ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ئارىسىغا چۈشكەن قارا داغلار

ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ئارىسىغا چۈشكەن قارا داغلار

مەمەت ئىمىن (ئامېرىكا)

مەن 20 يىلدىن بىرى ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى بولۇش سالاھىتىم بىلەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى توغرسىدا سۆز قىلىشقا ھەقلىق ئەمەسمەن. شۇنداقتىمۇ مەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇملارغا نىسبەتەن سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيەسى تۇتىۋاتقانلىقىنى سىرىتتىن كۈزىتىۋاتقان بىر ئۇيغۇر بولۇش سالاھىتىم بىلەن، ئۆزۈمنىڭ بۇ ھەقتە ھىس قىلغانلىرىمنى ۋە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتمەكچى. توغرا بولمىغان ۋە ياكى خاتا بولۇپ قالغان يەرلەر بولسا، قېرىنداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

مەن تۈركىيەگە 2010 – يىلى ۋە 2013 – يىلى جەمى ئىككى قىتىم بارغان بولۇپ، جەمىئى 24 كۈن تۇرغان ئىدىم. مەن تۈركىيەدە ئۇزۇن ياشاپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئەھۋالىنى تۈركىيەدە ئۇزۇن ياشىغان قېرىنداشلاردەك چۈشىنىپ كىتىشىم ناتايىن. ئەمما شۇ ئىككى قىتىملىق زىيارىتىم جەريانىدا، مىنىڭ تۈركىيەگە بولغان تەسىراتىم، خۇددى مەن يۇرتۇمغا قايىتقان بىلەن ئوخشاش ھىسياتتا بولغان ئىدى. بۇنىڭ سەۋەپلىرى ھەر خىل بولۇپ، مەن ئۇنى بۇ يەردە بىر بىرلەپ سۆزلەپ ئولتۇرمىساممۇ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى تارىخى ۋە قان-قېرىنداشلىق باغ ھەممىمىزگە ئايان. ئەپسۇس، يىقىنقى يىللاردىن بىرى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىك ۋە تەھدىتلەرگە، بولۇپمۇ مىلىيونلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگىرلىرىغا سولىنىش مەسىلىسىگە سۈكىت قىلىشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇر ۋە تۈركتىن ئىبارەت ئىككى قېرىنداش مىللەت ئارىسىدا، ئۆز ئارا ئىشەنمەسلىك، ئۆز ئارا خاتا چۈشىنىش، ئۆز ئارا تەنقىت قىلىش ۋە ئۆز ئارا ئەيىپلەشلەر پەيدا بولماقتا. بۇنىڭ ئىپادىلىرى ۋە سەۋەپلىرى ھەر خىل بولۇپ، مەن تۆۋەندە بۇ ھەقتە ئازراق توختۇلۇپ ئۆتمەكچىمەن.

مەن 2018 – يىلى 4 – ئايدا ۋە 12 – ئايدا، توردا ئىككى قىتىم راي سىناش ئىلىپ بارغان ئىدىم. 2018 – يىلى 4 – ئايدا ئىلىپ بارغا راي سىناشقا جەمىئى 871 ئادەم، 12 – ئايدا ئىلىپ بارغان راي سىناشقا جەمىئى 1117 ئادەم قاتناشقان.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنسى:

(1) ئەر

(2) ئايال

(3) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارىقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، ئىككى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى، قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ جىنسىدا چوڭ پەرىق يوق.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ مەدىنىيەت سەۋىيەسى:

(1) ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى

(2) ئوتتۇرا مەكتەپ

(3) باشلانغۇچ مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن

(4) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارىقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، ئىككى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى، قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئالىي مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى مەلۇماتقا ئىگە.

راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار تۇرىۋاتقان دۆلەتلەر:

(1) شىمالى ئامىرىكا (ئامىرىكا ۋە كانادا)

(2) ياۋروپا

(3) ئاۋىسىترالىيە

(4) ياپونىيە ۋە شەرقى جەنۇبى ئاسىيا

(5) ئورتا ئاسىيا

(6) تۈركىيە

(7) ئەرەپ دۆلەتلىرى

(8) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارىقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، ئىككى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى، قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تۈركىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، ئۇندىن قالسا ياۋروپا ۋە شىمالىي ئامىرىكىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار.

سىزچە بىزگە ئەڭ كۆڭۇل بۆلىدىغان دۆلەتلەر قايسى؟

(1) تۈركىيە

(2) ئورتا ئاسىيا

(3) مۇسۇلمان دۆلەتلىرى

(4) ئامىرىكا باشچىللىق غەرب دلەتلىرى

(5) ھىچقايسىسى ئەمەس

(6) بىلمەيمەن

(7) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارىقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 52% تۈركىيەنى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت دەپ قارىغان بولسا، ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقتا، ئوخشاش قاراشتىكىلەر 10% گە چۈشۈپ قالغان. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئامىرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان دۆلەت دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 12% دىن ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 59% گە كۆپەيگەن.

سىزچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قايسى دۆلەت ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ؟

(1) تۈركىيە

(2) ئورتا ئاسىيا

(3) مۇسۇلمان دۆلەتلىرى

(4) ئامىرىكا باشچىللىق غەرب دۆلەتلىرى

(5) ھىچقايسىسى ئەمەس

(6) بىلمەيمەن

(7) جاۋاپ بەرمىگەنلەر

يۇقارىقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 23% تۈركىيەنى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ دەپ قارىغان بولسا، ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشقتا، ئوخشاش قاراشتىكىلەر 8% گە چۈشۈپ قالغان. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلار ئىچىدە ئامىرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ چوڭ رول ئوينايدۇ دەپ قارايدىغان ئۇيغۇرلار، بىرىنجى قىتىملىق (كۆك رەڭلىك 4-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 44% دىن ئىككىنجى قىتىملىق (قىزىل رەڭلىك 12-ئايدىكى) راي سىناشدىكى 72% گە كۆپەيگەن.

يۇقارىقى ئىككى قىتىملىق راي سىناش نەتىجىسىدىكى ئۆزگۈرۈشلەردىن باشقا، بەزى ئۇيغۇرلار، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ۋە تۈركىيەدىكى بەزى شەخىسلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پوزىتسىيەسىنى تەنقىت قىلىپ، ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن ئۆز نارازىلىقىنى بىلدۈرمەكتە ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئىپادىلىمەكتە. بۇ ئۆزگۈرۈشلەرنى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە بەزى تۈرك سىياسىيۇن، بىلىم ئادەملىرى ۋە ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە بولغان خاتا چۈشەنچىسى ۋە خاتا تەشۋىقاتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك دەپ قاراشقا بولىدۇ.

بىزدە “ئاياقنىڭ قانداقلىقىنى پۇت بىلىدۇ” دەيدىغان ئاتا سۆزى بار. ئاسارەت ئاستىدا ياشاپ باقمىغان ئىنسانلار، ئاسارەت ئاستىدا ئۇزۇن ياشىغان بىر  خەلقنىڭ پىسخىلوگىيەسىدە قانداق ئۆزگۈرۈشلەر بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۇر قىلالىشى مۈمكىن ئەمەس.  تۈركىيەدىكى تۈرك قىرىنداشلار ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتىدا ياشاپ باقمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار دۇچ كىلىۋاتقان مەسىلىلەرنى ئۇيغۇرلاردەك ھىس قىلالماسلىقى، ئۇيغۇرلاردەك تولۇق چۈشۈنۈپ كىتەلمەسلىكى، ھەتتا خاتا چۈشىنىپ قىلىشى تامامەن مۈمكىن. ۋەتەن ئىچىدىكى خەلق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتمۇ قات تەھدىت ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقى ئۈچۈن، باشقىلارغا كۆڭلىدىكى سۆزلەرنى قىلالىشى بەك قىيىن. ۋەتەن سىرتىدىكى بەزى ئۇيغۇر قىرىنداشلار، ۋەتەندىن ئىسپاتلىق ئۇچۇر ئىلىش قىيىن بولغانلىقى سەۋەبىدىن، تورلاردا ئىقىپ يۈرگەن، كىلىش مەنبەسى ئىنىق بولمىغان بەزى رەسسىم ۋە سىن فىلىملەرنى تارقىتىپ، باشقىلارغا يالغان ئۇچۇر تارقاتقان تۇيغىنى بىرىپ قويغان، ۋە ياكى بەزىلەردە خاتا چۈشەنچە پەيدا قىلىپ قويغان بولىشى مۈمكىن. مەيلى قانداق بولۇشتىن قەتتى نەزەر، ھازىر ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن زۇلۇم ۋە ئىرقى يوقۇلۇش تەھدىتى ئەسلا كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان بىر ھەقىقەت.

ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئىغىر ۋەزىيەتنى تۈرك قېرىنداشلارغا ۋە دۇنيا جامائەتىگە توغرا ئاڭلىتىش بىزنىڭ ۋەزىپىمىز. بىراق تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى بەزى سىياسىيۇن ۋە بىلىم ئادەملىرىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كەلگەن ۋە كىلىۋاتقان بۇ ئىغىر كىرزىسنى كۆرمەسكە سىلىپ، ئۇنىڭغا ئىنسانى نۇقتىدىن ئىپادە بىلدۈرمەسلىكى، ھەتتا بەزى تۈرك ئاخباراتلىرىنىڭ ھىچ خىجىل بولماستىن، شەرقىي تۈركىستاندا ھىچقانداق كىرزىسىنىڭ يوقلىقىنى ئوتۇرغا قويۇپ، “ئۇ ئىنسان ھەق ھوقۇقلىرى كىرزىسى” بولۇپ، ئامىرىكا باشلىق غەرب دۆلەتلىرى ئويدۇرۇپ چىقارغان سۇنئىي كىرزىس دەپ تەشۋىق قىلىشى، مەن ۋە ماڭا ئوخشاش كۆپلىگەن ئۇيغۇر زىيالىلارنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇردى. بىزدە “بالا كەلسە قېرىنداشتىن” دەيدىغان بىر ئاتا سۆزى بار بولۇپ، ھىچ بىر ئۇيغۇر، تۈرك ئاخباراتلىرىدا بۇنداق بىر خەۋەرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى. بۇ چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ روھىي كەيپىياتىغا ئىغىر تەسىر كۆرسەتمەكتە.

مەن بىر بىلىم ئادىمى بولۇپ، 20 يىلدىن بىرى ئامىرىكىدىكى ئىلمى تەتقىقات بىلەن شۇغۇللۇنۇپ كەلدىم. مەن ھازىرغا قەدەر ھىچ بىر دۆلەتنىڭ قانۇنىغا خىلاپ بولغان ئىش بىلەن شۇغۇللۇنۇپ باقمىدىم. ھىچقانداق بىر سىياسى تەشكىلاتتا ۋەزىپە ئۆتىمىدىم. شۇنداق تۇرۇقلۇق 2017 – يىلى 4 – ئايدىن ئىتىبارەن مىنىڭ يۇرتۇمدىكى قېرىنداشلىرىم، دوستلىرىم ۋە كەسىپداشلىرىم بىلەن بولغان ئالاقەم پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەن بىلەن ئالاقە قىلغانلىق سەۋەبىدىن جازاغا تارتىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، مىنى دوستلۇق ئالاقىسىدىن چىقىرىپ تاشلىدى.

مەن 2018 – يىلى 12- ئايدا ئىلىپ بارغان راي سىناشتا، “تۇققانلىرىڭىز ئىچىدە لاگىر ياكى تۈرمىگە سولانغانلارمۇ بارمۇ؟” دەيدىغان بىر سوئال بار ئىدى. ئۇنىڭغا بىرىلگەن جاۋاب:

(1) بىر نەچچە كىشى بار

(2) كەم دىگەندە بىر كىشى بار

(3) بىلمەيمەن

(4) يوق

(5) جاۋاب بەرمىگەنلەر

يۇقارىقى گىرافىكتا كۆرگىنىڭىزدەك، راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 56% تى، ئائىلىسىدە بىر نەچچە ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىگىنى، 15% تى ئائىلىسىدىن كەم دىگەندە بىر ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىگىنى، يەنى جەمى 71% ئادەمنىڭ ئائىلىسىدە بىر ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ لاگىردا ئىكەنلىكىنى بىلدۇرگەن. ئۇندىن باشقا راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ 24% تى ئائىلىسى بىلەن ئالاقە قىلالماسلىق سەۋەبىدىن ئائىلىسىدە تۇتۇلغانلارنىڭ بار يوقلىقىنى بىلمەيدىكەن. راي سىناشقا قاتناشقۇچىلارنىڭ پەقەت 4% ئائىلىسىدە تۇتۇلغانلارنىڭ يوق ئىكەنلىكى بىلدۇرگەن. بۇلارنىڭ ھىچ بىر ئامىرىكا تەرەپ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئىش ئەمەس ئىدى.

بېيجىڭدىكى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋىرسىتېتىدا، ئىقتىساد پەنلىرى پروفىسسورى بولۇپ ئىشلەۋاتقان ئىلھام توختى، خىتاي قانۇنىنى ئاساس قىلىپ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن مۇددەتسىز قاماق جازاسى بىرىلدى. ئىلىھام توختى ھىچ بىر يەردە ۋە ھىچ بىر سۆزىدە ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىق تەلەپ قىلمىغان،  خىتاينىڭ زىمىن پۈتۈنلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنمىغان، ھىچ بىر زامان تېرورلۇق تەشەببۇسىدا بولمىغان ئىدى. ئىلھام توختى دۇچ كەلگەن پاجىئە ھەممىمىزگە ئايان بولغان ھەقىقى مەۋجۇت بىر پاجىئە ئىدى.

ئامىرىكىدا ياشاۋاتقان تاھىر ھامۇت بىلەن تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئابدۇۋەلى ئايۇپ، يىقىنقى 2 يىل ئىچىدە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە ئالاھىدە كۆزگە كۆرۇنگەن 200 دىن ئارتۇق بىلىم ئادەملىرى، جامائەت ئەربابى، سەنئەتچىلەرنىڭ تىزىملىكىنى تىزىملاپ چىقىپتۇ [1]. ئۇلارنىڭ ئىچىدە بۇرۇنقى شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور خالمۇرات غوپۇر، شىنجاڭ ئۇنىۋىرسىتېتىنىڭ مۇدىرى دوكتور تاشپولات تىيىپ، دوكتور راھىلە داۋۇت قاتارلىق پروفىسسۇرلار بار بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئامېرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويدۇرما ئەمەس ئىدى.

قازاقىستاندا ياشاۋاتقان موسكوۋالىق ژۇرنالىست ۋە بىلىم ئادىمى گەنە بۇنىن ياساپ چىققان شاھىت بىز [2] دىگەن تور بەتتە، 2019 – يىلى 1 – ئاينىڭ 13 – كۈنىگە قەدەر 2100 ئەتىراپىدا سەۋەبسىز تۇتۇلغان ياكى ئىز دىرەكسىز يوقاپ  كەتكەنلەرنىڭ ئۇچۇرلىرى ئارخىپلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارمۇ ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويدۇرما ئەمەس ئىدى.

كانادادا ئوقۇۋاتقان خىتاي ئوقۇغۇچى شاۋن جاڭ، 2018 – يىلى 12 – ئاينىڭ 24 – كۈنىگە قەدەر سۈنئى ھەمرا رەسسىمىگە ئاساسەن 70 ئەتىراپىدىكى جازا لاگىرلىرىنىڭ ئورنىنى ئىنىقلاپ چىققان [3]. ئاۋىستىرالىيە ئا ب س قانىلىنىڭ 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنىدىكى خەۋىرىدە شەرقىي تۈركىستاندىكى لاگىر سانىنى 181 – 1200 ئارىسىدا بولۇشى مۈمكىن دەپ تەخمىن قىلغان [4]. كۆپۈنچە مۇتەخەسىسلەر بۇ لاگىرلەرنىڭ ھەر بىرىگە 10 مىڭ ئەتىراپىدا ئادەم قامالغانلىقىنى تەخمىن قىلماقتا. بۇلارنى قانداقىسىگە ئامېرىكا تەرەپ ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويدۇرما دىگىلى بولسۇن؟

ئەمدى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كەلسەك، ئۇ بىر مۈرەككەپ مەسىلە بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ سۈرىيەگە قانداق بىرىپ قالغانلىقىنىڭ كونكىرىت سەۋەپلىرى ماڭا ئايان ئەمەس، بىراق ماڭا ئايان بولغىنى شۇكى، 2008 – يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىكنىڭ ئالدىدىن باشلاپ، بولۇپمۇ 2009 – يىلىدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى [5] دىن كىيىن خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرىغا ھەيدىۋىتىلگەن ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە كىرىش قاتتىق كونتۇرۇل قىلىنغان. ھەتتا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدە، ئۇيغۇرلار بىر شەھەردىن يەنە بىر شەھەرگە، بىر كەنىتتىن يەنە بىر كەنىتكە بىرىشى ئۈچۈنمۇ ساقچىدىن تەستىق ئىلىش تۈزىمى يولغا قويۇلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئىلىش مەسىلىسىمۇ قات قات شەرتلەرنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراپ كەلگەن. بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، “رادىكال ئىدىيەسى بار” دەپ قارالغان ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رۇخسىتىسىز پاسپورت ئىلىپ چەتئەلگە چىقىشى ۋە ياكى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە بىرىپ، ئىنسان قاچاقچىلىرىنىڭ ياردىمى ئارقىلىق كامبودىيە ۋە تايلانت قاتارلىق دۆلەتلىرىگە چىقالىشى ئاساسەن مۈمكىن بولمىغان بىر ئىش ئىدى. چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايى خىتاي خەلقىدىن ئالاھىدە پەرىقلىق  بولغاچقا، ئۇ ئۇيغۇرلار ئۆز يۇرتلىرى بىلەن خىتاينىڭ كامبودىيە ۋە تايلانت چىگىرسىغىچە بولغان بىر نەچچە مىڭ كىلومىتىر مۇساپىنى بىسىپ، چىگىراغا بارغىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كۆزىدىن قېچىپ قۇتۇلالىشى مۈمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق ناھايىتى ئەپسۇس، مۈمكىن بولمىغان ئۇ ئىشلار مۈمكىن بولۇپ، “رادىكال ئىدىيەسى بار” دەپ قارالغان ئۇ ئۇيغۇرلار مەيلى قانۇنلۇق يول بىلەن بولسۇن ۋە ياكى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بولسۇن، ئاخىردا تۈركىيە ئارقىلىق سۈرىيەگە بىرىپ توختىدى.

2012 – يىلدىن ئىتىبارەن ئۇيغۇرلارغا پاسپورت بىرىش بۇرۇنقىغا نىسبەتەن ئاسانلاشتۇرۇلدى. بىر قىسىم ئۇيغۇرلار پاسپورت ئىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشىپ، قانۇنلۇق يوللار بىلەن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە بارغان بولسا، يەنە بىر قىسىم پاسپورت ئالالمىغان ئۇيغۇرلار، خىتاي ھۆكۈمىتىگە تۇيدۇرمىغان ھالدا خىتاي ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدە نەچچە مىڭ كىلومىتىرلىق مۇساپىنى بىسىپ، كامبودىيە ۋە تايلانتلارغا يىتىپ كەلدى. كىيىن ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قېرىنداشلارچە قىلغان ياردىمى [6]، [7] ئارقىلىق تۈركىيەگە ئېلىپ كىتىلدى. يەنىمۇ كىيىن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ “رادىكال ئىدىيەسى” تۈپەيلىدىن سۈرىيەگە بېرىپ ھاياتىنى دوغا تىكىشنى تاللىدى.

ئەمدى تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 – يىلقى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىغا بىلدۈرگەن كەسكىن پوزىتسىيەسى [8]، [9] دىن كىيىن تۈركىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىدە دىراماتىك ئۆزگۈرۈش بولغانلىقىنى كۆرىۋىلىش ئۇنچە قىيىن ئەمەس. ئەۋۋەل ئىككى ھۆكۈمەتنىڭ بىر بىرىنى ئەيىپلىشى، ئاندىن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىشى [10] ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىگە زور ئۈمۈت بىرىشى، ئاندىن ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ۋىزىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، باردى كەلدىنى كۇچەيتىشى، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتىدا خىتاي بىلەن بولغان ھەر ئالاقىنى كۇچەيتىشى، ئەڭ ئاخىردا تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيەسىنىڭ 180 گىرادۇس ئۆزگۈرىشى، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن پاجىيەلەرگە كۆز يۇمۇپ، ئۇنى ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇن دەپ قاراپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىشى. ئەجىبا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر تاسادىبىلىقمۇ؟

ئاسىيا كۈزۈتۈش گىزىتىنىڭ 2018 – يىلى 8 – ئاينىڭ 22 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا خىتاي ھۆكۈمىتى، كىرزىسقا ئۇچرىغان تۇركىيەگە 3.6 مىلىيارت دوللار ياردەم بەرگەن [11]. ئەلۋەتتە بۇ ياردەم ئەمىلىلەشتىمۇ، ئەگەر ئەمىلىيلەشكەن بولسا قانچىلىك ئەمىلىيلەشتى، بۇنىسى بىزگە نامەلۇم.

ساباھ گىزىتىنىڭ 2018 – يىلى 6 – ئاينىڭ 30 كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا تۈركىيەگە مەبلەغ سالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ سانى 1000 گە يىقىنلاشقان بولۇپ، مەبلەغ سالغان تۈرلەر ئىنىرگىيە، پۇل مۇئامىلە، ئالاقە ۋە ساياھەتچىلىك قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن [12]. يەنە ساباھ گىزىتىنىڭ 2018 – يىلى 11 – ئاينىڭ 7 – كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا 2017 – يىلى خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغى 124 مىلىيارت دوللارگە يەتكەن [13]. ئەمما “خەلقئارا پۇل مۇئامىلە قانۇن كۈزۈتۈش” (International Financial Law Review (IFLR نىڭ 2018 – يىلى 4 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىكى دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا خىتاينىڭ ھازىرغا قەدەر تۈركىيەگە سالغان ئەڭ كۆپ مەبلىغى 940 مىلىيون دوللارغا يەتكەن. بۇ سان يۇقارىدا ساباھ گېزىتى تىلغا ئالغان 124 مىلىيارت دوللاردىن 125 ھەسسە ئاز. ساباھ گېزىتى خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغىنى نىمىگە ئاساسەن 124 مىلىيارت دوللار دەپ خەۋەر قىلىدۇ، سەۋەبى بىزگە نەمەلۇم. ئۇندىن باشقا ئۇ دوكىلاتتا 2017 – يىلى تۈركىيەنىڭ خىتايدىن ئىمپورت قىلغان ماللارنىڭ قىممىتى 23.4 مىلىيارت دوللار بولۇپ، تۈركىيەنىڭ خىتايغا ئىكىسپورت قىلغان ماللارنىڭ قىممىتى 2.1 مىلىيارت دوللار بولغان. يەنى تۇركىيە بىلەن خىتتاي ئارىسىدىكى سودا پەرىقى 1 دە 11 بولغان [14]

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سودا ۋە تەرەققىيات مەجىلىسىنىڭ 2018 – يىللىق خەلقئارا مەبلەغ سىلىش دوكىلاتىغا ئاساسلانغاندا، 2017- يىلى تۈركىيە سىلىنغان بىۋاستە چەتئەل مەبلىغى 10864 مىلىيون (يەنى 10.864 مىليارت) دوللار بولۇپ، بۇ 2016 – يىلدىكى 12942 مىلىيون (12.942 مىلىيارت) ۋە 2015 – يىلدىكى 17717 مىلىيون (17.717 مىلىيارت) دوللاردىن ئايرىم ئايرىم ھالدا 16% ۋە 38.24% تۆۋەنلىگەن [15]، [16].

تۈركىيە سىلىنغان چەتئەل بىۋاستە مەبلىغى (مىلىيون دوللار)

2017 – يىلى تۈركىيە ئەڭ كۆپ مەبلەغ سالغان 9 دۆلەت ۋە ئۇلار سالغان مەبلەغنىڭ ئومۇمى مەبلەغ ئىچىدىكى پىرسەنتى (%)

ئەلۋەتتە تۈركىيەنىڭ خەلقارا مۇناسىۋەت قائىدەلىرى بويىچە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن نورمال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنۇتۇشى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سودا كېلىشىم تۈزۈشى، دۆلەرلەر ئارىسىدا بولىدىغان نورمال ئالاقە؛ بىراق ئۇ چوقۇم باراۋەرلىك ئاساسىدا بولۇشى كىرەك؛ يوشۇرۇن غەرەز ياكى شەخسى مەنپەت ئارلاشماسلىقى كىرەك. ئۇ كىلىشىملەر ھەرگىزمۇ تۈرك خەلقىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلىش ئاساسىدا بولماسلىقى كىرەك.

ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا قانۇن تۈزۈمگە ۋە ئۆزىنىڭ قانۇنىغا خىلاپ ھالدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقىنى ئىغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلسا، ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن ئىرقى قىرغىنىچىلىق ئىلىپ بارماقچى بولسا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا قارىتا سۈكۈتتە تۇرسا، ئۇ يالغۇز ئۆزىنىڭ مۇسۇلمانلىق ۋە تۈركلۈك قېرىنداشلىق بۇرچىنى ئادا قىلمىغانلىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى تۇركىيە ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنىمۇ ئادا قىلمىغانلىق بولىدۇ.

ئۇيغۇر – تۈرك مۇناسىۋىتى قان قېرىنداشلىق مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ ھەرگىزمۇ “ساتسا سىتىلىدىغان، ئاتسا ئېتىلىدىغان” بىر مۇناسىۋەت ئەمەس. ئۇيغۇر مەسىلىسى، خىتاي – تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى موھىم مەسىلىنىڭ بىرى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر مەسىلىسىدىن ۋاز كىچەلمەيدۇ، ۋە شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن مۇناسىۋەت قىلغاندا، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاتلاپ ئۆتۈپ كىتەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارمۇ ئۆز مەسىلىمىزنى تۈرك خەلقى ۋە تۈركىيە ھۆكۈمىتىدىن ئايرىم تۇتالمايمىز. بۇلارنى ئىككى دۆلەت ھۆكۈمىتى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ ئوبدان بىلىدۇ.

ئۇيغۇرلار تارىختىن بۇيان يالغۇز شەرقىي تۈركىستاندا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئورتا ئاسىيادا موھىم رول ئوينىغان تۈركىي مىللەتلەردىن بىرى ھىساپلىنىدۇ. ئۇيغۇرلار، مانجۇ ئىمپىرىيەسىنىڭ ئىشخالىتىگە ئۆتكەندىن بۇيان، بولۇپمۇ خىتاي كومىنىست ھاكىمىيىتىنىڭ كونتۇرۇللىقىغا ئۆتكەن 70 يىلدىن بۇيان، نۇرغۇن ھەق ھوقۇقلىرىدىن مەھرۇم قىلىندى. ئالدى بىلەن ئۆز تارىخىنى ئۈگۈنۈش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىندى. ئۆزىگە تەۋە قىممەت قارىشى ۋە ھايات پەلسەپىسى بىلەن پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش ھەق ھوقۇقلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇردى، ياكى ئۇلاردىن مەھرۇم قالدى. ئەنئەنىۋى ئۆرپ-ئادەت، ئەخلاق پەزىلەت ۋە دىنى ئىتىقاد ئىغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى. كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخچىلار، ئەدىبلەر، پەيلوسوپلار ۋە دىننى زاتلار، ئوخشىمىغان دەۋردە ئوخشىمىغان جىنايەتلەر بىلەن جازالاندى ۋە ھەتتا ئۆلتۈرۈلدى. ئومۇمى خەلق نادان ۋە كەمبەغەل قىلىشقا مەجبۇرلاندى. خەلق ئۆز ئارا ئىشەنمەيدىغان، كۆڭۈلدىكى سۆزنى سۆزلەشكە، راست گەپ قىلىشقا پىتىنالمايدىغان ھالغا كەلتۈرۈلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزگەن بۇ قاتتىق  سىياسەتلىرىنى ناھايىتى ئۇستۇلۇق بىلەن خەلقئارادىن يوشۇرۇپ كەلدى. ھەتتا ئۆزىمىزنىڭ كۆپلىگەن ئادەملىرىمۇ بۇنى سىزەلمىگىدەك ھالغا چۈشۈپ قالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015 – يىللىق سىتاستىكىسىغا ئاساسلانغاندا 11.3 مىلىيۇن بولۇپ، چەتئەللەردە پائالىيەت ئىلىپ بىرىۋاتقان ئوخشىمىغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسىنى 20 مىلىيۇن بىلەن 35 مىلىيۇن ئارىسىدا دەپ مۆلچەرلىمەكتە. ئۇيغۇرلار، تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولۇشتىن بۇرۇن، ئالدى بىلەن ئۇلارمۇ بىر ئىنسان. ئۇيغۇرلارمۇ باشقا مىللەتلەرگە ئوخشاش ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇپ، ئۆز تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن ئەركىن ياشاشقا ھەقلىق بىر مىللەتتۇر.

تۈركىيە ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلارغا قېرىنداشلىق يۈزسىدىن كۆڭۈل بۆلمىگەن تەقدىردىمۇ، ھىچ بولمىغاندا ئۇيغۇرلارنى ئىنسان كۆرۈپ، ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىشى، ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرىشى كىرەك. مەيلى تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى شۇ بىر قىسىم سىياسەتچىلەر ياكى بىلىم ئادەملىرى بولسۇن، مەيلى ئاخبارات ئورگانلىرى بولسۇن، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن ئادالەتسىزلىكە كۆز يۇمۇش، ئۇلارنى ئىنكار قىلىش ۋە ياكى ئۇلارنى ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان ئويۇن دەپ قارىلاش ھەققى يوق. ئۇلارنىڭ ئۇنداق قىلىشى ھىچ قاچان تۈرك مىللىتىنىڭ ئىنسانلىق شەرىپىگە، مىللى تۇيغۇسىغا ۋە دىننى ئىتىقادىغا ماس كەلمەيدۇ.

تۈركىيە ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، جۈملىدىن تۈركىيەدىكى بەزى سىياسىيۇنلار ۋە بىلىم ئادەملىرى كۆزىنى ئىچىپ ھەقىقەتنى كۆرىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئويۇنىغا كەلمەسلىكى، خىتتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان ئىقتىسادى مەنپەئەت تۈپەيلىدىن، تۈركىيە ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرى بىلەن ئامىرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى بەزى مەسىلىلەر سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى كۆرمەسكە سىلىپ، ئۇنى ئامىرىكا ئويدۇرۇپ چىقارغان دەپ قاراشنىڭ ئورنىغا، ئۆز ئەقلىنى ئىشقا سىلىپ، ۋەزىيەتنى توغرا ئانالىز قىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىنى قۇربان قىلماسلىقى كىرەك.

پايدىلانغان مەنبەلەر:

[1] List of Uyghur intellectuals imprisoned in China from 2016 to the present (Last up-dated on January 17th, 2019)

List of Uyghur intellectuals imprisoned in China from 2016 to the present(Last up-dated on January 17th, 2019)Medical…

Abduweli Ayupさんの投稿 2019年1月17日木曜日

[2] Shahit.biz:  https://www.shahit.biz/eng/%20

[3] Shawn Zhang: https://medium.com/@shawnwzhang

[4] China’s frontier of fear

https://www.abc.net.au/news/2018-11-01/satellite-images-expose-chinas-network-of-re-education-camps/10432924

[5] July 2009 Ürümqi riots:

https://en.wikipedia.org/wiki/July_2009_Ürümqi_riots

[6] Turkish help for Uighur refugees looms over Erdogan visit to Beijing

https://www.reuters.com/article/us-turkey-china-uighurs-insight/turkish-help-for-uighur-refugees-looms-over-erdogan-visit-to-beijing-idUSKCN0Q10PM20150727

[7] China-Turkey relationship strained over Uighurs

https://www.bbc.com/news/world-asia-china-33440998

[8] Turkey attacks China ‘genocide

http://news.bbc.co.uk/2/hi/8145451.stm

[9] Turks criticize Chinese treatment of Uyghurs

http://www.cnn.com/2009/WORLD/europe/07/11/turkey.china.uyghurs/

[10] Erdogan Visits Xinjiang:

https://thediplomat.com/2012/04/erdogan-visits-xinjiang/

[11] China money flows into Turkey as crisis creates opening:

https://asia.nikkei.com/Politics/International-Relations/China-money-flows-into-Turkey-as-crisis-creates-opening

[12] Turkey sees a sudden spike in Chinese investments through ‘Belt and Road Initiative

https://www.dailysabah.com/economy/2018/06/30/turkey-sees-a-sudden-spike-in-chinese-investments-through-belt-and-road-initiative

[13] Turkey eyes larger share of China’s overseas investments, import market:

https://www.dailysabah.com/economy/2018/11/08/turkey-eyes-larger-share-of-chinas-overseas-investments-import-market

[14] Chinese Outbound Investment Guide 2018: Turkey | IFLR.com

http://www.iflr.com/Article/3803006/Chinese-Outbound-Investment-Guide-2018-Turkey.html

[15] TURKEY: FOREIGN INVESTMENT

https://en.portal.santandertrade.com/establish-overseas/turkey/foreign-investment

[16] (UNITED NATIONS CONFERENCE ON TRADE AND DEVELOPMENT) UNCTAD 2018 World Investment Report

https://unctad.org/en/PublicationsLibrary/wir2018_en.pdf

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش