ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » بىز قاچاندىن بىرى« ناخشا ئۇسۇلچى مىللەت »دەپ ئاتىلىپ قالدۇق

بىز قاچاندىن بىرى« ناخشا ئۇسۇلچى مىللەت »دەپ ئاتىلىپ قالدۇق

نۇرانىيە قەشقىرى

    ئاتاقلىق ئوبۇزورچىمىز يالقۇن روزى <بىز قاچاندىن بىرى« ناخشا ئۇسۇلچى مىللەت »دەپ ئاتىلىپ قالدۇق> دىگەن لىكسىيەنى سۆزلىگەن ۋە ماقالە يازغان ،بۇ تېما يالقۇن روزى يازىدىغانغا نەرسە تاپالماي يېزىپ قويۇلغان نەرسە بولماستىن بەلكى ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئارىسىدا تارقالغان خاتا ئىددىيە سەۋەبىدىن كىلىپ چىقىۋاتقان ئىچىنىشلىق ئاقىۋەت سەۋەبىدىن ئوتتۇرغا چىققان چاقىرىق ئىدى .بۈگۈن مەن بۇ مەسىلە توغۇرسىدا ئازراق توختىلىشنى توغرا تاپتىم.

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان دۇنيا سەنئىتىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقان، سەنئەتتە ئالاھىدە تالانتلىق خەلق. يەنى نەچچە يۈز يىللىق ئېزىش، خورلۇققا مەھكۇم بولغان خەلق. شۇنداق ئېزىلىشتىن كىيىنمۇ سەنئەتتىكى ئالاھىدىلىكىنىڭ يوقالماي، تەرەققى قىلىپ مىڭىشى دەل ئۇلار ئۇچراۋاتقان ئازاپلاردىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدىغان بىر تەرىپى. خەلق سەنئىتىدە ئىپادىلەنگەن مەزمۇن، مۇزىكىدىكى مۇڭ،ناخشا تىكىستلىرىدە ئىپادىلىنىۋاتقانلىرىنىڭ ھەممىسى خەلقنىڭ ئاچچىق ھەسرىتى. خۇددى بىتخوۋىن ئاچ قالغاندا ئىشلىگەن مۇزىكىسىنىڭ دۇنياغا داڭلىق مۇزىكا بولغىنىغا ئوخشاش،ئۇنىڭ ئۇ مۇزىكىسى دۇنياغا داڭ قازىنىپ ھەممىنىڭ ياختۇرشىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ بىتخوۋىننىڭ ھاياتىدىكى ئۇ ئىچىنىشلىق تەقدىردىن قۇتۇلدۇرالمىغان. خەلقىمىزنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرىنىڭ ئىپادىلەش كۈچىنىڭ شۇنچە تەرەققى قىلىشنى ئۇلار تارتىۋاتقان زۇلۇمدىن ئايرىپ قارىيالمايسىز. ئۇچۇق ئىپادىلەش مۇمكىن بولمىغاچ، چۇڭقۇر مەنىنى ئىپادىلەشتە ماھىر تىل سەنئىتىدىن پايدىلانغان. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغىمۇ ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەدەبىياتتىكى تالانتىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.مانا بۇلار ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ھاياتىدىكى ئورنى ۋە ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن شۇنچە چۇڭقۇر يىلتىز تارتقىنىنىڭ سەۋەبى.

ئەمدى كىلەيلى ،بىز پەقەت ناخشا ئۇسۇل مىللىتىمۇ ،ناخشا ئۇسۇل زادى نىمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ناخشىنىڭ تىكىستىنى ئاڭلاڭ! ئۇيغۇرلار مۇزىكىنىمۇ چۈشىنەلەيدۇ. بۇ ئۇلاردىكى تۇغما تالانت،ئۇلار مۇزىكا بىلسۇن ياكى بىلمىسۇن، تىكىستسىز مۇزىكىنىمۇ ئاڭلاپ چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە بىلەمسىز؟ بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدىن كەلگەن تۇغما تالانت.

ۋەتەندىكى چىغىمدا بىر چەتئەللىكنىڭ ئۇيغۇرلار تىلىنى بىلمەيدىغان ناخشىلارنىمۇ ئاڭلاۋىرىدىكەن ھەم شۇنى دوراپ ئىيتىپمۇ قۇيىدىكەن دىگىنىنى ئاڭلىغان ئىدىم. ئەجەپلەنمەڭ، ئۇنىڭ دىگىنى ھەقىقەتەن راست، مەنمۇ تىلىنى بىلمىسەممۇ مۇزىكىسىنى ياختۇرۇپ قالغان ناخشىنى ئاڭلاپ قويىمەن، ھەم ھوزۇرلىنىشنى بىلىمەن،مىنىڭ مۇزىكا سىزىمىم بولمىسىمۇ، بىراق مۇزىكىدىن ھوزۇرلىنىش ئىتىدارىم ياخشى،چۈنكى مەن شۇ تۇغما تالانتقا ئىگە ئۇيغۇرنىڭ ئەۋلادى. ئەمەلىيەتتە بۇمۇ بىر تالانت.

بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىز ئىلىم پەننى يۈكسەك دەرىجىدە موھىم بىلگەن زامانلاردا ۋەتىنىمىز ئوتتۇر ئاسىيادا ئىلىمنىڭ بۆشىكىگە ئايلانغان،دۇنيا تارىخغا ئۆچمەس ئىز،شانلىق مەدەنىيەتنى  مىراس قالدۇرغان. شۇ زامانلاردىمۇ خەلقىمىز ئىسلام دىنىدا ئىدى. ئاتا بوۋىلىرىمىز ئىسلامدىن بۇرۇنمۇ ھىچبىر ئىتىقادسىز ئۆتكەن مىللەت ئەمەس،ھەر بىر زامانى،ھەر بىر تارىخ بىتىنى ۋاراقلايدىغان بولسىڭىز ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ بىر تەڭرى ئىتىقادىغا ئىتىقاد قىلغىنىنى بىلەلەيسىز.ئىسلام بىزنى ئارقىدا قالدۇرغان ئىش مەۋجۈت ئەمەس. ئەسلى كىيىنكى دەۋىرلەردىكى زاۋاللىققا يۈزلىنىشتىكى ئاچچىق ھەقىقەت شۇكى،مەنپەئەت ئۈچۈن ئىسلامنىڭ ھەقىقىتىنى بۇرمىلاپ،دىننى ئاللاھ ئۈچۈن ئەمەس ئۆزىنىڭ مەنپەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇپ، ئىددىيەنى كونتىرول قىلىپ،قەلىبنى قاراڭغۇلۇققا مەھكۇم قىلىش ئارقىلىق خەلقنىڭ قېنىنى شوراپ،بۇ ھەقىقەتنى سىپايە تىل،ھىلە-مىكىر بىلەن ياپقان بەزى مەلئۇنلارنىڭ خەلقنى مۇشۇ ھالغا ئۆزلىرى رازى بولۇپ قېنى ئەكىلىپ بىرىشى ئۈچۈن تىرىشىشلىرى سەۋەبى بىلەن،يەنى ناداننى باشقۇرماق، قايمۇقتۇرماق ئاسان دىگەن پىرىنسىپ بىلەن ھۆكۈمرانلارنىڭ دىننى ۋاستە قىلىپ تۇرۇپ مەخسەتكە يىتىش تاكتىكىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشقان. شۇ سەۋەپتىن نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ توغرا دىنى قاراشنى تىكلەپ، خاتا ئىتىقادنى ئۆزلەشتۈرۈپ ئاللاھقا ئاسىي بولماڭلار دىگەن ھەر بىر زىيالىلىرىمىز ئىچىنىشلىق قەتلى قىلىنىشقا ئۇچراپ كەلدى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ قېنىدىكى ئىلىمگە بولغان ئىشتىياق شۇ سەنئەتنىڭ چۇڭقۇر مەناسىغا يۇشۇرنۇپ ياتىدۇ، بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەپەككۇر قىلىش كىرەك. بىر ئەدەبىي ئەسەرنى ئون ئادەم ئۇقىسا ئون خىل تەسىراتنى سۆزلەپ بىرىدۇ،ئۇنىڭ پاساھىتى دەل ئون ئادەمنى ئۆزىنىڭ نەزەر دائىرىسى ئىچىدىكى ئون خىل قاراشقا ئاپىرالىغىنىدا بولىدۇ. نۇرغۇن شائىرلار دۇنيادىن ئۆتىدۇ،يىللاردىن يىللارغا ئۇلىشىپ سۆيىلىشكە ئىرىشىدىغان شېئىرلارنى يازىدىغان تارىخ بىتىدىن ئورۇن ئالىدىغانلار بولسا ئاز بىر قىسمى خالاس.

ناخشا ئۇسۇل مىللىتى دىگەن بۇ نام، تەرەققى قىلغان بىر مىللەت ئۈچۈن ئۈستىدىكى زىننەت ھىساپلانسا بىزدەك ئاجىز،زۇلۇم ئىچىدە قالغان بىر مىللەت ئۈچۈن ھاقارەت ھىساپلىنىدۇ،چۈنكى سىزنىڭ كۆڭۈل ئىچىشتىن باشقا ئالاھىدىلىكىڭىز بولمىسا، باشقىلارغا ناخشا ئېيتىپ بىرىدىغان، كۆڭلىنى ئاچىدىغان ئەرمەك ھايۋان بولۇشتىن باشقا تەقدىر سىزگە نىسىپ بولامدۇ؟ شاتۇت سۆزلىيەلىگىنى ئۈچۈن قەپەزدە، ئەرمەك ھايۋان ھەيۋىتىنى يوقاتقانلىقى ئۈچۈن ئىنسانلارنىڭ ئۆيىدە ياشايدۇ، بۇ ھەقىقەتنى دۇنيادا چۈشەنمەيدىغان كىم بار؟ يولۋاس بىلەن شىر تاغدا ئاچلىقتىن ئۆلسە ئۆلىدۇكى، ئادەملەرنىڭ ئۆيىدە ئۆلمەيدۇ. ئاتاڭنىڭ بايلىقىنى كۆمۈپ قويۇپ، سىنى ئېتىزنىڭ ئىگىسى سەن، دېھقان بولۇش داداڭدىن قالغان ئاتا كەسىپ دەپ ئالدىغان بىلەن ئوخشاش بىر ئىش.

شۇنچە يىل خىتاينىڭ تۆت چوڭ كەشپىياتى بار دەپ بۆشۈكتىكىدىن تۆشۈكتىكىگىچە مەجبۇرى يادلىتىپ ئۈگەتتى ،بۈگۈنگە كەلگەندە شۇ تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ دەل بىزنىڭ ئاتا بوۋىلىرىمىزنىڭ كەشپىياتى ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. بۇنى سىز قانداق چۈشىنىسىز؟

بىر دېھقان بالىلىرىغا ئۆلۈشنىڭ ئالدىدا بالىلىرىم مەن ئېتىزىمىزغا بىر ساندۇق بايلىق كۆمۈپ قويدۇم، مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كىيىن ئۇنى كولاپ ئىلىپ كۈنىڭلارنى كۈن ئىلىڭلار دەپ ۋەسىيەت قىلىپتۇ. بالىلار دادىسىنىڭ دىگىنى بويىنچە ئېتىزنى كولاشقا باشلاپتۇ،شۇنچە كولىسىمۇ ھىچنىمە چىقماپتۇ. بالىلار شۇنچە كولاپ يەرلەرنى ئاغدۇرۋىتىپتۇق، ئېتىزغا ئۇرۇق سەپ قويايلى دەپ مەسلىھەتلىشىپ ئېتىزغا ئۇرۇق ساپتۇ. كۈزدە مول ھوسۇل ئالغان چاغدىلا دادىسىنىڭ كۆمگەن بايلىقىنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى چۈشىنىپتۇ. بۇ چۆچەكتىن نىمىنى ھىس قىلدىڭىز؟

ئەجداتلىرىمىزنىڭ سۆزىنىڭ تىگىدە سۆز، ھەر بىر چۆچىكىنىڭ كەينىدە چۇڭقۇر بىلىم، نەسىھەتلىرىنىڭ كەينىدە چۇڭقۇر ھەقىقەت ياتىدۇ. شۇڭا سىز يۈزىنى كۆرۈشتىن ئىچىكى دۇنياسىنى كۆرۈشكە بەكەرەك ئەھمىيەت بېرىڭ.

شۇڭا شۇنداق دىيەلەيمەنكى، بىز سەنئەتچىلەرنىڭ ئەمەس، شۇ سەنئەت ئارقىلىق بارلىق ئىچكى ھىسياتىنى ئىپادىلەۋاتقان، ئىددىيىسىنى ئەۋلادلارغا شۇ سەنئەت ئارقىلىق يەتكۈزۈپ، نەسىھەتىنى ئاڭلىتىپ، ئىلىمگە ئىسىل، توغرا يولنى تاپ دەپ كىلىۋاتقان نادانلىقنىڭ قۇربانى بولغان، تارىخى ئىزلارنى ھاياتى بىلەن ساقلاپ داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن ئوت يۈرەك، جەسۇر، قورقماس، يوقالماس مىللەتنىڭ ئەۋلادى بىز. بىز ھەم شۇ روھنى ئەۋلادلىرىمىزنىڭ قەلبىگە مۆھۈر قىلىپ باسىمىز.

2018-يىلى 3-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىستانبول

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 32

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش