ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » بىر مەكتۇپ

بىر مەكتۇپ

ئەھمەد فەرىت

(«ئۈچ خىل سىياسەت »ناملىق ماقالە  ۋە ئۇ ماقالىگە يىزىلغان «جاۋابىمىز» ماۋزۇلۇق ئوبزورغا يىزىلغان مەكتۇپ)

تۈركچىدىن ئۆزلەشتۈرگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

ھۆرمەتلىك مۇھەررىر،

«تۈرك» گېزىتىنىڭ بىر قانچە نۇسخىسىدا ئىلان قىلىنغان «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنى ئوقۇدۇم. ئاپتۇر ماقالىسىدە بەزى كەسكىن ھۆكۈم خاراكترلىق ئىبارىلەرنى ئىشلىتىپتۇ. ئەمما، سۆزىنى تاملىغاندىن كىيىن گۇمانى نۇقتىئنەزەر بىلەن ھەرتۈرلۈك ھۆكۈمدىن ئۆزىنى تارتىپ ماقالىسىنى سوئال ئىشارىتى بىلەن تۈگىتىپتۇ. شۇنداقلا، ئۈچ خىل سىياسەتتىن  قايسىسىنى تاللاش كىرەك دىگەن سوئالنىڭ جاۋابىنى« تۈرك» گېزىتىدىن ۋە  ئوقۇرمەنلەردىن كۈتىدىغانلىغىنى ئىزھار قىپتۇ.

كەمىنە تەبىئىيىتىمدىكى مۇجمەللىكنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا ئىنتىلىش تۇيغۇسىنىڭ تۈرتكىسى ۋە تۈركلەرنىڭ  نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەسىنى مۇشۇنداق سۆھبەت ۋە ئىلمىي مۇنازىلەر ئارقىلىق يۇقىرى كۆتۈرگىلى ۋە تەرەققىي قىلىدۇرغىلى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىم ئۈچۈن «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىگە قارىتا بىر جاۋاپ تەييارلىغانىدىم.

جاۋابنى ئىلان قىلدۇراي دەپ تۇرغىنىمدا گېزىت تەھرىراتى تەرىپىدىن ئەدەبى ۋە تەنقىدى تەرزدە يىزىلغان بىر ئەسەر ئىلان قىلىندى. مەن «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنى تەتقىق قىلىشقا ۋە مۇنازىرە قىلىشقا ئەرزىيدۇ دەپ قارىغانلىقىم ئۈچۈن جاۋاپ يازغانىدىم. «تۈرك» گېزىتىدە نەشىر قىلىنغان« جاۋابىمىز» ،«ئۈچ خىل سىياسەت» دىگەن ماقالىنىڭ خىيال ۋە تەسەۋۋۇردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپتۇ. بۇلار كۆز-قارشىمغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى. پەقەت جاۋابىمنى ئۇزىتىشقا  تۈرتكە بولدى. چۈنكى «تۈرك» گېزىتىدە نەشىر قىلىنغان «جاۋابىمىز» تىلىدىكى قوپاللىقى بىلەن ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىنى، بولۇپمۇ بەزى تارىخ ۋە ئىجتىمائى پەنچىلەرنى قايىل قىلالىشى مۇمكىن. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاۋۋال بۇ«جاۋابىمىز»نى رەت قىلىش پوزىتىسيەمنى، ئاندىن «ئۈچ خىل سياسەت» كە قارىتا تەييارلىغا جاۋابىمنى يىزىشقا توغرا كەلدى. بۇ ئۇزۇن «رەت» ۋە « جاۋابىم» « تۈرك» گېزىتىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا يەر ئالالىسا ئۆزۈمنى بەخىتلىك ھىس قىلىمەن.

«جاۋابىمىز» نىڭ ھۆرمەتلىك مۇھەررىرى سەل مۇرەككەپ، تەرتىپسىز يىزىلغان ماقالىسىدە مۇنداق ئاساسىي نۇقتىئىنەزەرلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان :

ھىچبىر پادىشاھىمىز، ھىچبىر ۋەزىرىمىز ۋە ھچىبىر مۇتەپەككۇرىمىز ئۆتمۈشتە ياكى يىقىن تارىخىمزدا ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلې مىللىيەتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى تەتبىقلاش مۈمكىن بولمايدىغان  غاييۋى تەسەۋۋۇر ۋە ئەمەلگە ئاشمايدىغان خيالدىن ئىبارەت.
خىيالغا سىغمايدىغان ئىشتۇر، ئۇخلىماي چۈش كۆرۈشتۇر.
ئۈچ خىل سىياسەتنىڭ ئاپتۇرى بۇ سىياسى پىكىرلەرنى چۆكۈك تارىخقا ئاساسلىنىپ بىرقانچىگە بۆلۈپ، ئىسلاھ قىلىپ، ھادىسنىڭ ماھىيىتىنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىپ ئوتتۇرغا چىقاردى.
تارىخ تارىختۇر، لىكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمز كىرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخى ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخى ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش… ئۇ شاھانە ئىلىمگە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولىدۇ.
بىزگە نىسبەتەن تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلېلېىقتىن، ئوسمانلېلېقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىمەن دىيىش بىرنى ئۈچ قىلىمەن دىگەنلىكتۇر.
بىز ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئىشلارغا بەكرەك ئىجابى پوزىتىسيە تۇتىمىز.
بىر ئىجتىمائى كادرۇنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشى ئۇ كادرۇنى مەيدانغا كەلتۈرگەن شەخىسلەرنىڭ ياخشىلىنىشغا، تەرەققى قىلىشىغا باغلىقتۇر.
بىز تۈركلەرنىڭ شەخىس سۈپىتىدە ئۆزىنى يىتىلدۈرۈشى ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغانلار قاتارىدىن ھىساپلىنىمىز.
تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتىرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن، ئىقبالغا قاراپ يۈزلەنسۇن، ئاندىن ئوسمانلې مىللىيەتى بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ قايسىسى پايدىلىق بولسا شۇنى ئويلاشسۇن.
پۈتۈن بۇ پىكىرلەرنىڭ مەنبەسى، باشلىنىش نۇقتىسى دۇرۇس، ئوچۇق، ئاددى نىيەتلىرىمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئوسمانلې مىللىيەتنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، ئىسلام بىرلىكى بولامدۇ ياكى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولامدۇ، قايسىسىسنى خالىساڭ شۇنى تاللا. ئەمما بۇ ئۇلۇغۋار پىكىرلەرنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن دەسلىپىدە كەل، بىز بىلەن بىللە خىزمەت قىل…
بۇ قىتىم بۇ مۇپەسسەل بايانلارغا لاتىن شائېرلىرىدىن بىرىنىڭ مۇنۇ ئاددى ئەمما ھىكمەتلىك سۆزى بىلەن چىكىت قويىمىز: تىرىشايلى…

مەن شۇنداق ئويلايمەنكى: بىر قاتار تارىختىن، جەمئىيەتشۇناسلىقتىن ئىغىز ئاچقان، بىرقاتار ۋەقە-ھادىسىلەرنى نەقىل قىلغان بۇ ئۆگۈتلەر پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق ماقالىنىڭ مەركىزى ئىديىسى ۋە ئۇسلۇبىغا قىلىنغان ئىتىرازلارمۇ جايىدا بولمىغان. ماقالىنىڭ ئاپتۇرى(ئۈچ خىل سىياسەت) سىياسى مەۋقىدە تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ نەزەزىيەگە ۋە مەنتىقكە ناھايتى ئەھمىيەت بەرگەن ۋە مەۋقىسىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ تارىخىتىن دەلىل كەلتۈرۈش ئۇسلۇبى ۋە تەھلىللىرىنى پۈتۈنلەي ئورۇنلۇق دىيىشكە بولىدۇ.

«ھىچبىر پادىشاھىمىز، ھىچبىر ۋەزىرىمىز ۋە ھچىبىر مۇتەپەككۇرىمىز ئۆتمۈشتە ياكى يىقىن تارىخىمزدا  ئىسلام بىرلىكى، ئوسمانلې مىللىيەتى، تۈركلەرنىڭ بىرلىكى قۇرىمىز دەپ ئۆزىنى ئۇپراتمىدى» دىگەنلىك  كىيىنكى ئەسرنىڭ سەرخىل ۋەزىرلىرىنى سىياسەتسىزلىك، ئىقتىدارسىزلىق بىلەن قارلىغانلىق بولىدۇ.

شۇنداق، تۈركلەرنى بىرلەشتۈرۈش سىياسىتى كەلگۈسىدە چوڭ بىر كۈچنى شەكىللەندۈرىدۇ، ئەمما بۇ پىكىر تىخى بەكلا يىڭى بولۇپ سۈت ئۇيقۇدىكى بوۋاققا ئوخشايدۇ. قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئوسمانلې سىياسىتىنىڭ ئىجابى تەرەپلىرى يوق دىيەرلىك بولغاچقا، سىياسىيۇنلىرىلىمز ئۇنىڭغا ئانچە ئەھمىيەت بىرىپ كەتمىدى. دىمىسىمۇ « ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئاپتۇرىمۇ بۇنىڭغا باشقا بىر مەۋجۇدىيەت تەرزى، باشقا بىر  زاھىر بولۇش شەكلىنى نەقىل قىلمايدۇ.  ئەمما ئىسلامى سىياسەت، بولۇپمۇ ئوسمانلې سىياسىتى بۇنداق چۈشەندۈرۈلمىگەن. ئىسلامى سىياسەتتە بۈگۈنكى پادىشاھنىڭ(سۇلتان 2-ئابدۇلھەمىت) سىياسىتى ئاساسلىق تىما قىلىنغان. ئوسمانلې سىياسىتىدە بارلىق سىياسىيەتچىلىرىمىزنىڭ  سىياسى پائالىيەتى نىشان قىلىنغان.

سۈرىيە، مىسىر، ھىجاز، يەمەننى پەتىھ قىلغان چوڭ سەلىمنىڭ، بۇ تۇنجى ئوسمانلې خەلىپىسىنىڭ سىياسىتىنى ئوسمانلې تارىخچىلىرىنىڭ بەزىلىرى پۈتۈنلەي توغرا دەپ قاراپ ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى دەپ تەسۋىرلەيدۇ، ھەتتا بۇ كۆز قاراشقا ئاساسلىنىپ ئوغلى سۇلايمان قانۇنىنىڭ دادىسىنىڭ ئىزىدىن تىيىپ ئوسمانلې سىياسىتىنى غەرىپكە تەقلىد قىلىشىنى خاتا دەپ قاراپ  تەنقىت قىلىدۇ. بىز بۇ ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ يىقىن تارىخىمىزدا ئىسلام بىرلىكى تەبىرىنى، ياۋرۇپالىقلار باشقىلارغا قىياسەن بىزگە تەشۋىق قىلغان دىگەن گۇمانى نەزەر بىلەن ئۇزۇن ئۆتمۈشنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ تۇرۇپ كىيىنكى سىياسەتكە، نۆۋەتتىكى سۇلتاننىڭ سىياسىتىگە دىققەت بىلەن قىسقىچە قاراپ چىقىش بىلەن كۇپايىلىنىمىز.

يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان سۇلتان ئۆزى ناھايتى ياخشى كۆرىدىغان تەبىر «مۇسۇلمانلارنىڭ خەلىپىسى» دىگەن ئۇنۋان بىلەن ئەلچىلەرنى، ھۆكۈمدارلارنى، ۋەكىللەرنى، مۇخلىسلىرىنى،  ئىمكانىيەت دائىرىسدە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنى، پۈتۈن دۇنياغا تارالغان مۇسۇلمانلارنى خەلىپىلىك ماقامى بىلەن يىقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشقا، ئۇلارنى ئوسمانلېلېىققا يىقىنلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئوسمانلې تۇپراقلىرىغا ئايىغى تەگكەن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنى ئىززەت-ئىكرام بىلەن كۈتۈۋالىدۇ. ئىسلام دۇنياسىنىڭ بەخىت- سائادىتىنى  ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايدۇ. ھىجازنى مۇداپىئە قىلىشنى ئانادولۇنى مۇداپىئە قىلىشتىن مۇھىم دەپ بىلىدۇ.  مۇسۇلمانلارنىڭ بولۇپمۇ ئىلىمسىز، ساددا مۇسۇلمانلارنىڭ ساددا تۇيغۇلىرىنى پەپىلەيدىغان خىزمەتلەرنى  خۇشاللىق بىلەن بىجا كەلتۈرىدۇ.  ئىبادەتنىڭ زاھىرى قىسمىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىدۇ. مەملىكەتنىڭ دىننى تەئەسسۇپلۇقىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچۈن ھەرقايسى شەھەر-ئايماقلارغا موللىلارنى ئەۋەتىشكە، مەكتەپلەردىكى دەرىسلىك پىرۇگىراممىلىرىغا دىنى دەرىسلەرنى كۆپەيتىشكە قەتئى سەل قارىمايدۇ. بىز نۆۋەتتىكى سىياسەتنىڭ نۇقسانلىرىنىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق شەرتى بىلەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئىسلامى سىياسەتنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى دەپ قارايمىز. بىلەلمەيمىز، بۈگۈن بىر ئوسمانلې پادىشاھى بۇ خۇسۇستا نىمىلەرگە تەشەببۇس قىلالىشى مۇمكىن؟

مانا… «جاۋابىىز»نىڭ ئاپتۇرى چۈشىنىشنى خالىمىغان نۇقتا دەل مۇشۇ ئاخىرقى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلانغان. ئەيتاۋۇر ئاپتۇر بۇنى چۈشىنىشنى خالىمىغانمۇ « رۇمەلىدىكى مۇسۇلمانلارنى مۇھاپىزەت قىلىشقا كۈچىمىز يەتمەيۋاتسا، ھىندىستاندىكى مۇسۇلمانلارنى بىرلەشتۈرىمىز دىسەك ئۇخلىماي چۈش كۆرىمەن دىگەنلىك بولىدۇ. مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۈرك بىرلىكى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن دۇنيانى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش، ھىچ بولمىغاندا  كۈچتۈڭكۈر  رۇسىيەنىڭ  گەۋدىسىدىن قانچىلىك يوناش كىرەك….ئويلاپ بىقىلسۇن  ….» د ەپتۇ.

ھۆرمەتلىك ئۇستاز! مەيلى ئىسلام بىرلىكى، مەيلى تۈركلەرنىڭ بىرلىكى بولسۇن، بۈگۈن  ئۇ بىر سىياسى غايە ۋە توغرا بىر نىشاندۇر.  ھەرئىككسىنى ئىتراپ قىلىپ تەقىپ قىلسىڭىز تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى توقۇنۇشلارنىڭ ھىچ بىرى يۈز بەرمەيدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تەسەۋۋۇر بىر ئىدىيۋى كۈچتۇر، ھەرگىزمۇ ئۇخلىماي چۈش كۆرۈش ئەمەستۇر. سىز شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىپ، تاكامۇللىشىش ئويىڭىزنى ئوتتۇرغا قويۇپسىز. بۈگۈن ئىسلام ياكى تۈرك سىياسىتىنى تەتبىقلاش دىگەنلىك بۇ ھەركەتنى، بۇ نىشاننى، ئىلگىرلەش ۋە تاكامۇللىشىشنى ئاساسى مەقسەت قىلغان ئۇ شەخىسلەرنىڭ ئىڭىغا يەرلەشتۈرۈشكە تىرىشىش دىگەنلىكتۇر.

ئوسمانلېلار باشقىلارنى قىلىچى بىلەن قايىل قىلىشقا ئۇرۇنمايدۇ. مۇسۇلمانلار ياكى تۈركلەر روھىدىكى مەنىۋى كۈچ ئارقىلىق بىرلىشىشكە تەييار تۇرىدۇ.  ھەرقايسى دۆلەتلەر، جەمئىيەتلەر  سىياسى مۇساپىسىدە ئەسكىرى كۈچى ۋە باشقا قۇرال كۈچلىرىنى داملاپ كۆككە كۆتۈرمەسلىكى كىرەك. بۇ ماددى كۈچلەرنى پىكرى كۈچ بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنىمۇ تونۇپ يىتىشىمىز لازىم.  شۇنى ئىتراپ قىلىشىمىز كىرەككى، قىلىچنىڭ، كۈچ- قۇۋۋەتنىڭ ئىلھام مەنبەسىمۇ ئاڭدۇر(پىكىردۇر).

ئوسمانلې مىللىيەتى بەرپا قىلىش سىياسىتىگە كەلسەك…. مىللى ھاياتىمىزنى ئىسلاھ قىلىپ، ئىدارى ئىشلىرىمىزدا تەڭشەش ئىلىپ بىرىشقا تەشەببۇس قىلىنغاندىن بۇيان ئاساسەن دىگۈدەك پۈتۈن تىرىشچانلىقلىرىمىز مۇشۇ يولغا سەرىپ قىلىندى. ياخشى ئىسلاھات دەپ بۇنى دەيمىز. بەزىلەر تەرىپىدىن ئىتىبارسىزلاشتۇرۇلسىمۇ، مەرھۇم ئابدۇلمەجىدخاننىڭ(ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ32- پادىشاھى 1876- يىلى تەخىتكە قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن ئاسى ئەسكەرلەر تەرىپىدىن شەھىت قىلىنغان-ت) ، رەشىد، ئەلى، فۇئات ۋە مىتھات پاشالارنىڭ تۇتقان يولى مۇشۇ ئىدى. بىر«ئوسمانلې مىللىيەتى» بەرپا قىلىش ئارزۇسىدىن ئىبارەت ئىدى.

ۋەكىللىك قىلىش (بىرلەشتۈرۈش); سىياسىي تىلدا يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مىللەتنىڭ باشقا مىللەت پۇقرالىرىنى دىن، تىل، ئەخلاق ۋە ۋىجدانى جەھەتتىن ئۆزىگە ئوخشىتىشىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ پوزىتىسيە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان تەقدىردە ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشى ئاستىدىكى مىللەتلەر تامامەن ئوخشاش مىللى تۇيغۇغا ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىغا ئىگە بولىدۇ. لېكىن بۇ ۋەكىللىك قىلىش ھەر خىل ۋەكىللەر تارمىقىغا بىرلا ۋاقىتتا ماس كېلىشى مۇمكىن ئەمەس . مەسىلەن، دىننىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرى ئىلگىرى ئەڭ ئۈنۈملۈك دەپ قارىلىدىغان تۇرۇغلۇق، بىزنىڭ دەۋرىمىزگە كەلگەندە ئىلغار مەدەنىيەتكە ئىگە قەۋىملەر ئارىسىدا نەزەردىن ساقىت قىلىندى.  تەتبىقلىنىشى مۇۋاپىق كۆرۈلمىدى. بۇنداق ئەھۋالدا، تىل بىرلىكى نۇرغۇن كىشىلەرنى تەبىئىي ئالاقىلىشىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى قويۇقلاشتۇرۇشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.  ئەدەبىياتنىڭ بىرلىكى ئىلغار قەۋىملەردە دىنىي بىرلىكنىڭ ئورنىنى ئىگەللەيدۇ. شۇڭا، ئوخشىمىغان مىللەتتىن پۇقرالىرى بولغان ھەرقايسى ئەل ھۆكۈمەتلىرى مەملىكەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەلىك پۇقرالارغا، بولۇپمۇ دىنغا مايىل كىشلەرنىڭ قىشىغا دەۋەتچىلەرنى، مۇدەررىسلەرنى، مۇئەللىملەرنى ئەۋەتىدۇ. بۇ ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىغا ھۆكۈمران مىللەتلەرنى كۆچۈرۈپ ئۇلارنى تەسىرسىزلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ. مەھكۇم مىللەتلەرنىڭ تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ۋە گۈللىنىشگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.  شۇنداقلا ئىمكانىيىتى يىتىىدىغان بارلىق ۋاستىلەر بىلەن مائارىپ ساھەسىدە ھاكىم مىللەتنىڭ تىلىنى ئورتاق تىل ھالىتىگە ئىلىپ كىلىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەگەر بۇ بىسىملارغا بەرداشلىق بىرەلەيدىغان بىرەر مىللەتكە يولۇقۇپ قالسا، بۇ مىللەتنى چەتئەلگە چىقىپ كىتىشكە تەشۋىق قىلىشتىن باشقا چارىسى قالمايدۇ. بۇمۇ مۇمكىن بولماي قالسا، ھۆكۈمران مىللەت شۇ نۇقتىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشى كىرەككى: ئۇ مەھكۇم مىللەت مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قىلىشقا، بەلكىدە مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشۋاتقان مىللەتتۇر.

ئوسمانلې ئىمپىرېيەسىنىڭ  دەۋرىمىزگىچىلىك داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن بىر ئەسىرلىك ھاياتى مانا مۇشۇ مۇجادىلىدىن ئىبارەتتۇر. ئوسمانلې ھۆكۈمىتى تانزىماتتىن (ئىسلاھات ھەركىتى) بىرى بۇ ۋەكىللىك قىلىش ۋاستىلىرىنى ئىمكانى يەتكەن دەرىجىدە تەتبىقلاشقا تىرىشىپ باقتى.

دىننى جەھەتتىن ۋەكىللىك قىلىش-بۇ بىر دىنى ئەمىر بولۇپ ئىمان-ئىسلام تەلەپ قىلغان ئىشتۇر. ھىچقانداق بىر ئىسلام ھۆكۈمەتىنى بۇ پىرىنسىپلارسىز تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ.  ئانادولۇ بىر ياقتا تۇرسۇن، گىرىت، بوسنا، ئارناۋۇتلۇك، بۇلغارىستان، يىىغپ ئىيىتقاندا پۈتۈن رۇمەلى مۇسۇلمانلىرى. ھىچ ئوسمانلې مىللىيەتى بەرپا قىلىمەن دەپ ئۇرۇنمىدى دەپ قارالغان پادىشاھلىرىمىزنىڭ، ۋەزىرلىرىمىزنىڭ بۇ ۋەكىللىك قىلىش تەرزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە دالالەت قىلىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ بىرقىسمى مەسىلەن، ئانادولۇنىڭ شەرقى نۆۋەتتە دىننى جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشكە ناھايتى  ئۇيغۇن بىر جاي بولغاچقا دىندار موللىلار ئىقىم-ئىقىم بۇ جايلارغا  ئەۋەتىلىۋاتىدۇ.

تانزىمات- ئوتتورا چاغ ئادەتلىرىنىڭ تەرىك ئىتىلىشى دىمەك بولغانلىقى سەۋەبىدىن بۇ دەۋىرنىڭ تىپىك ۋەكىلى تىخىمۇ بەك ئەستايىدىل، تىخىمۇ بەك مەدەنى بىر تەرزدە زاھىر بولغان. تانزىمات دەۋرىدە(ھاكىم مىللەت) ئەڭ دەسلەپ قانۇنى، ئىدارى جەھەتتىن باشقا مىللەتلەرنى تەمسىل قىلشىقا ئۇرۇنغان. تانزىماتتىن ئىلگىرى ئوسمانلې دۆلىتى گېرىژدانلىرى  پۈتۈنلەي باراۋەر  ۋە  بىر- بىرىگە ئارلىشىپ كىتىكلىك  ئەمەس ئىدى. ھەر ئىرق، ھەر دىن ئۆز ئالدىغا ئىدارە قىلىناتتى. خۇسۇسى بىر پىرقە، بىر مىللەت، ھۆكۈمەت ئىچىدە ئايرىم بىر ھۆكۈمەتكە ئوخشايىتتى.

ئىسلاھات دەۋرىدىكى سىياسەتچىلەر چوڭ ئىستىلانىڭ باراۋەرلىك  قائىدىسنى، ئۇ مەدەنىيەت قورغىنىنى پىدا قىلىش ئارقىلىق بۇ  تەڧرىقىنى بۇزۇشقا، ئوسمانلې پۇقرالىرىنى ئىدارى جەھەتتىن بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. 1856- يىلى ھاتتى ھۇمايۇندا( پادىشاھ ئۆز قولى بىلەن يازغان ئەمىر-پەرمان)  تىلغا ئىلىنغان«مائارىپ ۋە زاماننىڭ تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىپ ئىسلاھات» نىڭ مەزمۇنى: پاترىكلەرنىڭ سىياسى كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، پوپلارنىڭ مائاشىنى توختىتىش، ئەدلىيە ئىشلىرىنى ئوسمانلېنىڭ يىڭى مەھكىمىلىرىگە ھاۋالە قىلىش، خىرىستىيانلارنىڭ مەكتەپلىرىنى، چىركاۋلىرىنى نازارەت ئاستىدا تۇتۇش دىگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. بۇ دىگەنلىك  ئوخشىمىغان مىللەتلەرنى مىللى ۋە سىياسى جەھەتتىن داۋاملىق باستۇرۇش ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرۇش دىگەنلىك ئىدى. ئوسمانلې دۆلىتى مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى قىسمىلىرىغا، بولۇپمۇ غەيرى مۇسۇلمان خەلىق توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارغا مۇھاجىر يەرلەشتۈرۈش سىياسىتىگىمۇ سەل قارىمىغان ئىدى. ئاخىرقى قىتىملىق رۇس ئۇرۇشىدىن بۇرۇن رۇسىيە ۋە كاڧكازيادىن كەلگەن مۇھاجىرلارنى كۈنىمزدىكى بۇلغارىستانغا ئورۇنلاشتۇرغانىدى. كۈنىمزدىكى گىرىت مۇھاجىرلىرى ئىزمىر ئەتراپىغان، بوسنالىقلارنىڭ بىرقىسمى رۇمەلىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

بۇنىڭدىن باشقا ئوسمانلې دۆلىتى مائارىپ ساھەسى ۋە تىل مەسىلىسىگە ئالاھىدە زىھىن سەرىپ قىلدى. 1865- يىلدىكى ھاتتى ھۇمايۇندا(پادىشاھنىڭ پەرمانىدا) ئۇ چاغقىچىلىك ئىجازەت ئىلىنماستىن رىمۇنىت قىلىنىدىغان ۋە سىلىنىدىغان خىرىستىيان مەكتەپلىرى ۋە چىركاۋلىرىنىڭ رىمۇنىت قىلىنىشى ۋە يىڭىدىن سىلىنىشى ئۈچۈن رەسمى ئىجازەت ئىلىش تۈزۈمى يولغا قويۇلدى. ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە ئوقۇتقۇچى تاللاش ئىشلىرىنى ھۆكۈمەت نازارەت ئاستىغا ئالدى. 1869- يىلىدىكى مائارىپ نىزامنامىسىدا ئالى مائارىپ ۋە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ دەرىسلىكىنى بارلىق مىللەتلەر تۈركچە ئوقۇيدۇ دەپ بەلگىلەندى. ئوقۇتۇش ئۇسلۇبى ۋە دەرسىلىك كىتاپلارنى تاللاش خىزمىتىنى مائارىپ ئىدارىسى ئۈستىگە ئالغاندىن سىرىت، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىن تارتىپ پۈتۈن غەيرى مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەكتەپلىرىدە تۈركچە ئىشلىتىش مەجبۇرى قىلىندى.

بۇنىڭغا ئالاقىدار ماتىرىياللارنى تولۇق رەتلەپ بولالمىدىم. ئەمما، مەن يۇقارقىلار ئارقىلىق ئوسمانلې سىياسىتىنى تەتبىقلاش بۇرۇنمۇ ئويلىشىلغان دىمەكچى. پادىشاھلىرىمىز، ۋەزىرلىرىمىز ئوسمانلې مىللىيەتى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. بۇلارنى نەزەرگە ئالغاندا ئۇلارنى قابىلىيەتسىز دىگىلى بولمايدۇ. ئەگەر ئۇ چاغدا  ئوسمانلې سىياسىتىنى پۈتۈنلەي تەتبىقىلىغلى بولغان بولسا بۈگۈن نەتىجە  باشقىچە بولغان بولاتتى.

مىتھات پاشا دەۋرىدە تۈزۈلگەن ئاساسى قانۇندىمۇ، ئەلى پاشا تەرىپىدىن چىقرىلغان پەرماندىكىگە ئوخشاش مۇشۇ ئۈمىد بىلەن ئوسمانلى خەلىقلىرىنى بىر لەشتۈرۈشكە ۋە  چاڭلاشتۇرۇشقا، مۇشۇلاردىن بىر ئوسمانلې مىللىتى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈشكە، بۇ مىللەتكە تۈركچىنى ئورتاق تىل سۈپىتىدە قوبۇل قىلدۇرۇشقا ئىنتىلىش بار ئىدى.

ئاساسى قانۇننىڭ 8-ماددىسى: ئوسمانلې تۇپراقلىرىدا ياشايدىغان كىشلەرنىڭ ھەممىسى قايسى مىللەت، قايسى دىىنغا مەنسۇپ بولىشدىن قەتئىينەزەر ئىستىسناسىز شەكىلدە ئوسمانلې دەپ ئاتىلىدۇ.

18- ماددىسى: ئوسمانلې پۇقرالىرىنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئىشقا ئىلىش ئۈچۈن دۆلەتنىڭ رەسمى تىلى بولغان تۈركچىىنى بىلىش شەرتى قوشۇلدى.

16- ماددا: بارلىق مەكتەپلەر دۆلەتنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ئوسمانلې پۇقرالىرىنىڭ مائارىپىدا بىر بىرلىك ۋە بىر ئىنتىزام تەرزىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىرەكلىك ۋاستىلارغا تەشەببۇس قىلىنىدۇ. دەپ يىزىلىدۇ.

«جاۋابىمىز»نىڭ ھۆرمەتلىك ئاپتۇرىنىڭ سىياسى ھەركەتلەرنى چۈشىنىشى ئۈچۈن بۇنىڭدىنمۇ ئىنىقراق بىرەر سىياسى تىل يوقتۇر.

بۇنىڭدىن سىرىت «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتۇرى تىلسىز، زۇۋانسىز بىچارە تارىخقا ئىچ ئاغرىتىپ «ئۈچ خىل سىياسەت» تە تىلغا ئىلىنغان تارىخى بىر ۋەقەگە  ئىتىراز بىلدۈرىدۇ. ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇپ بىلەن ناپوليۇن، تۈرك مىللىيەتى پىكرىنىڭ قوللىغۇچىسى ئەمەستۇر. ئەكىسچە، تۈركلۈكنى پارچىلاشقا تىرىشقان كشىىدۇر دەيدۇ.

شۇنداق!… ھەقىقەتەن ناپولىيۇن ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا پارچىلىنىپ نەچچىگە بۆلۈنۈپ كەتكەن تۈركىيەنى كۈچلەندۈرۈشكە تىرىشتى. رۇسىيەنىڭ قارشىسىدا يالغۇز قالغان بۇ مىللەتنى كۈچلەندۈرۈشكە، بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. رۇسىيەگە قارشى سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيتىنىڭ شۇ پىتى ساقلىنىپ قىلىشىغا، تۈرك مىللىيەتىچىلىك سىياسىتىنىڭ كۈچلىنشىگە ۋە باشقا مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىشتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىغا كۈچ چىقاردى. بۇلارنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ڧىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىدىكى بىر مەمۇرنىڭ مەلۇم بىر ئەسىرىدىن قىسقىچە نەقىل كەلتۈرىمەن. ياۋرۇپالىقلار شەرىقنى بىلمەيدۇ. لىكىن ڧىرانسۇزلار ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى «جاۋابىمىز» نىڭ ئاپتۇرىدىن بەكرەك چۈشىنىدۇ.

«فىرانسىيە ھۆكۈمىتى شەرىقنىڭ ئەسلى ھالىتىنى ساقلاپ قىلىش سىياسىتىگە سەل قاراۋاتقانلىقىدەك بىر گۇمانى قاراشنى تۇغدۇرۇىدۇ. لىكىن بەزى تاسادىپى ئۆزگىرىشلەر بولۇپ قالغان تەقدىردىمۇ، ھەردائىم «ھاتتى ھۇمايۇن» دا ئوتتۇرغا قويۇلغان پەرمان ۋە چاڭلىشىش پىكرىگە سادىق بولىدۇ»

«3-ناپولىيۇننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ دىگىنىدەك، ڧىرانسىيە ئوسمانلېدىكى ھەرخىل مىللەتلەر ئارىسىدا پەرىق كىلىپ چىقشىنى قوللايدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. قىلغان ياردەملىرىدىمۇ مۇسۇلمانلار بىلەن غەيرى مۇسۇلمانلارغا پەرىقلىق مۇئامىلە قىلمايىتتى. ھەر ئىككى خەلىقنىڭ بەخىت- سائادىتى ماددى ۋە سىياسى باراۋەرلىك ئاساسىنىڭ پەيدىنپەي سەمىمى بىر شەكىلدە تەبىقلىنىشغا باغلىق ئىدى. ھەرئىككى خەلىق ھەق- ھۇقۇق ۋە پايدا- مەنپەئەتتە باراۋەر نىسىۋىگە ئىگە بولۇشى كىرەك ئىدى.»

خۇلاسە شۇكى، تۈيلەرىس سارىيى(ئەينى چاغدىكى ڧىرانسىيە ھۆكۈمەت بىناسى-ت) چاڭلاشتۇرۇش ۋە  مىللەتلەرنى ئىرىتىۋىتىش غەرزىدە ئىدى. تۈركىيەدە بۆلۈنۈشنى يوقىتىپ بىرلىكنى روياپقا چىقىرىشنى،  ئۆزئارا قۇتۇپلىشىش ئەۋىج ئالغان چەت رايۇنلارغا ھاكىم مىللەتلەرنى كۆچۈرۈپ يەرلەشتۈرۈشنى  ئارزۇ قىلاتتى.

«تارىخ تارىختۇر. لىكىن بىز تارىخقا ئەقلىمىز بىلەن، ئىنساپ بىلەن مۇئامىلە قىلىشىمزكىرەك. ئاڭلىماققا يىقىملىق تۇيۇلىدىغان تارىخى ۋەقەلەرگە دەلىل كەلتۈرۈشتە، تارىخى ئەرباپلارنى ۋە ۋەقەلەرنى شاھىت قىلىش ئۇ شاھانە ئىلىمگە بىر مەرتىۋە ھۆرمەتسىزلىك قىلغانلىق بولماسمۇ؟»

«جاۋابىمىز»نىڭ ئاپتۇرىنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەققىقەتلەرنىڭ ھەممىسى ئاقماس ئشىلاردۇر. ئۇ «ئۈچ خل سىياسەت» تە ئوتتۇرغا قويۇلغان پىكىرلەرنى قوبۇل قىلىش ئۈچۈن« ھەرىكەت جەدىۋىلى»نى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ھەتتا پىكىرلەرنى پەقەتلا كىتاپتا كۆرسەم دەپ ئويلايدۇ. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى، تارىخ پەقەت ماقالىلەرنىڭ تىكسىتىدىن، ئەسلىمىلەردىن، ئۇرۇش ۋە ئىجتىمائى توقۇنۇشلاردىن چىقىرىلمايدۇ. بۇلارنڭ بولۇشى ئەۋزەل. ئەمما بۇلار بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ كىچىك ھادىسەلەردىن ئىشىنىڭ ماھىيىتنى قىياس قىلغىلى بولىدۇ. «جاۋابىمىز»نڭ ئاپتۇرى بۇلارنى تەتىقىق ۋە تەنقىت قىلىدۇ، باپلارغا، پاراگىرالارغا ئايرىيدۇ.

يۇقارقى كۆزقاراشلىرىمىز شۇنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇكى، « ئۈچ خىل سىياسەت» نىڭ ئاپتۇرى  بۇ سىياسى پىكىرلەرنى خىيالىغا تايىنىپ ئۇيدۇرۇپ چىقارمىغان. ئاپتۇرنىڭ ماقالىسدە بىر-بىرىدىن پەرىقلىق ئۈچ خىل سىياسەت ئوتتۇرغا قويۇلغان. بۇلار بىر غايە ۋە ھەقىقى نىشان بولۇپ تەتبىقلاشقا بولىدۇ. ھەتتا، بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككىسى مىللى تارىخمىزنىڭ ئوخشىمىغان دەۋىرلىرىدە تەتبىقلانغان. مۇشۇنداق تۇرۇغلۇق«جاۋابىمىز» ئاپتۇرىنىڭ لەتىپىگە ئوخشايدىغان سەپسەتە بىلەن« تۈركنى ئىسلامدىن، ئىسلامنى تۈركتىن، تۈرك ۋە ئىسلامنى ئوسمانلېلېىقتىن، ئوسمانلېلېقنى تۈركتىن، ئىسلامدىن ئايرىشتىن، بىرنى ئۈچ قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرىشى، ئۇرۇشنىڭ  ئوتتۇرىسىدا قالغان بالىلارنىڭ، قورقۇنۇچلۇق مەنزىرلەرنى كۆرمەسلىك ئۈچۈن  كۆزلىرىنى چىڭ يۇمىۋىلىىشغا ئوخشىماسمۇ؟

ئۇنىڭ «ھەقىقەتچىل، ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە» تەبىرى « بۈيۈك بىر ئىمپىرېيەنى»، بىر ئىجتىمائى كادرۇنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.

شۇنداق…« بىر ئىجتىمائى كادرۇنىڭ ئومۇمى ئىسلاھاتى ئۇ جەمىئيەتنىڭ ئەزالىرىنىڭ شەخىس سۈپىتىدە تەرەققى قىلىشىغا، پىشىپ يىتىلىشىگە باغلىق». بۈگۈنكى ئىجتىمائى تەتقىقاتلارنىڭ نەتىجىسى بەلكى تىخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشى مۇمكىن. شۇنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كىرەككى:  ئوسمانلېلېىق شەخىسلەرنى ئۆز ئىچىگە ئىلىپلا قالماي، ىىر مەنىۋى كىملىكنىمۇ كۆرسىتىدۇ. شەخىسلەرگە تەۋسىيە قىلىنىدىغان خىزمەت نىشانى مەنىۋى كىملىككە كەلگەن چاغدا مۇجمەللىشىپ، ئەسلى مەنىسىنى يوقتىپ قويىدۇ.

«تۈركلەر مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالايدىغان بولسۇن، مىللەت خاراكتىرلىك يوقىلىپ كىتىش تەھدىدىن بىر قۇتۇلسۇن» دىيىش ئۈچۈن دەسلەپتە ئۇ كادرۇنىڭ، ئۇ مەنىۋى كىملىكنىڭ نىشانى، سىياسى نىشانىنى، ھەرىكەت لىنيەسىنى بىكىتىش لازىم. شەخىسلەرنىڭ يىتىلىشى، تەرەققى قىلىشى بىلەن مەشغۇل بولۇپ، دۆلەت كىمىسىنى يۆنىلىشسىز، ھەرىكەتنى نىشانسىز تاشلاپ قويساقمۇ بولىدۇ دەيدىغان ئىش بولسا ئۇ باشقا گەپ. بۇنداق بولمىغان تەقدىردە  بىراز سەزگۈر ۋە ئەستايىدىلراق بولۇپ «ئۈچ خىل سىياسەت»نى رەت قىلىشنىڭ ئورنىغا، قىزىقىدىغانلارغا بۇ ئۈچ يولدىن بىرىنى تاللىشىغا ئىمكان يارىتىش كىرەك.

ماقالىنىڭ ئاپتۇرىنىڭ سۇئالىمۇ مۇشۇنىڭدىن ئىبارەت ئىدى.  مۇرەككەپ كۆز- قاراشلارنى، مۇجمەل ئىجتىمائى ھاياتنى ئاددى قائىدىلەرگە قىياس قىلىش بۈگۈنكى ئىلمى مەنتىقىگە ماس كەلمەيدۇ. گىزىتنىڭ مۇھەررىرىگە ئوخشاش سىياسى بىر جەمىئيەتنىڭ يىتەكچىلىرى جەمئىيەت پەلسەپىسىنى مۇشۇنداق ئاددى تەھلىل قىلسا، سىياسەتكە مۇشۇنداق نىشانسىز مۇئامىلە قىلسا توغرىمىدۇ؟، بىلمەيمەن.

«ئۈچ خىل سىياسەت»نىڭ ئاپتۇرى تىخچە بىزدىن جاۋاپ كۈتىۋاتىدۇ. ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ  سائادىتى ئۈچۈن ئىسلام بىرلىكى، تۈرك بىرلىكى ۋە ئوسمانلېلېلىقتىن قايسىسىنى تاللىساق ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ؟

ماقالىنىڭ ئاپتۇرى ئوسمانلې مەنپەئەتلىرى نۇقتىئىنەزىرىدىن پايدىلىق دەپ قارالغان ۋە تەتبىقلاش ئىھتىماللىقى بولغان ئۈچ خىل سىياسەتنى تەپسىلى چۈشەندۈرگەندىن كىيى، ئۇنىڭ ئىچىدىن بىر سىياسەتنى، يەنى«ئوسمانلې مىللىيەتى» سىياسىتىنى تەتبىقلاشقا مۇمكىن بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. قالغان ئىككى خىل سىياسەتنى يەنى، ئىسلام بىرلىكى ۋە تۈرك بىرلىكى سىياسىتىگە نىسبەتەن بىرنەچچە ئىچكى ۋە تاشقى توسالغۇلارنى تىلغا ئىلىپ ئۆتۈش ئارقىلىق قولغا كەلتۈرلىدىغان پايدا ۋە زىياننىڭ نىسبىتى ئوخشاش دىگەن خۇلاسىگە كىلىدۇ. پىقىر ئاپتۇرنىڭ بۇ كۆز قارىشىنى دىگەندەك توغرا بولغان دەپ قارىمايمەن. يۇقاردا زىكىر قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك ماقالىنىڭ ئاپتۇرى مەنتىقىلىق پىكىر قىلىشقا بولغان ئەستايىدىللىقى تۈپەيلى بۇ سەۋەنلىكنى سادىر قىلغان. بىزنىڭ نەزىرىمىزدە ئىسلام بىرلىكى سىياسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇمكىن بولمايدىغان، كەلگۈسى غۇۋا(كۈچى ئاجىز)،ئەمما نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئىيىتقاندا تەتبىقلاشقا بولىدىغان ۋە پايدىلىق بىر سىياسەتتۇر. تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسى تىخىمۇ پارلاق، تىخمۇ نەتىجىلىك بولىدۇ، لىكىن نۆۋەتتە ئۇ سىياسەت مەۋجۇت ئەمەس، مەۋجۇت بولمىغان بىر نەرسىدىن پايدىلانغىلى بولمايدۇ. ئوسمانلې مىللىيەتى سىياسىتى دەل بۇلارنىڭ ئەكىسچە، كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئىيىتقاندا دىگەندەك مەنپەتلىك بولمىسىمۇ، نۆۋەتتە ئومۇملاشتۇرۇش ۋە تەتبىقلاش ئەڭ قولاي ۋە پايدىلىق بىر سىياسەتتۇر.

نۆۋەتتە بىز تالاش- تارتىش قىلىۋاتقان مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك يىرىمى ساۋاتلىق بولۇپ بولغان مىللەتلەر دىيىشكە بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئاڭ-سەۋىيەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نۇقتىلىرىنى، پىكرى ۋە مەنىۋى مەۋجۇتلىقىنىڭ ئەڭ جانلىق قىسىملىرىنى دىن كونتىرۇل قىلىدۇ. شۇڭلاشقا بۇگۈن مۇسۇلمانلار ئارىسىدا دىننى سىياسەتنى تەتبىقلاش ھەرقانداق بىر سىياسەتتىن ئۈنۈملۈكرەك بولىدۇ. بۈگۈن ئسىلام بىرلىكى پىكرى ۋە ھەركىتىنى ناھايتى ھاياجان ۋە لەززەت ئىچىدە تەسەۋۋۇر قىلىدىغان نۇرغۇن ئىلغار مۇسۇلمانلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ.  شۇڭلاشقا ئىسلام بىرلىكى سىياسىتىنى تەتبىقلاش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشقا ناھايتى مۇۋاپىق پەيىتنىڭ پىشىپ يىتىلگەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويساق خاتا بولماس. شۇ نۇقتنى ئىنىق ئايدىڭلاشتۇرىۋىلىشىمىز كىرەككى: ئىسلام بىرلىكىنى روياپقا چىقىرىشقا بولىدۇ دىمەيۋاتىمىز، بەلكى ھىچبىر ۋاقىت مۇمكىن بولمايدىغانلىقىغىمۇ ئىشىنىمىز. دىمىسىمۇ غايىۋى بىر ئارزۇنى روياپقا چىقىرىش مۇمكىنمۇ؟ ماقالە ئاپتۇرى ئوتتۇرغا قويغان بىر قاتار توسالغۇلار بۇ سىياسەتنى نۆۋەتتە تەبىقلاشقا بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرغىنىدەك، سىياسى ئشىلاردا مىللىيەت پىكرىنىڭ دىننى ئىتىقاتتىن ئۈستۈن تۇرىشى كەلگۈسىدە دىننى سىياسەتنىڭ پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنشىنى شەرىت قىلىدۇ. لىكىن بۇنداق دىگەنلىك، ئوسمانلې ھۆكۈمىتى ئوسمانلېنىڭ سىياسى مەۋجۇتلۇقىنى قوللاپ- قۇۋۋەتلەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ كۈچىدىن پايدىلانماسلىقى كىرەك دىگەنلىك بولمايدۇ. ھەتتا، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى بىرلىكىنى ھەرخىل ۋاستىلار ئارقىلىق كۈچلاندۈرۈشتىن تىخىمۇ بەكرەك پايدا ئالغىلى بولىشىمۇ مۇمكىن. مۇشۇ سەۋەپلەردىن ئوسمانلې دۆلىتى ئىسلام سىياسىتىگە، ئىسلام بىرلىكى سىياسىتىگە ئەھمىيەت بىرىشى كىرەك.

تۈرك بىرلىكى سىياسىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئىسلامى سىياسەتتىنمۇ بەكرەك ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.  بىر- بىرىگە چىتىشلىق بولغان تۈركلەر 35 مىليۇنلۇق بۈيۈك بىر قەۋىمنى مۇتەشەككىل قىلىدۇ(1904-يىلىدىكى تۈركلەرنىڭ ئومۇمى نۇپۇسىنى دىمەكچى-ت). رۇسىيە زىمىنىنىڭ چوڭلىقىغا نىسبەتەن، رۇسىيەنىڭ سىياسى ئەرباپلىرىدىن تارتىپ ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىغان سىياسى ۋە ئىجتىمائى ئاجىزلىقلىرى نەزەرگە ئىلىنغاندا، يىراق كەلگۈسىدە بۈيۈك بىر تۈرك دۆلىتى مەيدانغا كىلىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىش پەقەت بىر خىيالدىنلا ئىبارەت ئەمەس.

دەۋرىمىز مەدەنىيىتى ۋە ئىھتىياجى ئىلگىرى سۈرىۋاتقان «ئىنسانىيەت»  دەۋرىگە قاراپ ھازىرقى ئۇسلۇپ بىلەن ئىلگىرلەش داۋاملىشىۋەرسە بەلكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە مۇشۇنداق بىر تۈرك ئىمپىرېيەسى مەيدانغان كىلەر. بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسىنى، روھىنى تەشكىل قىلىدىغان مەنىۋى باغلار، خاتالاشمىسام زەرەتلىنىش زەنجىرلىرى تىخى ئۇلىنىپ بولالمىغانلىقى ئۈچۈن بۈگۈن بۇنىڭغا ئاساسلىنىپ ھىچبىر ئىشىنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدۇ. پەقەتلا تەتقىق قىلىش ۋە تەھقىقلاش دائىرىسگە داخىل قىلىنغان بۇ سىياسەتلەر ئوسمانلى دۆلىتىنى نىشان قىلىۋالسا بولمايدۇ. چۈنكى  بۇنداق قىلىش ئارقىلىق ھىچبىر پايدىغا ئىرىشكىلىمۇ بولمايدۇ.

ئوسمانلې سىياسىتى- دۆلىتى ئالىييەنىڭ(ئوسمانلې دۆلىتى ئەينى چاغدىكى ئوسمانلې پۇقرالىرى تەرىپىدىن شۇنداق ئاتىلىدىغان بولۇپ ئۇلۇغ ئوسمانلې دۆلىتى دىگەن مەنىدە كىلىدۇ-ت) بۈگۈنگىچىلىك ناھايتى ئىنچىكىلىك بىلەن تەتبىقلاپ كەلگەن سىياسىتى بولۇپ، مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان ئۈچ خىل سىياسەت ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىقى ۋە تەتبىقلىنىشى ئەڭ قولاي بولغىنى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. باشقا ئىككى خىل سىياسەت ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆرشىدە بىرەر ياردەمچى، بىرەر مۇئاۋىن بولالايدۇ، خالاس. ئوسمانلې سىياسىتى ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۇبۇلغىسى، ئەڭ كۈچلۈك قوغدىنىش قۇرالى، ئەڭ توغرا نىشانىدۇر. «ئۈچ خىل سىياسەت»ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتۇرىنى بۇ خۇسۇستا خاتا ھۆكۈم چىقىرىشقا تۈرتكە بولغان ئامىل ئاپتۇرنىڭ ھەقىقەتتىن، ماددى رىئاللىقتىن بەكرەك مەنتىق ۋە پەلسەپەگە ئەھمىيەت بىرىشىدۇر. مەنتىق ھۆكۈملەرنى كەسكىن ۋە خاتىمە خاراكتىرلىك بىرىدۇ. ئەمما رىئاللىق، ئىجتىمائى ھايات  كۆپىنچە ھاللاردا بۇ ھۆكۈملەرگە قارشى چىقىدۇ.

ئەلۋەتتە، «ئۈچ خىل سىياسەت» ئاپتۇرىنىڭ ئوتتۇرغا قويغانلىرى ناھايتى ئورۇنلۇق.

ئوسمانلې مەملىكەتلىرىنى نۆۋەتتىكى چىگرالىرى بىلەن مۇداپىئە قىلىش، بۇ چىگرالار ئىچىدىكى ئاھالىلەرنى پۈتۈنلەي ئوسمانلېلاشتۇرۇش، تۈركلەشتۈرۈش( چۈنكى ئوسمانلې تەبىرى كىيىنكى چاغلاردا تۈرك ھاكىمىيتىنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يىڭى بىر مەنا بىلەن قوبۇل قىلىنغان ئىسىم بولۇپ ئاساسى تۈرك ئىدى. ئاھالىلەرگە تۈركلەرنىڭ ۋەكىللىك قىلىشى تەلەپ قىلىناتتى) ئەقىلگە سىغمايدىغان بىر خىيالدۇر.

ئەمما سىياسەت ھەرىكەتتۇر، ھاياتتۇر. شۇڭلاشقا سىياسەتتە قەتئىيلىك، مۇكەممەللىك، تاكامۇللۇق شەرىت قىلىنسا بولمايدۇ. تۈركىيە نۆۋەتتىكى چىگرالىرىنى مۇداپىئە قىلالمايدۇ، باشقا خەلىقلەرنى تۈركلەشتۈرەلمەيدۇ دەپ پەرەز قىلايلى: بۇ يەردىكى زىيان نىمە؟ زىيان نىمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ھازىر شۇنداق كۈچلۈك بىر مىللەت تۇرمامدۇ؟ ئوسمانلې مىللىتى، مانا بۇ جاننى ئالقانغا ئىلىپ قويۇپ تۇرۇپ مۇداپىئە قىلىدىغان چىگرا، مانا بۇ ئوسمانلې مەملىكەتلىرى ئىمكانىيەتنىڭ يار بىرىشىچە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئاھالە. بىز نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە نىسبەتەن ئوسمانلې مىللىتى سىياسىتىنى تەتبىقلاشقا باش قاتۇرىمىز. بۇ سىياسەتتە مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالىغان يەرلەر بىزگە مەنسۇپ بولار، مۇۋەپپىقىيەتلىك بولالمىغان يەرلەر قولدىن كىتەر. تەقدىر-قىسمەت ياكى تەبىئەتنىڭ قانۇنىيىتى مۇشۇنداق ئىكەن دەيمىز. مەغلۇپ بولۇشىمىز مۇقەررەر بولغان ئىشلاردىن باشقا ھىچقانداق بىر ئىشتا مەغلۇپ بولمايمىز. ئەمما مۇۋەپپىقىيەت قازىنىپ قالساق پەقەت مۇشۇ سىياسەت ئارقىلىقلا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىمىز.

مۇشۇ سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن مىنىڭ پىكرىم، دۆلىتىمىزنىڭ بىرىنچى نىشانى تانزىماتنىڭ(ئىسلاھات)، ھاتتى ھۇمايۇننىڭ(پادىشاھنىڭ ئەمرى-پەرمانى)، قانۇنى ئاساسنىڭ(ئاساسى قانۇن) مەقسەت مۇددىئاسى، مەرھۇم سۇلتان ئابدۇلھەمىتنىڭ(ئوسمانلې پادىشاھى)، رەشىت، ئەلى، فۇئات ۋە مىتھات پاشالارنىڭ( ئىسمى تىلغا ئىلىنغان كىشلەر ئوسمانلې دۆلىتىنىڭ ۋەزىرلىرى بولۇپ ئىلگىركى ماقالىدە تەپسىلى ئىزاھاتى بىرىلدى) غايىسى بولغان ئوسمانلې سىياسىتىنى تەتبىقلاشنى داۋاملاشتۇرۇش بولۇشى كىرەك. بۇ سىياسەت مىللى مەۋجۇتلىقىمزنى قوغداپ قالىدىغان سىياسەتتۇر. ئسىلام دۇنياسى شۇتاپتا كۈنسىرى ئويغىنىۋاتىدۇ، كۈچلىنىۋاتىدۇ. خىلاپەت ۋاستىسى بىلەن بۇ كۈچنى  ھۆكۈمىتىمىزگە، ئىجتىمائى كادرۇمىزغا بىر تايانىچ بازىسى قىلىشقا تىرىشساق، ھۆكۈمەتنىڭ يادرۇسىنى زەئىپلەتمەسىتىن، ئىسلام بىرلىكى شۇئارى ئاستىدا ماھىرلىق بىلەن ئسىلام دۇنياسىنى ئوسمانلې مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرساق خاتا بولمايدۇ. ئەكىسچە ناھايتى پايدىلىق بىر ئۇسۇل بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تۈرك بىرلىكى سىياسىتى بۈگۈن مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ئوسمانلې سىياسىتى مىللى مەۋجۇتلىقىمىزنى مۇھاپىزەت قىلسا، بەلكى كەلگۈسىدە ئسىلام بىرلىكى سىياسىتى كۈچىنى يوقاتقاندا بىزگە بىر تايانىچ بولۇپ قالار.

سىياسى ئىشلاردا پۇرسەتتىن پايدىلىنىشتىنمۇ بەكرەك توغرا، بەكرەك پايدىلىق بىرە ئۇسۇل بارمىدۇر؟- بۇنى بىلمەيمەن.

1904- يىلى ئىيۇن، مىسىر


ئۈچ خىل سىياسەت ناملىق ماقالىنىڭ ئادرسى: https://www.akademiye.org/ug/?p=13953

جاۋابىمىز ناملىق ماقالىنىڭ ئادرىسى:  https://www.akademiye.org/ug/?p=14105


مەنبە: يۈسۈپ ئاكچۇرانىڭ «ئۈچ خىل سىياسەت» ناملىق كىتابى، ئۆتۈكەن نەشىرىياتى


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش