ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىقى قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟

شەرقىي تۈركىستان ئازاتلىقى قاچان ئەمەلگە ئاشىدۇ؟

بىلتون

قەدىردانلىرىم، بۇ تىمىنى ئۇقۇپلا چوقۇم مىنى ئەقلىدىن ئېزىپتۇ دەيسىلەر. چۈنكى بۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان، ھازرقى شارائىتتا ھەممە ئۇيغۇر جاۋابىنى بىلىشكە قىزىقىدىغان لېكىن قەلەم تەۋرىتىش ئۈچۈن زور يۈرەك كىتدىغان بىر تىما. چۈنكى بۇنى يېزىشقا زور جۈرئەت كىتىدۇ ھەمدە ئىلمىي چۈشەنچە بېرىش ئېنتايىن مۇھىم ۋە قىيىن. شۇڭا قېرىنداشلاردىن بۇ يازما ئىچىدىكى كەمتۈكلىكلەرنى ئەپۇ قىلىشىنى سورايمەن. شۇنداقتىمۇ كۆز قاراشلىرىمنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالايمەن. شۇنداقلا بۇ يازىمىنى يېزىشتىكى ئىككىنچى مەخسىدىم بولسا قېرىنداشلارنىڭ كەلگۈسىدە بولىدىغان ئىشلارغا قارتا روھىي تەييارلىق بولىشىغا، روھىي تەييارلىقسىز ھالەتتە تۇيۇقسىز زەربىدە ئۈزىنى يۇقۇتۇپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىغا پايدىسى بولۇش ئۈچۈندۈر.
ۋەتەن قاچان ئازات بولىدۇ؟ بۇ سۇئال مېنىڭچە يېرىم يارتا سوئال. تولۇق مەنتىقىلىق سۇئال بولسا، مېنىڭچە ۋەتەن قاچان ئازات بولىدۇ ياكى تولۇق مۇنقەرز بولىدۇ؟ مېنىڭ سىلەرگە ئۈمۈدسىزلىك ئېلىپ كەلگۈم يوق، شۇنداقلا غايىبانە ئۈمۈد بېغىشلاش نىيىتىممۇ يوق. چۈنكى مەن بىر ئاز ئەمەلىيەتچىل.
بۇنىڭغا مېنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم بولسا، ئون يىل ئىچىدە. ئۇنىڭدىن كىيىن بىز بىر ئۆمۈر ئەسلىمە ئىچىدە ۋە تەقدىرگە تەن بەرگەن ئاساستا ياشايمىز، لېكىن مۇشۇ ئون يىلدا قېنىمىز، جېنىمىز بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، ۋاقتى كەلگەندە ئەڭ كامىدا مەن جان -جەھلىم بىلەن كۈرەش قىلغان دىيەلەيدىغان بولىشىمىز كېرەك. چۈنكى ئۇنىڭدىن كىيىنكى ھەرقانداق تىرىشچانلىق پەقەت قىساس ئېلىش ئۈچۈن بولىدۇ، ھەرگىز دۆلەتنى تىرىلدۈرۈش ئۈچۈن بولمايدۇ. چۈنكى خەلىقسىز دۆلەت بولغان ئەمەس.مەن تۈەندە نېمە ئۈچۈن 10 يىل دىگەنلىكىمنىڭ ئاساسنى قۇيۇپ ئۈتىمەن.
بىرىنچى: ۋەتەن ئازاد بولىشىنىڭ خەلىقارالىق شەرتى بولسا دۇنيادا زور كۈلۈملىك ئۇرۇش ياكى ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرىشىنىڭ پارتلىشى. ھازرقى خەلىقارالىق ھەربىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەربىي سۈركىلىش ۋە ھەربىي ئىتتپاقلار، ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇش تەييارلىقلىرى قاتارلىق ئامىللارنى كۆزدە تۇتقاندا بۇ قېتىملىق دۇنياۋى خارەكتىرلىك ئۇرۇش 2025-يىلىدىن بۇرۇن يۈز بەرمەيدۇ.يۈز بەرسىمۇ كىچىك كۈلەمدە يۈز بىرىپ بېسىقىدۇ. نېمە ئۈچۈن 2025-يىلى دەيمەن دىگەندە بۇرۇنقى يازمىللىرىمدا دىگەندەك 2025-يىلى ئامېرىكا ئالەم ئارمىيسى قۇرۇلۇپ ھەر قانداق دۆلەتنىڭ سۈنئىي ھەمرالىرىنى ناھايىتى تىزلىكتە ئېتىپ چۈشۈرۈش ياكى كاردىن چىقىرىش ئىقتىدارىغا ئېگە بولىدۇ. ئۇچاغدا بۇ دۇنياغا يەنى غوجا بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئېنگىلىزلار غوجا بولماقچى بولغان خىتايلار ھاكىمىيىتىنى يۇقۇتۇش ئۈچۈن كەڭ كۈلەملىك ئۇرۇش قىلىدۇ ھەم ئۈزى ئاساسەن تالاپەتكە ئۇچىرىمايدۇ. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بولىدىغان ھەر قانداق ئۇرۇشقا نىسبەتەن ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب ئەللىرى تالاپەتنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەش تەس بولغانلىقى ئۈچۈن يىنىكلىك بىلەن ئۇرۇش ئىلان قىلمايدۇ. ئۇ ۋاقىتقا كەلگەندە ئۇرۇشتا ئېنىىقكى خىتاي مەغلۇب بولىدۇ. لېكىن ئېسىمىزدە بولسۇنكى شۇ شارائىتتىمۇ مۇستەققىلىقنى باشقىلار ئالە دەپ قوشقوللاپ بەرمەيدۇ، بەلكى يەنىلا مۇشۇ ئۇرۇش مالمانچىلىقى ئىچىدە جەڭگە ئاتلىنالايدىغان ۋە ۋەتەن ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلالايدىغان ئەزىمەتلەرگە مۇھتاج بولىمىز. كۆپرەك ئىھتىياجلىق بولىدىغىنىمىز ئارقا سەپتە ئولتۇرۇپ قۇماندانلىق قىلىدىغان، شۇئار توۋلاپ ھەقىقىي كارغا كەلمەيدىغان ياكى ”ئاجايىپ باتۇر “ تور جەڭچىللىرى ئەمەس ھەقىقىي قۇرال بىلەن ۋەتەنگە كىرىپ ئۈلۈم ئالدىدا قورىقماي خىتاي بىلەن جەڭ قىلىدىغان ئەزىمەتلەر. چۈنكى پۈتكۈل قۇشۇنغا گىنىرالدىن نەچچىسى بولسا يىتەرلىك. ھازرقى شارائىتتن قارغاندا خەقنىڭ كەينىگە ئۈتۈۋېلىپ ياكى خۇتۇن -باللىرىنى بانا قىلىپ بۇ جەڭگە چىقىشتىن باش تارتىدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىشى مۈمكىن. چۈنكى ئۈلۈم شۇنچە قورقۇنۇچلۇق نەرسىكى ئالدىغا كەلگەندە ھەر قانداق ئىنسان تىتىرىمەي قالمايدۇ. شۇڭا مۇھاجىرەتتكى قېرىنداشلارنىڭ چوقۇم باللىرى، ماللىرى، ئازادە تۇرمۇشىدىن ۋاز كىچىپ ۋاقتى كەلسە ھەممىدىن كىچىپ ۋەتەنگە قايتىپ قۇربانلىق بېرەلەيدىغان روھىي تەييارلىقىتا تۇرشى ئېنتايىن مۇھىم.
ئىككىنچىدىن: خىتايلارنىڭ بەش مىلىيۇندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگىرلىرىغا قامىشى، كۈندە نەچچە يۈزلەپ ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنىڭ ئۈلۈپ كىتىشى، مەجبۇرى تويلاشتۇرۇش، بۇ سولاقتىكى ۋە سولانمىغان ئۇيغۇرلاردىن دى ئىن ئا ئەۋرىشكىسىنىڭ يىغىلىشى ھەمدە ئاندا ساندا ئاشكارا بوپ قالغان لاگىرلاردىكى بىئولوگىيىلىك تەجىربىلەر بىزگە خىتاينىڭ مىخانىك قىرغىنچىلىق ۋە مەجبۇرى ئاسمىلاتسىيە بىلەنلا قالماي بەلكى ئەڭ ئاخىرىدا بىئولوگىيىلىك قۇرال بىلەن تەلتۈكۈس يۇقۇتۇشقا بەل باغلىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. چۈنكى گىن ئۇچۇرىنى يىغىشنىڭ باشقا ھېچقانداق قايىل قىلارلىق سەۋەبىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي 5-10 يىل ۋاقىتقا مۇھتاج. نېمە ئۈچۈن بۇنچلىك ۋاقىت كىتىپ قالىدىغانلقنىڭ سەۋەبىنى بۇرۇنقى يازمامدا قەيىت قىلىپ ئۆتكەن ئىدىم. دىمەك 10 يىل ئىچىدە ياكى بىز خىتاينى يۇقۇتىمىز ياكى خىتاي بىزنى يۇقۇتىدۇ. بۇ مۇسابىقىدە كىمنىڭ بالدۇر چىقىشى غەلبە ياكى مەغلۇبىيەتنى بەلگىلەيدۇ. خۇددى ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىىدە ئامېرىكىنىڭ ئاتوم بومبىسىنى بالدۇر تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقالىشى پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ ئەڭ ھەل قىلغۇچ ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ قالغانغا ئوخشاش بىر ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلارنىڭ قەدەم ۋە ۋە ئىلگىرلەش سۈرئىتى پۈتكۈل ئۇيغۇر قەۋىمىنىڭ يوقۇلۇشى ياكى مەجۈتلىقىنى بەلگىلەيدۇ. بەلكىم تەڭلا ھالاك بولۇشمۇ مۈمكىن. لېكىن شۇندىمۇ بۇ خورلۇق ئىچىدە ئۈلۈپ كەتكەندىن ياخشىراق. شۇڭا تۇلۇق ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتكەنلەر ئازراق ئۈمۈدۋار بولۇڭلار، بەك ئۈمۈدۋار بولۇپ كەتكەنلەر ئازراق ئەقلىي تەپەككۈر بىلەن بولغۇسى تالاپەت ۋە پاجىئەلەرگە روھىي تەييارلىقىڭلار بولسۇن.
ئۈچىنچىدىن: ئەلۋەتتە بۇ يەردە بىز قىياس قىلالمايدىغان ئەھۋاللار يۈز بىرىشى مۈمكىن. لېكىن بۇ ئەھۋال بىزنىڭ ھالىتىمىزنى ئۆزگەرتىشكە قانچىلىك پايدا ئېلىپ كېلىدۇ بۇنى قىياس قىلالمايمىز. تورلاردىكى كۈدەكلەرچە ئېلىپ بېرىلغان ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا خىتاي دېمۇگىراتتىك تۈزۈمگە ماڭسا ئۇيغۇرلار ئەركىن بولىدۇ دەيدىغان تەپەككۈرلارغا مىنىڭ بېرىدىغان جاۋابىم شۇكى سىز ياكى قەستەن خىتاينىڭ قانداق مىللەتلىكىنى ئويلىماسلىققا تىرىشقان بولىشىڭىز ياكى چەتئەلدە ئۇزۇن ياشاپ خىتاينىڭ قانداق مىللەتلىكىنى بىلمەيدىغان ياكى ئۇلارنى ئىنسانىي ھىسياتى بار دەپ ئويلاپ قالغان بولىشىڭىز مۈمكىن. چۈنكى ئالدى بىلەن دېمۇگىراتتىك تۈزۈمگە مېڭىش ئىھتىمالى يوق دىيەرلىك، چۈنكى خىتاي مۇشۇ تۈزۈم بىلەن شۇنچە ياخشى ياشاۋاتسا، خىتاي كومپارتىيسى ھوقۇقنى بىرلا ئادەمنىڭ قولىغا تۇتقۇزغان تۇرسا، خەلىق شۇنچە قورقۇنچاق ۋە ئىنجىمارۇق، نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى قان قېنىغا سىڭىپ كەتكەن قۇلچىلىق بىلەن ياشاشقا شۇنچە ئادەتلىنىپ كەتكەن تۇرسا نېمە ئۈچۈن ئۇلار دېمۇگىراتتىك تۈزۈمگە ماڭغۇدەك؟ سىز يەر داۋاسى قىلىپ نامايىش قىلغان دىھقانلار ياكى مائاش داۋاسى قىلىپ سەكرەپ چىققان ھەربىيلەرنى كۈرۈپ شۇنداق ئويلىغان بولسىڭىز خىتاي خەلىقىنى بەك چوڭ كۈرۈپ، خىتاي ھۈكۈمىتىنى بەك كىچىك ئويلىۋالغان بولىسىز. شۇڭا بۇ ئىھتىماللىق ئىنتايىن كىچىك. بۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ شارائىتلار ھازرلىشى كېرەك. ئەمدى دېمۇگىراتتىك تۈزۈمگە ماڭدىمۇ دەيلى شۇ ئۆتكۈنچى دەۋىردە خىتايلارنىڭ تىل بىرىكتۈرۈپ گۇناھنى خىتاي كومپارتىيسىگە ئارتىپ ئۇيغۇرلارنى قىرىۋىتىپ كۈزىنى يۇمۇپ تۇرىۋالمايدۇ دەپ ئېيتالامسىز؟ ئۆز ۋاقىتىدا گومىنداڭنىڭ بىر پاي ئوق چىقارماي شەرقىي تۈركىستاننى قوش قوللاپ كومپارتىيەگە بەرگەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالدىڭىزمۇ؟ ئۇلار نېمە دېيىشكەن؟ سەنمۇ خىتاي مەنمۇ خىتاي، قايسىمىز باشقۇرساق يەنىلا خىتاي باشقۇرىدۇ ئەمەسمۇ، دەپلا ئىشنى پۈتتۈرگەن. سىز شۇ خىتايدىن ئۈمۈد كۈتىۋاتىسىز، ئۇ خىتاي ئۆزگىرىپ قالغىنى يوق، بەلكى تېخىمۇ رەزىللەشسە رەزىللەشتىكى ئازراق ئىنسانىي تۇيغۇسى پەيدا بوپ قالمىدى. ئىشەنمىسىڭىز ئەتىراپىڭىزدىكى تونۇيدىغان يۈز خىتايغا ھازرقى ئەھۋالنى دەپ پىكىرىنى ئاڭلاپ بېقىڭ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە بىرسى سەن مۇستەققىل ياشاشقا ھوقۇقلۇق دەپ خىتاينى قوللىمىسا مەن ئاندىن سىزگە ھۆزۈر قۇياي. پەقەت بولمىسا لىيۋشىياۋبونىڭ گىرمانغا قېچىپ چىققان ئايالىدىن سوراپ بېقىڭ ياكى تىۋىتتىرىغا ئەگىشىپ كۈرۈپ بېقىڭ. شۇنچە زۇلۇمنى كۈرۈپ، بىلىپ تۇرۇپ بىر ئېغىز گەپ قىپتىمۇ؟. مۇستەقىللىقنى قوللاش بەك يىراقتىكى گەپ. دىمەك ئون يىلدا يەنە ھەرخىل ئۆزگىرش بولسىمۇ بەلكىم بارلىق ئىسپاتنى يوق قىلىش ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ قىرغىنچلىق بولىدۇ. شۇڭا ۋاقتىمىز بەك كۆپ قالمىدى.

دىمەك سىز ھازىر كۈرەشنى، بۇ كۈرەشتىكى جەڭگىۋارلارنى، بۇ ھايات ماماتلىق تاللاشتىكى ھەقىقىي ئۈنۈملۈك ياكى يۇقۇتۇش خارەكتىرلىك ئىلىم-پەن قۇراللىرىنى ۋە مۇشۇ ساھەدىكى ئاۋانگارىتلارنى، ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى تەرك ئىتىدىكەنسىز ياكى مۇشۇلارغا بولغان قوللاشقا ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنسىز، ئۇنداقتا ئۇن يىلدىن كىيىن كۈرەش قىلاي دېسىڭىزمۇ پۇرسىتىڭىز قالمايدۇ. ئۇ چاغدا ياقىڭىزنى يىرتىپ ئۈزىڭىزنى دەرياغا تاشلىسىڭىزمۇ بىكار. چۈنكى سىز كىم ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىڭىزنى بىلمەيسىز. ھېلىمۇ قېرىنداشلىرىمىز كۈندە ئۈلەۋاتىدۇ. سەۋىرنىڭمۇ، جاھىللىقنىڭمۇ، نادانلىقنىڭمۇ چېكى بار، ھەم بولىشى كېرەك.

ئاخىرىدا ھەممەيلەننىڭ قايتىدىن كاللىسىنى سىلكىۋىتىپ تەپەككۈر قىلىپ بېقىشىنى، بەك ئۈمۈدۋار ياكى بەك ئۈمۈتسىز بولۇپ كەتمەسلىكىنى تىلەيمەن.

ئاللاھ تېنىڭلارنى سالامەت زىھنىڭلارنى تېخىمۇ زىيادە قىلغاي! مۇشۇ يولدىكى ئاۋانگارىتلارغا يار -يۈلەكتە بولغاي!

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش