You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىكلەرگە قارشى كۆرەشلەر

شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە قىلىنىشلىرى ۋە مۇستەملىكىچىلىكلەرگە قارشى كۆرەشلەر

ئېرك تارىخ

شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنى

ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئەۋلادتىن- ئەۋلاد بۇ مۇقەددەس زىمىن – شەرقىي تۈركسىتاندا ياشاپ كەلگەن. بۇ رايوندا كۆپلىگەن مۇستەقىل فېئودال دۆلەتلەر بولغان.
« ئۇيغۇرلار مىلادىدىن بۇرۇنقىIII ئەسىرلەردىن بۇرۇنلا تەڭرىتاغ ۋادىلىرى، كوئىىنلۇن، قاراقۇرۇم تاغلىرى، تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى، ئالتاي تاغلىرنىڭ غەربىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشاپ، ئۆزىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىنى، ئۇزاق تارىخىنى ياراتقان.» ،« ئۇيغۇر خانلىقنىڭ زېمىنى ناھايىتى كەڭ بولۇپ شەرقتە شىڭئەنلىڭ تاغلىرىدىن تارتىپ، غەربتە ئالتاي تاغلىرى ۋە تارىم ۋادىسىغا قەدەر، شىمالدا بايقال كۆلىگە قەدەر يېتىپ باراتتى،جەنۇبىي تەرەپتە سەددىچىننى پاسىل قىلاتتى.» (ھاجى نۇرھاجى: «قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن، 2009- يىل نەشرى)
«ئۇيغۇرلار چوڭ كۆچۈشتىن ئىلگىرىلا غەربىي يۇرت (ئۇيغۇر ئىلى) دا ئۇيغۇر ،تۈركلەرنىڭ ياشاپ كەلگەنلىكى بىر تارىخىي پاكىت. » (فېڭ جياشڭ، چېڭ سولۇ، مو گۇاڭۋېنلارنىڭ « ئۇيغۇرلار تارىخىنىڭ دەۋرلەرگە بۆلۈنۈشى»، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)
« مىلادىيەV ئەسىردە دېڭلىڭلار يەنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلى رايونىغا ئۇزۇن ھۆكۈمرانلىق قىلغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ خىلى كۆپ جايلىرى مۇشۇ مەزگىلدە ئۇيغۇرلىشىپ بولغان. » ( ۋ. ۋ. گىرىگرىيىۋ: « چىې تۈركىستان »، 1873- يىلى، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)
« قاڭقىللار ( ئۇيغۇرلار) ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىدا ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە روللارنى ئوينىدى. (روسىيە، ن. ۋ. باگياۋېلېنسكى : «سەددىچىننىڭ سرتىدىكى خىتاينىڭ غەربىي رايونى» دىن، 1906- يىلى، 2012- يىل نەشرى)
«مۇڭغۇلىيىدە چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەندىن كېيىن، تۈركىي خەلقلەر تۈركىستاننىڭ شەرقىگە كۆپلەپ كېلىشكە باشلىدى.، ئاۋۋال تۈرك— ئوغۇزلار، كېيىن ئۇيغۇرلار كەلدى.» ( سوۋېت ئىتتىپاقى، ۋ. ۋ. بارتولد: « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي خەلقلەر تارىخى توغرىسىدا < ئون ئىككى لېكسىيە > » دىن، 1926- يىلى،2010- يىل نەشرى).
«جەنۇبىي تۈركستاننىڭ شىمالىدىكى رايونلار، يەنى كېيىنكى دەۋرلەردىكى جۇڭغارىيە رايونى، سىبىرىيەنىڭ غەربىي جەنۇبىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىنىڭ ئاھاللىرى خاككاسلار، دىڭلىڭلار ۋە ئوغۇزلار ئىدى. ئالىملارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك خاككاسلارنىڭ قىرغىزلار ئىكەنلىكىگە، دىڭلىڭلار ۋە ئوغۇزلارنىڭ بولسا كېيىنكى دەۋرلەردىكى قەدىمقىي ئۇيغۇرلارنىڭ (回纥) ئەجدادلىرى ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. قەدىمقىي ئۇيغۇرلار بىلەن قىرغىزلار بەلكىم قېرىنداش مىللەت بولۇشى مۇمكىن. قىرغىزلار ۋە قەدىمقىي ئۇيغۇرلار تۈركىي تىلنى ئانا تىل قىلغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 3 – ئەسىردە بۇ رايوننى تۇرانىيان تىلىدا سۆزلىشىدىغان خەلقلەر ئىگىلىگەن. » ، « تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم بوستانلىقى V،IV ئەسىرلەردىلا ئۇيغۇرلارنىڭ ماكانى ئىدى. » (ئامېرىكا، ۋىليام مونتىگومېرى ماكگوۋېرىن : « ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» دىن،1939- يىلى،2012- يىل نەشرى)
ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ (744- 840 – يىللىرى) باشقۇرغان جايلىرى ھەققىدە ئا . ۋ. گابائىن ئۆز ئەسىرىدە « بىر مەزگىل قۇجۇنى ئىدارە قىلغان.» دەپ يازغان. (گېرمانىيە ، ئا . ۋ. گابائىن : « قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى»، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن » )
مىلادىيە 840 – يىللىرىدىن كېيىن مۇڭغۇلىيەدىكى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەزر بولغاندىن كېيىن ئۇرخۇن ئۇيغۇرلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىنىڭ يانلىرىغا يەنى شەرقىي تەڭرىتاغ ۋە قەشقەر رايونلىرىغا كۆچۈپ كەلدى.
«مىلادىيە 840 – يىللىرى ئۇرخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بولغان پان تېكىن قەبىلىگە يېتەكچىلىك قىلىپ شەرقىي تەڭرىتاغ رايونىغا كۆچۈپ كەلدى. شەرقىي تەڭرىتاغ رايونى ئۇرخۈن خانلىقىنىڭ ئەسلىدىكى چەت رايونلىرى ئىدى. » (س. گ . كىلياشتورى : « غەربىي يۇرتتىكى تۈركىي تىللىق خەلقلەر تارىخىدىن پارچە »، « قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن »)
« مىلادىيە 840 – يىللىرى ئۇيغۇر خانلىقنىڭ ئاغدۇرۇلۇشى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ياغما قەبىلىسى غەربكە كۆچۈپ قەشقەرگەكەلگەن…. بۇ يەرگە ئولتۇراقلاشقان. » (« قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)
«ئەڭ دەسلەپكى چاغاتاي ئۇلۇسى ئەسلىدىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار،قارا قىتان زېمىنى، يەتتەسۇ ۋادىسى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىن تەشكىل تاپقانىدى. (ئامېرىكا، گاۋىن ھامىلى : «ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تېزسلىرى» دىن،2008- يىل نەشرى)
شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئالىم ۋە تەتقىقاتچىلارنىڭ كىتابلىرىدىن كەلتۇرۇلگەن يۇقىرىدىكى ئىلمىي تەتقىقات بايانلىرى شۇنى شۇھبىسىز ھالدا دەلىللەپ بىرىدىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس ئانا ۋەتىنى.
مۇستەملىكىچىلىكلەرگە قارشى كۆرەشلەر

مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 140- يىلى خىتاي خەن سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىق تەخىتىكە ئولتۈرغان خەن ۋۇدى دۆلەت زىمىنىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ھونلارنىڭ زىمىنىغا تاجاۋوز قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ھونلارنىڭ تېررىتورىيىسىگە يالغۇز ھۇجۇم قىلشقا جۈرئەت قىلالماي، ھونلار بىلەن ئاداۋىتى بار ياۋچىلار بىلەن بىرلىشىپ، ھونلارغا ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. ( « ياۋچىلار ھىندى- ياۋروپا تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان خەلق بولۇپ، ئەسلىدە خىتاينىڭ غەربىي شىمال ( گەنسۇ تەۋەسى) ۋە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدا ئولتۈراقلاشقان. » (« ئوتتۇرا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى» دىن )) مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 138- يىلى خەن ۋۇدى جاڭ چىيەن دېگەن ئەمەلدارنى 100 ئارتۇق كىشىلىك بىر ئۆمەك بىلەن شەرقىي تۈركىستاندىكى ياۋچىلارنىڭ يېنىغا ئەلچىلىككە ئەۋەتتى .جاڭ چيەن سەپىرىدە ھونلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قىلىپ ، 13 يىلدىن كېيىن بىر ئادىمى بىلەن خىتايغا ئارانلا قايتىپ كېلۋالدى. جاڭ چيەننىڭ بۇ قېتىملىق ئەلچىلىك سەپىرى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى .
شۇندىن كېيىن خەن سۇلالىسى بىلەن غەربىي ھونلارنىڭ ( ئەسلىدىكى تەڭرىقۇت قۇتىئۇش ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان شىمالىي ھۇنلار ) ئوتتۇرا ئاسىيا — تۈركىستاننى بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستاننى تالىشىش ئۇرۇشلىرى تاكى مىلادىيە 374- يىللارغىچە ، ھونلار ئاساسىي قىسمى يىراق غەرب — ياۋرۇپاغا كۆچۈپ كەتكىچە داۋاملاشتى. كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيا— تۈركىستاننى- ھونلارنىڭ قالدۇق قوۋىملىرى— سىيانپىلار،جۇرجانلار، شۇنىڭدەك تۈركلەر ھەر قايسى قەبىلىلىرى جۇملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر قايسى قوۋملىرى ئىگەللەپ، بىر قانچە مۇستەقىل دۆلەتلەر قۇرۇلغان بولسىمۇ ، لېكىن مىلادىيە 460 – يىلغا كەلگەندە بۇ دۆلەتلەر جۇرجانلار تەرىپىدىن يوقىتىلدى.
تاڭ سۇلالىسى زامانىسىغا كەلگەندە ( 618 — 907- يىللار) خىتاي پادىشاھلىرى ئۆز زىمىنلىرىنى كېڭەيتىش مەقسىتىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىشقا باشلىدى. لېكىن ، مىلادىيە 751- يىلىدىكى « تالاس ئۇرۇشى» دا غەربىي تۈرك قاراخان دۆلىتىنىڭ كۈچلىرى بىلەن ھەپلىشىۋاتقان گاۋشيەنجى قوماندانلىقىدىكى تاڭ سۇلالىسىنىڭ 70 مىڭ كىشلىك تۇبۇت ۋە خىتاي قوشۇنى ئەرەپ- تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇبىيەتكە ئۆچراپ، ئۇتتۇرا ئاسىيا پۇت تىرەپ تۇرالماستىن ، خىتايغا چېكىنىپ كەتتى. ( تالاس— ھازىرقى قازاقىستاننىڭ جامبۇل شەھىرى، ھاجى نۇرھاجى: « ئۇيغۇر ئىلى ئىسلام تارىخى » ،2000- نەشرى ۋە ئەنگلىيە،كرىستيېن تايلې : « تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» دىن، 2006- يىل نەشرى) .
شۇندىن كېيىن،تۈركىستاندا ( ئوتتۇرا ئاسىيادا) سامانىيلار خاندانلىقى ( مىلادىيە 820 — 865 – يىللار) ، ئىدىقۇت (قۇجۇ) ئۇيغۇر خانلىقى ( 840 — 1280- يىللار ) ، قاراخانلار سۇلالىسى ( 508 – 1211 – يىللار) ، قاراقىتان خانلىقى (1218– 1224 – يىللار ) چاغاتاي خانلىقى (1225– 1334- يىللار ) ۋە تىمۇرىلەر ئىمپېرىيىسى (1370– 1405- يىللار) قاتارلىق خانلىق ۋە ئىمپېرىيەلەر قۇرۇلدى.
1206 – يىلى ئونون ( ئونان ) دەرياسىنىڭ باش ئېقىمىغا يېقىن يەردە موڭغۇل ۋە تۈرك ئاقسۆڭەكلىرى (تورانىيان ئاقسۆڭەكلىرى ) « قۇرۇلتاي» چاقىرىپ، موڭغۇل– تۈرك قەبىلىلىرى ئىتتىپاقىنى قۇردى، ھەمدە تېمورچىنگە « چىڭگىزخان» نامنى بەردى. (« چىڭگىز» دېگەن سۆز تۈرك تىلدىكى «دېڭىز» سۆزىدىن كەلگەن . « چىڭىزخان» — « دېڭىزدەك بىپايان چوڭ خان» — « بۈيۈك خان » دېگەن مەنىدىكى سۆز) .
1215- يىلى مۇڭغۇلىيىدىكى چىڭگىزخان دۆلىتىنىڭ قوشۇنلىرى خىتايغا تاجاۋۇز قىلىپ، جورجىتلارنىڭ (تورانىيانلارنىڭ بىر قوۋمى) جىن سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجىڭنى ئىشغال قىلدى. 1271- يىلى چىڭگىزخاننىڭ نەۋىرىسى قۇبىلەي خانبالىق (بېيجىڭ) دا« يۇەن» نامىدىكى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنى قۇردى. 1279- يىلى مۇڭغۇللار جەنۇبىي سۇڭ خاندانلىقىنى يوقىتىپ، پۈتۈن خىتاينى موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ بىر مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۈردى.
چىڭگىزخان ئىمپېرىيىسى سۇيۇرغال قىلىنغاندا، ماۋرائۇننەھىر، قەشقەرىيە، يەتتەسۇ ۋە جۇڭغارىيە رايونلىرى چىڭگىزخاننىڭ ئىككىنچى ئوغلى چاغاتاينىڭ ئۇلۇسى بولدى.
« ئۇيغۇرلار رايونى، يەنى بەشبالىق(گۇچىڭ) تۇرپان(قوجۇ) ۋە كۇچادىكى قەدىمكى ئۇيغۇر دۆلىتى 1260- يىلىنىڭ ئالدى- كەينىدە ئاندىن چاغاتاي جەمەتىگە قارام بولدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ جايلار پۈتۈنلەي دېگۈدەك قاراقۇرۇمدىكى خانلارغا مەنسۇپ ئىدى.» (فرانسىيە، گروسسې : « بوزقىر ئىمپېرىيىلىرى < چىڭگىزخان» دىن،2003 – يىلى نەشرى )
چاغاتاي خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن ، بۇ رايوندا چىڭگىزخان ئەۋلادلىرىدىن بولغان تۇغلۇق تۆمۈر قاتارلىق كۆپلىگەن خانلار ئۆتتى (1334– 1514- يىللار) . 1514- يىلغا كەلگەندە، جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندا سەئىدىيە خانلىقى قۇرۇلدى (1514– 1680- يىللار) . شىمالىي شەرقىي تۈركىستاندا جۇڭغارلار خانلىقى بار ئىدى.
1644 – يىلى خىتاي مىڭ سۇلالىسىنىڭ تېررىتوريىسنى قورشاپ تۇرغان سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى چەت ئەللىك بىر تۈركۈم تۇرانىيانلار يەنى شەرقىي شىمالدىكى مانجۇرىيەدە دۆلەت قۇرغان جۇرجىتلارنىڭ ئەۋلادى مانجۇرلار خىتايغا بېسىپ كىرىپ، خىتاي مىڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مانجۇرلارنىڭ چىڭ ئىمپېرىيسىنى قۇردى. شۇنىڭ بىلەن خىتاي دۆلىتى يەنە باشقا بىر تۇرانىيانلارنىڭ دۆلىتى— مانجۇر دۆلىتنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندى.
سەئىدىيە خاندانلىقى خانلىق تېررىتورىيىسىدىن ئىسمائىلخان تەرىپىدىن قوغلاندى بولغان ، دالايV لوساڭجاسۇ نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئاق تاغلىقلارنىڭ سەردارى ئاپپاق خوجا ( ھىدايىتۇللا خوجا) 1680- يىلى باشلاپ كەلگەن ئويرات — جۇڭغار ھۆكۈمدارى غالدان سېرىن قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى. ( ئاق تاغلىق ۋە قارا تاغلىق بولسا جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام دىنىدىكى ئىككى چوڭ دىنىي مەزھەپ ( گۇرۇھ). « قەشقەرنىڭ شىمالىدىكى ، تىيانشان تاغلىرىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى قىرغىزلار ئاق تاغلىقلار دېگەن نام بىلەن تونۇلغان، پامىر تەرەپتىكى قىرغىزلار قاراتاغلىقلار دېگەن نام بىلەن تونۇلغان . شۇنىڭدىن تارتىپ خوجىلار ئۆزلىرىنىڭ قىرغىز ئىتتىپاقدىشىنىڭ نامىنى ئۆزىگە نام قىلغان . » ،« مىللەتلەر تارىخىغا دائىر تەرجىمىلەر » ، 8- سان، 124- بەت ،« قەدىمكى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانلار» دىن)
شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان ئويرات – جۇڭغارلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولدى. خالدان سېرىن ئۆلگەندىن كېيىن ، تەخىت تالىشىش جېدەل- ماجىرالىرى تۈپەيلى، جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھۆكۈمرانلىقى بىر مەزگىل قارا تاغلىقلارنىڭ قولىغا چۆشۈپ قالدى. غالداننىڭ مىراسخۇرلىرى — ئامۇرسانا بىلەن داۋاچى خانلىق تەختىنى تالاشتى. ئامۇرسانا مانجۇرلارغا ئەگەر ئۇلار غالداننىڭ تەختىگە ئۆزىنىڭ ۋارىسلىق قىلىشغا ياردەم بەرسە، جۇڭغارىيەنىڭ مانجۇرلارغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۇردى. 1756- يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى پۇرسەتنى غىنىيمەت بىلىپ، ئىلى — غۇلجىغا سەرخىل قوشۇنلىرىنى ئەۋەتىپ، جۇڭغارىيىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، گەرچە چىڭ ھۆكۈمىتى جۇڭغارلارنىڭ خانلىق تەختىنى ئامۇرسانا ئېلىپ بەرگەن بولسىمۇ ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ قوشۇنلىرى بۇ جۇڭغارىيىدەك مۇنبەت جايدىن خىتايغا قايىتىپ كەتكۈسى كەلمەي، بۇ يەردە تۇرۋالدى.
ئامۇرسانا چىڭ قوشۇنلىرىنىڭ كەتمەي، بۇ يەردە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ يورۇشدىن نارازى بولۇپ، 1757- يىلى ئىسيان كۆتەرگەن بولسىمۇ مەغلۇپ بولدى . چىڭ سۇلالىسى شىمالى شەرقىي تۈكىستاننى ئىگەللىگەندىن كېيىن، جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېلگىرى جۇڭغار خانلىقنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، مانجۇر قوشۇنلىرىنى جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىشقا ئەۋەتتى. مانجۇر قوشۇنلىرى تەڭرى تېغىنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئاق تاغلىق خوجىلار بىلەن قارا تاغلىق خوجىلار كەسكىن ئۇرۇش قىلىۋاتقان تارىمغا كىلىپ، 1759- يىلى بۇ يەرنىمۇ ئىشغال قىلدى.
شۇندىن كېيىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ خانى چىيەنلۇڭ شەرقىي تۈركىستاندا ھەربىي مەھكىمە تۇزۇمىنى يول قويدى. يەنە « ياۋايىلارنىڭ قولى بىلەن ياۋايىلارنى باشقۇرۇش » سىياسىتىنى قوللاندى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشمىدى. خىتايلارنىڭ بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىشنى چەكلىدى.
1765- يىلى ئۈچتۇرپاندىكى مۇسۇلمان دېھقانلار چىڭ سۇلالىسىنىڭ يەرلىك ئامباللىرىنىڭ ئىسپىلاتاتسىيە قىلىشى ۋە قول چۇماقلىرىنىڭ يەرلىك ئاھالىلارنى بوزەك قىلىشغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن بولسىمۇ، مانجۇر چېرىكلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلىدى.
1825- يىلى ئاق تاغلىق جاھانگىر خوجا چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەمچىلىكىگە قارشى مۇستەقىللىق ئىسيانى كۆتۈرۈپ، مانجۇرلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى مۇستەملىكىچىلىرىگە قاقشاتقۇچ زەربىلەرنى بەردى، لېكىن بۇ ئىسيانمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن تۆگەپ، جاھانگىر خوجا بېيجىڭگە يالىنىپ ئاپىرىلىپ ، قەتل قىلىندى.
1857- يىلى ۋەلىخان يېتەكچىلىكىدە قەشقەردە چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارىشى ئىسيان كۆتۈرىلگەن بولىسىمۇ،غەلبە قازىنالماي ئۇزۇن ئۆتمەي مەغلۇپ بولدى.
1864 – يىلى قىرغىز يولباشچى سىدىق بەگ چىڭ سۇلالىسىنىڭ قەشقەردىكى ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ قەشقەرنى ئىگەللىگەندىن كېيىن ، سىدىق بەگ ئۆزىنىڭ ئورنىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۈچۈن قوقەنت ئەمىرىدىن قەشقەرگە پادىشاھلىققا بىر خوجا ئەۋەتىپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغاندا، قوقەنت ئەمىرى ئەۋەتكەن جاھانگىر خوجىنىڭ ئوغلى بوزرۇك خان خوجا بىلەن بىللە كەلگەن ياقۇپ بەگ 1865- يىلى شەرقىي تۈركىستاندا « بەدۆلەت » نامىدىكى دۆلەتنى قۇرۇپ، ماجۇرلار دۆلىتىنىڭ شەرق تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقنى يوقاتتى. « ياقۇپ بەگ مانجۇر ھاكىمىيىتىگە نىسپەتەن ئىلگىرى ۋە ئاخىرى ئەڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۇرۇش ئىلان قىلالىغان، مۇستەقىل بىرلىككە كەلگەن شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئۇنى داۋام قىلىپ ۋارىسلىق قىلغان مۇسۇلمان ئىدى.» (« تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» دىن) .
1877 – يىلى شياڭگاڭ بانكىسى ۋە شاڭخەي بانكىسىنىڭ پۇل قەرز بىرىشى ھەمدە چارروسىيىنىڭ ئاشلىق سودىگىرى .I.O كامېنسكىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن (« تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» دىن) ،تۆلۈق ھەربىي تەييارلىق قىلغان چىڭ سۇلالىسىنىڭ گېنېرالى زوزۇڭتاڭنىڭ قوشۇنلىرى ھەربىي ئىستىراتىگىيە جەھەتتە خاتالىشىپ ، ئۆزنىڭ ئارقا سېپىدىن بەك يىراق بولغان ، ئۇرۇمچىنىڭ يېنىدىكى داۋانچىڭغا كېلىپ، جەڭ قىلغان ياقۇپ بەگنىڭ قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئايرىلىپ قالغان مۇستەملىكىسىى — شەرقىي تۈكىستاننى قايتىدىن مۇستەملىكە قىلۋالدى.
1878 – يىلى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستانغا « ئۇيغۇر ئىلى » دېگەن نام قويۇپ، شەرقىي تۈركىستانى چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلۋالدى ( 新疆 ، يىڭى چېگرا، چېگرادىكى يىڭى جاي دېگەن مەنىدىكى سۆز) . چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى بۇ رايوننى باشقۇرۇشىدىكى « ۋاستىلىق باشقۇرۇش سىياسىتى » نى « بىۋاستە باشقۇرۇش سىياسىتى » گە ئۆزگەرتتى. مەخسەتلىك ھالدا مۇستەملىكە ئىچىش ۋە يەرلىك مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش باشلاندى. خىتاي ئەمەلدارلىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلدى. خىتاي كۆچمەنلەر تۈپ- تۈپ كېلىشكە باشلىدى.
زوزۇڭتاڭ مانجۇر ۋە خىتاي مەدەنىيەتلىرىدىن ھاسىل بولغان شالغۇت مەدەنىيەت بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى كۇڭزىچى خىتايلۇق قىلىش ئاسسىمىلياتسىيىسىگە تىز تۇتۇش قىلدى. ئۇ « < تۈركلەر راۋرۇس كۇڭزىچى بولۇش ئۈچۈن چوقۇم خەنزۇچە ئۆگىنىش كېرەك> دەپ پەرمان چىقاردى. ئۇ خەنزۇچە ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت دەرسلىرىنى ئۆگىتىدىغان خەير- ساخاۋەت مەكتەپلىرىنى قۇردى. ئەمەلدارلار بۇ مەكتەپتە ئوقۇشقا ئىلھام بېرىپ قوللاش ئۈچۈن تۈركچە ھەقسىز قوللانمىلارنى تارقاتتى. < قارىلىق > مەكتەپلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بالىلىرىنى < قارىلىق> قا بەرگەن ئاتا- ئانىلاردىن جەرىمانە ئالدى، ئامما < سەللىلىك كىشلەر> مەكتەپكە دەۋەت قىلىنسا ، بۇ كىشلەر قىچىپ كېتىپ يوشۇرنىۋالاتتى. ئوقۇتقۇچىلار ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە كېلىپ، يەرلىك پۇقرالارغا مىڭ خەت،يۈز ئىسىمنىڭ ئابزاستا قانداق بېرىككەنلىكى ھەققىدە تەلىم بەردى. … < ئوقۇغۇچىلارنىڭ قېچىپ كېتىشىنى توسۇش ئۈچۈن،ئوقۇتقۇچىلار ئۇلارنى سىنىپقا سۇلاپ،ئىشكلەرنى تۆمۈر زەنجىردە باغلاپ قويغان. > ، < بۇ بالىلار يەنە كۇڭزىنىڭ ھەيكىىلىگە ساداقەتمەن بولۇش ھەققىدە قەسەم بېرىشى كېرەك ئىدى. … ئوغلىنىڭ مەكتەپكە ئەۋەتىلىپ، خەنزۇچە كېيىنىپ ۋە ئۆرمە چاچ كىيگەنلىكىنى، ئانىسى ئوغلىنىڭ چىچىنى كۆرۇپ چىدالمىغان. > » (« تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى» دىن)
1863- يىلى ئىلى باياندايدا توڭگانلار چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتنىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن بولسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەي باستۇرۇلدى.
1864- يىلى ئىلى ئۇيغۇر ۋە توڭگانلىرى چىڭ سۇلالىسىنىڭ مۇستەمچىلىكىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىلىدىكى ھەربىي مەھكىمىسى— ئىلى جاڭجۇن مەھكىمىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەقىل « ئىلى سۇلتانلىقى » نى قۇرغان بولسىمۇ، بۇ ھاكىمىيەت چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئارمىيىسى تەرىپىدىن 1871- يىلى ئاغدۇرۇلدى. 1871- يىلدىن 1881- يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى رايونى چارروسىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى. 1881- يىلدىكى « خىتاي — روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» گە بىنائەن ئىلى رايونى بىر مۇستەملىكىچى— چارروسىيەنىڭ قولىدىن قايتىدىن ئەسلىدىكى مۇستەملىكىچى— چىڭ سۇلالىسىنىڭ قولىغا ئۆتتى.
1907- يىلى شەرقىي تۈركىستاننىڭ قۇمۇل دېھقانلىرى رەجەپنىڭ باشچىلىقىدا چىڭ سۇلالسىنىڭ قۇمۇل ۋاڭىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتەرگەن بولسىمۇ، بىراق قۇمۇل ۋاڭ تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى.
مىلادىيە 907- يىلدىن 1911- يىلىغىچە بولغان مىڭ يىل ئىچىدە خىتاي ھۆكۈمرانلىرىنىڭ پۈتۈن خىتايغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقىتى 300 يىلغا (1366— 1664- يىللار) يەتمەي،قالغان 700 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە خىتاي زېمىنىنىڭ بىر قىسمى ياكى ھەممىسى ئەمەلىيەتتە سەددىچىن سېپىلىنىڭ سىرتىدىكى چەت ئەلدىن كەلگەن تۇرانىيان خەلقلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغانلىقىنى ياخشى بىلگەن، 1911 – يىلىدىكى خىتاي شىنخەي ئىنقىلابنىڭ يولباشچىسى، خىتاي بۇرژۇئا ئىنقىلابنىڭ پېشۋاسى سۇن جۇڭشەن خىتايدا مانجۇرلارنىڭ دۆلىتى — چىڭ ئىمپېرىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش ئۇچۈن ئوتتۇرىغا قويغان شوئارلىرىنىڭ بىرى « تاتارلارنى يوقۇتايلى » ئىدى. ( شۇ زاماندا تورانىيانلارنىڭ يەنە بىر خىل ئاتىلىشى ئىدى) سەۋەبى دۆلەت ھاكىمىيىتى خىتايلارنىڭ قولىدا ئەمەس، بەلكى چەت ئەلدىن كەلگەن تورانيانلارنىڭ بىر قەبىلىسى بولغان مانجۇرلارنىڭ قولىدا ئىدى. خىتاي شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىدە خىتايدا مانجۇرلارنىڭ دۆلىتى ئاغدۇرۇلۇپ تاشلىنىپ، خىتايلارنىڭ مۇستەقىل دۆلىتى— جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتى قۇرۇلدى. شۇندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان يېڭى قۇرۇلغان جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى. جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىمۇ شەرقىي تۈركىستاندىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. جۇڭخۋا مىنگو دۆلىتىنى ئىدارە قلىغۇچى پارتىيە — گومىنداڭنىڭ « ئۇيغۇر ئىلى » دىكى تەشۋىقاتلىرىدا خىتايلار بىلەن « ئۇيغۇر ئىلى » دىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر « خۇاڭدى ئەۋلادى »، « ئۇرۇقداشلار » دېگەندەك سەپسەتىلەرنى ساتتى.
1912- يىلى قۇمۇلدا تۆمۈر خەلىپە باشچىلىقىدا ۋە تۇرپاندا مۆيدىن خەلپەت باشچىلىقىدا جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى قوزغىلاڭلار كۆتۈرلگەن بولسىمۇ، لېكىن تۆمۈر خەلىپە ۋە مۆيدىن خەلپەت ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىننىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ كېتىپ ئۆلتۈرىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ قوزغىلاڭلارمۇ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاياقلاشتى.
1930- يىللىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق ۋە جەنۇبلىرىنى جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ يەرلىك ھاكىمىيەتلىرىگە قارشى قوزغىلاڭلار قاپلىدى. بۇ قوزغىلاڭلاردىن ئەڭ مۇھىمى خوجىنىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى 1931- يىلى كۆتۈرۈلگەن قۇمۇل قوزغىلىڭى ئىدى. لېكىن شۇ دەۋردە جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە بويسۇنماي « ئۇيغۇر ئىلى»نى ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىدارە قىلىپ تۇرغان « ئۇيغۇر ئىلى» نىڭ دۇبەنى (ئۆلكە باشلىقى) شېڭ شىسەي بىر تەرەپتىن خوجىنىياز ھاجىم بىلەن ماجۇڭيىڭ ( گەنسۇلۇق توڭگان مىللىتارىست) ئارىسىدىكى ئىختىلاپتىن پايدىلىنىپ، يەنە بىر تەرەپتىن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كېلىشتۇرۇشى بىلەن خوجىنىياز ھاجىمنى قىلتاققا چۈشۈرۈپ ، ئۇنىڭ بىلەن « پوكاڭ ئەھدىنامىسى» تۈزۈگەندىن كېيىن، خوجىنىياز ھاجىمغا « جەنۇبىي ئۇيغۇر ئىلى ئامانلىق ساقلاش گارنىزونى » نىڭ قوماندانى دېگەن ئەمەلنى بېرىپ « جەنۇبىي شەرقىي تۈركىستانغا يولغا سالدى. شۇندىن كېيىن شېڭ شىسەي سوۋېت ئىتتىپاقنىڭ ھەربىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەرق ۋە جەنۇبلىرىدىكى بارلىق قوزغىلاڭ ۋە ماجۇڭيىڭ قاتارلىق توڭگانلارنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى باستۇرۇدى. ئەينى ۋاقىتتا سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ۋە ھەربىي ياردىمىگە ئېرشكەن ھەمدە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي بىخەتەرلىكىگە تولۇق كاپالەتلىك بېرىش شەرتى ئاستىدا « ئۇيغۇر ئىلى ئۆلكىسى» نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان خوجىنىياز ھاجىم ئۆزىمۇ شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشمە سوت كوللېگىيىسى تەرىپىدىن سوتلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.
1933- يىلى نويابىر سابىت داموللا ۋە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىق بىر تۈركۈم مىللەتپەرۋەر ۋە ۋەتەنپەرۋەر زاتلار جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ قەشقەر رايونىدىكى دۆلەت ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، تولۈق تەييارلىقلار بىلەن مۇكەممەل دۆلەت ئاپپاراتلىرىغا ئىگە بولغان مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان بولسىمۇ، ئامما مەزكۈر جۇمھۇرىيىتنىڭ ھەربىي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئاجىز بولىشى تۈپەيلى بۇ جۇمھۇرىيەت 1934- يىلى فېۋرالدا ماجۇڭيىڭنىڭ توڭگانلار قۇشۇنى تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلۇپ تاشلاندى.
1944- يىلى كۈزدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى، تارغاباتاي ۋە ئالتاي رايونلىرىدا ئۇيغۇر، قازاق، توڭگان ، موڭغۇل، توڭگان، قىرغىز، رۇس، تاتار، ئۆزبېك، شىبە، سۇلۇن(داغۇر) ۋە تاجىك قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەملىكچى جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىگە قارشى قوراللىق مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازاتلىق ھەرىكىتى قوزغالدى . 1944 – يىلى 12- نويابىردا غۇلجا ئازادلىق تەشكىلاتى ئېلىخان تۆرە جەمھۇر رەئىسلىكىدىكى مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى.
بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ 30 مىڭ كىشلىك مىللىي ئارمىيىسى ئوتتۇرا، شىمالىي ۋە جەنۇبىي فرونتلار بۇيىچە جەڭگىۋارلەرچە جەڭ قىلىپ، جۇڭخۇا مىنگو دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسىگە قاخشاتقۇچ زەربىلەرنى بەردى. بولۇپمۇ، ئوتتۇرا ۋە شىمالىي فرونتلاردا مىللىي ئارمىيە شىخو جىڭى، جىڭ ئۇرۇشى ۋە قوبۇقسار جىڭى قاتارلىق ھەيۋەتلىك ، شىددەتلىك ۋە كەسكىن ھەربىي ئوپراتسىيىلەرنى قىلىپ، 1945- يىلى سىتەبرنىڭ ئۇتتۇرىلىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىلى، تارغاباتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تەلتۆكۈس ئازات قىلىش ئارقىلىق ، ئۇرۇمچىگە پەقەت 140 كىلومېتىر يول قالغان ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يېتىپ كەلگەندە، موسكىۋا تەرەپتىن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شتابىغا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىپ، ماناس دەرياسىدىن ئۆتمەسلىكى ھەققىدە بۇيرۇق بېرىلگەندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە ئوتتۇرا فرونتدىكى ئۇرۇشىنى توختىتىپ، ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنى ئۆزنىڭ ئالدىنقى فرونتى قىلدى. بۇ مۇستەقللىق ئۇرۇشتا مىللىي ئارمىيە جۇڭخۇا مىنگونىڭ دۆلەت ئارمىيىسىدىن بىر تۆمەندىن كۆپرەك ئادىمىنى يوقاتتى، گېنېرال دەرىجىلىك ئوفىتسېرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تۆت مىڭدىن ئارتۇق ئادىمىنى ئەسىرگە ئالدى. ( ۋېى جۇاڭ: « شانلىق مىللىي ئارمىيە— خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى 5- كورپۇسىنىىڭ ئۇرۇش خاتىرىسى» ( خىتايچە) ، 2005- يىل نەشرى ۋە ماھىنۇر قاسىم : « ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەسلەيمەن» (1) دىن،2016- يىل نەشرى،)
1945- يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنىدا ئىتتىپاقداش ئۈچ دۆلەت — سوۋېت ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ستالن، روزېۋېلت ۋە چېرچىللار بىر تەرەپتىن 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى دۇنيا ۋەزىيىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا پايدىلىق بولغان، يەنە بىر تەرەپتىن مىللىي ئازاتلىق ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن كۈرەش قىلۋاتقان ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىگە تۈپتىن زىت بولغان « يالتا كېلشىمى » نى ئىمزالىدى. 1945 – يىلى 27- دىكابردا يەنە بۇ ئىتتىپاقداش ئۈچ دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنسىتىرلىرى موسكۋادا « خىتاي مەسىلىسى توغرىسىدا ئاخبارەت » ئېلان قىلىپ،« گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ رەھبەرلىكىدە خىتايدا ئىتتىپاقلىق ۋە دېموكراتىيىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش،دېموكراتلارنى گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلىرىغا كەڭ تۈردە قوبۇل قىلىش، ھەمدە ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش كېرەك » دەپ جاكارلىدى.
يالتا يىغىنىدا جياڭ جيېشىنىڭ تەلىبىگە بىنائەن روزېۋېلت ستالىندىن « ئۇيغۇر ئىلى» دا يەرلىك مىللەتلەرنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇرۇشىنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى . شۇنىڭ بىلەن ستالىن روزېۋېلت ۋە چېرچىللار بىلەن سودىلىشىپ، جياڭ جيېشىغا تاشقى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىل دۆلەت بولىشنى ئىتىراپ قىلغۈزۈش شەرتى ( سەيدۇللا سەيپۇللايوف : « مەن شاھىت بولغان ئىشلار » دىن ، 2005- يىل نەشرى) بىلەن جۇش ئۇرۇپ تەرەققى قىلىپ، غەلبىسىرى ئالغا قەدەم بېسۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئازاتلىق ئۇرۇشىنى توخىتىتىشنى قارار قىلىپ، سوۋېت ئىىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدىكى مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى گېنېرال ۋلادىمىر ستېپانوۋچ كوزلوپقا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن « تىنچىلىق سۆھىبىتى » ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
گېنېرال كوزلوپ ستالىننىڭ بۇيرۇقنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن جۇمھۇر رەئىس ئىلىخان تۆرە بىلەن كۆرۈشكەندە،« < ئىلىخان تۆرە ئۇنىڭغا قارشى چىقىپ،خىتاي بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، خىتاينىڭ ھېچقاچان سۆھبەت ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىقىنى تونۇمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.> ، < گېنېرال كوزلوپ ئەلىخان تۆرە بىلەن سۆھبەتلىشىپ بولغاندىن كېيىن مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى يەنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىشەنچىلىك ئادىمى گېنېرال ئىۋان پالىنوپقا بويرۇق بېرىپ ، مىللىي ئارمىيىنى ھۇجۇم قىلىشتىن توختىتىدۇ. > » ( سابىت ئابدۇراخمان : « شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى توغرىسىدا»، ئىلىخان تۆرە ساغۇنى:« تۈركىستان قايغۇسى » (1) دىن، 2007- يىل نەشرى) . ستالىننىڭ بۇيرۇقىنىڭ ئىجرا قىلىنشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىستىقلالىيەت ۋە ئازاتلىق ھەرىكىتى بەربات بولدى. شۇندىن ئۇزۇن ئۆتمەي ، ئىلىخان تۆرە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوۋېت ئىتتپاقىغا مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلگەن. ئىلىخان تۆرە تاشكەنتتە 30 يىل مىرزا قاماق ۋە نەزەربەند ئاستىدا ياشاپ، 1976- يىلى28- فىۋىرالدا 91 يېشىدائالامدىن ئۆتتى.
گەرچە ستالىننىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ئۇتتۇرىسىدا « تىنچىلىق سۆھىبىتى » ئۆتكۈزۈلۈپ، 1946- يىلى 2- يانۋار كۈنى « 11 ماددىلىق تىنچىلىق بىتىمى » ئىمزالىنىپ ، ئۆلكىلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەشكىل قىلىنىپ ، رەسمىيەتتە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ ئىلى، تارغاباتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىدە ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ھاكىمىيەت فۇنكسىيىنى ساقلاپلا قالماي يەنە جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ئارمىيىسىنى مەزكۈر ئۈچ ۋىلايەتكە يۇللاتماي، ئۆزنىڭ دۆلەت چېگراسنى مىللىي ئارمىيسى بىلەن قوغدىدى.
ئەخمەتجان قاسىمى ئۆلكلىك بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلغان مەزگىلىدە «بىتىم »نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن ھارماي – تالماي كۆرەش قىلىپلا قالماستىن، يەنە شەرقىي تۈركىستاندا ئالىي مۇختارىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتتى. بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىپىدىكى جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ « بىتىم » گە خىلاپلىق قىلىشى ۋە « شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى» تېررىتورىيىسىگە قارىتا ئۈزلۈكسىز پاراكەنچىلىك قىلىش تۈپەيلى بىرلەشمە ھۆكۈمەت تەركىبىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرىنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمەتتە داۋاملىق خىزمەت قىلىش ئىمكانىيىتى قالماي، غۇلجىغا قايتىپ كەتتى. شۇ ۋاقىتدىن باشلاپ جۇمھۇر رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆكۈمىتىگە رەھبەرلىك قىلىپ ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ھاكىمىيەت فونكىيىسىنى يۈرگۈزدى. ( ئەخمەتجان قاسىمى جۇمھۇر رەئىسلىكىگە 1945- يىلى دىكابرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا سايلانغان ئىدى ( ئۇيغۇر ئىلى ئىجتىمائى پەنلەر تەتقىقاتى : « ئۇيغۇر ئىلى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىي كۈرىشى داۋامىدىكى چوڭ ۋەقەلەر »،دۇگېنچىڭ تۈزگەن ،1986- يىل 7- ئاي نەشرى ) . لېكىن جۇڭخۇا مىنگو ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن « مۇئاۋىن ئۆلكە رەئىسى» دېگەن خىزمەت ئەمىلىنى داۋاملىق ئىشلەتكەن.)
«بىتىم» كېيىن توخىتىتىلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ھۆكۈمىتى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدكى مۇناسىۋەت ئەسلىگە كېلىپ،1947 – يىل ئاۋغۇست ئېيىنىڭ ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى يەنە مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنى غۇلجىغا مەخپىي ئەۋەتتى ، ئۇلارنىڭ مەخپىي بەلگىسى « ئەخمەتجان قاسىمى 2 – ئىشخانىسى » دەپ بېكتىلدى.
1949 – يىلى ئىيوندا موسكۋادا ليۇ شاۋچى باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن سوۋېت كوممۇنىستىك پارتىيسى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى ئۇتتۇرىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتلەردە ستالىن يالتا يىغىنىدا بەرگەن ۋەدىسىگە « سادىق» بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىتىراپ قىلماي، چارروسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنستىرلىكى بەلگىلىگەن تۈركىستان ( ئوتتۇرا ئاسىيا) تۈركلىرىنىڭ خەۋبىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۈتكۈل تۈركىستان تۈركلىرىنى غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بۇيىچە روسىيە ۋە خىتاي دۆلەتلىرى ئايرىم- ئايرىم ئىدارە قىلىشتىن ئىبارەت بولغان چارروسىيىنىڭ تاشقى ئىشلار سىياسىتىگە ۋارسلىق قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇستەقىللىق ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئۇنجۇقتۇرۋېتىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ستالىن شەرقىي تۈركىستاننى پات ئارىدا قۇرۇلماقچى بولىۋاتقان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتوريىسىنىڭ تەركىبى قىسمى بولۇشىغا قوشۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەقدىرى موسكىۋادا بىرتەرەپ بولغاندىن كېيىن، ئۇزۇن ئۆتمەي 1949- يىلى 27- ئاۋغۇست شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىدىن جۇمھۇر رەئىس ئەخمەتجان قاسىمى، مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى گېنېرال لېيتېنانت ئىسھاقبېك مۇنونوۋ، مىللىي ئارمىيە مۇئاۋىن باش قوماندانى گېنېرال مايور دەللىقان سۇگۇربايوۋ ۋە «ئۇيغۇر ئىلىدا تىنچلىق ۋە خەلقچىللىقنى ھىمايە قىلىش ئىتتىپاقى» نىڭ ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇكېرىم ئابباسوۋ قاتارلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن بېيپىڭغا قىلغان سەپىرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت تېررىتوريىسى ئىچىدىن ئۆتكەندە كىشلەرنى شۈبھىلەندۈرگەن ھالدا توساتتىن قازا تاپتى.
بۇ «قازا» دىن ئۇزۇن ئۆتمەي، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ غۇلجىدا تۇرۇشلۇق كونسۇلىنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرۇشى بىلەن تەشكىللەنگەن، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇددىئاسىنى ياخشى چۈشەنگەن، ئۈچ كىشلىك ئۆمەكنىڭ باشلىقى سەيپىدىن ئەزىزى بېيپىڭدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتىنىڭ ھۆكۈمەت ھەيئىتىنىڭ ھىچ قانداق قارارىسىز خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىشلار— ئەمىلىيەتتە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە مىللىي ئارمىيە قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئۆز ئالدىغا بىرتەرەپ قىلدى. ھاتتا ئۆزىنىڭ مۇستەقىل بىر ھۆكۈمەتنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى بىر چەتكە چۆرۈۋېتىپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئەزا بولۇش ئىلتىماسىنى ماۋزېدۇڭغا سۇندى ( سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ : « ئۆمۈر داستانى » ( ئەسلىمە 2) دىن،1990- يىل نەشىرى ) . بۇ ئۆمەكنىڭ بېيپىڭدە بېجىرگەن خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە، بېيپىڭ دائىرلىرىنىڭ نەزىرىدە « شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » دېگەن شەيئى مەۋجۇت بولماي قالدى.
شۇنىڭ بىلەن ، ستالىننىڭ ئىقتىسادى ياردىمىگە ئېرشكەن «خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى» 1949- يىلى ئوكتەبردە شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كېرىپ،1950- يىلنىڭ بىشىدا پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلدى. شۇندىن كېيىن ئاسماندىكى يۇلتۇزلار ئىچىدە تەنھا ئايدەك پارلاپ ، دۇنيادا بەش يىل مۇستەقىل مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرىز بولۇپ ، شەرقىي تۈركىستان يېڭى بىر مۇستەملىكىچى — خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ پرولېتارىيات دىكتاتورلىقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالدى.
لېكىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىگە ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرى سېپىپ كەتكەن مۇستەقىللىق ئۇرۇقلىرىنىڭ ئۇندۈرمە بولۇشلىرى ئەسىرلەر بۇيى ئۆلمىدى. شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ قەلبىدىكى ئىستىقلالىيەتكە بولغان ئارزۇ- ئۇمىت يالقۇنلىرى زادىلا ئۆچمىدى ،بەلكى بارغانسىرى يالقۇنجاپ باردى.
يۇقىرىقى بايانلار بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكىلەرگە ئايلىنىش جەريانىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرسە، يەنە بىر تەرەپتىن شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەسىرلەر داۋامىدا ئۆزلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، ئازاتلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېگىلمەي- سۇنماي ، تەۋرەنمەي، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ كەلگەنلىكىنىڭ يارقىن تارىخى ناماياندىسى.
ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە مىللىي ئازاتلىق ھەركىتى!

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top