ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә    Ortaq Türkçe   
  • 2018 - يىلى 25 - ئاۋغۇست ئىستانبۇلدىكى فاتىھ سۇلتان مەھمەت ۋەخپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا «ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار ۋە ھەل قىلىش يوللىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » تىرىلگەن روھلار

تىرىلگەن روھلار


(ئابرال)

   مەنكى ئىسىمسىز بىر مەھكۇم مەن. تۆت ئايدىن بۇيان مۇشۇ ئاتالمىش ”تەربىيلەش مەكتىۋى“ دە كۈن ساناپ ياتماقتىمەن. گەرچە بۇ يەرنى بىزگە ”مەكتەپ“ دەپ تەلەپپۇز قىلىشقا ئادەتلەندۇرگەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇ يەر بىر تۈرمە ئىدى. ھەتتا تۈرمىدىن بەتەر بىر ئىنسان روھىنى جازالاندۇرىدىغان جەھەننەم ئىدى. چۈنكى تۈرمىگە كىرگەنلەرگە ھۆكۇم ئىلان قىلنىپ، جازا مۇددېتى بىكىتىلەتتى. شۇڭا ئۇلار ئاشۇ ئەركىنلىككە چىقىدىغان كۈننى ساناپ بىر ئۈمىد ئىچىدە بىر ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كۈنلىرىنى ئۆتكۇزەتتى. ئۇلار ئېغىر تەن جازاسىغا ۋە ئېغىر ئەمگەكلەرگە سېلىنىپ جىسمانى جەھەتتىن زۇلۇمغا ئۇچرىسىمۇ، روھى ئەركىنلىككە ئىگە ئىدى “ مەكتەپتە“تە ئىشلار ئۇنداق ئاسان ئەمەس ئىدى. ئەمما ئاتالمىش بۇ يەردە تەن ئەمەس روھ زۇلۇمغا ئۇچرايتى. جازالىنىۋاتقان نەرسە مۇقەددەس روھ ئىدى. ھېچكىمنىڭ ئۈمىدلىنىشىگە كاللىسىدا بىر بوشلۇق قويمايتى. كاللىمىزنى ئاتالمىش سوتسىئالىزىمنىڭ ئەۋزەللىكى، ماۋ زېدوڭ ۋە شى جىپىڭ ئەسەرلىرىنىڭ ئۈزۈندىلىرى بىلەن تولدۇراتتى. بۇ ئۇزۇندىلەرنى خۇددى مۇقەددەس كىتابلاردىن ئېلىنغان ئايەتلەردەك شۇنچىلىك قەدىرلىك قىلىپ كۆرسىتىپ، بىرمۇ-بىر يادلاتقۇزاتتى. جۇڭگونىڭ ئىقسادى تەرەقىياتلىرىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان سان – سىپىرلار بىلەن كۆزلىرىمىزنى قاماشتۇرۇپ، سوتسىئالىستىك تۇزۇمنىڭ ئەۋزەللىگىنى ھە دەپ مەدھىيلەپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغلىغىنى تەشۋىق قىلاتتى. ”جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققى قىلىشى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ماس قەدەمدە ئىلگىرلىشى لازىم. ئۇنىڭ ئۈچۈن جۇڭگو روھىنى يۇكسەلدۇرۇپ، پۈتۈن ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۆزلىگىدىن جۇڭخۇا مىللەتلىرى قاتارىدا ئورۇن ئېلىشى ۋە بىر مىللەت بولۇپ ئۇيۇشۇشى لازىم ئاخىردا جاھانگىرلىرىنىڭ ئاتالمىش دېمۇگراتىزىمى ئۇستىدىن غەلبە قىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا كوممۇنىزىمنى ئەمەلگە ئاشۇرىمىز كېرەك“ دېگەندەك ئادەمنىڭ ئەقلى ئالمايدىغان سەپ-سەتەلەرنى ئۆگۈتەتتى. گەرچە بىز بۇ دەۋاتقانلىرىنىڭ تىگى-تەكتىگە يېتەلمىسەكمۇ، دەيدىغان بىر نەرسە بىزگە ناھايىتىمۇ روشەن ئىدى. ئۇ بولسىمۇ بىزنىڭ كۆزىمىزدىكى غۇۋا مىللىي روھنى يۇلۇپ ئالماقچى بولىۋاتاتتى.

تۈرمىلەردە مەھپۇس پۇتىغا سېلىغان ئېغىر كىشەنلەرنى سۆرەپ تۆت تام ئىچىدە ئۇياقتىن-بۇياققا مېڭىپ بولسىمۇ ئەركىن ھەركەت قىلالايتتى. ئۇ يەردە نۇرغۇن ئىشلار بىلەن ئىمكانىيەتنىڭ يېتىشىچە مەشغۇل بولالايتتى. ئەڭ مۇھىمى ئۇنىڭ تەپەككۇرى كىشەنسىز ئىدى. روھى ئۆز تەسەۋۇرىدا ئەركىن پەرۋاز قىلاتتى. ئاشۇ ئەركىن روھ بىلەن ئۇزاقلاردىن كۆرۇنۇپ تۇرغان ئەركىنلىكنى ئارزۇ قىلاتتى. روھ ،قامالغان تەندىن ئەركىنلىككە قاراپ قاچالايتتى. ئەممە بۇ ”مەكتەپ“ تە بىز ئۆز ئاغرىقىمىزدىن ھوزۇرلانغۇمىز كەلگەندەك ئۆز يارىمىزنى ئۆزىمىزگە تاتلاتقۇزىدىغان ئىشلارنى قىلدۇراتتى. مەنىۋى جەھەتتىن ناپراتلىشىپ روھىمىز ئازاپ ئىچىدە نىدا قىلاتتى. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى جىسمانى جەھەتتىكى ھەر تۈرلۇك ئىزتىراپتىن نەچچە ھەسسە ئېغىر بىر روھىي پاجىئە ئىدى.

بۇ يەردە خىتاي مىللتىدىن باشقا ھەر مىللەتتىن ھەر تۈرلۈك ئىنسانلار بار ئىدى. مەدەنىيەت سەۋىيەنىڭ يۇقۇرى تۆۋەنلىكى ئانچە مۇھىم ئەمەس ئىدى. مۇھىمى ئۇلارنىڭ ھۆكۇمەتكە بولغان ساداقىتى ئىدى. شۇڭا ھەممىسى بىر-بىرسىدىن ھۈركۇپ، ئۆزۇىنىڭ ئۆتمۇشى توغرىسىدا بىر-بىرسىگە سۆز ئېچىشنى ئانچە خالاپ كەتمەيتتى. مانا بۇلاردىن ئۇلارنىڭ ھەر دائىم ئۆز ئۆتمۇشى ئىچىدە ياشاۋاتقانلىغى ئوپ-ئوچۇق بىلىۋالغىنى بولاتتى. ”ساۋاقداش“لىرىمنىڭ ۋە ئۆزۇمنىڭ ئەھۋالىغا قارىغاندا ئاساسلىق مەسىلىمىز ھۈكۇمەتكە بولغان ساداقىتىمىزنىڭ سۇسلىغى ئىدى.
بۇ يەردە ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بىزنى تاشقى دۇنيادىن خەۋەرسىز قالدۇرغانلىغىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۇپ يېتىشكە باشلىدىم. بولۇپمۇ ماڭا تاشقى دۇنيادا يوشۇرنۇپ ياتقان روھلارنىڭ قانچىلىك يىقىنلىغىنى ئەمدى ھېس قىلدىم. چۈنكى بۇ يەر روھ ئۆلدۇرگۈچى قاتىللار بىلەن تولغان بولسىمۇ، خۇددى ئەسلىدە مېنىڭ ئىككى روھىم بولغاندەك ھازىر بىرى ئۆلتۇرۇلۇپ يەنە بېرى تىرىلىۋاتقاندەك بىر تۇيغۇدا ئىدىم.
روھ قاتىللىرى خاتالاشماقتا ئىدى. مەن ئۇلارنىڭ بىزنى تېخىمۇ“ياخشى“ ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشىدىن گۇمانلاندىم. بۇ يەرگە كىرگەن كىشىلەر بۇرۇنقىدىن بەتەر ھۈكۇمەتكە ئۆچمەنلىكى ئېشىپ بېرىۋاتاتتى. خىتايلارغا بولغان ئىنتىقام تۇيغۇسى يۇكسەلمەكتە ئىدى. ھەتتا بۇرۇن ئۇلارغا ھېچقانداق بىر ئۆچمەنلىكى بولمىغانلارنىڭ ئۆچمەنلىك ئۇرۇقلىرى قەلبىدە بىخلانماقتا ئىدى. ئىنسانلارنىڭ روھىنى جازالاندۇرىدىغان بۇنداق بىر جازا قانۇنىنىڭ ئىنسانلارنى ئالدايدىغان خاتالىق ئۇستىگە قۇرۇلغان ئۇستۇنقۇرۇلما ئىكەنلىكىنى، خاتا بىر تاشقى ۋە ئىچكى كۆرۇنىشى بارلىغى قەلبىمنىڭ بۇلۇڭلىرىدىن ئورۇن ئالدى. بۇنداق بىر سېستىم، بۇنداق بىر دۆلەت ئۇستۇنقۇرۇلمىسىنىڭ بىزنى ئىنسانلار ئىچىدىكى كۈندىللىك تۇرمۇشىمىزدىن يۇلۇپ ئېلىپ، روھىمىزنى تېخىمۇ ئىسيانكار قىلىۋىتىپ بارغانلىغىغا ئىشەندىم. بىزدىكى بىر كەمتۇك، مەجرۇھ روھنى ئۆلتۇرۇپ يەنە بىر ئىنسانى روھنى تىرىلدۇرۋاتقانلىغىغا ئىشىنىپ، ئۇلارغا قاراپ مەسخىرلىك كۇلدۇم. ھەتتا قولۇمنى ئىگىز كۆرۇپ چۇقان سالغۇممۇ كەلدى. ئەركىنلىككە بولغان سېغىنىشىنى ھەر كىم ئۆز يۈرىگىدە ھېس قىلىشقا باشلىدى. ھاياتقا ئارلاشماق، دۇنيانىڭ دەردلىرى ۋە خورلۇقلىرىغا چىدىماق، بوران-چاپقۇنلار بىلەن بوغۇشۇپ چۆكۇشكە باشلىغان مىللىتىمىزنىڭ مىللىي روھىنى قۇتقۇزۇش ئىستېكى مەندە كۈچلۇك جاسارەت پەيدا قىلدى.

قارا بۇلۇتلار ئۇستۇمدە توپلانغان، ئاي يۈزىنى مەندىن يوشۇرغان، تۇمانلار ئەتراپىمنى قاپلىغان، چىراقلار ئۆچكەن قاراڭغۇلۇقتا يۇمغا كۆزلىرىمنى ئەمدى ئاچتىم. يۈرىگىمنىڭ جەسۇر سوقۇشلىرىنى تىڭشىدىم. ئۇلۇغ ياراتقۇچى ئاللاھغا پۈتۈن بارلىقىم بىلەن ئۆزۇمنى تەسلىم قىلدىم. روھىم تىرىلىپ، ۋاقىت چىرىتكەن جىسمىمنى كۆردۇم. ئەتراپىمدىكى قاراڭغۇلۇققا ئاستا زەڭ سېلىپ قارىدىم. ئۇزۇن كەتكەن زالغا قويۇلغان ئىككى قەۋەتلىك قاتار-قاتار كارۋاتلارنى كۆردۇم. ئۇستىدە سۇنايلىنىپ ياتقان تەنلەردىكى بەزى بىتاپ روھلارنى كۆردۇم. تېنىقلىرىدىن چىققان سېسىق پۇراقتىن بۇرنىمنى ئەتتىم. پەرياد چەككەن نالىلەرنى تۇيدۇم. بۇلار ئاتالمىش مۇئەللىملەرنىڭ باشقىلارنىڭ ئاشقان-تاشقانلىرىنى يېغىپ ئەكىلىپ، بىر قازانغا سېلىپ قاينىتىپ ئەتكەن شورپىسىنى ياخشى كۆرۇپ ئىچكەنلىكى ئۈچۈن، قاتتىق تولغاق يەۋاتقانلىغىنى پەملىدىم. بۇلارنى كۆرۇپ يۈرىگىم ھەسرەتكە تولدى. ئىچىم ئېچىشىپ ئاغرىدى.تاڭمۇ ئاتتى. نورۇز ئايلىرىنىڭ ئىللىق قۇياشى ئۇستىمىزدە پاقىراشقا باشلىدى. قىشنىڭ سوغۇق شاماللىرى ئاللى قاياقلارغا ئۇچقان ئىدى. كۆللەر، دەريالارنىڭ يۇزلىرى مۇزدىن قۇتۇلدى. ۋادىلەر بىر ئۈمىد بىلەن جۇلالاندى. باش باھارنىڭ پۇرۇقى ئىنسان ئۇستىدە ئويغاتقۇچى بىر تەسىر پەيدا قىلدى. مانا ئەمدى بىتاپ بولغان روھلار قايتا جانلاندى. ئۆلگەن روھلار تىرىلدى. ھەرقانداق بىر كىرزىس ئىنسانغا بىر پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. ھەرقانداق زۇلۇمدىن ئىنسانلار ھامان بىر قۇتۇلۇش يولىنى تاپىدۇ. ئىنسانالارنىڭ ئۇلۇغلىغى دەل مانا مۇشۇ يەردە. ئادەم بالىسى بۇ ئالەمدە تەڭدىشى يوق ئىرادە كۈچىگە، جەسسۇرلۇققا ئىگە. ئۇنىڭ قۇدرىتى دەل مانا مۇشۇ يەردە.

ۋاقىت ئۆتمەكتە، جىسمىمىز چىرىمەكتە، زالىملار ئەزمەكتە، مەھكۇم روھلار تىرىلمەكتە. خىتايلار بىزنى ئۆلتۇرۇپ قارا تۇپراققا كۆممەكچى بولىۋاتىدۇ. ئەمما، ئۇلار بىزنىڭ ئۇرۇقتەك قايتا ئۆسۇپ چىقىدىغانلىغىمىزنى نەدىنمۇ ئەقلىگە كەلتۇرەلىسۇن؟
ئۇرۇقلىرىمىزنىڭ پۈتۈن ئالەمگە چېچىلىپ، باھاردا ھەر يەردىن ئۇنىپ چىقىدىغانلىغىنى نەدىن بىلسۇن؟ چۈنكى بىز ئۇيغۇر! تۇپراقىمىز مۇنبەت، ئۇرۇقىمىز ساپ مىللەت! بىز ھەرۋاقىت ئۆزلۇكسىز ھەركەت قىلىپ، دائىم يېڭىللىنىپ تۇرىمىز. مۇشۇ قانۇنىيەت بويىچە ئەسىرلەردىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كىلىۋاتىمىز. بىزنىڭ روھىمىز ئەلەس ئالەمىدىن كەلگەن. ئۆز ۋاختىدا ئۇلۇغ ئاللاھ بىزگە خىتاپ قىلىپ“مەن سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلار ئەممەسمۇ؟دېگەندە، توغرا، سەن بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىزدۇرسەن…“ دەپ قەسەم قىلغان بىز.

ساناقسىز سىزىقچىلارنىڭ ئىزناسى باسقان ئالقانلىرىم بىلەن قورۇق يۇزلىرىمنى، ئاقارغان چاچلىرىم سىلىدىم. بۇلاردىن ئۆزۇمنىڭ ئۆتمۇشىنى كۆردۇم. ۋاقىت ھەممىنىڭ قاتىلى. ۋاقىت مۇئەللەق ھاكىم مۇتلەقلىق، زالىم خانلىقنى ياۋا گىيادەك ئۆز نۆۋىتىدە ئەرزىمەس قىلىۋىتىدىغانلىغىنى كۆردۇم. ئۇلارنىڭ ئۆچمەس گۈلخانلىرى ئۆچۇپ، ھەيۋەتلىك قەسىرلىرىنىڭ توپىسى تۇرپانغا ئۇچىۋاتقانلىغىنى كۆردۇم. زەيىپ روھلارنىڭ تىرىلگەنلىكىنى كۆردۇم.
تومۇرۇمدا ئاققان ئىنتىقام قېنىنىڭ زالىملارنىڭ تومۇرىدا زەھەر بولۇپ ئاققانلىغىنى كۆردۇم.
ئەنە قۇياشنىڭ مىڭلىغان ئوتقاشتەك نۇرلىرى ئاستىدا قەد كۆتۇرۇپ تۇرغان ئابرال تاغلىرىنىڭ ئاقارغان باشلىرىنى كۆردۇم. دەشتى چۆللەردە تۆگە كولدۇرمىسىنىڭ يىقىملىق ئاۋازىدا سەراپقا ئالدانماي كىتىۋانقان كارۋانلارنى كۆردۇم. قوللىرىدا قالقان تۇتۇپ، نەيزىلىرىنى بۇلۇت قەرىگە سانجىپ، ئۆز قەيسەرلىكىنى تىك تۇرۇپ نامايەندە قىلىۋاتقان قىرلار ئۇستىدىكى قارىغايلارنى كۆردۇم. ئەنە برۈكسەلدىكى كۆك بايراقنىڭ چىلۋىسىنى كۆردۇم، بەش مىڭ مەشئەلنىڭ يالجىشىنى كۆردۇم.

11.03.2018

يازغۇچى ھەققىدە

ماقالە سانى : 32

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش