You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » پەلسەپە — ئەركىنلىككە ئېلىپ بارىدىغان پىكىر يولى.

پەلسەپە — ئەركىنلىككە ئېلىپ بارىدىغان پىكىر يولى.

 

ئاپتور: ھەبىبۇللا ئابلىمىت

بىز ئۇيغۇرلار پەلسەپىگە سۇ بىلەن نانغا ئوخشاش ئېھتىياجلىق.

سۇ تەننىڭ ھاياتى ئۈچۈن قانچىلىك زۆرۈر بولسا، پىكىرنىڭ ھاياتى ئۈچۈن, پەلسەپەمۇ شۇنچىلىك زۆرۈردۇر.

نان تەننى قۇۋۋەتلىسە، پەلسەپە ئىنساننىڭ روھىنى ۋە پىكىرىنى قۇۋۋەتلەيدۇ.

چۈنكى ئىنسان پەقەت ياشاش بىلەنلا ئىنسان بولمايدۇ؛ ئۇ نېمە ئۈچۈن ياشايدىغانلىقىنى ئويلىغاندا، ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، قەدىرىيىتىنى ۋە مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى ئىزدىگەندە ھەقىقىي پىكىر ئىگىسىگە ئايلىنىدۇ.

بىر مىللەتنىڭ تەقدىرىنى پەقەت ئۇنىڭ قولىدىكى كۈچلا بەلگىلىمەيدۇ. ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۇ مىللەتنىڭ نېمىنى ئويلايدىغانلىقى، ئۆزىگە قانداق سوئاللارنى قويىدىغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى قانداق تەسەۋۋۇر قىلىدىغانلىقىمۇ بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئەركىنلىككە بولغان ئىنتىلىش ئاۋۋال پىكىردە باشلىنىدۇ.

ئەركىنلىك دېگەن نېمە؟

بۇ ئاددىي كۆرۈنگەن، ئەمما جاۋابى ئىنتايىن چوڭقۇر بولغان بىر سوئال. ئەگەر بىز ئەركىنلىكنى پەقەت سىياسىي ياكى تاشقى شارائىتنىڭ ئۆزگىرىشى دەپلا چۈشەنسەك، ئۇنىڭ ئىچكى مەنىسىنى تولۇق چۈشىنەلمەيمىز. ئەركىنلىك ئىنساننىڭ ئۆز تەقدىرى ھەققىدە پىكىر قىلالىشى، ئۆز قىممەت قارىشىنى بەلگىلىيەلەلىشى، ئۆزىنىڭ تاللىشىغا مەسئۇل بولالىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىكتۇر.

شۇڭا بىز «نېمىگە ئېرىشىمىز؟» دېگەن سوئال بىلەنلا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭدىنمۇ چوڭقۇرراق بولغان «نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى خالايمىز؟»، «ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇنى قانداق قوغدايمىز؟»، «ئەركىن جەمئىيەتنى قانداق قۇرۇپ چىقىمىز؟» دېگەن سوئاللارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇشىمىز كېرەك. مانا بۇ يەردە پەلسەپەنىڭ رولى باشلىنىدۇ.

پەلسەپە بىزگە تەييار جاۋابلارنىلا بېرىدىغان بىر ئىلىم ئەمەس. ئۇ بىزگە توغرا سوئال سوراشنى ئۆگىتىدۇ. توغرا سوئال بولمىغان يەردە توغرا جاۋابنىڭمۇ قىممىتى چەكلىك بولىدۇ. ئۆز پىكىرىنى سوئالغا تارتىشتىن قورقمىغان ئادەملا ئۆزىنىڭ پىكىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرالايدۇ. ئۆز قارىشىنى تەنقىدىي كۆز بىلەن كۆرەلمىگەن مىللەتنىڭ پىكىر دۇنياسىدا بولسا قاتماللىق پەيدا بولىدۇ.

شۇڭا پەلسەپە بىزگە پەقەت باشقىلارنىڭ پىكىرىنى تەنقىد قىلىشنى ئەمەس، ئۆزىمىزنىڭ پىكىرىنىمۇ قايتا-قايتا تەكشۈرۈشنى ئۆگىتىدۇ. بۇ بولسا پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئەڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرىدۇر.

ئەدەبىيات بۇ پىكىر دۇنياسىنىڭ ئىنسانىي ساداسىدۇر. پەلسەپە سوئال سورىسا، ئەدەبىيات ئۇ سوئالنىڭ ئىنسان قەلبىدە قانداق ياڭرايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.

پەلسەپە «ئادالەت نېمە؟» دەپ سورىسا، ئەدەبىيات بىزگە ئادالەتسىزلىكنىڭ بىر ئىنساننىڭ ھاياتىدا قانداق ئازابقا ئايلىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ.

پەلسەپە «ئەركىنلىك نېمە؟» دەپ سورىسا، ئەدەبىيات ئەركىنلىككە بولغان سېغىنىشنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن تارتىلغان ئازابنى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ئۈمىدنى ئىنسان قەلبىگە يەتكۈزىدۇ.

شۇ سەۋەبتىن بىر مىللەتنىڭ ئەدەبىياتى پەقەت سەنئەت ئەمەس؛ ئۇ مىللەتنىڭ روھىي ئەستە ساقلىغۇچىسىدۇر. تارىخ يوقىتىشقا ئۇرۇنغان نەرسىلەرنى بەزىدە بىر شېئىر، بىر ھېكايە ياكى بىر رومان ئەۋلادتىن ئەۋلادقا يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.

ئەدەبىيات تىلنى ساقلايدۇ، تىل پىكىرنى ساقلايدۇ، پىكىر بولسا مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى پىكىر دۇنياسى ئۈچۈنمۇ بۇ مەسىلە ئالاھىدە مۇھىم. ئۆزىنىڭ تارىخىنى، تىلىنى، مەدەنىيىتىنى ۋە روھىي دۇنياسىنى چوڭقۇر چۈشەنمىگەن مىللەت ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ھەققىدە مۇستەھكەم پىكىر قۇرۇشى تەس. ئۆزىنى تونۇش بولمىغان يەردە ئۆزىنى بەلگىلەش قىيىن؛ ئۆزىنى بەلگىلەش بولمىغان يەردە بولسا ئەركىنلىك ھەققىدىكى چۈشەنچەمۇ تولۇق شەكىللەنمەيدۇ.

شۇڭا بىزگە بۈگۈن پەقەت كۆپ سۆزلەيدىغان ئادەملەر ئەمەس، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان ئىنسانلار كېرەك.

پەقەت ھاياجانغا ئەمەس، ئەقىلگە تايىنىدىغان پىكىر كېرەك.

پەقەت ئۆتمۈشنى ئەسلەيدىغان ئەمەس، ئۆتمۈشتىن ساۋاق ئېلىپ كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغان پىكىر كېرەك.

چۈنكى كۈرەشنىڭ كۈچى پەقەت ئۇنىڭ قىزغىنلىقىدا ئەمەس، ئۇنىڭ قانداق پىكىرگە تايانغانلىقىدادۇر.

پىكىر ئېنىق بولمىسا، نىيەت ياخشى بولغان تەقدىردىمۇ يۆنىلىش خاتا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. يۆنىلىش خاتا بولغان يەردە كۈچنىڭ كۆپلۈكىمۇ يېتەرلىك بولمايدۇ. شۇڭا ھەر بىر مىللەتنىڭ ئەركىنلىككە ئېلىپ بارىدىغان يولى ئاۋۋال ئۇنىڭ پىكىر دۇنياسىدا ئېچىلىشى كېرەك.

بىز ئەركىنلىك ھەققىدە سۆزلەشتىن ئىلگىرى ئەركىن ئىنسان ھەققىدە ئويلىشىمىز كېرەك. ئەركىن ئىنسان قانداق بولىدۇ؟ ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتى نېمە؟ ئۇ باشقىلارنىڭ ئەركىنلىكىگە قانداق مۇئامىلە قىلىدۇ؟ ئەركىن جەمئىيەتتە قانۇن، ئادالەت، ئىنسان قەدىرى ۋە پىكىر پەرقى قانداق ئورۇن تۇتىدۇ؟ بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىمەي تۇرۇپ، ئەركىنلىك توغرىسىدىكى ئارزۇيىمىزنى مۇكەممەل بىر ئىجتىمائىي تەسەۋۋۇرغا ئايلاندۇرۇش تەس.

شۇنىڭ ئۈچۈن پەلسەپە بىزگە بىر زىننەت ئەمەس. ئۇ بىزنىڭ پىكىر ھاياتىمىزنىڭ جان سۈيىدۇر، جان ئوزۇقىدۇر. ئەدەبىيات بولسا شۇ پىكىرگە جان بېرىدىغان روھىي نەپەستۇر. بىرى بىزنى ئويلاشقا ئۈندەيدۇ، يەنە بىرى بىزنى ھېس قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بىرى يولنى كۆرسىتىدۇ، يەنە بىرى شۇ يولدا مېڭىۋاتقان ئىنساننىڭ قەلبىنى سۆزلەيدۇ.

ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئۆزىمىز بەلگىلەشنى ئارزۇ قىلساق، ئاۋۋال ئۆزىمىزنىڭ پىكىرىنى ئۆزىمىز بەلگىلەشنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك. چۈنكى بىر مىللەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەركىنلىكى ئۇنىڭ ئۆز پىكىرىگە ئىگە بولۇشىدۇر.

ئەركىنلىك ئاۋۋال قولدا ئەمەس، پىكىردە تۇغۇلىدۇ. پىكىر ئويغانغان يەردە، مىللەتنىڭ روھىمۇ ئويغىنىدۇ.

 

Copyright 2026@ AKADEMIYE.ORG

Scroll to top