ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » چىنار ئاستى يازمىلىرى

چىنار ئاستى يازمىلىرى

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۆرۈگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سالاھىدىن ياسىن

ئۆيۈمنىڭ بىر دەرىزىسى يىراق بىر دۆڭلۈككە قارايدۇ. دۆڭلۈككە ياماشماق ئۈچۈن كىچىك بىر چىغىر يول تاپتىم.

تۆنۈگۈن چۈشتىن كېيىن ئۇ دۆڭلۈككە قەدەر پىيادە كەتتىم. ئۇ يەردە  كۆككە بويسۇنغان بىر چىنار دەرىخىنىڭ سايىسى ئاستىدىن  پىنھان بىر ھۇزۇر كۆلبىسى تېپىۋالدىم. يىراقتىن  قارىسا خۇددى قاناتلىرىنى كەڭ ئاچقان بۈركۈت كەبى كۆرۈنىدىغان  بۇ چىنار  دەرىخى  دۇنيانىڭ تۈگىمەس غەۋغالىرىدىن  يىراق بولۇش بىلەن بىرگە كۆز ئالدىمىزدىكى بۇ دۇنيادىن تېخىمۇ كەڭ بولغان بىر  ئۇفۇقنى قاناتلىرى ئاستىغا ئالغانىدى.

بۇ يەردە بىر شىرە  بىلەن  ئىككى ئورۇندۇقتىن باشقا ئارتۇق نەرسە يوق ئىدى. ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ چەكسىز ئوفۇققا قاراپ پەرۋاز قىلدىم.

بىرئازدىن كېيىن نەفىس باغدات جىلىتكىسى بىلەن فەس (ئانادولۇ تۈركلىرى كىيىپ ئادەتلەنگەن قىزىل رەڭلىك ئۇزۇن  باش كىيىمى  ۋەتىنىمىزدە يېڭىسار ئۇيغۇرلىرى كىيىدىغان يېڭىسار تۇمىقىغا ئوخشاپ قالىدۇ -ت)  كىيگەن  بىرزات سالام بەرگىنچە  كېلىپ قارىشىمدىكى ئورۇندۇققا كېلىپ ئولتۇردى ۋە ئىككى تال تاماكا چىقىرىپ  بىرىنى ماڭا سۇندى. مەن تاماكىغا ئادەتلەنمىگەنلىكىمنى ئېيتىپ ئۆزۈر سورىدۇم.ئۇ تاماكىسىنى تۇتاشتۇرغاندىن كىيىن سۆزلەشكە باشلىدى :

بۇ يەر ئادەم باللىرىنىڭ  ئايىغى تەگمىگەن  پىنھان بىر كۆلبىدۇر.تەركىيدۇنيالىق يولىغا قەدەم قويغىنىمدىن  بېرى  ھەركۈنى ئەسىر نامىزى ۋاقتىمنى بۇ يەردە  ئۆتكۈزىمەن. ئەگەر سىز ھەم ماڭا ئوخشاش تەركىيدۇنيا  زاھىت بولسىڭىز ئۇھالدا ھەر ئاخشام  بۇ يەرگە كېلىڭ، سورۇن تۈزەيلى، سۆھبەتلىشەيلى، سىردىشايلى. چۈنكى زاھىتلارمۇ ئۆزىگە ئوخشاش، بۇ فانىي ئالەمنى يىراقتىن كۆزەتكەن  ئىنسانلار بىلەن  سىردىشىشىنى خالايدۇ ھەم ئۇلارغا ئىھتىياجى باردۇر.

ئۇ بىر پەس  تۇرىۋالغاندىن كىيىن سۆزىنى داۋام  قىلدى:

تەركىي دۇنيا، زاھىد دىمەك ئىجتىمائىي بىر ۋەزىپىسى يوق، بىكارچى  ئىنسان دىگەنلىك ئەمەس.  باق، مەن  يىگىرمە يىلدىن بېرى قارشىدىكى شۇ ئاق رەڭلىك بىنادا  روھى  كىسەللىكلەر بىلەن شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتقان بىر مۇتەخەسىس. دېمەكچىمەنكى، بۇرۇنقى زامان زاھىتلىرىغا ئوخشىمايمەن. ئىنسانلاردىن يىراق تۇرغان بىلەن ئىنسانىيەتتىن يىراق ئەمەسمەن.

مەن قىزىقىپ سورىدۇم:

– ئىنسانىيەت بىلەن ئىنسانلار بىر- بىرىدىن ئايرىلامدۇ، ئەجىبا؟

– ھەئە، – ئەلۋەتتە ئايرىلىدۇ، دېدى،ئۇ.

مېنىڭچە  ئىنسانىيەت  ئىلىم، سانائەت، ئەدەبىيات، پەلسەپە، ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا  مەدەنىيەت ئىسمى بېرىلگەن نەرسىلەردۇر. مەن يەككە بىر ئادەم بىلەن ھەقىقىي بىر دوستلۇق ئالاقىسى ياكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت  ئورناتماي تۇرۇپمۇ يۇقىردا تىلغا ئېلىنغان نەرسىلەر بىلەن ئۆزئارا ئالاقە قىلالايمەن.

ئۇنىڭدىن تەكرار سورىدۇم:

– ئۇنداقتا ئىنسانلاردىن يىراق تۇرىشىڭىزنىڭ سەۋەبى نېمىدۇر؟

– ئىنسانلارنىڭ كۆپىنچىسى ھەقىقىي مەنىدىكى ئىنسانلىقنى تەرك ئېتىپ تۇرۇپ، بىر خىل ھېرىسمەنلىك ۋە قۇرۇق ھاياجان بىلەن ھاياتلىق قاينىمىغا شۇڭغۇيدۇ. مەن بۇخىل ھېرىسمەنلىك ۋە ھاياجاندىن تەئەججۈپكە، ھەيرەتكە چۆكىمەن ھەمدە بۇ خىل ھالدىن  يىراق تۇرىمەن. ھاياتىمنى دائىما سالماقلىق ۋە تەمكىنلىك بىلەن ئۆتقۈزۈشنى خالايمەن. بۇ، دەل ئىنسانلاردىن يىراق ياشىشىمنىڭ سەۋەبىدۇر. كۈلتۈر ۋە مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ئىنسانىيەت خەزىنىسىدىن مەھرۇم قېلىشنى، ئۇنىڭدىن يىراقلاپ كېتىشنى ئەسلا خالىمايمەن. بۇ ئىككىسى روھى دۇنياسىمنى بېيىتقان ھاياتىمغا جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتى  كۈچ بېغىشلىغۇچى، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەپكۇرىسىدۇر. مۇنداقچە ئېيىتقاندا، مەن ئارتۇقچە ھېرىسمەنلىك ۋە ھاياجاندىن  قاچىمەن. چۈنكى مەن  راھەت ۋە ھۇزۇرنى تەمكىن، سالماق، ئاددى-ساددا ئەمما ھاياتى كۈچكە تولغان ھاياتتىن  تاپتىم.

مېنىڭ بۇخىل ھاياتقا ئىشتىراك قىلىشىمغا ياردەم قىلغىنىڭىز ھەم  تەلىم بەرگىنىڭىز ئۈچۈن  سىزگە كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. سىزنىڭ بۇ تەۋسىيەلىرىڭىزنى ئەمەلىيىتىمدە ياشاپ، ئورۇنداشقا بەل باغلىغان بىر ئەگەشكۈچىڭىز بولۇشقا  تىرىشىمەن. چۈنكى ھاياتلىق مۇجادىلىسىنىڭ بۇ ئەسىردىكى ئارتۇقچە ھاياجان ۋە دۇنياغا ھېرىسمەنلىك قىلىشتەك بۇ رېتىمى مېنىڭ روھى دۇنياسىمنى  ساقسىزلىققا مۇپتىلا قىلغانىدى.

مەن سىزنىڭ بۇ مەنالارغا  باي، ھېكىمەت دۇردانىلىرى بىلەن بېزەلگەن سۆزلىرىڭىزنى  ھەركۈنى  تىڭشىسام، بۇ مەلھەم بىلەن روھى دۇنياسىمدىكى پەرىشانلىقلاردىن قۇتۇلۇپ كېتىمەن دىگەن ئۈمىتتىمەن.

– ئەلۋەتتە، ھەركۈنى ئەسىردىن كىيىن كېلىڭ، ئىنسانلارنى  يىراقتىن تاماشا قىلايلى.

روھى دۇنياڭىزدىكى  گىنە-ئاداۋەت، ھەسەت، شىكايەتلەرنى چىقىرىپ تاشلاشقا تىرىشىڭ. قىسقا زاماندا  روھى دۇنياڭىزدىكى  ساقسىزلىق شىپاسىنى تاپقۇسى، ئىنشائاللاھ.

ھەركۈنى ئەسىردىن كىيىن بۇ چىنار ئاستىدا، بىرلىكتە  قارار بېرىشتۇق ئەمىسە.

ئايرىلىدىغان چاغدا بۇناتۇنۇش پەيلاسۇپتىن  سورىدۇم.

– بۇ سۆھبەتلىرىمىزنى  “جۇمھۇرىيەت ” گېزىتىدە ئېلان قىلسام بولامدۇ؟  چۈنكى بۇ گېزىت مەندىن ماقالە ئېلان قىلىشىمنى سوراتىدۇ *[1]

سىز ھەم بۇ مەنپەئەتلىك تەۋسىيەلىرىڭىزدىن باشقىلارنىڭ پايدىلىنىپ قېلىشىنى خالايسىزغۇ دەيمەن؟ ئۇ شۇ جاۋاپنى بەردى:

– مەن ھەم ئۇزاقتىن بېرى ئىنسانلار بىلەن  سۆھبەتلىشىشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن ئىدىم. سىز بۇ سۆھبەتلىرىمىزنى ئىلان قىلدۇرسىڭىز  مېنىڭ بۇ كونا ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشقۇسى.

*[1] مۇئەللىپنىڭ بۇ يازمىلىرى 1924-يىل 8-ماي «جۇمھۇرىيەت» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئاستى يازمىلىرى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش