ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » مىللىي مەۋجۇتلۇق » ئۆي، مەكتەپ، ئارال ۋە مەسجىد

ئۆي، مەكتەپ، ئارال ۋە مەسجىد

دوكتور قاھار بارات

ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئ‍ويلېرى، ئۇيغۇر مەكتەپلېرى، ئۇيغۇر مەسجىتلېرى ۋە ئۇيغۇر ئاراللېرى ئۇيغۇرلارنى ساقلاپ قېلىش ئۇچۇن بىرسى كام بولسا بولمايدىغان بىر يۇرۇش تورت قۇرۇلۇش. ئۇلار بىر بولغاندىلا بىر مۇستەھكەم ئۇيغۇر مەدەنىيەت قورغىنى ھاسىل بولىدۇ. بىزدە ھازىرچە ئېچىلغان مەدەنىيەت ئويلېرى، مەكتەپلەر ۋە مەسجىدلەر بار لېكىن بىر ساپ ئۇيغۇر مەھەللە ھاياتى بەرپا قىلالىغۇدەك بىرەر ئارال يوق. بۇلار يوق ئىشلار ئەمەس. ئامېرىكىدا خىتاي، جۇھۇد، كورىيە، ئەرەب ۋە ئىتالىيانلار توپلۇشۇپ بەزى شالاڭ ئېتنىك ئاراللاردا ياشايدۇ. قالغان كوچمەنلەر بولسا بىر-بىرى بىلەن كارى يوق خالىغان يەردىن ئوي ئېلىپ خالىغان يەردە دۇكان ئېچىپ ياشاۋېرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ پاسكىنا كوچىلار خىتاي بازارلېرى، ئەڭ پاكىزە ۋە قىممەت كوچىلار جۇھۇد مەھەللىلېرى. نيويوركتىكى خىتاي بازىرى ئىتالىيان بازىرىنى يەپ كېىتىپ غۇلغۇلا چىققان. مانا بۇلار بىز بىر-بىرلەپ تەتقىق قىلىپ ئوزىمىزگە قانداق ئوزلەشتۇرۇشىنى پىلانلاپ چىقىدىغان ئورنەكلەر.

بىرىنچى قۇرۇلۇش

ھەر جامائەت ئۇزىنىڭ چامىغا قاراپ ئىشنى ئالدى بىلەن بىر مەدەنىيەت ئويى ئېچىشتىن باشلاش كېرەك. جابدۇق پۇتكىچە توي تۇگەپ كەتمىسۇن. ھىچبولمىغاندا بىرەر ئوينى ئىجارە ئېلىپ ئىشنى باشلايلى، بالىلىرىمىز توپلۇشۇدىغان بىر ئ‍ويىمىز بولسۇن. يىگىرمە يىل بۇرۇن مەن ئالمۇتودا بىر ئۇيغۇر ئويى ئالغان ئىدىم. ئۇنى گېزىتنىڭ باشلىقى يولداش ئازاماتوۋ بىلەن ئابلىمىت يەپ كەتتى. ئۇلار ئولۇپ ئۇ داۋا ئويى بىر خىيانەت ئويى، ئىبرەت ئويى بولۇپ قالدى. ئىچىدە بەلكىم بىرەرسىنىڭ بالىسى ياكى نەۋرىسى ياشاۋاتىدۇ. شۇ چاغدا ۋاشىڭتوندا بىر مەدەنىيەت مەركىزى قۇرايلى دەپ تەكلىپ بەرگەن ئىدىم. ۋاشىڭتوندەك مۇھىم شەھەردە تېخىچە بىر تورت تام ئوي ئالالمايۋاتىمىز. يۇزلەرچە بالىلىرىمىز ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيەت ھاياتىدىن مەھرۇم ھالدا تىلى يوق چوڭ بولۇپ بولدى. بىز مىللەتكە ئۇلگە يارىتالمىدۇق. بىزدىكى ساپا مۇشۇنچىلىك. مائارىپقا سەل قارىغان پرېزىدېنت بىر دولەتنى يىگىرمە يىلدا ۋەيران قىلۋەتكەندەك مائارىپقا سەل قارىغان لىدېرمۇ بالىلېرىمىزنى ئاسىملاتسيەگە بېرىۋېتىدۇ. بىر ياخشى تەشكىلات ئانا تىلىغا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك. ئۇيغۇرلار بار يەردە دەرھال بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت ئويى قۇرۇش ۋە پائالىيەتلەر قايناپ تۇرۇشى كېرەك. مەسىلەن:

ئانا تىل، قۇرئان، ئېنگلىز تىلى دەرىسلېرى

چوڭلار مائارىپى: بۇ ساڭزىنى قانداق پشۇرۇشتىن تارتىپ ماشىنا رېمونت قىلىشقىچە يۇز خىل بولۇشى مۇمكىن.

ھەر خىل توي، چاي، چوڭ-كىچىك يىغىنلار

ئىلمىي دوكلادلار

دۇتار، تەمبۇر، راۋاپ، مىللىي ئۇسۇل دەرسلېرى ۋە ياشلار پائالىيەتلېرى

شاخمەت، ئېلىم-سېتىم، راكلام، ئۇختۇرۇش ۋەھاكازالار

ئىككىنچى قۇرۇلۇش 

ئۇيغۇر تىلى سىنىپلېرىنى ئ‍ېچىش ۋە مەكتەپلەرنى سېلىش. مەكتەپ سېلىش ئىقتىساتقا باغلىق مەسىلە. ئۇنىڭغا چامىمىز يەتمىسە ساخلاپ تۇرماي ئالدى بىلەن سىنىپلارنى ئىجارىگە ئېلىپ ئانا تىل دەرىسى ئوتۇشنى توختاتمايلى. مەسىلەن سىدنىدىكى سەلىمەنىڭ مەكتىۋى، ئادىلايد، لوس ئانگىلىستىكى زەمىرەنىڭ مەكتىۋى، ۋانكوۋېردىكى نۇرئەلىنىڭ مەكتىۋى، ۋاشىڭتوندىكى سۇرەييەنىڭ مەكتىۋى قاتارلىقلار. ھازىر ئىستانبۇلدا بىر قانچە مەكتەپ سېلىندى. ئۇلار مەكتەپلېرىنى دولەت ئولچىمىگە يەتكۇزۇپ رەسمىي تىزىملىتىشكە تىرىشماقتا. ئەندىلىكتە مۇشۇ مەكتەپلېرىمىزنىڭ مائارىپ سەۋىيەسىنى قانداق قىلىپ دولەتنىڭ ئولچىمىگە ۋە تۇركىيە دولەت مائارىپىنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا يەتكۇزۇش پۇتۇنلەي زىيالىلېرىمىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا قالدى. ھەر قانداق يەردە بىر ياخشى باشلانغۇچ ۋە ئورتا مەكتەپ شۇ مەھەللنىڭ جەۋھىرى ھىساپلىنىدۇ. ئامېرىكىدا ئوي باھاسى مەكتەپكە قاراپ بولىدۇ. يەھۇدىيلارنىڭ كۇتۇرۇلۇشىنىڭ سىرى مائارىپ. شەرقىي ئاسيا، خىتايلارنى مۇشۇ كۇنگە ئېلىپ كەلگەن بىردىن-بىر تۇرتكىلىك كۇچ مائارىپ. ئەللىكىنچى يىللاردا ياپون، كورىيە، تەيۋەن، سنگاپورلار بالىلېرىنى ئامېرىكىغا توكتى. سەكسەنىنچى يىللاردا خىتايمۇ شۇنى باشلىدى. ئۇلار ئۇ ئىشنىڭ ئۇنۇمىنى يىگىرمە يىلغا بارماي كورۇشكە باشلىدى. بىزنى قۇتۇلدۇرۇپ قالىدىغان ئاخىرقى ئۇمىتمۇ مائارىپ. ئۇيغۇرلار ئوقۇشقا تەسلىم بولايلى. تۇرمۇشتا مائارىپقا يۇزلۇنۇشىمىز ۋە كوپ ئوقۇيدىغان ئادەتنى تىكلىشىمىز كېرەك. ئارسىمىزدا چەتئەلگە چىقىپ بەش يىلغىچە تېخى تىل ئوتكىلىدىن ئوتمىگەنلەرمۇ بار. بىزنىڭ ئېچىلغان سىنىپ ۋە مەكتەپلېرىمىز بىلەن زىيالىلېرىمىز ئوتتۇرسىدا ناھايىتى چوڭ بىر ھاڭ تۇرۇپتۇ. بىز خۇددى ئۇ مەكتەپلەر بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز، شۇنى ئ‍اچقان مۇئاللىم ياكى شۇ بىنانى سالغان بايلارنىڭ ئىشى دەپ قارايمىز. ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئوتەيدىغان ۋەزىپىلېرىنى ئوتىدى، قالغىنى بىزگە قالدى.

زىيالىيلار يەر شارىنىڭ گراجدانلېرى. ئۇلارنىڭ بىلىملىرى پۇتۇن ئىنسانىيەتكە تەۋە. ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئۇيغۇلارنىڭ يەر شارىغا بېرىۋەتكەن سوغاتلىرى. ئەمما زىيالىيلارنىڭ بىز ئۇچۇن قىممىتى خۇددى ئېينشتېيىن دىگەندەك ئۇلارنىڭ جامائ‍ەتكە قوشقان توھپىسىدە. بىزنىڭ زىيالىيلىرىمىزدە ئوزىگە تەمەننا بېرىش خاھىشى كۇچلۇك. ئۇلار مەن ئوقۇپ نەتىجە ياراتتىم، مىللەت ئالدىدا تىل تۇتۇغۇم يوق دەپ ئويلاپ مىللەتنىڭ داۋا، جامائەت، مائارىپ ئىشلېرىدىن ئوزىنى تارتىپ يۇرىدۇ. كورۇۋاتىمىزكى خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش بولسىمۇ مىنۇت-سېكونتىنى مىللەتكە ئاتاۋاتقان ئاز ساندىكى جانپىدا ئالىملېرىمىزنىڭ قىلىۋاتقان بىر ئادەملىك ئىشى يۇز ئادەمنىڭ كۇچىنى بەرمەكتە. ئەگەر سەن كومپۇتور، خېمىيە ياكى پەلسەپەنى ياخشى ئوقۇغان بولساڭ قانداق قىلىپ ئاشۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسىل بىلىملەرنى بىخەۋەر خەلقىمىزگە بىلدۇرۇشنىڭ غېمىنى قىل. بىر قۇدرەتلىك  ئۇيغۇرچە باشلانغۇچ، ئورتا ۋە ئالى مەكتەپ سستىمىسىنى تىكلەپ چىقىش مىللىتىمىزنىڭ كەلگۇسىنى بەلگۇلەيدىغان بىر ئالى ئولچەم. زىيالىلار بىز ئۇچۇن قىممەتلىك. ھازىرقى دۇنيادا ئۇلارسىز ئىش پۇتمەيدۇ. ئۇلار بەزى ئىشلارنى ئالدىنئالا پەرەز قىلالايدۇ. زىيالىلېرىمىز كوز ئالدىدىكى جىددىي خىزمەت، مائاش ۋە تۇرمۇش مۇھىممۇ ياكى ئۇيغۇر مۇھىممۇ دىگەن سۇئالنى ئويلاپ بېقىشى كېرەك. بىزدە ھازىر داۋاچىلار بىلەن دىنچىلار ئاكتىپ ئ‍ەمما زىيالىلېرىمىزنىڭ رولى ئاجىز. شۇغىنىسى لىدېرلېرىمىز كورەش بىلەن بەنت بولۇپ كېتىپ جامائەتنى ۋە بالىلېرىمىزنىڭ ئانا تىل تەربىيەسىنى ئۇنتۇپ قالدى. دىنچىلېرىمىز بولسا دىن  بىلەن سىياسەت، مائارىپ ئوتتۇرسىدىكى چىگرانى ئايرىمىدى، بەزى شەھەرلەردە مۇتەئەسسىپلىك ۋە رادىكاللىققا يول قويدى. بىر مىللەت، تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ ساپاسىنى ئوز خاتالىقىنى تۇزۇتۇشتىكى باتۇرلۇقىغا قاراپ بىلسەك بولىدۇ. بىز مۇشۇ يىگىرمە يىلدا ئىككى چوڭ خاتالىق ئوتكۇزدۇق: بىرسى مىڭلاپ بالىلېرىمىز ئاسىملاسيە بولۇپ كەتتى، يەنە بىرسى مىڭلاپ ياشلېرىمىز سۇرىيەدە ئولدى. بۇ سەۋەنلىكلەرگە كوز يۇمۇپ ئولتۇرۋالماي زادى ئۇلارنىڭ سەۋەبى نەدە، جەريانى قانداق بولغان، مەسئۇليىتى كىمدە ۋە تۇزۇتۇش چارىلېرى قايسىلار دىگەندەك تېمىلار ئۇستىدە جانلىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىز ۋە تىز تۇزۇتىشىمىز كېرەك. بىزدە يۇزلىگەن دوكتۇر ۋە ماگىستېرلار بار. بۇلار ئاز كۇچ ئەمەس. ئۇلارنى كېرەكسىز قىلىۋەتكەن نەرسە تەمەننالىق. جۇھۇدلارنى زىيالىلېرى ئويغاتقان. ئۇيغۇرلارمۇ زىيالىلار ئۇيغانغاندا ئۇيغۇنۇدۇ. ئەگەر زىيالىلار مۇشۇنداق غىڭ قىلماي ياتىۋەرسە تۇگەپتىمىز دىسەك  بولىدۇ. زىيالىلېرىمىزنىڭ ئورنى توۋەن، تەشكىلات لىدېرلېرى ئىچىدە ھەتتا ماگىستېرلىق ئالغانلارمۇ يوق. دالاي لاما ئەتراپىدىكى لامالارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماي، نومنى تۇزۇك بىلمەيدىغان، خارۋاردتا دوكتورلۇقنى ئالغان لوبساڭ سانگاينى ئىز باسارى قىلدى.

ئۇچىنچى قۇرۇلۇش 

قەتئى نىيەتكە كېلىپ بىر بىناغا، بىر كوچىغا ۋە ئەڭ ياخشىسى بىر يېزىغا توپلۇشۇپ ئ‍ۇيغۇر ئاراللېرىنى يەنى ھەقىقى بىر ئۇيغۇر مەدەنىيەت ھاياتىنى بەرپا قىلىش. بىزنىڭ بالىلېرىمىز خەقنىڭ مەكتەپلېرىدە بىلىم ئېلىۋاتىدۇ ۋە ئەينى ۋاقتتا شۇلارغا يەم بولۇپ كېتىپ بارىدۇ. باشقا بىلىملەرنى مەكتەپتە ئوگەنسۇن ئەمما ئۇيغۇر تىلى ۋە مەدەنىيىتىنى بىزدىن ئوگەنسۇن. ئوي ئىچىدە قەتئى ئۇيغۇرچە سوزلۇشۇش كېرەك. تالاغا چىققاندا ئ‍وينايدىغان ئۇيغۇر بالىلېرى بولۇشى كېرەك. ئەگەر بۇ شەرتنى ئورۇندىيالمىساق بالىلېرىمىزنى يەپ كېتىپ بارغان بۇ مەكتەپ ۋە بۇ مەھەللىدىن يۇلۇنۇپ چىقىپ ئۇيغۇرلار بار يەرگە كوچۇشىمىز كېرەك. ئامېرىكىدىكى خىتاي بازار، ئىتالىيان بازار دىگەنلەر سودا-سېتىقنى مەركەز قىلغان. بىز تىل-مەدەنىيەتنى بىرىنچى مەقسەت قىلغان ئۇيغۇر بازارلېرىنى قۇرۇشىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۇچۇن ئوزىمىز كوچۇپلا قالماستىن تىجارەتلېرىمىزمۇ كوچۇشى كېرەك. بۇلارنىڭ  ھەممىسى  قۇربان بېرىش بەدىلىگە بولۇدىغان ئىشلار. ئەگەر بىز بىر ئايرىم شەھەر سىرتى ياكى يېزىغا ئۇيۇشساق ئالدى بىلەن ئاسىملاسيەدىن قۇتۇلۇپ قالىمىز. ئۇنىڭ نېرىسىدىكى مەكتىۋىمىزنىڭ مائ‍ارىپ سەۋىيەسىنى قانداق قىلىپ ئوستۇرۇش، ئىقتىسادىمىزنى قانداق قىلىپ ياخشىلاش ۋە جامائەت ھاياتىنى قانداق رەتكە سېلىشلار خەلقىمىزنىڭ قولىدىن كېلىدىغان ئىشلار.

توتىنچى قۇرۇلۇش 

مەسجىت  سېلىش. بۇ بىر  ساۋابلىق  ئىش. ئاخىرەتتە سورۇقى بار بۇ دۇنيادا ھەر كىم تىرىشىپ تاپقان پۇلىنى ئەلۋەتتە ئەڭ ساۋاپلىق بىر ئىشقا ئاتاشنى خالايدۇ. ئەگەر مىللەت مۇشۇنداق كىرزىس ئاستىدا ياتسا يانچۇقىدىكى پۇلىنى مەسجىتكە ئاتىۋەتسە شۇ ئادەم راس جەننەتكە كېرەرمۇ؟ جاۋابىنى بىر ئاللاھ بىلىدۇ. مۇشۇ ئوتتۇز يىل ئىچىدە ئۇيغۇرلار مىلليارد دوللار پۇلىنى مەسجىد سېلىشقا خەجلىۋەتتى. ئۇ بەلكىم ئىسلام كىرگەندىن بۇيانقى مىڭ يىلدىكىدىنمۇ جىق. كورۇپ تۇرۇپتىمىزكى ئۇيغۇر مەھەللىسى قۇرۇلماي تۇرۇپ ئېھتىياجى يوق يۇرتلارغا سالغان مەسجىتلېرىمىز يات دولەتكە قالدى ۋە قالىدۇ. چۇنكى مەسجىت پۇتۇپ ئۇزۇن ئوتمەي ياكى پۇتكىچە ئوزىمىز تۇگەپ كېتىپ بارىمىز. خىتاي تاقالدى. بىز قولىمىزدا بار پۇل بىلەن قالدۇق. بۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئاز ئەقىل ئىشلەتسەك بولىدۇ.

ئاسىملاسىيە

جۇھۇدلار ئون ئىككى مىلىيون بىزمۇ ئون ئىككى مىلىيون. ئۇلارنىڭ سانى سەمىرتىلگەن بىزنىڭ سانىمىز ئورۇقلىتىلغان. جۇھۇدلار ئەسلى مىڭ يىل بۇرۇن ئ‍اسىملاتسيە بولۇپ بىر قىسمى دىنى بىلەنلا ساقلىنىپ قالغان بىر ئۇمما ئىدى. شۇنداقتىمۇ دۇنيادىكى بارلىق نوبىل مۇكاپاتلېرىنىڭ يىگىرمە پىرسەنتىنى جۇھۇد قېنى بارلار ئالدى. جۇھۇدلارنى ئەقىللىق قىلغان كۇچ ئۇلارنىڭ ئىمانى ۋە سەكسەن دولەتتە تارتىپ كەتكەن ۋەتەنسىزلىكنىڭ خورلۇقلېرى. ئۇلار ئاخىرى بىز ھەر قانچە قابىلىيەتلىك، باي ۋە تىرىشچان بولساقمۇ ئوزىمىزنىڭ تىلى بولمىسا، دولىتى بولمىسا بولمايدىكەن دەپ چۇشەندى. ئىسرائىليە دولىتى ۋە يېۋرەي تىلىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى زىيالىلېرىنىڭ تەكلىۋى، مائارىپچىلېرىنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە دىنچىلېرىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. مىللەت ۋە تىللار يوقۇلۇپ مېڭىۋاتقان بۇ دۇنيادا جۇھۇدلارنىڭ ئوز تىلى ۋە دولىتىنى ئەسلىگە كەلتۇرۋالغانلىقى بىر مۇجىزە. جۇھۇدلارنىڭ كوچۇشى بىر تەسىرلىك رومان. ئەمما ھەممە جۇھۇد كوچكىنى يوق. ھازىر ئۇلار ئىككى بولۇك: يېرىمى ۋەتىنىم، تىلىم دەپ ئىسرائىليەگە كوچۇپ بېرىپ ئوت خەتەرنىڭ ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. ئۇلار يېۋرەيچە بىلىدۇ ياكى ئوگۇنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ بالىلېرى ھەقىقى جۇھۇد بولۇپ ياشاپ قالىدۇ. قالغان يېرىمى بولسا مال-ۋارانلېرىدىن كېچەلمەي باشقا دولەتلەردە ئاسىملاسيە بولۇپ ياشاۋاتىدۇ ۋە سوزلەشنى بىلمەيدۇ. ئەمما ئسرائىليە تىرىلگەندىن كېيىن بۇلارنىڭمۇ مىللەتچىلىكى كۇچلۇنۇپ كەتتى. ئوزلېرى بارمىسىمۇ پۇللېرىنى ئايىمىدى. جۇھۇدلارنىڭ ھىكايىسى ئولگەن دولەت ۋە تىلىنى قايتا تىرىلدۇرۇش بولغان بولسا بىزنىڭ تەقدىرىمىز ئ‍ولۇۋاتقان تىلىمىز ۋە مىللىيلىكىمىزنى ساقلاپ قېلىش. ئ‍ەگەر بىز تىلىمىز ۋە دولىتىمىزنى يوقۇتۇپ ھەتتا بىر قىسمىمىزنى ئۇرۇغلۇققىمۇ  ساقلاپ قالالمىساق قالاق تىللار، قالاق مىللەتلەر يوقۇلۇپ كېتىپ بارغان بۇ دۇنيادىكى نورمال ئ‍ېۋولۇتسيەدە شالىنىپ چىقىپ كەتكەن بىر سىقىم  ئوغۇتقا ئايلىنىپ قالىمىز. باشقىلار ئانچىۋېلا ھەيران قېلىپمۇ كەتمەيدۇ. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ۋەتەندىكى ئۇيغۇلارنىڭ ئاۋازى. خىتاينىڭ زۇلۇمى ئاستىدا ئۇيغۇرلار لاگىرلاردا ئولۇش ۋە يىڭى قۇللۇق تۇزۇمى ئاستىدا ياشاشقا مەجبۇر بولماقتا. مۇشۇ يىگىرمە يىل ئىچىدە چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار مىسىلسىز چوڭ ئىشلارنى قىلدۇق. لېكىن بۇ قۇللۇق ئۇزۇنغا داۋاملىشىدۇ. خەلق بىزنىڭ ياشاپ قېلىشىمىزغا تەشنا. بىزنىڭ كوز ئالدىمىزدىن كەچكەن سەكسەن يىللىق ئاسىملاسيە تارىخىمىز كەلگۇسى سەكسەن يىلىمىزغا ۋەكىللىك قىلسا ئويدىكى بالىلېرىمىز ۋە نەۋرىلېرىمىزنىڭ ئ‍اسىملاسيە ئەھۋالى بۇگۇنكى مىللىتىمىزنىڭ ئاسىملاسيە ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئەگەر يۇقۇرقىقدەك تەدبىرلەرنى قوللانماي بالىلېرىمىز 15-20 ياشلارغا كىرگەندە ھازىرقى ئۇيغۇر بالىلاردەك چالا تىللىق بولۇپ يۇرسە ھەقىقەتەن كەتكۇزۇپ قويۇپتۇق دىسەك بولىدۇ. ئەلىپبەنى ئوقۇغىنى بىلەن، زۇۋانىنى بىلدۇرەلىگىنى بىلەن ئۇيغۇرچىنى بىلدى دىگىلى بولمايدۇ. ئ‍ېغىز تىلى راۋانلىق ئولچىمى بويىچە كام دىگەندە ئۇچىنچى دەرىجىگە چىقسا ھىساپ. ئۇنىڭ ئۇچۇن ئۇلار ئۇيغۇر تىلىدا ئابستراكىت تېرمنىلار بىلەن سۇئال-جاۋاپ بېرەلەيدىغان بولۇشى كېرەك.

ئاسىملاتسيەدە ئەڭ ئالدى بىلەن ئۇيغۇردىن ئوزىنى تارتقانلارنىڭ بالىلېرى تۇگەۋاتىدۇ. بۇ شۇلارنىڭ جازاسى. چەتئەلدەك مۇشۇنداق بىر يات چول-جەزىرىدە تىلەپ تاپقىلى بولمايدىغان ئازغىنا ئۇيغۇردىن ئوزىنى تارتىش بىر ئېچىنىشلىق پاجىئە. ئۇلار مۇشۇ كۇنلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرسىز يىگانە ھاياتتىن خۇدايىم ساقلىسۇن. ئۇلارنىڭ مىللەتتىن ۋاز كېچىشنى تاللىشىدا مىللىي ئاڭ، خىتاينىڭ زۇلۇمى، يۇرتۋازلىق ۋە شەخسيەتچىلىك قاتارلىق سەۋەپلەر بار. ئۇلار دۇنياغا بىر قېتىم كېلىدىغان بۇ ھاياتتا شۇ يولنى تاللىدى، خەير. بىز ئۇلار ئولگەندە نامىزىنى چۇشۇرۇپ كومۇپ قويۇمىز ئەمما بالىلېرى قايتىپ كەلمەيدۇ. تۇپراق بېشىدا ئاننەم بابام دەپ يىغلاپ بولۇپ كېتىپ قالىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى ئىككىنچى بولۇپ زىيالېرىمىزنىڭ بالىلېرى يوقاۋاتىدۇ. ھەممىمىز بىلىپ تۇرۇپ بۇ نۇمۇسنى يوشۇرۋاتىمىز، ئاسىملاسيەنى قوبۇل قىلۋاتىمىز. ۋاشىڭتون، لوس ئانگېلېس، تورۇنتو، مونترېيال، ۋانكوۋېر، سىدنيى، ئ‍ادىلايد، مەلبورن، ئ‍ستانبۇل، ئەنقەرە، قەيسەرى، رىياد، مۇنخىن، بېرلىن، ئامستېردام، توكيو، پارىج، ستوكھولم قاتارلىق شەھەرلەردىكى 90- يىللاردا كەلگەن، يېشى ئاتمىشتىن ئاشقان ياكى نەۋرە كورگەن ئۇيغۇرلار ئۇيدىكى بالىلېرىمىز يابانچى بولۇپ كەتكەن راس ئەھۋالىمىزنى، ساۋاقلېرىمىزنى خەلققە دەيلى.

ئۇچىنچى بولۇپ پۇل تېپىپ ئوي ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بايلارنىڭ بالىلېرى تۇگۇشىدۇ. بىز ئ‍وي ئىزدىگەندە ئۇيغۇرلارنى  ئانچە ئويلاپ كەتمەيمىز، بەش-ئون ئويلۇك خوتەنلىك، غۇلجىلىق ياكى قەشقەرلىق بىللە ياشايلى دەپ ئارزۇ قىلمايمىز ياكى مەسلىھەتلەشمەيمىز. يېڭى ئوي  ئېلىپ كوچۇپ چىقىپ كەتكەننىڭ ئارقىسىدا بىر چوڭ ئاسىملاسيە كىزىسى ياتماقتا.

2019-يىلى ئاۋغۇست، ۋاشىڭگتون

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش