You Are Here: Home » ئانا تىل » ئانا تىل توغرىسىدا (4-قىسىم)

ئانا تىل توغرىسىدا (4-قىسىم)

ئىلمىيلىككەئاساسلانغان «قوش تىل مائارىپى» قانداق بولىدۇ؟

ئەركىن سىدىق

ئامېرىكىنىڭ «باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ قوش تىل مائارىپى قانۇنى» تۇنجى قېتىم 1968-يىلى ماقۇللىنىپ يولغا قويۇلغان بولۇپ، بۇقانۇن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولۇپ كەلگەن، ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىل قىلمىغان ئازسانلىق مىللەت بالىلىرى ئۈچۈن تۈزۈلگەن. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ دۆلەت قوش تىللىق مائارىپ ئۈچۈن مەخسۇس خىراجەت ئاجىراتقان. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ قانۇنغا كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۆپ خىل مىللەت ۋە ئۇلارنىڭ مائارىپىغا قارىتىلغان پۇزىتسىيەئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ھەمدە ئۇنىڭغا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن:

–ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى باراۋەر ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەشلاكۇپايە قىلمايدۇ. مائارىپ تۈزۈمى ھەممەمىللەتلەرنى مەكتەپ تەربىيىسى كۆرۈش ئارقىلىق ئېرىشىدىغان ياخشى ئىستىقبالدا باراۋەرلەشتۈرىدىغان بولىشى كېرەك. بۇنداق قىلىش بەزىدە ئوخشىمىغان مىللەتلەرگە ئوخشىمىغان ئوقۇش شارائىتى يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

–مىللەتلەرنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقى ئېتىراپ ۋە ھۆرمەت قىلىنىدۇ.

–قوش تىللىق ئوقۇغۇچىلارغا تىل ۋە كەسپىي دەرسلەرنى ئۆتۈدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم قوش تىللىق بولىدۇ.

–ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىل قىلمىغان كۆچمەن مىللەت بالىلىرى قوش تىللىق سىنىپىدا ئوقۇش-ئوقۇماسلىقنى ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.

–قوش تىل تەربىيىسى 3 ياشتىن 8 ياشقىچە بولغان بالىلارغا (يەنى، يېسىلدىن باشلاپ باشلانغۇچ 4-سىنىپىغا چىققىچە) ئېلىپ بېرىلىدۇ.

–بۇ تۈزۈم كۆچمەن مىللەت بالىلىرىنىڭ ئىمكانقەدەر تېزراق نورمال سىنىپقا كۆچۈشىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ ئانا تىلى بىلەن مەدەنىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

–ئىنگلىز تىلىنى ئانا تىل قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوش تىل سىنىپىدا ئوقۇشىغىمۇ يول قويۇلىدۇ.

–كۆچمەن مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا قوش تىل تەربىيىسىنى قانداق ئېلىپ بېرىشنى پەقەت يەرلىك مائارىپچىلار ئۆزلىرى قارار قىلىدۇ.

–ھەر بىر مەكتەپنىڭ قوش تىللىق تەربىيىسى ئارقىلىق قانداق نەتىجىگە ئېرىشكەنلىكى ھەر يىلى بىر قېتىم تەكشۈرۈپ باھالىنىدۇ.

مەن تۆۋەندىكى مەزمۇننى ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تارمىقىدىكى «مائارىپ بايلىق مەنبەسى ئۇچۇر مەركىزى» دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئورۇننىڭ تور بېتىدىكى ماتېرىياللارغا ئاساسەن تەييارلىدىم.

مەكتەپ بالىلارنى ئانا تىلدا يۇقىرى سۈپەتلىك ئوقۇ-ئوقۇتۇش بىلەن تەمىنلىگەندە، ئۇلار بالىلارغا مۇنداق ئىككى نەرسىنى بېرىدۇ: بىرى بىلىم، يەنەبىرى بولسا تىل ساۋاتى. بالىلار ئانا تىلى ئارقىلىق ئېرىشكەن بىلىم ئۇلار ئاڭلىغان ۋە كىتابتا ئوقۇغان بىلىملەرنى يەنىمۇ چۈشىنىشلىك قىلىپ بېرىدۇ. ئانا تىلدىكى يۈكسىلىش ئىككىنچى تىلغا يۆتكىلىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى، بالىلار كىتاب ئوقۇشنى پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئۆگىنەلەيدۇ. شۇڭلاشقا بالىلارئۆزلىرى چۈشىنىدىغان تىلدا كىتاب ئوقۇسا، كىتاب ئوقۇشنى ئاسانراق ۋە تېزراق ئۆگىنەلەيدۇ. بىر تىلدا كىتاب ئوقۇشنى ئۆگىنىۋالسا، بۇ خىل ئىقتىدارنى ئىككىنچى تىلغا ئاسانلا يۆتكىيەلەيدۇ.

ئەڭ ياخشى قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى مۇنداق ئۈچ خىل خاراكتېرگە ئىگە بولىدۇ:

1) دەسلەپتە مەكتەپتىكى دەرسلەرنىڭ ھەممىسى ئانا تىلدا ئۆتىلىدۇ. بىر يات تىل «چەت ئەل تىلى دەرسى» سۈپىتىدە سىنىپتا ئايرىم ئۆتىلىدۇ.

2) ئوقۇغۇچىلار ئاشۇ يات تىلدا ياكى 2-تىلدا بىر ئوتتۇراھال سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن، ماتېماتىكا ۋە باشقا بەزى تەبىئىي پەن دەرسلىرى بىۋاستە ئىككىنچى تىلدا، ھېچ قانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە ئۆتىلىدۇ. بۇ يەردىكى «ھېچقانداق رىقابىتى يوق تەرىقىدە» دېگەن سۆز ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، ئۇنىڭ مەنىسى، ئەگەر بۇ ئىككىنچى تىل ئۇيغۇر بالىلىرىغا ئۆتىلىدىغان خەنزۇ تىلى، دەپ پەرەز قىلساق، يۇقىرىقى كەسپىي دەرسلەر پەقەت ئۇيغۇر بالىلاردىن تەركىب تاپقان سىنىپقىلا ئۆتۈلۈپ، ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلار بىلەن خەنزۇ ئوقۇغۇچىلار بىرلەشتۈرۈۋېتىلگەن سىنىپلارغا ئۆتۈلمەيدۇ، ئۇنداق دەرسلەردىن ئىمتىھان ئېلىنمايدۇ، ھەمدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇنداق دەرسلەرنى قانداق ئوقۇغانلىقى ئۇلارنىڭ سىنىپ كۆچۈشىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېگەنلىك بولىدۇ. ئوقۇغۇچىلارمۇشۇ تەرىقىدە تەدرىجىي ھالدا ئاساسىي ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىنىپلىرىغا قوشۇلىدۇ. شۇنداق بولغاچقا، ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلگەن رىقابەتسىز كەسپىي دەرسلەر ئانا تىلدا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر بىلەن ئىككىنچى تىلدا ئۆتۈلىدىغان نورمال دەرسلەر ئوتتۇرىسىدا بىر كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئۆتەيدۇ.

3) ئوقۇش بالدىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققاندا بولسا، پەقەت ئانا تىلنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسى بىلەن ئىجتىمائىي پەن دەرسلىرى قاتارلىق تىلنى ئابستراكت شەكىلدە قوللىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان دەرسلەرلا ئانا تىلدا ئۆتۈلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىككىنچى تىلدىكى ئوقۇ-ئوقۇتۇش سىستېمىسىغا تولۇق كۆچۈپ بولغاندىمۇ، يۇقىرى سەۋىيىلىك ئانا تىل دەرسى «مەجبۇرى ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر» قاتارىدا ئەمەس، «ئىختىيارىي تاللاش دەرسى» قاتارىدا ئۆتىلىدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇ ئانا تىل دەرسنى تاللاپ ئوقۇپ، ئۆز ئانا تىلىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرسا بولۇۋېرىدۇ. مۇشۇنداق ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، بالىلار ئانا تىلغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ۋاقتىدا ئۇلارنى ئانا تىلدا ئوقۇغىلى قويۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆز ئانا تىلىدىن بەك بالدۇر، ئىككىنچى تىلدا دەرس ئاڭلاش سەۋىيىسىگە يەتمەي تۇرۇپلا ئايرىلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ تۈزۈم بالىلارنى ئۆز ئانا تىلدا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگىچە ئوقۇش پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

مانا بۇلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «قوش تىللىق مائارىپ تۈزۈمى» غا بەرگەن ئېنىقلىما بولۇپ، مەن ئۇنىڭغا ھېچ قانداق شەخسىي كۆز-قاراشلىرىمنى ئارىلاشتۇرمىدىم. روشەنكى، يۇقىرىدا تەسۋىرلەنگەن «قوش تىللىق مائارىپ» تۈزۈمى، بىر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆز ئانا تىلىدا تولۇق ساۋاتلىق بولغان ئاساستا، تىل، تەبىئىي-پەن ۋە سانائەت پەنلىرى ساھەسىدە يەنە بىر يات تىلنى ناھايىتى يۇقىرى پەللىگىچە ئۆگىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئىلمىي ئۇسۇلىدۇر.

بۇ ماقالىنىڭ ئالدىنقى قىسىملىرىنىڭ تور ئادرەسلىرى:
1-قىسىم: https://www.akademiye.org/ug/?p=1283
2-قىسىم: https://www.akademiye.org/ug/?p=1289
3-قىسىم: https://www.akademiye.org/ug/?p=1296

(بۇ بىر كۆپقىسىملىق ماقالىنىڭ 4-قىسمى بولۇپ، ئۇنىڭ داۋامى بار. بۇ ماقالىنى ھېچ كىمدىن سورىماي،مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا باشقا ھەر قانداق تورغا چىقارسىڭىز بولىۋېرىدۇ)

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top