ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » تارىختىن تامچە » تەپەككۇر

تەپەككۇر

 

 

تەپەككۇر

بەخت-سائادەتنى دەسلەپ ئەلگە تىلە،
بەخت ئەمەس ئالتۇن بولسا يالغۇز تەڭلە.
تەپەككۇرسىز سائادەتتىن ئۈمىد كۈتمە،
ئۆز-ئۆزىگە تەپەككۇرسىز ئىنسان-تەلۋە.

(ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىن)

 

“تەپەككۇر”دىــن ئىبــارەت بــۇ ئىبارىگــە ئېنىقلىمــا بەرســەك، تەپەككــۇر دېگىنىمىــز ئادەمنىــڭ يېڭىدىــن ئۆگەنگــەن بىلىملىــرى بىلــەن ئۆزىــدە تۇغمــا بــار بولغــان ئەقلــى ئارقىلىــق پىكىــر يۈرگــۈزۈپ، چوڭقــۇر ئويلىشــىپ ئاندىــن ئەقلــى خۇلاســە چىقىرىش جەريانىــدۇر. يەنــە بىــر جەھەتتىــن ئېيتســاق، تەپەككــۇر دېگىنىمىــز ئوبېكتىــپ دۇنيادىكــى كۆرگەن-بىلگەنلىرىمىزنىــڭ ماھىيەتلىــك قانۇنىيەتلىرىنــى ســۇبېكتىپ ئېڭىمىــز بىلــەن تونــۇپ يېتىــپ، ئۆزىمىــز ھېــس قىلغــان تۇيغــۇلار ئۈســتىدە پىكىــر يۈرگــۈزۈپ، بېســىپ ماڭغــان ھەقىقــى مەنادىكــى ھايــات ســەپىرىدۇر. مانــا ماشــۇ ھاياتلىــق ســەپىرىدە ئۈزلۈكســىز تەپەككــۇر قىلىــش ئارقىلىــق ئەقىــل بۇلىقىنــى، ئىلىــم سەيناســىنى، ئۆزلۈكنىڭ تاۋلىنىــش مەيدانىنــى، پىكىرنىــڭ يۈكســېلىش جەريانلىرىنــى بېســىپ ئۆتــۈپ بارغانســېرى كامالەتكــە يۈكســېلىمىز.
ئىنســان تەپەككــۇر ئارقىلىــق دۇنيانىــڭ ســىرىنى ئاچالايــدۇ، ئىنســانىيەتنىڭ ماھىيىتىنــى بىلەلەيــدۇ، ئۆزىنــى ئــۆزى تونــۇپ يېتەلەيــدۇ، تەرەققىياتنىــڭ ھېكمىتىنــى تونۇيالايــدۇ. تەپەككــۇر ئارقىلىــق قەلبىدىكــى قاراڭغۇلۇقنــى يورۇتــۇپ، ئىلىــم دۇنياســىنىڭ مەشــئىلىنى لاۋۇلدىتالايــدۇ، كەلگۈســىنىڭ نۇرانــە مەنزىلىگــە داغــدام يــول ئېچىــپ، بىپايــان دېڭىــزدا غــۇلاچ تاشــلاپ ئــۈزۈپ، غايــە قىرغاقلىرىغــا بىمــالال يېتەلەيــدۇ. ئۇلــۇغ تەڭــرى تەرىپىدىــن يارىتىلغــان بــۇ ئالەمــدە ئىنســان ئۆزىنىــڭ تەپەككــۇر ئىقتىــدارى ئارقىلىــق ھايۋانــات ۋە تەبىئــەت دۇنياســىدىن پەرقلىنىــپ تۇرىــدۇ. شــۇڭا ئىســلام دۇنياســىدىكى “شــەرەپلىك” دېگــەن نامغــا مۇيەسســەر بولغــان ئــۈچ كىتابنىــڭ بىــرى بولغــان “مەســنەۋى شــەرىپ” تــە جالالىدىــن رۇمــى “ئىنســان” دېگــەن بــۇ نامنــى ئاساســەن “كامىــل ئىنســان” دېگەن ئۇقــۇم بويىچــە شــەرھلەيدۇ. جالالىدىــن رۇمىنىــڭ تەپەككۇرىدىكــى ئەنــە ئاشــۇ “كامىــل ئىنســان” دېگــەن پىرىنســىپ دەل قۇرئــان كەرىمدىكــى “شۈبھەســىزكى بىــز ئىنســاننى ئــەڭ گــۈزەل شــەكىلدە ياراتتــۇق…” دېگــەن ئايەتكــە تامامــەن ئۇيغۇنــدۇر. شــۇڭا جالالىدىــن رۇمــى ئۆزىنىــڭ تەســەۋۋۇپتىكى بارلىــق تەپەككــۇر دۇنياســىنى  ئاشــۇ ئىنســان ئۈســتىگە مۇجەسسەملەشــتۈرگەن. شــۇڭا ئۆزىنىــڭ بارلىــق ئەســەرلىرىدە ئىنســاننى ئەڭ يۈكســەك ســەۋىيەگە كۆتــۈرۈپ پەزىلەتلىــك ئــادەم دەپ قارايــدۇ. شــۇنىڭ بىلــەن بىللــە يەنــە ئىنســاننى پەزىلەتتىــن ئايرىــپ، ئــەڭ پەســكەش يەنــى ھايۋانــدەك ئورۇنغــا چۈشــۈپ قېلىشــنىڭ ســەۋەپلىرىنى ئىزاھلايــدۇ. مانــا بــۇ نۇقتىدىــن ئېيتقانــدا ئىنســان تەپەككــۇر ئارقىلىــق ئەقىلنى ئىشلىتىشــنىڭ نەقــەدەر مۇھىملىقىنــى تەكىتلەيــدۇ. بــۇ توغرىســىدىكى مەيلــى ئــۆز مىللتىمىزدىــن ياكــى يــاد مىللەتلەردىــن چىققــان نۇرغــۇن يازغۇچــى، ئالىــم، مۇتەپەككــۇر، پەيلاســوپلار قەدىمدىــن تــا ھازىرغىچــە تەپەككــۇر ھەققىــدە نۇرغۇن پىكىــر يۈرگــۈزۈپ،  ئاجايىــپ ئېســىل ســۆزلەرنى بىزگــە قالــدۇرۇپ كەتكــەن.

مەسىلەن:

ئۇيغــۇر مۇتەپەككۇرلىرىدىــن ئابدۇشــۈكۈر مۇھەممەتئىمىــن تەپەككۇرنىــڭ ئەھمىيىتــى توغرىســىدا مۇنــداق دېگــەن: “تەپەككۇر ئىقتىــدارى ھەممىگــە تەئەللــۇق. ئەممــا، تەپەككــۇر قىممىتــى ھــەر كاللىــدا ھــەر خىــل. ئۆز-ئۆزىگــە تەپەككــۇر مۇجەسســىمى بولمىغــان مىللــەت ئۆز-ئۆزىگــە ئىگــە بولمىغــان مىللەتتــۇر”. گېرمــان پەيلاســوپى ئارتــۇر شــوپېنخاۋىر مۇنــداق دېگــەن: “ئەگــەر بىــرى كۈنلەپ-كۈنلــەپ كىتــاب ئوقۇســا، ھەمــدە ئوتتۇرىدىكــى ئــارام ۋاقتىنــى تەپەككۇرســىز ئۆتكۈزســە، ئۇنداقتــا ئــۇ بارا-بــارا ئۆزىنىــڭ مۇســتەقىل تەپەككــۇر قىلىــش ئىقتىدارىنــى يوقىتىــپ قويىــدۇ. بــۇ خــۇددى توختىمــاي ئــات مىنىدىغــان كىشــى ئاخىرىغــا كېلىــپ يــول مېڭىشــنى ئۇنتــۇپ قالغانــدەكلا بىــر ئىش.” قەدىمقــى گىرىــك پەيلاســوپى ســوقرات مۇنــداق دەيــدۇ: “تەپەككۇرســىز ھايــات ياشاشــقا ئەرزىمەيــدۇ”. ئەبــۇ ھەمىــد مۇھەممــەد ئــەل غەززالــى: “تەپەككــۇر، ئىبادەتنىــڭ يېرىمىــدۇر” دەيــدۇ. ئىنســان تەپەككــۇر قىلىــش كۈچىگــە تايىنىــپ، ئەقىــلپاراســەت ۋە ئىنســان ســۇبېكتىنىڭ ئوبېكتىــپ دۇنيــا ھادىســىلىرى بىلــەن ئۇنىــڭ ماھىيەتلىرىنــى بىلىــش، چۈشــىنىش ئىقتىدارىنــى ئەركىــن جــارى قىلدۇرالايــدۇ. ئىنســاندىكى ھەممــە شــەرەپلىك خاســىيەتلەر ئىچىــدە ئــەڭ ئاساســلىقى يەنىــلا بىلىــش ئىقتىــدارى يەنــى تەپەككــۇر قىلىــش ئىقتىــدارى ئاساســىدا ئېرىشــكەن ھەققــى بىلىــم ئارقىلىــق كامالەتكە يېتىــدۇ. ئىنســان تۇغمــا ھالــدا بىلىــش ئىقتىدارىغــا ئىگــە ئىكەنلىكــى بىلــەن ھايۋاندىــن پــەرق قىلســىمۇ، ئەممــا پەقــەت بىلىــم جەھەتتىكــى ۋە تەپەككــۇر قىلىــش ئىقتىدارىدىكــى يۇقىــرى- تۆۋەنلىكــى، شــەكىل ۋە ئۇســۇللىرى، مۇددىئــا ۋە ئاقىۋەتلىــرى بىلــەن ئىنســانلاردىكى تەپەككــۇر بىر-بىرىدىــن پەرقلىنىــدۇ. شــۇڭا قۇرئــان كەرىمنىــڭ ئەنكەبــۇت سۈرىســى43-ئايەتتــە مۇنــداق دېيىلگــەن: “بىــز ئىنســانلارغا بايــان قىلغــان بــۇ تەمســىللەرنى پەقــەت ئالىمــلارلا چۈشــىنەلەيدۇ.” بــۇ توغرىســىدا يۈســۈپ خــاس ھاجىــپ “قۇتادغــۇ بىلىــك” ناملىــق ئەســىرىدىكى بېيىتلىرىــدا مۇنــداق دەپ كۆرســەتكەن: “كىشى بىلەن كىشىنىڭ زور پەرقى بار، بۇ پەرق بىلىمدىلا كۆرۈلىدۇ دەيمەن” “ئۇشبۇ سۆزۈمنى بىلىملىكلەر ئۈچۈن سۆزلىدىم، بىلىمسىزنىڭ تىلىنى ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن” مۇتەپەككــۇر  ئابدۇشــۈكۈر مۇھەممەتئىمىــن بــۇ توغرىســىدا مۇنــداق رۇبائــى ســۆزلەيدۇ:

 

تەپەككۇر تۈپەيلىدىن سىرىنى ياپالماس ئالەم،

پەرقلەنگەن تەپەككۇر سەۋەبلىك ھايۋان، ئادەم.

ئەمما شۇ تەپەككۇرنىڭ سۈپەت، قىممىتى ھەر خىل،

قانداقمۇ بىر خىل بولسۇن جەددال، سۇلايمان، ھاتەم.

 

جالالىدىــن رۇمىنىــڭ ئۆزىگــە خــاس تەپەككــۇر ئۇســۇلى بــار بولــۇپ، ئــۆز ئەســەرلىرىدە ئۆزىنىــڭ تەســەۋۋۇپ پەلسەپىســىنى ناھايىتــى يۇقىــرى بەدىئىــي تىــل ماھارىتــى ۋە شــائىرانە تەبىئىــي ئىقتىــدارى ئارقىلىــق تەپەككۇرىغــا تىل-نۇتۇقنــى  شــەرت قىلىــپ، لوگىكىلىــق ئىلمــى قائىدىلەرگــە رىئايــە قىلىــش ئاساســىدا “ئاشــىق”نى ئىزاھلايــدۇ. ئىنســان پەقــەت ئاشــىق يولــى ئارقىلىقــلا “كامىــل ئىنســان” بولــۇش مۇددىئاســىغا يېتىــدۇ دەپ قارايــدۇ. مانــا مۇشــۇ تەپەككــۇر ئۇســۇلى ئاساســتا “ۋەھدەتــى ۋۇجــۇد” تەلىماتىغــا ئاساســلىنىپ ئالەمنــى، تەبىئەتنــى، ئىنســانىيەتنى، بىردىنبىــر بارلىــق بولغــان “ۋۇجــۇدى مۇتلــەق” يەنــى ئاللاھنىــڭ ســۈپەتلىرىنىڭ ھــەر خىــل شــەكىللەردىكى تەجەللىسى(جىلۋىلىنىشــى)
دىــن ئىبــارەت دەپ قارايــدۇ.  شــۇڭا تەبىئەتتىــن ئىبــارەت بــۇ گۈزەللىكنىــڭ ئــۆزى بىــر ئەينــەك ھەمــدە ھــەر بىــر ئىنســان يەنە باشــقا بىرســىگە ئەينــەك. ھــەر ئەينەكتــە ئۆزىمىزنىــڭ ئوخشــىمىغان يەرلىرىنــى كــۆرۈپ، تۈزىتىــپ تاكامۇللىشــىپ كامالەتكــە يېتىــپ بارىمىــز دەپ قارايــدۇ. جالالىدىــن رۇمــى مۇنــداق دەيــدۇ: “بىزنىــڭ تەبەسســۇم ۋە تەپەككــۇر ئۆرنەكلىرىمىــز ئەلۋەتتــە ئۆزىمىزگــە خــاس ئالاھىدىلىكــى ۋە گۈزەللىكــى بــار. تەبەسســۇم قىلغانــدا تەپەككــۇر قىلىمىــز، تەپەككــۇر قىلغانــدا بــەزى ھەقىقەتلەرنــى يەنــە بىــر قېتىم ئەســلەپ يېڭىدىــن بىــر بەختكــە تولىمىــز.” جالالىدىــن رۇمــى ئىلىــم ئۆزلەشــتۈرۈش جەريانىــدا ئــۆز زامانىدىكــى دىنىــي ئالىمــلار، پەيلاســوپلار ۋە شــائىرلاردىن ئىمــكان قــەدەر تەمكىــن ۋە ئۆزىنــى تۇتقــان ھالــدا ھەرســاھەدىكى پايدىلىق بىلىملەرنــى ئۆگەنگــەن. ئــۇ ئــۆز مېتــودى بويىچــە ھەقىقەتنــى ســۆيگەن ۋە ئۇنىڭغــا زېھىــن قويغــان. پەقــەت تەپەككــۇر ئارقىلىقلا ئــۆز غايىســى بويىچــە ئىلگىرلىگــەن. پــەن ۋە مەدەنىيەتكــە، مۇزىــك ۋە ســەنئەتكە، ئەركىــن تەپەككۇرغــا ۋە دىنــى باراۋەرلىككــە قارشــى تۇرىدىغــان تۈرلــۈك ئەقىدىلەرگــە، مۇتەئەسســىپ كۈچلەرگــە كەســكىن قارشــى تۇرغــان. خەلقنــى بىخۇدلاشــتۇرىدىغان، خەلقنــى پاسســىپ، نــادان ۋە ئۈمىدســىزلىككە دەۋەت قىلىدىغــان فېئــودال قىلمىشــلارنى پــاش قىلغــان. مۇقــەددەس كىتابىمىــز قۇرئــان كەرىمــدە تەپەككــۇر قىلىــش ۋە تەپەككــۇر قىلغاندىمــۇ ســاغلام، ئۆتكــۈر، مۇســتەقىل تەپەككــۇر قىياپىتىگــە ئىگــە بولــۇش توغرىســىدا نۇرغــۇن ئايەتلــەر بــار. مەســىلەن: ئەئىــراف سۈرەســىنىڭ54-ئايىتىــدە: “شۈبھىســىزكى،  پەرۋەردىگارىــڭلار ئالــلاھ ئاســمانلارنى ۋە زېمىننــى ئالتــە كۈنــدە ياراتتــى، ئاندىــن (ئۆزىنىــڭ ئۇلۇغلۇقىغــا لايىــق رەۋىشــتە) ئــەرش ئۈســتىدە قــارار ئالــدى، ئالــلاھ كېچــە بىلــەن كۈندۈزنــى ياپىــدۇ، كېچــە بىلــەن كۈنــدۈز بىر-بىرىنــى قوغلىشــىدۇ. ئالــلاھ قۇيــاش، ئــاي ۋە يۇلتۇزلارنــى ئاللاھنىــڭ ئەمرىگــە بويســۇندۇررۇلغۇچى قىلىــپ ياراتتــى، يارىتىــش ۋە ئەمىــر قىلىــش راســتىنلا ئاللاھنىــڭ ئىلكىدىــدۇر. ئالەملەرنىــڭ پەرۋەردىــگارى ئاللاھنىــڭ دەرىجىســى كاتتىــدۇر”.ھىجىــر سۈرىســى 16-ئايــەت: “بىــز ئاســماندا ئوربىتىلارنــى ياراتتــۇق ۋە كۆزەتكۈچىلــەر ئۈچــۈن ئاســماننى زىننەتلىــدۇق”. نەھــل سۈرىســى 11 -ئايەت:“ئالــلاھ ســىلەرگە شــۇ يامغــۇر 11 بىلــەن زىرائەتلەرنــى ئۆســتۈرۈپ بېرىــدۇ، زەيتــۇن، خورمــا، ئۈزۈم ۋە تۈرلــۈك مېۋىلەرنــى ئۆســتۈرۈپ بېرىــدۇ، چوڭقــۇر پىكىــر قىلىدىغــان قــەۋم ئۈچــۈن بۇنىڭــدا ھەقىقەتەن(ئاللاھنىــڭ قۇدرىتىنى كۆرســىتىدىغان) دەلىللــەر بــار” ئەنكەبــۇت سۈرىســى44-ئايەت:“ئالــلاھ ئاســمانلارنى ۋە زېمىننــى ھېكمــەت بىلــەن ياراتتــى. ھەقىقەتــەن ئۇنىڭــدا مۆمىنلــەر ئۈچۈن(ئاللاھنىــڭ بىرلىكىنــى كۆرســىتىدىغان) دەلىــل بــار”. لوقمــان سۈرەســى27-ئايەت:“ئەگــەر يــەر يۈزىدىكــى دەرخلەرنىــڭ ھەممىســى قەلــەم بولغــان، دېڭىــز ســىياھ بولغــان، ئۇنىڭغــا يەنــە يەتتــە دېڭىــز قوشــۇلۇپ ســىياھ بولغــان تەقدىردىمۇ ئاللاھنىــڭ ســۆزلىرىنى يېزىــپ تۈگەتكىلــى بولمايــدۇ. ئالــلاھ ھەقىقەتــەن غالىبتــۇر، ھېكمــەت بىلــەن ئىــش قىلغۇچىــدۇر”.شــۇرا سۈرەســى 32-33-ئايــەت: “دېڭىــزدا قاتنىغۇچــى تاغــدەك كېمىلــەر ئاللاھنىــڭ قۇدرىتىنىــڭ دەلىللىرىــدۇر. ئەگــەر ئالــلاھ خالىســا، شــامالنى توختىتىۋېتىــدۇ-دە، كېمىلــەر دېڭىزنىــڭ ئۈســتىدە توختــاپ قالىــدۇ، بۇنىڭــدا ســەۋر قىلغۇچــى، شــۈكۈر قىلغۇچــى ھــەر مۆمىــن ئۈچــۈن نۇرغــۇن ئىبرەتلــەر بــار”.جاســىيە سۈرەســى13 -ئايــەت: “ ئالــلاھ ئاســمانلاردىكى ۋە زېمىندىكــى نەرســىلەرنىڭ ھەممىســىنى ئــۆز مەرھەمىتىدىن ســىلەرنىڭ مەنپەئەتلىنىشــىڭلار ئۈچــۈن بويســۇندۇرۇپ بــەردى، بۇنىڭــدا تەپەككــۇر قىلىدىغــان قــەۋم ئۈچــۈن ھەقىقەتــەن نۇرغــۇن دەلىللــەر بــار” .
غەيــرى مۇســۇلمان  دۆلەتلەرنــى سىياســى، ئىقتىســادى ۋە ھەربىــي جەھەتتىــن كۈچلــۈك قىلغــان ئىلىــم ۋە تېخنىكىــدۇر. دىنىمىــزدا ئىلىــم ۋە تېخنىكىنــى ھــارام قىلغــان بىرمــۇ ئايــەت ۋە ھەدىــس يوقتــۇر. ئۇنىــڭ ئەكســىچە نۇرغــۇن ئايەت ۋە ھەدىســلەردە ئىلىــم ۋە تېخنىــكا، تەپەككــۇر، ئەقىل-ئىــدراك توغرىســىدا ئەمىرلــەر بېرىلگــەن. شــۇنداق تۇرۇقلــۇق بىــز ئۇلاردىــن نەچچــە يــۈز يىــل ئارقىــدا تۇرماقتىمىــز. بۈگۈنكــى دۇنيــادا كىــم كۈچلــۈك بولســا بــۇ تەپەككۇرنىــڭ قىممىتىدىنــدۇر. بىــرەر مىللەتنىــڭ ۋە ياكــى بىــرەر دۆلەتنىــڭ ئالدىنقــى ئورۇنــدا تۇرۇشــى ئــۇ مىللــەت ۋە دۆلەتنىــڭ توغــرا تەپەككــۇر ئۇســۇلىغا ئىگــە بولغانلىقىدىنــدۇر. بىــز مۇســۇلمانلار ھازىرغىچــە ئۆزىمىزدىكــى يېڭىلىــق تەرەپتارلىرىنى ئىنــكار قىلىــپ، تەپەككــۇر نامايەندىلىرىنــى ئاســىي نامىــدا ھــالاك قىلىــش ئارقىلىــق تەلۋىلىــك بىلــەن نېمــە قىلارىمىزنــى بىلمــەي گاڭگىــراپ، تــۆت كوچــا دوقمۇشــىدا قاياققــا مېڭىشــىمىزنى بىلمــەي قېلىۋاتىمىــز. بۇنىڭغــا ســەۋەپ بولغــان بۇزۇلغــان روھ، قۇللۇققــا مايىــل ئىــرادە، ئىلىمنىــڭ ھەقىقىــي قىممىتىدىــن مەھــرۇم قېلىــش، ماددىــي دۇنيانــى مەنىۋىــي دۇنيادىــن ئۈســتۈن كــۆرۈش، مەنادىــن بەكــرەك شــەكىل ۋە ســۈرەتكە ئەھمىيــەت بېرىــش، يىغىــپ ئېيتقاندا يەنىــلا شــۇ قاششــاڭ تەپەككۇردىــن باشــقا يەنــە نېمــە بولاتتــى؟ جالالىدىــن رۇمــى «مەســنەۋى» ناملىــق ئەســىرىدە پــاڭ بىرســىنىڭ كېســەل خوشنىســىنى يوقلىشــىدىن ئىبــارەت ھېكايىنــى ئاڭلىتىــدۇ: بىــر پــاڭ خوشنىســىنىڭ ئېغىــر ئاغرىــپ قالغانلىقىدىــن خــەۋەردار بوپتــۇ. پــاڭ كېســەل خوشنىســىنى يوقــلاپ قويۇشــنى ئۆزىنىــڭ ئىنســانىي بۇرچــى، ئادىمىيلىــك ۋە ئىنســان پەزىلىتىنىڭ نامايەندىســى دەپ ئويلاپتــۇ. ئەممــا ئەقلىدىــن مۇنــداق ئويــلاركېچىپتــۇ: مــەن قۇلىقــى ئاڭلىمــاس پــاڭ تۇرســام ئۇنىــڭ ســۆزلىرىنى قانداقمــۇ ئاڭلىيالايمــەن؟ ئۇنىــڭ ئۈســتىگە خوشــنام ئېغىــر ئاغرىــق تۇرســا، ئاغرىــق كىشــىنىڭ ئــاۋازى ئاســتا چىقىــدۇ. بوپتــۇ نېمــە ئامــال، يوقــلاپ قويــاي. ئــۇ گــەپ قىلغانــدا لەۋلىرىنىــڭ مىدىرلاشــلىرىغا قــاراپ نېمــە دەۋاتقانلىقىنــى تەخمىــن قىلارمــەن ۋە يەتتــە ئۆلچــەپ، بىــر كېســىپ ئىــش قىلســام خاتالاشــمايمەن. مەن ئۇنىڭغــا «ئەھۋالىــڭ قانداقــراق؟ خوشــنام» دېســەم، ئــۇ مــاڭا «خۇداغــا يۈزمىــڭ شــۈكۈر، ياخشــى تــۇردۇم» دەيــدۇ ھەقىچــان. ئاندىــن كېيىــن نېمىلەرنــى يەپ-ئىچىۋاتقانلىقىنــى سورىســام، ئــۇ مــاڭا چوقــۇم «پۇرچــاق شورپىســى ۋە ياكــى شــەربەت» ئىچكەنلىكىنــى دەيــدۇ. مــەن ئۇنىڭغــا «ئــاش بولســۇن!» دەيمــەن ۋە قايســى تىۋىپقــا داۋالىتىۋاتقانلىقىنــى سورىســام، ئەلۋەتتــە ئــۇ ئوقۇمۇشــلۇق، تەربىيــە كۆرگــەن كىشــى بولغاندىكىــن تەنتىرمەيــلا «پالان-پوكــون» دەيــدۇ. مەنمــۇ ئۇنىڭغــا «ئــۇ تىۋىپنىــڭ قولــى شــىپالىق، ئايىغــى ئۇلــۇغ، داۋالىيالمايدىغــان كېســىلى يــوق. مەنمۇ ئــۇ تىۋىپقــا كۆرۈنگــەن. بەكمــۇ ئىســىل ئــادەم. قەدىمــى تەگكــەن يەردىــن كېســەل قاچىــدۇ، مەقســەت-مۇرادى ئەمەلگــە ئاشــىدۇ» دەيمــەن. پــاڭ شــۇنداق خىياللارنــى، پىلانلارنــى، ســورايدىغان ســۇئال ۋە جاۋاپلارنــى تەييارلىــق قىلىــپ بولغاندىــن كېيىــن كېســەل خوشنىســىنى يوقــلاش ئۈچــۈن ئۆيىگــە كىرىپتــۇ. سالامدىن كېيىن پاڭ تەييارلىق قىلىۋالغان بويىچە: «ئەھۋالىڭ قانداقراق خوشنام» دەپ سوراپتۇ. ئاغرىــق خوشنىســى «ئۆلــۈپ كېتىدىغــان ئوخشــايمەن» دەپ جــاۋاپ بېرىپتــۇ. پــاڭ ئىچىــدە «ھەرھالــدا ياخشــى دەۋاتىــدۇ ھەقاچــان» دەپ ئويلاپتــۇ-دە، دەرھالــلا «بــەك ئوبــدان بوپتــۇ، ئەلھەمدۇلىلــلاھ» دەپتــۇ. ئاندىــن ئۇلاپــلا «نېمــە يــەپ ئىچىۋاتىســەن؟» دەپ ســوراپتۇ.
ناھايىتى تىرىككەن خوشنىسى «زەھەر» دەپتۇ. پــاڭ بــۇ جاۋاپنــى ئــاڭلاپ، ئــۇ چوقــۇم «پۇرچاق شورپىســى ياكــى ئاقــاش» دەۋاتىــدۇ دەپ ئويلاپتــۇ ۋە مۇنــداق دەپتــۇ: «ئــاش بولســۇن، شــىپا بولســۇن.» ئاخىرىدا «قايسى تېۋىپ داۋالاۋاتىدۇ؟» دەپ سوراپتۇ. جىلــە بولــۇپ، جان-پېنــى چىققــان خوشنىســى «ئەزرائىلغــا» دەپتــۇ. پــاڭ ھەرھالــدا بىــر تېۋىپنىــڭ ئىســمىنى دېــدى دەپ ئويلاپ، خوشنىســىغا ئــازراق بولســىمۇ تەســەللى بېرىــپ قويۇشــنى ئويــلاپ، ياخشــى كۆڭلــى بىلــەن «ئايىغــى يارىشــىدۇ ئۇنىــڭ. پــات ئارىــدا ســەللە-مازا ســاقىيىپ كېتىســەن. خــوش بــول، كۆڭلۈڭنــى راھــەت تــۇت» دەپتــۇ ۋە ۋەزىپىســىنى ئــادا قىلغانلىقىدىــن راھەتلىنىــپ، خوشلىشــىپ ئۆيدىــن چىقىپتــۇ. جالالىدىــن رۇمــى بــۇ ھېكايــە ئارقىلىــق توغــرا تەپەككــۇر قىلىشــنىڭ نەقــەدەر مۇھىملىقىنــى بىزگــە ئىزاھــلاپ، ئوقۇرمەنلەرنــى شــەكىلگە قــاراپ قىيــاس قىلماســلىققا، خىيالىــي نەرســىلەرنى ھەقىقىي دەپ ھېساپلىماســلىققا، ئەمەلىيەتنــى رېئاللىــق دەپ قارىماســلىققا، دورامچىلىــق ۋە شــەكىلۋازلىق قىلماســلىققا، «ئەينەكنــى پاكىــز ســۈرتۈپ، ئۇنىڭــدا پــاك بارلىقنــى كۆرۈشــكە» چاقىرىــدۇ. دېمــەك توغــرا تەپەككــۇر قىممىتىگــە ئىگــە بولمىغــان ئــادەم ئەنــە شــۇ «پاڭ»غــا ئوخشــايدۇ.

 

مەمبە: “جالالىدىن رۇمىنىڭ تەپەككۇرى” ناملىق كىتابتىن

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش