You Are Here: Home » داڭلىق كىشىلەر » ئۇستاز ئابدۇقەييۇم خوجانى ئەسلىگەندە (1)

ئۇستاز ئابدۇقەييۇم خوجانى ئەسلىگەندە (1)

دوكتور ئەسئەت سولايمان

«ئارخېئولوگىيە» دەرسى ئاڭلىغان كۈنلەردە

1992-يىلىنىڭ يانۋار ئايلىرى ئىدى. ئۈرۈمچىنىڭ قارا قىشى داۋام قىلىۋاتتى.

بۇ مېنىڭ «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا پروفېسسور ئابدۇكېرىم راھماننىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە ئۇيغۇر فولكلورى كەسپى بويىچە ماگېستېر ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان بىرىنچى ئوقۇش يىلىم ئىدى. قىشلىق تەتىل يېقىنلىشىپ قالغاچقا، كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمىدە ئالىدىغان زۆرۈر دەرسلەر توغرىلىق يېتەكچى ئوقۇتقۇچۇم ئابدۇكېرىم راھمان بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇ جىددىي قىياپەتتە: «ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيدىكى ئابدۇقەييۇم خوجا بىلەن سۆزلەشتىم. ئۇ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدە ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى ئەۋلاد مۇتەخەسسىس. ئۇيغۇر فولكلورىنىڭ، بولۇپمۇ قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئارخېولوگىيە بىلەن زىچ مۇناسىۋىتى بار. شۇڭا ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېيغا بېرىپ، ئابدۇقەييۇم خوجادىن <ئارخېئولوگىيە> دەرسى ئاڭلايدىغان بولدۇڭ، بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگىن!» دېدى.

چوڭقۇر ھاياجانغا چۆمدۈم، بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلاپ باقمىغان بىر پۇرسەت ئىدى! ئارخېئولوگىيە ئىلمىدىن دەرس ئاڭلاش – ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە تويماي قىزىقىدىغان بىر ياش ئوقۇغۇچى ئۈچۈن 1990-يىللارنىڭ باشلىرىدىكى ۋەتەن مۇھىتىدا ئاسان قولغا كېلىدىغان پۇرسەت ئەمەس ئىدى.

ئەمدىلا 23 ياشقا كىرگەن يىگىت ئىدىم، ئۇ زامانلاردا ئۈرۈمچىدىكى كىتابخانىلاردا ئاخېئولوگىيەگە دائىر كىتابلار ئىنتايىن چەكلىك ئىدى. ئۇستاز ئابدۇقەييۇم خوجانى پەقەت ئۇنىڭ كىتاب ۋە ماقالىلىرىدىن بىلەتتىم، ئەمما يۈزتۇرانە ھېچ كۆرۈشۈپ باقمىغان ئىدىم. قىشلىق تەتىلدە «قەدىمكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابنى بىرقانچە قېتىملار تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم، خاتىرە قالدۇردۇم. بۇ كىتابنىڭ تۈزگۈچىلىرى ئابدۇقەييۇم خوجا، ئىسرپىل يۈسۈپ، دولقۇن قەمبىرى قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئىدى.

قىشلىق تەتىل ئاخىرلىشىپ، ئۈرۈمچىنىڭ قارا قىشى ئاستا-ئاستا ئۇزاۋاتقان، قار-مۇزلار ئېرىپ باھارنىڭ تىۋىشى كېلىۋاتقان مارت ئېيىنىڭ باشلىرىدا چوڭقۇر ھاياجان ۋە ئىستەكلەر ئىلكىدە «ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي»غا باردىم. ئۇستاز ئابدۇقەييۇم خوجا تېخى يېقىندا پېنسىيەگە چىققان بولسىمۇ، ئەمما مۇزېيخانىنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى ئىشخانىسىدا داۋاملىق ئىشلەۋاتقان ئىكەن.

ئىللىق تەبەسسۇم بىلەن ئىشىك ئاچقان ئۇستاز ئابدۇقەييۇم خوجا ئۆزىنىڭ يېقىملىق سىماسى ۋە خۇشچاقچاق گەپ-سۆزلىرى بىلەن بىرقانچە دەقىقە ئىچىدىلا تۇنجى كۆرۈشۈشتىكى كەيپىياتنى جانلاندۇردى. مەندىكى جىددىيچىلىك، قورۇنۇش ۋە سىقىلىش تۇيغۇلىرى قاياقلارغىدۇر غايىپ بولدى. ئاجايىپ يەڭگىل ۋە راھەت بىر كەيپىيات ئىچىدە «ئارخېئولوگىيە» دەرسىنىڭ تۇنجى سەھىپىلىرىگە مەستانە بولدۇم.

ئۇستاز ئابدۇقەييۇم خوجا دەرسنى باشلاشتىن ئاۋۋال ئۆزىنىڭ قىسقىچە ھايات مۇساپىسى ۋە ئارخېئولوگىيە كەسپى بىلەن بولغان ئاز كەم يېرىم ئەسىرلىك رىشتىسىنى ھېكايە قىلىپ بەردى. مەنمۇ ئۆزۈمنى ئۇنتۇغان ھالدا ئۇنىڭ ھايات ھېكايىسى ۋە كەسپىي ئىزدىنىش مۇساپىسىگە قوشۇلۇپ، 1950-يىللاردىن 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى ۋەتەن ئارخېئولوگىيەسىنىڭ مۈشكۈلاتلارغا تولغان جەريانلىرىغا چۆمۈلدۈم. مارالبېشىدىكى تۇمشۇق قەدىمىي شەھىرىدىن مىرەن خارابىسىغىچە، تۇرپان ئويمانلىقىدىكى يارغول ۋە ئىدىقۇت قەدىمىي شەھەرلىرىدىن چەرچەن زاغۇنلۇقتىكى قەدىمكى قەبرىستانلىقلارغىچە، خوتەندىكى سامپۇلا ۋە نىيە خارابىلىرىدىن كۆنچى دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىمى ۋە لوپنور ۋادىسىدىكى قەدىمكى ئىزلارغىچە بولغان قەدىمكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تارىم ئويمانلىقىغا دۈملەنگەن پارلاق ئۆتمۈشىنى سەير قىلدىم…

شۇ كۈنىدىكى تۇنجى ئارخېئولوگىيە دەرسىدە ئۇنىڭ چوڭقۇر ئۇرغۇ بىلەن مۇنۇلارنى تەكىتلىگەنلىكى ھېلىمۇ ئېسىمدە: «بىز ئارخېئولوگىيە ساھەسىگە تولىمۇ كېچىكىپ كىردۇق. يۇرتىمىز قەدەمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىغا تويۇنغان، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت تارىخىدا ئالاھىدە مۇھىم رول ئوينىغان بىر ماكان. ياۋروپالىق ئارخېئولوگلار ۋە ېكىسپېدىتسىيەچىلەر بۇنىڭدىن يۈزلەرچە يىللار ئىلگىرى تارىم ۋادىسىدىكى قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى قېدىرىپ، ئەسىرلەر بويى قۇم ئاستىدا ئۇخلاپ ياتقان بىر قىسىم مەدەنىيەت بايلىقلىرىمىزنى ئاچقان ھەمدە ئۆز دۆلەتلىرىگە ئېلىپ كېتىشكەن ئىدى. ئارخېئولوگىيە – مەدەنىيەت تارىخمىزنىڭ قەدىمكى سىرلىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان ئاچقۇچتۇر. بۇ ئاچقۇچ قولدا بولماي تۇرۇپ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ۋە جۇڭغارىيە ۋادىسى، شۇنداقلا ئىلى-يەتتەسۇ رايونلىرىغا كۆمۈلگەن سىر-ئەسرارلىرىنى ئاچقىلى بولمايدۇ!»

(داۋامى بار)

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top