You Are Here: Home » پەن - مائارىپ » كۆزگە چېلىقمايدىغان ئەمما رولى زور كىچىك كەشپىياتلار

كۆزگە چېلىقمايدىغان ئەمما رولى زور كىچىك كەشپىياتلار

تۇرمۇشىمىزدا كۆپ ئۇچرايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنىڭ لايىھەلىنىشىدىكى ئىنچىكە نۇقتىلارغا بىز ئادەتتە ناھايىتى ئاز دىققەت قىلىمىز، ئەمما بۇ نۇقتىلارغا لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ بىر مۇنچە ئەجرى ۋە ياخشى كۆڭلى يوشۇرۇنغان بولىدۇ. ئۇنداقتا بىز بىرلىكتە تۇرمۇشىمىزدىكى ئارقىسىغا لايىھەلىگۈچىنىڭ ياخشى كۆڭلى يوشۇرۇنغان بىر قىسىم كىچىك لايىھەلەرنى كۆرۈپ باقايلى.

1. كومپىيۇتېر كونۇپكا تاختىسىدىكى F ۋە J كونۇپكىلىرىنىڭ ئۈستىگە چىقىرىپ قويۇلغان كىچىككىنە قاپارتمىلار
ناھايىتى ئاز ساندىكى ھەقىقىي ئەستايىدىل كىشىلەرلا كومپىيۇتېرنىڭ كونۇپكا تاختىسىدىكى F ۋە J كونۇپكىلىرىنىڭ ئۈستىدە ئادەمنىڭ قولىغا ئۇرۇنۇپ تۇرىدىغان كىچىككىنە قاپارتمىلارنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. سىز بۇ كىچىككىنە قاپارتمىلارنىڭ رولىغا سەل قارىماڭ، بۇ قاپارتمىلارنى كونۇپكا تاختىسىنى لايىھەلىگەن كىشىلەر مەخسۇس ئەما كىشىلەرنىڭ خەت بېسىشىغا قولايلىق يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ ئويلاپ چىققان.

 

2. قېتىق سۈمۈرگۈچ نەيچىسىنىڭ ئۈستىدىكى كىچىك ئېرىقچە
ھازىر بازاردا ھەر خىل ماركىلاردىكى قاچىلىق قېتىقلارنى تاپقىلى بولىدۇ، بەزى قېتىقلارنىڭ سۈمۈرگۈچ نەيچىسىنىڭ ئۈستىدە بىر دانە ئېرىقچە بار، ئەمما سىز بۇ كىچىككىنە ئېرىقچىنىڭ رولىنىڭ تولىمۇ چوڭلۇقىنى ئويلاپ باقمىغان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بەزى قېتىقلار تولىمۇ قويۇق بولىدۇ، سۈمۈرگۈچ نەيچە ئارقىلىق بۇنداق قويۇق قېتىقلارنى ئىچكەندە، نەيچىنىڭ ئۈستىدىكى بۇ كىچىك ئېرىقچە ھاۋانىڭ ئالمىشىشىنى ئاسانلاشتۇرىدۇ-دە، سۈمۈرۈشكە كېتىدىغان كۈچنى تېجەپ قالىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا بۇ كىچىك ئېرىقچە بولغاچقىلا سىز قېتىقنى ئىچىپ بولاي دېگەندە ئادەمنى ئوڭايسىزلاندۇرىدىغان «خورت خورت» ئاۋازنى ئاڭلىمايسىز.

3. پويىز بېلىتى چىقىرىش ماشىنىسىدىكى كىملىك سۈركەش كۆزنىكى
ۋوگزال قاتارلىق كىملىك سۈركەش لازىم بولىدىغان جايلاردا مۇنداق بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىپ باققانمىدىڭىز؟ كىملىك سۈركەيدىغان كۆزنەكلەرنىڭ ھېچقايسىسى تەكشى بولماستىن يانتۇ بولىدۇ، بۇلارنى ئىشلەتكەن ۋاقىتتا سىز كىملىكىڭىزنى كىملىك تونۇش كۆزنىكىگە تەگكۈزۈپ تۇتۇپ تۇرمىسىڭىز قولىڭىزدىن چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ بەزى كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدەك يولۇچىلارغا قەستەن ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇش ئۈچۈن شۇنداق لايىھەلەنگەن بولماستىن، دەل ئەكسىچە يولۇچىلارنىڭ كىملىكىنى بېلەت چىقىرىش ماشىنىسىنىڭ ئۈستىدە ئۇنتۇپ قېلىپ تېخىمۇ چوڭ ئاۋارىچىلىقلارغا ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن ئاتايىتەن شۇنداق لايىھەلەنگەن.

4. قىشلىق پوسمىلارنىڭ چوققىسىدا نېمە ئۈچۈن كىچىك پاختا شارچە بولىدۇ؟
بۇنداق پاختىلىق پوسمىلار ئەڭ دەسلەپتە ماتروسلارنىڭ كىيىشى ئۈچۈن لايىھەلەنگەن، چۈنكى بۇرۇنقى چاغلاردا بەزى كېمىلەرنىڭ ئىچى نىسبەتەن پاكار ئىدى، شۇڭلاشقا ماتروسلارنىڭ كېمىنىڭ تورۇسىغا ئۈسۈۋالماسلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ پوسمىسىنىڭ چوققىسىغا بۇ پاختا شارچە تىكىپ قويۇلغان.

5. يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار نېمە ئۈچۈن تۈپتۈز بولماستىن ئەگرى-بۈگرى بولىدۇ؟
ئەمەلىيەتتە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللار قەستەن مۇشۇنداق ئەگرى-بۈگرى قىلىپ لايىھەلەنگەن، بۇنىڭمۇ سەۋەبى بار ئەلۋەتتە. ئەگەر يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول تۈپتۈز بولغان بولسا بىز تېز سۈرئەتتە ماشىنا ھەيدەپ كېتىۋېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا زېرىكىپ قېلىشىمىز، ھەتتا ئۇيقۇغا كېتىپ قېلىشىمىز مۇمكىن، چۈنكى تۈپتۈز يولدا سىز ماشىنىنىڭ رولىنى تۇتۇپ تۇرسىڭىزلا بولىدۇ، ماتورنىڭ ئاۋازىمۇ ئ‍ۆزگەرمەي بىر خىل چىقىرىۋېرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن ئۆتمەيلا «خىيالىي يىراقنى كۆرەلمەسلىك» دېيىلىدىغان بىر ھادىسە كېلىپ چىقىدۇ، يەنى كۆزىمىز بىر نۇقتىغا قاراۋەرگەندە يېقىندىكى نەرسىمۇ بىزگە ناھايىتى يىراقتا تۇرغاندەك كۆرۈنۈپ كېتىدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا شوپۇرنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىنكاس سۈرئىتى ناچارلاپ كېتىدۇ-دە، ئاسانلا قاتناش ۋەقەسى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭلاشقا نۇرغۇن دۆلەتلەردە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيولنىڭ تۈپتۈز يول بۆلىكىنىڭ ئۇزۇنلۇقىغا چەك قويۇلغان بولىدۇ، تاشيول لايىھەلىگۈچىلەر چوقۇم بۇ چەكنى نەزەرگە ئېلىپ تۇرۇپ، يولنى قەستەن مۇشۇنداق ئەگرى-بۈگرى قىلىپ لايىھەلەيدۇ، بۇنداق ئەگرى-بۈگرى يوللار شوپۇرلارنىڭ يول يۈرۈش جەريانىدىكى كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ياخشىلاپ، كەيپىياتىنى تەڭشەپ، كاللىسىنى سەگەك تۇتۇشىغا ۋە ئاخىرىدا قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنىڭ ئازىيىشىغا پايدىلىق.

6. نېمىشقا نۇرغۇنلىغان يۈدۈمە سومكىلارنىڭ ئارقىسىدا «مايمۇن بۇرنى» شەكىللىك تۆشۈكلەر بولىدۇ؟
بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى شۇكى، بۇنداق يۈدۈمە سومكىلار كۆپىنچە ساياھەتخۇمار دوستلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، بۇ تۆشۈكلەر ئارغامچا ئ‍ۆتكۈزۈشكە لازىم بولىدۇ. ئەگەر سىز تاغقا چىقىش ھەۋەسكارى بولسىڭىز بۇ نۇقتىنى چوقۇم ياخشى چۈشىنىسىز: سىرتتا دالا ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللانغاندا ئارغامچا ئېلىۋالمىسىڭىز ھەرگىز بولمايدۇ.

7. نېمە ئۈچۈن لىفىتنىڭ تۇتقۇچى لىفىتتىن تېزەك ماڭىدۇ؟
بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، لىفىتقا چىققان كىشى لىفىت تۇتقۇچىنى چىڭ تۇتۇۋالغان چاغدا ئەگەر لىفىت بىلەن لىفىت تۇتقۇچىنىڭ سۈرئىتى تەڭ بولۇپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ كىشىنىڭ بەدىنى ئالدىغا كېتىپ، قولى كەينىدە قېلىشى، شۇنىڭ بىلەن ئارقىسىغا ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ ۋەقە كېلىپ چىقىشى مۇمكىن. شۇڭلاشقا دۆلىتىمىزدە لىفىتنىڭ تۇتقۇچىنىڭ سۈرئىتى لىفىتنىڭ سۈرئىتىدىن 0~2 پىرسەنتكىچە تېز بولۇشى كېرەك دەپ ئېنىق بەلگىلەنگەن.
تۇرمۇشىمىزدا بۇنداق كۆڭۈل قويۇپ لايىھەلەنگەن ئىنچىكە نۇقتىلار تولىمۇ كۆپ، كۆپچىلىك يەنە قايسىلىرىنى بىلىدىكىن؟

مەنبە: نۇر تورى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top