You Are Here: Home » ئاكادېمىيە پائالىيەتلىرى » «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارىشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» ھەققىدە

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارىشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» ھەققىدە

مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە مۇراجىئەت

ھەممىمىزگە ئايان بولغىنىدەك، 1933-يىلى 12-نويابىردا قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللىي مارشى»، يېقىنقى زامان ئۇيغۇر مىللىي مائارىپ ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ يولباشچىسى مەرھۇم مىللىي شائىرىمىز مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندى تەرىپىدىن يېزىلغان. نۆۋەتتە مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلاتلىرى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئىستىقلال مارشىنىڭ پەرقلىق نۇسخىلىرى مەۋجۇت بولۇپ، مارش تېكىستىدە بەزى مىسرا ۋە سۆزلەردە روشەن پەرقلەر مەۋجۇت.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر يېقىندىن بۇيان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ خەلقىمىز ئارىسىدا ئومۇملىشىشى ۋە قايتا جاراڭلىشى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان بىر پەيتتە، بىر-بىرىدىن پەرقلىق ئەسلى تېكىستلەرنى سېلىشتۇرۇپ، مىللىي مارشىنىڭ ئەسلىسىگە سادىق بولۇش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا قايتا رەتلەپ چىقىپ، مەزمۇن ۋە قۇرۇلما جەھەتتىن ئەڭ مۇۋاپىق بولغىنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش تولىمۇ زۆرۈر بولماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ «مىللىي مارش مۇكاپاتى» چاقىرىقىدا تەمىنلىگەن «مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» تۆۋەندىكىچە[1]:

ﻗﯘﺭﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ ﺳﯧﻨﻰ،
ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ،
ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﺘﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﺎﺭﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﮪﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻤﯩﺰ.

ﺋﺎﺗﯩﻠﻼ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ،
ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ ﺑﯩﺰ.

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﻼﻧﺪﻯ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﮪﯩﭻ ﺋﯚﻟﻤﯩﺴﯘﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ!

يۇقارىدا تەمىنلەنگەن «مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» دە بولسا:

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ،
ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﻼﻧﺪﻯ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﺘﯘﺭ ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

دەپ ئېلىنغان بولۇپ، بۇ مىسرالار دىققەتسىزلىكتىن باشقا مىسرالار بىلەن ئارلىشىپ كېتىپ، مەزمۇن جەھەتتىن بىر-بىرىگە ماس كەلمىگەن. مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بېقىۋالغان پەرزەنتى ۋە ئىزچىلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەخمەت سېيىت ئەپەندى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى»، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن تارقىتىلغان «يورۇق ساھىللار» سەھىپىسىنىڭ 8-سانىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى»، ھەمدە مۇسا تۈركىستانىنىڭ «ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى» نامىلىق كىتابىنىڭ  58-بېتى، باشقا مەنبەلەردىكى ئەسلى تېكىستلەردە تۆۋەندىكىدەك ئېلىنغان:  

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.

مارشنىڭ 3-كوپىلىتىدىكى «ﺋﺎﺗﯩﻠﻼ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ، ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ، ﺑﯩﺰ ﮪﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ بىز.» دىگەن مىسرالار مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ بېقىۋالغان پەرزەنتى ۋە ئىزچىلىرىدىن بىرى بولغان مىرئەخمەت سېيىت ئەپەندى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» دە ۋە باشقا بىر قانچە مەنبەلەردىمۇ تىلغا ئېلىنمىغان. ھەم مىللىي مارشىمىزدا ئۆزىمىزنى «چىڭگىزنىڭ، يەنى مۇڭغۇلنىڭ ئەۋلادى» دەپ ئاتاشمۇ مۇۋاپىق ئەمەس، بۇ تالاش – تارتىشقا سەۋەب بولماقتا.

مىرئەخمەت سېيىت تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى»[2]:

ﻗﯘﺭﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﭘﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻥ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ ﺳﯧﻨﻰ،
قەلبىمىزدە ﻗﯘرتۇلۇﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯۈﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ،
ﺋﯚﺭﻟﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﻘﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﻼﻧﺪﻯ بەلكى ﻧﺎﻣﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﺎﺭۇ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
شانۇ-شۆھرەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

ﺋﺎﺗﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺪﻯ دۈشمەندىن ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﻣﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ ﭘﺎﺭﻻنسۇن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ!

يۇقارىقى مارشنىڭ 3-كوپىلىتى «قەلبىمىزدە ﻗﯘرتۇلۇﺷﻘﺎ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنغان، ئەمما د ۇ ق تەمىنلىگەن ئەسلى تېكىستتە ئىپادىلەنگىنىدەك «ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنىشى مەنا بىردەكلىكى جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى. يەنە مارشنىڭ 4- ۋە 5- مىسرالىرىدىكى «يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق، ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.» دىگەن مىسرالار، د ۇ ق تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئەسلى تېكىستتە دېيىلگىنىدەك «ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.» دەپ ئېلىنغىنى مەنا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن تارقىتىلغان يورۇق ساھىللارنىڭ 8-سانىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» [3]:

قۇتۇلۇش يولىدا
(شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى)

مەمتىلى توختاجى (تەۋپىق)

قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز پىدا بولسۇن جېنىمىز.
قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئىدى ئىمانىمىز.

يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.
يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شەۋكەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن! مىڭ ياشىسۇن!! گۈزەل ئىستىقبالىمىز.

يۇقارىقى مارشنىڭ 3-كوپىلىتى «ﻗﯘتۇلۇﺷﻘﺎ قەلبىمىزدە ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنغان، بۇ مىسرانىڭ ئوخشاشلا د ۇ ق تەمىنلىگەن ئەسلى تېكىستتە ئىپادىلەنگىنىدەك «ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنىشى مەنا بىردەكلىكى جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى. يەنە مارشنىڭ 4- ۋە 5- مىسرالىرىدىكى «يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق، ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز» دىگەن مىسرالار، د ۇ ق تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن ئەسلى تېكىستتە دېيىلگىنىدەك «ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.» دەپ ئېلىنغىنى مەنا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى.

ۋەتەن ئىچىدە يولغا قويۇلغان «كەڭساي تور مۇنبىرى» دە ئېلان قىلىنغان «مىللىي ئارمىيىنىڭ مارشى» تۆۋەندىكىچە [4]:

قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قېنىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز پىدا بولسۇن جىنىمىز.
قان كېچىپ ھەم جان بېرىپ ئاخىر قۇتۇلدۇردۇق سېنى،
قۇتۇلۇشقا قەلبىمىزدە بار ئەھدى-ئىمانىمىز.

يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق،
ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز.
يارۇ-ھەمدەم بولدى بىزنىڭ ھىممىتىمىز سەن ئۈچۈن،
شانۇ-شەۋكەتلىك ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

ئاتىلارنىڭ جەڭلىرى ئۆچمەيدۇ تارىخ بېتىدىن،
نەسلى قالدى جەڭگىۋار بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.
چىقتى جان ھەم ئاقتى قان، بولدى ياۋدىن ئەل ئامان،
ياشىسۇن! مىڭ ياشىسۇن! گۈزەل ئىستىقبالىمىز…

يەنە يۇقارىقى مارشنىڭ 3-كوپىلىتى «ﻗﯘتۇلۇﺷﻘﺎ قەلبىمىزدە ﺑﺎﺭ ئەھدى – ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنغان، بۇ يەردە باشقا ئەسلى تېكىستلىرىنىڭ ھىچ بىرىدە مەۋجۇت بولمىغان «ئەھدى» سۆزى دىققەت تارتىدۇ. بۇ مىسرامۇ ئوخشاشلا د ۇ ق تەمىنلىگەن ئەسلى تېكىستتە ئىپادىلەنگىنىدەك «ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنىشى مەنا بىردەكلىكى جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى. يەنە مارشنىڭ 4- ۋە 5- مىسرالىرىدىكى «يۇرتىمىز بىز يۈز-كۆزۈڭنى قان بىلەن پاكىزلىدۇق، ئۆرلىگەن يالقۇن بىلەن پاكلاندى بىزنىڭ نامىمىز» دىگەن مىسرالار، د ۇ ق تەمىنلىگەن ئەسلى تېكىستتە دېيىلگىنىدەك «ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯﯗﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.» دەپ ئېلىنغىنى مەنا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى.

شەرقىي تۈركىستانلىق ھايات شاھىتلىرىمىزدىن ئامېرىكىدىكى غولامىدىن پاختا ئەپەندى مارشنىڭ پەقەت بىرلا كۇبلېتىنى خاتىرلىيەلىگەن بولۇپ، ئۇ تەمىنلىگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» تۆۋەندىكىچە:

قۇتۇلۇش يولىدا سۇدەك ئاقتى بىزنىڭ قانىمىز،
سەن ئۈچۈن ئەي يۇرتىمىز بولسۇن پىدا بۇ جانىمىز.
ﺋﺎﺗﯩﻠﻼ، ﭼﯩﯖﮕﯩﺰ، ﺗﯚﻣﯜﺭ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺗﯩﺘﺮﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ،
ﺑﯩﺰ ﺋﯘنىڭ ﺋﻪﯞﻻﺩﻯ بىز، بولسۇن پىدا مىڭ جانىمىز.

ئۆمرىنىڭ كۆپ قىسمىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بېغىشلىغان غۇلامىدىن پاختا ئەپەندىمۇ مىللىي مارشىمىزنى تولۇق ئېسىگە ئالالمىغان ۋە مىسرالارنى بىر-بىرىگە ئالماشتۇرۇپ ئېسىدە تۇتىۋالغان. دىمەك بۇنىڭدىن مويىسپىت ئىزچىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تەمىنلىگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئەسلى تېكىستى» لىرىنى تولۇق ۋە توغرا ئىسىدە تۇتتى دەپ كېسىپ ئېيىتىشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز.

مۇسا تۈركىستانىنىڭ «ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى» نامىلىق كىتابىنىڭ  58-بېتىدە مەرغىلانلىق تۇرغۇنجان ئابدۇرېھىم ئوغلى تولۇئىي تەمىنلىگەن «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى»  تۆۋەندىكىچە [5]:

ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،
ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ پىدﺍ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻳﯘﺭﺗﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯۈﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰﻟﯩﺪﯗﻕ،
ئەمدى بىز كىرلەتمىگەيمىز، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.

ﻳﺎﺭ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھىممەتىمىز ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،
قولىمىزدا قۇتۇلۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.

ئاتىللا، چىڭگىز، تېمۇر دۇنيانى تىتىرەتكەن ئىدى،
جان بېرىپ نام ئالارمىز، بىز ھەم ئۇلار ئەۋلادىمىز.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، دۈشمەندىن بولدى ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،
ﻳﺎشاسۇن، ھىچ ئۆچمەسۇن، ﭘﺎﺭﻻنسۇن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ!

يۇقارىقى مارشنىڭ 4-مىسراسىدا «ئەمدى بىز كىرلەتمىگەيمىز، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.» دەپ ئېلىنغان بولۇپ، باشقا مەنبەلەردە «ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻳﻤﯩﺰ، چۈنكى تۈرك ئەۋلادى بىز.» دېيىلگەن. بۇ مارشنىڭ 5- ۋە 6-مىسرالىرىدا، «ﻳﺎﺭ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھىممەتىمىز ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ، قولىمىزدا قۇتۇلۇشقا بار ئىدى ئىمانىمىز.» ئېلىنغان بولۇپ، د ۇ ق تەمىنلىگەن ئەسلى تېكىستتە دېيىلگىنىدەك «ﻳﺎﺭﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮪﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ، ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ﮪﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻤﯩﺰ.» دەپ ئېلىنغىنى مەنا جەھەتتىن تېخىمۇ مۇۋاپىق دەپ قارالدى.

خۇلاسە قىلىپ ئېيىتقاندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» نىڭ يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن ئوخشىمىغان نۇسخىلىرىدىكى ئەسلى تېكىستلىرىنىڭ تىل ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن قۇرۇلمىلىرىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرۇپ بىرلىكتە مۇھاكىمە يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» نىڭ ئەسلى تېكىستلىرىنى تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ مارشنى چالا ياكى خاتا ئېسىدە تۇتۇۋېلىش ئېھتىماللىقى سەۋەبىدىن، بىر–بىرىدىن پەرقلىق بولغان «مىللىي مارش» نۇسخىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىپ چىققانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.

ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار، «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى» دىكى مەمتىلى تەۋپىق ئەپەندىنىڭ تىل ئىشلىتىش ئالاھىدىلىكى، مارشنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئۇ دەۋرلەردىكى ئۇيغۇر يېزىق تىلىدا سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاجىزلاشمايدىغانلىقىدەك يېزىق ئالاھىدىلىكلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاخىرىدا مىللىي مارشىنىڭ تۆۋەندىكى 3 كوپىلىت تېكستىنى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئەسلى تېكىستلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەن نۇسخىسى» سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ھەم پىكىرگە كەلدى ۋە بۇ خىل نۇسخىسىنى قوللىنىش ھەققىدە قارار ئالدى.

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئەسلى تېكىستلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەن نۇسخىسى»

ﻗﯘﺭﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،

ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭتىمىز، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ فىدا ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻥ كېچىپ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥ بېرﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ سېنى،

ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

* * *

ﻳﯘﺭتىمىز ﺑﯩﺰ ﻳﯜﺯ-ﻛﯚﺯۈﯕﻨﻰ ﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺰلىدﯗﻕ،

ﺋﻪﻣﺪﻯ ﮪﯩﭻ ﻛﯩﺮﻟﻪتمىگەﻳﻤﯩﺰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﯜﺭك ئەۋلادى بىز.

ﻳﺎﺭﯗ ﮪﻪﻣﺪﻩﻡ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھىممەتىمىز ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ،

دۇنيانى سورىغان ئىدى ھىممەت بىلەن ئەجدادىمىز.

* * *

ئاتىلارنىڭ ﺟﻪڭلىرى ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ بېتىدىن،

نەسلى قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،

ﻳﺎشىسۇﻥ ﮪﯩﭻ ﺋﯚلمىسۇﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

* * *

ﻳﺎشىسۇن، ﻣﯩﯔ ياشىسۇن، ﭘﺎﺭﻻنسۇن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ!

* * *

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ تولۇق شەكلى تۆۋەندىكىدەك:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ مۇراسىملاردا ئىشلىتىش ئۈچۈن تەييارلانغان قىسقا شەكلى تۆۋەندىكىدەك:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى – قىسقا (ھازىرقى زامان ئىملا نۇسخىسى)

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى
(مۇراسىملار ئۈچۈن قىسقا نۇسخىسى، 1-ۋە 3-كوپلىتلىرى)
* * *

ﻗﯘﺭﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺳﯘﺩﻩﻙ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﻤﯩﺰ،

ﺳﻪﻥ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻱ ﻳﯘﺭتىمىز، ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ فىدا ﺑﯘ ﺟﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

ﻗﺎﻥ كېچىپ ﮪﻪﻡ ﺟﺎﻥ بېرﯨﭗ، ﺋﺎﺧﯩﺮ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯗﺭﺩﯗﻕ سېنى،

ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﻗﻪﻟﺒﯩﻤﯩﺰﺩﻩ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ﺋﯩﻤﺎﻧﯩﻤﯩﺰ.

* * *

ئاتىلارنىڭ ﺟﻪڭلىرى ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ ﺗﺎﺭﯨﺦ بېتىدىن،

نەسلى قالدى جەڭگىۋار، بىز ئۇنىڭ ئەۋلادى بىز.

ﭼﯩﻘﺘﻰ ﺟﺎﻥ ﮪﻪﻡ ﺋﺎﻗﺘﻰ ﻗﺎﻥ، ﺑﻮﻟﺪﻯ ﻳﺎﯞﺩﯨﻦ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻣﺎﻥ،

ﻳﺎشىسۇﻥ ﮪﯩﭻ ﺋﯚلمىسۇﻥ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ.

* * *

ﻳﺎشىسۇن، ﻣﯩﯔ ياشىسۇن، ﭘﺎﺭﻻنسۇن ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻤﯩﺰ!

* * *

«شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئەسلى تېكىستلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەن نۇسخىسى» يۈزدە يۈز توغرا بولۇشى ناتايىن، ئەمما ھېچ بولمىغاندا ئوخشىمىغان مەنبەلەردىكى ئەسلى تېكىستلەرنى بىر-بىرى بىلەن سېلىشتۇرۇش ۋە مەنا جەھەتتىن ماس كەلمىگەن مىسلارنى تېپىپ چىقىش ئارقىلىق ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارالغىنى رۇياپقا چىقتى. مەسىلىنى بۇ شەكىلدە ھەل قىلىش مىللىتىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ۋە كۈچ چىقىرىۋاتقان نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۈمىدىدۇر.

ئاخىرىدا، مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە ئاكتىپ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تاراتقۇ ۋە مەتبۇئاتلاردا «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» نى قوللانغاندا، ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىكى تەتقىقاتچىلار تەرىپىدىن تەييارلانغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى ئەسلى تېكىستلىرىنىڭ سېلىشتۇرۇلۇپ رەتلەنگەن نۇسخىسى» نى قوللىنىشقا ۋە پائال ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئىشلەش ۋە كەڭ تەشۋىق قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز.

ھۆرمەت بىلەن: – ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ئاكادېمىكلار كېڭىشى

2018-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، ئىستانبۇل

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ﻣﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ» ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ، «د ۇ ق ئورگان تورى»  http://www.uyghurcongress.org/uy/?p=35434 (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 04-ئىيۇل)

[2] شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمى دۆۋلەت مىللىي مارىشى «ش ت ج سۈرگۈن ھۆكۈمىتى يوتىيۇب قانىلى»  https://www.youtube.com/watch?v=0MMIT7XWcfQ&t=81s (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 04-ئىيۇل)

[3] يورۇق ساھىللار 8-سان «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى»  https://www.rfa.org/uyghur/yoruq-sahillar/yoruq-sahillar-10032011115409.html (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 04-ئىيۇل)

[4] مىللىي ئارمىيىنىڭ مارشى «ۋىسال سىتودىيىسى تورى»  http://www.wisalstudio.com/uy/readpost.php?id=790 (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 04-ئىيۇل)

[5] مۇسا تۈركىستانى، «ئۇلۇغ تۈركىستان پاجىئەسى» نامىلىق كىتابىنىڭ 58-بېتىدە مەرغىلانلىق تۇرغۇنجان ئابدۇرېھىم ئوغلى تولۇئىي تەمىنلىگەن قۇتۇلۇش شېئىرى https://www.elkitab.org/wp-content/uploads/2017/06/FAJIE.pdf (ئېرىشىلگەن ۋاقتى 2018-يىلى 04-ئىيۇل)

***

ھۆججەتنىڭ PDF شەكلى: «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارىشىنىڭ ئەسلى تېكىستى» ھەققىدە

***

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top