ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » مەن دىققەت قىلغان بىر قانچە مەسىلە

مەن دىققەت قىلغان بىر قانچە مەسىلە

ئالماس ھاجى

‹‹ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كېيىن ئاسانلىقنى بېرىدۇ›› (تالاق سۈرىسى، 7-ئايەت)

1. تارىختىن بىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بۈگۈنكىدەك خەلقئارالاشمىغان، خەلقىمىز بۈگۈنكىدەك تەشكىللىنەلمىگەن ۋە  ئىتتىپاق بولالمىغان ئىدى. كەڭ كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈش، تەشۋىقات خاراكتىرلىك يىغىنلارنى ئېچىش، ئۇچرۇشۇش، مۇھىم  سۆھبەتلەرنى ئېلىپ بېرىش؛ شەھەرلەر، دۆلەتلەر ئارا سەپەردە بولۇپ دوستلارنى كۆپەيتىش، دەردىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، تۈرلۈك تەشۋىقات ۋاستىلىرى ئارقىلىق بۈ خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش يولىدا قىلىنغان پىداكارلىقلارنىڭ قېممىتىنى بىلىش ۋە ئۇنىڭغا توغرا باھا بېرىش دەۋا ئىشلىرىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بۇ خىزمەتلەر ئۆز ئالاھىدىلىكلىرى بويىچە دەۋا ئىشلىرىمىزغا ھەر تەرەپتىن تەسىر كۆرسۈتۈپ شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى خەلقارالاشتۇرۇشتا ئىنكار قىلىشقا بولمايدىغان نەتىجىلەرنى قازاندى. ئەلۋەتتە، خىزمەتلىرىمىزدە كەمچىلىك-خاتالىرىمىز يوق ئەمەس، بۇنى تۈزۈتۈپ كەتكىلى بولىدۇ. لېكىن، بۇ ئارقىلىق نەتىجىلەرنى قارا قوياق ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ .

نامايىشنىڭ، يىغىلىشلارنىڭ نىمە رولى بولدى؟  ئۇچرۇشۇش، سۆھبەتلەر سۆرەتكە چۈشۈشلا بولدىغۇ؟- دەپ قاراش؛ شەھەرلەر، دۆلەتلەر ئارا ئالاقە باغلاپ، دەۋا ئىشىمىزنى، دەردىمىزنى ئۇلارغا ئاڭلىتىش، خەلقئارانىڭ ھېسداشلىغى، قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا قىلىنغان خىزمەتلەرنى يوققا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇش توغرا نىيەتتىن ئەمەس.

ئەگەر تەشكىلاتلىرىمىز شۇ خىزمەتلەرنى ئىشلىمىگەن بولسا، خەلقىمىز ئىتتىپاق بولۇپ ھەر تەرەپتىن قوللىمىغان بولسا دەۋا ئىشلىرىمىز ھازىرقىدەك خەلقئارا سەھنىگە چىقالامتى؟ ياكى بىرەر پۇرسەت كېلىپ  ئۆزى چىقىپ قالدىمۇ؟ ئۇنداق ئەمەسلىگى ھەممىمىزگە ئايان.

2. ئارىمىزدا شەخسىيەتچىلىك، مەن-مەنچىلىك، ئابرويپەرەسلىك، شۆھرەتپەرەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار يوق ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن بىر قانچە شەخىسنىڭ غەرەزلىك ھالدا بىر-بىرىنى ھاقارەتلەپ ئەيىپلەشلىرى مىللەتنىڭ ئىتىپاقسىزلىگى جۈملىسىدىن ئەمەس.

تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ ئۆزئەھۋالىغا يارىشا بەلگىلەنگەن خىزمەت يۆنىلىشلىرى بويىچە ئىش- ھەركەت  ئېلىپ بېرىپ، بىر نىشان، بىر غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى نورمال ئەھۋال. ئەگەر ئۇلارنىڭ  كۈرەش قىلىش  نىشانى ۋە مەخسەت غايىسىدە ئۆزئارا كېلىشەلمەيدىغان قارمۇ-قارىشىلىق بولمىسىلا، ئايرىم مەسئىلىلەردىكى ئوخشىمىغان كۆزقاراشلاردا ۋاقتى كەلگەندە بىرلىككە كېلەلەيدۇ. كېلەلمىگەن تەقدىردە ئۆز قاراشلىرىنى بىر مەزگىل ساقلاپ قالسا بولىدۇ .بۇ، بىر سەپتىكى تەشكىلاتلاردا بولۇپ تۇرىدىغان ئەھۋالدۇر. بۇنداق ئەھۋاللارنى تەشكىلاتلارنىڭ ئىتتىپاقسىزلىقى دەپ جار سالساق بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش ئىتتىپاقسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. تەشكىلاتلارنىڭ مەقسەت نىشانى بىر بولۇپ، ھەركەتتە چاققان، كۆپ قۇتۇبلۇق بولغىنى دەۋا ئىشلىرىمىزغا پايدىلىق. مىنىڭچە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنى بىر مەرگەزگە توپلاش كۆز قارىشى ھازىرقى رىياللىقىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. مەلۇم مۇھىم ئىشلاردا تەشكىلاتلىرىمىز بىر يەرگە يىغىلىپ مەسلىھەتلىشىپ، ئۆز رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇرسا، نۆۋەتتىكى ئېھتىياجلىق مەسىلىلەرگە جاۋاب بىرەلەيدۇ، دەپ قارايمەن.

3. ئەيىپ-نوقسانلىرىمىزنى زىيادە كۆپتۈرۈپ كۆرسۈتۈش، بىر قىسىم كالتەكچىلەرنىڭ ئاغزى ئېچىلسىلا مىللىتىمىزنى ساپاسىز، بىلىمسىز، كېرەكسىز دەپ ئەيىپلەشلىرى مۇناپىق، ساتقۇنلارغا سۆزلەشكە سۆز، بۇرنىنى تىقىشقا بانا-دەستەك بولماقتا. ئارىمىزدىكى بىر قىسىم كىشىلەردىكى ئىللەتلەرنى مىللەتنىڭ ئۈستىگە ئارتىپ قويۇش، ھەمىشە نوقسان تېپىپ، ئايرىم كىشىلەردىكى نۇخسان ئۈچۈن مىللەتنى ئەيىپلەش، ھەدىسە كالتەكلەش خاراكتىرىدىكى  تەنقىتلەشكە كىم خۇشتار؟ گەرچە، سېپىمىزدە تەنقىتلەشكە، تەربىيلەشكە تېگىشلىك تەرەپلەر ئاز ئەمەس  بولسىمۇ، بىراق تەنقىدى تەربىيەنى سىلىق ھالدا چۈشەندۈرۈش، ئىلھاملاندۇرۇش، رىغبەتلەندۈرۈش ئاساسىدا ئېلىپ بارغىلى بولمامدۇ؟ نىمىشكە تەنقىتلەشكە تېگىشلىك مەسئىلىلەرنى تۈزۈتۈشنىڭ يوللىرى، ئۇسۇللىرى ھەققىدە كۆپرەك توختالمايمىز؟

ھەرقانداق ئىنقىلابىي ھەركەتتە يېتەكچىلەر، تايانچىلار، پىداكارلار بولىدۇ. شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئارقا سەپتە تۇرۇپ قوللىغۇچىلار، ئۆيدە ئولتۇرۇپ زەڭ قۇيغۇچىلار، باھالىغۇچىلار، سوغۇق سۇ سەپكۈچىلەر، ئىسسىق چاي  تەڭلىگۈچىلەر ھەم بولىدۇ. بۇ بىر نىسبەت ئۆزگۈرۈشچانلىققا ئىگە بىر رېئاللىق. شۇڭا، ئاۋانگارتلار ئوتتۇرىغا  چىقىدىغان ئىشلار ۋە  كۈنلەر بولىدۇ، ئاۋام خەلق سەل بولۇپ ئاقىدىغان كۈنلەر ھەم بولىدۇ. بۇنداق ئىشلاردا سەۋرىچانلىق بىلەن توغرا موئامىلىدە بولۇش لازىم. ئۆز ئادەملىرىمىزگە ئۇلارغا توغرا كەلمەيدىغان قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ، دىل ئازارى بەرمەسلىگىمىز كېرەك. باشقا تەرەپلەردىن كىلىۋاتقان دىل ئازارلىرىمۇ يىتىپ ئاشىدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىمىز لازىم. مەسىلىنى چىرايلىق چۈشەندۇرۇپ، تەربىيە خىزمىتى ئىشلەپ دەۋەت قىلىشنى ئۈزۈلدۈرمەي ئېلىپ بېرىش زۆرۈر، لېكىن ، ئەيىپلەش، ئازار بىرىش، ماس كەلمەيدىغان قالپاقلارنى كەيدۈرۈپ دوق قىلىشلارنى قوللانماسلىق كېرەك، بۇنداق قىلىش سەلبى نەتىجە بىرىپ، سېپىمىزنى شالاڭلىتىش رولىنى ئوينايدۇ.

مەنچە ئاۋام خەلقتە  چوڭ مەسىلە يوق، ئۇلار بىر نىشان ، بىر مەقسەتتە ئىتتىپاق، ھەم ئىتتىپاق بولالايدۇ. مەسىلە سەرخىللىرىمىز ئىچىدە گەۋدىلىنىۋاتىدۇ. ئەگەر سەرخىللىرىمىز ئۆزلىرىدىكى كەمچىلىك-خاتالىقلارنى تۈزۇتۈشكە يۈزلەنسە، خەلقىمىزدىكى  ئويۇشچانلىق، پىداكارلىق، جەڭگىۋارلىق كۈتكىنىمىزدىن ئارتۇق بولىدۇ.

4. كۈنىمىزدە تەشۋىقات خىزمەتلىرىمىز بارغانسىرى جانلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭدا ئۆزىمىزگە بولغان تەشۋىقات كۈچلۈكرەك، دۇنياغا بولغان تەشۋىقاتىمىز ئاجىز بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. تەشۋىقات خىزمىتىدە مەزگىللىك ھالدا ئۆزئارا باش قوشۇپ، نۆۋەتتىكى مۇھىم مەسئىلىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ماسلاشقان ھالدا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا پىلانچانلىق يوق. شۇڭا، مەۋجۇت مەسىلىلەرگە ياندىشالمايدىغان، چېچىلاڭغۇلۇق، ئىزچىل ۋە نىشانلىق بولماسلىقتەك ئەھۋاللاردىن خالى بولالماۋاتىدۇ. پىروگىراممىلاردا شەخىسلەرنىڭ، تەشكىلاتلارنىڭ ئاشكارىلاشقا بولمايدىغان مەخپىيەتلىكلىرىنى، دۈشمەن پايدىلىنىپ كېتىش ئېھتىمالى بولغان مەزمۇنلارنى كوچىلىماي ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىش لازىم بولسىمۇ، ئايرىم ھاللاردا ئېھتىيات قىلىشقا، مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا سەل قاراپ  قېلىۋاتىمىز، بۇ ھال بىزگە  كۈتۈلمىگەن ئاۋارىچىلىقلارنى، بەزىدە چوڭ زىيانلارنى ئېلىپ كېلىشى مۈمكىن.

يازغانلىرىم مىنىڭ يۈزەكى كۈزۈتۈشلىرىمدىن كېلىپ چىققان پىكىرلەر، ھەممىسى توغرا بولىشى ناتايىن. لېكىن، بۇ مەسىلىلەر ئۆز مەۋجۇتلىقى بىلەن دىققىتىمنى تارتتى. توغرىسى ئېتىبارىڭلاردا بولسۇن، خاتاسىغا ئەپۇ قىلغايسىلەر. ئەپۇ قىلىش كەڭ قورساق بولۇش قېرىنداشلار پەزىلىتىدۇر.

 

 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش