You Are Here: Home » ئەدەبىيات گۈلزارى » «تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى شېئىرىي پارچىلار ۋە 11 – ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

«تۈركىي تىللار دىۋانى» دىكى شېئىرىي پارچىلار ۋە 11 – ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى

يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق

ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدا 11-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى ھەققىدە بىزگە ئاساسەن نەمۇنە قالمىغان. شۇ سەۋەبلىك 11-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ھەققىدە پىكىر قىلىشىمىز ناھايىتى كۆپ چەكلىمىلەرگە ئۇچراپ كەلدى.

تەلىيىمىزگە يارىشا <دىۋان>دا ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ۋە كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىيىۋى ھېسسىياتىنى، ھاياتىنى، ئىشلەپچىقىرىش كۈرىشىنى ،قەھرىمانلىق، باتۇرلۇق پائالىيەتلىرى، مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرى ۋە قەھرىمانلىققابولغان سېغىنىشىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان شېئىرىي پارچىلار بىزنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر شېئىرىيەت باغچىسىدا ئېچىلغان ھەرخىل گۈللەردىن زوقلىنىشىنىمىزنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

1. «دىۋان»دىكى شېئىرلارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى

<دىۋان> دىكى شېئىرىي پارچىلار ئومۇمىي گەۋدىسى بويىچە ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ: بىرى، خەلق قوشاقلىرى؛ يەنە بىرى يازما ئەدەبىيات نەمۇنىلىرى.

ھازىرغىچە <دىۋان> دىكى شېئىرىي پارچىلارنىڭ قايسىلىرى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەئەللۇق، قايسىلىرى يازما ئەدەبىياتقا تەئەللۇق دېگەن نۇقتىدا چېگرا ئېنىق ئايرىلمىدى. يازما ئەدەبىياتقا دائىر خېلى كۆپ شېئىرلار خەلق قوشاقلىرى دەپ تەھلىل قىلىندى. بۇ ئەلۋەتتە چوڭقۇر ئويلاشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىلمىي مەسىلە.

<دىۋان>غا جەمئىي 242پارچە شېئىرىي ئەدەبىي پارچە كىرگۈزۈلگەن (<دىۋان>نىڭ ئۇيغۇرچە نەشىرىگە كىرىش سۆزىدىكى مەلۇمات ئاساس قىلىندى) بولۇپ، بۇ ئەدەبىي پارچىلار مەزمۇن جەھەتتىن مۇنداق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ:

1) داستانلاردىن پارچىلار

بىز <دىۋان>دىكى بەزى شېئىرىي پارچىلارغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ خەلق قوشاقلىرىدەك مۇستەقىل مەنە ۋە مەزمۇن ئاڭلىتىدىغان پارچىلار بولماستىن، مەلۇم داستانلاردىن ئۈزۈۋېلىنغان شېئىرىي پارچىلار ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.

مەسىلەن:

تاڭ ئاتقاندا ماڭايلى،
باسمىل بېگىنى ئۆرتەيلى،
بۇدراچ قېنىنى ئىستەيلى،
ھەممە يىگىت (لەر)توپلانسۇن.
(<دىۋان> 3-توم، 486-بەت)

ناھايىتى روشەنكى، بۇ پارچە قەبىلىلەر ئارا، يەنى مۇسۇلمان بولغان قاراخانىيلار ھۆكۈمرانلىرى بىلەن باسمىللاردىن بولغان بۆكە بۇدراچ بىلەن بولغان ئۇرۇش تەسۋىرلەنگەن بىر داستاندىن ئۈزۈۋېلىنغان. ئۇنىڭدىن باشقا، <دىۋان>غا يەنە تاڭغۇتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار، تۈركەشلەر ۋە ياباقۇلاربىلەن بولغان ئۇرۇشلار، دىنىي ئۇرۇشلار تەسۋىرلەنگەن داستانلاردىن ئېلىنغان پارچىلارمۇ كىرگۈزۈلگەن. بىز بۇ پارچىلارنىڭ مەزمۇنى ۋە بەدىئىي ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، ئىسلامىيەت دەۋرى ۋە ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئاجايىپ رەڭگا-رەڭ ۋە چوڭ ھەجىملىك داستانلارنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئەينى دەۋردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇش ۋە ئۇنى مۇستەھكەملەش، ھەرخىل بۆلۈنمە ھاكىمىيەتلەرگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش يولىدا ئېلىپ بارغان قانلىق ئۇرۇشلارنىڭ بەدىئىي كارتىنىسى ئىكەنلىگىنى كۆرۈۋالالايمىز.

تۆۋەندىكى شېئىرىي پارچىدىن مۇسۇلمان بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇسۇلمان بولمىغان ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بارغان قانلىق ئۇرۇشلىرىنىڭ مەنزىرىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ:

كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
كەنتلەرنىڭ ئۈستىگە چىقتۇق.
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.
(<دىۋان>1-توم، 448-بەت)

يۇقىرىقى پارچىدىكى <كەلكۈندەك ئاقتۇق> دېگەن مىسرادىنلا بۇددىست ئۇيغۇرلارنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان ئەسكەر سانىنىڭ ناھايىتى كۆپ ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. گەرچە <دىۋان> غا دىنىي ئۇرۇشلارغا مۇناسىۋەتلىك شېئىرلاردىن ئانچە كۆپ كىرگۈزۈلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدىكى بىرقانچە كۇبلىت شېئىرنىڭ ئۆزىدىنلا ئەينى چاغدا دەھشەتلىك دىنىي ئۇرۇشنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان كۆپلىگەن شېئىرلار، داستانلار بارلىققا كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلغىلى بولىدۇ. بۇ شېئىرلار تەلىيىمىزگە يارىشا مەھمۇد كاشىغەرىي ۋاستىسى بىلەن دەۋرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.

<دىۋان>دىكى پارچىلار ئىچىدە بىزنىڭ دىققىتىمىزنى بەكرەك تارتىدىغىنى ياز بىلەن قىشنىڭ مۇنازىرىسى ئارقىلىق پەسىللەرنىڭ ھايات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن لىرىك داستان پارچىسىدۇر. بۇنىڭغا ئاساسەن <دىۋان>دىكى داستان پارچىلىرىنى ئېپىك داستانلاردىن پارچە ۋە لىرىك داستانلاردىن پارچە دەپ ئىككى تۈرگە ئايرىشقا بولىدۇ.

2) تارىخىي قەھرىمانلىق ئېپوسلىرىدىن پارچىلار

بۇلار شەكىل ۋە مەزمۇن جەھەتتە تارىخىي ئېپىك داستانلاربىلەن يېقىن تۇرىدۇ، بىراق ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇننىڭ كەڭلىكى، دەۋرنىڭ ئۇزۇنلۇقى، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى ۋە ھايات-ماماتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇلار ئېپوسلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۆزىدە گەۋدىلەندۈرگەنلىكى بىلەن داستانلاردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا <دىۋان> دىكى ئافراسىياپ-ئالىپ ئەرتۇڭاھەققىدىكى پارچىلارنى مىسال كەلتۈرىمىز. بىراق، بۇ ئېپوس مەلۇم ئاپتور تەرىپىدىن ئىجادىي يوسۇندا ئۆزلەشتۈرۈپ يېزىلغانمۇ ياكى ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ 11-ئەسىرگىچە كەلگەنمۇ، دېگەن مەسىلىگە كېسىپ بىرنەرسە دېگىلى بولمايدۇ. ھازىرغىچە تەتقىقاتچىلار ئافراسىياپ ئېپوسىدىن ئېلىنغان پارچىلارنى مۇستەقىل مەرسىيەنامە دەپ چۈشەنچە بېرىپ كەلدى. مېنىڭچە، بۇ مەرسىيە مەزمۇنىدىكى پارچىلار مۇستەقىل شېئىرىي پارچە ياكى مەرسىيەنامىلەردىن ئۈزۈۋېلىنغان پارچە بولماستىن، بەلكى بىر پۈتۈن داستاننىڭ بىرتەركىبى قىسمى بولۇشى مۇمكىن.

3) لىرىك شېئىر، قوشاقلار

<دىۋان> غا كىرگۈزۈلگەن شېئىرىي پارچىلار ئىچىدە يەنە قەدىمكى ئەجداتلىرىمىزنىڭ ئەمگەك -ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار، باھار پەسلىگە بېغىشلانغان شېئىرلار، مۇھەببەت ھېسسياتى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلار، ئىپتىدائىي ئەخلاق، ئۆرپ -ئادەت، قائىدە -يوسۇنغا بېغىشلانغان شېئىرلار بار بولۇپ، ئىپادىلەش ئالاھىدىلىكى ۋە مەزمۇنىغا ئاساسەن ئۇلارنى لىرىك شېئىرلار ۋە قوشاقلار دەپ قارايمىز.

4) بايرام – مۇراسىم شېئىرلىرى

<دىۋان> غا كىرگۈزۈلگەن شېئىرىي پارچىلار ئىچىدە يەنە ھەرخىل بايرام-مۇراسىملار ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان شېئىرلار مەلۇم سالماقنى ئىگەللىگەن بولۇپ، بۇلارنى بايرام-مۇراسىم شېئىرلىرى دەپ قارىدۇق.

قەدىمقى دەۋرلەردە كىشىلەر ھەرخىل ئىپتىدائىي پائالىيەتلىرىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، كۆپ خىل شەكىل ۋە مەزمۇندىكى پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزەتتى، مول -ھوسۇل تەنتەنىسى، قۇرۇلتاي مۇراسىملىرى، نەۋرۇز پائالىيەتلىرى، مەشرەپ پائالىيەتلىرى، بايرام مۇراسىملىرى قاتارلىق پائالىيەتلەربىلەن ئۆز تۇرمۇشىنى بېيىتاتتى. بۇنداق پائالىيەتلەر ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ بۇلىقى بولۇپ، رەڭگا-رەڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشىنى قۇيۇق تۇرمۇش ئاساسى بىلەن تەمىن ئېتەتتى.

5) مۇھەببەت، شېئىرىي قوشاقلار

مۇھەببەت تېما قىلىنغان شېئىر-قوشاقلار <دىۋان>دىكى شېئىرىي پارچىلار ئىچىدە خېلى زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ.
مۇھەببەت ئىنسانلارنىڭ مۇھىم مەنىۋى بايلىقلىرىدىن بىرى. ئۇ ئۆزىنىڭ مۇقەددەسلىكى بىلەن، چىن ساداقەتنى، باتۇرلۇقنى، پاكلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلغان ئىنسانىي تۇيغۇنىڭ جەۋھىرى بولۇپ، ھەم ئىنتايىن قۇدرەتلىك، ھەم ئىنتايىن نازۇك. شۇڭا، ئۇ كىشىلەرنىڭ خاراكتېرىنى سىنايدىغان مۇھىم بىر تارازا سۈپىتىدە رول ئويناپ، نۇرغۇن تىراگېدىيە ۋە كومېدىيىلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولغانىدى. <دىۋان> غا كىرگۈزۈلگەن مۇھەببەت شېئىرلىرىمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇھەببەتكە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان ئەينەكتۇر.

6) دىداكتىك شېئىرىي پارچىلار

<دىۋان>غا تەربىيۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى، مەزمۇنى چوڭقۇر ۋە ئىلغار، شەكلى ئىنتايىن نەپىس بىر بۆلەك پەند-نەسىھەت خاراكتېردىكى شېئىرلارنىڭ پارچىلىرى كىرگۈزۈلگەن. خۇددى باشقا شېئىرىي پارچىلارغا ئوخشاشلا بۇ شېئىرلارنىڭ ئاپتورىمۇ نامەلۇم. بىز ئۇلارنىڭ قىسمىنى مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ شېئىرىمىكىن، دەپ قىياس قىلىمىز.

2. <دىۋان>دىكى شېئىرلارنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈشى

<دىۋان> دىكى ئەدەبىي پارچىلارنى دەۋرلەرگە بۆلۈش مەسىلىسى ئىنتايىن نازۇك مەسىلە. ھازىرغىچە بۇ ساھەگە ئاساسەن كۆڭۈل بۆلۈنمىدى. شۇڭا، بەزى شېئىرلارنى دەۋرلەرگە بۆلۈش ئىشىدا رېلىستىن چىقىپ كېتىش خاھىشىدىن ساقلانغىلى بولمىدى. بولۇپمۇ ئەمگەك ۋە ئوۋ قوشاقلىرىدا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش ۋە ئۇلارنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى ھەققىدە ئەسلىي ئوبىيېكىتقا ئۇيغۇن بولمىغان كۆزقاراشلار ئوتتۇرىغا چىقتى. مەسىلەن:

يىگىتلەرنى ئىشلىتىپ،
مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئىرغاتتۇرۇپ،
قۇلان، كىيىك ئوۋلىتىپ،
بايرام قىلىپ ئاۋۇنايلى.
(1-توم348-بەت)

قارچىغا بېرىپ قۇشلىتىپ،
تايغان سېلىپ چىشلىتىپ،
تۈلكە، توڭغۇزنى تاش بىلەن ئۇرۇپ،
پەزىلەت بىلەن پەخىرلىنەيلى.
(2-توم،503-بەت)

يۇقىرىقى ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن شېئىرىي پارچىلارمۇ مەلۇم داستانلارنىڭ پارچىسى بولۇپ، ھەرگىزمۇ قوشاق ئەمەس. ئۇلاردا ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن تۇرمۇش قەدىمكى زاماندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئوۋچىلىق ھاياتىنىڭ بىر خاتىرىسى بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئىپتىدائىي دەۋردىكى ئوۋچىلىق پائالىيىتىنىڭ ئىپادىسى ئەمەس. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئوۋچىلىق تۇرمۇشى خېلى يۇقىرى سەۋىيىگە يەتكەن تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى. يۇقىرىقى پارچىدىكى <مېۋىلىك دەرەخلەرنى ئېرغىتىش>، <تۈلكە، توڭغۇزلارنى تاش بىلەن ئۇرۇش> دېگەن مىسرالارغا ئاساسەن ئۇلاردا ئىپتىدائىي ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئىپادىلەنگەن دېگەن خۇلاسىنى چىقىرىشقا بولمايدۇ. ھەممىمىزگە مەلۇمكى، تۈركىي تىللىق خەلقلەر تاش قوراللار دەۋرىدىن برونزا دەۋرىگىچە نەچچە مىڭ يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن. بەلكىم تاش قورال دەۋرىدىن مەھمۇد كاشغەرىي دەۋرىگىچە ئون مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر يۇقىرىقى شېئىرىي پارچىنى دەۋرىي جەھەتتىن ئىپتىدائىي تاش قوراللار دەۋرىنىڭ مەسئۇلى دېسەك، بۇ ئەقىلگە سىغمايدۇ، شۇنداقلا ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگىمۇ، خەلق ئېغىز ئەدەبىياتغا ۋارىسلىق قىلىش پىرىنسىپىغىمۇ ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئىپادىلەش ۋە تىل ئالاھىدىلىكى ئۇلارنىڭ ئىپتىدائىي دەۋرگە تەئەللۇق ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا، ئوۋدا قارچىغا، تايغان ئىشلىتىش ئىنسانلار ئوۋچىلىق تۇرمۇشى خېلى تەرەققىي قىلغان تارىخىي دەۋرنىڭ مەھسۇلى. بەزى ئوۋچىلىق تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرلاردا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ ئات بىلەن ئوۋ ئوۋلىغانلىقى ئىپادىلىنىدۇ:

توسۇن مىنىپ سەكرەتسۇن،
ئاساۋلىقنى تىنجىتسۇن.
ئىتقا ئوۋنى قايتارتسۇن،
تۇتۇلدى دەپ ئومۇنايلى
(3-توم،583-بەت)

كەينىدىن بېرىپ كۆپ ئالدىرىدىم،
جىق ئاۋارە بولۇپ، كۈچىنى ئازايتتىم.
ئېتىم بىلەن يېتىشىۋېلىشقا ئازلا قالدىم،
مېنى كۆرۈپ تۈكلىرى ھۈرپەيدى.
(1-توم،266-بەت)

ئىنسانلارنىڭ ئاتنى كۆندۈرۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوۋ قورالىغا ئايلاندۇرغانلىقى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتلىك دەۋرگە قەدەم قويغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، يۇقىرىقى شېئىرلاردا بۆرە ئوۋلىغانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، بۆرە ئوۋلاش ئۇيغۇرلاردا بۆرىنى توتېم قىلغان دەۋردىن تولىمۇ كېيىنكى دەۋرلەرگە خاس ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. بۆرىنى توتېم قىلغان دەۋرلەردە تۈركىي خەلقلەرھەرگىزمۇ بۆرە ئوۋلىمايتتى.

<دىۋان>دىكى بەزى شېئىرلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تىبەتلەربىلەن بولغان ئۇرۇش پائالىيەتلىرىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان:

تاڭغۇت قوشۇنىنى ئۇشتۇمتۇت تۇرغاندا باستى،
ئەرلىرىنى، ئاتلىرىنى غەنىيمەت ئالدى،
ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنى مەسخىرە قىلدى.
(تاڭغۇتلار)ئەسىر بولۇپ بېشىنى ئەگدى.
(1-توم،448-بەت)

مەھمۇد كاشغەرىي بۇ شېئىرنى مۇنداق ئىزاھلايدۇ:<چىنغا يېقىن بولغان تاڭغۇت ئېلىنىڭ قوشۇنىنى غەلىبە قىلالمىسۇن دەپ، قاتتىق سوغۇقتا ئۇلارغا كېچىسى ھۇجۇم قىلدى، ئۇلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرى مەسخىرە قىلىندى، ئۇلار ئات-ئەرلىرىنى بىزگە سوۋغا قىلدى، غەم-قايغۇغا پېتىپ بېشىنى تۆۋەن سالدى.>

تارىخىي پاكىتلارغا نەزەر سالغاندا، بۇ شېئىرمۇ بىر داستان پارچىسى بولۇپ، تەخمىنەن مىلادىيە 765-يىلى ئۇيغۇر خانلىقى بىلەن تىبەتلەر ئارىسىدا بولغان بىر جەڭنى ئەسلىتىدۇ. مىلادىيە 765-يىلى يۈزمىڭ كىشىلىك تىبەت-تاڭغۇت قوشۇنى تاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلغان. شۇ چاغدا ئۇيغۇر خاقانى بۆكەخان قېرىندىشى ئالىپ قۇتلۇق ياغلىقار تېكىن باشچىلىقىدا زور ئاتلىق قوشۇنىنى ئەۋەتىپ، تىبەت قوشۇنلىرىنى ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتقان. خەنزۇ-تىبەت يىلنامىلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغان تىبەتلەر گەنسۇدىكى لىڭئو دېگەن جايغا چېكىنگەن. شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى قاتتىق سوغۇققا قارىماي، لىڭئو دېگەن جايغا يېقىنلاپ كەلگەن. شۇ چاغدا لەپىلدەپ قار يېغىۋاتقان، قاتتىق شىۋرغان چىقىۋاتقان بولۇپ، تىبەت قوشۇنلىرى ئۇخلاۋاتاتتى. ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بۇ پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، تاڭ ئاتقۇچە تىبەت ئەسكەرلىرىدىن ئەللىك مىڭنى يوقىتىپ، ئەللىك مىڭنى ئەسىرگە ئالغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، ئۇيغۇرلاربىر مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا-مالغا ئېرىشكەن ھەم خەلقئارا كارۋان يولىنىڭ راۋانلىقىنى كاپالەتلەندۇرگەن. ئەگەر يۇقىرىقى شېئىر شۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك بولسا ، ئۇنى 8-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن داستاننىڭ پارچىسى دېيىشكە بولىدۇ.

<دىۋان>دىكى دىنىي ئۇرۇشلار ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن شېئىرىي پارچىلارغا كەلسەك، ئۇلارئىسلام دىنى ئۇيغۇرلار ئارىسىغا تارقالغان ۋە دۆلەت دىنى قىلىنىپ، خېلى كۆپ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان تارىخىي دەۋرلەرگەتەئەللۇق بولىدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان (955-يىلى ۋاپات بولغان)قاراخانىيلار ئىچىدە تۈنجى بولۇپ مۇسۇلمان بولغان خاقان. ئۇ قەشقەر ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردا ئولتۇراقلاشقان ئۇيغۇرلارنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئىدىقۇت ۋە خوتەن بۇددىست ئۇيغۇرلىرىنى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان ھەربىي يۈرۈشلىرىدە ئاساسەن مەغلۇب بولغان. بۇ ئىش سۇلايمانخان تەختكە چىققاندىن كېيىن، قىسمەن ئورۇندالغان. بۇنداق دېيىشىمىزدىكى سەۋەب، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئىككى ئوغلى بولغان، ئۇلارنى بىرى مۇسا بۇغراخان، (956-958-يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان)، يەنە بىرى سۇلايمان ئارسلانخان (958-970-يىللىرى تەخىتتە ئولتۇرغان). مۇسا بۇغراخان ئالدى بىلەن شەرق تەرەپكە يۈزلىنىپ، ھىجىرىيە 350(مىلادىيە961)-يىلى ناھايىتى زور قوشۇن بىلەن ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىغا قارشى ئىككى يول بىلەن يۈرۈش قىلغان. جەنۇبىي يولدىكى قوشۇنغا ئۇ ئۆزى بىۋاستە قوماندانلىق قىلىپ، ناھايىتى تېزلىكتە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ مۇھىم شەھەرلىرى بولغان ئاقسۇ، كۇچا، بۈگۈر، كورلا، قارا شەھەرقاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلپ، توقسۇن شەھىرىدىن ئۆتۈپ قارا غوجا شەھرىگە ھۇجۇم قىلغان. يەنە بىر يولدىكى قوشۇنغا ئۇنىڭ ئىنىسى سۇلايمان ئارسلانخان ۋە سامانىيلار شاھزادىسى ئەبۇلفەتتاھ يېتەكچىلىك قىلغان. ئۇلار بالاساغۇن شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، ئىلى دەريا ۋادىسىنىڭ شىمالىدىكى مىڭلاق(ھازىرقى غولجا)قا باستۇرۇپ كىرگەن ۋە ئۇ يەردىكى بۇددىست ئۇيغۇرلارنى مەغلۇب قىلغاندىن كېيىن، بۇددا ئىبادەتخانىلىرىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن. ئۇ يەردىن ئۆتۈپ بەشبالىق شەھىرىنى ئېغىر ۋەيرانچىلىققا ئۇچراتقان، بۇ ئەلنىڭ مىڭ يىللىق بۇددا مەدەنىيىتىنى خاراب قىلىۋەتكەن، بۇتخانىلارنى كۆيدۈرىۋەتكەن، مىڭلىغان بۇددا راھىبى قىرغىن قىلىنغان. گەرچە بۇ ئۇرۇشتا ئىدىقۇت خانى تەسلىم بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇددىست ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ئۆچمەنلىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا بولغان ساداقىتى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئىسلام قوشۇنلىرىغا قارشىلىق كۆرسەتكەن. بۇ ئۇرۇشتا ئەبۇلفەتتاھ شېھىت بولغان. شۇنىڭ بىلەن مۇسا بۇغراخان ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرىنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ، ئىدىقۇت خانلىقى بىلەن سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان. نەتىجىدە ئىدىقۇت خانلىقى قاراخانىيلارغا خىراجەت تۆلەيدىغان بولغان. ئىدىقۇت خانىغا <ئارسلان تۇتۇق >دېگەن نام بېرىلگەن. بۇ ھال 10-ئەسىرنىڭ 40-يىللىرىغىچە داۋاملاشقان. مۇسابۇغراخان دەۋرىدە ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئۆز دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىش ھېسابىغا قاراخانىيلارغا بېقىنغان بولسىمۇ، لېكىن 961-يىلىدىن باشلاپ ئىدىقۇت زېمىنىدىكى ئايرىم ئۇيغۇرلارئىسلام دىنىغا كىرگەن. ئومۇميۈزلۈك ئىسلاملاشتۇرۇش ئىشى پەقەت 14-ئەسىرگە كەلگەندە تۇغلۇق تېمۇرئەۋلادلىرى دەۋرىدە ئەمەلگە ئاشقان.

مىلادىيە961-يىلى مۇسا بۇغراخان ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى بىلەن بولغان ئۇرۇشتىن قايتىپ، يەركەن ۋە خوتەن قاتارلىق جايلارغا كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇم باشلىغان. ئەمما، بىرقانچە قېتىملىق ئۇرۇشتا مۇسابۇغراخان مەغلۇب بولغان. خوتەن بۇددىست ئۇيغۇرلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇش رىۋايەتلەرگە ئاساسلانغاندا ، قىرىق يىل، تارىخىي مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، يىگىرمە بىريىل داۋام قىلغان. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ ئۇرۇشتا نۇرغۇن ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇن مەدەنىيەت ئىزنالىرى ۋەيران بولغان.

دېمەك، ئەينى دەۋردە ئەنە شۇ ئۇرۇشلارغا بېغىشلانغان نۇرغۇن رىۋايەت، داستان ۋە شېئىرلارمەيدانغا كەلگەن. ئەمما، شۇنچە كۆپ ئەسەرنىڭ پەقەت <دىۋان>ۋە بەزى تارىخىي كىتابلارغا كىرگۈزۈلگەن ناھايىتى ئاز بىر قىسىمىدىنلا ۋاقىپ بولالىدۇق.

تۆۋەندىكى شېئىرلارنى ئەنە شۇ دەۋرنىڭ يالدامىسى دېيىشكە بولىدۇ:

بەلگە تاقاپ ئاتلارغا،
ئاتنى دىۋەيتىپ تەگدۇق،
ئۇيغۇردىكى تاتلارغا،
ئالداپ يەنە قاچتۇق.
(1-توم،617-بەت)

ئوغرى ياۋۇز ئىتلارغا،
خۇددى قۇشلاردەك ئۇچتۇق.
(1-توم،630-بەت)

كەلكۈن بولۇپ ئاقتۇق،
كەنتلەر ئۈستىگە چىقتۇق،
ئات قۇيرۇقىنى قاتتىق تۈگدۇق،
بۇتخانىنى يىقىتتۇق،
تەڭرىگە كۆپ ھەمدۇ-سانا ئېيتتۇق،
بۇت ئۈستىگە چىچتۇق.
(1-توم ،448-بەت)

يۇقىرىقى شېئىرلار ئەينى دەۋردىكى قاراخانىيلارنىڭ ئىسلاملاشتۇرۇش ئۇرۇشىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان بولۇپ، شۇ دەۋردىكى جەمىيئەت ئەھۋالىنى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى تەتقىق قىلىشىمىزنى مۇھىم ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەيدۇ.

<دىۋان>دىكى شېئىريى پارچىلارنىڭ يەنە بىر قىسمى ئۇيغۇرلارنىڭ باسمىللار، يەمەكلەربىلەن بولغان ئۇرۇشلىرىغا بېغىشلانغان.

1040-يىلى قاراخانىيلار شەرقىي قاراخانىيلار ۋە غەربىي قاراخانىيلار دەپ ئىككىگە بۆلۈندى. سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ غەربىي ئىلىكخانلىرى مۇھەممەد بىلەن ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى چەكلەشكە قۇربىتى يەتمىدى. مانا مۇشۇنداق پەيتتە قاراخانىيلارنىڭ شەرقىي شىمالىي تېررىتورىيىسىگە تەۋە ئېرىتىش ۋە بالقاش بويلىرىدا ياشايدىغان ياباقۇلار، باسمىللار، چۇمۇللار ۋە يەمەكلەر پۈرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىسيان كۆتۈردى. تارىخىي مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، ياباقۇلارنىڭ ئاقساقىلى بۆكە بۇدراچ نۇرغۇن قوشۇن توپلاپ قاراخانىيلارنىڭ مەركىزى قەشقەرگە بويسۇنۇشتىن باش تارتقان، شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئارسلانخان بىگەچ ئارسلان تېكىن قۇماندانلىقىدىكى قىرىق مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ باسمىللار، ياباقۇلار، چۇمۇللارۋە يەمەكلەردىن تەشكىل تاپقان بۆكە بۇدراچ قوشۇنلىرىنىڭ ئۈستىگە جازا يۈرۈشى قىلغان. ئارسلان تېگىن بۇ قېتىمقى جازا يۈرۈشىدە بۆكە بۇدراچنى مەغلۇب قىلىپ ئۆلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئىسيان باستۇرۇلغان.

مانا شۇ قېتىمقى ۋەقە توغرىسىدا كۆپلىگەن شېئىرلار بارلىققا كەلگەنلىكى مەلۇم. بىز ئۇلاردىن بىر قانچە كۇبلىت شېئىرىي پارچىنى مەھمۇد كاشغەرىي ۋاستىسى بىلەن <دىۋان >دىن كۆرۈش پۈرسىتىگە ئېرىشتۇق.

ئېرتىش بويىدىكى يەمەكلەر،
يۈرەكلىرىنى قىلىشىپ قاپتەك،
بىلەكلىرىنى تۈرمەكتە،
بىزگە قارشى كەلمەكتە.
(1-توم ،426-بەت)

مەھمۇد كاشغەرىي يەمەكلەرنى قىپچاقلارنىڭ بىر ئايمىقى، دەيدۇ. شېئىردا بولسا:
<ئۇلار بىلەكلىرىنى تۈرۈپ، قاتتىق غەزەب بىلەن بىزنىڭ ئۈستىمىزگە بېسىپ كېلىشكە توپلانماقتا> دېيىلىدۇ.

بۇدراچ يەنە قۇترىدى ،
قوشۇنىنى يەنە قايرىدى،
باتۇرلىرىنى تاللىدى.
كەلمەك بولۇ توپلىنىۋاتىدۇ.
(1-توم،196-بەت)

بۇ شېئىردا مەغلۇب بولغان بۆكە بۇدراچنىڭ مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي، يەنە كۈچ توپلاپ ئۇرۇشۇشقا تەييارلىنۋاتقانلىقى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن.

ئەسلىدە ياباقۇلار قاراخانىيلارغا قارشى چىقماسلىق، ئۇلارغا بويسۇنۇش توغرىسىدا قەسەم ئىچىپ، پۈتۈم تۈزۈشكەن بولسىمۇ، ئەمما قەسىمىنى بۇزۇپ، يەنە ئۇرۇشقا ئاتلانغان.

پۈتۈمنامە تۈزۈشىدۇ،
(ئەمدى)باسمىل ،چۇمۇللار،
يەنە قەسەم بېرىشىدۇ،
بىز بىلەن تىركىشمەكتە.
1-توم،599-بەت)
خاندىن ياردەم تىلىشىدۇ،

مەھمۇد كاشغەرىي شۇنداق قەيت قىلىدۇكى، ياباقۇلار جەڭدە قاغانغا قارشى چىقماسلىققا، ئۇنىڭغا بويسۇنۇشقا قەسەم ئىچىپ پۈتۈمنامە تۈزۈلدى. خەلق قاغاندى ياردەم سورىدى. باسمىللاربىلەن چۇمۇللاربىزگە قارشى توپلىنىۋىدى، قاغان قايتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ قېنىنى تۆكۈپ ئۆزلىرىنى ئەسىر ئالدى.

ئۇلاردىن باشقا يەنە بۇقېتىمقى جازا يۈرۈشىنىڭ غەلبىلىك بولغانلىقىمۇ تەسۋىرلەنگەن:

قىزىل بايراق كۆتۈرۈلدى،
ئوغراقلار يېتىشىپ كېلىپ (قوشۇلدى)،
قارا چاڭ-توزان ئۆرلىدى.
ئۇرۇش قىلىپ شۇنىڭ بىلەن كېچىكتۇق.
(3-توم 254-بەت)

بۇ شېئىردا، ياباقۇلارغا قارشى ئۇرۇشتا قاراخانىيلارنىڭ ھال رەڭ (قىزىل)بايرىقى كۆتۈرۈلۈشى بىلەن ئۇرۇشنىڭ ئەۋجىگە چىققانلىقى، ئوغراقلارنىڭ ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئۇرۇشقانلىقى بايان قىلىنغان.

قاراخانىيلارنىڭ بۇ قېتىمقى جازا يۈرۈشىنىڭ مەقسىتى ئەلدە تىنىچلىق تۇرغۇزۇش، ئۇلارنى قوزا بىلەن بۆرە بىر ئېرىقتىن سۇ ئىچىدىغان تىنىچ -خاتىرجەم تۇرمۇشقا ئىگە قىلىش ئىدى. بۇ خىل ئارزۇ مۇنداق ئىپادىلەنگەن:

ئاخماق ھوشىنى تاپسۇن،
توقلا، بۆرە قېتىلسۇن ،
ئەلدە تۈزۈم يېتىلسۇن،
قايغۇ يەنە تۈگىسۇن.
(1-توم، 144-بەت)

يۇقىرىقى داستان پارچىلىرى ئەينى دەۋردىكى ناھايىتى مۇرەككەپ ئىجتىمائى ھاياتنىڭ روشەن بەدىئىي كارتىنىسى بولۇپ، قەبىلىلەر ئارا بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىت داۋاملاشقان دىنىي ئۇرۇشلارنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدىغان بىر بەدىئىي ئەينەك ھېسابلىنىدۇ.

<دىۋان> دا يەنە ئۇزاق قەدىمكى دەۋردىكى قەھرىمانلىق مەدھىيلەنگەن ۋە شۇ دەۋرنىڭ يارقىن كارتىنىسى سىزىپ بېرىلگەن بىر بۆلەك شېئىرىي پارچىلار بار. ئۇ بولسىمۇ تارىخىي شەخىس ئافراسىياپ -ئالىپ ئەرتۇڭا داستانىدىن ئارىيەلەردۇر.

تارىخىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئافراسىياپ ياشىغان دەۋر ئاز دېگەندىمۇ مەھمۇد كاشغەريى دەۋرىدىن 18 ئەسىر بۇرۇنقى ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ، ئۇنىڭ پائالىيەتلىرى ھەم ئىرانلار بىلەن بولغان كۈرەشلىرى ئەپسانىۋى يۈكلىمىلەر بىلەن سىرلىقلاشتۇرىۋېتىلگەن. مەشھۇر ئىران شائىرى ئەبۇلقاسىم فىردەۋسى تۇران شاھى ئافراسىياپ بىلەن ئىران شاھلىرى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن ئاجايىپ ۋەقەلەرنى <شاھنامە> داستانىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى سۈپىتىدە بايان قىلغان.
ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئافراسىياپ ھەققىدە بىر قىسىم رىۋايەتلەردىن باشقا مۇكەممەل مەلۇماتنىڭ يوقلۇقى ھەققىدە يۈسۈپ خاس ھاجىپ:«ئەگەر پارىسلار كىتابقا پۈتۈپ قويمىغان بولسا، ئافراسىياپتەك بۇ ئۇلۇغ شەخىسنىڭ ھاياتىدىن قانداقمۇ خەۋەردار بولالايتتۇق؟ («قۇتاغۇبىلىك» ئۇيغۇرچە نەشىرى، 282 – بېيىتنىڭ مەزمۇنى) دەپ يازغان.
بىراق، <دىۋان> دىكى ئافراسىياپقا بېغىشلانغان شېئىرىي پارچىلارۋە رىۋايەتلەردىن شۇ دەۋردە ئافراسىياپ ھەققىدە فىردەۋسىنىڭ <شاھنامە> دېگەن ئەسىرىدىكى مەلۇماتلاردىن باشقا خەلق ئارىسىدىمۇ خېلى كۆپ قىممەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ساقلانغانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.

<دىۋان>دىكى ئافراسىياپنىڭ ۋاپاتىغا بېغىشلانغان مەرسىيە خاراكتېرلىك شېئىرىي پارچىلارنىڭ قايسى دەۋرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىگە كەلسەك، بۇمۇ بىر چىگىش مەسىلە. ئۇ شېئىرلارنى بۇددا دىنى مەزگىلىدە بارلىققا كەلگەن دەيلى دېسەك، ئۇلاردىن بۇددا دىنىنىڭ ھېچقانداق ئىزناسىنى تاپالمايمىز؛ ئىسلامىيەتتىن كېيىن مەلۇم يازغۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان دەپ قارىساق، ئۇنىڭدا ئىسلام دىنىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوق؛ ئۆز دەۋرىدىن تارتىپ، يەنى مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىردىن تاكى مىلادىيە 11-ئەسىرگىچە خەلق ئاغزىدا ئېقىپ يۈرگەن دەيلى دېسەك، ئۇلاردا شۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى، دىنىي ئېتىقادىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بەلگە يوق، ئۇنىڭدىن باشقا ئۇلارنىڭ ئىپادىلەش شەكلى، تىل ئالاھىدىلىكى ۋە ئىپادىلەش ئۇسۇلى جەھەتتە قوچۇ شېئىرلىرى ۋە <دىۋان> دىكى باشقا شېئىرىي پارچىلاربىلەن خېلى كۆپ ئورتاقلىققا ئىگە. ئافرا سىياپقا بېغىشلانغان شېئىرىي پارچىلارنىڭ قاپىيە شەكلى 10-ئەسىردە بارلىققا كەلگەن شېئىرلانىڭ قاپىيەشەكلى بىلەن ئوخشاش. بىزنىڭ كۆزىتىشىمىزگە قارىغاندا، ئۇ شېئىرلار خەلق ئاغزاكى ئىجادىيىتىنىڭ نەمۇنىلىرىگە ئوخشىمايدۇ. گەرچە قەدىمكى خەلق قوشاقلىرىدىن دەۋرىمىزگە كۆپ ئۆرنەك يېتىپ كەلمىگەن بولسىمۇ، ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئەنئەنە نۇقتىسىدىن خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بىر-بىرىگە ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن پىكىر قىلغاندا قەدىمكى كىشىلەر شېئىرنى <قۇشۇغ> دەپ ئاتىغان.

ئادەتتە ھازىرقى خەلق قوشاقلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن قارىغاندا، 1-، 2-مىسراسى 3-، 4-مىسراسىغا مەزمۇن جەھەتتىن باغلانمايدۇ ھەمدە ئالدىنقى ئىككى مىسرا، كېيىنكى مىسرانىڭ قاپىيە ئىھتىياجى ئۈچۈنلا توقۇلىدۇ. ئاسىي پىكىر بولسا 3-،4-مىسرادا ئىپادىلىنىدۇ. بەزى قوشاقلاردا تۆت مىسرا بىر گەۋدىلىشىدۇ، بىراق ئاساسىي پىكىر يەنىلا كېيىنكى ئىككى مىسراغا مەركەزلىشىدۇ.

<دىۋان> دىكى شېئىرلارنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن قارىغاندا، تۆت مىسرا پىكىر ئىزچىللىقى ۋە مەزمۇنىنىڭ مەنتىقىلىق باغلىنىشى جەھەتتىن ئۇيۇل تاشتەك بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە. <دىۋان> دىكى ئافراسىياپقا بېغىشلانغان شېئىرلارنىلا ئەمەس، بەلكى باشقا شېئىرىي پارچىلاردىن بەزىسىنى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ ئەمەس، بەلكى يازما ئەدەبىياتنىڭ نەمۇنىلىرى دېگەن مۇۋاپىقتەك قىلىدۇ. بەلكى ئۇ نەمۇنىلەر ئىسلامىيەتتىن ئۇيغۇر شېئىرىيىتىگە ئارۇز ۋەزىنىلىك شېئىرلارنىڭ تەسىرى كىرىشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ يارقىن نامايەندىلىرى ھېسابلىنىدۇ.

زامان پۈرسەت كۈتتى،
ئوغرى(يوشۇرۇن)توزىقىنى قۇردى،
بەگلەر بەگىن ئازدۇردى،
قاچسا قانداق قۇتۇلار.
(2-توم ،338-بەت)

زامان كۈنلىرى ئالدىراۋاتىدۇ،
ئىنساننىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ.
ئادەملەردىن دۇنيانى بوشىتىدۇ،
قاچسا يەنە ئارتىلىدۇ.
(2-توم، 490-بەت)

يۇقىرىقى شېئىريى پارچىدا كىشىلىك ھاياتنىڭ مۇھىم قانۇنىيىتى ناھايىتى ئوبرازلىق ئەكىس ئەتتۈرۈلۈپ، ئۆلۈمنىڭ توزىقى خۇددى ئوغرىنىڭ توزىقىدەك تۇيۇقسىز كېلىدۇ، قەرەلى توشقاندا ئۇنىڭغا قانداقمۇ ئارا تۇرغىلى بولسۇن؟ ۋاقىت بارغانچە ئىنساننىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىدۇ، شۇنداق قىلىپ ئادەملەرنى بۇدۇنيادىن بوشىتىپ تۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ، قاچسا يەنە تۇتۇلىدۇ، دېيىلگەن. كۆرۈشكە بولىدۇكى، بۇ شېئىرلار 11-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ يۈكسەك بىر پەللىسىدىن دېرەك بېرىپ تۇرۇپتۇ.

مەنبە: «بۇلاق» ژورنىلىنىڭ 2007-يىللىق 4-سانى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top