلبىمنى ئىللىتتى. تا ھازىرغىچە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قانداقلا جايىغا تېلېفون قىلاي، دائىم كىشىلەر ئاۋازىمدىن مېنى تونۇۋالىدۇ. بۇ مېنى ئۇلاردىنمۇ بەكرەك ھاياجانغا سالىدىغىنىنى بىلمەيدۇ، بەلكىم. كىشى ئۇچۇن ئۆزىنىڭ سۆيۈلگەنلىكنى ھېس قىلىشتىنمۇ تاتلىق بىر تۇيغۇ يوقدۇر بۇ دۇنيادا. مەن خەلقىمدىن ئەلدىن روھىي ئۈزۇق ئېلىپ كەلدىم، مەن ئۇيغۇرلىقىمدىن پەخرلىنىمەن. ئاشۇنداق مىننەتسىز سۆيگۈ ئاتا قىلىدىغان، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق، بىراۋ ئازغىنە مېھىر بەرسە پۈتۈن يۇرىكىنى چىقىرىپ بېرىدىغان ئاجايىپ گۈزەل، ئاق كۆڭۈل بىر خەلقنىڭ قىزى بولغىنىمدىن پەخىرلىنىمەن».

ئەمدى گۈلنىڭ ئۈسۈپ يېتىلىش ھېكايىسىغا كېلەيلى، گەپنى يىلتىزىدىن يەنى ئائىلىسىدىن باشلايلى:

1973 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 17 ـ كۇنى ئۈرۈمچىدىكى بىر زىيالى ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كەلدى. 8 يىل پەرزەنت ئارزۇسىدا تولغانغان ئاتا – ئانا ئۈچۈن ئاللاھدىن بېرىلگەن بۇ نېمەت پۈتۈن جەمەتنى ئالەمچە سۆيۈندۈردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ شۇ چاغدا بۇ جەمەت ئىچىدە بىردىن بىر قىز نەۋرە ئىدى. ئۇ خېلى يىللارغىچە بۇ جەمەتنىڭ تەنھا ئەركە مەلىكىسى بولۇپ ياشىدى. ئۇزاق ئۆتمەي ئىنىسى دۇنياغا كەلدى. گەرچە مەلىكىمىز ئەركە چوڭ بولغان بولسىمۇ، ئىنىسىغا ئاجايىپ كۆيۈمچان ھەدە بولدى. ئۇ تولىمۇ تەلەيلىك ئىدى چۇنكى بىر ئوماق ئىنىسى ۋە تولىمۇ ئىللىق بىر ئائىلىسى بار ئىدى. شۇنىسى ئېنىقكى ئۇنىڭ ھازىرقىدەك يېتىلىشىدە مەرىپەتپەرۋەر، سەنئەتخۇمار، مىللەتپەرۋەر، مېھرى-ـ مۇھەببەتكە تولغان، ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئالاھىدە توھپىكار ئائىلە سانالغان بىرئائىلىدە دۇنياغا كېلىشى ۋە شۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولىشى مۇھىم رول ئوينىغان ئىدى.

گۈلنىڭ بوۋىسى ئۇيغۇر مۇقامشۇناس كومپوزىتور زىكرى ئالپەتتا ئىدى. ئۆزىنىڭ ئېسىل كىشىلىك پەزىلىتى ۋە مول كەسپىي بىلىمى بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بۇ سەنئەت پېشىۋاسى ھەر تەرەپتىن گۈلچېھرە ئۈچۈن گىگانت سىما ئىدى. ئۇ مەكتەپكە كىرگەنگە قەدەر نەۋرە ئاكا ـ ئىنىلىرى بىلەن بوۋا ـ مومىسىنىڭ يېنىدا چوڭ بولدى. ئەڭ داڭلىق مۇزىكانتلار، ھەممە ھەۋەس قىلىدىغان ئارتستلار، چولپانلار ئۇ چوڭ بولغان ئويگە كىرىپ-چىقىپ يۈرىشەتتى. بۇ ئۆيدە ھەمىشە مۇزىكىلىق مەشرەپلەر بولۇپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ ناخشا – مۇزىكىغا ئالاھىدە ئىشتىياق باغلاپ چوڭ بولغان ئىدى. ئۆيدىمۇ ساز ئۈزۈلمەيتتى، كەچلىك تائامدىن كېيىن بوۋىسىمۇ، دادىسىمۇ بىرەر پەدىدىن چېلىۋەتمەي ياتمايتتى. ھەممەيلەن يىغىلغانلاردا بولسا بايرام كەيپىياتى ئەۋىج ئالاتتى. ئەمما ئائىلىدە پەقەت بوۋىسىلا كەسپىي سەنئەتچى ئىدى. شۇڭلاشقىمىكىن بوۋىسى ئۇنىڭغا دۇنيادىكى ھەممىدىن قاۋۇل، مۇكەممەل ئادەمدەك بىلىنەتتى. شۇڭا گۈل ئۇنى «يوغان دادا» دەپ چاقىراتتى. بوۋىسىغا ئەگىشىپ ناخشا ئۇسسۇل ئۆمىكىدە ماراپ كۆرۈۋالغانلىرىنى دوراپ، ھېلى شېرىن، ھېلى سەنەم بولۇپ ياسىنىپ ناخشا ئېيتىپ، ئۇسۇل ئويناپ بەرسە، بوۋىسى ھەيران قېلىپ كۈلۈپ كېتەتتى. بەزىدە مەسلىگى كېلىپ قاراپ، كوزلىرىگە ياش ئالاتتى. ئۇ كىچىكىدە مومىسىنى «ئاددىي ئۆي ئايالى» دەپ بىلەتتى. پاشا ئىشان، ماھىنۇر قاسىم دىگەندەك كاتتا ـ كاتتا ئاياللار «سەلىمە ھەدە، سەلىمە خانىم» دەپ مومىسىنى يوقلاپ كەلسە، كىچىك ئاپىلىرى «بۇ ئاپاشلار مومىڭىزدا ئوقىغان ئىكەن» دەپ پاراڭ قىلىپ قوياتتى.

ئۇ كېيىن بىلدىكى، بېلىدىن پەشتامال چۈشمەيدىغان، بالىلار بېشىنى ئوچاق ئېتىۋەتسىمۇ بىرەر قېتىم ”ھاي! ”دەپ سىلكىپ قويمايدىغان بۇ موماي ئەسلىدە 19-ـ ئەسىرنىڭ بېشىدا تۈركىيىدە ئىلىم تەھسىل قىلغاندىن كېيىن ئىلىغا ئەڭ دەسلەپ يېڭى مائارىپنى ئېلىپ كىرگەن مەرىپەتپەرۋەر، تونۇلغان 10 ئەپەندىمنىڭ بىرى بولغان، ئىلى تەۋەسىدە «ئابدۇللا تارىخ» نامى بىلەن مەشھۇر بولغان ئابدۇللا غوجامبىر ھاجى ئوغلى يەنى مەشھۇر مەمەت ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ قىزى ئىدى (ئابدۇللا ئەپەندىنىڭ ‘قەشقەر تارىخى’ ،’ئۇيغۇر تارىخى’، ‘ئىلى تارىخى’ دېگەن كىتاپلارنى يازغانلىقى مەلۇم بولسىمۇ، لېكىن ئالدىنقى ئىككىسى قوليازما ھالىتىدە يۈتۈپ كەتكەن). ياتلىق بولۇشتىن ئىلگىرى، دادىسى ئابدۇللا غوجامبىر ھاجى ئەپەندى قورغاس مازىرغا سالغان تۇنجى ئىلمىي مەكتەپ بولغان “ئۈمىد” مەكتىۋىدە قىزلارغا ئىلمىي نۇجۇم، ئالگېبىرالاردىن دەرس بەرگەن ئىدى. دىمىسىمۇ مومىسى سەلىمە ئابدۇللا ئاجايىپ ئەقىللىق، بىلىملىك ئايال ئىدى. تولۇقسىز ئوتتۇرىدا گۈلچېھرە يېشەلمىگەن ئالگېبىرا مەسىلىلىرىنى يېشىپ بېرەتتى ئەمما ئۆزى توغرىلىق ھىچ ماختانمايتتى.

دادىسى ئابدۇقېيۇم غۇجا ئاپتونۇم رايونلۇق مۇزېيدا ئارخىولوگ ئىدى. ئۆيىمۇ شۇ مۇزىينىڭ ئارقىسىدىكى ئائىلىلىكلەر بىناسىدا ئىدى. گۈلچېھرەنىڭ بالىلىق، ئۆسمۈرلۇك چاغلىرى مۇزېيدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى، ئۆرۈپ ئادىتىگە دائىر كۆرگەزمىلەرنى خالىغانچە كېزىپ ئۆتتى. ئۇ مۇزېينىڭ كۆرگەزمە زالىدىكى ھەر بىر ئاسارە ـ ئەتىقىنى يادقا دىگۈدەك بىلەتتى. تارىخ، ئارخىئۇلوگىيە، مەدەنىيەت، سەنئە پېشىۋالىرى مۇجەسسەملەنگەن، كىشىلىك ھاياتنىڭ ھەربىر قاتلىمىغىچە چۈشىنىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئېتىدىغان بۇنداق جەمەت قوينىدا يېتىلىش ھەركىمگە نېسىپ بولىۋېرىدىغان تەلەي ئەمەستە! مۇھەببەت، سەنئەت، مەدەنىيەت بىلەن يۇغۇرۇلغان بۇ ئائىلە تەربىيىسى ئۇنى ئاستا- ئاستا ئۇيغۇرلىقىدىن، ۋەتىنىدىن، ئەجدادلىرىدىن ئالەمچە پەخىرلىنىدىغان، تولۇپ ـ تاشقان ئىشەنچ، غۇرۇرغا ئىگە قىلىپ ئۈستۈردى. ئۇ چېھرىدىن تەبەسسۇم تۆكۇپ تۇرىدىغان، سەنئەت خۇمار، تالانتلىق، ئىرادىلىك، تەسەۋۋۇرغا باي بىر قىز ئىدى.

ئۇ سەنئەت جەھەتتە تۇغما تالانتلىق ئىدى. 1980 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۇنى بوۋىسى گۈلچېھرەنى قولىدىن يېتىلەپ ئۈرۈمچى شەھەرلىك 20 ـ باشلانغۇچ مەكتەپكە بەردى. مەكتەپكە كىرىپلا ئۇنىڭ سەنئەت ئالاھىدىلىكى كۆزگە كورۇنۇشكە باشلىدى. باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپلا مەكتەپنىڭ ئۇسۇلچىسى بولۇپ قالدى. ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتەپكە كىرگەندە، سىنىپ مۇدىرى تۇراپ دايىم مۇئەللىم ئۇنىڭ ئاۋازىنىڭ جاراڭىقلىقىنى بايقاپ، دەرسلىكتىكى شېئىر- نەسىرلەرنى ئۇنىڭغا ئوقۇتىدىغان بولدى. بۇ خىل ئوقۇش جەريانلىرى ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئىلھامىغا ئوت ياقتى. ئۇ مەكتەپتىكى «غۇنچە ئەدەبىيات كۇرژۇكى» نىڭ ئاكتىپ ئەزالىرىدىن ئىدى. كېيىنچە ھەتتا كۇرژۇكقا رەئىسمۇ بولدى. گەرچە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىزچىل ئۇنى سەنئەت مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار ئۇسسۇل سىنىپىغا تاللىسىمۇ، ئائىلىسىنىڭ قوشۇلماسلىقى سەۋەبىدىن رەت قىلىناتتى. بۇنىڭ ئەسلى سەۋەبى بوۋىسى زىكرى ئەلپەتتانىڭ «گۈلچېھرە داۋاملىق ئوقۇسۇن!» دېگەن ۋەسىيىتى ئىدى. پۈتۈن ھاياتىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سەنئەت ئىشلىرىغا ئاتىغان بۇ ئەلسۆيەر بوۋاي كەلگۈسىدە نەۋرىسىنىڭ ئىلىم باغلىرىدىن مېۋە بېرىشىنىى ئۈمىد قىلغان ئىدى. بەلكىم ئۇ بۇ ئوماق نەۋرىسىنىڭ ۋۇجۇدىدىن باشقىلار ھېس قىلمىغان تالانتنى كۆرگەندۇر… يىللار ئۆتكەندىن كېيىن، گۈلچېھرە بۇنىڭ دانالارچە قارار بولغانلىقىنى كېيىن ھايات رئىاللىقى ئارقىلىق ھېس قىلدى.

لېكىن قىزىق يېرى، بوۋىسى ھېچقاچان ئۇنىڭ ھەۋىسىنى توسىمىغان، ھەتتا ئۆزى ناخشىلارنى ئۆگەتكەن، ئۇسسۇل ئارتىسلىرىنى ئۇستاز تۇتۇپ بەرگەن ئىدى. شۇڭىمۇ ئۇ سەنئەت تالانتى بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ ھەر تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلار سەنئەت فېستۋاللىرىدىكى پائالىيەتلەردە، چوڭ – كىچىك سەھنىلەردە، تېلىۋىزىيە سەنئەت پروگىرمىللىرىدا كۆزگە كۆرۈنۈپ يېتىشتى. تۇنجى قېتىم شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسى ئورۇنلاشتۇرغان سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە ئۇسسۇل، دېكلاماتسىيە، خور تۈرلىرى بويىچە رىقابەتكە قاتنىشىپ «گۈلگە قونغان كېپىنەك» ئۇسۇللىرى بىلەن بىرىنچىلىكنى ئالدى. گۈلچېھرە ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا دادىسىنىڭ كۈندىلىك خاتىرە تۇتۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش تەلىپى بىلەن قولىغا قەلەم ئالدى. تەدرىجى قەلىمى پىشىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرىنىڭ 2 ـ يىللىقىدا «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» گە تاللانغان بالىلار ئەسەرلىرى قاتارىدا گۈلنىڭ تۇنجى قېتىم «مېنىڭ چولپان يۇلتۇزۇم» ناملىق نەسىرى ئېلان قىلىنىپ، كىچىك يازغۇچى بولۇپ قالدى. كېيىن نۇرغۇن قېتىم دېكلاماتسىيە ۋە يېزىقچىلىق مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىپ مۇكاپاتلار ئالدى.

گۈلچېھرە تولۇق ئوتتۇرىنى نەتىجىلىك تاماملاپ 1991 ـ يىلدىن 1996 ـ يىلىغىچە شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇدى. ئۇنۋېرسىتېتقا كىرىپلا، تۈنجى قېتىملىق سەنئەت كۆرىكىدە بىرىنچى بولۇپ باھالىنىپ كۆزگە كۆرۇنۇشكە باشلىدى. بىرىنچى يىللىقتىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ئوتكۈزىلىدىغان سەنئەت كۆرىكىدە «باغۋەن قىز» دېگەن ئۇسسۇلى بىلەن 1 ـ دەرىجىلىك باھالىنىپ، كېيىن يەنە مەملىكەتلىك كۆرەككە تاللاندى. 1992 ـ يىلى نويابىردا ياپونىيە پايتەختى توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن 7 ـ نۆۋەتلىك خەلقئ‍ارا مىللىي ئۇسسۇل فېستىۋالىغا مەملىكەت ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇنۋېرستېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋەكىلى سۈپىتىدە قاتتنىشىپ، ئالتۇن مىدالغا ئېرىشىپ كەلدى ۋە بىردىنلا پۈتۈن ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇلتۇزى بولۇپ قالدى. ئۇ چاغلاردا گۈلچېھرە چەتئەلگە مۇسابىقىگە چىققان بىردىن بىر ستۇدېنت ئىدى. «شىنجاڭ ياشلىرى» ژورنىلى مەخسۇس مۇقاۋىسىدا ئۇنىڭ سۈرىتىنى چىقىرىپ، «ئۇسسۇلنىڭمۇ پەرۋانىسى بار» دېگەن ماقالە بىلەن تونۇشتۇردى.

گۈل شۇنڭدىن كېيىن يەنە ئۇدا ئىككى نۆۋەت ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچلىرىنىڭ سەنئەت فېستىۋالىدا ئەڭ ياخشى ئورۇنلاش مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولدى. تېلىۋېزىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت بوستانى، گۈلدەستە، نورۇز كېچىلىكلىرىدە نومۇر ئورۇنلىغاندىن باشقا 1995 ـ يىلى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىئۇ ـ تېلىۋېزىيىسىنىڭ نورۇز سەنئەت كېچىلىكىگە تۇنجى قېتىم تەكلىپلىك رىئاسەتچى بولدى. شۇندىن ئېتىبارەن گۈلچېھرەدە تېلىۋېزىيە ساھەسىگە قىزىقىش باشلاندى. پاتىگۈل سەئىدى، گۈلشەن ئابدۇرېھىمدەك پېشقەدەم دېكتورلارنى ئۇستاز تۇتتى، «كۆركەم تەڭرى تاغلىرى»، «ئەي نادان» قاتارلىق بىر قانچە MTV لەردە رول ئالدى.

گۈلچېھرە 1996 ـ يىلى باكلاۋورلۇقنى ئېلىپ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە، ئۇنۋېرستېت ئۇنى ئېلىپ قالماقچى بولدى ئەمما گۈل ئۆزىنىڭ تېلىۋېزىيە ساھەسىدە خىزمەت قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى بېرىشنى سوراپ، تەكلىپنى چىرايلىق رەت قىلدى.

ھالبۇكى گۈلنىڭ تېلىۋىزىيە چۈشى ئويلىغىنىدەك ئۇنداق ئاسان بولمىدى. بۇ يەردە كىچىككىنە بىر قىستۇرمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

1996 ـ يىلى 7 ـ ئايدا گۈلچېھرە شۇ چاغدىكى پىداگوگىكا ئۇنۋېرستېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسى مۇدىرى يالقۇن مۇئەللىمنىڭ ھەمراھلىقىدا، زور ئىشەنچ بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق رادىئ‍و ـ تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش بۆلۈمىگە كىرىپ كېلىدۇ. ئىشخانىدا رېن فامىلىلىك قاپىقى يامان، ئىگىز بويلۇق 40 ياشلار چامىسدىكى بىر ئايال « ـ نېمىگە كەلدىڭلار؟» دەپ سورىغىنىچە ئۈن ـ تىنسىز ھۆمىيىپ تۇرىدۇ. بۇ چاغدا يالقۇن مۇئەللىم بىراز ھاياجانلانغان ھالدا « ـ بۇ بىزنىڭ پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ ئەڭ ئاكتىپ ئەلاچى ئوقۇغۇچىسى گۈلچېھرە. بىز ئۇنى ئەسلى بەش يىلدىن بېرى مەكتەپكە ئېلىپ قالىمىز دەپ تەربىيىلىگەن. ئەمما ئۇ ئۆزىنىڭ تېلىۋىزىيىگە قىزىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ مۇشۇ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ ئېلىپ كېلىشىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ ئوقۇغۇچى ۋاقتىدىن تارتىپلا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تېلىۋىزىيىسىنىڭ پروگراممىلىرىغا قاتنىشىپ كەلگەن. مەكتەپ رەھبەرلىكىمۇ بۇ تالانتلىق ئوقۇغۇچىمىزنىڭ سىلەرنىڭ ساھەدە نەتجە يارىتىشىغا ئىشىنىمىز» دەپلا گۈلچېھرەگە قولىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش دېپلومى، باكلاۋرلىق گۇۋاھنامىلىرىنى ئۇنىڭغا بېرىشنى ئىشارەت قىلىدۇ. گۈلچېھرەمۇ تەييارلىۋالغان ئاپتونۇم رايون، مەملىكەت، ھەتتا خەلقئ‍ارالىق سەنئەت مۇسابىقىلىرىدە ئېرىشكەن بارلىق گۇۋاھنامە، ئىسپاتلىرىنى ئۇنىڭ ئۈستىلىگە قويىدۇ ۋە ھاياجان، ھودۇقۇش، تارتىنىش ئارىلاشقان ئىشەنچ بىلەن جاۋاپ كۈتىدۇ. ئەپسۇس رېن فامىلىلىك خىتاينىڭ « ـ بىزگە بۇ يىل ئىدارىمىزنىڭ پەرزەنتلىرىدىن باشقا ئادەم ئېلىش سانى بەرمىدى. ئۇنداق پىلانىمىز يوق!» دېگەن قوپال سۆزى ئۇنى بېشىدىن سوغۇق سۇ قۇيۇلغاندەك ئەندىكتۈردۇ… گۈل تېڭىرقاپ تۇرغان شۇ دەقىقىدە، خىتاي ئايالنىڭ قولىدىكى كىنىشكا – دېپلوملارنى ئۈستەلنىڭ بۇ تەرىپىگە پىرقىرىتىپ ئېتىشى گۈلچېھرەنى ئاجايىپ خورلۇق ھېس قىلدۇرۇپ، سەبىر قاچىسىنى پارە ـ پارە قىلىدۇ.

گۈل « ـ 16 يىل ئوقۇپ، جاپا تارتىپ ئالغان بۇ كىنىشكىلەر بىر قاراشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان نەرسە بولسا، ماڭىمۇ كېرەك ئەمەس» دېگىنىچە كىنىشكىلەرنى زەردە بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا ياندۇرۇپ ئاتىدۇ- دە، ئىشىكتىن ئوقتەك ئېتىلىپ چىقىپ كېتىدۇ… ئەتىسى مەكتەپ مۇدىرى ئۇنى ئىشخانىسىگە چاقىرتىدۇ. يالقۇن مۇئەللىم، مەكتەپ مۇدىرى ئابلەت ۋە ۋاڭ فامىلىلىك مەكتەپ پارتكوم سېكرىتارى ئۇنىڭ ئالدىراقسانلىق ۋە ئەدەبسىزلىك قىلغىنىنى بىرەر قۇر تەنقىدلەپ، رادىئو ـ تېلىۋېزىيە باش ئىدارىسى باشلىقىدىن تېلېفون كەلگەنلىكىنى، ئۇنى ئشخانىسىگە چاقىرتقانلىقىنى، دەرھال بېرىپ كەچۈرۇم سورىشى كېرەكلىكىنى ئېيتىپ، ئاگاھلاندۇرىدۇ. گەرچە گۈلچېھرە كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئاخىرى ئوقۇتقۇچىلىرىغا يۈز كېلەلمەي، نائىلاج رادىئو – تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا قايتا بارىدۇ.

ئۇ ئويلىمىغان يەردىن، رادىئو ـ تېلىۋېزىيە نازارىتىنىڭ نازىرى ئابلىز ئابدۇرېھىم ئەپەندى كۆزەينىكىنى بىر ئاز تۆۋەن چۈشۈرۈپ ئۇنىڭغا ئىنچىكىلەپ قارىۋەتكەندىن كېيىن، ناھايىتى ئېغىر- بېسق، ئەمما سەل گۇمانلىنىۋاتقاندەك بىر ئاۋازدا « ـ بىزنىڭ رېن جۇرېننىڭ يۈزىگە كىنىشكە ئاتقان قىز سىزمۇ ؟» دەپ سورايدۇ. « – ھە مەن، لېكىن يۈزىگە ئاتمىدىم. ئۇ نەگە ئاتقان بولسا مەنمۇ شۇ يەرگە ئاتتىم» دەيدۇ گۈلچېھرە تەمكىنلىك بىلەن. « ـ رېن جۇرېن سىزنىڭ كەچۇرۇم سورىشىڭىزنى تەلەپ قىلىپ، ئەرز قىلىپ كىرىپتۇ. يۈزلىرى قىزىرىپ كېتىپتىكەن، مەن تېخى يۈزىگە ئاتقان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپتىمەن» دەيدۇ چىرايىدا بىر خىل قىزىقىش ئىپادىلەنگەن ھالدا. بۇ ھالەت گۈلچېھرەنى بىرئاز تەئەججۈپلەندۈرسىمۇ ئەمما ئۇ چاندۇرمايدۇ ۋە « ـ ئاۋال ئۇ ماڭا ئاتقاندىكىن، ئاۋال ئۇ سورىسۇن، ئاندىن مەن سوراي. چۈنكى ئۇ مېنىڭ 16 يىل تىرىشىپ ئالغان كىنىشكىلىرىم ئىدى. ئۇ كۆزىگە ئىلمىغاننى ئاز دەپ ئالدىمغا ئېتىۋەتتى. مەن شۇنچىلىك كۆپ ئارزۇ ئارمانلار بىلەن بۇ يەرگە …» دەپ كېلىپ يىغلىۋېتىدۇ.

ئابلىز ئاكا ئۇنىڭ ئۆزىنى بېسىۋېلىشىنى كۈتۈپ، ئاندىن قىزىققان قىياپەتتە بىر نەزەر تاشلاپ بولغاندىن كېيىن، « ـ كىمنىڭ قىزىسىز؟» دەپ سورايدۇ. بۇ سوئال گۈلچېھرەنى بىراز ئەندىشىگە سالىدۇ چۈنكى ئۇنىڭ بۇ يەرگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگىنىدىن دادىسى خەۋەرسىز ئىدى. ئۇ ئىچىدە « ـ دادامغا ئاۋارىچىلىق تېپىپ بەردىم» دەپ ئويلاپ ئەنسىرەشكە باشلايدۇ. ئەمما نازىر «ئابدۇقەييۇم خوجا» دىگەن ئىسىمنى ئاڭلىغاندىن كېيىنكى ئەھۋاللار ئۇنى باشقىچە ھېسلارغا چۆمدۈرىدۇ. ئابلىز ئەپەندى كىتاپ ئىشكابىدىن «مايتېرى سېمىت»، «قەدىمىي ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تالللانما»، «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمىي مەدەنىيەت» ناملىق 3 كىتابنى ئېلىپ، « ـ دادىڭىزغا دەپ قويۇڭ، بۇ كىتاپلار ئۇنىڭ بويى بىلەن تەڭ ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز …» دەيدۇ ۋە ئارقىدىن « ـ سىز دادىڭىزنىڭ قىممەتلىك بىر تال قىزىغۇ؟» دەپ ئەسكەرتىپ قويىدۇ. ئۇ بىردەم تۇرۇۋالغاندىن كېيىن « ـ ئەگەر سىزنى تېلىۋىزىيە ئىستانسىغا خىزمەتكە ئالساق نىمە قىلالايسىز، بۇ يەرگە كېلىشتە بىرەر پىلانىڭىز بارمۇ؟ مەن ئاڭلاپ كۈرەي» دەپ سورايدۇ. شۇندىلا گۈلچېھرە جانلىنىپ ئۆزىنىڭ ئىستەكلىرىنى ئوتتۇرىغا تۆكىدۇ…

ئابلىز ئاكا ئۇنىڭ گەپلىرىنى ھەۋەس بىلەن ئاڭلاپ ۋە ئارىلاپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتىپ سۆزلىشىگە رىغبەتلەندۇرىدۇ . بىرەر سائەتتەك سۆھبەتتىن كېيىن، ئۇ بىر پارچە قەغەزگە قىسقىچە بىر نىمىلەرنى يېزىپ « ـ بۇنى سىز ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنڭ سەنئەت بولىمىگە بېرىپ بۆلۈم باشلىقى خۇرشىدە غۇپورغا تاپشۇرۇڭ!» دەيدۇ ۋە ئارقىدىن « ـ ئاشۇ كىنىشكىنى ئاتمىغان بولسىڭىز بۇ خىياللىرىڭىزنى بىلدۈرۈش پۇرسىتىمۇ بولمايتتى قىزىم، خاتىرجەم ئىشىڭىزنى باشلاڭ!» دەپ قوشۇپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ گۈلنىڭ ئۇزۇندىن بۇيان كۆرۈۋاتقان چۈشى رېئاللىققا ئايلىنىدۇ.

تېلىۋىزىيە خىزمىتى بولۇپمۇ رىياسەتچىلىك ۋە رېژىسسورلىق ئۇنۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ ئەمما ئۇنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى يوق. كۆرگۈچىلەرنىڭ، دەۋرنىڭ تەلىۋىگە ماسلىشىپ، ئېكراندا ئۆزگىچە ئوبراز خاسلىقىنى نامايەن قىلالىغانلار داڭلىق رىياسەتچى بولالايدۇ. گۈلچېھرە تېلېۋىزىيە ساھەسىگە قەدەم تاشلىغان مەزگىل دەل تىل ئىشلىتىشكە، ئۇسلوب يارىتىشقا قىزىقىۋاتقان ماھىرلار تېلىۋىزىيە ساھەسىدە ئەمدىلىكتە كۆزگە كۈرۈنىۋاتقان بىر پەيت ئىدى. ئېقىم ۋە ئۇسلوبتا دورامچىلىق قىلغان رىياسەتچى مەغلۇپ بولاتتى. ئۇ ئىزدىنىپ، ئاخىرى ئۆزىنىڭ قەلبىدىكى كىچىك قىزنى ئويغاتتى. گۈل ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى بايقىۋالدى. ئۇ بالىلارنىڭ ئارزۇسىنى ئېقىم؛ تەبىئىيلىكىنى ئۇسلوب قىلدى ۋە غەلىبە قازاندى. ئۇ دەسلەپ ئۇچ ئاي تىرىشىپ ئۆگەندى. 1996 ـ يىلى 10 ـ ئايدا بىرقانچە ياش ئىجادچان كەسپداشلىرىنىڭ ھەمكارلىشىشىدا ئۈسمۈر بالىلار ئۈچۈن ھەپتىدە بىر تارقىتىلىدىغان «تەڭرىتاغ غۇنچىلىرى پروگراممىسى» نىڭ رىياسەتچىلىكى، فىلىم ئاپتورلۇقى، فىلىم رېجىسسورلۇقىدىن ئىبارەت كۆپ خىل ۋەزىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ ئىشلەپ يورۇققا چىقاردى. بۇ پروگرامما دەسلەپتىلا ئىنتايىن قىزغىن ئالقىش ۋە يۇقۇرى باھالارغا سازاۋەر بولدى. گۈل بالىلار ئەدەبىياتى، بالىلار مۇزىكىلىرى، بالىلار تەربىيە خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن ئىجدىھادلىق ئۇستازلاردىن ھارماي ئۆگەندى. ئۇلارنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سالدى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى، كىلاسسىك ئەسەرلەرنى بېرىلىپ ئۆگىنىپ، يېڭىچە بىر بالىلار پروگراممىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تىرىشتى. خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىكى نەمۇنىلەر ئىچىدىن تاللانغان چۆچەك، مەسەللەر بالىلارنىڭلا ئەمەس، ئاتا- ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارنىڭمۇ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. گۈلگە سەبىي غۇنچىلاردىن توختىماي خەت كېلىشكە باشلىدى .

ئىنسان ئۈچۈن ھەممە تەرەپلەردىن مۇكەممەل بولۇپ يېتىلىش مۈمكىن بولمىغىنىدەك گۈلنىڭ بۇ ۋاقىتلاردا ئۆزى بىلىپ ـ بىلمەي دېگەندەك كەتكۈزۈپ قويغان تەرەپلىرىمۇ بولدى. بىر كۈنى ئۇ دوستلىرىنىڭ « ـ چېچىڭنى قىسقا كېسىۋەتسەڭ تېخىمۇ كىچىك، ئوماق بولۇپ كېتىسەن» دېگەن سۆزىگە كىرىپ، چېچىنى كېسىۋېتىدۇ. بۇ ئىش كۈتۈلمىگەن يەردىن دادىسىنىڭ « ـ سىزنى بۇنداق يەڭگىللىك قىلىدۇ دەپ ئويلىماپتىمەن، مۇشۇنداق بىر مەسئۇلىيەتسىز قارارنى قانداقمۇ ئالدىڭىز؟ كىمدىن سوراپ ئالدىڭىز؟ سىز ھازىر ئۆزىڭىزگىلا مەنسۇپ ئەمەس؛ سىزنىڭ چېچىڭىز ھەم سىزنىڭلا ئەمەس؛ ئۇ تېلېۋۇزۇر كۆرگۈچىلەرنىڭ، سىزگە ئەگىشىۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ چېچى ئىدى… ئەمدى ئۇلارمۇ دوراپ چېچىنى كەسسۇنمۇ؟ سىزنىڭ چېچىڭىز “ئۇيغۇر” دېگەن مۇشۇنداق چاچ قويىدۇ، بېشىغا دوپپا كىيىدۇ دەپ قىزلىرىنى تەربىيىلەۋاتقان ئاتا ـ ئانىلارنىڭ، مىللەتنىڭ چېچى ئىدى … بۇ بىر ئوبراز. سىزنىڭ ئۇيغۇر قىزىنىڭ ئوبرازىنى بۇزۇشقا نېمە ھەددىڭىز ؟ سىز ھەر بىر ئىش ھەركىتىڭىزگە مەسئۇل بولۇشنى ئۆگىنىڭ … » دېگەن ئاچچىق تەنبىھىگە ئۇچرايدۇ. ئۇ قىسقا چېچى بىلەن پروگراممىغا چىقىپ ئىككىنچى كۈنىدىن باشلاپ، تەنقىد خەتلىرى يېغىپ كېتىدۇ. ھەتتا ئىستانس باشلىقىمۇ گۈلنى چاقىرتىپ، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلىقىنى تەنقىد قىلىدۇ. شۇ ئىشتىن كېيىن گۈلچېھرە دادىسىنىڭ دانالىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلىدۇ. ئۇ كېيىنكى قىسىم پروگراممىسىدا بازاردىن يالغان چاچ سېتىۋېلىپ، چاندۇرماي ئۇنى ئىككى ئۆرۈمە قىلىپ ئۆرۈپ بېشىغا كىيىپ، بۇرۇنقى سىياقىغا كېلىپ، ئوبرازىنى قۇتقۇزۇپ قالىدۇ. ئەمما بالىلار قىززىقچىلىق قىلىپ خەتلىرىدە « ـ گۈلچېھرە ھەدە، سىزنىڭ زادى قىسقا چېچىڭىز يالغانمۇ ياكى ئۇزۇنىمۇ؟» دەپ سورىشىدۇ….

رادئىو ـ تېلېۋىزىيە نازارىتنىڭ يىلىق خىزمەت باھالىشىدا نازارەت ۋە ئىستانس باشلىقلىرى ئالاھىدە ئۇنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ، گۈلچېھرەدەك مۇشۇنداق تالانتلىق، ئىقتىساس ئىگىلىرىنى كۆپەيتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىشىدۇ. شۇنداق قىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە گۈل ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ تۇنجى تېلىۋېزىيە رىياسەتچىسى بولۇپ قالىدۇ ۋە «تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا تونۇشتۇرىلىدۇ. شىنجاڭ تېلىۋېزىيىسىدە قوش تىلدا «ئا دەرىجىلىك» رىياسەتچى بولۇپ، تېلىۋېزىيە رېجىسسورلىقىغا كۆتۈرۈلىدۇ. ئۇستاز رېجىسسورلاردىن كەمتەرلىك بىلەن تەلىم ئېلىپ كۈندىن – كۈنگە پىشىپ يېتىلىدۇ ۋە پروگراممىلارغا، چوڭ تىپتىكى كېچىلىكلەرگە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. ھەتتا ئۆز ئالدىغا فىلىم ئىشلىگۇچى ھەم فىلىم رېجىسسورى بولۇپ نۇرغۇن فىلىملەرنى ئىشلەيدۇ. خىتايچە تىلى بىر قەدەر ياخشى بولغاچقا خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئىستانسىنىڭ ھەمكارلاشقان فىلىم ۋە كېچىلىكلىرىگە، خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانىسىسىنىڭ چوڭ تىپتىكى بىرلەشمە فىلىم ۋە كېچىلىكلىرىگىمۇ تەكلىپ بىلەن ئىشلەپ، كەڭ دائىرىدە تونىلىدۇ. گۈلنىڭ ئاكتىيورلۇقتىكى تالانتىنى كۆرگەن رېجىسسورلار ئۇنى كىنولاردا رول ئېلىشقا تەكلىپ قىلىدۇ. ئۇ «ماھىرەنىڭ ھەسرىتى»، «تۆمۈر ئاتلىقلار» دېگەندەك تېلىۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئالىدۇ.

گۈل بالىلار بايرىمى كېچىلىكى ئۈچۈن رىياسەتچىلىك قىلىپ ئىشلىگەن پروگراممىلىرى توت يىل ئۇدا خىتاي مەملىكەتلىك «تۇلپار» مۇكاپاتىغا، ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى دەرىجىلىك تېلىۋىزىيە پروگراممىلىرىنى باھالاشلاردا «نادىر فىلىم» مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشىدۇ. ئەگەر بىزنىڭ گۈلىمىز ئېرىشكەن نەتىج ۋە شان – شەرەپلەرنىڭ ھەممىسىنى بۇ يەردە بىرمۇ – بىرلەپ بايان قىلىساق بۇ قىىسسە بەك ئۇزىراپ كېتىشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ يەردە توختاپ تۇرايلى.

گۈلچېھرە ئۆزنىڭ تالانتى ۋە ئەجىرى بەدىلىگە ئۇيغۇر جەميىتىدە كۈنسايىن ئېتىبارغا ئېلىنغانسېرى، ئۇنىڭ باسقان يولى راۋانلاشىدۇ، گۈل ئۇيغۇرلار ئارىسىدىلا ئەمەس، خىتاي ئۆلىكىلەرنىڭ تېلىۋېزىيىلىرىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ رىياسەتچىلىك قىلىشقا باشلايدۇ. خىتاي مەركىزى تېلىۋېزىيىسىنىڭ مىللەتلەر مەدىنىيىتىگە، دېھقانچىلىققا ئائىت مەخسۇس سەھىپىلىرىگە رىياسەتچى، مۇخبىر بولۇپ قاتنىشىدۇ.

گۈلچېھرە خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تەڭرى تېغىنىڭ جەنۇپ ـ شىمالىدىكى ھەر بىر يېزا ـ مەھەللە، ئۆتەڭلەرگىچە بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنىيىتى، ئۈرۈپ ـ ئادەتلىرى، رېئال ھاياتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۆزىنى ۋە خەلقىنى چۈشىنىش، تونۇش پۇرسىەتلىرىگە ئىگە بولدۇ. بۇ ئارىدا گۈل ھەتتا بىڭتۇەن مەيدانلىرى، خىتاي شەھەرلىرىگىمۇ خزمەت مۇناسىۋەتلىرى بىلەن بارىدۇ. گۈلنىڭ زىيارەت جەريانى ئۇنىڭغا نۇرغۇن پىكىرلەرنى، سېلىشتۇرمىلارنى ۋە مۇلاھىزىلەرنى بەخش ئېتىدۇ. ھاكىمىيەت ئىگىلىرىنىڭ ئۆزى ئارقىلىق خەلققە سۇنىۋاتقان ساختا تەشۋىقاتلىرى بىلەن رېئاللىقنىڭ تۈپتىن ـ تۈپ قارىمۇ ـ قارشى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ئەمما ئەينى مەۋجۇت شارائىتتا گۈل ئۇچۇن سۈكۈت قىلىشتىن باشقا ئىمكانىيەت يوق ئىدى…. ئەمما گۈلىمىزنىڭ يۈرىكىدە بولسا كۈچلۈك بىر ئىسيان، ۋىجدان چۇقانى ئەۋجىيتتى …

1990 ـ يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى غۇلجا ۋەقەسىنىڭ قانلىق باستۇرۇلىشى، دېڭ شىاۋپىڭنىڭ ئۆلىمى، فالۇنگوڭنىڭ باستۇرۇش ېگەندەك چوڭ ـ چوڭ سىياسىي ۋەقەلىكلەر ئارقا – ئارقىدىن يۈز بېرىپ تۇرۇشقا باشلىدى. رادىئۇ ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسىمۇ ئالاھىدە سەزگۈرلەشتى. ھەرۋاقىت رەھبەرلىك تېلىۋېزىيە ئىستانسىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاۋازى ئىكەنلىكى، رادىئو ـ تېلىۋىزىيە خىزمىتى‏ بولسا ھاكىمىيەتنىڭ تەشۋىقات خىزمىتى ئىكەنلىكى ۋە ھەركىمنىڭ شەرتسىز ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئىتائەت قىلىشى كېرەكلىكى كۈچەپ تەكىتلىنىشكە باشلىنىدۇ. ئەلۋەتتە گۈلىمىزنىڭ رىياسەتچىلىكىدىكى بالىلار پروگراممىسىمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس ئىدى.

گۈلچېھرە 1998 ـ يىلى خوڭكوڭ خۇايۇ تېلىۋېزىيىسىىنىڭ زەردارلار سەھىپىسىگە تەكلىپ قىلىندى ۋە 12 قىسىم فىلىمگە خىتايچە رىئاسەتچلىك قىلدۇ. بۇ جەرياندا ئۇ خىتاي تېلىۋېزىيىسىدىكى ئەركىنلىك بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىكى چەكلىمىلەرنى، ئادالەتسىزلىكلەرنى ھەم ھەر تەرەپلەردىن ئۇلار ئارسىدىكى بار بولغان ئىمتىيازلاردىكى ئاسمان ـ زىمىن پەرقلەرنى چۈشنۇپ يېتىدۇ ۋە سېلىشتۇرما قىلىدۇ.

شۇ يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق رادىئۇ ـ تېلېۋىزىيە ئىدارىسى خەۋەر بۆلۈمى بىلەن شەندوڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت بىرلىشىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتىۋاتقان رەزىل سىياسىتىى پەردازلاپ كۆرسەتكەن «شەندوڭنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قىلغان ياردەملىرى» دىگەن تېمىدا 10 قىسىملىق پروگرامما ئىشلەيدۇ. بۇنىڭ مەخسۇس بىر قىسمى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چىڭداۋ شەھرىدىكى 2 – ئوتتۇرا مەكتەپتە تەسىس قىلغان «شىنجاڭ سىنىپى» ھەققىدە ئىدى. بۇ فىلىم ئەينى چاغدىكى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە قويغان پارىخور ئەمەلدارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ پىلانى ۋە تەلىۋى بىلەن ئىشلەنگەن. گۈلچېھرە بۇ فىلىمنى ئىشلەشكە ئىشتىراك قىلىدۇ ھەم بىر ئايدەك فىلىم ئىشلەش جەريانىدا بۇ يۈرگۈزۈلىۋاتقان سىياسەتنىڭ رەزىل مەقسەتلىرى ھەققىدە تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇشقا ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۈلنىڭ قەلبىدە «خەلقىمنىڭ ماڭا بەرگەن مۇھەببىتىنى سۈيئىستىمال قىلىپ، ھەقىقەتنى ھىمايە قىلماستىن، ئۇنى بۇرمىلاپ مىللەتنىڭ، ئەۋلاتلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئاسىيلىق قىلىۋاتامدىم…؟!» ېگەندەك بىر خىل ئاچچىق سوئاللار، نارازىلىق ۋە روھىي بۇرۇختۇملۇق پەيدا بولۇپ ئۇنى قىيناشقا باشلايدۇ.

دەل شۇ پەيتلەردە، يەنى شەندوڭدىن قايتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا گۈلچېھرەگە چەتئەلگە قىسقا مۇددەتلىك ساياھەتكە چىقىش پۇرسىتى نېسىپ بولىدۇ. ئۇ مېڭىش ئالدىدا ئىدارە رەھبەرلىرىنىڭ چوقۇم قايتىپ كېلىش ھەققىدىكى تەكرار ـ تەكرار تەكىتلەشلىرى بىلەن ۋەدىنامىلەرگە قول قويۇپ، ئاخىرى ئوڭۇشلۇق چېگرادىن چىقىپ ئەركىن دۇنياغا پەرۋاز قىلىدۇ. ئۇ شۇنى بىلەتتىكى، بېشىدىن كەچۈرگەن رېئاللىق ئۇنىڭغا ئاللىقاچان كېيىنكى مەنزىلىنى كۆرسىتىپ قويغان ئىدى. بۇ قېتىمقى سەپەر ئۇنىڭغا ئەنە شۇ غايىسىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى بەخش ئەتتى…

گۈل چەتئەلگە چىقىپلا، ۋەتەندىكى ۋاقتىدا چالا ـ پۇچۇق ئاڭلاپ قالىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى تۇنجى قېتىم تولۇق ۋە ئېنىق ئاڭلاشقا مۇيەسسەر بولدۇ. تۇنجى ئاڭلىغان كۈنى ئۇ ئۇزۇنغىچە بوغۇلۇپ ـ بوغۇلۇپ يىغلايدۇ… ھەتتا يىغىدىن ئاۋازى پۈتۈپ قالدۇ… چۈنكى رادئىو پروگىممىسىدا ئاڭلىنىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ مىيونخېندىكى بىر نامايىشىدا توۋلانغان «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك! خىتايلار ۋەتىنىمىزدىن چىقىپ كەتسۇن!» دېگەن جەڭگىۋار ئاۋازلار يۈرىكىنى ھاياجانغا سالسا، لەپىلدىگەن كۆك بايراقلار قانلىرىنى دولقۇنلىتىدۇ …

بۇرۇقتۇملۇقتا ياشىاپ كەلگەن گۈل ئۇچۇن سىرتقى دۇنيا يېپ ـ يېڭى بولۇپ تۇيۇلدى. ئۇ كومپىيوتېر ئالدىدا ئولتۇرۇپ توختىماي خەۋەرلەرنى، ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ ئوقۇدى، ھەيران بولدى، تەسىرلەندى، ھاياجانلاندى… كۆپكۆك ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنى نامايىشچىلار قولىدا كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئاشىق بولدى. ئۆزىنى شۇ بايراقنى تۇتقان كەبى تەسەۋۋۇر قىلدى… ھاياجاندىن يۈركى تىز سوقاتتى… ئۇ شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن ئۆزىنىڭ تامامەن باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدى. گەرچە يۈرىكى ئارقىسىغا، ئۆزى توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتەنگە تەلپۈنۈپ تۇرسىمۇ، ئەمما ئۇ ئەمدى ئۇنداق ساختا ھايات ئىچىدە ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. قايتا بېرىپ ئىشىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۆزىنى ئەۋلاتلار ئالدىدا كەچۈرگۈسىز گۇناھ سادىر قىلىدىغانلىقىنى سەزدى. ئۇنىڭ تۇيغۇلىرى ئۇنىڭغا: «بۇندىن كېيىنكى مەنزىلىڭ مۇشۇ يەردە ـ ھۆر دۇنيادا باشلىنىدۇ. خەلقىڭنىڭ ھۆرلۈكى ئۇچۇن سېنىڭ ئاۋازىڭمۇ ياڭرايدۇ…» دەپ پىچىرلايتتى.

گۈلچېھرەنى قارار قىلىش ناھايىتىمۇ مۈشكۈل بولغان بىر قىسمەت تەخىرسىز كۈتۈپ تۇراتتى. ئۇ كېچە ـ كېچىلەپ ئازاپ بىلەن تەكرار ـ تەكرار ئويلىنىشلاردىن كېيىن، ئاخىرى مۇشۇ ئەركن تۇپراقتا ئەركىنلىك ئۇچۇن قېلىپ قېلىشنى قارار قىلدى. ئەگەر ئۇ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىدا ئىشلىيەلىسە ئۆزىنىڭ رولىنى ئەڭ ياخشى جارى قىلدۇرالايدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئەمما بۇمۇ ئارزۇ قىلىش بىلەنلا پۈتىدىغان ئاددىي ئىش ئەمەس ئىدى. گۈل ئۇزاق تېڭىرقاشلاردىن كېيىن، ئاخىرى بارلىق جۇرئىتىنى يىغىپ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋە قۇرغۇچىسى دوكتور دولقۇن قەمبىرى ئەپەندىگە تېلىفون قىلدى. ئىشلار ئۇنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ تېز بولدى. ئۇنىڭ كەسپى ئىقتىدارىنى ياخشى بىلگەن ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى رەھبەرلىكى، گۈلنى ئىنتايىن خوشاللىق بىلەن تېزلىكتە قوبۇل قىلىپ ئېلىپ كەلدى. بىرىنچى قول دېرىكتور شۇ چاغدا « ـ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا خۇش كەلدىڭىز، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى سىزگە ئوخشاش ئەركىنلىككە تەلپۈنگەنلەرنىڭ رادىئوسى، جۈرئىتىڭىزگە بارىكاللا! بىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ داڭلىق تەشۋىقاتچىسىنى ئۆزىگە قارشى ئىشلىتەلىگىنىمىزدىن چەكسىز خوشالمىز. بۇ دېمۇكىراتىيىنىڭ كوممۇنىزىم ئۈستىدىكى غەلىبىسى، ئەركىنلىكنىڭ زۇلۇم ئۇستىدىن قىلغان غەلىبىسى…» دېگەن ئىدى.

ھاياتىدا ئامراق دادىسىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىغان گۈلچېھرەنىڭ بۇ قارارىنى دادىسى ئابدۇقەييۇم خوجا ئەپەندىمۇ كېيىنرەك بىلدى. چۈنكى گۈلچېھرە شۇنى بىلەتتىكى، ناۋادا دادىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشسە، ئۆزى ئۈچۈن تولىمۇ سۆيۈملۈك بولغان دادىسىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغاندا، قارار ئېلىشىغا تەسىر كۆرسىتىشتىدىن قورقاتتى. چۈنكى ئۇ دادىسىنى جېنىدىن ئارتۇق كۆرەتتى… ئۇلارنىڭ قەلبلىرى شۇنچىلىك يېقىن ئىدىكى، بىر ـ بىرىنىڭ كۆزىدىن سۆزلىرىنى چۈشىنىپ يېتىشەتتى. ھەتتا ئىما ـ ئىشارەت، سۈكۈتلىرىدىكى مەنالارنىمۇ ھېس قىلىشىۋالاتتى. ئۇلارنىڭ قەلىبلىرى بىر ـ بىرىگە تۇتاش ئىدى… دادىسىنىڭ كېيىن قىزىغا «ئەل رازى، خۇدا رازى، ئاھ مېنىڭ نازۇگۇم قىزىم …» دېگەن يېرىم جۈملە سۆزى ئۇنىڭ قارارىدا چىڭ تۇرۇشىغا كۇپايە بولدى. 2001 ـ يىلى 11 ـ سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن گۈلچېھرەنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسىدىكى يېڭى ھايات سەپىرى باشلىنىپ كەتتى.

تەھرىرلىك ھەيئىتى ئۇنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن تەخەللۇس قوللىنىشنى تەكلىپ قىلدى لېكىن ئۇ رەت قىلدى. «مۆھتەرەم ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئىشتراكچلىرى، مەن دوستۇڭلار گۈلچېھرە!» دەپ تۇنجى ئاڭلىتىشنى باشلىغان دەقىقىلەردە، ئۇ ئۆزىنىڭ سېغىنىش، سۆيگۈ، ئۈمىدلىرىنىڭمۇ رادىئۇ دولقۇنلىرى ئارقىلىق ۋەتەن تۇپراقلىرىنىڭ ھەر يەرلىرىنى باغاشلاۋاتقانلىقىنى ئويلىغىنىدا قەلبى چوڭقۇر تۇيغۇلارغا چۆمدى. ۋۇجۇدى ھاياجان ئىلكىدە تىترىدى…

مانا ھەش ـ پەش دىگۈچە ئارىدىن خېلى يىللار ئۆتتى. گۈلچېھرەمۇ ئۆزى ئارزۇ قىلغان بۇ جەڭگىۋار سەپتە بىر كىشىلىك ئورنىنى ئالدى. ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئۆگەندى ۋە چۈشەندى. گەرچە ئانا ۋەتىنىنى، ئاتا ـ ئانا، ئۇرۇق ـ تۇققان، دوست ـ يارەنلىرىنى، ئۇستازلىرىنى بولۇپمۇ ئاشۇ ئوماق سەبىي تەڭرىتاغ غۇنچىلىرىنى يۈرىكىنىڭ قات ـ قېتىدىن سېغىنغان بولسىمۇ، ئەمما ئەل ـ ۋەتەن ھۆرلىكى يولىدا خىزمەت قىلىش غايىسى ئۇنىڭغا ھەر ۋاقىت مەدەتكار كۈچ بولۇپ كەلدى. ئۇ خىزمەتكە چۈشۈپلا ئىشنى ئۆز تەجرىبىلىرىنى يېڭى ئورنىدا تەدبىقلاش بىلەن باشلىدى. چۈنكى ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسى چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يېڭى بىر بوزلۇق ئىدى. ھەركىم ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن ئىشلارنى يۈرگۈزەتتى ئەمما ھەقىقى كەسپىي خادىملار يېتەرسىز ئىدى. ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن پروگراممىلارنى باشلاش، مەزمۇنلار ئارىلىقىدا نېمىلەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق ئىشلاردا پىكىرلىرىنى بېرىپ، ئۆزى باشلامچى بولۇپ يېڭىلىقلارنى قوشتى. بېرىلگەن خەۋەرلەرنىڭ چىنلىقى، ئەمەلىيەتچانلىقىنى يەنە بىر بالداق كۆتۇرۇش ئۈچۈن، ئەركىن ئاسىيا رادىئۇسىدا ئۇ تۇنجى بولۇپ ۋەتەن بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بېرىپ، خەۋەر ئىشلەپ ئۇتۇق قازاندى. كېيىنچە بۇ ئومۇملىشىپ، ئاساسىي خىزمەت ئېقىمغا ئايلاندى. رادىئو ئاڭلىتىشىدا ئۇيغۇر ئورتاق تەلەپپۇزىدا خەۋەر ئوقۇش، رىياسەتچىلىك بىلەن دىكتۇرلۇق ئۇسلۇبىنى ئۈنۈملۈك گىرەلەشتۈرۈش ئۇنىڭ خاس ئۆزگىچىلىكى ئىدى.

دەۋىر تەرەققىياتى كىشىلەرگە تۈرلۈك ئىمكانلارنى سۇنۇش بىلەن تەڭ ماس قەدەمدە ئالغا ئىلگىرلەشنى تەلەپ قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئىنسانىيەت جەمىيىتى ئېلېكترۇنلۇق ئۇچۇر دەۋرى بىلەن تەڭ كۈنسايىن تەرەققىي قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇخىل ئۆزگىرىش تولىمۇ تېز، رىقابەت تولىمۇ كەسكىندۇر. تۈرلۈك ئىجتىمائى ئالاقە ۋاستىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشى، رادىئو ـ تېلېۋىزىيە ساھەسىگىمۇ توختىماي خىرىسلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ نۇقتىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان گۈلچېھرە بۇ جەھەتتە كۆپ ئىزدەندى ۋە تۇنجى بولۇپ نەق مەيداندىن خەۋەر بېرىشنى سىناق قىلىپ نەتىجە قازاندى. ئۇ يەنە تۇنجى بولۇپ ئىجتىمائى تاراتقۇلارنىڭ ۋاستىلىك رولىدىنمۇ ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، تەشۋىقات خىزمىتىنىڭ قاپلىنىش دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كۈچىدى. ئۇ بۇنىڭ بىلەنلا توختاپ قالماستىن يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەتراپلىق ئويلىنىپ پىلان تۈزۈپ، ئىدارە رەھبەرلىكىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن تۇنجى بولۇپ «ئاچىل» تېلېۋىزىيە پىروگراممىسىنى ئىشلەپ يولغا قويدى ھەمدە تېزلا كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياقتۇرىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشتى. نۆۋەتتە گۈلچېھرە بۇ پروگراممىنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىش ئۈچۈن تىرىشماقتا.

گۈلچېھرە كەسپ يولىدىكى بىر پىداكار بولۇپلا قالماستىن، ئادالەت ئۈچۈنمۇ ئىككىلەنمەي كۆكرەك كېرگۈچى. ئۇ «5 ـ ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئىزدېرەكسىز غايىپ بولغانلار قاتارىدا ئوغلىنىڭ دېرىكىنى قىلغان پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ بېشىغا كەلگەن دەرت ـ ئەلەم، ئېغىر بېسىم، كۈلپەتلەر تاشقى دۇنيادا كۈچلۈك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى تېخىمۇ غالجىرلىشىپ ئۇنى تۈرمىگە تاشلايدۇ. بۇ زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىككە قارشى تۇرۇپ، بىگۇناھ ئانىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئاتلانغانلار قاتارىدا گۈلچېھرەمۇ بار ئىدى. ئۇ ئۆز ئورنىدىن ئۈنۈملىك پايدىلىنىپ، پاتىگۈل غۇلام ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىمكانىنىڭ يېتىشىچە دۇنياغا ئاشكارىلاپ تۇرۇش بىلەن بىللە، توردا پاتىگۈل غۇلامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئىمزا توپلاش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇردى. ئىزچىل ۋە قەتئى ھالدا ئېلىپ بېرىلغان تىرىشچانلىقلار نەتىجىسىدە، پاتىگۈل غۇلام ئاخىرى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلدى…

بىزنىڭ گۈلىمىز ئۇ ئەنە شۇنداق ھاياتنىڭ ھەممە تەرىپىگە تەڭ نەزەر سېلىشقا تىرىشىدىغان پىداكار، مېھرىبان، ھەققانىيەتچى ئىدى. ئۇ ۋەتەندىن ئايرىلغاندىن كېيىن ۋەتىنىگە قايتىن ئاشىق بولىدۇ. چۈشۈدىمۇ ۋەتەنگە بېرىپ چۈشەيدۇ، ئويغانغىنىدا ۋەتىنىم دەپ يىغلايدۇ… گەرچە رەھىمسىز يىللار ھەممىنى ئارقىسىغا تاشلاپ پەرۋاسىز ئالدىغا كېتىۋەرسىمۇ بىزنىڭ گۈلىمىز ۋەتىنىنى چۈشىدە تەكرا ـ تەكرار كۆرۈپ ياشاپ كېلىۋاتىدۇ. ئۇ ھاياتقا، خەلقىنىڭ كېلىچىكىگە ھەر ۋاقىت ئۈمۈدلىك باقىدۇ. زۇلمەتتە ياشاۋاتقان خەلقىنىڭ تىز پۈكمەس كۈرەش ئىرادىسىدىن ھەر ۋاقىت مەيۇس كۆڭلىگە ئىلھام ۋە جاسارەت تاپىدۇ.

گۈلچېھرەنىڭ ۋەتەن سېغنىشىمۇ ئۆز ۋەتىنىدىن ۋەتەن دەپ ئايرىلىپ، ھىجىران ئازابىنى يات ئەللەردە يەتكۈچە تارتىۋاتقان ھەرقاندا بىر ئۇيغۇرنىڭ ئازابى بىلەن ئوخشاش بىر ئازاب ئىدى. ئۇ تالاي – تالاي كېچىلەرنى ئەنە شۇ چەكسىز سېغنىشلار بىلەن، ئاچچىق ھىجرانننىڭ گۈلخانىدا كۈيۈشلەر بىلەن ئۆتكۈزدى. ئۆزىنىڭ توغۇلۇپ ئۆسكەن ئانا ۋەتىنىدە ئىززەت بىلەن ئەركىن ياشاشتىن مەھرۇم بولغان ھەرقاندا بىر كىشى بۇ ئازابلارنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىغىنى ياخشى بىلىدۇ. ئەمما ئۇ ھىچ بىر ئۈمۈدسىزلەنمىدى، كېلىچەككە بولغان ئۈمۈد، ھاياتقا بولغان قىزغىن مۇھەببەت گۈلىمىزنى تېخىمۇ جاسارەتلىك قىلىپ تاۋلىدى. قەلەم تۇتقان چىۋەر قوللىرىدا شەرەپلىك كۆك بايرىقىمىزنى تۇتۇپ لەپىلدەتتى…

ئۇيغۇر ۋەتىنىدە گۈلچېھرەنىڭ سىماسى ھازىرغا قەدەر نۇرغۇنلىغان قەلىبلەرنىڭ ئۇنتۇلماس ھايات خاتىرىسى بولۇپ قالغان ئىدى. جۈملىدىن ھازىر ياۋروپادا ياشاۋاتقان، كىچىك چاغلىرىدا تېلېۋۇزۇر ئېكرانىدىن گۈلچېھرە ئېيتقان چۆچەكلەرنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ۋە شۇ چۆچەكلەردىن ئىلھام ئېلىپ قەلەم ئالغان، بۈگۈنكى كۈندە شېئىرىيەتتە يېتىلىش ئۇچۇن تىرشىپ كېلىۋاتقان ئىنىمىز ئەنقەر ئەيسا ھەدىسىگە ئاتاپ تۆۋەندىكى شېئىرىنى يازىدۇ:

ئۇ
نازۇك كەلدى …
نۇر قېتىدىن مىڭ جۇلالىنىپ
ئۇ ئەسلى چارباغقا تەۋە ئىدى
ئۇ بۈگۈن چوڭ بولۇپ
دېڭىز ـ ئوكيان ئاتلىدى
گۈلنىڭ خۇش ھىدى
ئىزلىرى پايخان بولۇپ
يۇرۇشتىكى كارۋانغا
شادىيانە بولۇپ ياڭرىدى!


ئۇ
گاھى يىغلايدۇ ئىچىدىن
گاھى كۈلكە تاشار تېشىدىن
يېزىلار يىشىدىن داستان
ھەر تامچىسى سىياھ بولۇپ.

ئۇ
ئىچىدە تېخىچە ساقلىغان
ئېيتىپ تۈگۇتەلمىگەن چۆچىكىنى-
بولسىمۇ ئۇزۇن سىرلىق
كۆك ئاسمانغا ئوخشاش
قېتىدا شوخ ۋە شېرىن
بۇدرۇق يۇلتۇزلار نۇر تۇغقان.
ئۇلار سۆزلەيدۇ كۆزىدە سېغنىش ….
غۇنچىسىدىن ئايرىلغان گۈلگە
كېچىللىرى سىرداش-
كۈندۇزى غايىبانە مۇڭداش بولۇپ.

ئۇ
غۇنچىلارنىڭ يۈرەك پارىسى
ئۇنىڭ تىلەۋاتقىنى
توختىماي ئىزدەۋاتقىنى
مەن ۋە سەندىكى ۋەتەن ئەتىسى …

ئۇ
ئۇيغۇرنىڭ گۈلى-
ئۇ ئۆزىدىن يىراق ـ يىراققا
ئۆزلۈككە ھالقىغان
ئۇ دۇنياغا ئۈمۈد بىلەن باققان
كۆزىدە زەپەرنىڭ نۇرى چاققان …

ئۇ كەلدى ئەنە قارا-
ياغاچ ئېتىغا مىنىپ
شەمشەر قىلىچىنى ئېسىپ،
چۈشىدىكى ئورماننى
جادۇگەرنىڭ بېشىنى كېسىپ،
بارىنى گۈلخان قېلىپ.

ئۇ
گۈللەرنىڭ ئاتىشى-
نازۇگۇمدەك قومۇشلۇقتا يېنىپ
چارباغقا ئوتتەك كىرىۋاتىدۇ
چېھرىدىن نۇر چېچېپ …
ئۇ قىز گۈلچىھرە –
ئۇيغۇرنىڭ ئۇنتۇلمىغان مەلىكىسى!

گۈل مۇھاجىرەتتىكى كەچمىشلىك ھاياتىدا ئۆزىنىڭ قەدىردان ھەمراھى ۋە سۆيۈملۈك بالىلىرى بىلەن بىللە قۇرۇپ چىققان كىچىككىنە بىر ۋەتىنى ـ ئائىلىسى ئارقىلىق قەلب يارىلىرىغا تەمكىنلىك تاپىدۇ. ئۇ بۇ كىچىك تېرىتوتىيسىدە ئانا ۋەتەننىڭ ئىخچام مودېلىنى قۇرۇپ چىققان ئىدى. بالىلىرىغا ئۆزىنىڭ بالىلىق ھاياتىنى، مەھەللىسىنى، تونۇش كىشىلەرنى، بوۋا ـ مومىلىرىنى، ۋەتەن تۇپراقلىرىنى ھەتتا ئوينىغان ئويۇنلىرىدىن يىگەن تاماق، تېتىغان مېۋىلىرىگىچە سۆزلەپ بېرىدۇ ھەم «چوقۇم بىر كۈنى سىلەرنى ئېلىپ ۋەتەنگە كېتىمىز…» دېگەننى تەكرارلايدۇ. بالىلارمۇ ۋەتەننىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن… ئىنسان ئۈچۈن ئۈمىدنىڭ رولى ئاجايىپ زور. ئۈمىد ئىنساننى ھەر بىر كۈننى ھاياجان بىلەن خوشال كۈتىۋېلىشقا ئۈندەيدۇ .

ھەتتا ئۇنىڭ خەلقى ئۇچۇن مېھنەت تۆكىدىغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدىكى ئىخشانىسىمۇ بىر كىچىك ۋەتەنىگە ئوخشايدۇ، ئۇ يەردە پۈتۈنلەي تونۇش ئادەملەر، ئۇيغۇرنىڭ چىرايى، ئۇيغۇرنىڭ تىلى، قىلىقلارمۇ ئۇيغۇرچە… ئۇ يەردە ھەممە ئىش ئۇيغۇرچە. كۈندە يېڭى تۇيغۇ، يېڭى خەۋەر، يېڭى روھ، گاھ خەلق غېمىگە تەڭ يىغلاشسا، گاھ ئۇلار بىلەن تەڭ كۈلىشىدۇ… ئازابمۇ بار، بەختمۇ بار. ئۇنى ئەڭ سۆيۈندۈرىدىغىنى ـ گەرچە ئارىدىن كۆپ يىللار ئۆتكەن بولسىمۇ، زىيارەت ئېھتىياجى بىلەن ۋەتەنگە تېلېفون قىلغىنىدا، كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئاۋازىدىن تونۇۋېلىشى. دىمەك، ئۇ شۇنى ھېس قىلدىكى، گۈلنى خەلقى ئۇنتۇماپتۇ. ئەل ئۈچۈن بارلىقىنى پىدا قىلغان ئەل قىزىنى ئەل ھەردەم ياد ئېتىپ تۇرۇۋېتىپتۇ. ئىنسان ئۈچۈن بۇنىڭدىن ئارتۇق بىر كاتتا مۇكاپات بولامدۇ؟ كىشىگە ئۆز خەلقى تەرپىدىن ھەر ۋاقىت سۆيۈلۈپ تۇرۇشتىنمۇ ئارتۇق بەخىت بولامدۇ؟! ئۇ دائىم دادىسىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئەسلەيدۇ: « ـ بالام ئىنسانلار ئۇچ خىل بولىدۇ. بىرى – پەقەت ئۆزى، ئۆز ئارزۇلىرى ئۈچۈنلا ياشايدىغانلار؛ يەنە بىرلىرى بولىدۇ- بىر قەۋم ياكى بىر توپلۇق ئۈچۈن ياشايدىغانلار؛ ئەڭ ئىلغارلىرى بولسا پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن ياشايدىغانلار. ئاللاھقا شۈكرى، بىز گەرچە ئۇچۇنچىسى بولالمىغان بولساقمۇ، بىرىنچىسىدىن ئەمەسمىز …». گۈلمۇ دادىسىدەك، بوۋىلىرىدەك ياشاشقا تىرىشىپ كەلدى، شۇنىسى ئېنىقكى ئۇ ئاللىبۇرۇن ئىككىنچى خىل ھاياتنى باشلاپ بولدى. ئەمدى ئۇ ئۈچىنچى خىل ئىنسانلاردىن بولۇش يولىدا قەدەم تاشلىماقتا.

2016 – يىلى 16- ئۆكتەبىر

مەنبە: خەلقئارا قەلەمكەشلەر ئۇيغۇر مەركىزى

گۈلچېھرەنىڭ ھايات سەپرىدىكى بىر قىسىم سۈرەتلىرى:

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش