ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا…

ئەكەل قولۇڭنى، دۇنيا…

ــــ كۆپ قىرلىق ئۇستاز پەرھات جىلاننىڭ ئىلمىي، ئەدەبىي ئەمگەكلىرى بايانىدا

غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، پەرھات ئاكا، سالامەت تۇرۇۋاتامسىز؟!

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تېچلىقمۇ، ھازىرچە دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلاردىن يىراقتا يۈرۈۋاتىمەن، يىلدا بىرنەچچە قېتىم زۇكام بولۇشۇمنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باشقا چاتاقنى ھېس قىلمىدىمغۇ!

يەنىلا سىز ياش جۇمۇ! ئاتتەك تۇرۇپسىز مانا!

نېمە دەيدىغانسىز… 70 تىن ئاشتۇق دەڭە…

90 غا كىرسىڭىزمۇ يىگىتسىز… مەڭگۈ يىگىتلىكىڭىزنى يوقاتماڭ ئاكا!

ئۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىم كۆرۈشسەك، ئەنە شۇنداق بىرنەچچە ئېغىزدىن چاقچاقلىشىپ، ئەينى يىللىرى يۇقارقى تاغ (نەنسەن)قا چىققان دەملەرنى ئەسلىشىپ، كۆڭلىمىزنى كۆتۈرۈۋالىمىز.

1

ئادەم تۇغۇلۇپ بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغاندىن كېيىن، قانداق كىشىلەر بىلەن «ھەمسەپەر» بولۇشى ئادەمنىڭ تەلىيىگە باغلىق بولسا كېرەك. كىچىكىمدە تۇنجى مەكتەپكە كىرگىنىمدە ئاتا- ئانامنىڭ «قانداق ئادەمنىڭ بالا-ۋاقىلىرى بىلەن ساۋاقداش بولدۇڭ؟» دەپ سورىغىنى ھېلىمۇ ئېسىمدە. ئۇ چاغلاردا بۇ گەپنىڭ ۋەزىنىگە ئانچە ئېرەن قىلمىغان ئىكەنمەن، كېيىنچە بۇ گەپنىڭ ئادەمنىڭ خاراكتېرى، مىجەز- خۇلقى، قىيىنچىلىق ۋە ئوڭۇشسىزلىقلاردىن ھالقىشىڭدا مۇھىم روللارنى ئوينايدىغان ۋاسىتە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتتىم. چۈنكى بالا ۋاقتىڭدىكى ساۋاقداشلىرىڭنىڭ بىر قىسمى كېيىنكى كىشىلىك تۇرمۇشۇڭدىكى «ھەمسەپەر» لىرىڭ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن. ئادەم باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ تاكى جەمئىيەتكە چىققۇچە، ھەتتا جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ساۋاقداش بولۇپ قالىدىكەن. بۇلارنىڭ بەزىلىرى بىلەن تەپەككۇر ئۇسۇلىمىزدىكى ئوخشاشلىقلار سەۋەبلىك پىكرىمىز بىر يەردىن چىقىپ، مەڭگۈلۈك سىرداش دوستلاردىن بولۇپ قالىدىكەنمىز، بەزىلىرى بىلەن كۆرۈشكەندە ھالىمىز قالماي، كۆرۈشمىسەك كارىمىز بولماي بۇ جاھاندىن ئۆتۈپ كېتىدىكەنمىز. شۇنىڭغا ئوخشاشلا خىزمەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ قانداق ئادەملەر بىلەن خىزمەتداش بولۇپ قېلىشمۇ شۇ كىشىنىڭ كەسپىي، ئىجتىمائىي ھاياتىغا تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدىكەن.
1990- يىلى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئۈرۈمچىگە قەدەم قويدۇم. ئۇ ۋاقىتتا قەلبىمدە ھەم خۇشاللىق، ھەم ئەندىشە تەڭلا مەۋجۇت ئىدى. خۇشاللىقىم ئەمدى خىزمەتكە چىقىپ مۇستەقىل تۇرمۇش كەچۈرىدىغان «چوڭ» ئادەم بولغانلىقىمدىن بولسا، ئەندىشەم بېيجىڭدا قېلىپ خىزمەت قىلىش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەلدىم، ئەمدى ئۆزۈم ياقتۇرىدىغان بىرەر خىزمەت ئورنىغا ئېرىشەلەرمەنمۇ؟ دېگەندىن ئىبارەت ئىدى. گەرچە ئۇ چاغلاردا ھۆكۈمەت بىر تۇتاش خىزمەتكە تەقسىم قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەكتەپ ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا قارىتىپ يېزىپ بەرگەن تونۇشتۇرۇشۇم قوينۇمدا بولغاچقا، ھازىرقىدەك خىزمەت تاپالارمەنمۇ؟ دېگەن ئەندىشە ئەمەس، پەقەت ئىشىم ئوڭۇشلۇق بولارمۇ؟ قانداق ئادەملەر بىلەن خىزمەتداش بولارمەن؟ دېگەن ئەندىشىلا مەۋجۇت ئىدى، خالاس. خىزمەت ئورنۇم 10 كۈن ئىچىدىلا مۇقىملاشتى، ئارىدا بىرنەچچە ئورۇن ئىشلەشكە تەكلىپ قىلغان بولسىمۇ، يەنىلا ھازىرقى ئورنۇمنى تاللاپ مۇقىملاشتۇردۇم. چۈنكى بۇ ئورۇندا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئىبراھىم مۇتىئىي، ئەھمەد زىيائىي، ئامىنە غاپپار، مىرسۇلتان ئوسمان، ئابدۇشۈكۈر تۇردى… قاتارلىق پېشقەدەم ئالىملىرىمىز خىزمەت قىلغان، بۇ ئورۇننى جاھانغا تونۇتقانىدى. ئىجتىمائىي پەنگە ھەۋەس قىلىدىغان ھەر بىر زىيالىنىڭ قەلبىدە بۇ ئورۇننىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى» دېگەن نامى ھۆرمەت بىلەن تىلغا ئېلىناتتى.
خىزمەت ئورنۇمغا كېلىپ، ئىنستىتۇتىمىزنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى رەھبىرى خەلىم سالىخ ۋە پەرھات جىلان ئاكىلار بىلەن كۆرۈشتۈم. بۇ ئىككىسىنىڭ نامىمۇ ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىلا قەلبىمگە «كۆپ قىرلىق زىيالىي» سۈپىتىدە ئورنىغانىدى. خەلىم سالىخ تىل تەتقىقاتچىسى بولۇشتىن تاشقىرى، ھەرقايسى ئەدەبىي ژۇرناللاردىكى شېئىرلىرى، چەت ئەلنىڭ رومان ۋە ھېكايىلىرىنى تەرجىمە قىلىپ، كىتاب ھالەتتە نەشر قىلدۇرغان شائىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان سۈپىتىدە شۇ ۋاقىتلاردا ھەممىگە تونۇشلۇق ئىدى. پەرھات جىلاننىڭ «پۇل»، «ئالتۇن قاندىكى توي» قاتارلىق ھېكايىلىرىنى ۋە «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىدىن پارچىلار بىلەن غايىۋى تونۇشقانىدىم. بۇ ئىككىسىنىڭ ئىجادىيەت ۋە ئىلمىي ئەمگەكلىرى «ئەدەبىيات ئىنستىتۇتىغا يۆتكىلەتتىم، ئەدەبىيات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىناتتىم» دېگەن غەلۋىلىرىمنى بېسىقىغا چۈشۈردى. شۇنداق، بۇلارمۇ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدا ئىشلەپ تۇرۇپمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن، تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىۋېتىپتىغۇ! مەنمۇ تىرىشىپ باقاي!
رەھىمسىز ئەجەل خەلىم سالىخ ئاكىنى 1992- يىلى 54 يېشىدا بىزدىن ئايرىدى. ئىنستىتۇتىمىزدا كەسپىي يېتەكچىمىزدىن پەرھات جىلان ئاكىلا قالدى. كۆپ ئۆتمەي ئۇنىڭ نەچچە يىللىق تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرلىرىنىڭ، ئۇزۇن كېچىلەردىكى تولغىنىشلىرىنىڭ مەھسۇلى بولغان «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى نەشردىن چىقىپ، مەملىكەت ئىچى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەردە زىلزىلە پەيدا قىلدى. بىز ئىشخانىدا پاراڭلىشىپ قالاتتۇق، بەزىدە بىرنەچچە ياش ۋە ئوتتۇرا ياشلىقلار پارىڭىمىزنىڭ ئاخىرىنى ئولتۇرۇشقىمۇ ئايلاندۇرۇۋېتەتتۇق. مەن پەرھات ئاكا بىلەن كۆپرەك ئەدەبىيات ھەققىدە پاراڭلىشىپ قالاتتىم، بەزىدە يازمىلىرىمنى كۆرسىتىپ، ئۇنىڭدىن پىكىر ئالاتتىم.
«مەھمۇد قەشقەرى»، «ئورخۇن شەجەرىسى»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق رومانلىرى، «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» ناملىق ھېكايىلەر توپلىمى، «گۇاڭجۇ شامىلى»، «ئاجايىپ سەپەردىكى ئاجايىپ ئىشلار»، «ئاق ئېتىم»، «پەرھات ۋە شېرىن ھەققىدە يېڭى قىسسە» قاتارلىق پوۋېست- قىسسىلىرى؛ «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە»، «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلار»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر»، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخىدىن ئوبزور»، «تۈركىي تىللار ىلەن رۇس تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى»، «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ مەسىلىلىرى»، «تۈركىي تىللاردىكى ر ~ ز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشىگە نەزەر»، «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى»، «19- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان»، «تىل تەتقىقاتى يولىدا» قاتارلىق ئۇيغۇر ۋە تۈركىي تىللارنىڭ ھەرقايسى دەۋرلىرىگە ئائىت 20 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى بىلەن ئەلنىڭ قەلبىدە يازغۇچى، تىلشۇناس، تەرجىمان ئاتىلىپ كېلىۋاتقان، كىشىگە جىمغۇردەك تۇيغۇ بېرىدىغان، كەمتەر، كىچىك پېئىل، ئېغىر- بېسىق مىجەزى، ئورۇنلۇق گەپ- سۆزلىرى، دىلغا ھۇزۇر بېغىشلايدىغان چاقچاقلىرى، چىقىشقاقلىقى بىلەن كۆپنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن بىرگە ماھىر، كۆپكە قادىر ئۇستاز پەرھات مۇھەممەدئېلى جىلان ئاكا بىلەن 15 يىل خىزمەتداش بولۇپ ئۆتۈپتۇق، مانا ئاكا- ئىنى، ئاغىنە بولۇپ ئۆتۈۋاتقىنىمىزغىمۇ ھەش- پەش دېگۈچە 26 يىلدىن ئېشىپتۇ. بۇ جەرياندا پەرھات جىلان ئاكىنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت، تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگەكلىرى ھەققىدە «‹پۇل›دىن ‹مەھمۇد كاشىغەرىي›گىچە» ناملىق سۆھبىتىمىزنى «شەرقىي تۈركىستان ئىشچىلار ھەرىكىتى» ژۇرنىلىنىڭ 1999- يىللىق 4-5- بىرلەشمە سانىدا ئېلان قىلدۇردۇم، 2007- يىلى شەرقىي تۈركىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى «پەرھات جىلان ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى، يىغىندا مەن پەرھات جىلان ئاكىنىڭ مەخسۇس تەرجىمە ئەمگەكلىرى ھەققىدە توختىلىپ، «تىل تەتقىقاتى ئۈچۈن سېلىنغان ‹كۆۋرۈك›» ناملىق ماقالەمنى ئوقۇدۇم. بۇ ماقالە «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2013- يىلى 5- ئاينىڭ 8- كۈنىدىكى سانىدا تولۇق بىر بەتكە بېرىلدى.
شۇنداق، تۆھپىكارلىرىمىز ھەققىدە قانچىلىك سۆزلىسەك ئەرزىيدۇ، بىر ئەسەرنى مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ نەچچە يىللاپ يېزىپ تاماملاپ، بىر ناخشىچىنىڭ بىر ناخشىدىن تاپقان «ئۆرۈمە»سىنىڭ نەچچىدىن بىرىنى تاپالمايدىغان جاپاكەش زىيالىي بارىغا شۈكرى قىلىپ، ئاددىي- ساددا تۇرمۇشىنى ياشاپ كېتىۋېرىدۇكى، ھېچكىمدىن ھېچنېمە تەلەپ قىلمايدۇ.
زىيالىي دېگەن نېمە؟ زىيالىي دېگىنىمىز ─ زىيا (نۇر) + لى (لىق)، يەنى نۇرلۇق ھەم نۇر تاراتقۇچى، ئۆگىنىپ ئىگىلىگەن بىلىم نۇرىدىن ئەتراپىدىكىلەرنى بەھرلەندۈرگۈچى دېمەكتۇر. ئوقۇپ ئەرشئەلاغا چىقىپ كەتسەڭمۇ، ئەتراپىڭدىكىلەر ئۇنىڭدىن بەھرلىنەلمىسە، سەن زىيالىي ئەمەس!!! مۇنتىزم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس، ماگىستېر، دوكتۇر دەرسلىكلىرىنى تاماملاپ، ئىلمىي ئۇنۋان تاجىنى بېشىڭغا كىيەلمىگەن بولساڭمۇ، ئەمەلىي تۇرمۇش جەريانىدا جۇغلىغان تۇرمۇش ھاسىلاتلىرىنى ئاكتىپ كۈچ تەرىقىسىدە تارقىتىپ، ئەتراپىڭدىكىلەر ۋە ئەۋلادلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن سۇنالىساڭ، ئۇلارنى نەپكە ئېرىشتۈرەلىسەڭ زىيالىسەن!!! مۇشۇلارنى ئويلاپ بىر ئادەمنىڭ ئىلمىي ئەمگەكلىرىگە لىللا باھا بېرىشمۇ بىزدە تېخى مۇكەممەللىشىپ بولالماپتۇ، دەپمۇ ئويلاپ قالدىم. نېمىشقا مۇشۇنداق بولىدۇ؟ بەلكىم بىزدىكى ئۆزىمىزگە قويۇلغان زىيادە تەمەننا، باشقىلار بىزدىن ئېشىپ كېتەرمۇ دەپ قۇسۇر ئىزدەش، ھەسەت بىلەن ھەسرەتتىن پۈتكەن، رەنجىش بىلەن كۆرەلمەسلىكنى ئوراپ تۇرغان ئۆزىمىزدىكى ئاجىزلىققا باھانە- سەۋەب ئىزدەشتەك مۇرەككەپ پىسخىكىلىق ئاجىزلىق ھەممە يەرنى قاپلاپ كەتكەچكە، يا ئۆزىمىز قىلالماي، يا باشقىلار قىلغاننى ياراتمايدىغان بىنورمال روھىي ھالەتكە كىرىپ قالغان ئوخشايمىز.
خوش، ئەمدى بۇ يازمىمىزنىڭ باش پېرسۇناژى پەرھات جىلان ئاكا بىلەن تونۇشۇپ چىققاچ، قالغان مۇلاھىزىمىزنى داۋاملاشتۇرايلى.
پەرھات جىلان 1945- يىلى 8- ئاينىڭ 8- كۈنى غۇلجا شەھىرىدە خىزمەتچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەدئېلى جىلانوپ ئاكا ئەينى ۋاقىتتا «ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى» ھۆكۈمىتىدە يۇقىرى دەرىجىلىك خادىم ئىدى، شۇڭا پەرھات جىلان توققۇز ياشقا كىرگەندە ئۇنى رۇس مەكتەپكە ئوقۇشقا بېرىدۇ. ئۇ 1954- يىلىدىن 1961- يىلىغىچە غۇلجا ۋە ئۈرۈمچىدە رۇس باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقىدى. 1961- يىلىدىن 1966- يىلىغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇرچە تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقىدى. 1967- يىلىدىن 1979- يىلىغىچە بولغان 12 يىل داۋاىدا قۇيمىچىلىق ئىشچىسى، تاشچىلىق، ھەرىكەش، تۆمۈريول رېمونت قىلغۇچى بولدى ۋە تۈرلۈك ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللاندى.
ـــ تولۇقسىز ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدا، ــ دەيدۇ ئۇ ئۆزىنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت ھەۋىسى ئۈستىدە توختىلىپ، ـــ بىر قاتار شېئىرلارنى يازغانىدىم، بۇ شېئىرلىرىمنىڭ بەزىلىرى ھازىرمۇ ئۆزۈمگە يارايدۇ. 1969- يىلى «پۇل» ناملىق تۇنجى ھېكايەمنى يازدىم، ئۇ خاتىرىلەردە تۈركىيەلىك مەلۇم ئاپتورنىڭ ھېكايىسىكەن دېگەن نام بىلەن تارقىلىپ يۈردى، دوستلىرىم ئاپىرىن ئوقۇشتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆز قەلىمىمگە بولغان ئىشەنچىم ۋە ئىجادىيەتكە بولغان ھەۋىسىم تېخىمۇ كۈچەيدى.
دېمەك، ئۇنىڭدىكى ئەسلىدىن بار بولغان يېزىقچىلىق خۇرۇچىغا قىزىقىش- ئىشتىياق ۋە تىرىشچانلىقى قوشۇلۇپ، كېيىنكى يېزىقچىلىق، تەتقىقات ۋە تەرجىمە ساھەسىدە ئۇتۇق قازىنىشىغا تۈرتكە بولغان. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈشىگىلا «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» باشلىنىپ كېتىدۇ، بۇنىڭغا ئەينى يىللىرى شەرقىي تۈركىستان رەڭلىك مېتال ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغان دادىسىغا كىيگۈزۈلگەن ھەر خىل قالپاقلار قوشۇلۇپ، تېخىمۇ ئۆرلەپ ئوقۇش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ. ئۇ ئامالسىز جان بېقىش ئۈچۈن ئۇلانباي تاغلىرىدا ۋە شەھەر سىرتىدىكى ئىش ئورۇنلىرىدا تاشچىلىق، ھەرىكەشلىككە ئوخشاش ياللانما ئەمگەكلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ ھەمدە كەچلەردە ھېرىپ- چارچىغىنىغا قارىماي، قارا چىراغ يورۇقىدا جۇڭگونىڭ ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نادىر ئەدەبىي ئەسەرلىرى ۋە ئىلمىي ئەسەرلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدۇ.
– ئوتتەك قىزىق ھەۋەسلىرىم ئۇزاققا سوزۇلغان سىياسىي، ئىجتىمائىي بېسىم ئاستىدا كۆمۈلۈپ قېلىۋەردى. بىزدەك ئادەملەرنىڭ مەكتەپلەردە ئوقۇشى، خىزمەت قىلىشى ۋە ئەسەر يېزىشى سىياسىي جەھەتتىن چەكلىنەتتى. پەقەت «تۆت كىشىلىك گورۇھ» ئاغدۇرۇلۇپ، «سول»چىللىق لۇشيەنىگە خاتىمە بېرىلگەندىن كېيىنلا پۇقرالىق ھوقۇقۇم ئەسلىگە كېلىپ، جەمئىيەتتە بىر كىشىلىك ئورنۇمنى تاپتىم. لېكىن ياشلىقىمدا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇشتىن مەھرۇم بولغانلىقىم ئۈچۈن ھازىرغىچە ئۆكۈنىمەن، – دەيدۇ ئۇ ياشلىق چاغلىرىدىكى ئازابلىق كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ.
تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسىدە «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇ بىر مەزگىل شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتىدا قەلىمىي مەدىكار بولۇپ ئىشلەيدۇ. 1979- يىلى شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىغا رۇسچە تەرجىمان بولۇپ قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇنىڭ تەرجىمانلىق ھاياتى ئەنە شۇنىڭدىن كېيىن رەسمىي باشلىنىدۇ ھەمدە «سوۋېت تۈركولوگىيەسى» ناملىق ئىلمىي ژۇرنالنىڭ ھەرقايسى سانلىرىدىن تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ۋە تىلشۇناسلىققا ئائىت كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ۋە مەخسۇس كىتابلارنى تەرجىمە قىلىدۇ.
– مۇنتىزم ئوقۇيالمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ ئىدارىگە كەلگەندىن كېيىن ھەممىنى باشتىن باشلاپ ئۆگىنىشكە توغرا كەلدى. ھېلىمۇ باشلانغۇچ مەكتەپنى رۇسچە ئوقۇپ، تاشچىلىق، ھەرىكەشلىك قىلىپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە كىتابقا بولغان ھېرىسمەنلىكىمدىن، رۇسچە نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغانىدىم، ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن نەزەرىيەۋى كىتابلارنىمۇ ئوقۇپ، ئەنە شۇلاردىن ئۆگەنگەنلىرىمنى رۇسچە تىلشۇناسلىققا ئائىت ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم.
كۆپىنچە كىشىلەر ئۇنىڭ مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان بىرنەچچە پارچە ئەسىرىنىلا كۆرگەچكە، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتە سىڭدۈرگەن ئەمگەكلىرىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىگە سىڭدۈرگەن ئەمگىكى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە تىل تەتقىقاتىغا سىڭدۈرگەن ئەمگىكىدىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ. پەرھات جىلان ئاكىنىڭ تەرجىمە ئەسەرلىرى نېمە ئۈچۈن مەتبۇئات يۈزىدە كۆپ كۆرۈلمىدى؟ شۇ مەزگىللەردە تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىدىكى پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياش تەتقىقاتچىلارنىڭ پايدىلىنىشى ئۈچۈن ئۇ تەرجىمە قىلغان مەخسۇس ئەسەر ۋە ئىلمىي ماقالىلەر شاپىگىرافتا بېسىلىپ ئىنستىتۇت دائىرىسىدىلا تارقىتىلغان. بۇ ئەسەرلەرنى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىشقا ئۇمۇ، باشقىلارمۇ كۆڭۈل بۆلمىگەن. ئۇ «بۇ پەقەت مېنىڭ خىزمىتىم، مۇشۇ ئىشنى قىلىش ئۈچۈن بۇ ئىدارىغا كەلگەندىن كېيىن، نام- ئاتاق، مەنپەئەت قوغلىشىپ نېمە قىلىمەن» دەپلا قارىغان. بۇنى ھازىرقى بىر- ئىككى پارچە مەشىق تەرجىمىسىنى مەتبۇئاتلارغا يوللاشقا ئالدىراپ، ئۇنىڭ بېسىلىپ چىقىشىنى سۈيلەپ، ئۆزى «ئەمدى داڭلىق تەرجىمان بولىدىغان بولدۇم» دەپ شېرىن خىياللاردا مەست بولۇپ يۈرىدىغان ھەۋەسكارلارغا سېلىشتۇرساق، نېمىدېگەن ئالىيجانابلىق، نېمىدېگەن كەڭ قۇرساقلىق؟!
تەرجىمە پائالىيىتى تىل ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى. تىل تەپەككۇرنىڭ ماددىي مەۋجۇتلۇق شەكلى، شۇنىڭ ئۈچۈن تىل ھالقىغان ئالماشتۇرۇش مۇقەررەر ھالدا تەپەككۇرغا چېتىلىدۇ. ئەگەر تەرجىمىنى «پەقەت مەنىدىكى ئالماشتۇرۇش» دەپ قارىساق، بەكمۇ ئاددىي بولۇپ قالىدۇ. تىل تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلەشكەن گەۋدىسى. ۋەھالەنكى، بۇ خىل تاۋۇش بىلەن مەنىنىڭ بىرلىشىشى ئاۋام تەرىپىدىن ئىختىيارىي ئاساستا قوبۇل قىلىنغان بولىدۇ. تەپەككۇر ئۇسۇلى تىلدا ئىپادىلەنگەن بولىدۇ. مەدەنىيەت ئامىلى، سۆز ۋە جۈملە شەكلى خاسلىققا ئىگە بولغاچقا، مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە تەپەككۇر ئەندىزىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. بۇنىڭدىن ئوخشاش بىر ئۇقۇمنىڭ ئوخشاش بولمىغان مىللەتلەر تىلىدا ئوخشاش بولمايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. تەرجىمىمۇ تەپەككۇر پائالىيىتى بولغاچقا، تەرجىمە ئىچكى تەرجىمە ۋە تاشقى تەرجىمە دەپ ئايرىلىدۇ. ئىچكى تەرجىمە دېگىنىمىز ــــ باشقا مىللەت تىلىنى بىلگەن ئادەم شۇ مىللەت تىلىدىكى تېكىستنى پەقەت كۆڭلىدىلا چۈشىنىدۇ، يەنى بۇ خىل چۈشىنىش باشقا مىللەت تىلىدىكى سۆزلەرنى قىسقارتىۋېتىش، ئۇقۇمنى غۇۋا چۈشىنىش بىلەنلا چەكلىنىدۇ. تاشقى تەرجىمە دېگىنىمىز ـــ باشقا مىللەت تىلىدىكى تېكىستنى غۇۋا چۈشەنگەندىن كېيىن، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تىللاردىكى ئۇقۇمغا ئايلاندۇرۇش ئۈستىدە ئويلىنىدۇ. باشقا تىللارنى بىلگەن ھەرقانداق ئادەمنىڭ تەرجىمان بولالمايدىغانلىقىنىڭ سىرى دەل مۇشۇ يەردە.
مۇشۇ جەرياندا ئۇ رۇس تىلىدىن بىر تۈركۈم يىرىك مەخسۇس ئەسەرلەرنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ كەسىپداشلىرىنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇندى. بۇ ئەسەرلەردىن بىر قىسمىنى كۆرۈپ باقايلى:

1. ن. ئا. باسكاكوۋ: «تۈركىي تىللار» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، 1986- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

2. ئا. ديۇما: «گراف مونتې كرىستو» (رومان)، 1986- يىل، شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى.

3. يۇ. خۇدياكوۋ: «مەركىزىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ قورال- ياراغلىرى ۋە ئۇرۇش سەنئىتى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، 2003- يىل، شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى.

4. [فېنلاندىيەلىك] م. سانىن: «تۈركىي تىللارنىڭ تارىخىي فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1979- يىل.

5. م. سېۋورتيان: «تۈرك ئەدەبىي تىلىنىڭ فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1980- يىل.

6. ت. تالىپوۋ: «ئۇيغۇر تىلى فونېتىكىسى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1980- يىل.

7. «تاتار تىلىدىكى ئۈزۈك تاۋۇشلارنىڭ سپېكتىرلىق مەلۇماتلىرى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1981- يىل.

8. «قىرغىز تىلىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ئاكۇستىكىلىق تەجرىبە تەتقىقاتى» (ئىلمىي، مەخسۇس ئەسەر)، شاپىگىراف نۇسخا، 1981- يىل.

9. ج. كلاۋسۇن: «ئۇيغۇر دېگەن نام توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1982- يىل.

10. «تۈركىي تىللاردىكى ماقال- تەمسىللەر بىلەن تۇراقلىق ئىبارىلەرنىڭ پەرقى ھەققىدە» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1982- يىل.

11. «ئورقۇن مەڭگۈتاشلىرىدىكى ‹يەر-سۇب›» (ئىلمىي ماقالە)، شاپىگىراف نۇسخا، 1983- يىل.

12. س. كىلياشتورنىي: «تەس مەڭگۈتېشى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1985- يىللىق 1- سان.

13. س. كىلياشتورنىي: «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1985- يىللىق 1- سان.

14. «ئوتتۇرا ئاسىيا مۇزىكا ئىلمىنىڭ ئويغىنىش دەۋرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان سەنئىتى» ژۇرنىلى، 1989- يىللىق 3- سان.

15. «مانى تۆۋە دۇئاسى» (قەدىمكى يادىكارلىق ھەققىدىكى تەتقىقات ماقالىسى)، «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1994- يىللىق 1- سان.

16. م. كىبىروۋ: «تۈركىي تىللاردىكى پېئىللارنىڭ تۈس كاتېگورىيەسى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» 2007- يىللىق 1- سان.

17. ئەرەنجەن خاراداۋان: «سەركەردە چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى»، مىللەتلەر نەشرىياتى، 2012- يىلى نەشرى.

يۇقىرىقى سەككىز پارچە مەخسۇس ئەسەردىن تۆت كىتابىلا نەشرىياتلاردا نەشر قىلىنغان، قالغانلىرى شاپىگىراف نۇسخا پېتى ئىز- دېرەكسىز يوقالغان. ئىلمىي ماقالىلەردىن شاپىگىرافتا بېسىپ تارقىتىلغىنى نۇرغۇن، ئۇنى ئۆزىمۇ ساناپ بېرەلمەيدۇ. يۇقىرىقىلىرى پەقەت ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغىنى.
يۇقىرىقى تۆت پارچە مەخسۇس ئەسەردىن دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر ئالېكساندىر ديۇمانىڭ «گىراف مونتى كىرىستو» ناملىق رومانى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب پەقەتلا ئۇنىڭ دۇنياۋى نادىر ئەسەر بولغانلىقىدىلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە تەرجىمە نۇسخىسىنىڭ جۈملىلىرىنىڭ راۋان، ئازادىلىكى، تىلىنىڭ چۈشىنىشلىك ۋە ئويناقلىقى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا ئۇنى شۇ دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرلا ئەمەس، ھازىرقى دەۋردىكى ئوقۇرمەنلەرمۇ «تىلى ئاجايىپ چىرايلىق چىققان تەرجىمە ئەسەر جۇمۇ» دېيىشىپ تىللىرىنى چاكىلدىتىدۇ.
باسكاكوفنىڭ «تۈركىي تىللار» ناملىق ئەسىرى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە تىل تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ياكى ئىشتىن سىرت ھەۋەس قىلىدىغان خادىملارنىڭ مۇھىم پايدىلىنىش ماتېرىيالى بولۇپ كەلدى. ئىلمىي ئەسەر تەرجىمە قىلىش ئەدەبىي ئەسەر تەرجىمە قىلىشقا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ كۈچ ۋە چىدام تەلەپ قىلىدىغان ئىش. ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرجىمە قىلىشلا ئەمەس، بەلكى شۇ تىلغا ھەرقانچە پۇختا ئادەم بولسىمۇ ئوقۇپ چۈشىنىپ، تېگىگە يەتمەك خېلىلا مۈشكۈل. مانا مۇشۇنداق مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئادەتتىكى ياش تەتقىقاتچىلار ئەمەس، ئىبراھىم مۇتئىي، ئىمىن تۇرسۇن، مىرسۇلتان ئوسمانوف، ئامىنە غاپپار كەبى ئاتاقلىق تىلشۇناسلىرىمىز قايىل بولغۇدەك ئورۇندىماق تېخىمۇ مۈشكۈل. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۇنى ئىنستىتۇت قارىمىقىدىكى تەرجىمە- ماتېرىيال بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.
پەرھات جىلان ئەپەندى رۇس تىلىدىن تەرجىمە قىلغان ئەمگىكىدىن باشقا، شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى 1989- يىلى نەشر قىلغان ئىككى توملۇق «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت»نى تۈزۈشكىمۇ قاتنىشىپ، يالغۇز تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى بىر تەرجىمىشۇناس ۋە تىلشۇناس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇ 1990- يىللاردىن كېيىن بەزى كوللېكتىپ ۋە شىركەتلەر قارىمىقىدا خەنزۇچە- رۇسچە تەرجىمان سۈپىتىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىدىكى دۆلەتلەرگە بىرقانچە قېتىم چىقىپ، ئۇلارنىڭ ئېغىزچە ۋە يازمىچە تەرجىمانلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك تۈگەتكەچكە، ئۇلار بىرقانچە قېتىم رەھمەت خەتلىرىنى يازغان ۋە ئىدارىغا كېلىپ، يۈزتۇرانە رەھمەت ئېيتقانىدى. دېمەك، ئۇ رۇسچە- ئۇيغۇرچە يېزىقچە تەرجىمانلا ئەمەس، بەلكى رۇسچە- خەنزۇچە، خەنزۇچە- رۇسچە ئېغىز تەرجىمە ۋەزىپىسىنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇندىن باشقا ئۇ تۈركچە ماتېرىياللارنىمۇ بىۋاسىتە كۆرۈپ چۈشىنەلەيدۇ ھەم تەرجىمە قىلالايدۇ.
خەلقىمىز قەدىمدىن بۇيان مەدەنىيەتلەر دوقمۇشىغا جايلاشقانلىقىدەك جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكى تۈپەيلىدىن كۆپ تىللىق مىللەت ئىدى. قەدىمكى ئۇستازلىرىمىزدىن كوماراجىۋا (4-5- ئەسىرلەر)، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ (10- ئەسىر)، ئاپرىنچۇر تېكىن، مەھمۇد كاشغەرىي قاتارلىقلار ئانا تىلىدىن باشقا قەدىمكى خەنزۇ تىلى، تۇخار تىلى، ئەنەتكەك (سانسكرىت – قەدىمكى ھىندى) تىلى ۋە ئەرەب- پارس تىللىرىنى پۇختا بىلگەن. يۈەن سۇلالىسى قۇبلاي خان دەۋرىدە (1260- 1294) ئۆتكەن ئۇيغۇر ئالىملىرىدىن ئەنزاڭ، داجەنتۇ قاتارلىق مەشھۇر مەدەنىيەت ئەربابلىرى ۋە خەنلىن بىلىم يۇرتىنىڭ 47 نەپەر ئۇيغۇر ئەزاسى (بۇلاردىن 26 سى شۇ چاغدىكى ئەڭ يۇقىرى ئۇنۋان «تەشرىپدار» ئۇنۋانىنى ئالغان) ئانا تىلىدىن باشقا، موڭغۇلچە، خەنزۇچە، تىبەتچە تىللارنى پىششىق بىلگەن. ئۇلار تىبەت تىلىدىكى بۇددا تېكىستلىرىنى خەنزۇچىغا ۋە ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. كلاسسىك كۇڭزى ئەدەبىياتىنى ئۇيغۇر يېزىقى بىلەن موڭغۇلچە، تۈركچىگە تەرجىمە قىلغان. شۇ دەۋردىكى كاتتا ئۇيغۇر ئالىمى، دىپلومات قارۇناداس سانسكرىت، تىبەت، موڭغۇل، خەنزۇ تىللىرىنى بىلگەندىن باشقا، يەنە ھىندىچىنى ۋە سۇماتىرا ئارىلىدىكى بىرمۇنچە خەلقنىڭ تىللىرىنى بىلىدىكەن.
فارابى (9-10- ئەسىرلەر)، يۈسۈپ خاس ھاجىپ (11- ئەسىر)، مەھمۇد كاشىغەرى (11- ئەسىر) ئەھمەد يۈكنەكى (12-13- ئەسىرلەر)، ئەلىشىر نەۋائىي (1441-1501)، مىرزا ھەيدەر كۆرەگان (1499- 1551)، خىرقىتى (1634- 1724)، زەلىلىي (؟- 1672)، نەۋبەتى (؟-1697)، مۇھەممەد سىدىق بەرشىدى (18- ئەسىر)، ئابدۇرەھىم نىزارىي (1770- 1848)، ھۈسەيىنخان قۇتبىددىنشاھ تەجەللىي (1850- 1930) قاتارلىق ئالىم- مۇتەپەككۇرلىرىمىز كۆپ تىللىق ئۇستازلاردىن بولۇپ، ئۇلار ئانا تىلى ۋە باشقا تىللاردا ئىلمىي ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى راۋان يازالايتتى. ئۇلارنىڭ ھەر بىرى ئانا تىلدىن باشقا پارس، ئەرەب، ئوردۇ، ھىندى، يۇنان تىللىرىدىن كەم دېگەندە ئىككى خىل تىلنى پىششىق بىلگەن. بۇلاردىن تەجەللىي ئەرەب، پارس، ئوردۇ، ھىندى تىللىرىدىن ئىبارەت تۆت خىل تىلنى پىششىق بىلگەن ۋە شۇ تىللاردا ئەسەرلەر يازغان. مەھمۇد كاشىغەرى ئۆز ئانا تىلىدىن باشقا، ئەرەب، پارس تىللىرى قاتارلىق يەتتە- سەككىز تىلنى پۇختا ئىگىلىگەن؛ بەزى مەنبەلەردە فارابىي 70 تىن ئارتۇق تىلنى بىلگەن دېيىلىدۇ. ئۆز ئانا تىلى ۋە باشقا مىللەت تىلىدا يازغان پاساھەتلىك ئەسەرلىرى بىلەن دۇنياغا تونۇلغان بۇ دانالىرىمىز ئالدى بىلەن ئانا تىلنىڭ يېتۈك ئۇستازلىرىدىن ئىدى.
پەرھات جىلان ئەپەندى كوماراجىۋا، سىڭقۇسەلى تۇتۇڭ، ئاپرىنچۇر تېكىن، فارابىي، مەھمۇد كاشىغەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەلىشىر نەۋائىي… كەبىي تىل ئۇستىلىرى ۋە تەرجىمىشۇناسلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، ئۇلارنىڭ روھىنى خۇش قىلغۇدەك نەتىجە ياراتتى. ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئەمگەكلىرى ھەم ئۆگىنىش، ھەم ئىشلەش جەريانى بولۇپ، ئۇنىڭ كېيىنكى قەدەمدە تىل تەتقىقاتى بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىشىغا ۋە تارىخىي رومانچىلىقتا بايراقدار بولغۇدەك ئىجادىيەتلەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىگە پۇختا ئاساس سالدى. ئەپسۇس ئۇ رۇسچە تەرجىمانلىقتىن تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ ماتېرىيال بۆلۈمى ۋە ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىگە يۆتكەلگەندىن كېيىن، ئاندىن ئىنستىتۇتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەندىن كېيىن تىل تەتقىقاتى، ئىشتىن سىرتقى ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە مەمۇرىي خىزمەت سەۋەبىدىن، تەرجىمە ساھەسى بىلەن كۆپرەك شۇغۇللىنالمىدى. بولمىسا ھازىرقىدەك مەتبۇئات ئەركىنلىكى زور دەرىجىدە يۈكسەلگەن شارائىتتا ئوقۇرمەنلەر ئۇنى مەخسۇس رۇس تىلىدىن ئەدەبىي ھەم ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىدىغان ئىستېداتلىق تەرجىمان سۈپىتىدە تونۇغان بولاتتى.
دېمەك، پەرھات جىلان ئەپەندىنىڭ تەرجىمە ساھەسىدىكى ئەمگىكى بىزگە شۇنداق بىر چوڭقۇر ھەقىقەتنى بىلدۈرىدۇكى، كىم ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، باشقىلارنىڭ، شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىمەن دەيدىكەن، ئىجتىھاد بىلەن ئۆگىنىشى، ھازىرقىدەك «قوش تىللىق»، «كۆپ تىللىق» بولۇش تەكىتلىنىۋاتقان ۋاقىتتا ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ چۈشىنىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تەپەككۇر بايلىقىدىن كەڭ بەھرىمەن بولۇشى، شۇ ئارقىلىق باشقىلارنى تونۇش ۋە ئۆزىنى تونۇشتۇرۇش ئۈستۈنلۈكىگە ئېرىشىشى زۆرۈر.

2

پەرھات جىلان ئىلمىي ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا تىلشۇناسلىق، بولۇپمۇ تۈركىي تىللار تىلشۇناسلىقى ھەققىدە كۆپ ئويلاندى. دۇرۇس، تىلىمىزدىكى بىزگە ئادەتتە بىلىنىپ كەتمەيدىغان نۇرغۇن ئالاھىدىلىكلەر بىرەر ئەسەرنى تەرجىمە قىلغۇچە ئاجايىپ گەۋدىلىنىدىكەن ئەمەسمۇ! يەنە كېلىپ تۈركىي تىللار ھەققىدىكى بۇ ئىلمىي ئەسەرلەر بىزدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىشىغا ئاساس بولغاچقا، بۇنىڭدىن ئىنستىتۇتتىكى كەسپىي خادىملار ئىلھام ۋە مەدەتكە ئېرىشتى. ئىنستىتۇتتىكى كەسپىي ئۆگىنىشلەردە بۇ ئەسەرلەر ھەققىدە پاراڭلار بولغاندا، بۇ ئەسەرلەرنىڭ تەرجىمانى بولغان پەرھات جىلانمۇ پېشقەدەملەر ئالدىدا ئۆز پىكرىنى ئەركىن بايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى ھەم ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى ئاڭلىدى.
1981- يىلى ئىنستىتۇت باشقا ئورۇنلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، نىلقىدا تۇنجى نۆۋەتلىك تۈركىي تىللار ھەققىدە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىشقا تەييارلىق كۆرۈشكە باشلىدى. پەرھات جىلان شۇ ۋاقىتتا يىغىنغا تەييارلىق كۆرۈش ھەيئىتىنىڭ كاتىبات بۆلۈمىگە تەقسىم قىلىنىپ، يىغىنغا سۇنۇلغان ماقالىلەرنى تىزىملاشقا مەسئۇل بولدى. ئۇ بەزى ماقالىلەرنى ئوقۇپ چىقتى ۋە ئۆزىنىڭ يىللاردىن بۇيان كۆڭلىگە ئارام بەرمەي كېلىۋاتقان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ مەسىلىسى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدى. ئۇ چاغدا پەرھات جىلان ئامىنە غاپپار، ئىبراھىم مۇتىئىيلار بىلەن بىر ئىشخانىدا ئولتۇراتتى. بىر كۈنى پەرھات جىلان ئۆزىنىڭ تىل تەتقىقاتىغا بېغىشلانغان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» ناملىق تۇنجى ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، شۇ چاغدىكى ئىنستىتۇت رەھبىرى ئامىنە غاپپارنىڭ ئالدىغا قويدى.
– ئامىنە ئاپپاي، مەنمۇ بىر پارچە ماقالە يازغانىدىم، كۆرۈپ باققان بولسىڭىز، – دېدى ئۇ قورۇنغان ھالدا.
– ھە! – ئامىنە غاپپار خانىم تەسادىپىيلىق ھېس قىلغاندەك بىر خىل تەرىزدە قولىدىكى ماقالىنى قويۇپ، پەرھات جىلاننىڭ ماقالىسىنى قولىغا ئېلىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرتتى ۋە كۈلۈمسىرىگەن ھالدا، – بۇ ماقالىنىمۇ ئوقۇلىدىغان ماقالىلەر قاتارىدا تىزىملاپ قويۇڭ، – دېدى. ئەتىسى ئىبراھىم مۇتىئىي پەرھات جىلانغا قاراپ:
– مانا تىرىشقان ئادەمگە ئۆتكىلى بولمايدىغان ھاڭ، چىققىلى بولمايدىغان داۋان، قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق. ئوبدان بىر تېمىنى تۇتۇپسەن، – دېدى.
ئىككى ئۇستازنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشى پەرھات جىلانغا كۈچ ئاتا قىلدى. ئۇ نىلقىدىكى يىغىندا بۇ ماقالىسىنى ئوقۇپ، مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن تۈركىي تىللار تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان نوپۇزلۇق ئەربابلارنىڭ بىردەك ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى. بۇ ماقالە شۇ يىغىندا ئوقۇلغان ماقالىلەردىن تەركىب تاپقان «تۈركىي تىللار» ناملىق مەجمۇئەنىڭ 1- سانىدا ئېلان قىلىندى. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭدا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ قايتىدىن تىكلەندى. شۇنداق، ئۇستازى دېگەندەك تىرىشسىلا دۇنيادا قىلغىلى بولمايدىغان ئىش يوق، گەپ ئادەمنىڭ ئۆز تىرىشچانلىقىدا!
شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆز ئەتراپىدىكى ئۇستازلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان «تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتىئىي»، «تەتقىقاتچى ئامىنە غاپپار» قاتارلىق ماقالىلىرىنى ھەم «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا» ناملىق ئىلمىي ماقالىسىنى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» ۋە « شەرقىي تۈركىستان مائارىپى» ژۇرنىلىنىڭ 1983- يىللىق سانلىرىدا ئېلان قىلىپ، ئىلمىي تەتقىقات ساھەسىگە كىرىپ كەلدى. شۇنىڭدىن كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ تىلشۇناسلىق، بولۇپمۇ قەدىمكى تىللار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى ئارقا- ئارقىدىن ئېلان قىلىندى. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئۇنىڭ تىل تەتقىقات ساھەسىدىكى نەتىجىلىرىگە قاراپ 1991- يىلى ئۇنى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرلىقىغا تەيىنلىدى.
بۇ مەزگىلدە پەرھات جىلان يەنە ئاياللار ۋە بالىلارغا كۆڭۈل بۆلۈشنىمۇ ئېسىدىن چىقارماي، «بالىلار، سىلەرگە بىر گېپىم بار» (ماقالە)، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 7- سان؛ «باشلانغۇچ مەكتەپ ─ باشلانغۇچ قەدەم» (ماقالە)، «نۇرلۇق مەشئەل» (توپلام)، 1999- يىل؛ «تارىخىمىزدىكى ئاياللار ئوبرازى» (ماقالە)،ئاتالمىش «شەرقىي تۈركىستان ئاياللىرى»، 1999- يىللىق 4- سان قاتارلىق ماقالىلەرنى ئېلان قىلدى. يۇقىرىقى ئەمگەكلىرى بىلەن پەرھات جىلان 1986- يىلى ياردەمچى تەتقىقاتچى ئۇنۋانى ئالدى.
1993- يىلى ئۇ كاندىدات تەتقىقاتچى ئۇنۋانىغا ئىلتىماس قىلدى. چۈنكى ئۇنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى نەتىجىلىرى بۇ ئۇنۋانغا ئىلتىماس قىلىش شەرتىگە توشاتتى. قائىدە بويىچە ئۇ چەت تىلىدىن ئىمتىھان بېرىدىغان ۋاقتىدا قىلچە ئىككىلەنمەيلا رۇس تىلىنى تاللىدى. لېكىن، ئىمتىھان قەغىزىنى كۆرۈپ ئۇ گاڭگىراپ قالدى. ئىمتىھان قەغىزىدە خەنزۇ تىلىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدىغان مەزمۇن %40، رۇس تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا تەرجىمە قىلىنىدىغان مەزمۇن %60 ئىدى. ئۇ ئۇ خەنزۇچىدىن رۇس تىلىغا تەرجىمە قىلىدىغان مەزمۇننى تېزلا ئىشلەپ پۈتتۈردى، لېكىن رۇسچىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىش جەريانىدا، بۇ سۆزلەرنى خەنزۇچە قايسى خەت بىلەن ئىپادىلەشنى بىلەلمەي گاڭگىرىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ رۇسچە- ئۇيغۇرچە تەرجىمانلىققا پىششىق، رۇسچە- خەنزۇچە ئېغىز تىلى تەرجىمانلىقىنىڭ ھۆددىسىدىنمۇ تولۇق چىقىپ كېلىۋاتقان بىلەن ئىمتىھاندىكى مەزمۇنلارنى خەنزۇچە قايسى خەتلەر بىلەن ئىپادىلەشتە ھەقىقەتەن قىينىلاتتى. ئۇ ئىمتىھان قەغىزىنىڭ بوش يېرىگە رۇس تىلىدا ئۆزىنىڭ ئىمتىھان سوئالىغا ۋە ئۆزىنىڭ رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان ئەسەرلىرى ۋە رۇسچە سەۋىيەسىگە بولغان قاراشلىرىنى ماقالە قىلىپ يېزىپ قويدى. ئەپسۇس، ئۆلچەملىك جاۋابقىلا كۆنۈپ قالغان ئىمتىھان قەغىزى تەكشۈرگۈچىلىرى ئۇنىڭغا 55 نومۇر قويغانىدى. ئۇ چاغلاردا 60 نومۇردىن ئاشمىسا ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن ھېسابلىناتتى. ئۇنىڭ روھى چۈشۈپ كەتتى، بېشى قاتتى. «پەرھات رۇس تىلىدىن ئىمتىھان بەرسە تولۇق نومۇر ئالىدۇ» دەپ باھا بېرىشكەن خىزمەتداش ۋە دوست- بۇرادەرلىرىگە نېمە دەپ چۈشەندۈرۈشنى بىلەلمىدى…
بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئىدارە مەسئۇللىرى ۋە ئۇستازلىرى ئۇنىڭ رۇس تىلىدىن تەرجىمە قىلىپ ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىنى ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىدىكىلەرگە كۆرسىتىپ چۈشەنچە بەردى. ئۇنۋان باھالاش كومىتېتىدىكىلەرمۇ بۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن:
– بۇ كىشى ئەسلى بۇ ئەمگەكلىرى بىلەن ئۇنۋانغا ئىمتىھانسىز ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەنغۇ! – دېيىشىپ، ئۇنىڭ كەسپىي ئەمگەكلىرىنى باھالاش باسقۇچىغا بىۋاسىتە ئۆتۈپ كەتتى ھەمدە تولۇق بېلەت بىلەن كاندىدات تەتقىقاتچى ئۇنۋانى ئالدى. 1997- يىلى ئۇ شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ كەسىپكە مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا ئۆستۈرۈلدى.
1998- يىلى ئىنستىتۇتىمىز «چەت تىللارنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» نامىدا بىر ئاكادېمىيە دەرىجىلىك تېما ئىلتىماس قىلدى، بۇ تېمىغا پەرھات جىلان مەسئۇل بولدى. ئالدى بىلەن تېمىنى قانداق ئىشلەش ھەققىدە كېلىشىۋالدۇق ھەم شۇ بويىچە ۋەزىپە بۆلۈشۈۋالدۇق. تېما تەلىپى بويىچە «20- ئەسىرنىڭ 20- 30- يىللىرىدا رۇس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «20- ئەسىرنىڭ 40- 50- يىللىرى رۇس تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «20- ئەسىرنىڭ 60- 70- يىللىرى خەنزۇ تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى»، «20- ئەسىرنىڭ 80- 90- يىللىرى چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىلار بويىچە يېزىلدى. پەرھات ئاكا «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» دېگەن نامدا ئومۇمىي بايان يازدى. تېمىمىز 1999- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئاكادېمىيەنىڭ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزىۋېلىشىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتتى ھەمدە ھەر بىر ماۋزۇ بويىچە ماقالە تەرىقىسىدە ئىلمىي ژۇرناللاردا ئېلان قىلىندى.
2001- يىلى ئىنستىتۇتىمىز «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرى تەتقىقاتى» ناملىق يەنە بىر تېمىغا ھازىرلىق قىلدى. بۇ تېمىنى قانداق لايىھەلەش، قانداق ئىشلەش ھەققىدە پەرھات جىلان بىرنەچچە قېتىم مىرسۇلتان ئوسمان ئاكىنىڭ مەسلىھەتى ۋە پىكرىنى ئېلىپ، دەلىللەش بايانىنى بىرنەچچە قېتىم ئۆزگەرتتى. ئىنستىتۇت رەھبەرلىرى ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى ۋە داڭلىق يىغىپ ساقلىغۇچى ئەخمەت تۆمۈردىن ئىقتىسادىي ياردەم سورىدى. مالىيە نازارىتى رەھبەرلىرى بىلەن ئەخمەت تۆمۈر ئەپەندى بۇ تېمىمىزنى قوللاپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم قىلدى. 2001- يىلىنىڭ ئاخىرى پەرھات جىلان بىلەن كۈرەش تاھىر تۇرپانغا تىل تەكشۈرۈشكە ماڭدى. تۇرپان، پىچانلاردىن توپلانغان تىل ماتېرىياللىرىنى كومپىيۇتېرغا كىرگۈزۈپ، كېيىنكى تەكشۈرۈشىمىزگە ئۈلگە تىكلەندى. 2002- يىلى يانىۋاردا پەرھات جىلان باشچىلىقىدا ئىككى گۇرۇپپا بولۇپ قەشقەرنىڭ مارالبېشى، مەكىت ناھىيەلىرى ۋە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە، كېرىيە ناھىيەلىرىدە 20 كۈنگە يېقىن تىل تەكشۈرۈشتە بولۇپ، شۇ يەردىكى ئاۋام تىلىدا ساقلىنىپ قالغان دىيالېكىت- شېۋە سۆزلىرىنى توپلىدۇق ھەم يەرلىكلەردىن سوراپ ئىزاھلىرىنى تولۇقلىدۇق. تەكشۈرۈش نۇقتىلىرىنى پەرھات جىلان مىرسۇلتان ئاكا بىلەن مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەنىدى. بۇ تېمىمىزغا مەرھۇم غۇلام غوپۇرىنىڭ «ئۇيغۇر شېۋىلىرى سۆزلۈكى»دىكى شېۋە سۆزلۈكلىرى، مىرسۇلتان ئوسمان باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن «قومۇل شېۋىلىرى سۆزلۈكى»، «لوپنۇر دىيالېكتى ھەققىدە»، «خوتەن دىيالېكتى ھەققىدە» ناملىق ئىلمىي ئەسەرلىرىدىكى سۆزلۈكلەر، ئامىنە غاپپار يىغىپ توپلىغان دىيالېكىت- شېۋە سۆزلۈكلىرى قوشۇلۇپ، 6000 سۆزلۈك دىيالېكىت- شېۋە سۆزلۈكلىرىدىن تەركىب تاپقان «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىنىڭ دىيالېكىت- شېۋىلىرى لۇغىتى» ناملىق كىتاب تەييارلاندى. 2005- يىلى بۇ تېمىمىز ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەن تەتقىقات تېمىلىرىنى پىلانلاش ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئەنگە ئېلىندى. پەرھات جىلان تېما مەسئۇلى بولۇش سۈپىتى بىلەن «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان» نامىدا چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ماقالە تەييارلىدى. تېمىمىز 2006- يىلى غەلىبىلىك تاماملاندى. 2007- يىلى پەرھات جىلان باش تۈزگۈچى، ئامىنە غاپپار، غەيرەت ئابدۇرەھمان ئوزغار مۇئاۋىن باش تۈزگۈچى، مىرسۇلتان ئوسمان تەكلىپلىك مۇھەررىر بولۇپ مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. بۇ تېمىلارنىڭ ئىشلىنىشى شۇ يىللاردا ئىنستىتۇتىمىزدا تېما بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بېرىپ، بىزدەك بىر تۈركۈم ياشلارنى تەربىيەلەپ، تېما ئىلتىماس قىلىشى قىزغىنلىقىمىزنى ئاشۇردى.
بۇ قېتىمقى تىل تەكشۈرۈش جەريانى پەرھات جىلاننىڭ نەزىرىدىن چەتتە قالمىدى. ئۇ تىل تەكشۈرۈشتىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن «ئۇيغۇر دىيالېكىتلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈشى» ناملىق ئەدەبىي ئاخبارات يېزىپ، «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 2002- يىللىق 8- سانىدا ئېلان قىلدى.
بۇ خىزمەتلەرنى ئىشلەش جەريانىدا ئىنستىتۇتىمىزدا ئاكادېمىيە دەرىجىلىك يەنە بىر تېما «ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى ھەققىدە تەتقىقات» مېنىڭ مەسئۇللۇقۇمدا قولغا ئېلىندى. پەرھات جىلان بۇ تېمىغىمۇ ئاكتىپ قاتناشتى ھەم بىزگە كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلدى. بۇ تېمىمىزمۇ باھالاشتىن ئۆتكەندىن كېيىن، ماۋزۇلار بويىچە ئىلمىي ماقالە تەرىقىسىدە ئىلمىي ژۇرناللاردا بۆلۈپ ئېلان قىلىندى.
تۆۋەندىكى كاتالوگدىن ئۇنىڭ شۇ مەزگىللەردە ئېلان قىلغان ئىلمىي ئەسەرلىرىدىن خەۋەردار بولىمىز.
1. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ توغرىسىدا دەسلەپكى مۇلاھىزە» (ئىلمىي ماقالە)، «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» (توپلام)، 1- قىسىم، 1982- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

2. «تەتقىقاتچى ئىبراھىم مۇتىئى» (ماقالە)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1983- يىل.

3. «تەتقىقاتچى مىرسۇلتان ئوسمانوۋ» (ماقالە)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1983- يىل.

4. «تەتقىقاتچى ئامىنە غاپپار» (ماقالە)، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 1983- يىل.

5. «قەدىمكى تۈركىي خەلقلەر قوللانغان ئادەم ئىسىملىرى ۋە بىر قىسىم ئۇنۋانلار توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان مائارىپى» ژۇرنىلى، 1983- يىل.

6. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى سوزۇلما سوزۇق تاۋۇشلار» (ئىلمىي ماقالە)، «تۈركىي تىللار تەتقىقاتى» (توپلام)، 3- قىسىم، 1990- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

7. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇرغۇ» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1996- يىللىق 1- سان.

8. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ لېكسىكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان بىر قىسىم مەسىلىلەر» (ئىلمىي ماقالە)، تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 1- سان.

9. «ئۇيغۇر تىلىدىكى ئىنتوناتسىيە» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 4- سان.

10. «ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەتقىق قىلىنىش تارىخىدىن ئوبزور» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1996- يىللىق 4- سان.

11. «ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى توغرىسىدا قىسقىچە مۇلاھىزە» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1997- يىللىق 2- سان.

12. «تۈركىي تىللار ىلەن رۇس تىلىنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1997- يىللىق 3- سان.

13. «مەھمۇد قەشقەرىنىڭ يۇرتى ھەققىدە» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 1997- يىللىق 3- سان.

14. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇ مەسىلىلىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 1998- يىل.

15. «تۈركىي تىللاردىكى ر ~ ز ئۈزۈك تاۋۇشلىرىنىڭ نۆۋەتلىشىشىگە نەزەر» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 3- سان.

16. «ئۇيغۇر تىلىدىكى گرامماتىكىلىق مەنىلەرنىڭ ئىپادىلىنىش ئۇسۇللىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى» ژۇرنىلى، 2000- يىللىق 4- سان.

17. «چەت تىللارنىڭ ئۇيغۇر تىلىغا تەسىر كۆرسىتىش جەريانلىرى» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 3- سان.

18. «ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ تىلى توغرىسىدا» (ئىلمىي ماقالە)، «شەرقىي تۈركىستان پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى»، 2004- يىللىق 1- سان.

19. «11- ئەسىردىكى تۈركىي تىللار ھەققىدە ئومۇمىي بايان» (ئىلمىي ماقالە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2005- يىللىق 2- سان.

20. «تىل تەتقىقاتى يولىدا» (بىيوگرافىك ئەسلىمە)، «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلى، 2006- يىللىق 4- سان.

21. «خەنزۇچە- ئۇيغۇرچە لۇغەت» (2 توملۇق) (كوللېكتىپ ئەسەر، تۈزگۈچىلەرنىڭ بىرى)، 1989- يىل، شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى.

22. «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىت- شېۋىلىرى لۇغىتى» (كوللېكتىپ ئەسەر، باش تۈزگۈچى)، 2007- يىل، مىللەتلەر نەشرىياتى.

يىللار قۇرۇق كەلمەيدۇ، ئەكىلىپ بېرىدۇ

قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال…

لېكىن، يىللار قورۇق بىلەن ساقالنى ھەممە ئادەمگە ئوخشاش سوۋغا قىلغان بىلەن ھەممە ئادەمنىڭ يىللار بوينىغا ئەمگەك مېۋىلىرىدىن گۈلچەمبىرەك تاقىشى ناتايىن. بۇ پەقەت تىرىشچان، ئىزدىنىشچان ئادەمگىلا نىسىپ بولىدىغان نېسىۋە!
3

پەرھات جىلان ئاكادېمىيەگە ئىشقا چۈشكەن مەزگىل ئاكادېمىيەنىڭ تىل تەتقىقات ئىنستىتۇتى بىلەن مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى داڭلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى يىغىپ دۇنياۋى مەشھۇر ئەسەر «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» بىلەن «قۇتادغۇ بىلىك»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسىنى نەشرگە تەييارلاۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن ئابدۇسالام ئابباس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئابدۇرېھىم ھەبىبۇللا، ئابدۇرېشىت قارىم سابىت، داموللا ئابدۇلھېمىت يۈسۈفى، خەلىم سالىخ، ھاجى نۇرھاجى، ئوسمان مۇھەممەتنىياز، سابىت روزى، ئىبراھىم مۇتىئىي (مەسئۇل مۇھەررىر)، ئىمىن تۇرسۇن (مۇھەررىر)، مىرسۇلتان ئوسمان قاتارلىق ئالىملار؛ «قۇتادغۇ بىلىك»نى نەشرگە تەييارلاش ئۈچۈن ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئەھمەت زىيائى، مەمتىمىن يۈسۈپ، ئابدۇشۈكۈر تۇردى، ئابدۇللا مۇھەممىدى، مەھمۇت زەيدى، قادىر ئەكبەر قاتارلىق ئالىملار توپلانغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا مىسلىسىز ئىلمىي مۇھىتقا تويۇنغان ئاكادېمىيە ۋە نەچچە يىللاپ ئىلمىي تەتقىقات سورۇنىغا زارىققان پېشقەدەم زىيالىيلارنىڭ قايتىدىن ماددىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن كۈچكە تولغان قىياپىتى ئۇلار بىلەن دائىم ھەمسۆھبەتتە بولۇپ تۇرىدىغان پەرھات جىلانغا ئىلھام ۋە جاسارەت ئاتا قىلدى. ئۇ ئەتراپىدىكىلەردىن ھەم كىتابلاردىن ئۆزىگە كېرەكلىك مەنىۋى ئوزۇقلارنى تەشنالىق بىلەن سۈمۈرۈشكە باشلىدى.
– مەن تارىخ ئىلمىگە قىزىقاتتىم ھەم ئەدەبىياتقا ھەۋەس قىلاتتىم،- دەيدۇ پەرھات جىلان تارىخىي ئەسەرلەر ۋە «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىنى يېزىشقا قىزىقىش جەريانىنى تىلغا ئېلىپ، – ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىمدا «سوۋېت ئىنسىكلوپېدىيەسى»نىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تارىخىغا ئائىت قىسىملىرىنى ئوقۇغانىدىم. ئەنە شۇنىڭدا مەن تۇنجى قېتىم مەھمۇد كاشىغەرىي ۋە يۈسۈپ خاس ھاجىپلار توغرىسىدىكى بايانلارنى كۆرۈپ، «بىزنىڭ تارىخىمىزدىمۇ مۇشۇنداق كاتتا ئالىملار ئۆتكەنىكەن» دېگەن ئوي بىلەن ھەيران بولغانىدىم. شۇنىڭدىن كېيىن تارىخىمىزغا بولغان قىزىقىشىم تېخىمۇ ئۇلغايدى. قەلبىمدە تارىخىمىزدىن پەخىرلىنىش تۇيغۇسى يالقۇنلىدى. «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»نىڭ ئۇيغۇرچە نۇسخىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مەندە مەھمۇد كاشىغەرىينىڭ بەدىئىي ھەيكىلىنى تىكلەش ئارزۇسى قوزغالدى. ھەرقانداق مەدەنىي مىللەت ئۆز خەلقىنىڭ تارىخىنى تەتقىق قىلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنىڭ مەشھۇر تارىخىي شەخسلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ياد ئېتىدۇ، ئۇلارنىڭ ناملىرىنى ئەدەبىيات- سەنئەت ئارقىلىق ئەدەبىيلەشتۈرۈشكە قىزىقىدۇ. ئۆزۈمنى دەڭسەپ بېقىش ئۈچۈن «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك»تە تىلغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ۋە «ئالتۇن قان» ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى، دۇنيا تارىخىدىكى مەشھۇر ئىستېلاچى ئالېكساندىر ماكېدونىسكىينىڭ غەربتىكى نۇرغۇن ئەللەرنى بويسۇندۇرۇپ كېلىپ، ئاخىرى تەڭرىتاغ ئەتراپىدىكى جايلارغا يەتكەندە توختاپ قالغانلىقى، يەرلىك خەلقلەردىن داۋاملىق زەربە يەپ، كېيىن بۇ يەرلەردىن چېكىنىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىدەك تارىخىي پاكىتلارنى خېمىرتۇرۇچ قىلىپ، «ئالتۇن قاندىكى ‹توي›» ناملىق تارىخىي ھېكايىنى يېزىپ ئېلان قىلدىم. بۇ ھېكايەم جەمئىيەتتە خېلى ئوبدان تەسىر قوزغىدى، ئۆزۈمگە بولغان ئىشەنچىم ئاشتى. 1986- يىلىدىن باشلاپ «مەھمۇد كاشىغەرىي»، «دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك» ۋە قاراخانىيلار تارىخىغا ئائىت ئېلىمىزدە ۋە چەت ئەللەردە نەشر قىلىنغان تۈرلۈك ماتېرىياللارنى كۆرۈش، خاتىرىلەش، ئۆگىنىشكە ئىككى- ئۈچ يىلچە ۋاقتىمنى سەرپ قىلدىم. روماننى يېزىش جەريانىدىمۇ يەنە داۋاملىق ماتېرىيال كۆرۈشنى توختاتمىدىم. قەشقەرگە باردىم، مەھمۇد كاشىغەرىي ياشىغان يەرلەرنى كۆرۈپ، ئۇ ماڭغان يوللاردا مېڭىپ، ئۇنىڭ ئويلىغانلىرىنى ئويلاشقا تىرىشتىم. ئاخىرى، ھازىرقى يوقلۇق ئىچىدىن ئەسىرلەر قوينىدىكى كۆرۈنۈشلەر سۈزۈلۈپ چىقىشقا باشلىدى. 1992- يىلى رومان يېزىلىپ بولدى، 1994- يىلى شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشردىن چىقتى.
«مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى بۇندىن 1000 يىل بۇرۇنقى تارىخ ۋە شەخسكە چېتىشلىق تارىخىي رومان، شۇنداقلا يىراق تارىخىي ئۆتمۈشىمىز ھەققىدە ئۆز ئەدىبلىرىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان تۇنجى رومان بولۇشى سۈپىتى بىلەن جەمئىيەتتە كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى. رومان نەشر قىلىنغاندىن كېيىن ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر ئەسەر بولۇپ باھالىنىپلا قالماي، مەملىكەت بويىچە «تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئوقۇرمەنلەر روماندىن 1000 يىل بۇرۇنقى سىيمالارنى، تۇرمۇش كارتىنىلىرىنى، ئەينى دەۋر تارىخىنىڭ بەدىئىيلەشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ ھاياجانلاندى، كۆزلىرىگە ياش ئالدى، باش بارماقلىرىنى چىقىرىشتى.
تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىش يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىشتەكلا مۈشكۈل. مەسئۇلىيەتچان ئادەم ئۈچۈن تارىخىي رومانمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش. تارىخىي ماتېرىياللاردا ۋەقەلىكلا ياكى ئىسمىلا زىكرى قىلىنىدىغان دېتاللار ئارىسىدىن شۇ ۋەقەلىك ياكى شەخسنىڭ تارىخىي پاكىتقا ئۇيغۇن بەدىئىي سۈرىتىنى سىزىپ چىقىش يازغۇچىدىن ھەم تارىخىي بىلىم، ھەم بەدىئىي دىت تەلەپ قىلىدىغان ئىنچىكە ئىمتىھان.
«مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى پەرھات جىلاننى بىر تەرەپتىن ھاياجانغا سالسا، بىر تەرەپتىن كۆڭلىدىكى يەنە بىر ۋەسۋەسە ئارامىدا قويمايتتى. جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىن كېلىۋاتقان خەت ۋە تېلېفۇنلار ئۇنىڭغا بىر تەرەپتىن ئالقىش ياڭراتسا، بىر تەرەپتىن بېسىم ئېلىپ كېلەتتى.
پەرھات جىلان قەشقەردە زىيارەتتە بولۇۋاتقان كۈنلەرنىڭ بىرىدە «قەشقەر ئەدەبىياتى» تەھرىر بۆلۈمىدىكىلەر بىلەن سۆھبەتتە بولۇپ قالدى. سۆھبەتتە تۇرسۇننىياز، ئابلىمىت سابىر، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى قاتارلىق پېشقەدەم ئەدىبلەر بار ئىدى. سۆز «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانى ھەققىدە بولۇۋاتقاندا، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى:
– پەرھات، «مەھمۇد كاشىغەرىي»نى كۆرۈپ چىقتىم، مۇبارەك بولسۇن! «مەھمۇد كاشىغەرىي»نى تاماملىغىچە قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ تارىخى بىلەنمۇ ئوبدان تونۇشۇپ چىقتىلا، ئەمدى مەھمۇد كاشىغەرىي بىلەن زامانداش يەنە بىر ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە بىرەر نەرسە يېزىپ بېقىشنى ئويلاشتىلىمۇ؟
– ياق، ئۇ ھەقتە ئويلاشمىدىم، قانداق دەيلا؟
– بىلىشىمچە، قەشقەردىكى ئەدىبلەردىن بىرنەچچەيلەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە بىرنېمە يازايلىمىكىن دېسەك، پەرھات جىلان تۇتۇش قىلدىمىكىن دەپ ئىككىلىنىپ قالدۇق دېيىشىۋاتىدۇ. يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە مەنمۇ بەزى ماتېرىياللارنى توپلىغان، سىلىنى تۇتۇش قىلغان بولسا، بىر كېچىككە چۈشۈپ قالمايلى دەپ توختاپ قالدۇق، بولسا شۇ ھەقتە بىر نېمە يېزىپ باقاملا- يا؟
– مېنىڭ قاراخانىيلار دەۋرى ھەققىدىكى ھېس- تۇيغۇلىرىم ۋە ئويلىغانلىرىم «مەھمۇد كاشىغەرىي»گە مۇجەسسەم بولدى، قاراخانىيلار ھەققىدە يەنە بىرەر يىرىك ئەسەر يازسام، بەلكىم ھېسسىيات جەھەتتىن قۇرغاق چىقىپ قېلىشى مۇمكىن. ئەگەر ماتېرىيال توپلاپ قويغان بولسىلا، سىلى يازسىلا، مېنىڭ ھازىرچە ئۇنداق خىيالىم يوق.
خۇددى مۇشۇ گەپنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ھاجى مىرزاھىد كېرىمى تولىمۇ ھاياجانلاندى ۋە كۈچ- جاسارەتكە تولدى. ئۇ ھاياجىنىنى بېسىپ تۇرۇپ:
– بولىدۇ، ئۇنداق يېرى بولسا، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە مەن بىر تىرىشىپ باقاي، سىلىچە يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قانداقراق يازساق، تېخىمۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقار؟
– مەھمۇد كاشىغەرىي ھەققىدە ھەرھالدا ئېلىمىز ۋە چەت ئەللەردە بەزى تەتقىقاتلار بولۇۋاتىدۇ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ھەققىدە «قۇتادغۇ بىلىك»تىن باشقا ماتېرىياللار يوق دېيەرلىك، بۇ ھەقتە بىرنېمە يېزىش ئۈچۈن بىرىنچىدىن، قاراخانىيلار تارىخى ھەققىدە كۆپ ماتېرىيال كۆرۈش كېرەك، ئىككىنچىدىن، «قۇتادغۇ بىلىك»نى ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىپ، مىسرالار ئىچىدىن يۈسۈپ خاس ھاجىپنى قېزىپ چىقىرىش كېرەك، – دېدى پەرھات جىلان.
ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ۋە باشقا سۆھبەتداشلار بىردەك باش لىڭشىتىشتى.
شۇ قېتىمقى قەشقەر زىيارىتىدىن كېيىن، پەرھات جىلان قاراخانىيلار سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى مەڭگۈ تاشلار دەۋرى ─ ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدىكى ئەجدادلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش كۆرۈنۈشلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بىر نەرسە يېزىش خىيالىغا كېلىپ، تارىخ قاينىمىغا يەنە شۇڭغىدى. 1999- يىلىنىڭ ئاخىرى بۇ دەۋر تارىخىنى بەدىئىيلەشتۈرۈپ يورۇتۇپ بېرىدىغان يەنە بىر تارىخىي رومان «ئورقۇن شەجەرىسى» تاماملىنىپ، 2000- يىلى شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
«مەھمۇد كاشىغەرىي» بۇندىن 1000 يىل بۇرۇنقى تارىخنى ئەكس ئەتتۈرگەن بولسا، «ئورقۇن شەجەرىسى» بۇندىن 1400 – 1300 يىل بۇرۇنقى تارىخنى يورۇتۇوپ بېرىشكە بېغىشلانغانىدى. بۇ رومانمۇ نەشردىن چىقىپلا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى. پەرھاد جىلان يىىراق تارىخقا بېغىشلانغان تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدە ئۇتۇق قازانغانىدى. نەشرىياتلار ئۇنىڭ ئىجادىيەت ئەھۋاللىرىنى تىمىسقىلايدىغان بولدى، ئىلگىرىكى ھېكايىلىرى بىرلەشتۈرۈلۈپ توپلام بولۇپ نەشر قىلىندى. كېيىنكى ئىجادىيەت مېۋىلىرىگە ئالدىن زاكاس قىلىپ، خېرىدار بولدى.
پەرھات جىلاننىڭ قەلبىدىكى ۋەسۋەسە تېخى بېسىلمىغانىدى. «قاراخانىيلار دەۋرى ھەققىدە يازدىم، ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ھەققىدە يازدىم، ئەمدى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى ھەققىدە بىر ئىزدىنىپ باقسام قانداق بولار…» دېگەن خىيال ئۇنى ئارامىدا قويمايۋاتاتتى. يېزىقچىلىق شۇنداق بىر جەريان، مۇۋەپپەقىيەت مۇۋەپپەقىيەتكە ھامىلىدار، ئىلھام ئىلھامنى تۇغىدۇ، قەلبىڭدە قايناپ تۇرغان بۇ ھاياجانلارنى يېزىق ئارقىلىق بايان قىلىپ چىقىرىۋەتمىسەڭ، ئۇ ساڭا ئارامچىلىق بەرمەيدۇ، يېگىنىڭ ئاغزىڭغا تېتىمايدۇ، ئۇيقۇدىن ھاردۇقۇڭ چىقمايدۇ. يولدا پۇتۇڭ بىر تەرەپكە ماڭسا، خىيالىڭ يەنە بىر تەرەپكە ماڭىدۇ… ئۆيدىن چىققۇچە ئىشىكنى قۇلۇپلىدىممۇ؟ بۈگۈن ئىدارىدە يىغىن بار بولغىيمىدى؟ ھېلىقى تويمۇ، نەزىرمۇ قەيەردە بولغىيدى؟ دېگەندەك گادىرماچ خىياللار جۇلۇقۇڭنى چىقىرىدۇ…
پەرھات جىلان بۇ ۋەسۋەسىلەردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن يەنە تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاشقا كىرىشتى. ئۇيقۇسىز تۈنلەر تاڭلارغا ئۇلاشتى، خىياللار خىياللارغا مىنگەشتى. ئاخىرى 2004- يىلى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە بېغىشلانغان «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» ناملىق رومان «ئىڭڭە»لەپ دۇنياغا كۆز ئاچتى. پەرھات جىلاننىڭ بىر يىلغا يېقىن ۋاقتى بۇ «بوۋاق»نىڭ كىندىكىنى كېسىش، يۇيۇش- تاراش بىلەن ئۆتۈپ، 2005- يىلى شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى. ئەسلى ئەدىبنىڭ كۆڭلىگە ۋەسۋەسە سېلىپ تۇرغان بۇ تارىخىي رومانلار «ئۈچكېزەك» ئىدى! پەرھات جىلان يېنىك تىن ئالدى. كۆڭلىنى بېسىپ تۇرغان تاش ئاخىرى چۈشۈپ كەتتى. بۇ ۋاقىتتا پەرھات جىلان 60 ياشقا تولۇپ پېنسىيەگە چىقىش ئالدىدا تۇراتتى. بۇ رومان پەرھات جىلاننىڭ ئۆزىنىڭ 60 يېشىغا سوۋغا قىلغان سوۋغىسى بولۇپ قالدى.

پەرھات جىلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت مېۋىلىرىنى تۆۋەندىكىچە كاتالوگلاشتۇرۇش مۇمكىن:

1. «مەھمۇد قەشقەرى» (رومان)، 1994- يىل، شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

2. «ئورقۇن شەجەرىسى» (رومان)، 2000- يىل، شەرقىي تۈركىستان خەلق نەشرىياتى.

3. «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» (رومان)، 2005- يىل، شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

4. «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» (ھېكايىلەر توپلىمى)، 1997- يىل، شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى.

(مەزكۇر توپلامغا ئاپتورنىڭ «پۇل» (1969- يىل)، «باھار كۈنلىرىنىڭ بىرىدە» (1971- يىل)، «ئابدۇغەلىتىنىڭ غەلىتە سەرگۈزەشتلىرى» 1979- يىل)، «‹ئالتۇن قان›دىكى توي» (1983- يىل)، «يېڭى دوست ۋە كونا دوست» (1984- يىل)، «تاشچى ئۇستامنىڭ ھېكايىسى» (1986- يىل)، «ئىنتايىن كەمتەر» (1987- يىل)، «ئاھ، ئايگۈل» (1988- يىل)، «قاردا ياتقان چوكان» (1990- يىل)، «بوۋاي ۋە ئۇنىڭ نەۋرىسى» (1993- يىل)، «تەلەي دېگەن نەدىكىن؟» (1996- يىل)، «خىيالىممۇ، چۈشۈممۇ؟» (1996- يىل)، «بىزنىڭ پولكوۋنىك» (1996- يىل)، «بىر مۇخبىرنىڭ زىيارىتى» (1996- يىل)، «يول ئۈستىدە» (1996- يىل) قاتارلىق 15 پارچە ھېكايىسى كىرگۈزۈلگەن)

5. «گۇاڭجۇ شامىلى» (پوۋېست)، «تارىم» ژۇرنىلى، 1998- يىللىق 2-، 3- سان.

6. «ئاجايىپ سەپەردىكى ئاجايىپ ئىشلار» (پوۋېست)، «تارىم» ژۇرنىلى، 1999- يىللىق 5- سان.

7. «ئاق ئېتىم» (قىسسە)، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، 2003- يىللىق 2- سان.

8. «ئۇيغۇر تىلى دىيالېكىتلىرىنىڭ قايتا تەكشۈرۈلۈشى» (ئەدەبىي ئاخبارات)، «تارىم» ژۇرنىلى، 2002- يىللىق 8- سان.

9. «چۈمۈلە» (چۆچەك)، «تارىم غۇنچىلىرى».

10. «فەرھاد ۋە شېرىن ھەققىدە يېڭى قىسسە» (قىسسە) شەرقىي تۈركىستان ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى، 2015- يىلى نەشرى.

بىر ئادەمنىڭ بىر كەسىپنى تۇتۇپ، ئۇنىڭدىن ئوزۇپ چىقىشى، نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ھەممە ئادەم ئەقىلگە سىغدۇرالايدۇ. لېكىن مۇنتىزم نەزەرىيەۋى بىلىم ۋە ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا تەربىيەلەنمىگەن بىر ئادەمنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئۈچ كەسىپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىقى، يەنە كېلىپ باشقىلارنى قايىل قىلغۇدەك دەرىجىدە ھۆددىسىدىن چىقمىقى ئۇنچە ئاسان ئەمەس. بۇنىڭغا نۇرغۇن تىرىشچانلىق، ئىزدىنىش، ئاساسلىقى جاپاغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان پىسخىكىلىك چىدام بولمىسا بولمايدۇ

4

– پەرھات ئاكا، روماندىن نەچچىنى، قىسسە- پوۋېستتىن نەچچىنى سوۋغا قىلدىڭىز، ئەسەرلىرىڭىز مۇكاپاتلارغىمۇ ئېرىشتى، ئۆز ئەسەرلىرىڭىز ھەققىدە قانداق ئويلاردا بولىسىز؟
– قەلەم تۇتقان ئىنسان ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەمگەكلىرىنىڭ جامائەتچىلىك تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىشى ئەڭ زور خۇشاللىق ھەم رىغبەت، ئىجادىيەتچى ئەنە شۇنداق خۇشاللىق ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتىن ئۆزىگە يېڭى ئىلھام، يېڭى كۈچ تاپىدىكەن. ئىشلەۋاتقان ۋاقتىمدا كۆپ ۋاقتىم ئىدارىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۆتتى. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن ئاساسەن ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا ياكى دەم ئېلىش كۈنلىرىمدە شۇغۇللىنىشقا توغرا كەلدى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۆزۈم خالىغان تېمىلاردا ئەسەر يازارمەن دەپ ئويلىۋىدىم، پىلانلىرىم خېلى كۆپ ئىدى، لېكىن كۆپ ھاللاردا ئۆيدىكى ھېساب بازارغا توغرا كەلمەيدىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ياش چوڭايغانسېرى ئادەمنىڭ زېھنىمۇ بۇرۇنقىدەك بولمايدىكەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەت ياشلىقتا تۇتاشقان ئوت بولغاچقىمىكىن، قەلەمنى تاشلىماي، قۇدرىتىمنىڭ يېتىشىچە تىرىشىپ كېلىۋاتىمەن.
– سىز بىر ئىلمىي خادىم ھەم كۆزگە كۆرۈنگەن بىر يازغۇچى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ئۇيغۇر تىلى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيىتى ۋە تارىخى قاتارلىق جەھەتلەردە جىددىي تەتقىق قىلىشقا تېگىشلىك نۇقتىلار قايسى دەپ قارايسىز؟
– بۇ جەھەتلەردە تەتقىق قىلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم نۇقتىلار ناھايىتى كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مۇھىم نۇقتىلار ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەتنىڭ راۋاجلىنىشى بىلەن تارىخ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئوخشاشمىغان دەرىجىدىكى ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللارنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتىنى ئالىدىغان بولساق، ھازىرقى بازار ئىگىلىكى ھەم مەدەنىيەتلەر ئۇچرىشىشى بولۇۋاتقان شارائىتتا، ئۇيغۇر تىلىنىڭ ۋەزىپىسى، ئىستېمال دائىرىسى، ئىستىقبالى قانداق بولىدۇ؟ ئۇيغۇر تىلىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىلمىيلەشتۈرۈش، ئىملاسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىشىمىز كېرەك؟ تىلىمىزنىڭ ساپلىقىنى قوغداش مەسىلىسىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئىجابىي ۋە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئىجتىمائىي ئامىللار قايسى؟ تىلىمىز بېسىپ ئۆتكەن تارىخى تەرەققىيات باسقۇچلىرى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى قانداق؟ تارىخىي ۋەسىقىلەر تەتقىقاتىغا قانچىلىك ئەجىر قىلالىدۇق؟ دېگەندەك بىر قاتار تېمىلار بىزنىڭ جاپالىق ئىشلىشىمىزنى ۋە جاۋاب بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە.
ئەدەبىياتنى ئالساق، ئەنئەنىۋى ئىجادىيەت ئۇسلۇبى بىلەن يېڭىچە تەپەككۇر شەكلى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇش، بۇرۇندىن تارتىپ ھازىرغىچە ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ ئالدىنقى ئۆتكەل بولۇپ كەلگەن «نېمىنى يېزىش؟ قانداق يېزىش؟» مەسىلىسى، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش خاھىشى، دەۋر روھىغا ئۇيغۇنلاشقان ئەسەر يېزىش بىلەن ئۆلمەس ئەسەر يېزىش غايىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىش يوللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
ھازىر ئەدەبىيات تەتقىقاتى خىزمىتى ئىجادىيەت نەتىجىلىرىگە يېتىشەلمەي كېلىۋاتىدۇ. دېمەكچىمەنكى، ئەدەبىياتىمىزدا نەزەرىيە نامراتلىقى كۆرۈلۈۋاتىدۇ.
مەدەنىيەت مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ ھازىر بارغانسېرى كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان سەزگۈر تېمىلاردىن بىرىگە ئايلىنىپ قالدى. مەدەنىيەت ئاساسىمىزنى چىڭدىماي تۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى رىقابەت دولقۇنلىرىدا شاللىنىپ كېتىدىغانلىقىمىزنى ئاڭلىق كىشىلىرىمىز ھەقىقىي چۈشىنىپ يەتتى. ئىچكىرى ئۆلكىلەرنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلقئارادىكى تەرەققىي تاپقان ئەللەر مەدەنىيىتى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ھالىتىمىزگە ھېسسىيات بىلەن ئەمەس، ئەقىل كۆزى بىلەن قاراپ سېلىشتۇرۇپ، ئۆرنەك يارىتىشىمىز كېرەك. بۇ جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىمىزمۇ يەنىلا نەزەرىيە سەۋىيەسىگە كۆتۈرۈلەلمەيۋاتىدۇ.
مەدەنىيەت ― بىر كوللېكتىپ (بۇ كوللېكتىپ دۆلەت، مىللەت، كارخانا، ئائىلە بولۇشىمۇ مۇمكىن)نىڭ بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە شەكىللەنگەن ئىدىيەسى، كۆزقارىشى، ھەرىكىتى، ئۆرپ- ئادىتى، ۋەكىللىك شەخسلىرى ھەمدە مۇشۇ كوللېكتىپنىڭ ئومۇمىي ئېڭىدا ئەكس ئەتكەن بارلىق پائالىيەتلىرى بولۇپ، ئىنسانىيەت ئىشلەپچىقىرىپ ۋە ئىجاد قىلىپ باشقىلارغا تارقاتقان، بولۇپمۇ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا مىراس قالغان ھەر بىر بۇيۇم، ئۆرپ- ئادەت، كۆزقاراش، تۈزۈم، تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت شەكلىنى كۆرسىتىدۇ. مەدەنىيەت ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەت بىلەن ماسلىشىپ بىرلىشىشى ئارقىلىق تەدرىجىي ئۆز قىممەت قارىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپ، ئۇ ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
ھازىر ئېلىمىزدە، جۈملىدىن ئاپتونوم رايونىمىزدا ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن ئىلغار مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش، ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى قېزىش، ئۇنى نەزەرىيە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى توغرا شەرھلەش كېرەك. بۇ ھەقتە شۇجى جاڭ چۇنشيەنمۇ «مەدەنىيەت مەسىلىسىنى مەدەنىيەت ئۇسۇلى بىلەن ھەل قىلىش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى. شۇڭا، مەدەنىيەت تەتقىقاتىمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقى جەمئىيەتنىڭ ئىلگىرىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.
ئەمدى تارىخ تەتقىقاتى ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى دەپ باقاي، بىزدە شەرقىي تۈركىستان تارىخى ۋە ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدە يىرىك ئەسەرلەر ۋە ماقالىلەر يېزىلدى. بۇ ئەسەرلەرنىڭ تولىسى ماھىيەتتە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ غەربىي يۇرتنى باشقۇرۇش تارىخىدىن ئىبارەت بولدى، خالاس. يەرلىك خەلقلەرنىڭ تۇرمۇشى، مەدەنىيىتى، تەرەققىياتى ھەققىدە يېزىلغانلىرى ناھايىتى ئاز. بۇ جەھەتتە چەت ئەل ئالىملىرى يازغان ئەسەرلەر بىلەن بىزدە ئېلان قىلىنغان ئەسەرلەر روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. تارىخچىلىرىمىز بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىشى ۋە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن.
– زىيالىيلار توپلىشىپ قالغان بەزى سورۇنلاردا ھېكايە، رومان ئوقۇماستىن، ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇش كېرەك، دېگەندەك پىكىر ئېقىملىرىغا دۇچ كېلىپ قالىمىز، ھەتتا بەزى تاراتقۇلاردىمۇ بۇ ھەقتە سۆھبەتلەر بولۇپ ئۆتكەن، بۇ مېنىڭچە ھازىرلا باش كۆتۈرۈپ قالغان گەپ ئەمەس. بىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا قايسى پەن مۇئەللىمىمىز دەرسكە كىرسە، شۇ دەرسنىڭ ئەھمىيىتى، رولى ھەققىدە سۆزلەپ، باشقا پەنلەرنى مەنسىتمىگەندەك تەرىزدە سۆزلەيتتى. كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندىن كېيىنمۇ باشقا كەسىپتىكى، باشقا فاكۇلتېتلاردىكى ساۋاقداش، ئاغىنە- بۇرادەرلىرىمىز بىلەن ھەرقايسى پەنلەرنىڭ رولى ھەققىدە سۆزلىشىپ قالغاندا ئۆزىمىز ئوقۇۋاتقان ياكى قىزىقىدىغان پەننى كۆككە كۆتۈرۈپ، باشقا پەنلەرنى خۇددى جاھاندا ھېچقانداق رولى، ئەھمىيىتى يوقتەك سۆكۈپ مۇنا\ىرىلىشىپ كېتەتتۇق. جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىنمۇ بۇ مەسىلىگە ھەر خىل سورۇنلاردا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ ھەقتە سىزنىڭ چۈشەنچىڭىز قانداق؟
– بىزنىڭ بەزى كىشىلىرىمىز ئۆزىنى مەركەز قىلىپلا پىكىر قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇۋالغان. بۇ ئۆزىمىزنىڭلا ئەمەس، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تەڭ تەرەققىي قىلىشىغا زىيانلىق بىر خىل قاراش. تەبىئىي پەندە ئوقۇغان ياكى تەبىئىي پەن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار ئىجتىمائىي پەننى ياكى ئىجتىمائىي پەنچىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان، ئىجتىمائىي پەندە ئوقۇغان ياكى ئىجتىمائىي پەن بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلار تەبىئىي پەننى ياكى تەبىئىي پەنچىلەرنى ياراتمايدىغان بولۇپ قالدى. بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزىنى ھەم ئۆزگىنى چۈشەنمىگەنلىك. سىزدىن بىر ئاددىي سوئال سوراي، ئوڭ كۆزىڭىز مۇھىممۇ ياكى سول كۆزىڭىزمۇ؟
– سول كۆزۈمنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئوڭ كۆزۈمنىڭكىدىن ياخشى، بۇ جەھەتتە سول كۆزۈم مۇھىم.
– ھا…ھا…ھا… ئەمىسە سول قولىڭىز مۇھىممۇ ياكى ئوڭ قولىڭىزمۇ؟
– ئەلۋەتتە ھەر ئىككىسى مۇھىم. چۈنكى مەن يېرىم سولخاي، خەتنى ئوڭ قولۇمدا يازغان بىلەن نۇرغۇن ئىشلىرىمنى سول قولۇم بىلەن قىلىمەن.
– ئېغىز، بۇرۇن، قۇلاق، كۆز، قول، پۇت… دېگەندەك ئەزالارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بەدەن ئەزالىرىمىز بولغىنىدەك، تەبىئىي پەن، ئىجتىمائىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا قاتارلىق پەنلەرنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن مۇھىم. ئەمدى بايىقى گېپىمىزگە كەلسەك، ئەدەبىياتنى ئىنكار قىلىشمۇ خۇددى تارىخنى ئىنكار قىلغانغا ئوخشاش ئىلمىي ئاساسىي بولمىغان خاتا كۆزقاراش، يېڭى دەۋردىكى يېڭىچە نادانلىق. بۇ خىل كۆزقاراشتىكىلەر بىر تەرەپلىمە ھالدا تەبىئىي پەننىلا ياكى پەلسەپەنىلا تەكىتلەپ، ئىجتىمائىي پەنلەرنى، جۈملىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىياتنى كېرەكسىز نەرسە دەپ قارايدۇ. تارىخ ۋە ئەدەبىيات بولمىسا پەلسەپە نەدىن كېلىدۇ؟ بۇ، ئىزدىنىش يولىمىزدىكى ئىدىيەلەر توقۇنۇشىدىن كېلىپ چىققان مەنىۋى بۆھران.
تەبىئىي پەنلەر بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەر گوياكى قۇشلارنىڭ ئىككى قانىتىغا ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر قانات قىرقىۋېتىلسە قۇش ئۇچالمايدۇ. ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرى ئادەمنىڭ دۇنيا قارىشىنى ئىلمىيلەشتۈرىدۇ، سىستېمىلاشتۇرىدۇ، نەزەرىيەلەشتۈرىدۇ ۋە شۇ ئارقىلىق جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇستەھكەم نەزەرىيەۋى ئاساس يارىتىدۇ.
ئادەم ئەقلىنىڭ كۆپ قىسمى ئىسراپ بولۇپ كېتىدۇ، ئادەم ئۆز ئەقلىنى قانداق ئىشلىتىشنى، نېمىگە ئىشلىتىشنى كۆپ ھاللاردا بىلەلمەي قالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەمنىڭ بىرمۇنچە ئەقلىي قابىلىيەتلىرى جارى قىلىنماي بېسىلىپ قالىدۇ. ياخشى يېزىلغان ئەدەبىي ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى زوقلاندۇرۇش ۋە تەسىرلەندۈرۈش ئارقىلىق ئادەمنىڭ ئەنە شۇ بېسىلىپ قالغان يوشۇرۇن ئەقلىي كۈچىنى قوزغايدۇ. ئەدەبىي ئەسەر تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ئۇرۇقلىرىنى كىشىلەر قەلبىگە چاچىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنى ئىنسانلار قىلىدىغان ئەڭ خاراكتېرلىك ئىشنى قىلىشقا، يەنى ئويلاشقا ۋە شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق ماھىيىتىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا مەجبۇر قىلىدۇ.
چەت ئەللەردىمۇ ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بازىرى ئىتتىك. بىلىشىمچە، ياپونىيەدىكى نەشرىيات سودىگەرلىرى ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئاسانلىقچە قوبۇل قىلمايدىكەن، چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تىراژى ئاز بولىدۇ، ئەكسىچە ئۇلار ئەدەبىي ئەسەرلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلىدىكەن، چۈنكى بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ تىراژى كۆپ، سېتىلىشى تېز بولىدىكەن. ئىلمىي ئەسەرلەرنى ھەرقايسى تەتقىقات ئورۇنلىرى ھۆكۈمەتنىڭ ياردەم پۇلى بىلەن ئۆزلىرى بېسىپ تارقىتىدىكەن. بۇنداق بولۇشى تامامەن چۈشىنىشلىك، چۈنكى ئىلمىي ئەسەرلەرنى پەقەت شۇ ساھەنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىلا كۆرىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەرنى بولسا، ھەممە ساھە كىشىلىرى، كەڭ خەلق ئاممىسى كۆرىدۇ. مېنىڭچە، ھەرقانداق جەمئىيەتتە ئەھۋال مۇشۇنداق بولىدۇ، ھەممە ئادەم ئىلمىي ئەسەرلەرنى ئوقۇشى كېرەك دېيىلسە، بۇ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغان تەشەببۇس بولۇپ قالىدۇ.
– راست دەيسىز، تارىخ ئىلمىدىن بىخەۋەر بىر كىشىنىڭ تارىخ بەتلىرىنى ۋاراقلاپ، شۇ دەۋر تارىخىنىڭ ئىجتىمائىي ئەۋالىنى بىلىشكە قىزىقىشى ناتايىن، لېكىن «مەھمۇد كاشىغەرى» رومانى ئارقىلىق 11- ئەسىردىكى قاراخانىيلار سۇلالىسىنىڭ، «ئورقۇن شەجەرىسى» رومانى ئارقىلىق 7-8- ئەسىرلەرگە تەئەللۇق ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» رومانى ئارقىلىق 9- ئەسىردە قۇرۇلغان قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ، «باھادىرنامە» رومانى ئارقىلىق 13- ئەسىرلەردىن تاكى 16- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى موغۇلىستان خانلىرىنىڭ، «سۇلتان سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان» رومانلىرى ئارقىلىق سەئىدىيە خانلىقىنىڭ، «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن» رومانلىرى ئارقىلىق 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا قومۇلدا بولۇپ ئۆتكەن دېھقانلار قوزغىلىڭىنىڭ، «ئانا يۇرت» رومانى ئارقىلىق 1944- يىلى ئىلىدا كۆتۈرۈلگەن ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ تارىخىدىن قىسمەن، بەزى جايلىرى توقۇلما بولسىمۇ، تۇرمۇشقا يېقىن پېرسۇناژلىرى ئارقىلىق تەخمىنىي بولسىمۇ تارىخ بىلىمىگە ئېرىشىدۇ. بۇ جەھەتتە تارىخىي رومان ئىجادىيىتى تارىخچىلىرىمىز يارىتالمىغان پەللىنى ياراتتى دېسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ. لېكىن شۇ نەرسە ئايدىڭ بولۇشى كېرەككى، تارىخىي رومان تارىخ ئەمەس، پەقەت تارىخنىڭ بەدىئىي توقۇلمىلار، ئاپتورنىڭ ئىدىيە خاھىشى بويىچە ياساپ چىقىلغان بەدىئىي ئەسەر. ئەلۋەتتە ئىلمىي خادىملار تارىخىي رومانلارنى مەنبە قىلمايدۇ، لېكىن ئاۋامغا تارىخىي شەخسلەرنى بەدىئىي توقۇلما ئاساسىدا يارىتىپ بېرىدۇ. بۇ جەھەتتە تارىخىي رومان (پوۋېست، ھېكايە) بىلەن تارىخىي ئىلمىي ئەسەرنىڭ پەرقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ مۇئامىلە قىلىش يەنىلا زۆرۈر.يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەشرىيات ۋە شىنخۇا كىتابخانىلىرىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئاپتورلارنىڭ ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتىگە قاتنىشىپ كېلىۋاتىسىز، ئاخىرىدا، كىتاب ئوقۇش ھادىسىسى ھەمدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن بىۋاسىتە ئۇچرىشىش تەسىراتلىرىڭىز ھەققىدىكى قاراشلىرىڭىز بىلەن ئوقۇرمەنلىرىڭىزگە دەيدىغان يۈرەك سۆزلىرىڭىزنى ئاڭلاپ باقساق؟
– بىزدە كىشىلەرنى كىتاب ئوقۇشقا يېتەكلەشنى مەقسەت قىلىپ، بىر مەزگىل كىتاب ئوقۇشنى سېلىشتۇرۇپ باھالايدىغان ئىشلارمۇ بولدى. چەت ئەللەردە ھەقىقەتەن كىتاب ئوقۇيدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدۇ، بىزدە ئاز قىسىم ئادەم كۆپ كىتاب ئوقۇيدۇ. كىتاب بولسىلا تاللىماي ئوقىۋېرىپ ئاخىرىدا ئۆزىنىڭ نېمە ئويلايدىغانلىقىنى تاپالمايدىغانلارمۇ بار. مېنىڭچە، كىتاب ئوقۇش كېرەك، ئوقۇغاندىمۇ تاللاپ، مەقسەتلىك ئوقۇش كېرەك. بولسا ئوقۇغان كىتابلىرىدىن ئاز بولسىمۇ تەسىرات قالدۇرۇپ مېڭىش تېخىمۇ ياخشى ئادەت. يېقىندىن بۇيان ياخشى كىتابلارنىڭ بازىرىمۇ ئوبدان بولۇۋاتىدۇ. ھازىرقى ئىقتىسادىي شارائىتىمىز، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى، ھەر خىل بېسىملار تەڭ باستۇرۇپ كېلىۋاتقان شارائىتتا، كىتابنى تاللاپ، ئۆز ئېھتىياجىمىز بويىچە ئوقۇساق، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشىمىز. ھازىر ھەرقايسى نەشرىياتلار تۈرلۈك مەزمۇندىكى كىتابلارنى بەس- بەستە نەشر قىلماقتا. ئوقۇرمەنمۇ بۇرۇنقىدەك بىر باشتىن ئوقۇشتىن ئاۋۋال ۋاراقلاپ بېقىپ، جەمئىيەتنىڭ ساداسىنى ئاڭلاپ بېقىپ ئوقۇيدىغان بولدى. مەزمۇنغا، بەدىئىيلىككە، ئېستېتىك زوققا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويىدىغان بولدى. بۇمۇ ياخشى بولغىنى، شۇنداق بولغاندىلا يازغۇچى كاللىسىنى سىلكىۋېتىپ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئەسەر يازىدۇ.
ئوقۇرمەنلىرىمىز يازغۇچىلار ياكى تەتقىقاتچىلارغا قارىتا نازارەتچىلىك رولىنى ئوينىشى، تۈرلۈك يوللار بىلەن ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كۆزقاراشلىرىنى ياكى تەسىراتىنى ئۇقتۇرۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇنداق قىلىش بىر تەرەپتىن ئاپتورلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشكە ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ؛ ئىككىنچى تەرەپتىن ئۆزئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىدۇ. بىزدە پىكىر ئالماشتۇرۇش قىزغىنلىقى كەمچىل بولغاچقا، ئۆزئارا چۈشەنمەسلىك، ھەتتا خاتا چۈشىنىپ قېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ئورۇنسىز زىددىيەتلەر پات- پات كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. شۇڭا، ئاشكارا پىكىر بايان قىلىش ئاكتىپچانلىقىمىزنى پائال جارى قىلدۇرۇشنىڭ پايدىسى كۆپ دەپ قارايمەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنخۇا كىتابخانىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان خەلىق نەشرىياتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىرنەچچە قېتىملىق ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتىگە قاتناشتىم. ئاپتورلار بىلەن ئوقۇرمەنلەر بىۋاسىتە يۈز كۆرۈشۈپ، ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تونۇشقاندىكى قىزغىن كەيپىيات مەندە كۈچلۈك تەسىر قالدۇردى. ئۇيغۇرلار كىتاب ئوقۇيدىكەن، ئوقۇرمەنلەر يازغۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىكەن، يازغۇچىلارنى ئۆز ئادەملىرىمىز دەپ بىلىدىكەن. ئەپسۇسكى، كىتاب سېتىش پائالىيىتىدە ئاپتورلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا ئىمكانىيەت بولمايدىكەن. ئوقۇرمەنلەر بىز بىلەن سۆھبەتلىشىشكە ئىنتىلىدۇ، ئەمما سۆزلىشىشكە پۇرسەت يوق. شۇنى ئويلاپ قالدىمكى، ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئاپتورلار بىلەن ئوقۇرمەنلەرنى كۆرۈشتۈرۈشكە بىر ئىلمىي سورۇن ھازىرلاپ بەرسە ياخشى بولاتتىكەن.

5

2007- يىلى شەرقىي تۈركىستان يازغۇچىلار جەمئىيىتى «پەرھات جىلان ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزدى. يىغىندا پەرھات جىلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى، تىل تەتقىقاتى ۋە تەرجىمە ساھەسىدە قولغا كەلتۈرگەن ئىلمىي، ئىجادىي نەتىجىلىرىگە يۇقىرى باھا بېرىلدى ھەم پەرھات جىلانغا تون يېپىلدى. دەۋرىمىزدە پەرھات جىلاننى كۆپىنچە ئادەم بىر ئەدىب سۈپىتىدە تونۇيدۇ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئۇنى شەرەپ مۇنبىرىگە ئېلىپ چىقتى. ئۇنىڭ رومانلىرىغا مۇھەممەت پولات، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم، ئىسمايىل تۆمۈرى، ئابدۇبەسىر شۈكۈرى قاتارلىق ئوبزورچىلار ئوبزور يېزىپ، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. بۇ بۆلەكتە ئۇنىڭ تارىخىي رومان ئىجادىيىتىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئۈستىدە پېشقەدەملەرنىڭ بايانىدىن پايدىلىنىپ قىسقىچە توختىلىپ ئۆتىمىز.
– مېنىڭچە، ھەرقانداق مىللەت ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر كىشىلىرى بىلەن پەخىرلىنىدۇ. شۇڭا خەلقنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن ئاشۇنداق مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ بەدىئىي ئوبرازىنى تىكلەش ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئىنسانپەرۋەرلىك، قەھرىمانلىق، مەرىپەتپەرۋەرلىك روھىنى ئۇرغۇتقىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. لېكىن ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىگە قارىغاندا، تارىخىي تېمىدا، بولۇپمۇ مۇرەككەپ، چىگىش، زور تارىخىي تېمىلاردا يىرىك بەدىئىي ئەسەر يېزىش ئانچە ئاسان ئەمەستەك قىلىدۇ. ئوقۇرمەنلەر، بولۇپمۇ ياش ھەۋەسكارلار مۇشۇنداق تېمىلاردا ئەسەر يېزىش جەريانىدا ھاسىل قىلغان قاراشلىرىڭىزنى ۋە تەجرىبىلىرىڭىزنى بىلىشكە قىزىقىدىكەن. ئەينى دەۋرنىڭ تارىخىنى، مەدەنىيىتىنى، جۈملىدىن تىل ۋە ئىتنوگرافىيەسىنى پىششىق ئىگىلىمەي ۋە يېتەرلىك بەدىئىي ماھارەتكە ئىگە بولماي تۇرۇپ، زور تارىخىي تېمىلاردا ئېستېتىكا تەلىپى ئۈزۈكسىز كۈچىيىۋاتقان بۈگۈنكى ئوقۇرمەنلەرنى رازى قىلغۇدەك يىرىك بەدىئىي ئەسەر يېزىپ چىققىلى بولمىسا كېرەك، – دەپ سۆھبەتنى باشلايدۇ ئاتاقلىق ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئاكا پەرھات جىلان بىلەن.
– مېنىڭ ھازىرغىچە يازغانلىرىم ناھايىتى ئاز. شۇڭا يېزىقچىلىقتىن جۇغلىغان ئەمەلىي تەجرىبىلىرىممۇ ناھايىتى ئاز. ئەگەر ياش ھەۋەسكارلار مېنىڭ بۇ جەھەتتىكى قاراشلىرىمنى ئاڭلاپ بېقىشقا قىزىقسا، مەن پەقەت ئاز- تولا تەسىراتىمنىلا سۆزلەپ بېرەلىشىم مۇمكىن. تارىخىي تېمىلاردا بەدىئىي ئەسەر يېزىش ئۈچۈن، ئەلۋەتتە، ئالدى بىلەن تارىخنى ئۆگىنىش ۋە بىلىش كېرەك. ئەگەر تارىخنى تەتقىق قىلىش سەۋىيەسىگە يېتەلىسەك تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. تارىخنى تەتقىق قىلىشتىن مەقسەت تارىخىي تەرەققىياتنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتلىرىنى تېپىپ چىقىشتىن ئىبارەت. ئەنە شۇ قانۇنىيەتلەرنى بىلگەن ئادەم تارىخنى توغرا تەھلىل قىلالايدۇ، ھازىرقى دۇنيانى چۈشىنەلەيدۇ ۋە كەلگۈسىدە بولىدىغان تەرەققىيات جەريانىنى تەسەۋۋۇر قىلالايدۇ. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، تارىخنى ئۆگىنىش پەقەت تارىخىي تېمىلاردا ئەسەر يېزىش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ھازىرقى زامان تېمىسىدا يېزىش ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى تارىخ بارلىق پەنلەرنىڭ، ئىنسانىيەت توپلىغان بارلىق بىلىملەرنىڭ ئانىسى. يازغۇچى بولۇشقا بەل باغلىغان ئادەم ئەدەبىيات ۋە تارىخ پەنلىرىنى ئۆگىنىشتىن سىرت، يەنە تۈرلۈك بىلىملەرنىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنىشكە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. بىلىش دائىرىسى قانچە كەڭ بولسا شۇنچە ياخشى. ئېسىل ئەسەرلەرنى يازغان قەلەم ئىگىلىرىمۇ ناۋادا داۋاملىق ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويسا، كېيىنكى ئەسەرلىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى سۇسلىشىپ كېتىدۇ. ئاخىرىدا شۇنى دېگۈم كېلىدۇكى، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئالاھىدە بىر خىل پىسخىكىلىق پائالىيەت بولۇپ، باشقا ھەرقانداق ھۈنەر- كەسىپكە ئوخشاشمايدۇ. پەقەت يېزىقچىلىق تالانتى بولغان ئادەملا يازغۇچى بولالىشى مۇمكىن. شۇڭا ئەدەبىيات يولىغا قەدەم قويغان ھەر بىر ياش ھەۋەسكار ئالدى بىلەن ئۆزىنى دەڭسەپ كۆرۈشى، «مەن ئىجاد قىلالامدىمەن؟» دېگەن سوئالغا ئۆزى ئېنىق جاۋاب ھازىرلىشى كېرەك. ئەگەر ئۆزىدە ئىجادىيەت قابىلىيىتىنىڭ كەملىكى سېزىلسە، ئەڭ ياخشىسى، ئۆزىگە ماس كېلىدىغان باشقا بىر كەسىپنى تاللىۋېلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىق بولىدۇ. ئەگەر ھەقىقىي يېزىقچىلىق تالانتى بولسا، ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، بۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك» (ئەنۋەر ئابدۇرېھىم: «يازغۇۋچىلار بىلەن سۆھبەت» شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2000- يىلى نەشرى، 185-186- بەتلەر).
ئىككى پېشقەدەمنىڭ سۆھبىتى مۇشۇ تەرىزدە داۋاملىشىدۇ.
شۇنداق، ھەرقانداق بىر مىللەت ئۆز تارىخىدا ئۆتكەن ئالاھىدە ۋەقەلەر، مەشھۇر شەخسلەر بىلەن پەخىرلىنىدۇ ھەم ئەۋلادلارغا ھېكايە قىلىپ بېرىشكە ئامراق كېلىدۇ. ئۇيغۇرلار ئۆز تارىخىدا نۇرغۇن قىسمەتلەرگە دۇچار بولغان مىللەتلەرنىڭ بىرى. تارىخىمىزدا قاچانكى ئىتتىپاقلىق، ئىناقلىق گۈللىرى پورەكلىگەندە شانلىق نەتىجىلەر قولغا كەلگەن، قاچانكى تەپرىقە، نىزا ئەۋج ئالغاندا، چۈشكۈنلىشىپ خارابلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، تارىخىمىزدا تالاي قېتىملاپ مەدەنىيەت دەپسەندىسى بولۇپ، كىتاب- ماتېرىياللار كۆيدۈرۈلگەن، تارىخ بىلىمىمىز چولتىلاشقان، ساۋاتسىزلىق بازار تاپقان بولغاچقا، ئەۋلادلارنىڭ ئۆز ئەجدادلىرىنىڭ تارىىىدىن خەۋەردار بولۇش يوللىرى ئۈزۈپ تاشلانغان. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن كېيىن، قايتىدىن قولىغا قەلەم ئالغان ئالىم- ئەدىبلىرىمىز قەدىمكى ۋەسىقىلەرنى قېزىش، رەتلەش، نەشر قىلىش داۋامىدا قۇمغا كۆمۈلگەن تارىخىمىزنىڭ بىر قىسمىنى يورۇتۇشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، ئايشەم ئەھمەت، تۇردى سامساق، ئابدۇللا تالىپ قاتارلىق پېشقەدەم ئەدىبلىرىمىز مۇشۇ تارىخلار ئىچىدىن بەلگىلىك تۇرمۇش دېتاللىرىنى قېزىپ تارىخىمىزدا بولۇپ ئۆتكەن بەزى ۋەقەلەرنى، مەشھۇر شەخسلەرنى بەدىئىيلەشتۈرۈپ، تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە يول ئېچىپ بەردى. پەرھات جىلان مۇشۇ يولنى بويلاپ، ئاساسىي زېھنىنى تارىخىي رومان ئىجادىيىتىگە قارىتىپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەدىبلىرىمىزنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئۈچ پارچە رومانى بىلەن «ئالتۇن قاندىكى توي» ھېكايىسى دەل بۇندىن 1000 يىلدىن ئىلگىرىكى تارىخقا بېغىشلانغان ئەسەرلەردۇر.
شەرقىي تۈركىستان ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئىنستىتۇتى تۈزگەن، مىللەتلەر نەشرىياتى 2006- يىلى نەشر قىلغان «ئۇيغۇر ئەدەبىياتى تارىخى»دا «ئالتۇن قاندىكى توي»غا مۇنداق باھا بېرىلگەن:
«يازغۇچىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئەدەبىي ھاياتى ئەمەلىيەتتە مۇشۇ ھېكايە بىلەن باشلاندى، يازغۇچىنىڭ يېڭى دەۋر ئەدەبىياتىدىكى ئورنىغىمۇ مۇشۇ ئەسەر ئاساس سالدى. بۇ ھېكايىدە يازغۇچىنىڭ مول تەسەۋۋۇر كۈچى، تارىخىي ۋەقەلەرنىڭ ئەدەبىي قىممىتىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى ماھىرلىقى، تارىخ بىلەن توقۇلمىنى باغلاش سەنئىتى، خاراكتېر يارىتىش ۋە قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئۇستىلىقى تولۇق نامايان قىلىنغان. يازغۇچى بۇ ھېكايىنى يېزىشتا مەھمۇد كاشىغەرىي «تۈركىي تىللار دىۋانى»غا خاتىرىلەپ قويغان كىچىككىنە بىر رىۋايەتكە ئاساسلانغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قىسقىلا بىر رىۋايەتنى يۈكسەك دەرىجىدىكى تەسەۋۋۇر كۈچى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارىخىي مەلۇماتلار ئاساسىدا موللاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يىراق قەدىمكى زاماندا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى بىلەن ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي قوشۇنلىرى ئوتتۇرىسىدا بولۇپ ئۆتكەن بىر قېتىملىق مۇھىم تارىخىي ئۇرۇش ─ ‹ئالتۇن قان›ئۇرۇشىنى ناھايىتى كەڭ ۋە ئەتراپلىق تەسۋىرلىگەن. يازغۇچى بۇ ھېكايىدە ئاشۇ قېتىملىق ئۇرۇشتا ئۇيغۇر قوشۇنلىرى كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقنى ۋە ئۇرۇش غەلىبىسىنىڭ تارىخىي ئەھمىيىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرگەن ھەم ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرگەن. دېمىسىمۇ، يىراق يۇناندىن يولغا چىقىپ، تاجاۋۇزچىلىق، كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشى بىلەن جاھاننى بېشىغا كىيىپ، ھەدەپ شەرققە ئىلگىرىلەپ، شەرق ئەللىرىگە ھەددى- ھېسابسىز بالايىئاپەتلەرنى، خانىۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كەلگەن ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي قوشۇنلىرىنىڭ ئالدىنى ئۇيغۇر قوشۇنلىرى توسقان، ئۇرۇشتا ئۇنى مەغلۇب قىلىپ ئارقىغا چېكىندۈرگەن. مانا بۇ ─ ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ تارىختىكى مۇھىم تۆھپىلىرىدىن بىرى ئىدى. يازغۇچى مانا مۇشۇ تارىخىي تۆھپىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئەجدادلىرىمىزنىڭ باتۇرلۇق- قەھرىمانلىقىنى، شۇنداقلا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇپ، يۇرتىنى قوغداشتەك يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىمۇ قىزغىن مەدھىيەلىگەن». (يۇقىرىقى كىتاب، 4- قىسىم، 2- كىتاب، 772-773- بەتلەر)
يازغۇچى ھېكايىدە ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ ئالېكساندىر ماكېدونىسكىي قوشۇنلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش كۆرۈنۈشلىرىنى ماھىرلىق بىلەن تەسۋىرلەپ، كۈچلۈك ھاياجان پەيدا قىلىدۇ ۋە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرىدۇ. يازغۇچى ئۇيغۇر قوشۇنلىرىنىڭ باتۇرلۇقىنى، ئۇرۇشتا ماھىرلىقىنى، قىزىققانلىقىنى ھېكايىدىكى ئارسلان، بارس تېگىن، ئىلتەمىر قاتارلىق پېرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق كۆرسىتىپ بەرگەن. ھېكايىنىڭ تەپسىلاتلىرى جانلىق، تەسۋىرلىرى ئىنچىكە، تىلى نەپىس، لىرىكىلىقى كۈچلۈك، قۇرۇلمىسى مۇكەممەل بولۇپ، مۇشۇ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ھېكايىچىلىقىدىكى نادىر ئەسەرلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
يۇقىرىقى ئەسەردە پەرھات جىلاننىڭ «مەھمۇد كاشىغەرىي» رومانىغا مۇنداق باھا بېرىلگەن:
«تارىختا ئۆتكەن مەھمۇد كاشىغەرىي ئىلىم ئۈچۈن غايەت زور تۆھپە قوشقان دۇنياۋى شۆھرەتكە ۋە تەسىرگە ئىگە كاتتا ئالىم. شۇنداق بولغاچقا، ئۇنىڭ ئىلىم ساھەسىدىكى ۋە كىشىلەر قەلبىدىكى ئورنى ناھايىتى يۇقىرى. مانا مۇشۇنداق ئالىمغا بېغىشلانغان روماننىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىقىش- چىقماسلىقى باشقا بىرمۇنچە تەرەپلەردىن كۆرە ئالدى بىلەن ۋە ناھايىتى زور دەرىجىدە مەھمۇد كاشىغەرىي ئوبرازىنىڭ قانداق يارىتىلىشى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان يازغۇچى بارلىق تىرىشچانلىقىنى مۇشۇ ئوبرازنى يارىتىشقا بېغىشلاپ، ئەجرىگە يارىشا خېلى زور مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن. شۇڭا مەھمۇد كاشىغەرىي ئوبرازىنىڭ جانلىق ۋە مۇكەممەل يارىتىلىشى مەزكۇر روماننىڭ ئاساسلىق مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. … روماننىڭ يەنە بىر ئۇتۇقى شۇكى، ئۇنىڭدا ئەينى دەۋر ھاياتى ناھايىتى كەڭ تەسۋىرلەنگەن. رومان نۇرغۇن مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ ھەجىملىك تارىخىي رومان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ 11-، 12- ئەسىرلەردىكى زور تارىخىي ۋەقەلىرى، مۇھىم تارىخىي شەخسلىرى، ئوردىلاردىكى ھاكىمىيەت ئىشلىرى، ھوقۇق تالىشىش كۈرەشلىرى، نىزا- ئىختىلاپلار، چوڭ ھەربىي يۈرۈشلەر؛ شۇ مەزگىللەردىكى ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىي ھايات، ئەدەبىيات- سەنئەت، فولىكلور ئادەتلىرى، دىپلوماتىيە، سودا ئالاقىلىرى؛ تۈركىي خەلقلەر زېمىنىنىڭ تېررىتورىيەسى، جۇغراپىيەلىك ئەھۋالى؛ دىنىي ئېتىقادى، ئىسلامغا كۆچۈش جەريانى؛ ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىللىرىنىڭ ئورنى، قوللىنىلىش ئەھۋالى، ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى، زۆرۈرىيىتى؛ شۇ دەۋرلەرېدە ياشاپ ئىجاد قىلىپ ئۆتكەن ئالىم- ئۆلىمالارنىڭ، ئەدىب- سەنئەتكارلارنىڭ ھاياتى، ئىلمىي پائالىيەتلىرى، ئەسەرلىرى… قاتارلىق كۆپلىگەن مەزمۇنلار يېزىلغان. بۇ مەزمۇنلار ئەسەرنى ناھايىتى مول، ناھايىتى كەڭ، شۇنداقلا تولىمۇ قىممەتلىك ئۇچۇر زاپىسىغا ئىگە قىلىپ، ئەسەرنىڭ مەزمۇن جەھەتتىكى قىممىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرغان». (يۇقىرىقى ئەسەر، 777-785- بەتلەر)
يۇقىرىقى ئەسەردە روماننىڭ بەدىئىي جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيىتىمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن بولۇپ، روماننىڭ لىرىك تەركىبلەرگە بايلىقى، مەھمۇد كاشىغەرىي تىلىدىن بېرىلگەن چوڭقۇر پىكىرلىك مۇھاكىمىلەرنىڭ روماننىڭ تارىخىي چىنلىقى، بىلىمچانلىقى ۋە ئوقۇشچانلىقىنى ئاشۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن. يازغۇچى روماننىڭ تارىخىي چىنلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭ تىلىغىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن. زامان ۋە ماكان نۇقتىسىدىن زۆرۈر تېپىلغاندا قەدىمكى ئۇيغۇر تىلىدىكى ئاتالغۇلاردىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان. ئۇندىن باشقا، يازغۇچى يەنە رومانغا ئەينى دەۋر تۈسىنى بېرىش ئۈچۈن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىكى ماقال- تەمسىل، شېئىر- قوشاق، ئەپسانە- رىۋايەت ئۈلگىلىرىدىنمۇ ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
ئاتاقلىق ئەدەبىي ئوبزورچى مۇھەممەت پولات ئاكا يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ:
«تالانتلىق يازغۇچىمىز پەرھات جىلان ناھايىتى زور ئىجادىي غەيرەتكە كېلىپم .ېغىر زېھنىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان تارىخى رومان يېزىشتەك بۇ مۇرەككەپ ئىجادىي ئەمگەك زېمىنىغا ئىشەنچ بىلەن قەدەم قويدى. ئۇ خەلقىمىز بېسىپ ئۆتكەن، بىزگە ئەسلى قىياپىتىدە تېخى تولۇق ئايان بولمىغان ئۇزاق بىر سىرلىق تارىخنىڭ تۈپ ماھىيىتىنى كۆپ خىل تىل ۋاسىتىسى بىلەن ئۇچراشقان، كۆپ خىل مول تارىخىي ماتېرىياللار ئاساسىدا يارىتىلغان، جېنىمۇ، روھىمۇ بولغان تىرىك بەدىئىي ئوبرالارنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق جانلىق يورۇتۇپ بەردى. ئۇ دەۋر چىنلىقى تۇيغۇسى بېرىدىغان بەدىئىي مەزمۇن ئىزچىللىقىغا ئىگە «ئورقۇن شەجەرىسى»، «مەھمۇد كاشىغەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق تارىخىي رومانلارنى ئىجاد قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ئىجادىي ئۆزلۈكىنى يارىتىپ، ھۆرمەتلىك ئەدىبلىرىمىز ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن ئايشەم خانىملار باشلاپ بەرگەن تارىخىي رومانچىلىقىمىزنىڭ بەدىئىي مەزمۇن قاتلىمىنى تېخىمۇ بېيىتتى. … ئاپتور رومانلىرىدا بەدىئىي قۇرۇلمىنى باشتىن- ئاخىر ئەسەرلىرىنىڭ بەدىئىي مەزمۇنلىرىنى گەۋدىلەندۈرۈش زۆرۈرىيىتى بىلەن تەشكىللەپ، سۇژىتلار راۋاجىنىمۇ ئاشۇ بىر ئومۇمىي مەقسەتنى ئاساس قىلىپ يۈكسەلدۈرۈپ، ئۇلارنى ئەسەرلىرىنىڭ مەزمۇن خاراكتېرى تەلەپ قىلغان بەدىئىي دائىرىگىچە كېڭەيتتى. بۇنىڭدا ئۇ چوڭ، يېتەكچى ۋەقەلەرنىڭ تارىخىي چىنلىقىنى ساقلاپ ۋە ئۇنى تېخىمۇ روشەنلەشتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ بەدىئىي مەزمۇنىنى ئەمەلىي ۋە مەنتىقىي ھالدا ئېچىپ بېرىدىغان بىرمۇنچە جانلىق ۋەقە ۋە تەپسىلاتلار گۇرۇپپىسىنى ئىجادىي ھالدا ياراتتى. … يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ ئۈچ تارىخىي رومانىنى تارىخ بىلەن سەنئەتنىڭ، بەدىئىي غايە بىلەن ماھارەتنىڭ تەبىئىي قوشۇلۇشىدىن تۇغۇلغان، مۇئەييەن ئېستېتىك قىممەت ۋە بىلىش قىممىتىگە ئىگە بولغان، پەقەت ئاپتورنىڭ ھېچكىمنىڭكىگە ئوخشاشمايدىغان ئىجادىي خاسلىقىدىنىلا يارىتىلىشى مۇمكىن بولغان ئالاھىدە تەقلىدتىكى بەدىئىي رومانلار دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلار بىر پۈتۈن مىللىي ئەدەبىياتىمىزنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى سۈپىتىدە تارىخىي رومانچىلىقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى بەدىئىي تەرەققىياتىغا مۇئەييەن ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ» (مۇھەممەت پولات: «ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا 50 يىل»، شەرقىي تۈركىستان ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى، 2014- يىلى نەشرى، 2- قىسىم، 967-970- بەتلەر)
يازغۇچى پەرھات جىلان بۇ ئۈچ رومانىدا ئوخشاشلا ئىزناسى ئۆچۈشكە باشلىغان يىراق تارىخىي دەۋرلەردە ياشىغان، بىزگە تومۇرىمىزدىكى قان ۋە ۋۇجۇدىمىزدىكى گېندىن باشقا ھېچقانداق تونۇشلۇقى بولمىغان بىر توپ سىرلىق كىشىلەر ھاياتىنى بەدىئىي توقۇلما قىلىش ئۇسۇلىدىن ئىجادىي پايدىلىنىپ بىزنى قىزىقتۇرغان شۇنچە كۆپ جانلىق پېرسۇناژلار ئوبرازىنى قەلەمگە ئالدى. ئۇ ئەينى دەۋر تارىخىدا مۇھىم رول ئوينىغان بىرنەچچە مەشھۇر تارىخىي شەخسلەرنىڭ يازما دەلىللەردە ئىسپاتلانغان ھايات سەرگۈزەشتلىرىنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلىغان ھالدا قالغان بارلىق ۋەقە- ھادىسىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مەنتىقىلىق راۋاجىغا يانداشقان بارلىق پېرسۇناژلارنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە خىيال ۋە فانتازىيە كۈچىگە تايىنىپ يېڭىدىن ئىجادىي لايىھەلىگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بەدىئىي توقۇلمىسىدىن توقۇغان ھەر بىر پېرسۇناژنى مۇئەييەن ئىجتىمائىي تارىخىي مەزمۇن بىلەن ئەينى دەۋر ھايات مۇناسىۋىتىنىڭ ماھيىتىگە ئۇيغۇن بولغان ھەر خىل تىپىك خاراكتېرلارغا ئىگە قىلغان. ئۇلار ئۆز ھايات سەرگۈزەشتلىرىدىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە مەنىۋى دۇنياسى، دەۋر تۈسىگە تويۇنغان ئوبرازلىق جانلىق تىلى، پەقەت شۇ پېرسۇناژلارنىڭ ئۆزلىرىدىنلا تۇغۇلۇشى مۇمكىن بولغان روشەن خاسلىققا ئىگە ئىش- ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق بىر- بىرىدىن تۈپتىن پەرق قىلىدۇ. شۇڭا، بۇ پېرسۇناژلار شۇ تارىخىي دەۋردە ياشىغان ھەقىقىي تىرىك ئادەملەر سۈپىتىدە بىزنى ئىشەندۈرىدۇ. يۇقىرىقى مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىلەن يازغۇچى پەرھات جىلاننىڭ «ئورقۇن شەجەرىسى»، «مەھمۇد كاشىغەرىي»، «ئىدىقۇت يۇلتۇزى» قاتارلىق ئۈچ تارىخىي رومانىنى ئۇزاقتىن بۇيان بىزگە سىرلىق ۋە نائېنىق بولۇپ كەلگەن يىراق ھايات سەرگۈزەشتلىرىمىزنىڭ بىر پۈتۈن بەدىئىي مەنزىرىسىنى سىزىپ بېرىش زۆرۈرىيىتىدىن بارلىققا كەلگەن رەڭدار بەدىئىي توقۇلمىلارنىڭ ىجادىي بەدىئىي دۇنياسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئىنسان بۇ دۇنياغا «ئىڭڭە»لەپ كۆز ئاچقاندىن تارتىپ يەنە ئانا تۇپراق قوينىغا قايتىپ كەتكىچە نۇرغۇن كەچۈرمىشلەرنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ. بۇ ھايات سەپىرىدە ھەر بىرىمىز ھەر قىسمەتتە يول يۈرىمىز، بەزىلەر ئەيش- ئىشرەت، راھەت- پاراغەتتىن مەستخۇش بولۇپ ياشىسا، بەزىلەر ئىشچان ھەسەل ھەرىلىرىدەك ئىنسانىيەتكە بال تەقدىم قىلىش يولىدا تىنىمسىز ئىزدىنىدۇ ۋە شۇنىڭدىن كۆڭلىنى خۇش ئېتىپ ياشايدۇ. بۇ ھەر بىر كىشىنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، يەنى تۇرمۇش قارىشىغا، دۇنياقارىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولىدىكەن. يىللار بوينىغا گۈلدەستىلەر ئېسىپ، باشقىلارغا مەنىۋى بايلىق ئاتا قىلىپ ياشىغان ئىنسان ھامان دۇنيا بىلەن قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، قۇچاقلىشىپ ياشايدىكەن. بۇنداق ئادەملەر قانچە كۆپ بولسا، شۇ مىللەتنىڭ، شۇ قوۋمنىڭ، شۇ جەمئىيەتنىڭ ھەم يەر شارىمىزنىڭ بەخت- تەلىيى ئىكەن. جەننەتنىڭ ئاچقۇچىمۇ ئاشۇنداق ئادەملەرنىڭ قولىدا بولسا كېرەك…

مەنبە: ۋەتىنىم مۇنبىرى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش