ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇسەللەس شېئىرى شەكلى توغرىسىدا

لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇسەللەس شېئىرى شەكلى توغرىسىدا

مۇھەممەتتۇرسۇن ھەسەن

مۇسەللەس ئۇيغۇر مىللىي شېئىرىيىتىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزاق شېئىرىي شەكىللەرنىڭ بىرى. بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلار خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىدىمۇ ئۇچرايدۇ. كىلاسسىكلارمۇ بۇ شەكىلدە شېئىر يازغان. ھازىرقى شائىرلارمۇ يېزىۋاتىدۇ.

مۇسەللەس شېئىرى شەكلىنىڭ تۈزۈلۈش ئالاھىدىلىكى مۇنداق: ھەر بىر كۇپلېتى ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلىدۇ. ئۇنىڭ بىرىنچى كۇپلېتىدىكى ئۈچ مىسرا ئۆزئارا قاپىيداش، كېيىنكى كۇپلېتىنىڭ ئالدىنقى ئىككى مىسراسى ئۆزئارا قاپىيداش، ئۈچىنچى مىسراسى بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيداش قىلىپ يېزىلىدۇ. بىرىنچى كۇپلېتقا قاپىيداش بولۇپ كەلگەن ھەر بىر مىسرا شۇ كۇپلېتتىكى ئالدىنقى ئىككى مىسرانىڭ مەزمۇنىنى خۇلاسىلەپ، كۇپلېتلارنىڭ مەزمۇنىنى تولۇقلاش، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىر پۈتۈنلۈككە ئايلاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ.

مۇسەللەس شېئىرى شەكلىنىڭ قاپىيە تۈزۈلۈشى جەھەتتە يۇقىرىدا تىلغا ئالغىنىمىزغا ئوخشىمايدىغان يەنە بىر خىل شەكلىمۇ بار. بۇ شەكىلدە يېزىلغان شېئىرلارنىڭ ھەر بىر كۇپلېتى ئۈچ مىسرادىن تۈزۈلىدۇ. بىراق ھەر بىر كۇپلېتتىكى مىسرالار ئۆز ئالدىغا ئايرىم قاپىيەلىنىپ كېلىدۇ. ھەر بىر كۇپلېتتىكى پىكىر ئالدىنقى كۇپلېتتىكى پىكىرنى تولۇقلاپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ماڭىدۇ. بىز توختالماقچى بولغان لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدىكى مۇسەللەس شېئىرى شەكلى ئىككىنچى خىل شەكىلدە توقۇلغان قوشاقلاردۇر.

‹‹لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى›› ناملىق توپلامغا خېلى كۆپ مۇسەللەس شەكلىدىكى قوشاق كىرگۈزۈلگەن. بۇ قوشاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۈچ تۇراق، 11 بوغۇمدىن ياكى ئۈچ توراق 13 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. مىسال:

‹‹تىكەنلىكتىن چاراغا مىنىپ ماڭىمەن ئۇلاق،

قىلغانداقى ئىشىڭنى ئاڭلاپ تۇرادۇ قۇلاق،

غارىبلار نالە قىلسا چۆللەردە چىقادۇ بۇلاق.

قارىسام كۆرۈنمەيدۇ ياڭى كۆلىنى قۇمۇ،

جىنىمنى چاقىۋەتتى ئاۋۇ جايلىنىڭ شۇمۇ،

ھاراۋاغا تىم بوپتۇ خەخلەرنىڭ ياتقان ئۇنۇ.

………………………….

ئاغىز تەگسەم بولامدۇ ئەتكەندىكى ئاشىڭغا،

سەكسەن يىگىت كەينىڭدە ئوسما قويۇپ قاشىڭغا،

سەن مىنى يولاتمايسەن يولاقمىدىڭ قاشىڭغا.

ئاغامنى دۆلىتىدە ئەمدى كەيمەيمەن چەكمەن،

دوشماننى ئابى توتوپ پوتۇمغا تەگدى كەتمەن،

شۇ مالەنى ئىچىدە ئاغام بىلەن مەن دەتمەن.››

‹‹لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى›› 357 – بەت.

ئەمدى بۇ قوشاق توغرىسىدا ئىنچىكە توختىلىپ باقايلى. بۇ ‹‹ئاۋول ئاتا قوشىقى›› شەكىل جەھەتتىن مۇسەللەس شېئىرى شەكلىدە توقۇلغان، ھەر بىر كۇپلېتتىكى مىسرالار ئۆز ئالدىغا ئايرىم قاپىيەلىنىپ كەلگەن، ئۈچ تۇراق 14 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن. قارىساق، ھەممە كۇپلېتتىكى مىسرالار ئاساسەن توق قاپىيەدە كەلگەن، مەزمۇن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە قىلىنغان. بۇ ئاۋول ئاتا تەرىپىدىن توقۇلغان قوشاق بولۇپ، 26 كۇپلېتتىن تۈزۈلگەن. ھەممە كۇپلېتلار مەيلى شەكىل جەھەتتىن بولسۇن، تۈزۈلۈش جەھەتتىن بولسۇن، تۇراق، بوغۇم، قاپىيە جەھەتتىن بولسۇن ياكى مەزمۇن بىرلىكى جەھەتتىن بولسۇن باشتىن ئاخىر ئىزچىللىقنى ساقلىغان. بۇ قوشاقلادىن شۇنى قىياس قىلىمىزكى، ئەگەر ئاۋول ئاتا ساۋاتلىق كىشى بولسا، جەزمەن كىلاسسىك شېئىرىيەت مىزانلىرىدىن خەۋىرى بار، بەدىئىي تىلغا ماھىر، قەلىمى پىشقان شائىر. ئۇ شېئىرنى ئالدى بىلەن قەغەزگە يېزىۋېلىپ، ئاندىن يادقا ئېلىپ ئوقۇپ، جامائەتكە تارقاتقان. ئەگەر ئۇ ساۋاتسىز كىشى بولسا، ئۇنىڭ توقۇغان قوشاقلىرىنى ساۋاتلىق بىرسى خاتىرىلىۋېلىپ، بەدىئىي جەھەتتىن پىششىقلاپ، ئاندىن باشقىلارغا تاراتقان بولۇشى مۇمكىن، ياكى بولمىسا ئاۋول ئاتا ساۋاتسىز بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ قوشاقلار ئوزاق يىل ئېيتىلىش جەريانىدا تىل جەھەتتىن پىششىقلىنىپ، بوغۇم، قاپىيە جەھەتتىن تەڭشىلىپ، ھازىرقى ھالەتكە كەلگەن ياكى كېيىن توپلاپ، رەتلىگۈچىلەر تەرىپىدىن ئازراق ئىش قوشۇلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى قوشاقنىڭ تىلى گۈزەل، بوغۇملىرى ئاساسىي جەھەتتىن تەڭ ھەم ئۇزۇن، قاپىيەلىرى كۆپىنچە توق قاپىيەدە كەلگەن. بۇنداق ئالاھىدىلىكلەر بىزنى ئاۋول ئاتا ۋە ئۇنىڭ قوشاقلىرى توغرىسىدا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەتراپلىق ئىزدىنىشكە تەقەززا قىلىدۇ. توپلامدا يەنە ئاۋول ئاتىنىڭ چارالىق داڭلىق قوشاقچى ئىكەنلىكى، چارالىقلارنىڭ كۈزلەك خەلقى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرەدە، كۈزلەكلىك قوشاقچىلارنى يېڭىۋالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. ئىككى مەھەللە قوشىقىمۇ ئوخشاشلا مۇسەللەس شەكلىدە توقۇلغان. دېمەك، بۇ كىشى بۇ شەكىلدە ئۆزىگە خاس مېتود شەكىللەندۈرگەن. 11، 13 بوغۇمدىن تۈزۈلگەن مۇسەللەس شەكلىدىكى بۇنداق قوشاقلار باشقا يۇرت خەلق قوشاقلىرىدا ئۇچرىمايدۇ. بۇ خاس لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا ئۇچرايدىغان بىر خىل شېئىرىي شەكىل. شۇڭا بۇ شەكىل ئالاھىدە تەتقىق قىلىش قىممىتىگە ئىگە.

‹‹لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى››دە يەنە ‹‹ئاغرىنىش›› ناملىق ماۋزۇ ئاستىدا مۇسەللەس شېئىرى شەكلىدە توقۇلغان 11 كۇپلېتلىق بىر قوشاق بار. ئەمدى بۇ قوشاقتىن مىسال ئېلىپ كۆرۈپ باقايلى:

‹‹تانىۋېلىپ سوزوڭدىن ماڭا قىلدىڭ ئاھانەت،

دوشماننى جانى چىقسون تورغاي قالسون سالامەت،

يورتوڭغا يانىپ ماڭساڭ خودايىمغا ئامانەت.

بو يەردىن ماڭغان كۈنۇ شەرىگە كۈنى يەتسە،

تاقەت قىلىپ تورالمايسەن ئومىد ئۈزۈۋەتمەي كەتسە،

سەن تارتقان دەرتلەر چاغلىق مىنىڭ دەردىم يۈز ھەسسە.

كەينىڭدىن ئىزدەپ بارىپ تاپالمادىم جايىڭنى،

ئالتون – كومۇشچە باردو ساتىۋالاي بايىڭنى،

ئالەمگە تاراتقوزدوڭ يۈرەك پارىم رامىڭنى.››

‹‹لوپنۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى جەۋھەرلىرى›› 357 – بەت.

بۇ قوشاقلار ئوخشاشلا مەيلى تىل جەھەتتىن بولسۇن، تۈزۈلۈش جەھەتتىن بولسۇن ياكى رىتىم، قاپىيە جەھەتتىن بولسۇن، ناھايىتى ياخشى توقۇلغان قوشاقلاردۇر، قاپىيەسىمۇ ئاساسەن توق قاپىيەدە كەلگەن. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا مۇسەللەس شېئىرى شەكلىدە توقۇلغان قوشاقلار خېلى كۆپ سالماقنى ئىگىلەيدۇ. بۇ شەكىل باشقا يۇرت خەلق قوشاقلىرىدا ئۇچرىمايدىغان ئالاھىدە شەكىل. مۇسەللەس شېئىرى شەكلى ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدە خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن باشقا يۇرت خەلق قوشاقلىرىدا ئۇچرىماسلىقى بىزنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ؛ بۇ شەكىلدىكى قوشاقنى توقۇغانلار ئادەتتىكى قوشاقچىلارمۇ ياكى قەلىمى پىشقان شائىرلارمۇ؟ ئەگەر ئادەتتىكى قوشاقچىلار بولسا، قانداق بىر مۇھىت ئۇلارنى مۇشۇنداق يۇقىرى سەۋىيەدە قوشاق توقۇيدىغان شارائىتقا ئىگە قىلدى؟ ئەگەر يازما ئەدەبىياتقا تەۋە شائىرلار بولسا، بۇ قوشاقلار قانداق قىلىپ ئېغىز ئەدەبىياتىغا تەۋە بولۇپ قالدى؟ بۇ شائىرلارنىڭ باشقا شېئىر توپلاملىرىنى تېپىش ئىمكانىيىتى بارمۇ – يوق؟ دېگەنلەر ئۈستىدە ئويلاندۇرىدۇ. لوپنۇر توغرىسىدا ئىزدىنىۋاتقانلار بۇ تەرەپلەرنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىۋەتمەسلىكى كېرەك.

مۇسەللەس شېئىرى شەكلى ئۇيغۇر مىللىي شېئىرىيىتىمىزدىكى ئاساسلىق شېئىرىي شەكىللەرنىڭ بىرى بولسىمۇ، لېكىن كىلاسسىكلىرىمىز ئارىسىدا مۇسەللەس شېئىرى شەكلىدە شېئىر يازغانلار ناھايىتى ئاز. ھازىر بەزى شائىرلىرىمىز مۇسەللەس شېئىرى شەكلىدە شېئىر يېزىپ ئېلان قىلىۋاتىدۇ. بۇ شەكىلدە ئارۇز ۋەزنىدىمۇ، بارماق ۋەزنىدىمۇ يازغىلى بولىدۇ. بۇ شەكىلدىكى شېئىرلارنىڭ كۆپ يېزىلماسلىقى بۇ شەكىلنىڭ مۇرەككەپلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىدا بۇ شەكىلدە توقۇلغان قوشاقلارنىڭ كۆپلۈكىدىن بۇ شەكىلنىڭ بىز ئويلىغاندەك ئۇنداق تەس شەكىل ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەگەر بەزى شەكىللەردە ئۇزاق مۇددەت شېئىر يېزىلمىسا، ئەۋلادلارنى بۇ شەكىلدىن خەۋەرسىز قالدۇرۇپ قويىمىز.

لوپنۇر سېھىرلىك ماكان بولۇش بىلەن بىللە، لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىمۇ ئوخشاشلا بىزنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ. لوپنۇر خەلق قوشاقلىرىنى يەنە شەكىل جەھەتتىن، تېما جەھەتتىن، تۈزۈلۈش جەھەتتىن، زامان، ماكان خاسلىقى جەھەتتىن، دىيالىكىت جەھەتتىن تەتقىق قىلساق، يەنە ئوخشاشمىغان نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىمىز مۇمكىن.

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش