You Are Here: Home » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ كۈچلۈك تەرەپلىرى   

تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ كۈچلۈك تەرەپلىرى   

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سالاھىدىن ياسىن

تۈنۈگۈن ئەسىردىن كىيىن يەنە چىنار ئاستىغا كەلدىم.  ناتۇنۇش پەيلاسۇپمۇ ئۇيەردە ئىدى.  ھال-ئەھۋال سوراشقاندىن كىيىن ئۇنىڭدىن شۇ سۇئالنى سورىدۇم:

– تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاجىز ۋە ئەڭ كۈچلۈك تەرىپى قايسىدۇر؟ بۇنىڭغا ئائىت قىممەتلىك كۆزقاراشلىرىڭىزنى بىزدىن ئايىمىغايسىز.

– تۈركلەردە كوللىكتىپ جامائەتلىشىش قارىشى، يەنى ئورتاق ۋىجدان قارىشى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر.  بۇ باشقا شەرق مىللەتلىرىدىن پەرقلىنىدىغان ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك. باشقا شەرق مىللەتلىرىنىڭ بوينىدىن تېخىچە جەمەت – قەبىلە ۋە فېئودالىزىمنىڭ ئاسارەتلىرى تەلتۆكۈس ئېلىپ تاشلانغىنى يوق. گەرچە ئۇلاردا جامائەت شەكلىدىكى ۋىجدان قارىشى بار بولسىمۇ، ئەمما تۈركلەردە قەبىلە – جەمەت ۋە فېئودالىزىم ئاسارەتلىرى ئاللىبۇرۇن سۈپۈرۈپ تاشلانغان ۋە ھەربىر كىچىك تۈرك مەھەللىسى بىر  كىچىك ئىجتىمائىي جامائەت ھاسىل قىلغان بولغاچقا، مىللەتنىڭ ئېڭىدا ئىجتىمائىي ۋىجدان ۋە كوللىكتىپ قارىشى ناھايىتى كۈچلۈكتۇر.  تۈركلەر تارىختا نەچچە قېتىملاپ يۈز بەرگەن چوڭ ئاپەت زامانلىرىدا بۇ ئىجتىمائىي كوللىكتىپ كۆز – قارىشىغا تايىنىپ ئۇلۇغ قەھرىمانلىقلار ۋە پىداكارلىقلار كۆرسىتىپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ نەزىرىدە ئىتىبارغا ئېلىنغان ۋە نۇپۇزغا ئېرىشكەن. تۈركلەرنى جەڭ ۋە جەڭگىۋارلىقتا ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئېلىپ چىققىنى دەل مۇشۇ ئىجتىمائىي كوللېكتىپ قارىشى ۋە ئۆزىنى بۇ كۆز – قاراشقا پىدا قىلىش ئىددىيىسىدۇر.  ئەڭ خەتەرلىك پەيىتلەردە تۈركلەرنىڭ دائىما بىر رەھبەر ئارقىسىدا بىرلىشىپ ئاجايىپ غەلبىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىشى، بۇ رەھبەرنىڭ ھەم قەھرىمان ھەمدە داھى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىسا، بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھىچ ئىككىلەنمەستىن، شۈبھىنى بىر ياققا تاشلاپ قويۇپ ئۇنىڭغا جان پىدا قىلىشىدىن، بۇخىل ئىجتىمائىي كوللىكتىپ قارىشىنىڭ بۇ مىللەتنىڭ ئېڭىدا قانچىلىك يىلتىز تارتقانلىقىنى دەلىلىلەپ بېرەلەيدۇ. مانا بۇ خىل روھ ۋە ئىجتىمائىي كوللېكتىپ روھى ئۆزىنى كۈچلۈك ھېسابلايدىغان ياۋرۇپادىكى ھەرقانداق بىر مىللەتتە تېپىلمايدۇ.

ئەڭ خەتەرلىك بولغان ئۇرۇش زامانلىرىدا، ھەم دائىما تۈر مىللىتىدىن مۆجىزىلەرگە تولغان خوش خەۋەرلەرنى كۈتەلەيمىز. تۈركلەرنىڭ ھېچقانداق بىر مىللەتتە كۆرۈلمىگەن پىداكارلىقلارنى كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىل. تۈرك مىللىتىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ۋە ئەڭ ئاساسلىق روھى كۈچى بۇدۇر.

تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئاجىز نوقتىسىغا كەلسەك، تۈركلەردىكى ئىش تەقسىماتىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئېنىق بولمىغانلىقىدۇر. ئىش تەقسىماتىنىڭ ئېنىق بولىشى، شەخسلەرنىڭ ئۆز كەسپى دائىرىسىدە مۇتەخەسىسلىشىشگە ۋە ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي جەمىئىيەتتىكى رولىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ.

نۆۋەتتە بىزدە ئەڭ چوڭ كەمچىلىكتىن بىرى، مۇتەخەسىسلەشكەن ئىختىساس ئىگىلىرىگە ئەھمىيەت بەرمەسلىكتۇر. بۇ بىزنىڭ  قەتئىي ئۆزگەرتمىسەك بولمايدىغان ئەڭ ئاجىز نۇقتىمىزدۇر.  بۇ سەۋەپتىن ئەڭ يۈكسەك غايىگە قاراپ ماڭغىنىمىزدا ۋە ئۈزۈل -كېسىل ئىنقىلاپ ئېلىپ بېرىشقا قەدەم قويغىنىمىزدا، ھەر ساھەدە يېتىشكەن ئىختىساس ئىگىلىرى بولغان سەرخىللىرىمىز بولمىغاچقا، ئوخشىمىغان ساھەلەردىكى تەتقىقات ئىشلىرىمىزدا ئەجەللىك مەغلۇبىيەتلەردىن خالى بولالمايۋاتىمىز. بۇ جەھەتتىكى كەمچىلىكلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ تۇرۇپ چارىسىنى ئىزدىشىمىز كېرەك. بۇ چارىلەرنى ئىزدەشتە يەنىلا  تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە كۆپلەپ ئوقۇغۇچى ئەۋەتىپ ھەرقايسى ساھەدە يېتىشكەن سەرخىللارنى يېتىشتۈرىشىمىز كېرەك ۋە ئۇلارنى قوللىشىمىز، قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم بېرىشىمىز ۋە ئۇلارغا كۆپلەپ ئىلھام بېرىشىمىز كېرەك.

گۇستاۋ لېبون نەقىل قىلىپ شۇنداق دەيدۇ: «فرانسىيەنىڭ ئىنژىنىرلىق، خىمىيەشۇناسلىق، بىناكارلىق، تىبابەت، بوتانىك، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار ۋە قانۇنشۇناسلىق قاتارلىق دۆلەتنىڭ جان تۇمۇرى بولغان بۇ ساھەلەردىن ھەر بىرىدىن ئەللىكتىن كىشى ۋاپات بولسا فرانسىيە تۈگىشىدۇ. ئەمما ئىختىساسلىقلار بىلەن ئالاقىسى بولمىغان ئىدارە قىلىشقا تەۋە بولغان ئورگان ساھەسىدىكى ھەممە كىشى ۋاپات بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا تېخىمۇ قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئىشلىتىپ ھېچ ئىش بولمىغاندەك دۆلەت ئىشلىرىنى داۋام قىلالايدۇ».

ئىجتىمائىي كوللېكتىپ ئېڭىمىز كۈچلۈك بولغانلىقى ئۈچۈن، بىز ياۋرۇپادىكى ئەڭ كۈچلۈك مىللەتلەردىن بولالىدۇق. ئەمما ئىش تەقسىماتى چۈشەنچىمىز ناھايىتى ئاجىز ھەم تېخىچە باشلانغۇچ سەۋىيەدە بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى ئاز ساندىكى سەرخىللىرىمىزغا ئېتىبار بېرىشىمىز كەمچىل بولغاچقا، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئىقتىدار ئىگىلىرىنى ئۆز ساھەسىدىن يىراقلاشتۇرغانلىقىمىز ئۈچۈن ئىزىمىزدا سەكرەپ، ھازىرقى تەرەققى قىلغان مىللەتلەردىن بولۇشقا قادىر بولالمىدۇق.

مەن يەنە سورىدۇم:

– بۇ مىللەتنىڭ ئەڭ يۈكسەك غايىسى نېمىلەردىن ئىبارەت؟

– بۇ مىللەتنىڭ غايىسىنى قىسقىچە تۆت نۇقتىغا يىغىنچاقلىشىمىز مۇمكىن. ئۇلار:

1. مىللەتچىلىك

2. خەلقچىلىق

3. غەرپ مەدەنىيەتچىلىكى

4. جۇمھۇرىيەتچىلىك

تۈرك مىللىتى بۇ غايىلەرگە يېتىش ئۈچۈن ئىجتىمائىي كوللېكتىۋزىمچىلىق ۋە ئىتتىپاقلىشىش ئېڭى بىلەن نېمە قىلىش ئىمكانىيىتى بولسا شۇنى ئەمەلىيلەشتۈردى. ئەمما ئېنىق بولغان ئىش تەقسىماتى تۈزۈلمىسى ۋە ئىختىساسلىقلارغا ئېتىبار بېرىش، مەلۇم ساھەدە كەسىپلىشىش ۋە تەشكىلاتلىشىش قاتارلىق زۆرۈر بولغان ئىشلارنى تېخىچە ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولالمىدى. بۇ كەمچىلىكلىرىمىزنى تۇلۇقلاش ئەڭ ئاۋۋال قىلىدىغان ئىشلىرىمىزدىن بولىشى كېرەك. بۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋە ئەڭ توغرا يولى يېڭى تېخنىكىلارنى ئۈگىنىش ۋە ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئەمەلىيىتىمىزگە تەتبىقلاشتۇر.

مەدەنىيەتنىڭ خەلقئارالىق خۇسۇسىيىتى بولغىنىغا ئوخشاش، بىز قۇبۇل قىلغان تېخنىكىلاردىن پايدىلىنىپ يېڭىلىق ۋە كەشپىياتلارنى ياراتساق بۇنىڭ ھەم پۈتۈن ئىنسانىيەتكە پايدىسى بولىدۇ.

تەھرىر: پەرىزات غەيرەت

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «چىنار ئاستى يازمىلىرى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ئەسەرلەر ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ كۆز-قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. تور بېتىمىزدىكى ئەسەرلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتىش شەرتى بىلەن كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

Scroll to top