You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مۇستەملىكىچىلىك ۋە روھنىڭ يارىلىنىشى

مۇستەملىكىچىلىك ۋە روھنىڭ يارىلىنىشى

رۇقىيە تۇردۇش

مۇستەملىكىچىلىك ھازىرغىچە ئىنسانىيەت دۇنياسىدا ئېغىر قىرغىنچىلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەنلا قالماي، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ ئىچكى دۇنياسىدا ئەڭ ئېچىنىشلىق روھىي كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملاشتى. مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئىنسان روھىيىتىگە يەتكۈزگەن بۇزغۇنچىلىقى، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارغىلا ئەمەس، مۇستەملىكە قىلغۇچى مىللەتلەرگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتتى.

مۇستەملىكىچىنىڭ پىسخىك بىنورماللىقى

مۇستەملىكىچى ھاكىمىيەت مەلۇم زېمىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ خەلقلىرى، ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىنغان زېمىن خەلقىدىن ئۈستۈن كۆرۈش، ئۇلارنى يامان كۆرۈش، ئۇلارنى يوقۇلۇپ كېتىشكە تېگىشلىك مەخلۇقلار دەپ قاراشتىن ئىبارەت كەمسىتىش ۋە ئۆچمەنلىك پىسخىكىسىنى تەبىئىيلا يېتىلدۈرىدۇ. چۈنكى مۇستەملىكە ئارقىلىق ئېرىشكەن بارلىق ئۈستۈنلۈك ۋە ھۆكۈمرانلىق ئۇلار بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى خەلق ئوتتۇرىسىدا سىياسىي ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي شۇنداقلا مەدەنىيەت سەۋىيە جەھەتتىن زور دەرىجىدە پەرق پەيدا قىلىدۇ.

بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەر مۇستەملىكىچىنىڭ ياخشى – يامىنى يوق دەپ قارىشى مۇمكىن. ئەمما، تارىختا مۇستەملىكە بولغان ۋە ئېغىر زۇلۇملارنى بېشىدىن كەچۈرگەن مۇستەملىكىچىلەرنىڭ، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تۆۋەن، ئۆزىگە ئىشىنىشى كەمچىل بولغانلىقتىن، ئېغىر دەرىجىدە زۇلۇم ۋە ھەق – ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراش تارىخى يوق مۇستەملىكىچىلەرگە قارىغاندا، تېخىمۇ قەبىھ بولىدىغانلىقىغا ئائىت مىساللار ناھايىتى نۇرغۇن.

بۈگۈنكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەت خەلقىنى ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن باستۇرۇشى، قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان، 2000 يىلدەك سۈرگۈن بولغان يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە پەلەستىندىكى كىچىك بالىلارغىمۇ زوراۋانلىق قىلىشى بۇنىڭ بىر مىسالى.

خىتاي مىللىتى ئۇزۇن مۇددەت مانجۇ ۋە موڭغۇللارنىڭ مۇستەملىكىسىدە ياشىغانلىقتىن ئەسلىدە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان پىسخىكا يېتىلدۈرگەن بولۇپ، گەرچە شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىپ كۆچۈپ كىرگەن خىتايلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىدىن ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە مائارىپ جەھەتتە ئەۋزەل ئورۇنغا ئېرىشىش ئارقىلىق، ئۆزلىرىگە بولغان ئىشەنچىسىنى تۇرغۇزۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغان بولسىمۇ، تاكى خىتاي دۆلىتى كۈچىيىپ دۇنياغا دوئېل ئېلان قىلىشقا يۈز تۇتقان، غەرب دۆلەتلىرى چېكىنىش مۇساپىسىگە قەدەم قويغان يېقىنقى يىللارغا كەلگۈچە روھى جەھەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن رىقابەتلىشەلمەي كەلگەن. ھەممىدىن مۇھىمى، باشقا دىن ۋە ئىدىئولوگىيەلەردىن غايەت زور ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىيەلەيدىغان ئىسلام دىنى ۋە قويۇق سەنئەت پۇرىقىغا ئىگە گۈزەل مەدەنىيەت بىلەن قوراللانغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي مەدەنىيىتى زادىلا جەلپ قىلالمىغان.

ئەمما، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ئورنىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مەڭگۈ كاپالەتكە ئىگە قىلىش شۇنداقلا، دۇنياغا كېڭىشيىش پىلانىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدىن مەڭگۈ ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى نىشان قىلغان قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەقىقىي خوجايىنلىرى بولغان خەلقلەرنى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ۋە ھەرخىل يوشۇرۇن قىرغىنچىلىقلار ئارقىلىق پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتىش كويىغا چۈشتى. نەتىجىدە، ئىشغالىيەتچى خىتاي مىللىتى بىردىنلا روھىي جەھەتتە جاسارەتلىنىپ، دىكتاتور ھاكىمىيىتى بىلەن بىرلىشىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى مەدەنىيەت جەھەتتىن ۋەيران قىلىشقا ئوتتى.

تۇنىسلىق يازغۇچى ئالبېرت مېممى ئۆزىنىڭ «مۇستەملىكىچى ۋە مۇستەملىكە قىلىنغۇچى» ناملىق ئەسىرىدە: ھەر بىر ئىشغالىيەتچىنىڭ راھەت – پاراغەتتە ياشىشىنىڭ خەقنىڭ بايلىقلىرىنى بۇلاش بەدىلىگە؛ ھوقۇق ۋە كۈچىنىڭ ئۆزلىرى بېسىۋالغان زېمىن خەلقىنىڭ قېنى بەدىلىگە كەلگەنلىگىنى ئويلاپ يىتەلمەيدىغانلىغىنى، شۇڭا تارازىدا داۋاملىق ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى قويغان تەرەپنىڭ بېسىپ كېتىدىغانلىغىنى يازىدۇ[1].

ئۇ يەنە، زۇلۇمنىڭ مۇستەملىكە قىلغۇچى ۋە قىلىنغۇچى ھەر ئىككى تەرەپنىڭ روھىيىتىنى گۇمران قىلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ: «زۇلۇم كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئېسىل ئېنېرگىيەلىرىنى چېچىپ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ. مۇستەملىكىچى مۇستەملىكە قىلىنغۇچىغا زۇلۇم قىلىش جەريانىدا ئۆزىنىمۇ سېسىتىپ ماڭىدۇ»[2] دەپ يازىدۇ.

ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇستەملىكىچى ئېرىشكەن بارلىق ئالىي دەرىجىلىك ئىمكانىيەتلەرنىڭ ناھەقچىلىك بەدىلىگە كەلگەن قانۇنسىزلىق ۋە جىنايەت ئىكەنلىكىنى باشقىلارلا ئەمەس مۇستەملىكىچى ئۆزىمۇ بىلىپ تۇرغانلىقتىن ئۇنىڭ روھىيىتىنىڭ مەڭگۈ خاتىرجەمسىزلىككە پېتىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ[3]. مېممىنىڭ قارىشىچە، مۇستەملكىچىلەردە مەنپەئەت، ئۈستۈنلۈك، كۈچ ۋە بۇلارغا باشقىلارنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئېرىشىش، ھەققانىيەت ئۆلچىمىنىڭ تەرەققىيات ئامىللىرى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولىدۇ ۋە بۇ مەۋجۇتلۇق ئۇلارنىڭ يۈرۈش – تۇرۇشىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ[4]. مېممى بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئەتراپلىق توختىلىپ، مۇستەملىكىچىلەرنى، باشقىلارنى ۋەيران قىلىش ئارقىلىق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشنى ۋىجدانى كۆتۈرگۈچىلەر ۋە كۆتۈرەلمىگۈچىلەر، دەپ ئىككىگە ئايرىيدۇ[5]. بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى ئۆزلىرى مۇستەملىكە قىلغان يەرلىك مىللەتلەردىن ئەپۇ سورىشى ۋە ئۇلارغا تۆلەم تۆلەشنى قارار قىلىشى، ئۇلارنىڭ ھەققانىيەت ئۆلچىمىدە ئاخىرى باشقىلارنىڭ ھەققىگە زورلۇق بىلەن ئىگە بولۇۋېلىشتىن گۇناھكارلىق ھېس قىلىش تۇيغۇسىنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرسەتسە كېرەك. خىتايلارنىڭ ھەققانىيەت ئۆلچىمىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇستەملىكىچىلىكتىن كىرىدىغان قانداق پەرقلىق ئامىللار بولۇشى مۇمكىن؟ خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۆزلىرى ئېرىشكەن بارلىق ئىمكانلار ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن قولغا كەلگەن، دەپ قارىلىدۇ. كۇڭزىچىلىق ئىدىيەسىدىكى ھاكىمىيەتكە سادىقلىق ۋە كوممۇنىست جەمئىيىتىدىكى پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ بوغۇلۇشى، ئۇلاردىكى پىكىر ۋە تەپەككۇر ئەركىلىكىنى بوغۇپ قويغانلىقتىن، ئىشغالىيەتچى خىتايلار نېمىنىڭ باراۋەرلىك، نېمىنىڭ ئادالەت، نېمىنىڭ ئىنساننىڭ قەدىر قىممىتى، نېمىنىڭ نومۇس ۋە جىنايەت ئىكەنلىكىنى مەڭگۈ چۈشەنمەي ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.

بۇ خىل جاھىلىيەت ئاستىدا، خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىدە مەنپەئەت، ئۈستۈنلۈك، كۈچ ۋە بۇلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن قىرغىنچىلىق قىلىشنى، مەنپەئەتتىن ۋاز كېچەلمەسلىك ئەمەس، بەلكى ھەق – ھوقۇق دەپ بىلىش تۇيغۇسى ھەققانىيەت ئۆلچىمىنىڭ تەرەققىياتى سۈپىتىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشى مۇمكىن. مانا بۇ خىتاي ئىشغالىيەتچىلىرىنىڭ بىنورمال پىسخىكىسىنىڭ ئۇنى دۇنياغا بالا- قازا بولىدىغان فاشىستىك ئىدىيەگە سۆرىشى بولسا كېرەك.

مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەردىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى

مۇستەملىكە قىلىنغان خەلقلەردە بولسا، بارا – بارا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىدىن نەپرەتلىنىش؛ ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا قالغانلىقتىن، بىردىنبىر چىقىش يولىنى مۇستەملىكە قىلغۇچىغا چىراي، تىل، بەدەن ھەرىكىتى ، قىممەت قارىشى دېگەندەك ھەممىلا جەھەتتە «ئوخشاش» ئارقىلىق تاپماقچى بولىدىغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى داۋاملىق ئۇچراپ تۇرىدۇ؛ كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، بۇنىڭ بىلەن ئاسانلا ھۆكۈمران مىللەتلەرنى ئۆزىدىن ئۈستۈن كۆرۈش ۋە ئۆز مىللىتىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى تۇغۇلىدۇ.

ئۇزۇن مۇددەت مۇستەملىكە ئاستىدا قالغان ئافرىقا خەلقى ياۋروپالىقلارنى ناھايىتى ئۈستۈن كۆرىدىغان پىسخىكا شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئافرىقا دۆلەتلىرى چەتئەللىكلەرگە ناھايىتى دوستانە ۋە قىزغىن مۇئامىلە قىلىدىكەن. ئەمما ئۆزلىرىگە كەلگەندە بولسا، تولىمۇ رەھىمسىز بولۇۋالغان. ھازىرغىچە مۇستەملىكىچىلىكنىڭ دەردىنى تارتىپ ئافرىقىدىكى نامراتچىلىقتا تىركىشىۋاتقان نىگېرىيە دۆلىتى، ئوباما ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندا، ئوبامانىڭ ئامېرىكىدا تەختكە چىقىش دولقۇنىنى قوللاپ، 630 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى يىغىپ ئىئانە قىلغان.

مۇستەملىكە قىلغۇچى بىلەن مۇستەملىكە قىلىنغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ئەڭ ئاۋۋال شۇنداقلا ناھايىتى روشەن ھالدا تىلدا گەۋلىنىدىغانلىقى ئۈچۈن، مۇستەملىكىچى، ھەممىدىن ئاۋۋال ۋە ھەممىدىن تېزلا مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى تىل جەھەتتىن ھېس قىلىدۇ؛ ئۇ، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭ تىلىنىڭ ئۆزىنىڭ تىلىغا ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كەمسىتىدۇ ۋە چەتكە قاقىدۇ. بۇ چەتكە قېقىش، ئەڭ ئاۋۋال تىلنىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىلەن باشلانغانلىقتىن، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىنىڭ ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىمۇ ھۆكۈمران مىللەتنىڭ تىلىنى ئۆگىنىش جەريانىدا باشلىنىدۇ.

20 ئەسىردىكى مەشھۇر بىلىم ئىگىلىرىنىڭ بىرى، روھىي كېسەللەر دوختۇرى ۋە پەيلاسوپ فرانتز فانوننىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان « قارا تېرە ۋە ئاق نىقاب» ناملىق ئەسىرىدە، ھۆكۈمران مىللەتكە ئىنتىلىش ۋە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى ناھايىتى ياخشى تەھلىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دەپ يازىدۇ:

«مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مۇستەملىكە قىلغۇچى تەرىپىدىن كەمسىتىلگەنلىكى ۋە خارلانغانلىقى ئۈچۈن، ئۆزىنىڭ قابىلىيىتىنى توختىماستىن مۇستەملىكە قىلغۇچىنىڭ تىلىنى ئۇلارغا ئوخشاش بىلىش ياكى بىلمەسلىك بىلەن ئۆلچەپ، ئۆزىدە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرىۋالىدۇ، ھەتتا ھۆكۈمران مىللەتنىڭ تىلىنى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغان ئۆز ئېتنىك توپلۇمى ئىچىدىكىلەرنى ياراتمايدىغان، قانچىلىك بىلىملىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلارنى تۆۋەن كۆرىدىغان بولۇپ قالىدۇ.»[6]

ئۇيغۇرلاردا خىتايغا نىسبەتەن بۇ خىل پىسخىكا مەۋجۇت بولغانمۇ؟ ئېسىمدە قېلىشىچە، 90 – يىللاردا ئاپتوبۇسلاردا خىتايچە سوزلەشكەنلەرنى كۆرسەك نەپرەتلىنەتتۇق. خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مائارىپىنى قالاقلاشتۇرۇشى نەتىجىسىدە، خىتايچە مائارىپتا خىتايلار بىلەن بىللە تەربىيەلەنگەنلەر يۇقىرىراق سەۋىيەدىكى بىلىم ئىگىلەش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدىغان بولسىمۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇرلار خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن بىلىم ئىگىلەشنى ئارىلاشتۇرۇپ قويمىدى. خىتاي مەدىنىيىتىنى كۈچلۈك چەتكە قېقىش ئارقىلىق ئۆز مەدىنىيىتىنى قوغداپ كەلدى، نەتىجىدە ئۇيغۇرلاردا مۇستەملىكە مىللەتلەردە پەيدا بولىدىغان «ئۆزىنى تۆۋەن كۆرىدىغان» زىددىيەتلىك ۋە مۇرەككەپ پىسخىكا ئومۇملاشمىدى. خىتايچە سۆزلىشىشتىن پەخىرلەنگەن، باشقىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسىنى خىتاي تىلى ئارقىلىق ئۆلچەيدىغان ئەھۋاللار قىسمەن بولغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئومۇمىي ئۇيغۇر مىللىتىگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى. ئائىلە تەربىيەسى، دىن ۋە ئۆز مەدەنىيىتىنى ئۆزلەشتۈرۈش تەسىرىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى بۇنىڭ ئاساسىي ئامىللىرىنىڭ بىرى بولۇپ، دىيانەتلىك، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى قويۇق ئائىلىدە چوڭ بولغان ياشلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ، گەرچە خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان، خىتايچىنى ئىنتايىن راۋان سۆزلەيدىغان بولسىمۇ، خىتايلارنى داۋاملىق بەكمۇ ۋەھشىي، ئالدامچى، سەنئەتسىز مىللەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى داۋاملىق ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.

ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسى، مۇستەملىكە قىلىنغۇچى مىللەتلەرنىڭ پۈتۈنلەي ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنغان ئەزالىرىدىمۇ مۇرەككەپ ۋە زىددىيەتلىك روھى ھالەت سۈپىتىدە ئۆز ئەكسىنى تاپىدىغان بولۇپ، فرانتز فاننوننىڭ كۆزىتىشىچە، كىچىكىدىن ھۆكۈمران مىللەتنىڭ ھېكايە شېئىرلىرىنى يادلاپ، ئۇلارنىڭ قەھرىمانلىرىدىن پەخىرلىنىپ، ئۆز مەدەنىيىتى بىلەن زادىلا ئۇچرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولماي چوڭ بولغان مۇستەملىكە ئەلدىكى بىر بالا، رېئاللىقتا ھۆكۈمران مىللەت تەرىپىدىن ھەر قېتىم چەتكە قېقىلغىنىدا، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنى بىر بالداق تەرەققىي قىلدۇرۇۋالىدىكەن[7]. چۈنكى ئۇ ھەر قېتىم باشقىلارغا ھەرقانچە ئوخشاپمۇ ئوخشاپ بولالمىغانلىقتىن، توختىماستىن ئۆزىدىن مەن كىم دېگەن سوئالنى سورايدىكەن ۋە بۇنىڭغا جاۋاب تاپالمايدىكەن.

مۇستەملىكە قىلىنغۇچىلارنىڭ مۇھاجىرەت ھاياتىدىكى پىسخىكا بىنورماللىقى

روھى جەھەتتىكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش مۇرەككەپلىكى زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ باشقىلارنىڭ دۆلىتىگە كۆچۈپ بارغان ھالەتتىمۇ، مۇستەملىكە قىلىنغۇچىدا يەنىلا گەۋدىلىك كۆرۈنىدىغان بولۇپ، ئۇلار ھەر زامان دۆلەت ئىگىلىرى بولغان مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىغا، ئۇلارنىڭ دۆلەتنىڭ ھۆكۈمرانلىرى ۋە ئىگىسى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس. ئۇيغۇرلارغا سېلىشتۇرغاندا، غەرب مەدەنىيىتى ھەقىقەتەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتايغا قارشى يۆلەنچۈكسىز قالغان ئۇيغۇر مىللىتى باشقا مىللەتلەردىن ئۆزلىرىگە مېھرىبانلىق كۆرگىنىدە، ئۇلارغا ئاسانلا بېقىنىپ قالىدىغانلىقى، ئىزىلگەن مىللەتلەرنىڭ پىسخىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلىيالماسلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى ئىدى. نەتىجىدە مۇھاجىرەتتىكى نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، غەربلىكلەرگە ئۆز مىللىتىگە قىلمىغان ھۆرمەت ۋە يېقىنچىلىقنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋاللار ئاللىقاچان ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى. بىز يۇقىرىدا مەدەنىيەت كىرىزىسىنىڭ ئەڭ دەسلەپتە تىل ئارقىلىق باشلىنىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن ئىدۇق. ئوخشاشلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار پەرزەنتلىرىنىڭ ئۆز ئاتا – ئانىسىنى ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن سەۋىيەسىز ھېسابلايدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت. باشقىلارنىڭ دۆلىتىدە ياشاۋاتقانلىقىمىز ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ تىلىنى بولۇپمۇ دۇنيادىكى ئاساسلىق ئالاقە قورالى بولۇپ كېلىۋاتقان ئىنگلىز تىلىنى پىششىق ئىگىلەش ۋە ياكى ئۇيغۇرلار كوپ سانلىقنى ئىگىلەۋاتقان تۇركىيەدىكى تۈرك تىلىنى ئىگىلەش ھەقىقەتەن پەخىرلەنگۈدەك ئەھۋال. ئەمما ئۆز ئىچىمىزدىكى بۇ تىلنى بىلمىگەن ياكى ياخشى سۆزلىيەلمەيدىغانلارنى بىلىمسىز ۋە تۆۋەن كۆرۈش، تىلنى ياخشى سۆزلىگىنى ئۈچۈنلا شۇ دۆلەتتىكى ھۆكۈمران مىللەتلەرنى تولىمۇ چوڭ كۆرۈپ كېتىش بىر تەرەپلىمىلىكى بولسا، ئەمەلىيەتتە، فرانتز فانوننىڭ پىسخىك تەھلىللىرىدە ئېيتىلغاندەك، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنىڭ ئالامەتلىرى ئىكەنلىكى ئېنىق.

مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەردىكى روھىي كېسەللىكلەر

مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەر ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنى يېتىلدۈرۈپلا قالماي، يەنە نۇرغۇن روھىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىغان بولۇپ، تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇستەملىكە قىلىنغان يەرلىك مىللەتلەر ۋە ئافرىقىدا مۇستەملىكە قىلىنغان مىللەتلەردىكى قورقۇش (anxiety) روھىي كېسەللىكى ۋە چۈشكۈنلۈك ھۆكۈمران مىللەتلەرگە سېلىشتۇرغاندا نەچچە ھەسسە كوپ بولغان.

قورقۇش روھىي كېسەللىكى ئېغىر زۇلۇم كۆرگەن، ھاياتىدا قورقۇنۇچلۇق ئەھۋاللارغا شاھىت بولغان ياكى ئۆزى باشتىن كەچۈرگەن جىنسىي زورلۇق ۋەياكى قورقۇنۇچلۇق ۋەقەلەرگە ئۇچرىغان كىشىلەردە پەيدا بولىدىغان روھىي كېسەل بولۇپ، ئالامەتلىرى ئاساسەن ھەممىلا نەرسىدىن ھەددىدىن زىيادە ئەنسىرەش ۋە ئۇخلىيالماسلىق، ئېغىر بولغاندا تىترەپ ئاغزى قۇرۇپ، تەرلەپ، نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، مەيدىسىنى ئېغىر بىر نەرسە بېسىۋالغاندەك تىنالماي قېلىش، ئاشقازىنى راھەتسىز بولۇپ ياندۇرۇۋېتىش، ھەممىلا نەرسىگە گۇمان ۋە يامان تەرەپتىن قاراش، بويۇن ۋە بەدەنلىرى تارتىشىپ قېلىش، بۇرۇن يۈز بەرگەن قورقۇنۇچلۇق ۋەقە قايتا يۈز بېرىۋاتقاندەك ھېس قىلىش (بۇ خىل باشتىن كەچۈرگەن قورقۇنۇچلۇق ۋەقەنىڭ شۇ كىشىنىڭ كاللىسىدا تۇيۇقسىز قايتا تەكرارلىنىشى چاقماق چېقىش دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ ئېغىر دەرىجىدىكى چۈشكۈنلۈك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلاردىمۇ ئوخشاش كۆرىلىدۇ)، داۋاملىق تۈرمىگە ئوخشاش ھۆكۈمرانلارنىڭ كونتروللۇقىدا ياشىغان، ھېچنەرسىگە ئۆز ئەركى بىلەن مۇئامىلە قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن خەلقتە ئەڭ كوپ پەيدا بولىدىكەن.

روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرى فاننون، زۇلۇم ئاستىدىكى مىللەتلەرنىڭ زۇلۇم پەيدا قىلغان روھىي كېسەللىكلەردىن قۇتۇلۇشى پەقەت قوراللىق قارشىلىق كۆرسىتىش ئارقىلىقلا ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ئەگەر مۇستەملىكىچىگە قارشى كۈرەش مۇمكىن بولمىغاندا، مۇستەملىكە ئاستىدىكىلەرنىڭ روھىيىتىدىكى غەزەپ نەپرەتنىڭ ئۆزىگە قارىتىلىپ قالىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.[8]

ھازىر ئامېرىكا قىتئەسىدە ياشاۋاتقان يەرلىك ئىندىيانلارنىڭ بىر بىرىگە زوراۋانلىق قىلىشى، ئىچىملىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىككە ئەڭ كوپ بېرىلىپ كېتىشى، ئائىلىدە جېدەل – ماجىرالارنىڭ تۈگىمەسلىكى ۋە كۆپىنچە بالىلارنىڭ يېتىم قېلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ ئېغىر بولۇشى ئۇلارنىڭ بۇرۇنقى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا دۇچ كەلگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، پىسخىكىسىدا پەيدا بولغان غەزەپ ۋە نەپرەت، بوزەك قىلىش ئەڭ ئاسان بولغان ئۆز مىللىتىگە قارىتىلغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى بولسا كېرەك. ئۇلار كوپ ھاللاردا روھى جەھەتتىكى نورمالسىزلىق، چۈشكۈنلۈك ۋە چارىسىزلىكتىن قۇتۇلۇشنىڭ يوللىرىنى زەھەرلىك چېكىملىك ۋە كەيپ بولۇشتىن ئىزدىگەن.

گەرچە زۇلۇم كۆتۈرۈۋېتىلگەن تەقدىردىمۇ نۇرغۇن روھىي كېسەللىكلەر، ئاتا – ئانا، ئائىلە تەربىيەسى ئارقىلىق، ئاتا – ئانىسىنىڭ خۇي – پەيلى، قىلىق – مىجەزلىرىدە ئىپادىلەنگەن روھىي نورمالسىزلىقنى ئۆزلەشتۈرۈش، جەمئىيەتتە ئۆزى ئارىلاشقان ئادەملەرنىڭ مىجەز – خۇلقىدىكى روھىي نورمالسىزلىقلارنى ئۆزلەشتۈرۈۋېلىش ئارقىلىق، ۋە شۇنداقلا بەزى روھىي كېسەللىكلەر بولسا، نېرۋا سىستېمىلىرىدا ئىز قالدۇرغاندىن كېيىن بالىغا بىۋاسىتە مىراس بولۇپ ئۆتۈشى ئارقىلىق ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىشى مۇمكىن. بولۇپمۇ ئېغىر دەرىجىدىكى ئىچىملىك (ھاراق – شاراپ) ئىچكەن، زەھەرلىك چېكىملىك چەككەنلەرنىڭ خاراكتېرىدىكى نورمالسىزلىق ۋە شۇنداقلا مېڭىسى ئۇچرىغان زەخمەت بالىغا ئىرسىيەت بولۇپ ئەگىشىپ مېڭىشى تەجرىبىلەردىن ئۆتكەن. نەتىجىدە ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالىدىغان بۇ خىل روھىي كېسەللىكلەر مەلۇم دەرىجىدە يامرىغاندا بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئومۇملاشقان پىسخىك خاراكتېرى بولۇپ شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقى ئەمەلىيەتكە ئىنتايىن يېقىن.

خۇلاسە

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىمۇ، نەپرەت ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىشنى ئۆزىنىڭ مىللىتىگە قارىتىش، پىسخىك نورمالسىزلىقنىڭ بىر قىسمى شەكلىدە يامراشقا باشلىغان بولۇپ، باشقا مىللەتلەرنى ئەمەس، ئۆز ئىچىدىكىلەرنى تارتىپ چۈشۈرۈش بىلەن ھەپىلىشىش، ئۆز مىللىتىدىن بولغانلارنى سېتىش، ئالداش ۋە قويمىچىلىق قىلىش داۋاملىق كۆرۈلۈپ تۇرماقتا.

ئەگەر ئۇيغۇرلاردا بۇ خىل پىسخىكا ئومۇملىشىپ كەتسە، ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆز قېرىنداشلىرىنى پۇتلاش ئارقىلىق ئالغا ئىلگىرىلەشكە تىرىشسا، ئەڭ ئاخىرىدا ھېچكىممۇ ئالغا ئىلگىرىلىيەلمەيدۇ. بەلكى پۈتۈن بىر مىللەت يىقىلىدۇ. قورقۇنچ ۋە چۈشكۈنلۈك خاراكتېرىنى ئالغان بىنورماللىق، روھىي كېسەللىكلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە داۋاملىشىشى، زۇلۇم توختىتىلىپ مەلۇم ھەق – ھوقۇقلارغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا داۋاملىشىپ، مىللەتنىڭ يۈرىكىگە ئورناپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىشغالىيەتچى ھۆكۈمرانلار بىلەن بولغان كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ھەر بىر ئۇچرىشىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۆز ۋاقتىدا قۇل قىلىنغان قارا تەنلىكلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىپ تۇرۇپمۇ يەنىلا قۇللۇق پىسخىكىسىدىن قۇتۇلالماسلىقى، يەرلىك ئىندىيانلارنىڭ نۇرغۇن ھەق – ھوقۇقلارغا ئېرىشىپمۇ ۋەيرانچىلىقتىن قۇتۇلالماسلىقى، كۆز ئالدىمىزدا بىزنى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ تۇرۇپتۇ.

بىز چوقۇم زۇلۇم پەيدا قىلغان نەپرەتنى ئۆزىمىزگە قارىتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بۇ نەپرەتنى دۈشمىنىمىزگە قارىتىشنىڭ يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك. قانچىلىك بەدەل تۆلىنىشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئەۋلادتىن ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان مەڭگۈلۈك روھىي پاتقاققا پېتىپ قېلىشىدىن قۇتۇلۇشىنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك يولى ۋە ئۆز – ئۆزىمىزنى يوقىتىشقا قاراپ يۈزلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇلدۇر.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top