ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ماي جورج ۋاشىڭگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىملىك كرىزىسى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ئارخېئولوگ ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا

ئارخېئولوگ ۋە كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگى، كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا 1941-يىل 5-ئاينىڭ 12-كۈنى غۇلجا شەھىرى دە تۇغۇلغان. ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن 1988-يىل 2-ئايدا «كاندىدات تەتقىقاتچى»، 1994-يىل 12-ئايدا «ئالىي تەتقىقاتچى» دېگەن كەسپىي ئۇنۋانلارنى ئالغان.
ئابدۇقەييۇم خوجا 1949-يىلىدىن 1956-يىلىغىچە غۇلجا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ، شۇ يىلى كۈزدە ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان تۇنجى قارارلىق «شىنجاڭ ئارخېيولوگىيە خادىملىرىنى تەربىيەلەش كۇرسى» غا ئوقۇشقا كەلگەن. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئارخېيولوگىيە كەسپىگە قەدەم باسقاندىن كېيىن ئەجدادلار قالدۇرۇپ كەتكەن بىباھا يادىكارلىقلارنى قىدىرىپ تېپىش ۋە ئۇنى تەتقىق قىلىپ خەلقىمىزگە تونۇتۇش يولىدا نەچچە ئون يىل جاپالىق ئىشلەپ، قۇمۇل رايونىنىڭ ئاراتۈرك-نوم دېگەن ئەڭ چەت جايلىرىدىن تارتىپ تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ۋادىسى، لوپنۇر ۋادىسى، ئىلى ۋادىسى، ئالتاي-چۆچەك دالىلىرى، تەڭرىتاغلىرىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرى ۋە ئالتۇنتاغ تىزمىلىرىنىڭ ئەڭ ئىچكىرىدىكى جىلغىلىرىدىكى نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر مۇساپىدە ئۇنىڭ ئاياغ ئىزلىرى قالغان. بۇ جەرياندا ئۇ نەچچە ئون مىڭ خەتلىك تەكشۈرۈش خاتىرىسى يازغان، نۇرغۇنلىغان خەرىتىلەرنى سىزغان، سۈرەتلەرنى تارتقان …

تۇنجى ئەۋلاد ئۇيغۇر ئارخېئولوگى، تەتقىقاتچى ئابدۇقەييۇم خوجا ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرى ۋە تۆھپىلىرى بىلەن 1988-يىل 2-ئايدا «كاندىدات تەتقىقاتچى»، 1994-يىل 12-ئايدا «ئالىي تەتقىقاتچى» دېگەن كەسپىي ئۇنۋانلارنى ئالغان. ئۇ «خىتاي ئارخېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى»، «خىتاي مۇزېيشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى»، «خىتاي تۈركلوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى»، «خىتاي مىللەتلەر قەدىمكى يېزىقلىرى تەتقىقات جەمئىيىتى»، «خىتاي تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي جەمئىيىتى» ۋە «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتى جەمئىيىتى» نىڭ ھەيئەت ئەزاسى، ئۇيغۇر تارىخى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، «ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى»، «ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) تەزكىرىچىلىكى» قاتارلىق ژۇرناللارنىڭ تەھرىر ھەيئەت ئەزاسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن.

ئارخېئولوگىيە – ئىجتىمائىي پەن ۋە تەبىئىي پەن ساھەسىنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىغا مۇناسىۋەتلىك پەن بولغاچقا، ئۇنىڭ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلاردىن كۆپ تەرەپلىمە بىلىمگە ئىگە بولۇش، چوڭقۇر ئىزدىنىش، ئەستايىدىل ئىشلەش تەلەپ قىلىناتتى. بۇ نۇقتىنى چۈشەنگەن تەلەپچان ئارخېئولوگ ئابدۇقەييۇم خوجا 60-يىللاردىن تارتىپ ئارخېيولوگىيە كەسپىگە دائىر بىلىملەرنى، خىتاي تىلىنى ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىشنى توختاتمىغان. 1972-يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتىيە مەكتىپىدە ئېچىلغان «تەرجىمان يېتىشتۈرۈش كۇرسى» دا بىر يىل ئوقۇپ، خىتاي تىل-يېزىقى ئاساسىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن. ئۇ 1977-يىل 1-ئايدىن 1980-يىل 1-ئايغىچە مەركىزىي مىللەتلەر ئىنىستىتۇتىدا تەسىس قىلىنغان «قەدىمكى تۈركىي تىل سىنىپى» دا ئوقۇپ، قەدىمكى تۈرك يېزىقى (ئورخۇن) يېزىقى، قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى، چاغاتاي دەۋرىدىكى ئۇيغۇر يېزىقى، تىلشۇناسلىق بىلىملىرى، ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى… قاتارلىقلارنى ئۆگەنگەن.

ئابدۇقەييۇم خوجا بېيجىڭدا چىقىدىغان «مەدەنىيەت ياردىكارلىقلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 1962-يىللىق سانىدا ئېلان قىلىنغان «شىمالىي ئۇيغۇر ئىلىدىن تېپىلغان قىياتاش رەسىملىرى» ناملىق ماقالىسى بىلەن تەتقىقات سېپىگە كىرگەن. ئۇ 1979-يىلدىن ھازىرغىچە ھەرقايسى گېزىت-ژۇرناللاردا 100 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ تېمىسى ھەرخىل، چېتىلىدىغان تىل-يېزىق دائىرىسى بىر قەدەر كەڭ بولۇپ، بۇ ئەسەرلەر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئارخېيولوگىيەسى، قەدىمكى تۈرك (ئورقۇن) مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى، قەدىمكى ئۇيغۇرچە يازما يادىكارلىقلار ۋە ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى يازما يادىكارلىقلىرىغىچە بولغان كەڭ دائىرىدىكى مەدەنىيەت مىراسلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
ئابدۇقەييۇم خوجانىڭ كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ۋە ئۆز ئالدىغا ئايرىم تەتقىق قىلىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» (تۇرسۇن ئايۇپ، ئىسراپىل يۈسۈپلەر بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان)، 1984-يىل ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) خەلق نەشرىياتى نەشر قىلغان؛

2. «نىزارى داستانلىرى» نى تېيىپجان ئېلىيوف، مۇھەممەت تۇرسۇن باھاۋۇدىن قاتارلىقلار بىلەن نەشرگە تەييارلىغان، 1985-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛

3. ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بۇددا دىنى سەھنە ئەسىرى «مايتىرى سىمىت» نى ئەسلىي قوليازما نۇسخىسىغا ئاساسەن، كەسىپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە تەتقىق قىلىپ نەشرگە تەييارلىغان، كىتاب 1987-يىل ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛

4. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتى قول يازما يادىكارلىقلىرىدىن موللا سىدىق يەركەندىنىڭ «سەددىي ئىسكەندەرىي» نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى يەشمىسى بىلەن ئىشلەپ نەشرگە تەييارلىغان، كىتاب 1995-يىل ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان؛

5. «غەربىي يۇرت ۋە قەدىمكى مەدەنىيەت» ناملىق كىتابنى يېزىپ چىققان، بۇ كىتاب 1995-يىل 4-ئايدا ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان

6. «مۇھەببەتنامە مېھنەتكام» نى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىرلىكتە نەشرگە تەييارلىغان، 1995-يىل 9-ئايدا ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

7. «مۇھەببەتنامە»نى ئىسراپىل يۈسۈپ بىلەن بىرلىكتە نەشرگە تەييارلىغان، 2004-يىل 6-ئايدا ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

8. «دىيارىمىزدىن تېپىلغان قىسمەن يادىكارلىقلار ھەققىدە»، 2009–يىلى 5–ئايدا مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

ئاپتور ئۆزى قاتناشقان كۆپ قېتىملىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىپ تەكشۈرۈشلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسى «قۇم ئاستىدا قالغان مەدەنىيەت» دېگەن چوڭ ھەجىملىك كىتابى نەشردىن چىققان.
ئابدۇقەييۇم خوجىنىڭ ئىلمىي ئەمگەك نەتىجىلىرى تەتقىقاتچىلارنىڭ، جەمئىيەتنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا، يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلگەن. ئۇنىڭ بەزى ئەسەرلىرى پەلسەپە-ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدىكى نەتىجىلەرنى باھالاشلاردا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

ئابدۇقەييۇم خوجا خېلى يىللاردىن بۇيان ئىجتىمائىي پەن ساھەسى بويىچە ئېچىلغان خەلقئارالىق، مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئىلمىي يىغىنلارغا ماقالە تەييارلاپ قاتناشقاندىن تاشقىرى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي مەكتەپلەردىن ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تارىخ فاكۇلتېتى، ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نىڭ ئەدەبىيات فاكۇلتېتى، ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) مائارىپ ئىنستىتۇتى نىڭ تارىخ فاكۇلتېتىدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە بىر قىسىم ئاسپىرانتلارغا تەكلىپكە بىنائەن لېكسىيە سۆزلىگەن، دەرس ئۆتكەن.
ئۇ يەنە 1986-يىل 3-ئايدىن 6-ئايغىچە «ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» بىرىنچى تۈركۈم گۇرۇپپىسى بىلەن ياپونىيەنىڭ ناگاشىما شەھىرىدە خىزمەت ئۆتىدى. 1992-يىل 12-ئايدىن 1993-يىل 2-ئايغىچە «ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) كروران مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى» ئىككىنچى تۈركۈم كۆرگەزمە گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ، ياپونىيەنىڭ فۇكوكا (فۇگاڭ) شەھىرىدە خىزمەت ئۆتىدى. «ئۇيغۇر ئىلى (ئاتالمىش شىنجاڭ) كروران قىزى» نى مەركەز قىلغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى دۇنياغا تونۇتۇشتا مۇناسىپ ھەسسە قوشقان.
كروران گۈزىلى ھەققىدە

كروران گۈزىلى
كۆزگە كۆرۈنگەن ئارخېئولوگ، كلاسسىك ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ 1993-يىلى «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ 3-سانىدا ئېلان قىلغان «قەدىمكى كروران گۈزىلى قەبرىسىنىڭ تېپىلىشى ۋە تەتقىق قىلىنىش جەريانى» ناملىق مەشھۇر تەتقىقات ماقالىسىدە كروران گۈزىلى ھەققىدە مۇنداق ئۇچۇر بەرگەن:

بىز تونۇشتۇرماقچى بولغان «كروران گۈزىلى» نىڭ قەبرىسى 1980-يىلى ئېلىپ بېرىلغان ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان. بۇ قەدىمكى قەبرە كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى (يەنى لوپنۇر كۆلىگە قۇيۇلىدىغان ئېقىمى) بىلەن تىمەن دەرياسىنىڭ قولتۇقى (ئۈچ بۇرجەك ۋادىسى) غا توغرا كېلىدىغان بىر ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ نىسپىي ئېگىزلىكى 7-8 مېتىر كېلىدۇ. بۇ ئېگىزلىككە جايلاشقان قەدىمكى قەبرە قېزىپ تەكشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئابيومى تۆۋەندىكىدەك بولغان: لەھەت سوقىچاق تۆت چاسا قېزىلغان بولۇپ، چوڭقۇرلۇقى بىر مېتىر ئەتراپىدا، ئۇزۇنلۇقى 1.74 مېتىر، كەڭلىكى 0.7مېتىر. لەھەت ئىچىگە بىر ئايال يەنى (كروران گۈزىلى) نىڭ جەسىتى ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان پېتى دەپنە قىلىنغان. يۈزىگە كەندىر چىۋىقلىرى ۋە باشقا نەرسىلەردىن ناھايىتى قېلىن ۋە زىچ قىلىپ قاتۇرۇلغان بىر خىل ئالاھىدە ياپقۇ يېپىلغان. ئايالنىڭ بېشىغا قوڭۇر رەڭلىك كىگىزدىن تىكىلگەن ئۇچلۇق قالپاق كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، قالپاقنىڭ سول يېنىغا ئىككى تال قۇش پېيى قىستۇرۇلغان. ئۇچىسىغا قوڭۇر رەڭلىك يۇڭ يىپتىن قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما يۆگەلگەن. پۇتىغا بۇغا تېرىسىدىن تىكىلگەن پوپۇچ كىرگۈزۈلگەن. ئايالنىڭ ئېڭىكى سەل ئۇچلۇق، كۆزلىرى يوغان ۋە چوڭقۇر، قاش-كىرپىكلىرى ئۇزۇن ۋە قويۇق، بۇرنى قاڭشارلىق ۋە ئىنچىكە، كالپۇكى نېپىز، چاچلىرى سۇس قوڭۇر بولۇپ مۈرىسىگە چۈشۈپ تۇرىدۇ. بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئارخېيولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ تەجرىبىخانىسى ئانالىز قىلىپ، جەسەتنىڭ 3800 يىل بۇرۇنقى جەسەتلىكىنى بېكىتتى. شاڭخەي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ئۆلگۈچىنىڭ 40-45 ياشلار ئەتراپىدا، بويى ئېگىزلىكى 152 سانتىمېتىر، قۇرۇپ قالغان جەسەتنىڭ ھازىرقى ئېغىرلىقى 10.7 كىلوگرام ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى. ئۇندىن باشقا ئاناتومىيىلىك كۆزىتىش، ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ ئايالنىڭ قان تىپى O بولۇپ چىققان.
مەنبە: ئىزدە قامۇسى

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1177

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش