ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرىت چارە-تەدبىرلىرى» تېمىسىدىكى مۇزاكىرە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرىت چارە-تەدبىرلىرى» تېمىسىدىكى مۇزاكىرە يىغىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاخىرلاشتى
2026-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشى، ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدا «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى داۋاملىشىۋاتقاندا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرىت چارە-تەدبىرلىرى» ناملىق مەخسۇس مۇزاكىرە يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم مۇھىم مەسىلىلەر كەڭ دائىرىدە مۇھاكىمە قىلىندى.
ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباسنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ئاكادېمىكلەر، تەتقىقاتچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشى قاتنىشىپ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا يۈز بېرىۋاتقان ھالقىلىق مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلدى.
يىغىن شەنبە كۈنى سەھەر سائەت 09:15 تە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ۋە تۈركىيە ئىستىقلال مارشىنىڭ تەنتەنىلىك ھالدا ياڭرىشى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس ئەپەندى ئېچىلىش سۆزى قىلدى.
دوكتور رىشات ئابباس ئۆز سۆزىدە نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى پەقەت ۋەتەن ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلارغىمۇ قارىتا چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش، تەھدىت ۋە قورقۇتۇش ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ بۇ خىل جىنايى قىلمىشلىرىغا قارشى تۇرۇشتا بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ كۆز قاراش پەرقلىرىنى بىر ياققا قەيىرىپ، خىتايغا قارشى ئۆزئارا ھەمكارلىق ۋە ئورتاق ھەرىكەت مېخانىزىمى ئورنىتىشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

1-بۆلۈم: خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى» نىڭ ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەتلىرى
يىغىننىڭ 1-بۆلۈمىگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ بۆلۈمدە مەخسۇس تەييارلىق بىلەن كەلگەن تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت، دوكتور ئادىلجان ئەرئۇيغۇر، ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەد ۋە تولۇنئاي تەڭرىتاغلى قاتارلىقلارغا ھەر بىرىگە 7 مىنۇتتىن دوكلات بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئارقىدىن قاتناشقۇچىلارغا ھەر بىرىگە 3 مىنۇتتىن ۋاقىت بېرىلىپ، پەرقلىق نۇقتىدىن كوللېكتىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
بۇ بۆلۈمدە دەسلەپتە خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىيات قانۇنى» نىڭ ماھىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى. دوكلات سۇنغۇچىلار ۋە قاتناشقۇچىلار بۇ قانۇننىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىل، دىن، مەدەنىيەت ۋە مىللىي كىملىكىنى پۈتۈنلەي يوقىتىش، يەنى مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى «قانۇنىي تۈس» كە كىرگۈزۈش ئارقىلىق، رايوننى ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇستەملىكىگە ئايلاندۇرۇش جىنايى سۇيىقەستى ئىكەنلىكىنى ئىلمىي دەلىللەر بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
شۇنداقلا خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە قارشى چارە-تەدبىرلەرمۇ مۇھاكىمە قىلىندى. ۋەتەن سىرتىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا قارىتا خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تورلىرى، تاراتقۇلىرى ۋە ئەلچىخانىلىرى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان تەھدىتلىرىگە قارشى قانۇنىي، سىياسىي ۋە ئەمەلىي مۇداپىئە تەدبىرلىرى تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

2-بۆلۈم: خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا چىگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىگە قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىق مىخانىزىمى
2-بۆلۈمگە ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى سابىق رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ بۆلۈمدە پروفېسسور مۇتەللىپ ئەلى ھاجى ئەمچى، دوكتور ئابدۇكېرىم بۇغرا، ئابدۇرېشىت ئابدۇلھەمىد، بەختىيار ئۆمەر ۋە ئامىنە سەدەف ئۇيغۇر قاتارلىقلار دوكلات سۇندى.
بۇ بۆلۈمدە نۆۋەتتە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دۇچ كېلىۋاتقان ئېغىر خىرىسلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىش يوللىرى مۇزاكىرە قىلىندى. يىغىندا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلىرى، ئادەم كۈچى كەمچىللىكى، ماسلاشماسلىق، ئىش تەقسىماتىنىڭ ئېنىقسىزلىقى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان سىياسىي بېسىملىرى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ھەقتە قىلىشقا تېگىشلىك ئەمەلىي چارە-تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، بۇ ھەقتە كوللېكتىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تەشكىلاتلار ئارا كېڭىشىپ ئىش تەقسىماتى قىلىدىغان، ئۆزئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرىدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان خىزمەت مېخانىزىمى تەسىس قىلىش توغرىسىدا كونكرېت پىكىرلەر بېرىلدى. ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يەرلىك ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، مېدىيا ھەم كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىشىنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەندى.
3-بۆلۈم: خىتاي مۇستەملىكىسىگە قارشى شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرى
ئەڭ ئاخىرقى بۇ بۆلۈمگە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ سابىق رەئىسى ۋە ئالىي مەسلىھەتچىسى پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت رىياسەتچىلىك قىلدى. بۇ بۆلۈمدە پروفېسسور ئەركىن ئەمەت، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى، دوكتور ئەركىن سىدىق، ئابدۇلھەمىد قاراخان ۋە قادىر ئاۋشار قاتارلىقلار دوكلات سۇندى ھەمدە يىغىن ئەھلى بىلەن بۇ ھەقتە كوللېكتىپ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
مۇزاكىرەدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ھازىرغىچە ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى ھەرىكەتلەر، دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە ئاقارتىش خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى باھالاندى. يېڭى ۋەزىيەتتە مۇستەملىكىگە قارشى كۈرەشتە ئۇتۇق قازانغان مىللەتلەرنىڭ تەجرىبىلىرىدىن ساۋاق ئېلىش، ئۈنۈمى تۆۋەن پائالىيەتلەرگە ۋاقىت ۋە ئىقتىساد سەرپ قىلماسلىق، شۇنداقلا زامانىۋى تېخنىكا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك پىلانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا دېموكراتىك كۈچلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىش ۋە ياشلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك تەربىيەلەپ مىللىي بىرلىك سەپكە جەلپ قىلىش مەسىلىلىرىمۇ ئەتراپلىق مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىننىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس سۆز قىلىپ، يىغىن جەريانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان قىممەتلىك پىكىرلەرنى يىغىنچاقلىدى ۋە خىتاينىڭ چېگرا ھالقىغان باستۇرۇشلىرىغا قارشى تەشكىلاتلار ئارا ھەمكارلىقنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەشنىڭ ئىنتايىن تەخىرسىز ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
ئەڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى دوكتور رىشات ئابباس يېپىلىش سۆزى قىلىپ، بۇ يىغىننىڭ ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى ۋە تەشكىلاتلار ئارا زىچ ھەمكارلىق ئورنىتىشىدا تارىخى بىر ئۇل تاش بولۇپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى، ھەمدە يىغىننى تەشكىللەشكە كۈچ قوشقان تەشكىلات رەھبەرلىرى، دوكلات بەرگۈچىلەر ۋە قاتناشقۇچىلارغا چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى.
يىغىنغا مۇناسىۋەتلىك باشقا رەسىملەر
















































