You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لېدىرلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئەنقەرەدە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لېدىرلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئەنقەرەدە غەلبىلىك ئاخىرلاشتى

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەشكىللىشىدە، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايىتەختى ئەنقەرەدە، تۈركىيە ۋە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن 24 ياش بىلەن ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە تۈركىيەدىن 12 ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىنىڭ قاتنىشىشىدا «ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ لېدىرلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى» ئەنقەرەدە باشلىدى.

بۇ ئۈچ كۈنلۈك كۇرستا ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇر مىللىي روھىنى سىڭدۈرۈش، ئۇلارنىڭ يېتەكچىلىك قابىيىتىنى كۈچەيتىش، ئۆزئارا ھەمكارلىقىنى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولۇش مەقسەد قىلىندى.
كۇرسنىڭ تۇنجى كۈنىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، تېببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشاد ئابباس ئەپەندىنىڭ ئېچىلىش سۆزى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسىنى تونۇشتۇرۇشى بىلەن باشلاندى.


مەزكۇر كۇرستا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ ۋەكىللىرى 2025-يىلى پىلانلانغان خىزمەتلەرنىڭ ئىجرا قىلىنىشى، قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلىرى ۋە دۇچ كېلىدىغان قىيىنچىلىقلار ئوتتۇرىغا قويدى. شۇنداقلا، ھەر قايسى دۆلەتلەردە ئۇيغۇر ياشلىرىمىز ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك زۆرۈر خىزمەتلەر ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى ئورتاقلاشتى ۋە ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردى.

كۇرسنىڭ 1-بۆلۈمىدە، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلار قىسمىدا، تۆت نەپەر ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە تۈركىيەدىن قاتناشقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن، ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتنىڭ دېرىكتورى رۈشەن ئابباس خانىم، خىتاينىڭ 2026-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىيات قانۇنى» ۋە ئۇنىڭ تەسىرلىرى: يېڭى قانۇنچىلىق ۋە سىياسەت يۆنىلىشىگە نەزەر تېمىسىدا، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزى دېرىكتورى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندى، خەلقئارالىق نۇقتىنەزەردىن خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىيات قانۇنى» توغرىسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى رەئىسى پروفېسسور ئەركىن ئەمەت ئەپەندى، تۈركىيە نۇقتىنەزەرىدىن خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىيات قانۇنى» توغرىسىدا ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى رەئىسى ئابدۇلھەمىد قاراخان ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تەرەققىيات قانۇنى» نىڭ ئۇيغۇر تىلى، مەدەنىيىتى، كىملىكى ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرلىرى ھەققىدە قىسقا لېكسىيەلەرنى بەردى ۋە ياشلار بىلەن تەجرىبىلىرىنى ئورتاقلاشتى.

كۇرسنىڭ 2-بۆلۈمىدە، تۆۋەندىكى 6 نەپەر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى تەشكىلات رەھبەرلىرىدىن ئۇيغۇر پروجېكت فوندى رەئىسى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندى كائىنات تېخنىكىسى توغرىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى باش كاتىبى دوكتور گۈلزادەم تەڭرىتاغلى خانىم، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ساقلاشتا سەنئەت ۋە ئۆزپ-ئادەتنىڭ رولى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرىشىت ئەپەندى ئۇچۇر تېخنىكىسى توغرىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئىجرائىيە رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئابباس ئەپەندى ماتېرىيال ئېلىمى ھەققىدە، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئالىي مائارىپ كومىتېتى مۇدىرى دوتسېنت نامەتجان مەمەت ئورخۇن ئەپەندى خەلق ساغلاملىقى توغرىسىدا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى ۋە تىببىي دورا تەتقىقات ئالىمى دوكتور رىشاد ئابباس ئەپەندى يېڭى تىببىي دورا تەتقىقاتى ۋە ياشلار ئۈچۈن پۇرسەتلەر ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ كەسپى ئۇتۇقلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئارقىلىق ياشلىرىمىزغا ئېلھام بەردى.

تەتقىقاتچىلىرىمىزنىڭ يۇقارقى تېمىلاردا بەرگەن قىسقا دوكلاتلىرى ياشلىرىمىزغا ئاكادېمىك كەسپىي تەرەققىيات يولىغا بولغان تۈرلۈك ئىمكانلار توغرىسىدا كەڭ نۇقتىنەزەر بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا، يېڭىلىق يارىتىش، مىللىي كىملىكنى ساقلاش ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ خىزمەت قىلىشنىڭ مۇھىملىقى تەكىتلەندى.

كۇرسنىڭ 1-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇر ياشلىرىمىز بىلەن ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرى بىرلىكتە ئالدى بىلەن ئەلەم ۋە قەلەم بىلەن خىتايغا قارشى كۆرەش قىلغان مەرھۇم لېدىرىمىز مۇھەممەد ئېمىن بۇغرانىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، روھىغا ئاتاپ قۇرئان تىلاۋىتى ۋە دوئا قىلدى.

ئارقىدىن ئاتا تۈرك خاتىرە سارىيى، تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسلىك سارىيى، 15-ئىيۇل دېمۇكراتىيە موزىيى، مىللەت جامەسى ۋە مىللەت كۈتۈپىخانىسىنى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى ۋە دۆلەت قۇرۇلمىسى بىلەن تونۇشتى.

كۇرسنىڭ 1-كۈنى كەچتە 2-كۈنىدە بىر قىسىم دۆلەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچرىشىشتا مۇزاكىرە قىلىنىدىغان ئۇيغۇر كىملىكىنى ساقلاش ۋە ياشلارنىڭ لېدىرلىق قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈش ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇشقا مەركەزلەشتى.

كۇرسنىڭ 3-كۈنى كۇرسقا قاتناشقان ياشلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا كۆز-قاراشلىرى، ئۆزلىرى يولۇققان قېيىنچىلىقلار، كەلگۈسى پىلانلىرى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ ياشلارنى تەربىيەلەش كۇرسى ھەققىدە تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بەردى. ئامېرىكا، ياۋرۇپا ۋە تۈركىيەدىن قاتناشقان ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە تەشكىلات رەھبەرلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى ياشلىرىمىزغا يەتكۈزدى ۋە ياشلىرىمىزدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرىنى ئورتاقلاشتى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسىنىڭ يىللاردىن بېرى ئويۇشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىمىزغا ئۇيغۇر كىملىكىنى قوغداش ۋە لېدىرلىق ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنى ھەر جەھەتتىن ئۇزۇن مۇددەتلىك يىتەكلەش ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە سىڭىپ كىرىپ ئۆزلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ.

كۇرسقا مۇناسىۋەتلىك باشقا رەسىملەر

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top