ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2018 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر يەكشەنبە كۈنى سائەت 2:00 دە ئىستانبۇلدا «خىتاينىڭ جازا لاگىرلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئاقىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » سۇنماس ئۈمىد

سۇنماس ئۈمىد

ئاپتۇرى: سەرۋى
*
«ۋاي توۋىيەي، مىڭ توۋا!» – ئىشتىڭلار ئامۇ -خاس،
شۇم خىتايلار پىرە ساپتۇ ھۈرۈپ بۇندا ئەييۇھەنناس!
*
ئاڭلىمىدىم دىمەڭلارەي، ۋاي كۆرمىدىم دىمەڭلار،
پىرىسىدە شۇم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئامان دىمەڭلار!
*
تۈركىستاندا ئەقىل يەتمەس ھادىساتلار بوپتىلەر،
ئاڭلاڭ بايان، سەرۋى بۇندا ھىكايەتلەر قىلۇرلەر.
*
كۆرۈڭ ئۇندا ئۇيغۇر – خىتاي «قوشماق تۇغقان» بولۇرلەر،
قول -قول تۈگۈر تۈگۈپ بىرگە ھەمداستىخان بولۇرلەر.
*
كۇففار قولىدا پۈتكەن تائام ھارام كەبى بولۇرلەر،
چىش يارالماي مۇئەمماچۈن ئۇيغۇر سۈكۈت قىلۇرلەر.
*
«تۇغقىنى» نىڭ تائاملىرى سىڭمەي جودا قىلۇرلەر،
ئارقا ھويلا تام تەرەپتە ئۇيغۇر قەي – قۇس قىلۇرلەر.
*
ھارام يىگەن خورلۇق ئۈچۈن مۇنچاق ياشىن تۆكەرلەر،
«ئول خىتاينى يەر يۈتسۇن!» – دەپ بەددۇئالەر قىلۇرلەر.
*
بۇ يىل ئۇيغۇر خىتاي يەڭلىغ چاغان «ئويناپ» يۈرۈرلەر،
قىزىل گۈللۈك مەسنەۋىلەر ئىشىك باشىدا تۇرۇرلەر.
*
سەبى ئۇيغۇر سۇچۈكلىرى خىتاي يەڭلىغ بولۇرلەر،
باشلىرىدا چاچ تۈرۈكى، خىتاي تونى كىيۇرلەر.
*
ئۇيغۇر قىزى – چوكانلىرى يەلپۈگۈچلەر تۇتارلەر،
سەھنىلەردە «ياڭگىر» دەسسەپ، رەققاسى – خىتاي بولۇرلەر.
*
مەست تاۋۇسنىڭ پاختەك – ھۆپۈپ بولغانلىرى نەدە بار،
بىر مىللەتنى يەنە بىرى تېرىك يۇتقان نەدە بار؟
*
ۋاي-ۋاي بارەي ، ۋاي بارەي، تۈركىستاندا جىن بارەي،
خىتاي دىگەن جىن – شەياتىن دەستىدە ئول دەرد بارەي.
*
شەھىرىدە – قىشلىقىدا خور ئەۋجىگە چىقۇرلەر،
خور ئەۋجىدە ئۇيغۇر نەپرەت پەللىسىگە چىقۇرلەر.
*
ئىمامىلىرى خۇتبىلەردە «كومپارتىيەم» ئوقۇرلەر،
قۇببىسىدە مەسجىدىنىڭ كۇففار تۇغى تۇرۇرلەر.
*
يېڭىسارنىڭ پىچاقلىرى پوتىسىدا ئەمدى يوق،
تامغىسى يوق پىچاق تۇتسا بۇ ئالەمدە ئۆزى يوق.
*
ھەر چازىدا قات – قات توساق نۇر لازىردىن ئۆتەرلەر،
ھەر ئۆتكۈنچە خورلۇق يېتىپ تېرىك تۇرۇپ ئۆلۈرلەر.
*
ئۆز يۇرتىدا مۇساپىردەك بويۇن قىسىپ يۈرەرلەر،
خىتاي بەزگەك ئاكىسىغا تازىمدا بەل پۈكەرلەر.
*
كوچا – كويدا خىتاي تانكا – مىلتىقتا سەپ تۈزەرلەر،
ھەر ئۇيغۇرنىڭ يۈرەگىنى دۈپۈلدىتىپ ئۆتەرلەر.
*
ئۇيغۇر جانى ھەلقۇمىدا بۇنى خىتاي بىلۇرلەر،
دەستىگاھى – مىكرۇ بىرلە تۆھمەتلىرى توقۇرلەر.
*
«بىزلەر تۇخۇم، خىتاي تاشتۇر!» – ئۇيغۇر سۆزىن بىرۇرلەر،
كۆزلەرىدە ئەلەم – خورلۇق زەپ جىلۋىگەر بولۇرلەر.
*
جەمئى ئۇيغۇر پالۋانلىرى زىندانلاردا ياتۇرلەر،
خوتۇن – قىزى شۇم خىتاينىڭ چۆرەلىرى بولۇرلەر.
*
دەردى شۇيەي، دەردى شۇ نادان قەۋمنىڭ كۈنى شۇ،
جىن – شەياتىنلار دېپىغا تاقلىغاننىڭ دەردى شۇ.
*
كۆردۇڭلارمۇ ئەي خالايىق، كىشەنلىك شۇ يىگىتلەرنى،
قەددى پۈكۈك، قولىدا داس، قىزىل ناخشا ئېيىتقانلارنى،
*
ۋاي – ۋاي، بەك ۋاي، ھالىغا ۋاي، شۇ يىگىتنى تۇغقانلارنىڭ ،
ئاق سۈت بېرىپ، ئەللەي ئېتىپ گۈزەل ئارزۇ كۈتكەنلەرنىڭ.
*
جان پارىسى، كۆز قارىسى يىگىتلىرى كېتەرلەر،
بۇ ئۈممەتنىڭ كەلگۈسى بەكمۇ غۇۋا ئىرۇرلەر.
*
خىتاي خۇنخۇر ھەر ئۇيغۇرنىڭ قانلىرىنى ئىچۇرلەر،
ئىلىگىنى شوراپ، بۇندا سۆڭەكلىرىن چاقۇرلەر.
*
قانداش تۈركى مىللەتلەرگە دامى – ئەفسۇن ئوقۇرلەر،
خوشنا شاھىن ئەللەرىگە جىنكەش باخشى سالۇرلەر.
*
شۇ تەرىقە قەۋمى ئۇيغۇر يەتىم – مەزلۇم قالۇرلەر،
ئۆلسە ھىچ بىر قېرىنداشى سىقسا ياشى تامماسلەر.
*
خىتاي دىگەن ئول شەياتىن نەفسىن يامان قىلۇرلەر،
دۇنيانىڭ مەن خوجىسى دەپ دام – دام، كۆز – كۆز قىلۇرلەر.
*
دۈشمەنلىرى شۇم خىتايغا غىڭشىپ – بازلاپ قويۇرلەر،
كۆپىنچىسى چىتىن چىتلاپ غەپلەتۇ كارسىز يۈرۈرلەر.
*
خىتاي بىلمەس قىيامەت بار، بۇ قىلمىشىنىڭ سوراقى،
ئۇيغۇرۇمنىڭ ئاللاھى بار، خىتاينىڭ زور گۇناھى.
*
ئاللاھ رەھمەت بەرسە گەردە، چۈمۈلىلەر پىل بولۇر،
خار – زار ئۇيغۇر ئەزىز بولۇپ، خىتاي يەردىن پەس بولۇر.
*
ھىجرەتتە ھەر ئەللەر ئىچرە ئۇيغۇر بارەي ۋاي بارەي،
قوللىرىدا ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرى بارەي.
*
ۋەتەن ئۈچۈن ئەل ئۈچۈن جانىن ئاتاپ قويۇرلەر،
پەرزەنتىنى – بارىنى تەسەددۇق دەپ بىلۇرلەر.
*
شاھادەت بىرلە يالقۇنلۇق خىتاپلەرىن قىلۇرلەر،
خىتاي قارا يۈرەگىنى ئاللا پوك – پوك قىلۇرلەر.
*
رىزاسى بىرلە ئاللاھنىڭ ھىجرەتلىرى ئەجىرلىك،
نەسىپ ئەتسە ئۇشبۇ رەببى ئەۋلادلىرى خەيىرلىك.
*
دىنى – تىلى خەلقى ھىجرەت قالقانلىرى بولۇرلەر،
ھامان بىركۈن قان – ياش بىرلە دەۋلىتىنى قۇرارلەر.
*
ئىنشائاللاھ، ئۇيۇلتاشتەك خەلقى ئۇيغۇر ئۇيارلەر،
سالغا تاشى كەبى ئەغيار باشىنى قان قىلۇرلەر.
*
ئەركنىلىك ۋە ئۇيغۇرنىڭ باشلىرى باش بولۇرلەر،
ئاياقلىرى تاش بولۇپ ئۇيۇل گەۋھەر بولۇرلەر.
*
تۇپرىقىدا تۈركىستاننىڭ قەددى ئوقتەك يۈرەرلەر،
ۋىسالىغا يەتكەن بۇلبۇل كەبى نەۋا قىلۇرلەر.
*

2018 – يىلى، 20 – فېۋرال، ئامېرىكا

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 1197

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش