You Are Here: Home » تارىختىن تامچە » بالبال تىككەنلەر كىم؟

بالبال تىككەنلەر كىم؟

زۇلھايات ئۆتكۈر

CCTV-9 خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيەسى 2018-يىلى ئىشلىگەن ئالتاي تاغلىرى ئېتىكىدىكى بالباللار ھەققىدىكى ھۈججەتلىك فىلىمدە، بالباللارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ تۈركلەر ئەمەسلىكى ھەققىدە باشقىچە بىر سەپسەتە ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان.
فىلىمدە تەڭرى تېغى ۋە ئالتاي تاغلىرىدىن بايقالغان بالباللارنىڭ ئەسلىدە ھېرودىتنىڭ ئەسىرىگە ئاساسەن، غەرپتە چاچسىزلار دۆلىتى دەپ بىر دۆلەتنىڭ بولغانلىقى، بۇ دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇرنىنىڭ شىرنىڭ بۇرنىغا ئوخشايدىغانلىقى، ئاستىنقى ئىڭىكىنىڭ ناھايىتى يوغان بولىدىغانلىقى، بۇلار دەل بالباللارنىڭ شەكلىگە ئوخشىغاچقا بۇ يەردىكى بالباللارنى چاچسىزلار دەپ ئېيتىشقا بولىدىغانلىقى ئۇندىن باشقا يەنە بالباللارنىڭ بىر قىسمى بۇندىن 3000 يىل بۇرۇن بۇ يەردە ياشاپ ئۆتكەن ساكلارغا ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدە خۇلاسە چىقارغان.
بالباللار_شەرقىي تۈركىستاننىڭ تەڭرى تاغلىرى ۋە ئالتاي تاغلىرىنىڭ شەرقىدىن موڭغولىيەگىچە، جەنۇبىي سىبىريە بوزقىرلىرىدا ۋە ئىچكى موڭغۇلدىن غەرپكە قاراپ سوزۇلغان زېمىنلاردىن باشقا يەنە قارادېڭىز ۋە كاسپىي دېڭىز ساھىللىرىدە مەۋجۇت بولغان ھەيكەللەر بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانىڭ سىمۋولىغا ئايلانغان.
بالباللار كۆكتۈرك ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىدىكى جەۋھەرلىرى بولۇپ، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغاندىن كېيىن شەكىللەنگەن ئىسلامدىكى ئايەت، سۈرىلەر ئويۇلغان قەبرە تېشى تىكلەش ئادىتىنىڭ شەكىللىنىشىگە ھۇل سالغان بىر تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىزى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقىدۇر.
بالبال-قەدىمكى تۈرك قوۋملىرى ئارىسىدا پادىشاھلار ۋە قەھرىمانلارنىڭ مازىرى ئەتراپىغا تىكلەنگەن تاشلار بولۇپ، جەڭلەردە ئۆزلىرى ئۆلتۈرگەن دۈشمەنلەرگە سىمۋول قىلىنغان. بارتولدنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن شامان دىنىدىن قالغان ئەقىدىلەر بويىچە، ئۇ دۇنياغا بارغاندا، شۇ كىشىنىڭ خىزمىتىدە بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. ئۆلتۈرگەن دۈشمەنلىرى قانچە كۆپ بولسا، تاشلارمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ، بۇ شۇ كىشىنىڭ كۈچ- قۇدرىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
مازار بېشى ياكى قورغانلارغا تىكىلىدىغان يەنە بىر تۈرلۈك تاش ھەيكەل شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە سىمۋول قىلىنغان يەنى «سىن»ىنى ئالغان تاشلار بولۇپ، سىنتاش دەپ ئاتىلىدۇ.
بالباللارنىڭ تارىخى ئۇزۇن بولۇپ، مىلادىيە 6-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدۇ. ئورخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشلاردىن بىلگى قاغان ماڭگۈ تېشى ۋە كۈلتېكىن مەڭگۈ تېشىدا »بالبال» دېگەن كەلىمە بىلەن بايان قىلىنغان قۇرلار ئۇچرايدۇ.كۈلتىكىن مەڭگۈ تېشىنىڭ شەرقىي يۈزى 25-قۇرلاردا مۇنداق بايانلار بار: «قىرغىز قاغانىدىن باشلاپ بالباللار تىكتىم، تۈرك مىللىتىنى ئېتى ۋە سانى يوقالمىسۇن دەپ ئاتام قاغان ۋە ئانام خاتۇننىڭ ئورنىنى بۈيۈك قىلغان، ئۇلارغا دۆلەت ئاتا قىلغان ئۇلۇغ تەڭرى تۈرك مىللىتىنىڭ ئىسمى ئۆچمىسۇن دەپ مېنى قاغانلىققا تەيىنلىدى…»
بالباللارنىڭ تۈرلىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئولتۇرغان، تىزلانغان ۋە ئۆرە تۇرغان ھالەتتە ئۇچرايدۇ، ئەر بالبال ۋە ئايال كىشى بالباللار بار.ۋەتىنىمىزنىڭ تەڭرى تېغى ئېتىكىدە كۆپىنچە بېلىغا كەمەر باغلىغان، قولىدا قەسەم قەدەھى تۇتقان، خەنجەر ئاسقان شەكىلدىكى بالباللار كۆپ بايقالغان. بۇلار ھازىر مۇزىيدا بولۇپ، ئۈرۈمچىدە تاش ھەيكەل جىلغىسى دەپ بىر ساياھەت رايونى بەرپا قىلىنغان بولۇپ، بۇ يەرگە سۈنئىي تاش ھەيكەللەر تىكىلگەن.
بالباللارنىڭ قولىدىكى قەدەھ بولسا مەڭگۈلۈككە سىمۋول قىلىنغان بولۇپ، كېيىنچە شەكىللەنگەن ئابى ھايات سۈيىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى موتىفلىرى بولۇشى مۇمكىن. بالباللارنىڭ كەمەر تاقاش، خەنجەر ئېسىش ئادىتى، بالباللاردا كۆرۈلگەن بۇرۇت ۋە ساقال قەدىمكى تۈركلەرنىڭ ياسىنىش-كىيىنىش ئادىتىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان تۈرك قوۋملىرىنىڭ بۇ خىل كىيىنىش مەدەنىىتىگە ئائىت نۇرغۇن تارىخىي خاتىرىلەر بار. بالباللار بىزنىڭ باي بولغان كىيىم -كېچەك مەدەنىيىتىگە ئىگە تارىخىمىزنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم ئىسپاتلىق رول ئوينايدۇ.
ھالبۇكى خىتاي تېلىۋىزىيەسى ئىشلىگەن ئۇ فىلىمدا بالباللارنىڭ بەل قىسمىدىكى كەمەر ۋە خەنجەرنى ئورغاق دەپ ھۆكۈم قىلغان شۇنداقلا بۇ رايوندا ياشىغان ساكلار ۋە چاچسىزلارنىڭ دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنىڭ ئىسپاتى دەپ يەنە تارىخنى بۇرمىلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان.

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top