ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » تۈركلەر ۋە تابغاچلار 

تۈركلەر ۋە تابغاچلار 

ئاپتۇرى: زىيا گۆكئالپ (تۈركىيە)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن سۈبھىنۇر ئۆمەر

ئوغۇزلارغا خاس بولغان تۈرك ئەنئەنىسى ئوغۇر تۆرىسى دەپ ئاتىلىدۇ. لۇتفى پاشا تارىخىدا، ئوسمان غازىنىڭ خان بولىشىنى مۇنداق ئىپادىلىگەن: سىلەر قايى نەسلىدىن، قايىلار، ئوغۇزخاندىن كىيىنكى ئوغۇز بەگلىرىنىڭ ۋە ئوغۇز خانلىرىنىڭ ۋارىسى ئىدى. كۈن خان «ئوغۇز تۆرىسى بويىچە ئوغۇز نەسلىدىن ھېچكىم قالمىسا، قايى نەسلىدىن باشقا نەسىللەرگە خانلىق ۋە پادىشاھلىق قالماس» دەپ نەسىھەت قىلغان.

ئوغۇز تۆرىسىگە دائىر ئىجتىمائىى تەشكىلاتلار ۋە ئەنئەنىلەرنىڭ بىر قىسمى جەمىئۇت تەۋارىخ، شەجەرى تۈركى، ئوغۇزنامە، سەلچۇقنامە ۋە جامى جەم-ئايىندە زىكىر قىلىنغان. خىتايلاردىن تۈركلەرنىڭ ئەڭ قەدىمكى دۈشمىنىدىن بىرى بولغان چىن سۇلالىسىنىڭ ئىتىقاتلىرىغا ئائىت ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايمىز. بۇ رىۋايەتلەر بىلەن خىتايلارنىڭ تاۋىزىم دىنى ئەقىدىلىرىنى سېلىشتۇرغاندا، بىر بىرى بىلەن ناھايتى چوڭ ئوخشاشلىقى بارلىقىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. ئەلۋەتتە بۇلارنى يەنە فىنوۋالار ۋە ئىرانىيلارنىڭ يارىتىلىش ئەپسانىلىرى بىلەنمۇ سېلىشتۇرىمىز.

تاۋ، تابغاچلارنىڭ تىلىدا تەبىئەت، يول دىمەكتۇر. تاۋىزىم بولسا تەبىئەتچىلىكتۇر. بۇ دىن بىر قانچە سىېستىمىنىڭ يىغىندىسىدۇر. بۇ دىننىڭ ئاساسىدىكى ئەڭ مۇھىم پىرىنسىپلارنىڭ بىرى دۇنيادىكى تۆت تەرەپكە تايىنىدۇ.

بۇ تۆت تەرەپنىڭ ھەر بىرىگە ئۇنىڭغا ۋەكىللىك قىلالايدىغان بىردىن ھايۋاننىڭ ئىسمى بېرىلگەن.

شەرقتە: كۆك ئەجدەرھا

جەنۇپتا: قىزىل قۇش

غەرپتە: ئاق قاپلان

شىمالدا: قارا تاشپاقا

ھەر بىرى ئۆزى ۋەكىللىك قىلغان ھايۋاننىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشىمىغان ۋاقىتلاردا ياخشى ياكى يامان كۆرىلىدۇ. دۇنيانى باشقۇرۇشقا سىموۋۇل قىلىنغان ھايۋانلار ئاسماننىمۇ باشقۇرىدۇ. بىر تۆپىلىك ياكى جۇغراپىيلىك بىر يەر قاپلانغا ئوخشىسا، تاۋىزىمدا بۇ يولۋاسنىڭ سىموۋلىدۇر ۋە بۇ تەرەپ غەرپتۇر. ئەگەر بىر ئەجدەرھاغا ئوخشىغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ ئەجدەرھادۇر ۋە شەرق تەرەپتۇر. بىر يەردىن باشقا بىر يەرگە كۆچۈشكە توغرا كەلگەندە ئەتراپتىكى نەرسىلەرگە قاراپ، بۇلار ۋەكىللىك قىلغان تەرەپنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن بولسا، مەسىلەن غەرپتىكى نەرسىلەرنىڭ شەكلى يولۋاسقا، شەرقتىكىلەرنىڭ شەكلى ئەجدەرھاشا ئوخشىسا، بۇ كۆچۈش ياخشىغا ئىشارەتتۇر دىگەنلىك.

ھەر تەرەپنىڭ بىر رەڭگى ۋە بىر ۋەكىللىك قىلىدىغان ھايۋىنى بولۇشتىن سىرت يەنە تۆت پەسىلمۇ بۇ تۆت تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك.

شەرق: باھار

جەنۇپ: ياز

غەرپ: كۈز

شىمال: قىش

دۇنيانىڭ مەركىزىنىمۇ ھېساپلىغاندا تۆت تەرەپ بىلەن جەمئىي بەش بولىدۇ. بۇ بەش تەركىپنىڭ ھەر بىرى بەش تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭ بىر مىسالى تىبەت ئەنئەنىلىرىدە كۆرىلىدۇ. «بۇ خۇسۇسىي ئىلاھلارنىڭ ئۈستىدە، بۇلۇتلارنىڭ ۋە بەلكىدە قاراڭغۇ ئاسماننىڭ جانلىنىشىدىن ئىبارەت بولغا  كۆك ئەجدەرھا بوران چىقىرىپ، خەيىرلىك يامغۇر ياغدۇرىدۇ، سۇلارنى تاشىرىپ، ۋابا ۋە يۇقۇملۇق كىسەللەرنى كۆتۈرۋىتەلەيدۇ». بۇ موڭغۇللار ۋە تابغاچلارنىڭ ئەجدەرھاسىدۇر. بۇ ئەجدەرھانىڭ يەر يۈزىدىكى دۈشمىنى قىزىل يولۋاستۇر. بۇ يولۋاس بەش سىموۋۇلدىن تەركىپ تاپقان.

بىرسى مەركەزدە بولۇپ يەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، باشقا تۆتى تۆت تەرەپتە بولۇپ دەرەخ كۆك، يەر ئاستى قىزىل، ئوت ئاق، سۇ قارا رەڭلىكتۇر. بۇلار تۈركلەر، موڭغۇللار، تابغاچلار ۋە ئانامىلار نەزىرىدە قۇتلۇق ھېساپلىنىدىغان بەش ئۇنسۇردۇر.

بۇ بەش تەركىپ ھېلىھەممۇ سىھىرگەر، دىننى مۇراسىم باشچىلىرىنىڭ قولىدىكى بايراقنى، سا-كىيا-پا لامالىرىنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنى بويايدىغان بەش رەڭ ۋە بۇ بۇددانىڭ تەجەللىسى بولغان بەش ئاساسى تەركىپنىڭ ئىزلىرىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

سەييارىلەرنىڭ ھەر بىرى بۇ بەش تەركىپكە باغلىنىدۇ. زۆھرە يەر ئاستىنىڭ، مېرىھ ئوتنىڭ … يۇلتۇزىدۇر. بۇ بەش تەركىپمۇ بەش تەرەپكە ئوخشاش ياخشى ۋە يامان، كۈچلۈك ۋە ئاجىز، ياراتقان ياكى يارىتىلغاندۇر. بۇ ئىتىقاتلارنىڭ مەنبەسىنى ئايرىپ چىققان ئېدۋدر شاۋان ئۇنى تۈركلەردىن تاپقان.

بەش تەركىپ نەزىرىيەسى تابغاچلاردىن كىلىپ چىققان ئەمەس. مىلادىدىن بۇرۇنقى 370-335 دا ۋېي دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى خوۋېي زامانىدا ۋە 311—279 دا يەن دۆلىتىنىڭ ھۆكۈمدارى چاۋ زامانىدا ياشىغان سويەن تۇنجى بولۇپ بۇنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇنىڭ تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىغان ۋە تابغاچلارغا سىڭىپ كىرەلمىگەن ئىدى.

تەركىپلەر ئەقىدىسى تابغاچلاردا چىن شى خۇۋاڭدىن كىيىن تەسىر قوزغاشقا باشلىدى. بۇ ھۆكۈمدار سۇنىڭ بەرىكىتىدە ھۆكۈم سۈرگەنلىكىنى ئىلان قىلىپ، پۈتۈن قائىدە- ئۆلچەملەرنى بەلگىلەپ قارارلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا بۇ ھۆكۈمدار جەمەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇنسۇرلارنى توختىماي ئىزدەندى. چۈنكى تەركىپلەر نەزىرىيىسىدە، چىن ھۆكۈمدارلىرىنىڭ قەدىمكى زامانلاردىن تارتىپ ئاسماندىكى تۆت خانغا قۇربان كەسكەنلىكى سۆزلەنگەن.

بۇ خانلار: يېشىل خان، سېرىق خان، قىزىل خان ۋە ئاق خاندۇر. بۇنداق بولغاندا ئۇنسۇرلار نەزىرىيسىنىڭ ناھايىتى قەدىمكى زاماندىن باشلاپلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ. لىكىن چىن دۆلىتى تابغاچلاردىن بولمىغاچقا، تابغاچلارغا بۇنى ئۆگەتكەنگە قەدەر تابغاچلار نادان قېلىۋەرگەنىدى.

مەنبە: زىيا گۆكئالپنىڭ «مىللىي تەتەببۇلار مەجمۇئاسى» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش