ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 05-ماي «4-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر مۇتەپەككۇرلىرىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئومۇمى » ئاۋامنى كونترول قىلىشتىكى 10 ئىستراتېگىيە

ئاۋامنى كونترول قىلىشتىكى 10 ئىستراتېگىيە

نوئام چومىسكى

1 – دىققەتنى بۇراش

بۇ ئاۋامنى – جەمئىيەتنى كونترول قىلىشتىكى ئاساسلىق ئىستراتېگىيە بولۇپ، خەلقنىڭ رايىنى ھەقىقىي كىرىزىس ۋە ھۆكۈمەت يۈرگۈزىدىغان ئاساسلىق، ماھىيەتلىك ئۆزگىرىشلەردىن باشقا ياققا بۇراپ، كۈچەپ تارقىتىلغان پۈچەك ئۇچۇرلار بىلەن مەشغۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .  دىققەتنى بۇراش يەنە ئاممىنى ئىقتىساد، پىسخولوگىيە، نېرۋا بىيولوگىيەسى، تور بىلىملىرى ۋە باشقا زۆرۈر بولغان ئىلىم – پەن ئىگىلەشتىن غاپىل قالدۇرۇپ، باشقا كېرەكسىز ساھەلەرگە بۇراشتىكى بىر مۇھىم چارە. «ئاۋامنى پۈچەك ئىشلار بىلەن مەشغۇل قالدۇرغىنكى، ئۇنىڭغا ئويلانغۇدەك پۇرسەت چىقمىسۇن. باشقا ھايۋاناتلار بىلەن قورۇقتىلا قالسۇن.» («جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قوراللار» ناملىق كىتابتىن)

2 – كىرىزىس پەيدا قىل، ئاندىن ئۇنىڭ چارىسىنى بەر

بۇ ئۇسۇل ، كىرىزىس- ئىنكاس- چارە دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دەسلىپىدە، غەرەزلىك ھالدا مەلۇم كىرىزىس ياكى قىيىنچىلىق پەيدا قىلىنىپ، ئاۋامنىڭ مەلۇم تەرىزدە ئىنكاس قايتۇرۇشى، شۇنداقلا ھۆكۈمەت ئارزۇ قىلىۋاتقان بىرەر ئىشنى تەلەپ قىلىشى كۆتۈلىدۇ. مەسىلەن: قالايمىقانچىلىق، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپلەپ يۈز بېرىشىگە يول قويۇلىدۇ-دە، ئاۋام ئەركىنلىكىنىڭ بۇغۇلۇشى بەدىلىگە بولسىمۇ، قانۇنلارنىڭ تېخىمۇ چىڭىتىلىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . ياكى مەلۇم شەكىلدە ئىقتىسادىي كىرىزىس پەيدا قىلىنىدۇ-دە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاۋامغا سۇنۇشى كېرەك بولغان ئىجتىمائىي خىزمەتلەر ئازىيىپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، كىرىزىسنىڭ باھانىسىدە ئاۋام ئۇنى قوبۇل قىلىپ كېتىدۇ .

3 – تەدرىجىيلىك

نورمال ئەھۋالدا دەرھال بىراقلا تەتبىقلانسا قوبۇل قىلىنمايدىغان بىرەر ئىجتىمائىي ئۆزگىرىش ياكى تۈزۈم، خۇددى رەڭ سپېكتېرىدەك تەدرىجىي ھالەتتە (مەسىلەن، 5-10 يىلغا يېيىپ) تەتبىقلىنىدۇ. بۇ ئۇسۇل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-90 يىللىرىدىكى ئىشسىزلىقنىڭ ئېغىرلىشىشى، ئىقتىسادىي چېكىنىش، مائاشنىڭ تۆۋەنلىشى دېگەندەك ئىقتىسادىي – ئىجتىمائىي شارائىتتا كەڭ تەتبىقلاندى. ئەگەر بۇلار بىرلا قېتىمدا يۈرگۈزۈلگەن بولسا ئىدى، ئاۋام كەسكىن رەۋىشتە قارشى چىققان بولار ئىدى. («ئىسسىق سۇغا تاشلانغان پاقىنىڭ مەسەلى»)

4- كېچىكتۈرۈش

بۇمۇ ئاۋام دەرھال قارشى چىقىدىغان ياكى ياقتۇرمايدىغان قارارلارنى تەتبىقلاشتىكى چارە – ئۇسۇلنى «ئازابلىغۇچى (ئېچىنىشلىق) ئەمما زۆرۈر» بولغان ھەل قىلىش چارىسى سۈپىتىدە سۇنۇش. بۇنىڭدا كەلگۈسىدە يۈرگۈزۈلىدىغان مەلۇم قارار ئۈچۈن، ئاۋامنىڭ ھازىرقى (ئالدىن) ماقۇللىقى ئېلىنىدۇ. چۈنكى، كەلگۈسىدىكى نامەلۇمنى قوبۇل قىلىش ھازىرقى ئېنىقنى قوبۇل قىلىشتىن ئاسان. ئاۋام دائىم كەلگۈسى ھەردائىم پارلاق بولىدۇ، كەلگۈسىدە قۇربانلىق بېرىش ئازىيىدۇ، دەپ ئويلايدۇ . ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ، ئاۋام بۇ قارارغا ئاستا ئاستا كۆنۈپ قالىدۇ-دە، ۋاقتى كەلگەندە قارشىلىق كۆرسەتمەيدۇ .

5 – ئاۋامغا كىچىك بالىدەك مۇئامىلە قىلىش

ئاۋامنى نۇقتا قىلغان باياناتلار، ئېلانلار، ئۇقتۇرۇشلار بالىلارغا قىلىنغاندەكلا بۇيرۇق شەكلىدە بولىدۇ. ئېزىقتۇرۇش كۈچلۈك بولغانسېرى گەپنىڭ ئورامى شۇنچە كەسكىن ۋە قوپال بولىدۇ . نېمىشقا؟ چۈنكى كۆپىنچە ھاللاردا چوڭ ئادەمگە 12 ياشلىق بالىغا سۆزلىگەندەكلا خىتاب قىلىنسا، بۇ كىشىنىڭ ئىنكاسى رېئاللىقتىكى بىر 12 ياشلىق بالىنىڭ ئىنكاسىدەكلا بولىدۇ («جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قوراللار دېگەن كىتابتىن»).

6-  ئەقىلنى قويۇپ ھېسسىياتقا خىتاب قىلىش

ھېسسىياتقا كۆچەش لوگىكىلىق تەھلىل قىلىش قابىلىيىتىنى توسۇپ قويۇشنىڭ بىر خىل تاكتىكىسى. بۇ ئارقىلىق كىشىلەردىكى تەنقىد تۇيغۇسى چەتكە قېقىلىدۇ. ھېسسىياتقا قارىتىلغان سۆز ئىبارىلەر ئارقىلىق بىۋاسىتە يوشۇرۇن ئاڭغا تەسىر قىلىپ، كىشىگە ئىستىخىيەلىك ھالدا مەلۇم ئىدىيە، پىكىر، قورقۇنچ، ناچار ئىش – ھەرىكەتنى سىڭدۈرۈۋەتكىلى بولىدۇ .

7- نادان قالدۇرۇش

بۇنىڭدا ئاۋامنى كونترول قىلىش ئاسان بولسۇن ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ئەڭ يېڭى پەن – تېخنىكىغا ئېرىشىپ تۇرۇشى قامال قىلىنىدۇ. «تۆۋەن تەبىقىدىكىلەرگە سۇنۇلىدىغان مائارىپ – ئەڭ ئۈنۈمسىز مائارىپ بولۇشى كېرەك. شۇ ئارقىلىق ئۈستۈن تەبىقىدىكلەرگە ئېرىشىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن تۆۋەن تەبىقىدىكىلەر ئېرىشىدىغان بىلىم قۇرۇلمىسى ئارىسىدىكى ئىنتايىن چوڭ پەرقنى بىلەلمەسلىكى كېرەك» («جىمجىت ئۇرۇش ئۈچۈن شەپىسىز قوراللار دېگەن كىتابتىن»).

8- ناچارلىقنى ياخشى كۆرۈشكە قىزىقتۇرۇش

ئاۋامنى ناچارلىق، دۆتلۈك، بىلىمسىز –  نادانلىقنى ئېسىل ئىش دەپ قارايدىغان قىلىش.

9- قارشىلىق قىلغاندا گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدىغان قىلىش

بىر كىشىنى ئۇنىڭ بارلىق بەختسىزلىكىنىڭ سەۋەبكارى ۋە مەسئۇلىيەتچىسى پەقەت ئۆزىلا دەپ قارايدىغان قىلىش. ھەم بۇنداق بولۇپ قېلىشى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ زېرەك ئەمەسلىكى، قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقىدىن، يېتەرلىك كۈچ چىقارمىغانلىقىدىن ئىكەنلىكى ھېس قىلدۇرۇش. بۇ ئارقىلىق بۇ كىشى ناچار ئىقتىسادى تۈزۈمگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرمەستىن بەلكى ئۆزىنى ئەيىبلەپ ، گۇناھ تۇيغۇسىدا بولىدۇ. نەتىجىدە پۈتۈن دۆلەت چۈشكۈنلىشىپ، بېكىنمە ، ئىسلاھات ئىمكانسىز بىر ھالەتكە كېلىدۇ .

10-كىشىلەرنى ئۆزىدىنمۇ بەك ئىنچىكە بىلىش

ئۆتكەن 50 يىلدا بىلىم شۇ قەدەر تەرەققىي قىلىپ كەتتىكى، ئاۋام بىلىدىغان بىلىم بىلەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئايرىم تەبىقە مونوپول قىلىۋالغان بىلىم ئارىسىدا پەرق چوڭلاپ كەتتى . بىيولوگىيە ، نېرۋا پەنلىرى، قوللىنىشچان پىسخىكا پەنلىرى ياردىمىدە ھۆكۈمەت ئىنسان  پىسخىكىسى، تەبىئىتىنى بىلىشتە ئىنتايىن ئىلگىرىلىدى. شۇ ئارقىلىق بۇ ھۆكۈمەت نورمال بىر ئادەمنى ئۇ ئادەم ئۆزىنى بىلگەندىنمۇ بەك بىلىدىغان، چۈشىنىدىغان بولۇپ كەتتى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇ ھۆكۈمەت ئۇ كىشىنى ئۆزىنى باشقۇرغاندىنمۇ بەك كونترول قىلالايدۇ دېگەنلىك.

تەييارلىغۇچى: مەخسۇم

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش