ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئاتا-ئانىلىقنىڭ تۆت ئۇسلۇبى

ئاتا-ئانىلىقنىڭ تۆت ئۇسلۇبى

بىلگىن

ئاڭلىماققا قاملاشمىغاندەك تۇيۇلىدىغان <ئاتا-ئانىلىق> بۇ سۆز، ئەسلىدە ئىنگلىزچىدىكى parenting دېگەن سۆزنى تەرجىمە قىلىشتىن كەلگەن. مەن بىر تەرەپتىن بۇ سۆزنى تەرجىمە ئېھتىياجى بىلەن شۇنداق ئالغان بولسام، يەنە بىر تەرەپتىن بىزمۇ مۇشۇنداق بىر ئاتالغۇغا ئېھتىياجلىقكەن دەپ ئويلىدىم. بىزدە ياغاچچىلىق، ناۋايلىق، ئاشپەزلىك، قاسساپلىق….دېگەندەك نۇرغۇن ھۈنەر-كەسىپلەرگە مەخسۇس نام قويۇلغان بولسىمۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى قانداق بېقىش، قانداق تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ پائالىيەتنى ئىپادە قىلىدىغان بىر نام قويۇلماپتۇ. شۇڭا مەن مەزكۇر ماقالىدە < ئاتا-ئانىلىق> دېگەن ئىبارىنى ئىشلىتىشنى توغرا تاپتىم. ئاتا-ئانىلىق دېگەن سۆز چۈشىنىشلىك ئېيتقاندا، ئاتا-ئانا بولۇش، ئاتا-ئانىلىق قىلىش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدىغان بولۇپ، كونكېرتلاشتۇرغاندا، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن بولغان، بىر قەدەر تۇراقلاشقان مۇئامىلە قېلىپى ۋە تەربىيە ئەندىزىسى قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ ۋە بۇلار ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق ئۇسلۇبىنى شەكىللەندۈرىدۇ.

ئاتا-ئانىلارنىڭ دىنىي چۈشەنچىسى، قىممەت قارىشى، مەدەنىيەت سەۋىيەسى ، مىجەز-خاراكتېرى، كىشىلىك كەچمىشلىرى دېگەندەك ئامىللارنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئۇلارنىڭ كونكرېت ئاتا-ئانىلىق ئۇسلۇبلىرىمۇ بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىنمۇ كۆرەلەيمىزكى، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە تۇتقان مۇئامىلىسى، تەلىم-تەربىيە ئۇسۇللىرى، گەپ سۆزلىرىدىن باشلاپ زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلارنى چىڭ تۇتۇپ باشقۇرۇشنى مۇھىم بىلسە، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بالىلارنىڭ دەرس نەتىجىسى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ. يەنە بەزىلەر بالىلارنى ئۇنداق باشقۇرۇشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدۇ، بەزىلەر جىقراق پۇل بەرسە، بەزىلەر پۇلدىن قىسىدۇ، بەزىلەرنىڭ ئائىلىسىدە ماختاش جىق بولسا، بەزىلەرنىڭكىدە تەنبىھ جىق بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئىنچىكە ئارىلىشىۋالسا، بەزى ئاتا-ئانىلار دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، بالىلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقى، قانداقراق بالىلار ئارىلىشىۋاتقانلىقى دېگەنلەر بىلەنمۇ كارى بولمايدۇ. بەزى ئائىلىلەردە ھېچقانداق قائىدە بولمىسا، بەزى ئائىلىلەردە بالىلار تۈگىمەس ئۇششاق قائىدىلەر بىلەن چىرمالغان بولىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار ھەركۈنى بالىلىرىنىڭ تاپشۇرۇقىغا يېتەكچىلىك قىلسا، بەزىلەر ھەتتا قايسى پەندىن نېمە تاپشۇرۇق بېرىلگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدۇ. ….قىسقىسى، ئاتا-ئانىلار بالىلىرى بىلەن بولغان ئەنە شۇنداق پەرقلىق ئىش-ھەرىكىتى، ئادىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ئاتا-ئانىلىق ئۇسلۇبى يارىتىدۇ. مۇقەررەركى، بالىلارغا نىسبەتەن بۇ ئۇسلۇبلارنىڭ بەزىسى بەزىسىدىن ئۈنۈملۈك، پايدىلىق بولىدۇ. ئاتا-ئانا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز قانداق ئاتا-ئانىلىق ئۇسلۇبىنىڭ بالىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال تەرەققىياتىغا پايدىلىق ئىكەنلىكىنى بىلىشكە قىزىقىمىز.
بۇ ماقالىمىز دەل مانا مۇشۇ مەسىلىگە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىسىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ جاۋاب بېرىدۇ. تۆۋەندە مەن مەشھۇر بالىلار پىسخولوگى، بېركېلىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى دىئاننا بومرىند «dianna baumrind» خانىم ئېلىپ بارغان بىر تەتقىقات نەتىجىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ چىقىمەن، بۇ پىسخولوگىيە تارىخىدىكى مۇھىم تەتقىقاتلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

<1971-يىلى بالىلار پىسخولوگى دىئاننا بومرىند ئاتا-ئانىلىق ئۇسلۇبى بىلەن بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئارىسىدىكى باغلىنىشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، بىر تەتقىقات ئېلىپ باردى. مەزكۇر تېمىدا تېخى باشقىلار ئىزدىنىپ باقمىغان ئىدى. بۇرۇنقى تەتقىقاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك نوقۇل بالىلارنىڭ قىلىق-ھەرىكىتىگىلا مەركەزلەشكەن ئىدى. دىئاننا خانىم ئوخشىمىغان ئاتا-ئانىلىق ئۇسلۇبىنىڭ ئوغۇل-قىزلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قانداق ئوخشىمىغان يوللاردا تەسىر قىلىدىغانلىقىنى كۆزەتكەن تۇنجى تەتقىقاتچى ئىدى. ئۇ كالىفورنىيەنىڭ بېركېلىي شەھىرىدىن يەسلىدە ئوقۇيدىغان 130نەپەر بالىنى تاللىغان، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوتتۇرا-يۇقىرى قاتلامغا تەۋە ئاق تەنلىكلەرنىڭ بالىلىرى ئىدى. ئۇ بۇ گۇرۇپپىنى تاللاشتا ھەرتەرەپلىمە ئوخشاشلىق ( ئائىلە كېلىپ چىقىشى، ئىقتىسادىي ئەھۋالى، يېشى، ئىرقى ) نى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان بولۇپ، ئۇ بۇنداق قىلغاندا، كۆزىتىش نەتىجىسىنىڭ ئىشەنچلىكلىكى ۋە ئىناۋەتلىكلىكىنى تۆۋەنلىتىپ قويىدىغان باشقا ئامىللارنىڭ كاشىلىسىدىن خالى بولغىلى بولىدۇ دەپ قارىغان. گۇرۇپپىدىكى بالىلارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى تۆت ياش بولۇپ، زېھىن كۆرسەتكۈچى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرىراق 125 بولغان. ئۇ بۇ تەتقىقات داۋامىدا تەبىئىي كۆزىتىش ئۇسۇلىنى قوللانغان ۋە بۇ يەسلىدىكى سىنىپ ھەمدە ئۆلچەملىك ئىمتىھان شارائىتىدا ئېلىپ بېرىلغان. كۆزەتكۈچىلەر بالىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىش-ھەرىكەتلىرىنى خاتىرىلىگەن: زەھەرخەندە ياكى دوستانە قارشىلىشىش ياكى ھەمكارلىق قاتتىق قۇلاق ياكى يۇمشاق قۇلاق مەقسەتچان، تەشەببۇسكارمۇ ياكى نىشانسىز، پاسسىپمۇ؟ مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلەمدۇ ياكى ئىنتىلمەمدۇ؟ مۇستەقىلچانمۇ ياكى ئەگەشمىمۇ؟ ئاتا-ئانىلار بولسا ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئۆيلىرىدە كۆزىتىلگەن بولۇپ، كۆزىتىش كەچلىك تاماقتىن ياكى بالىلار ئۇخلىغۇچە ئېلىپ بېرىلغان. كۆزىتىش جەريانىدا ئاتا-ئانىلارنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئىش-ھەرىكەتلىرى خاتىرىلەنگەن: ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئۆي ئىشى قىلىشقا بۇيرۇمدۇ يوق؟ ئائىلىدە قائىدە-تۈزۈم بارمۇ؟ قائىدە-تۈزۈملەرنى ئىجرا قىلىشتا قانچىلىك ئەۋرىشىم، قانچىلىك قاتتىق؟ بالىلارغا بېرىلىدىغان مېھرىي-ئەقلىي غىدىقلاشلار قانچىلىك؟ خاتا قىلمىشلارغا بېرىلىدىغان جازا ئەدەپلەش خاراكتېرىدىمۇ ياكى جازالاش خاراكتېرىدىمۇ ياكى جازا قاتتىقمۇ؟ جازا كەسكىن ۋە ئۈنۈملۈكمۇ؟ ۋە ياكى ھېچقانداق جازا يوقمۇ؟ دىئاننا خانىم يۇقىرىقى كۆزىتىشلىرىگە ئاساسەن، ئاتا-ئانىلارنى پەرزەنتلىرىگە تۇتىدىغان پوزىتسىيەسىگە ئاساسەن چوڭ ئىككى كاتېگورىيەگە ئايرىغان: ئىنكاسچان- responsiveness تەلەپچان -demanding ئىنكاسچانلىق دېگىنىمىز، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ماددىي-مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى ئېتىراپ قىلىش، قوبۇل قىلىش ۋە قاندۇرۇشقا تىرىشىش دەرىجىسىنى، يەنى بالىلىرىنىڭ تەلىپىگە نىسبەتەن قانچىلىك ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ. تەلەپچانلىق بولسا، ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىدىن كۈتىدىغان ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. دوكتور دىئاننا خانىم مۇشۇ ئىككى كاتېگورىيەدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ كونكرېت ئىپادىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنى ئۈچ چوڭ تىپقا ئايرىغان، كېيىنكى تەتقىقاتچىلار بۇنىڭغا تۆتىنچى تىپ >neglectful< كارى يوقلار تىپىنى قوشۇپ، جەمئىي تۆت تىپ ئىلىم ساھەسىدە ئومۇملاشقان. 1 – مۇستەبىت تىپ- authoritarian بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىدىن گېپىنى مۇتلەق ئاڭلاشنى تەلەپ قىلىدۇ، ئاتا-ئانىنىڭلا گېپى ھېساب بولىدۇ. بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى جازا بىلەن قائىدىگە سالىدۇ. 2 – نوپۇز تىپى- authoritative بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا چىڭ تەلەپ قويىدۇ، ئېنىق قائىدىلەرنى بېكىتىدۇ. ئەمما بالىلىرىنىڭ پىكرىگىمۇ ھۆرمەت قىلىپ، مۇناسىپ ۋاقىتتا يول قويىدۇ. مۇۋاپىق تېپىلسا قائىدىنى ئۆزگەرتىدۇ. بالىلارنىڭ مۇستەقىللىقى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنىلا چىڭ قائىدە-تۈزۈملەرنى يولغا قويىدۇ. 3- ماقۇل تىپ – permissive بالىلىرىغا ئاساسەن ئېنىق قائىدە-تەرتىپ بېكىتىپ بەرمەيدۇ. بالىلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئاساسەن رەت قىلمايدۇ. بالىلىرىنىڭ ئاقىۋىتىنى نەزەرگە ئالماي ئىش قىلىشىغا مەيلى دەيدۇ. 4-كارى يوق تىپ – neglectful بالىلارنىڭ روھىي، ئەقلىي ئېھتىياجلىرى بىلەن كارى بولمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئەڭ ئەقەللىي ماددىي ئېھتىياجلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ.>

(بالىلار ۋە ئۆسمۈرلەر پىسخولوگىيەسى .)

ئۇنداقتا بۇ تۆت تىپنىڭ ئىچىدە بالىلار ئۈچۈن ئەڭ پايدىلىقى قايسىسى؟
<دىئاننا خانىمنىڭ كۆزىتىشلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككىنچىسى يەنى، نوپۇز تىپلىقىنىڭ باشقىلىرىغا قارىغاندا روشەن ئۈنۈملۈك ئىكەنلىكى ئايان بولغان. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىدە تۆۋەندىكىدەك خىسلەتلەر باشقا تىپتىكىلەرنىڭ بالىلىرىغا سېلىشتۇرغاندا بىرقەدەر گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن: مۇستەقىلچانلىق: نوپۇز تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ مۇستەقىلچانلىقى ھەممىدىن يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان، ئۇنىڭ كەينىدە مۇستەبىت ۋە ماقۇل تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوغۇللىرى تۇرغان. كارى يوق ئاتا-ئانىلارنىڭ قىزلىرىدا مۇستەقىلچانلىق ھەممىدىن ئاجىز بولغان. مۇۋەپپەقىيەتكە ئىنتىلىش: بۇ تۈردىمۇ ئوخشاشلا نوپۇز تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرغان. مۇستەبىت ۋە ماقۇل ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرى بولسا خېلىلا تۆۋەن ئورۇندا تۇرغان. ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىق: ئوخشاشلا، نوپۇز تىپىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتچانلىقى باشقىلارغا قارىغاندا كۈچلۈك بولغان. ئەمما بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆزى بەلگىلىگەن قائىدە-تەرتىپلەرگە تازا رىئايە قىلىپ كەتمەيدىغانلاردىن بولۇپ قالغاندا نەتىجە ئۇنداق بولمىغان. دىئاننا خانىمنىڭ بۇ تەتقىقاتىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇنلىغان ئوخشاش تېمىدىكى تەتقىقاتلار ئەسلى نەتىجىنىڭ توغرىلىقىنى تېخىمۇ دەلىللىگەن. ئۆتكەن يىگىرمە يىل مابەينىدە ئېلىپ بېرىلغان نۇرغۇن مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا، نوپۇز تىپىدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ تۆۋەندىكى بىر قانچە ساھەدىكى ئىپادىسى خېلىلا ياخشى بولغان: مەكتەپتىكى ئىپادىسى ياخشى ئۇنچىۋالا مۇتىھەم، جېدەلخور ئەمەس خېلىلا غۇرۇرى كۈچلۈك ھەمدە باشقىلار ئوڭاي ياقتۇرۇپ قالىدۇ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىكى چاتاق قىلىقلىرى ئازراق يۇقىرىقى تىپلارنىڭ نەتىجىسىنى ئۆز-ئارا سېلىشتۇرغاندا، ماقۇل ۋە كارى يوق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭ ئومۇمىي ئىپادىسى نوپۇز ۋە مۇستەبىت ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىنىڭكىدىن تۆۋەن بولغان. ماقۇل ئاتا-ئانىلارنىڭ قولىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ مەكتەپتىكى ئىپادىسىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان. بالىلارنىڭ ئۆزىمۇ باشباشتاقراق چوڭ بولۇپ قالغان. شۇنداقلا يەنە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە مۇستەقىلچانلىقىمۇ تۆۋەن بولغان. ھاراق ۋە باشقا زەھەرلىك چېكىملىكلەرگە ئۆگىنىپ قېلىش نىسبىتىمۇ باشقا تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولغان >.

< كارى يوق ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىپادىسى ھەممىنىڭكىدىن تۆۋەن بولغان. زەھەرلىك چېكىملىك، قالايمىقان جىنسىي مۇناسىۋەت قاتارلىق قىلمىشلارغا ئارىلىشىپ قېلىش نىسبىتىمۇ يۇقىرىراق بولغان، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇلارنىڭ بىلىش ۋە ئىجتىمائىيلىق ئىقتىدارىنىڭ تەرەققىياتىمۇ ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان > ( 88-90-بەتلەر)

كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، يۇقىرىقى قىسقىچە تەتقىقات دوكلاتى بىزنى تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئېتىدۇ. مەن ياكى بىزنىڭ ئائىلە زادى قايسى ئۇسلۇبقا تەۋە؟ دېگەن سوئالنى بۇنى ئوقۇغان ھەربىر مەسئۇلىيەتچان ئاتا-ئانا چوقۇم ئۆزىدىن ھەققانىي، تەنقىدىي رەۋىشتە سوراپ باقىدۇ. ئەمدى مەن يۇقىرىقى تەتقىقات دوكلاتىدا بايان قىلىنغان تۆت خىل ئاتا-ئانىلىق تىپى ھەققىدە ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىمەن.

1-مۇستەبىت ئۇسلۇب

ئارىمىزدا بۇ تىپقا تەۋە ئاتا-ئانىلار مېنىڭچە ھەرگىز ئاز ئەمەس. بىز بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ مۇستەبىت بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبلىرىنى مۇھاكىمە قىلمايمىز، مەزكۇر ماقالە بۇنداق مۇرەككەپ سوئالغا جاۋاب بېرىشكە كىچىكلىك قىلىدۇ، پەقەت بۇ خىل مۇستەبىت ئۇسلۇبنىڭ ئالامەتلىرى ۋە بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ باقىمىز.

بۇنداق ئائىلىلەردە، ئاتا-ئانىنىڭ ئورنى، نوپۇزى، مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ ئۆلچىمى بىلەنلا مۇئامىلە قىلىپ، بالىلارنىڭ پىكرى، ساداسىغا ئاساسەن قۇلاق سالمايدۇ. ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە، بۇيرۇق-ئىتائەتلا مەۋجۇت بولىدۇ، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ ھۆكۈم-بۇيرۇقلىرىدىن گۇمان قىلىش، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشىنى ئىپادىلەپ بېقىش دادىللىقى ئاتا-ئانىلارغا قىلىنغان چوڭ ھۆرمەتسىزلىك، بويۇنتاۋلىق دەپ قارىلىدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئوبدان بالا بولغان بولمىغىنىنى بالىلىرىنىڭ گەپ ئاڭلاش ئاڭلىماسلىقى بىلەن ئۆلچەيدۇ. بالىلارنىڭ كەپسىزلىكى قىلىقسىزلىق دەپ چۈشىنىلىدۇ، <ياغاچ قۇلاق>لىقى قوبۇل قىلغۇسىز قىلمىش ھېسابلىنىدۇ. چۈنكى مۇستەبىت ئاتا-ئانىلاردىكى ئومۇمىي ئورتاقلىق شۇكى، بىرىنچىدىن، ئۇلار ھەردائىم بالىلىرىم يامان يولغا كىرىپ كېتەرمىكى دەپ ئەنسىرەپلا يۈرگەچكە، مۇشۇنداق قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرمىساق ئاسانلا تاپتىن چىقىپ كېتىدۇ دەپ قارايدۇ. ئىككىنچىدىن، دائىم بالىلارنى تېخى كىچىك، ئاق-قارىنى، ياخشى-ياماننى پەرقلەندۈرەلمەيدۇ دەپ ئويلىغاچقا، بالىلارنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىش، ھەممە ئىشتا باشقۇرۇش، بالىلارغا ئالاقىدار ھەممە قارارنى ئۆزلىرى چىقىرىشتىن خاتىرجەملىك ھېس قىلىدۇ، بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا قارار چىقىرىشىدىن زادى ئەمىن بولالمايدۇ.

بۇلاردىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇكى، بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، ناھايىتى كۆيۈنىدۇ، مانا مۇشۇنداق چىڭ تۇتۇشىنى پۈتۈنلەي بالىلىرى ئۈچۈن ياخشى دەپ قارايدۇ. بۇ خىل ئائىلىلەردە ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئوتتۇرىسىدا باشقۇرۇش ۋە ئىتائەت مۇناسىۋىتىلا مەۋجۇت بولىدۇ. ئۇنداقتا، بۇ خىل چەكسىز كۆيۈنۈش باھانىسى بۇ خىل قاتتىق قوللۇقنى ئاقلىيالامدۇ؟ ئۇنىڭ ئۈنۈمگە ئىگە قىلالامدۇ؟

ناتايىن. مۇستەبىت ھۆكۈمدارلار خەلقنىڭ بەختىنى خەلق خالىغان يولدا ئەمەس، بەلكى ئۆزلىرى خالىغان يولدا <كۆزلىگەچكە>، خەلق بەخت ئەمەس، ئەكسىچە زۇلۇم ھېس قىلغىنىدەك، بۇنداق مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارمۇ، قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىنمايدىغان بۇ خىل كۆيۈنۈشتىن ھەقىقىي بەخت، راھەت ھېس قىلالمايدۇ. مېھرى-مۇھەببەت قانچە ئوتلۇق، قانچە چىن بولسۇن، ناۋادا قارشى تەرەپ ياقتۇرىدىغان شەكىلدە ئىزھار قىلىنمىسا، قارشى تەرەپنى بىزار قىلىپ قويۇشى مۇمكىن. خۇددى شۇنىڭدەك، بالىلار كۆرسىتىلگەن بۇنداق يەكتەرەپلىك كۆيۈنۈش، سۆيىمەن دەپ چىشلىۋالغاندەك ئەكسىچە ئۈنۈم پەيدا قىلىش مۇمكىن. مۇستەبىت تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ ماھىيەتلىك خاتالىقى شۇكى، ئۇلار بالىلارنىڭمۇ ئۆزىگە خاس دۇنياسى، ئۆزىگە خاس تەپەككۇرى، ئۆزىگە خاس ماددىي-مەنىۋىي ئىستەكلىرى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قېلىشقان ياكى ئېتىراپ قىلمىغان. شۇڭلاشقا بالىلارغا تۇتىدىغان مۇئامىلىسىدە مۇتلەق ئۆزىنىڭ چۈشەنچىلىرىنىلا ئاساس قىلىدىغان زوراۋانلىق شەكىللەنگەن. ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكىلا ئەمەس، ھەرقانداق مۇۋەپپەقىيەتلىك كىشىلىك مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا چۈشىنىش ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ، بولمىسا ئادالەتسىزلىك شەكىللىنىدۇ. چۈنكى چۈشىنىش ھۆرمەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. چۈشەنمەسلىك بولسا كەمسىتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. باشقىچە ئىبارە بىلەن ئىپادىلىگەندە، بىر تەرەپنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىنمىغان ھەر قانداق كىشىلىك مۇناسىۋەتتىن ئادالەتسىزلىك، زۇلۇم كېلىپ چىقىدۇ. ئۇنىڭ ئۈچۈن قارشى تەرەپتە شۇنداق بىر سادا چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىش كېرەك. دېمەك، ئاتا-ئانىلار بىلەن بالىلارنىڭ مۇناسىۋىتىمۇ ئوخشاشلا چوقۇم مۇشۇ پىرىنسىپ بويىچە چۈشىنىلگەندە، ئاندىن بالىلارنىڭمۇ ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ساداسىنىڭ بارلىقىنى، قۇلاق سېلىشقا تېگىشلىك ئىكەنلىكى مۇستەبىت ئاتا-ئانىلار ئويلىنىش، قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشقا ئايلىنىدۇ.

مۇشۇ بويىچە پىكىر يۈرگۈزگىنىمىزدە، بىز مۇستەبىت ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ يېتەرلىك ھۆرمىتىگە ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى، ياكى ئاتا-ئانىلار بىز ھۆرمەتلىدۇق دەپ قارىسىمۇ، بالىلارنىڭ بۇنداق ھۆرمەتنى ھېس قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتەلەيمىز. خۇلاسىلەپ ئېيتقاندا، بىرىنچىدىن، بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا چوڭ بولغان بالىلاردا ئۆزىگە ئىشىنىش تۇيغۇسى كەمچىل، مۇستەقىلچانلىق، ئۆزىگە تايىنىش روھى ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئائىلە مۇھىتىدا، بالىلارنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىشى، ئاز-تولا خاتالىق سادىر قىلىشى، ئۆزىنىڭ ئىشلىرىنى ئۆزىنىڭ قارار قىلىشى دېگەنلەرگە ئومۇمەن پۇرسەت بولمايدۇ. ۋەھالەنكى، ئادەمدىكى ئۆزىگە ئىشىنىش، مۇستەقىلچانلىق دېگەنلەر مانا مۇشۇنداق پۇرسەتلەر ئىچىدە شەكىللىنىدۇ، كۈچىيىدۇ. ھەممە ئىشى باشقۇرۇلىدىغان بىر شەخسنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈتۈن بىر مىللەتنىڭمۇ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى تۆۋەن بولىدۇ.

ئىككىنچىدىن، غۇرۇرى، ئىززەت تۇيغۇسى ئاجىز بولىدۇ. چۈنكى ئادەمنىڭ غۇرۇرى يېتەرلىك ھۆرمەت، مۇئەييەنلەشتۈرۈش مۇھىتى ئىچىدە يېتىلىدۇ. ئېيتقان سۆزى، قىلغان ئىشلىرىنىڭ قايتا-قايتا زەربە-تەنبىھكە ئۇچرىشى، ئەكس ساداسىنىڭ قاتتىق ئىنكاس بىلەن تۇنجۇقتۇرۇلىشى، خاتالىقلىرىنىڭ قىلچىمۇ چۈشىنىش، ھېسداشلىققا ئېرىشىلمەسلىكى….قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بالىلارنىڭ غۇرۇرىنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرىدىغان ئامىللاردۇر. كېيىنچە، بۇ خىل بالىلار مەكتەپتە، جەمئىيەتتە باشقىلار بوزەك ئەتسىمۇ مەيلى دەيدىغان، غەزەپ-نەپرىتىنىڭ تايىنى يوق، ھەق-ناھەق تۇيغۇسى زەئىپ، ھەممە بالىلار شاڭخو قىلىدىغان ئوبيېكتقا ئايلىنىپ قالىدۇ. چۈنكى، غۇرۇرنىڭ ئاجىزلىشىشى، كەمسىتىش، خورلۇقنى قوبۇل قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ئاجىز بولۇپ قالىدۇ، ئائىلىگە ئانچە كۆيۈنۈپ كەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئائىلىسىنى سۆيىدۇ، ئەمما مۇستەبىت تىپتىكى ئائىلىلەردە بالىلارنىڭ ئائىلىسىگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشىنى ئىپادىلەيدىغان پۇرسەت بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئائىلىنىڭ بارلىق ئىشلىرىنى ئۆزلىرى قارار قىلىپ، بالىلىرىنى كىچىك، بىلمەيدۇ دەپلا ئائىلە ئىشلىرى ھەققىدە قارارلارغا قاتنىشىشتىن چەتلەشتۈرىدۇ، بالىلارنىڭ پىكرى، قارىشى ئېتىبارغا ئېلىنمايدۇ. ھەتتا بۇنداق ئورۇن، سالاھىيەتكە ئىگە دەپ قارالمايدۇ. گەرچە ھەقىقەتەنمۇ بالىلارنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكىر، تەكلىپلىرى گۆدەكلىكتىن خالىي بولالمىسىمۇ، بۇ يەردىكى مەسىلە ئۇلارنىڭ پىكرىنىڭ توغرا-خاتالىقىدا ئەمەس، بەلكى ئۇلارغا قاتنىشىش پۇرسىتىنىڭ بېرىلگەن بېرىلمىگەنلىكىدە. بالىلارنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ قارىشىنىڭ مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش بىلەن، ئۇلارغا پەقەت سۆز پۇرسىتى بەرمەسلىكنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىدە غايەت زور پەرق بولىدۇ. مانا مۇشۇنداق تەرزدە، بالىلار ئائىلىسىنىڭ ئىشلىرىغا قاتنىشىشتىن، پىكىر قاتناشتۇرۇشتىن ئاستا-ئاستا ئۆزىنى چەتكە ئالىدۇ، نېمە كارىم؟ ھەممە ئىشنى قىلىدىغان دادام، ئانام بارغۇ؟ مېنىڭ دېگىنىمنىڭ بەرىبىر نېمىگە پايدىسى دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاستا-ئاستا ئائىلىنىڭ ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلمەس بولىدۇ.

ئادەمنىڭ بۇيرۇلغان ئىشنى قىلغاندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىدىن، ئۆزى قارار قىلغان ياكى قارارىغا قاتنىشالىغان ئىشنى قىلغاندىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى كۈچلۈك بولىدۇ. مەسىلەن: ئائىلىدە بالىلارغا ئىش تەقسىم قىلساق، بالىلار ھەممىسى قىلىدىغان ئىشىنى ئۆز-ئارا كېلىشىپ تەقسىم قىلىشىۋالسا، ئاندىن زوق-شوق بىلەن ئىشقا كىرىشىدۇ، ناۋادا، ئىشتىن چاتاق چىقىرىپ سالسا، ھەقىقىي ئىزا تارتىدۇ ۋە تۈزىتىدۇ. تەنبىھ ئاڭلىسىمۇ ئۇۋالچىلىق ھېس قىلمايدۇ. ئەكسىچە، دائىم بۇيرۇق قىلىنغان ئىشنىلا قىلىپ ئادەتلىنىپ قالغان ئادەم ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالماي قالسا، كۆڭلىدە مەسئۇلىيەتنىڭ بولمىغاندا يېرىمىنى بۇيرۇغۇچىغا ئارتىدۇ، يەنى، مېنى بۇ ئىشقا بۇيرۇمىغان بولسا بۇنداق چاتاق چىقمايتتى، ئۆزۈم قىلغۇم بارنى قىلغان بولسام بۇنداق بولمايتتى دەپ ئويلايدۇ. نەتىجىدە، بېرىلگەن تەنبىھكە ئېغىزىدىن چىقىرالمىسىمۇ، ئىچىدىن قايىل بولمايدۇ، ناھەقچىلىق ھېس قىلىدۇ.

ئىجادىي تەپەككۇرىنىڭ ئاجىز، تەسەۋۋۇرىنىڭ جانسىز بولۇپ قېلىشىمۇ يەنە بىر تىلغا ئېلىش زۆرۈر بولغان سەلبىي ئاقىۋەتلەرنىڭ بىرىدۇر. ئېنىقكى، ئىجادىي تەپەككۇر دادىل خىيال، يۈرەكلىك سىناقلارنى، شۇنداقلا سىناقلار داۋامىدىكى ھەرخىل بىمەنە، كۈلكىلىك خاتالىقلارنى قوبۇل قىلالايدىغان مۇھىتتا شەكىللىنىدۇ. ھالبۇكى، كۆپىنچە مۇستەبىت ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ بۇنداق ئەركىنلىكىنى قاملاشمىغان قائىدە-تۈزۈملەر بىلەن چۈشەپ قويغاچقا، ئائىلىدە بالىلارغا ئەركىن تەپەككۇر قىلىشقا، ئۇنى ئەركىن-ئازادە ئىپادىلەشكە مۇناسىپ مۇھىت بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن، ئەسلىدە شۇڭقارلارغا ئايلىنىش مۇمكىنچىلىكى بار بالىلار ئۇچۇپ بېقىشقا رۇخسەت قىلىنمىغانلىقتىن، ئىغاڭلاپ ماڭىدىغان ئۆردەكلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلارغا تەۋسىيە شۇكى، ئۇلار بالىلارنىڭمۇ مۇستەقىل بىر ئىنسان ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس دۇنياسى، تەپەككۇر ئۇسۇلى، ئېھتىياجلىرى بارلىقىدەك بىر پاكىتنى چوقۇم قوبۇل قىلىشى ۋە بۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىشى، بالىلارنى ھەقىقىي چۈشىنىشى، قەلب ساداسىغا قۇلاق سېلىشى كېرەك. بۇنداق ئاتا-ئانىلاردا بالىلىرىغا بولغان مېھىر-مۇھەببەت، ياخشى تەربىيەلەش قىزغىنلىقى تولۇپ تاشقان، پەقەت پەرزەنتىنى چۈشەنسە، چۈشىنىش ئاساسىدا مۇئامىلە ۋە تەربىيە ئۇسۇلىنى شەكىللەندۈرسە، ئەڭ ئۈنۈملۈك تىپ نوپۇز تىپلىق ئاتا-ئانىلارغا ئايلىنالايدۇ. قاتتىق قول ئاتا-ئانىلار جەزمەن چۈشىنىۋېلىشى كېرەككى، بالىلارنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، ئۇلارنىڭ جازاسىغا بولغان قورقۇنچىدىن ئەمەس، بەلكى، ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازىنى يوقىتىپ قويۇشقا بولغان ئەندىشىسىدىن كەلسە ئاندىن ئەڭ كۆڭۈلدىكى نەتىجە قولغا كەلگەن بولىدۇ.

2-نوپۇز ئۇسلۇبى

تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرگىنىمىزدەك، بۇ تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق سۈپىتى ۋە نەتىجىسى ھەممىدىن يۇقىرى. بۇلار ئائىلىدە بالىلارنى باشقۇرۇش بىلەن قويۇۋېتىشنى مۇۋاپىق مۇۋازىنەتكە ئىگە قىلغاندۇر. يەنى، بۇنداق ئائىلىلەردە بالىلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتى ئېنىق قائىدە-مىزانغا ئىگە قىلىنغان بولۇپ، بالىلار نېمە قىلسا ئاتا-ئانىسى خۇش بولىدىغانلىقىنى، نېمە قىلسا خاپا بولىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلەلەيدۇ. مۇستەبىت تىپتىكى ئائىلىلەردىمۇ قائىدە-مىزان بار، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ پەرقى قەيەردە؟

گەرچە ئۇلار قائىدىنىڭ بارلىقىدا ئورتاق بولسىمۇ، ئەمما قائىدە تۈزۈش ئۇسۇلىدا چوڭ پەرق مەۋجۇت. نوپۇز تىپتىكىلەر مۇستەبىت ئاتا-ئانىلارغا ئوخشاش ئائىلىدىكى قائىدىنى ئاتا-ئانىلىق نوپۇزىغا تايىنىپلا، بالىسىنىڭ قىلچە پىكىر-ھېسسىياتىغا ھۆرمەت قىلماستىن تۈزمەيدۇ. بەلكى، بالىلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇسى، پىكىرلىرىگىمۇ مۇۋاپىق ئورۇن بېرىپ تۈزىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇ قائىدىلەرنى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، جانلىق ئىجرا قىلىپ، ئالاھىدە ئەھۋاللارغا رۇخسەت قىلىدۇ. بالىلىرى بىلەن دىيالوگ ئاساسىدا قارار قىلىدۇ. دېمەك بۇ خىل ئائىلىلەردە قاتتىق قوللۇقمۇ، شۇنداق لايىقىدا ئەۋرىشىملىكمۇ بار.

ئۈستىدىكى مۇلاھىزىدىن شۇنى ھېس قىلماق قىيىن ئەمەسكى، ئاتا-ئانىلار بىلەن پەرزەنتلەر ئارىسىدىكى ئەڭ كۆڭۈلدىكى مۇناسىۋەت ئۆز-ئارا ھۆرمەت ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ.< مەشھۇر بالىلار پىسخىك دوختۇرى جېك ۋېستماننىڭ (jack westman) قارىشىچە، تۆۋەندىكى ئىككى تۈپ پىرىنسىپ، نوپۇز تىپلىق ئاتا-ئانىلىقنىڭ ئۇلى ھېسابلىنىدۇ: 1 – بالىلارنى تۇغۇلغاندىن تارتىپلا، ئۆزىگە خاس ئېھتىياج، تۇيغۇلىرى بار مۇستەقىل بىر بارلىق دەپ ئېتىراپ قىلىدۇ. ئاتا-ئانىلىق نوپۇزىنى ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈش بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان خۇي-مىجەز، خاراكتېرلىرىنى نەزەرگە ئالىدۇ ۋە ماسلىشىدۇ. 2 – بالىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ دېگەنلىرىگە قارىغاندا، قىلغانلىرىنىڭ تەسىرىگە كۈچلۈكرەك ئۇچرايدۇ> (يۇقىرىقى كىتاب 91-بەت )

قاچان، قەيەردە ئەركىن، دادىل بولۇشنى؛ قەيەردە ئىنتىزامچان، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلىدىغان، تۇرمۇشىنى تەرتىپلىيەلەيدىغان بالىلار كۆپىنچە ھاللاردا مۇشۇنداق ئائىلە مۇھىتىنىڭ مەھسۇلى.

مېنىڭچە، بۇ بۆلەكتە نوپۇز تىپتىكى ئاتا-ئانىلىقنىڭ بالىلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرلىرىنى بايان قىلىشتىن، قانداق قىلغاندا مۇشۇنداق تىپتىكى ئاتا-ئانىلاردىن بولالايمىز؟ دېگەن سوئال بىز ئۈچۈن بەكرەك ئەمەلىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەن ئاۋۋال مۇنداق بىر قانچە قارىشىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز زۆرۈر دەپ قارايمەن. بۇنىڭ بىرسى، قائىدە-تۈزۈم بالىلارنى بوغۇپ قويىدۇ، بالىلار ئەركىن چوڭ بولۇشى لازىم، قائىدە-تۈزۈم ئارتۇقچە دەپ قاراش. ھازىر بىر قىسىم ياش ئاتا-ئانىلار غەربتە ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى ناھايىتى ئەركىن قويۇۋېتىدىكەن، باشقۇرۇۋالمايدىكەن دەپ ئاڭلىغاچقا، مۇشۇ ئەڭ مۇۋاپىق يول دەپ قارىۋالغان ۋە ئەركىنلىكنىڭ رولىنى، چېكىنى زىيادە كۆپتۈرۈپ چۈشىنىۋالغان. ھالبۇكى، ئەمەلىيەت ھەرگىزمۇ ئۇلار ئويلىغاندەك ئەمەس. ئۇلارمۇ ھەرگىز بالىلىرىنى كارى يوق، بولۇشىغا قويۇۋەتمەيدۇ، بالىلار مائارىپى ساھەلىرىدە بالىلارنى ئائىلىدە ئەدەپلەش، جازالاشنىڭ ئۇسۇللىرى، ئۇنىڭ ئىجابىي، سەلبىي تەسىرلىرى ھەققىدە نۇرغۇن ئىلمىي تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىلغان، نۇرغۇنلىغان ماقالىلەر يېزىلغان، مۇشۇنداق تېمىلاردا تەتقىقاتلارنىڭ بولغانلىقىنىڭ ئۆزىلا غەربلىكلەرنىڭ ئائىلىلىرىدە ئەنە شۇنداق مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. دېمەك، بۇنىڭدىكى ھالقىلىق نۇقتا قائىدە-تۈزۈم پايدىلىقمۇ زىيانلىقمۇ دېگەندە ئەمەس، بەلكى قانداق تۈزۈش ۋە قانداق ئىجرا قىلىشتا. مۇستەبىت تىپتىكىلەرنىڭ خاتالىقى دەل قائىدە-تۈزۈمنى زىيادە قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بالىغا مۇۋاپىق بوشلۇق بەرمىگەنلىكىدە.

يەنە بىرسى بولسا دەل بۇنىڭ ئەكسىچە بىزدىكى < ئۇستاز زالىم بولسا، شاگىرت ئالىم بولۇر> چۈشەنچىسىدۇر. باشتىكىلەر ئەركىنلىكنىڭ رولىنى بەكلا مۇبالىغە قىلىپ چۈشىنىۋالغان بولسا، بۇلار قائىدە-ئىنتىزامنىڭ رولىنى ئاشۇرۇپ چۈشىنىۋالغان. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار لايىقىدا ئەركىنلىك ۋە مۇۋاپىق قائىدە-تۈزۈم ھەر ئىككىلىسىنىڭ بالىلارنىڭ ياخشى تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن ئوخشاش زۆرۈرلۈكىنى، بىرىنىڭ يەنە بىرىنى چەتكە قاقمايدىغانلىقىنى، مەسىلىنىڭ ئاچقۇچىنىڭ ئاتا-ئانىلارنىڭ بۇ ئىككىسىنى قانداق ماھىرلىق بىلەن بىرلەشتۈرۈشىدە ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشى لازىم.

ئىككىنچىدىن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى، بالىلار پىسخولوگىيەسى ۋە ئائىلە تەربىيەسىگە ئالاقىدار كىتابلارنى كۆپ ئوقۇشى كېرەك. نوپۇز تىپتىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكىنىڭ بىرى دەل پەرزەنتىنى چۈشىنىدىغانلىقىدۇر. بۇ دەل كىتاب ئوقۇش ۋە ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ. قانداق تۈزۈم تۈزۈش، قانداق ئىجرا قىلىش، بالىلار بىلەن قانداق پاراڭلىشىش، ئۇلارنىڭ پىكرىنى قانداق ئېلىش، قانداق رەت قىلىش …..قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلارنىڭ ھەممىسى ئەقلىي ئېغىر-بېسىقلىق، ئۆتكۈر پەم-پاراسەت بىلەن ئىشقا ئاشىدۇ. بۇ خىل پەم-پاراسەت بىلىم ئاساسىغا قۇرۇلسا، ئۆز رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، ئىلمىي رەۋىشتە جارى قىلدۇرالايدۇ.

ئۈچىنچىسى ئىزچىللىق. مەيلى تۈزۈم قانچىلىك ئىلمىي، مۇۋاپىق بولۇپ كەتسۇن، ناۋادا ئاتا-ئانىلار ئىجراسىنىڭ ئىزچىللىقىغا كاپالەتلىك قىلالمايدىكەن، تولا ئۈزۈلۈپ قالىدىكەن، بۇنداق تۈزۈمنىڭ پايدىسى بولمايدۇ. ھەرقانداق قائىدە-تۈزۈمنىڭ رولى ئىزچىل ئىجرا قىلىشتا. قائىدە-تۈزۈمدىن مەقسەت بولسا بالىدا ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈشتۇر. ھالبۇكى، ئادەت مەلۇم ئىش-ھەرىكەتنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش بىلەن شەكىللىنىدۇ ۋە تۇراقلىشىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇنداق ئىزچىللىق ئارقىسىدا، بالىلار ئۆزىنىڭ قىلىقلىرىغا ئاتا-ئانىسىنىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالايدۇ ۋە شۇنىڭغا ئاساسەن ئىش-ھەرىكىتىنى تەڭشىيەلەيدۇ. تۈزۈم ئاتا-ئانىنىڭ بالىدىن كۈتىدىغانلىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، ئەگەر ئىزچىل ئىجرا قىلىنسا، بۇ بالىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ھەرىكەت مىزانى بولۇپ ئۆزلىشىدۇ. ناۋادا ئىزچىل بولالمىسا ياكى ئىجرا قىلىنماسلىقنىڭ سەۋەبى چۈشەندۈرۈلمىسە، ۋە ياكى پات-پات سۈرۈشتە قىلىنىپ، خۇلاسە چىقىرىلىپ تۇرمىسا، بۇنداق تۈزۈم بالىلارنىڭ ھەرىكەت قېلىپىغا ئايلىنالمايلا قالماستىن، بالىلار پايدىلىنىدىغان يوچۇققا ئايلىنىپ قالىدۇ.

3 – ماقۇل ئۇسلۇبىدىكى ئاتا-ئانىلار

مۇستەبىت تىپتىكىلەرنى بىر قۇتۇپ دېسەك، ماقۇل تىپتىكىلەرنى پۈتۈنلەي تەتۈر يەنە بىر قۇتۇپ دېيىشىمىز مۇمكىن. بۇلارنىڭ بىرى باشقۇرۇشتا ئاشقۇن بولسا، يەنە بىرى قويۇۋېتىشتە ئاشقۇن. ئىككىنچى تىپ نوپۇز تىپى بولسا دەل بۇ ئىككىسىنىڭ ئارىسىدا مۆتىدىل يول تۇتقان تىپ ھېسابلىنىدۇ.

ماقۇل ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ تەلەپلىرىنى ئىمكانىيىتىنىڭ بېرىچە، ھەتتا ئىمكانىيىتىدىن ئاشۇرۇپ قاندۇرىدۇ، بالىلىرىنى زىيادە ئەتىۋارلايدۇ، ئەركىلىتىدۇ. پۈتۈن ئائىلە بالىنى مەركەز قىلىپ ئايلىنىدۇ. بالىلارغا قاتتىق تەلەپ قويۇلمايدۇ، رايىغا بېقىلىدۇ. بۇنداق بالىلار كىچىكىدىن تارتىپلا قەغىشلىك قىلىش، يىغلاش، باتناش، خاپا سېلىشلار بىلەنلا مەقسىتىگە يېتىپ ئادەتلەنگەن بولىدۇ. مېنىڭ كۆزىتىشىمچە، ماقۇل ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىغا زىيادە كەڭ قورساق مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئومۇمەن مۇنداق بىر قانچە سەۋەبلىرى بار:

بىرىنچىسى، ماقۇل تىپتىكى بەزى ئاتا-ئانىلار ئەسلى خۇيىدىكى زىيادە يۇمشاقلىق، مېھرىبانلىق سەۋەبىدىن، بالىلىرىغا قاتتىق تەلەپ قويۇشقا ئىچ ئاغرىتىپ قېلىپ، ئۇلارنى بولۇشىغا قويۇۋېتىدۇ. بالىلىرىنى سەل چىڭ تۇتۇشقا، تەلەپنى قاتتىقراق قويۇشقا كۆڭلى ئۇنىمايدۇ. بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيەسىگە نىسبەتەن چۈشەنچىسى بەكلا گۆدەك، ئەقلىي يۈكسەكلىكتە ئەمەس، ئۆزىنىڭ بۇنداق چەكلىمىسىز كەڭ قورساقلىقىنىڭ بالىلىرىغا ئېلىپ كېلىدىغان يامان تەسىرلىرىنى پەرەز قىلالمايدۇ، ھەتتا بۇنىڭ نېمە يامىنى دەپ ئويلايدۇ.

ئىككىنچىسى، يەنە بەزىلىرى بۇنداق مەسىلە ھەققىدە پەقەت ئويلىنىپمۇ باقماسلىقى مۇمكىن. بەزى ئاتا-ئانىلار قائىدە-تۈزۈملەر بالىلارنى بوغۇپ قويىدۇ، بۇ بالىلارغا زىيانلىق دەپ قاراپ ئەركىن بولۇشىغا قويۇۋېتىدۇ. باشتا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بۇنداق ئاتا-ئانىلار بالىلارنى ئەركىن قويۇۋېتىش تەشەببۇسىنى زىيادە مۇبالىغە قىلىپ چۈشىنىۋالغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىنى ئوبدان تەربىيەلەش ئېڭى ياخشى، قىزغىنلىقى كۈچلۈك، ئەمما مائارىپ چۈشەنچىسىدىكى مەسىلە تۈپەيلىدىن، مۇشۇ يولغا كىرىۋالغان.

ئۈچىنچىسى، يەنە بەزىلىرى بولسا، بالىسىغا ھەددىدىن زىيادە ئامراقلىق قىلىپ، ئەركىلىتىپ ئۇلارنى ئائىلىدىكى شاھزادە، مەلىكىلەرگە ئايلاندۇرۇۋالىدۇ. بۇ خىلدىكى ئاتا-ئانىلار پۇلدارلارنىڭ ئارىسىدا كۆپرەك. نېمە دېسە شۇنى قىلىپ بېرىش، پۇلنى ئايىماي بېرىش، ئويۇنچۇق، كىيىم-كېچەكلەرگە كۆمۈۋېتىش بۇنداق ئاتا-ئانىلارنىڭ ئالاھىدىلىكى.

ھالبۇكى، بىز بۇ بۆلەكتە ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلە يەنىلا بۇ خىل ئۇسلۇبنىڭ بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىدۇر.

مېنىڭچە، بۇنداق ئاساۋ ئاتتەك توساقسىز چوڭ بولغان بالىلاردا كۆپ كۆرۈلۈپ قالىدىغان يامان ئاقىۋەت ئۇلارنىڭ مەكتەپتىكى ئوقۇش نەتىجىسىدە ئەمەس- بەلكىم بۇنداق بالىلار ئاتا-ئانىسى يارىتىپ بەرگەن ياخشى شارائىتنىڭ ياردىمىدە ياخشى ئوقۇشى مۇمكىن-بەلكى، ئۇلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتى، ئادىمىيلىك خاراكتېرىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

بىرىنچىدىن، بۇنداق ئائىلىدە چوڭ بولغان بالىلارنىڭ باشقىلارنى ئويلاپ قويمايدىغان شەخسىيەتچى، ئۆزمەركەز بولۇپ قېلىش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى. چۈنكى بۇلار كىچىكىدىن باشلاپ پەقەتلا كۆڭۈل بۆلۈنۈپ، ئەركىلىتىلىپ، مەركەز قىلىنىپلا كەلگەن، باشقىچە ئېيتقاندا، قوبۇل قىلىپ، بەھرىمەن بولۇپلا ئادەتلەنگەن، تەقدىم قىلىپ ئادەتلەنگەن ئەمەس. ئادەمنىڭ باشقىلارنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلايدىغان، شەخسىيەتسىز بولۇشىدا ئۇزاق مۇددەتلىك كەچۈرمىش كۈچلۈك تەسىرگە ئىگە، كەچۈرمىشىدە تەقدىم قىلىشنىڭ نىسبىتى قوبۇل قىلىشتەك كۆپ بولمىسا، شەخسىيەتچى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئادەم ھەرگىزمۇ بىر كېچىدىلا مەرد ، سېخىي بولۇپ كەتمەيدۇ. ئۇ بىر ئۇزۇن جەرياننىڭ مەھسۇلى، بەلكىم كىچىكىدە قولىدىكى ناننىڭ يېرىمىنى باشقىلارغا بېرەلەيدىغان بالىنىڭ چوڭ بولغاندا بايلىقىنىڭ يېرىمىنى تەقدىم قىلىشى ئاسانراق بولۇشى مۇمكىن. ئادەم نەپسىنىڭ يېتەرلىك قاندۇرۇلۇشى، ئۇنى ئۇ رازى بولغىدەك دەرىجىدە قانائەت ھاسىل قىلدۇرالمايلا قالماستىن، ئەكسىچە ئىشتىھاسىنى تېخىمۇ زورايتىۋېتىدۇ. بالىلار كىچىكىدىن باشلاپ، بارلىق ئېھتىياجى ئاشۇرۇپ قاندۇرۇلۇپ چوڭ قىلىنسا، ئۇنىڭ ئېھتىياجىنىڭ مىقدارى، دائىرىسى چەكلىمىسىز زورىيىپ، ھەرقانداق ئىشتا ئاۋۋال ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنىلا ئويلايدىغان، باشقىلارنىڭ ئۆلۈش-تىرىلىشى بىلەن كارى يوق ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

ئىككىنچىدىن، بۇنداق بالىلارنىڭ ئەخلاق-پەزىلىتىدىن چاتاق چىقىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ. چۈنكى بالىلاردىكى ئەخلاق چۈشەنچىسى ئۆزىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە ئاتا-ئانىسىنىڭ قايتۇرغان ئىنكاس-باھاسىنى ئاڭقىرىش ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ، ئەگەر ئىجابىي ئىنكاس قايتۇرسا شۇ قىلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، سەلبىي ئىنكاس قايتۇرسا ئۇ قىلىقىنى تاشلايدۇ، ياكى ھېچبولمىسا، ئاتا-ئانام ياقتۇرغىنى توغرا ئىش، ياقتۇرمىغىنى يامان ئىش دەپ بىلىدۇ. مانا مۇشۇ بىلىشلەرنىڭ جۇغلىنىشى بىلەن بىر يۈرۈش ئىش-ھەرىكەت مىزانى بالىدا ئۆزلىشىشكە باشلايدۇ. ئۇلار توغرا-خاتا، ھەق-ناھەق، ئاق-قارىنى چوڭلارنىڭ ھەرخىل ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيە، باھاسىدىن ئۆگىنىدۇ. ۋەھالەنكى، ماقۇل ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى چوڭ بولغاندا ئۆزى بىلىۋالىدۇ دەپ قويۇۋەتكەچكە، كىچىكىدىن ئۆزىنىڭ خاھىشىغا ياققانلا ئىشلارنى قىلىپ چوڭ بولىدۇ. چۈنكى ئۇلاردا بىرىنچىدىن، توغرا-خاتا ئۇقۇمى غۇۋا، ئىككىنچىدىن غۇۋا بولمىغاندىمۇ، ئىرادە كۈچى ئاجىز. يامان ئىشلاردىن قول يىغىشتا ھەرگىزمۇ شۇ ئىشنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى بىلىشلا كۇپايە قىلمايدۇ. چوقۇم ئۇنى تەرك ئەتكۈدەك ئىرادە بولۇش كېرەك. ھالبۇكى، كىچىك بالىلاردا بۇنداق ئىرادە ئاجىز بولىدۇ، ئۆزىنى تەس باشقۇرىدۇ. شۇنى ئويلاپ بېقىش لازىمكى، ئۆزىنى كونترول قىلىش كىچىك بالا ئۈچۈن ئەمەس، چوڭ ئادەملەر ئۈچۈنمۇ مۈشكۈل بىر ئىش. سالامەتلىكىمىزگە زىيانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ تاماكا چېكىمىز، ھاراق ئىچىمىز، سەمرىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى بىلىپ تۇرۇپ تويۇپ كەتسەكمۇ يەنە يەيمىز، ھەتتا ئەخلاققا يات، قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ نۇرغۇن ئەخلاقسىز، قانۇنسىز قىلمىشلارنى قىلىپ سالىمىز. مانا مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىدە قۇرامىغا يەتكەن چوڭلارمۇ نەپسىنىڭ كەينىگە كىرىپ قالىدۇ، يامانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ قىلىپ سالىدۇ. دېمەك ئىنسان ئەنە شۇنداق ئاجىز مەخلۇق، شۇڭلاشقا بۇنداق نەپسىگە ئاجىز مەخلۇقنىڭ قۇرامىغا يەتكىنى ئۆزىنى باشقۇرالمايۋاتقان يەردە، گۆدەكلىرىنى ئاق-قارىنى ئۆزى بىلىۋالىدۇ دەپ تاشلاپ قويۇش ئاجايىپ ئەخمىقانىلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئىنسان ئەخلاق مىزانلىرىغا ئۆز ئاڭلىقلىقى بىلەنلا رىئايە قىلىپ كېتەلىگەن بولسا ئىدى، ئۇ ھالدا قانۇن-تۈزۈم، تۈرمە-ساقچىلار بولمىغان بولاتتى. شۇڭلاشقا، بالىلاردا ئەخلاقنىڭ يېتىلىشى بىر تەرەپتىن ئىچكى ئاڭلىقلىقنى قوزغىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تاشقى نازارەت، باشقۇرۇشنى تەرك ئەتمەسلىك بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. ھەرقانداق بىر تەرەپكە سەل قاراش مەغلۇبىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

ئەپسۇسكى، ماقۇل ئاتا-ئانىلار دەل مۇشۇ قانۇنىيەتنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە بولۇپمۇ خاتا قىلىقلىرىغا نىسبەتەن تۇتقان پوزىتسىيەسى تۇتۇق بولغاچقا، ياكى ئۆزىنىڭ مەزكۇر قىلىققا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ قوشۇلمايدىغانلىقىنى، قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئېنىق ئىپادىلىمىگەچكە، بۇ بالىلارغا نىسبەتەن بۇنى ئاتا-ئانام بەك ئېغىر ئېلىپ كەتمەيدىكەن دېگەن ئۇچۇرنى بېرىدۇ-دە، يامان ئىشلارغا جۈرئەتلىك بولۇشقا باشلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا قەيت قىلغاندەك، بالىلارنىڭ ئىرادە كۈچى ئاجىز بولغاچقا، بۇ يوچۇقنى دەل ئاتا-ئانىلارنىڭ يېقىندىن نازارەت قىلىشى، باشقۇرۇشى بىلەن تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ. ئەگەر ئائىلىدە نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىق ھەققىدە ئېنىق تۈزۈم بولسا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە قارىتا ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئوچۇق بىلدۈرۈپ تۇرسا، ئاندىن بالىلار نېمىش قىلىشنى، نېمىنى قىلماسلىقنى بىلەلەيدۇ، گاڭگىرىمايدۇ، ھېچبولمىغاندا، خاتالىق سادىر قىلىپ سالسىمۇ، ئۇنىڭ خاتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۆكۈنۈش تۇيغۇسىدا بولىدۇ.

دېمەك، بالىلارنىڭ ئىش – ھەرىكىتىنىڭ ئەخلاق قېلىپىغا ئۇيغۇنلىشىشى ئۈچۈن، ئاتا-ئانىنىڭ ئىرادىسىنى بالىغا ئېنىق ئۇقتۇرىدىغان ئەخلاقىي قائىدىلەرنى بېكىتىش زۆرۈردۇر. ئاتا-ئانىلار شۇنى ئەستىن چىقارماسلىقى لازىمكى، ئەخلاق ئۆگىنىۋالىدىغان بىلىم ئەمەس، بەلكى، سىڭدۈرۈلىدىغان ئاڭ، ئادەتلەندۈرۈلىدىغان ئەخلاق ئۆلچىمىدۇر. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، ئەخلاقىي قائىدە-تۈزۈم كۈچلۈك ئەمەس ئائىلىدە مۇھىتى بالىلارنىڭ ئەخلاقىي يېتىلىشىگە پايدىسىز دېيىشكە بولىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، خۇددى مۇستەبىت ئائىلىلەردە چوڭ بولغان بالىلاردەك، بۇنداق بالىلاردىمۇ ئۆزىگە تايىنىش، مۇستەقىلچانلىق ئاجىز بولىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنىڭ رايىغا باققانلىقى، ئەركىن قويۇۋەتكەنلىكى ماھىيەتتە، بالىلىرىنىڭ ھەممە ئىشىنى قىلىپ بەردى، توققۇزىنى تەل قىلدى دېگەنلىكتۇر. ھەممە ئىشىنى ئاتا-ئانىسى قىلىپ بېرىدىغان مۇھىتتا چوڭ بولغان بالىلارنىڭ تەييارتاپ، ھۇرۇن بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەممىمىز ھېس قىلالايدىغان ئاددىي ھەقىقەتتۇر. شۇڭا بۇنى يەنىمۇ چوڭقۇرلىغان مۇلاھىزىگە ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.

4-كارى يوقلار

كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، يۇقىرىقى تۆت تىپنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مەسئۇلىيەتسىز تىپ دەل مۇشۇدۇر. بەلكىم بۇنداق ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئاز نىسبەتنى ئىگىلىشى مۇمكىن. چۈنكى پەرزەنت بۇرچى، مەسئۇلىيىتى ھەممە ئاتا-ئانا تەبىئىي ئېتىراپ قىلىدىغان، تەشەببۇسكارلىق، قىزغىنلىق بىلەن ئۈستىگە ئالىدىغان ئۇلۇغ مەسئۇلىيەتتۇر. بالىسى بىلەن كارى بولماسلىق ھەرقانداق جەمئىيەت ئورتاق ئەيىبلەيدىغان ئېغىر قىلمىشتۇر. ئاتا-ئانىسى كارى بولمىغان بالىلارنىڭ ئەقلىي، جىسمانىي، ئەخلاقىي ھەممە تەرەپلەردىن ساغلام يېتىلەلمەيدىغانلىقى ھەم ھەممە قوبۇل قىلىدىغان پاكىتتۇر. شۇڭلاشقا، مەن بۇ تىپ ھەققىدە توختىلىش ھاجىتى يوق قارىغانلىقىم ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك بايان بىلەن كۇپايىلىنىمەن.

خاتىمە

ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈشنى زۆرۈر ھېسابلايمەن، مەيلى دىئاننا خانىم يەكۈنلىگەن يۇقىرىقى تىپلار بولسۇن ۋە ياكى بۇ ھەقتىكى مېنىڭ مۇلاھىزىلىرىم بولسۇن، ئاخىرقى ھېسابتا يەنىلا نىسپىي ھۆكۈم-يەكۈنلەردىن ئىبارەت. بۇلار پەقەت كۆپىنچە ئەھۋالدىكى نەتىجىنى ۋە ئومۇملۇقنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ھەرقانداق ئومۇملۇقنى رەت قىلىدىغان مىساللارنىڭ ئۇچراپ تۇرۇشى بىر قانۇنىيەت. مەسىلەن: بالىلارنىڭ ئەخلاقىنى شۇنچە چىڭ تۇتىدىغان مۇستەبىت ئائىلىدىن، ناھايىتى تاپتىن چىققان، بىھايا بالا چىقىپ قېلىشى، شۇنداقلا، كارى يوق ئائىلىدىن ئەخلاق، ئوقۇش جەھەتلەردە ئادەمنى تاڭ قالدۇرىدىغان مۇنەۋۋەر بالىلار چىقىپ قېلىشى ھەم مۇمكىن. ئەمما تەتقىقات نەتىجىسى يۇقىرى نىسبەت، يۇقىرى ئېھتىماللىقنى ئىسپاتلاپ بەرسە قوبۇل قىلىشقا تېگىشلىك پاكىت ھېسابلىنىدۇ. ھەم بۇخىل يەكۈنلەرنى ئومۇمىي ھۆكۈم سۈپىتىدە قوللىنىشقا بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئايرىملىقلارنى ھەم تولۇق ئىنكار قىلمايمىز. ماھىيەتتە، ئايرىملىقنىڭ مەۋجۇتلۇقى دەپ ئومۇمىيلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. ئىجتىمائىي، ئادىمىيەت پەنلىرىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ھۆكۈم، نەزەرىيەلەرنىڭ ھەممىسى نىسپىي بولىدۇ، ئۇلارنىڭ توغرىلىقى نۇرغۇنلىغان تاشقى ئامىللارغا تايىنىدۇ. ھەرقانداق قاراش، ھەرقانداق ئېقىم، ھەرقانداق نەزەرىيەنىڭ رەقىبلىرى بولىدۇ، يەنە كېلىپ ھەممىسىنىڭ تەجرىبىۋىي، مەنتىقىلىق ئاساسلىرى بولىدۇ، بۇنىڭغا جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە…قاتارلىق پەنلەردىن تالاي مىساللارنى كەلتۈرۈش مۇمكىن. شۇڭلاشقا ئىجتىمائىي پەنلەرنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىگە مۇئامىلە قىلغاندا، ئومۇمىيلىقنى ئاساس قىلىش، ئايرىملىقنى رەت قىلماسلىق ئىلمىيلىكتۇر. بىز دەل مۇشۇ نۇقتىدىن يۇقىرىدا بايان قىلىنغان ئاتا-ئانىلىقنىڭ تۆت تىپىغا مۇئامىلە قىلغىنىمىزدا، ئاندىن بۇلارنى ئوبيېكتىپ ، ئىلمىي چۈشىنەلەيمىز.
مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنىستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش