ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ئەدەبىيات گۈلزارى » قىزىمغا خەت

قىزىمغا خەت

ئالماس ھاجى
قىزىم، سىز بەك يىراقتا قالدىڭىز، توۋلىساق ئاۋازىمىز يەتمەيدىغان، جابدۇنساق بارالمايدىغان، سىز سېغىنىپمۇ كېلەلمەيدىغان يىراقتا قالدىڭىز. كىشىلەر يەر شارى كىچىكلەپ بىر كەنىت بولۇپ قالدى، بۇ چېتىدىكى ئادەم يۆتەلسە مىنوت ئىچىدە ئۇ چېتىدىكىلەر ئاڭلايدۇ، قانچە يىراق بولسىمۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ بىر – بىرى بىلەن دىدارلىشىپ سۆزلىشەلەيدۇ، دېيىشىدۇ، لېكىن بىز ئۇنداق قىلالمىدۇق. بۇرۇندىن تەلەيسىز ئىدۇق، يەنە شۇ تەلەيسىزلىگىمىز بويىچە قالدۇق، شۇڭا سىز بەكمۇ يىراقتا قالدىڭىز…
قىزىم،سىزنى بەكمۇ كۆرگىمىز كەلدى. كۆڭلىمىزدىكى گەپلىرىمىزنى سىزگە دېگىمىز، سىز بىلەن مۇڭداشقىمىز كەلدى. ئسىڭىزدىمۇ، سىز بىلەن پات-پات ناھايىتى كۆڭۈللۈك سۆھبەتلىرىمىز بولۇپ تۇراتتى، تەڭ خۇش بولۇپ ، تەڭ قايغۇراتتۇق . لېكىن، تەڭ كۆتۇرۇپ يەڭگىللەپ قالاتتۇق. خوشاللىققا ھەم، تەسەللىگە ھەم شېرىك ئىدۇق. ھايات شۇنداق ئىدى، غەم-قايغۇلىرىمىز ، تارتقان ئەلەملىرىمىز ئاز ئەمەس ئىدى ، ئۇنى كىچىككىنە خوشلۇقلىرىمىز بىلەن ياپاتتۇق. بىزگە سىز، سىزگە بىز تەسەللى ئىدۇق . مانا بۈگۈن، ھىچكىمگە پۇتلاشمايدىغان ئائىلىۋى مۇناسىۋەتلەرگە – بالىلىرى بىلەن ، قىرىنداشلىرى بىلەن ئۆز ئارا دىدارلىشىش، ئەھۋاللىشىشلەرگىمۇ يول يوق بولدى. قولىمىزدا تېلفون تۇرۇپ سىزگە ئۇرالمايمىز، ئۆيىمىزدە ئېنتىرنېت تورى تۇرۇپ سىز بىلەن ئالاقە قىلالمايمىز، بۇ ئەقەللى ھوقۇقلىرىمىز پايمان قىلىندى. يەر شارى كۈندىن- كۈنگە كىچىكلەۋاتىدۇ دېيىشىۋاتىدۇ، لېكىن بىزنىڭ ئارىلىقىمىز كۈندىن-كۈنگە يىراقلىشىپ كېتىپ بارىدۇ. قىزىم، بىز سىزنى بەكمۇ سېغىندۇق، بىراق سىز بەكمۇ يىراقتا قالدىڭىز…
ياشىنىپ قالدۇق، بەزىدە ئۆيدە ئولتۇرغىمىز كەلمەي سىرتقا چىقىپ ئايلىنىپ كېلىمىز. ئىستانبۇلدا قىش بولسىمۇ مەھەللىمىزدە ئەتراپ ياپ-يىشىل، خۇددى باھاردەك گۈزەل ئىدى. قىشى-ياز ياپراق تاشلىمايدىغان مەنزىرە دەرەخلىرى ئائىلە بىنالىرىنى ئوراپ تۇراتتى. بەزى دەرەخلەردە گۈلگە ئوخشاش چىچەكلەر ئېچىلىپ تۇراتتى. ياپراقلار گۇيا ياغدا مايلاپ قويغاندەك قوياش نۇرىدا جىلۋىلىنەتتى. ھەيران قالىسىز، بەزى دەرەخلەر يىل بويى ياپراق تۆكمەي رەڭگىنى ئەتىيازدا سېرىق ،يازدا قىزىل ،كۈزدە،قىشتا يېشىلغا ئۆزگەرتىپ ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلاتتى. بىنالار ئارىسىدا 5-6 كىلومېتىر ئۇزۇنلىقتا سۇزۇلغان قارىغايزارلىق، ئاردىچ (ئارتۇچ) دەرەخلىرى گۈپۈلدەپ تۇرغان پۇراقلىرى بىلەن ھاۋانى تازىلاپ كىشىنى راھەتلەندۇرەتتى. سۈپ-سۈزۈك زەڭگەر ئاسمان، شامال يۆنۈلىشىدە ئۈزۈۋاتقان ئاپپاق بولۇتلار بۇ گۈزەل مەنزىرىگە گەردان بولغان ئىدى. قارىغايزارلىقتىكى دەم ئېلىش ئۈچۈن قويۇلغان ئورۇندۇقلارنىڭ بىرىدە ئولتۇراتتۇق، بىراق، ئانىڭىزنىڭ كۆز ياشلىرى لىغىرلاپ تۇرغان بوتا كۆزلىرىدە ئەكىس ئېتىۋاتقان بۇ گۈزەللىك ئىچىدە سىز يوق ئىدىڭىز، بىز ئۈن-تۈنسىز غېرىپتەك ئولتۇراتتۇق، يۇرىگىمىز ئۆرتىنىپ يىغلاۋاتاتتى…
بىز تۇرىۋاتقان مەھەللە دېڭىزغا تۇتۇشۇپ كىتىدۇ، بەزىدە دېڭىز بۇيىغا بارىمىز، قىرغاق بويىدىكى دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرغان ، قىشى-ياز ياپ-يېشىل كۆكۈرۈپ تۇرىدىغان چىملىق ئىچىگە پوخرالارنىڭ دەم ئېلىپ، ئۆزلىرى تەييارلىغان دالا تاماقلىرى بىلەن راھەتلىنىشى ئۈچۈن كاۋاپدانلار، سايىۋەنلىك ئۈستەل، ئورۇندۇقلار قويۇلغان ئىدى. بالىلار ئۈچۈن مەخسۇس دائىرە ئاجرىتىلىپ، تۈرلۈك ئويۇن ئۈسكىنىلىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، شوخلوق بىلەن ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ ۋاڭ-چۇڭلىرى كىشى قەلبىنى شاتلاندۇرۇپ زوقلاندۇراتتى. بىز قىرغاق بويىدىكى دېڭىز سۇلىرى يالاپ سىپ-سىلىق قىلىپ قويغان چوڭ تاشلارغا بېرىپ ئولتۇردۇق. ئالدىمىزدا چەكسىز كەتكەن ياپ-يېشىل دېڭىز سۇيى جىمىرلاپ تۇراتتى. بۇ يەردىكىلەر خۇش بولسىمۇ، خاپا بولۇپ قالسىمۇ دېڭىز بۇيىغا بارىدىكەن. دېڭىز كىشىلەرنىڭ شاتلىغىنىمۇ ، قايغۇ-ھەسرەتلىرىنىمۇ چەكسىز باغرىغا سىڭدۇرۇپ كىتىدىكەن. قەلبىمىزنى ئۆرتىگەن دەرت-ئەلەملىرىمىز كۆز ياشلىرىمىزغا قوشۇلۇپ تۆكۈلۈشكە باشلىدى، گويا دېڭىزنىڭ شورلۇق سۇيىگە تۇزلۇق ياشلىرىمىز ئارىلىشىپ كەتكەندەك بولدى. چەكسىز كەتكەن دېڭىز سۇيى جىمىرلايتى، ئۇنىڭ چېتى ئۇپۇققا تۇتاشقان بولۇپ كۆرۇنمەيتى. قىزىم، سىز ئۇنىڭدىنمۇ يىراقتا ئىدىڭىز، سىزمۇ، بىزمۇ، دېڭىزمۇ سۈكۈتتە ئىدۇق . بىز سۈكۈتتە ياشىدۇق، يەنە سۈكۈتتە ياشاۋاتىمىز، قاچان ئۆركەش ياسارمىز، قاچان شىددەتلىك بوران-چاپقۇندا كۆتۈرۈلگەن ھەيۋەتلىك دولقۇنلارنى كۆرەرمىز…
قىزىم، سىز بەكمۇ يىراقتا قالدىڭىز، قاپ -قارا مۆدىھىش بۇلۇتلار قاپلىغان، تىكەنلىك سىملار بىلەن ئورالغان ئىگىز تاملار ئىچىدىن نالە پەريات ئاڭلىنىۋاتقان، شاراقلىغان كىشەن كويزىلار ئاۋازىدىن كىشى تىنى شۈركۈنۈۋاتقان، كىملىكى، ئىتىقادى،ئۆرپە-ئادەتلىرى تۈپەيلى گۇناكار قىلىنىۋاتقان، ئىرقى قىرغىنچىلىقتا قانغا پاتقان زىمىندا قالدىڭىز. ئاللاھ سىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن!
بىز سىزنىڭ يېنىڭىزغا،ۋەتىنىمىزگە،مېھرى ئىسسىق ئۆيىمىزگە كىتەلمىدۇق. بىر كۈنى ۋەتەندە باغچىغا بېرىپ ئايلىنىپ كەلمەكچى بولدۇق. باغچە ئىشكى ئالدىغا بېرىشىمىزغا قاراۋۇللار ئالدىمىزنى توستى. ئانىڭىزغا بېشىدىكى رومالنى ئېلىۋېتىپ كىرىشنى ئېيىتتى،مەن ،-رومالنى ئېلىۋەتمىسە نىمە بولىدۇ،-دەپ سورىدۇم. رومال ئارتىپ كىرىشكە بولمايدۇ، دەپ بىزنى چەكلىدى. بىز قايتىپ كەتتۇق. ئەمدى ھەج پەرزىنى ئادا قىلغانلىغىمىز ئۈچۈن ئۆيىمىزگە كىتەلميۋاتىمىز. كەتسەكلا قولىمىزغا كىشەن كويزا سېلىنىپ، ئۆيىمىزنىڭ ئورنىغا تۈرمە كامىرىغا بارىدىكەنمىز. بىز 70 ياشقا قەدەم ئالغان بوۋاي-مومايلار بۇ كۈننى كۆردۇق. ھەممە ئادالەتنى ياقلايمەن دەۋاتقان بۇ دۇنيادا شۇنداق ئىشلارمۇ يۈز بېرىۋاتىدۇ. تىلىمىز، دىنىمىز چەكلەندى، قورئان كەرىم كۆيدۈرۈلدى، مەسجىدلەر چېقىلدى، ناماز ئوقىغان، روزا تۇتقانلار جىنايەتچى قىلىنىپ جازا لاگىرلىرىغا، تۇرمىلارغا تاشلاندى. كوچىلار ئادەمسىز، ئۆيلەر ئەركەكسىز قالدى. ئەڭ ئەقەللى ئادىمى مۇناسىبەتلەرگىمۇ چەك قويۇلدى.سىز ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم دەپ سالاملىشالمايسىز؛ ئاللاغا ئامانەت ،دەپ خوشلىشالمايسىز.
ھەممىدىن يامىنى بىز باشسىز-يېتەكچىسىز قېلىۋاتىمىز،مىللەتنىڭ سەرخىللىرى-دىنى ئۆلىمالىرىمىز،پىروفېسسۇر-ئالىملىرىمىز، مۇتەخەسسلىرىمىز، ئەدەبىيات-سەنئەتچىلىرىمىز، كارخانىچىلىرىمىز ھەر ساھەدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان سەرخىللىرىمىز تۇتقۇن قېلىنماقتا، ئۆلتۈرۈلۈپ يوق قىلىنماقتا.تارىخىمىز،مەدەنىيىتىمىز يوق قىلىنماقتا. 21-ئەسىردە دىمۇكىراتىيە تەرەققى قىلغان،ئاڭ-ئىدېلوگىيە يۈكسەلگەن، كىشىلىك ھوقۇق، ئىنسان ھەقلىرى قوغدىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ قاباھەتلىك كۈلپەتلەرنى، بۇ ئېرقى قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈشكە مەجبۇر بولىۋاتىمىز. ئەپسۇسكى،دونيادا زور كۆپچىلىك قىرىنداشلىرىمىزنىڭ، ئۈممەتداشلىرىمىزنىڭ بۇ زولۇمغا قىلغان سۈكۈتلىرى دەرت ئۈستىگە دەرت قوشسىمۇ كۆتۈرۈۋاتىمىز. قىزىم، بىز كۆتۈرۈشلۈك خەلق، زۇلۇمنىمۇ، ئاھانەتنىمۇ، خىيانەتنىمۇ كۈتۈرۈپ كىتىمىز. يىقىلغاندەك بولىمىز، لېكىن،يەنە ئورنىمىزدىن تۇرۇپ كىتىمىز!
شۇنداق، قىزىم، سىز يىراقتا قالدىڭىز،لېكىن قاچان يىراقلار يېقىن بولمىغان؟ قاچان زۇلمەتتىن تاڭ ئاتمىغان؟ دۇنيانى ھۆكۈرەپ زىلزىلىگە سالغان، قانچە ئېمپىرىيەلەر يىمىرىلدى، قانچە مۇىستەبىت ھۆكۈمرانلار بېشىنى يىدى. بۇ تارىخ ھەقىقىتى!قىزىم سەبىر قىلىمىز! ئاللاھ سەبىر قىلغانلارغا بىرىدۇ. چۈمۈلىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئاللاھ بىزنىڭ نىداسىمىزنى ئاڭلايدۇ. باش ئەگمەي كۆرەش قىلىمىز،ئاللاھ بىزگە چۇقۇم ھۆرلۈك،سائادەت ئاتا قىلىدۇ. خەيىر قىزىم،سىزنى ئاللاھ غا ئامانەت قىلدۇق. ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆز پانايىدا ساقلىسۇن، ھەممىمىزگە يار يۆلەك بولسۇن، ئامىن!

2019-يىلى 17-يانۋار، ئىستانبۇل

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش