ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «3-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» 2019-يىلى 5-ۋە 6-ئۆكتەبىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » ۋەزىيەت ئانالىزى » مېدىيا خۇراپاتلىقى ۋە ئالامەتلىرى

مېدىيا خۇراپاتلىقى ۋە ئالامەتلىرى

مۇھەممەت ئابدۇمىجىت

قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشنى خۇراپاتلىققا بىرىلگەن تەبىرلەرنىىڭ خۇلاسىسى دىيىشكە بولىدۇ. گەرچە قارىغۇلارچە چوقۇنۇش ۋە قارىغۇلارچە ئۇلۇغلاش دىگەندەك بىرىكمىلەرمۇ خۇراپاتلىقنى ئەكىس ئەتتۈرسىمۇ دىننى نۇقتىدىن چوقۇنۇش ۋە ئۇلۇغلاش ياراتقۇچىغا خاس بولغاچقا مەن بىرىنجى خىل تەبىر بىلەن ئاتاشنى توغرا تاپتىم. كىچىك ۋاقتىمىدا كىشىلەر بىرەر پىششكەللىككە ياكى بالا-قازاغا يولۇقسا خۇراپىيلىقنى ھەركەتكە تىخمۇ دەلراقى ھادىسىگە ئايلاندۇرىدىغان داخان، باخشى، پىرىخۇنلارغا مۇراجىئەت قىلىپ ئۇلارنىڭ يالغان-ياۋىداقلىرىغا ئىشىنىپ، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىشىنىڭ سەۋەبىنى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى، دوست-بۇرادەرلىرى، قولۇم-قوشنىلىرىدىن كۆرىدىغان ئەھۋاللار ئغىىر ئىدى. بۇنىڭغا ئائىت گەپلەرىنى سەھرادا چوڭ بولغان بىر دىھقان بالىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئىتىز- قىرلاردا، بازار-ئۇچارلاردا ئاڭلاپ تۇراتتىم. ئەمما، خۇراپىيلىقنى تولۇق ئاڭقىرالمىغانلىقىمدىنمۇ ياكى مەن بىلەن ئالاقىسى يوق دەپ قارىغانلىقىمدىنمۇ ئەيتاۋۇر بەك ئىرەڭشىپ كەتمەيىتتىم. ئەقلىمگە كىلىپ ئانچە-مۇنچە كىتاپ ئوقۇيدىغان بولغىنىمدا خۇراپىيلىقنىڭ مەن كىچىك ۋاقتىمدا ئاڭلىغان، چۈشەنگەندەك تار دائىرىدە ساختا دىندارلارنىڭ سەپسەتىسى ۋە ئىشىنىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئۇيغۇر جەمىئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلانلىرىغا ۋىرۇسقا ئوخشغاش تارقالغانىدى. 90- يىللاردا تۇغۇلغان بالىلار ئىتېرنىت دەۋرى دەپ تەرىپلىنىدىغان رەقەملىك دۇنيانىڭ ئاتمۇسفىراسىدا چوڭ بولغاچقا بۇلار قارىغۇلارچە ئىشىنىدىغان، ئەگىشىدىغان ئىزىتقۇ، خۇراپاتلىقمۇ مۇشۇنىڭغا پارالىل ھالدا مەيدانغا چىقتى.
يازغۇچى ئابدۇلئەھەر ئابدۇشۈكۈر بەرقى 16يىل ئىلگىرى بۇ زامانىۋى خۇراپاتلىقلارنى تونۇپ يەتكەن ۋە پىكىر يۈرگۈزگەن بولۇپ، « كۆز ئىچىدىكى كۆز سۆز ئىچىدىكى سۆ» ناملىق ماقالىلەر توپلىمىدا زامانىۋى خۇراپاتلىق ۋە ئۇنىڭ ئالامەتلىرى ماۋزۇلۇق بىر ماقالىسىگە ئورۇن بەرگەن. ئاپتۇر ماقالىسىدە كىتاپ خۇراپاتلىقى، مائارىپ-بىلىم خۇراپاتلىقى، تەرققىيات خۇراپاتلىقى، تىلىۋۇزۇر ۋە مەتبۇئات خۇراپاتلىقى چەتئەل خۇراپاتلىقى، نوپۇز خۇراپاتلىقى، ھوقۇق خۇراپاتلىقى قاتارلىق كاتىگۇرىيەلەر بىلەن خۇراپاتلىنىڭ زامانىۋى ئالامەتلىرى ۋە ئەكىس تەسىرلىرىنى خىلى تىرەن تەھلىل قىلغان. بۇىىڭدىن 16 يىل ئىلگىرى يىزىلغان بۇ ماقالىدە مەن قەلەمگە ئالماقچى بولغان مېدىيا خۇراپاتلىقى ھەققىدىمۇ قىسمەن تەھلىلەر نىسىۋىسىنى ئالغان بولسىمۇ، نۆۋەتتىكى خەۋەرلىشىش تىخنىكىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىىرىشى ۋە بىزنىڭ بۇ تىخىنىكىلارنى ئىستىمال قىلىشتىكى نۇقسانلىرىمىز مىنى بۇ تىمىغا دەۋەت قىلدى. مەن بۇ يازمىدا مېدىيا ۋە خۇراپاتلىق ھەققىدە قىسقىچە توختالغاندىن كىين پىراتىك مىساللار ئارقىلىق مېدىيا ئسىتىمالىمىزدكى خۇراپاتلىق ۋە ئۇنىڭ زىينى ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىمنى ئوتتۇرغا قويۇشقا تىرىشىمەن.
مېدىيا
مېدىيا سۆزىنىڭ يلتىزى لاتىنچە medium بولۇپ ئىنگىلزتىلى ئىستىمالىداmedia دەپ قوللىنىغان. ھازىر تۈركچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن تىللاردا مېدىيا دەپ تەلەپپۇز قىلىنىماقتا ۋە ئىشتىلىتلمەكتە. ئۇيغۇرتىلىمۇ بۇ تىل ئىستىمال ئىقىنىدا ئىقىۋاتىدۇ دىسەك خاتالاشقان بولمايمىز. سۆز مەنىسى ئوتتۇردىكى نەرسە، مۇھىت، ۋاستە، سايمان، ئۈسكۈنە دىگەندەك بىرقانچە خىل مەنىلەرنى ئىپادىلەيدۇ. مېدىيا نۇقۇل ۋاستە ياكى نۇقۇل ئۈسكۈنىنى كۆرسەتمەستىن بۇ ئىككىسى مەۋجۇت بولغان مۇھىىت ۋە مەزمۇنلارغىمۇ ئىشارەت قىلىدۇ. تۈرك تىلى كومىتىتىنىڭ تور بىتىدە مېدىياغا ئاخبارات مۇھىتى ۋە ۋاستىسى دەپ ئىنقىلىما بىرىلگەن.
مېدىيا ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇرتىل ئىستىمالىغا قاچاندىن تارتىپ كىرگەنلىكى نامەلۇم. ئەمما مېدىيا ئاتالغۇسىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىستىمالىغا كىرىشى ئۇيغۇر تىلىنىڭ سۆز بايلىقىنى ئاشۇرۇش بىلەن بىللە تىخىمۇ يىغىنچاقلاش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى. مېدىيا ئۇيغۇرچىغا دەسلەپ تاراتقۇ دەپ تەرجىمە قىلىنغان. بۇ جايىدا قىىلىنغان بىر تەرجىمە بولۇپ ياڭراتقۇ، توڭلاتقۇ، ئىسىتقۇ دىگەندەك ئۈسكۈنە ۋە ئۇ مۇھىتنى ئىزاھلاپ بىرەتتى. ئەمما خەۋەرلىشىش ساھەسىكى توختاۋىسىز تەرەققىياتلار ۋە پەن- تىخنىكىنىڭ يەرشارىلىشىش قەدىمى مېدىيا دىگەن بۇ ئاتالغۇنى بىزنىڭ تىلىمىزغىمۇ شۇ پىتى سوقۇۋەتكەن بولسا كىرەك. بۇيەردە قوشۇمچە قىلىپ شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كىرەككى، تاراتقۇ ياكى تاراتقۇلار ھەرگىزمۇ تاراتقۇ ۋاستىلىرى دەپ ئىشلىتىلمەسلىكى كىرەك. چۈنكى تاراتقۇ دىگەن سۆزدىكى «قۇ» قوشۇمچىسى ۋاستە دىگەن مەنىنى ئىپادىلەش ۋەزىپىسىنى ئورۇندايدۇ. ھازىر مېدىيانى ئىپادىلەيدىغان تاراتقۇ، ئاخبارات ۋاستىلىرى، تارقىتىش ۋاستىلىرى، ئاممىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرى، ئاممىۋى ئۇچۇر ئالاقە ۋاستىلرى دگەندەك بىرقانچە خىل سۆز بايلىقىمىز بار بولدى. مەن بۇيازمىدا يۇقارقى ئاتالغۇلارنى ماسلىششىچانلىقىغا قاراپ ئىشلىتىمەن.
مېدىيانىڭ تۈرلىرى
مېدىيا ئومۇمى جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مېدىيا ۋە يىڭى مېدىيا دەپ ئىككىگە بۆلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋە مېدىيا- ئاممىۋى ئاخبارات ۋاستىلىرى، كىلاسسىك تاراتقۇلار دەپمۇ ئاتىلىپ كىلىۋاتقان گېزىت، ژۇنال، رادىئۇ، تىلىۋۇزۇر ۋە سەھنە ئەسەرلىرىنىڭ ئومۇمى نامىنى كۆرسىتىدۇ. تارقىتىش شەكلى مەركەزچىلىكنى ئاساس قىلغان ھۆكۈمەتچى ياكى مەبلەغنى ئاساس قىلغان مەنپەئەتچى خاراكتىرى بىلەن نامايەن بولىدۇ. كۆپىنچە يۇقارقى ئىككى كۈچنىڭ كونتىرۇللۇقى، مونۇپۇللىقى ۋە نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ئەنئەنىۋى مېدىيا كۈچلۈك مەقسەتچانلىققا ئىگە بولۇپ بۇنىڭ ئوخشاش دەرىجىدە ئىجابى ۋە سەلبى تەرەپلىرى بار.
يىڭى مېدىيا- 1990- يىىدلدىن كىيىن ئاۋام خەلىقنىڭ ئىشلىتىشىكە ئىچىۋىتىلگەن ئالاقە تورى(ئىنتېرنېت) ۋە شۇنىڭغا تايىنىپ مۇلازىمەن قىلىۋاتقان بارلىق ئېنتېرنېت ئۇللۇق تارقىتىش ۋاستىلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ھەرخىل تور بىكەتلىرى، مۇنبەرلەر، پاراڭ قۇراللىرى، ئىجتىمائى تاراتقۇلار يىڭى مېدىيانىڭ بىرەر پارچىسىدۇر. يىڭى مېدىيانىڭ تارقىتىش شەكلى مەركەزسىز بولۇپ ئەنئەنىۋى مىدياغا قارىغاندا ئەركىن ۋە دىمۇكراتىك. تارقىتىدىغان مەزمۇنلار تورداشلار تەرىپىدىن ھەم ئىستيىمال قىلىنىدۇ، ھەم ئىشلەپچىقىرىلىدۇ، ھەم تەكرار ھەمبەھىرلىنىدۇ. يىڭى مېىدىيا ئەنئەنىۋى مېدىيانىڭ ئەكىسچە تەك يۆنىلىشلىك تارقىتىش شەكلىگە خاتىمە بەرگەن يىڭى ئالاقە ۋاستىسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. كۆپسانلىق كىشلەرگە مەلۇم بولغان فىيىس بۇك، ئىنىستگرام، تىۋىتتېر، ئۈندىدار قاتارلىقلار ئاممىباپلىشىپ كەتكەن يىڭى مېدىيا ياكى ئىجتىمائى تاراتقۇلار بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
ئەنئەنىۋى مدىيا ۋە يىڭى مېدىيانىڭ پەرقى
بۇ ئىككى مېدىيانىڭ پەرقىنى تىخىنىكىلىق پەرق، تارقىتىش شەكلىدىكى پەرىق، مەزمۇن، سىياسى، ئىجتىمائى تەسىرى كۈچىدىكى پەرىق قاتارلىق نۇقتىلاردىن سىلىشتۇرۇش مۇمكىن. تىخنىكىلىق جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مېدىيا كۆپ مىقداردا مالىيەت تەلەپ قىلىدىغان، قۇرۇلمىلىرىنىڭ ھەجىمى چوڭ ۋە ئەپسىز بولغان، قانال كونتىرۇلى ئاخباراتچىلارغا ئائىت بولغان، مەزمۇن مەقسەتچانلىق تۈسىگە ئىگە، كەسپى خادىملار كادرۇسىدىن شەكىللەنگەن بىر تارقىتىش مۇئەسسەسى ۋە مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ. يىڭى مېدىيا بۇنىڭ دەل ئەكىسچە تەننەرخى ئەرزان، تۈرلىرى ھەرخىل، كىچىك، قوللىنىلىنىشى قولاي، قانال كونتىرۇلى ئىستىمالچىلارغا ئائىت بولغان، مەزمۇن ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىش بىرلا ۋاقىتتا تورداشلار تەرىپىدىن ئىجرا قىلىنىدىغان، كەسپىيلىك تەلەپ قىمايدىغان، مەركەزسىز بىر ئالاقە ۋاستسىى ۋە مۇھىتىنى كۆرسىتىدۇ. تارقىتىش شەكلى جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مېدىيا ۋاستىلىق تارقىتىش جەريانىنى ئاساس قىلىدۇ( ئاۋۋال پىرۇگىرامما تەييارلاپ، كىتاپ، ژۇرنال تەھىرىرلەپ، خەۋەر يىزىپ….)، يىڭى مېدىيا بىۋاستە تارقىتىشىنى، نەخمەيدان تارقىتىشىنى ئاساس قىلىدۇ. ئەنئەنىۋى مېدىيا بىۋاستە تارقىتىشقا ئىھتىياجلىق بولغاندا يىڭى مېدىيادىن ياردەم سورايدۇ. ھازىرقى بىۋاستە تارقىتىش ماشىنىلىرى بۇنىڭ مىسالى. مەزمۇن جەھەتتىن ئەنئەنىۋى مېدىيا مۇئەييەن بىر كۈچ مەركىزىنىڭ خىزمەتچسى بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. شۇڭلاشقا كۈچ مەركىزىنىڭ مەقسەت مۇددىئاسى مېدىيا مەزمۇنى ۋە تارقىتىش شەكلىنى بەلگىلەيدۇ. تەرەپسىز خەۋەرچىلىك مېدىيا نەزەرىيەسىدە ئەڭ كۆپ تەكىتلىنىدىغان پىرىنسىپ بولسىمۇ ھىچ بىر زامان تەتبىقلىنىپ باقمىغانلىقىنى ماتىرياللار ۋە رىئاللىق بىزگە ھىس قىلدۇرىۋاتىدۇ. چۈنكى مېدىيانىڭ خىزمەت جەريانى ئادەملەر تەرىپىدىن تاماملىنىدۇ. ئادەملەر تەرەپسىزمۇ؟ بۇ سوئال سوئالغا جاۋاپ بولالايدۇ، مەنچە. يىڭى مېدىيا بۇنىڭ دەل ئەكىسچە مەزمۇن تەييارلاش ۋە تارقىتىشتا كۆپ ئەركىن ۋە دىمۇكراتىك. ھەربىر ئەقلىيفۇن ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش تىكنوكىراتلارغا ئىگە بولغان بىر كىشى ھىچ قىينالماستىن ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇ ھىساپلىرىدا خالىغان تىمىدا، خالىغان مەزمۇننى يازالايدۇ، تەييارلىيالايدۇ، تارقىتالايدۇ، باشىقىلارنىڭ يوللانمىلىرىغا باھا، ئىنكاس، تەنقىتلىرىنى ئىپادە قىلالالايدۇ. ئەنئەنىۋى مېدىيا ۋە يىڭى مېدىيانىڭ سىياسى ۋە ئىجتىمائى تەسىر كۈچى نۇرغۇن ئىجتىمائى پەن مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئاخباراتجىلار مۇلاھىزە قىلىۋاتقان تىما بولۇپ، پەرىقلىق كۆز قاراشلار، كىشىنى پەرىقلىق ئويغا كەلتۈرىدۇ. مەن ئوقۇغان ماتىرىياللار ۋە كۆزىتىش جەريانىدىكى كەلگەن قانائىتىمگە ئاساسەن ئەنئەنىۋى مېدىيا كۈچ مەركەزلىرىنىڭ(دۆلەت، ھۆكۈمەت، تەشكىلات، پايچىك) ياڭراتقۇسى، يىڭى مېدىيا ياكى ئىجتىمائى تاراتقۇلار ئاۋام خەلىقنىڭ مىكرۇفۇنى دىگەن خۇلاسىگە كەلدىم. ئەلۋەتتە، ھەرئىككىلى تەرەپ ئىككىلى خىل مېدىياغا نىسبەتەن ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ كەسكىن بىر شەكىلدە بىرسىنى بىرسىگە نۇقۇل خاسلاشتۇرغىلى بولمايدۇ. مەسىلەن، سىياسى ئاكتىيۇرلار ئەنئەنىۋى مېدىيانى قانۇن ۋە ئىقتىسادنىڭ كۆلەڭگىىسى ئارقىلىق بەلگىلىك دەرىجىدە كونتىرۇل ئاسىتىغا ئالالايدۇ. سىياسى ئاكتىيۇرلار ئەنئەنىۋى مېديانى جامائەت پىكرى يارىتىش، جامائەت پىكرىگە يىتەكچىلىك قىلىش، مەلۇم بىر قارارغا يۈزلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاستە قىلىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇقىملىق، خەۋىپسىزلىك، باراۋاەرلىك ياراتماقچى بولىدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا خەلىق مەنپەئەتى ۋە ئۈمىدلىرىنىڭ ھەممىسىنى قانائەتلەندۈرۈپ بولالمايدۇ. سىياسى ساھە بۇ ھالەتكە ئاممىنىڭ بىخۇد قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ۋە مۇشۇ مۇددىئادا مېدىيانىڭ رولىغا ئىسلىدۇ. ئەمما، ئاخبارات ئەركىنلىكى ۋە ئاخباراتنىڭ ئەلچىل ۋەزىپىلىرى ئاخباراتچىلارنى سىياسى ئاكتىيۇرلارنىڭ بويۇنتۇرقىدىن چىقىپ كىتىشكە ئۈندەيدۇ. بۇ چاغدا ئاخباراتچىلار مېدىيانى ئامما مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرىدۇ. بۇ جەرياندا سىياسى ئاكتىيۇرلارنىڭ يىتەرسىزلىكلىرى كەڭ كۆرۈرمەن، تىڭشارمەن ئاممىغا سۇنۇلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدە ئامما ئارىسىدا سىياسى كۈچكە قارشى جامائەت پىكرى شەكىللىنىدۇ. سىياسى ئاكتىيۇرلار بۇ پاسسىپ ۋەزىيەتتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مېدىيانى سانسۆزلەيدۇ( قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالىدۇ). بۇ چاغدا كەڭ ئامما پاسسىپ چارىسز ھالغا چۈشۈپ قالىدۇ. كۈنىمزدىن 20 يىل كەينىمىزگە بۇرۇلۇپ قاراپ باقساق يۇقارقى نەزەرىيەلەرنىڭ كۆلەگىسىنى ئۇچرىتالايمىز. ئاممىنىڭ سىياسى كۈچلەرنىڭ يولسۇزلۇقى، تەڭسىزلىكىگە قارشى چارىسز قىلىشغا خىزىردەك يىتىشكەن يىڭى تاراتقۇلار سىياسى ساھەنى تەۋرىتپ تاشلىدى. ئوتتۇرا شەرىقتە مەيدانغا كەلگەن ئەرەپ باھارى ئىنقىلابى، ئامرىكىدىكى ۋال كپچىسى ئىسيانلىرى، خوڭكوڭدىكى مەركەزنى ئىشغال قىلىش، خىتايغا قايتۇرۇش قانۇنىغا رەت نامايىشلىرى يىڭى تاراتقۇلار ۋە ئۇنىڭ ئاۋانگارىت جەڭچىلىرى بولغان ئىجتىمائى تاراتقۇلارنىڭ سىياسى كۈچىنىڭ مەھسۇلىدۇر.
خۇراپاتلىق
تىمىنىڭ بىشىدىلا دەپ ئۆتكىنىمدەك خۇراپاتلىق قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇيەردىكى قارغۇلارچە ئىشىنىش يىڭىدىن بارلىققا كەلگەن شەيئى ۋە ھادىسلەرنىڭ مەنبەسى، چىنلىقىنى سۈرۈشتۈرمەستىنلا قوبۇل قىلىۋىلىشىنى كۆرسەتسە، قارىغۇلارچە ئەگىشىش يىڭىدىن پەيدا بولغان پىكىر، ئىقىم ۋە شەكىلنى پايدا- زىيىننى ئويلاشماستىن تەقلىد قىلىشىنى دوراشنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ ئاساسەن قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ سەۋەبلىرىنى بىرقانچە تۈرگە ئايرىپ چىقىش مۇمكىن.
نەزەر دائىرىىسنىڭ تارلىقى
تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ ئىيىتقاندا نادانلىق ۋە جاھىللىقتىن مەنبەلەنگەن بۇ قارىغۇلارچە ئەگىشىش شەكلى يىرىم چىلەك سۇ بەك تاراڭشىيدۇ دىگەن تەمسىلنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. ماقال تەمسىللەر بىر مىللەتنىڭ سەزگۈرەشتىسى، ياشاش مۇھىتى، ئاممىۋى پىسخىكىسى، بىلم سەۋىيەسى، ئىجتىمائى مۇھىتى، ئۇنۋىرسال ساپاسى ۋە مىجەز- خۇلىقلىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ دانا ئەجداتلىرىمىز نادانلىق ۋە جاھىللىقنى ئەنە شۇ قىسقا ئىبارە بىلەن خۇلاسلىگەن. نەزەر دائىرىسىنىڭ تارلىقىدىن كىلىپ چىقىدىغان بۇ قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە ئەگىشىش خاھىشى كىشلەرنى تىخمۇ بەك نادانلىق پاتقىقىغا ئىتتىرىدۇ. قارىغۇلارچە ئىشىنىش مەلۇم خەۋەر، يىڭىلىق ۋە ھادىسىگە نىسبەتەن ئىنىق ۋە توغرا مەلۇماتى بولمىسىمۇ بىريەرلەردە يىرىم ياتا ئاڭلىغان، كۆرگەنلىرىگە شۈبىھسىز ئىشىنىش بىلەن باشلىنىدۇ. پاشانى پىل، تۈگىمىنى تۆگە، شەبنەمنى كەلكۈن قىلىش بىلەن كۆلەملەىشتۈرۈپ ئۆزى ۋە ئۆزگىنى گۇڭگا، تىگى يوق قىزىقىش ۋە تەشۋىشكە يۈزلەندۈرۈپ، يوق يەردىن كۈنتەرتىپ يارىتىش بىلەن زاھىر بولىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى خۇراپى ياكى نادان قارىغۇلارچە ئىشەنگۈچىنىىڭ يىڭىلىقلارغا بولغان قىزىقىىشى، تونۇلۇش ھىرسى، باشقىلارنى ۋاقىپلاندۇرۇش ئىشتىياقىدىن تۇغۇلغان سەلبى پىسخىكىلىق ئىنكاسى دەپ قاراشقا بولىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن دۇچ كەلگەن مەسىلىگە توغرا ۋە ئىجابى پوزىتىسيەدە بولالماسلىقمۇ بۇ نادانلىقنى تىخىمۇ تىرەنلەشتۈرىۋەتكەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارغا ئەڭ تونۇشلۇق خۇراپاتلىق داخان، باخشى، پىرىخۇنلارغا چۈشىنىكسىز نەرسىلەرنى ئوقۇتۇش ئارقىلىق دۇچ كەلگەن پىشكەللىك ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا چارە ئىزدەش جەريانى بولۇشى مۇمكىن. داخان، باخشى، پىرىخۇنلار ئوقۇۋاتقان ۋۇڭڭڭڭڭڭڭ….ۋۇڭلۇق كالپۇك مىدىرلاشلارنىڭ ماھىيىتىنى قىلچىمۇ چۈشەنمەيدىغان نادان ، پىرىخۇنلارنىڭ ئوقۇغان ئاتالمىش ئەپسۇنلىرىنىڭ بىشىغا كەلگەن مۇسىبەتلىرىنى دەفى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. تۆمۈر كەتمەنگە، قىززىق چۇچۇلۇغا دەسسىسىمۇ پۇت كۆيمەيدۇ دىسە ھىچ شۈبھى قىلماستىن دەسسەيدۇ. بۇلارنى قىسقىچە نادانلىقتىن كىلىپ چىققان دەپ تۇرايلى. مېدىيانىڭ سەلبى تەرەپلىرىنى ئۇستا بىر داخانغا ئوخشىتىقا بولىدۇ. كۆرۈمەن بولسا ئۇنىڭغا ئىشەنگۈچى.
مۇستەقىل پىكىر قىلالماسلىق
بۇمۇ ئىلىمىسزلىككە بىرىپ تاقىلىدىغان سەۋەبلەردىن بىرىدۇر. ئەمما، نۇقۇل ئىلىمگە باغلاپ قويۇشقىمۇ بولمايدۇ. چۈنكى ئەقىل ۋە تەپەككۇر نۇقۇل بىلىمگىلا تايانماستىن، تەجىرىبە- ساۋاقلاردىنمۇ ئۇزۇقلىنىدۇ. كۆزىتىش ۋە سىلىشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ بەزى نەرسىلەرگە ئەقلى باھا بەرگىلى بولىدۇ. مۇستەقىل پىكىر قىلالماسلىق قارىغۇلارچە ئىشىنىشنىڭ ئانا مەنبەسى دسەكمۇ خاتالاشقان بولمايمىز. چۈنكى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىدىن مەھرۇم كىشى ھەربىر ئىشىتا باشقىلارنىڭ ئىغىزىغا قارايدۇ. ئۆزى ئەگىشىۋالغان، ھۆرمەتكە سازاۋەر قىلىۋاغان شەخىسنىڭ ئىغىزىدىن نىمە چىقسا شۇنى توغرا دەپ قانائەت قىلىدۇ. پەيغەمبەردىن باشقىلارنىڭ خاتالشىپ تۇرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە كۆزى كور كىلىدۇ. پالانى موللام مۇنداق دىگەن، پۇستانى تىۋىپ مۇندا دىگەن، پالانچى بايمۇ شۇنداق قىلىدىكەن…. دىگەندەك تۇرمۇشقا، جەمىئىيەتكە باشقىلارنىڭ ئەقلى بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ قارىغۇلارچە ئىشىنىش يامانلىق ۋە يارالىق ئىشلارغىمۇ قارىغۇلارچە، ئاڭسىزلارچە ئەگىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مېدىيا مەشھۇرلىرى بۇ جەھەتتىن ئەگەشتۈرۈش سىھرى كۈچىگە باي شەخسىلەر بولۇپ ھىساپلىنىدۇ.
نىمە دىيلىۋاتىدۇ، كىم دەۋاتىدۇ؟ مەقسەتچۇ؟
خۇراپاتلىقنى قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىش دەپ چىگرىلىۋالدۇق. ئەمما، قارىغۇلارچە مەپتۇن بولۇش، قارىغۇلارچە دوراش، ئۈستۈن كۆرۈش قاتارلىقلارنى تۈرلىمىدۇق.
ئىجتىمائى مۇناسىۋەتنى ماتىريالىسىتلارنىڭ كۆز قارىشى بويىچە مەقسەتچانلىققا ئىگە رىئاكسىيەلىشىش جەريانى دىسەك، قارىغۇلارچە ئىشنىش رىئاكسىيەلەنگەن پاسسىپ تەرەپ بولۇپ قالىدۇ. قارىغۇلارچە مەپتۇن بولۇش بولسا بۇ خىل رىئاكسىيەلىىشش جەريانىدا ئىرىش سۈرئىتىگە كاتالىزاتۇرلۇق قىلىدىغان مەرگەن سوپقا ئوخشايدۇ. مەپتۇن بولغۇچى تەرەپ پىسخىكىسى ئاجىز ۋە روھى تەسلىم بولغانلار بولۇپ مەپتۇن قىلىنغۇچى تەرىپىدىن ئاپتۇماتىك بىر شەكىلدە ئىرىتىۋىتىلىدۇ، يەنى ئەگەشتۈرلىدۇ. مەپتۇن بولغۇچى مەپتۇن قىلغۇچىنى ئاڭسىز بىر شەكىلدە قارغۇلارچە دوراشقا باشلايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدا ئۆزىنى ئىرىتۋەتكەن ئۈستۈنلۈكنىڭ سىمالىرى كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. ئەلۋەتتە، سەنئەتچى، يازغۇچى، تەنھەركەتچى، ئارتىس قاتارلىق جەمىئىيەتكە ئىجابى ئىنىرگىيە تارقىتىۋاتقانلارنى ياخشى كۆرۈش، ئۇلارنىڭ ئىجابى تەرەپلىرىنى تۇرمۇشىغا سىڭدۈرۈش ياخشى ئىش. ئەمما، ئاچقۇچلۇق مەسىلە مىغىزىنى ئىلىپ شاكىلىنى تاشلىيالامدۇق يوق؟ بىز ياخشى كۆرگەن، مەپتۇن بولغان كىشى نىمە دەۋاتىدۇ، نىمە قىلىۋاتىدۇ؟ ئۇ كىشى كىمگە تەۋە، كىمنىڭ قىممەت قارىشىنى يىيىۋاتىدۇ؟ مەقسەتچۇ؟ بۇلارنى ئاڭقىرالمىغان چىغىمىزدا بىز قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ يەنى خۇراپاتلىقنىڭ پىشۋاسىغا ئايلىنىپ قىلىشىمىز مۇمكىن.
مېدىيا خۇراپاتلىقى ۋە ئالامەتلىرى
يۇقاردا مېدىيا ۋە خۇراپاتلىق ھەققىدە ئويلىغانلىرىمنى ئوتتۇرغا قويدۇم. ئەلۋەتتە، يۇقارقىلار مىنىڭ شەخسى كۆز قارشىمغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىجتىمائى ھادىسىلەرنى تەھلىل قىلىشىنىڭ خىلمۇخىل ئۇسۇلى ۋە نۇقتىئەزەرى بولغاچقا نۇقسان ۋە كەمچىلىكلەرنىڭ ئەگىپ يۈرىشى تەبىئى. تۆۋەندە يازمىنىڭ ئەسلى مەقسىدى بولغان مېدىيا خۇراپاتلىقى ۋە ئالامەتلىرى ھەققىدە توخىتىلىپ ئۆتمەكچىمەن.
مەن مېدىيا خۇراپاتلىقىنى- مېدىيادا تارقالغان مەزمۇنلارغا قارغۇلارچە ئىشىنىىش ۋە مىنىڭسەشنىڭ ئەكىس ئىتىشى، ھادىسەگە ئايلىنىشى ۋە ئاقىۋىتىنىڭ ئومۇمى جەريانى دەپ ئاتىۋالدىم. مېدىيا قىسمىدا مېدىيا ھەققىدە توختالغىنىمدا مېدىيانىڭ كۈچلۈك مەقسەتچانلىققا ئىگە تارقىتىش مۇھىتى ۋە ۋاستىسى ئىكەنلىگىنى قەيىت قىلىپ ئۆتكەنىدىم. بىز كۆز بىلەن كۆرىۋاتقان تىلىۋۇزۇر، رادىئۇ، گېزىت، ژۇرنال ۋە شۇنىڭدەك مېدىيا تەركىپلىرىدىكى پىرۇگىراممىلار بىزنىڭ كۆرۈشىمىز، ئاڭلىشىمىز، ھىس قىلىشىمىز، ئوقۇشىمىز ئۈچۈن سۇنۇلغان مەزمۇنلاردۇر ياكى پەردە ئارقىسىىكى غەرەز ئىگىلىرى بىزنىڭ كۆرۈشىمزىنى مۇۋاپىق دەپ قارىغان قىسىملىرىدۇر. ئىنىقكى يۇقارقى تەركىپلەرنى باشقۇرىۋاتقان، كونتىرۇل قىلىۋاتقان، فىلتىرلەۋاتقانلار(تاسقاپ- سۈزۈۋاتقان) پىششىقلاپ ئىشلىگەندىن كىيىن بىزنىڭ ئىستىمال قىلىشمىز مۇۋاپىق دەپ قارالغان مەزمۇنلار بىزگە يىتىپ كەلدى، بەزى مەزمۇنلارنى ئىستىمال قىلىشقا ئىستىمالچى بولغان بىز(كۆرۈرمەن، تىڭشارمەن، ئوقۇرمەن) مەجبۇر بوپ قالدۇق. تىلىۋۇزۇنى ىىر دەرىزىگە ئوخشاتساق بىزگە پەقەت دەرىزىگە توغرىلانغان مەنزىرلەر كۆرسىتىلدى. بىرقانچە دەرەرىزىسى بار بىر ئۆينى پەرەز قىلايلى، ھويلىنىڭ ئاچقۇچى يەنىلا خوجايىندا…
قىممەت قاراشلىرىمىزنىڭ چۈرۈشى
دۇنيا مېدىيادىن ئايرىلالماس بىر ۋەزىيەتكە كىلىپ قالدى. دىمۇكراتىك دۆلەتلەردە مېدىيا تۆتىنچى كۈچ دەپ قارالدى. ھەتتا ئامرىكادا مېدىيانى ئىككىنچى ھۆكۈمەت دەپ قارايدىغان تەھلىلچىلەرنىڭ بارلىقىمۇ مەلۇم. سىياسى ئاكتىيۇرلار ياكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى مېدىيانىڭ يۇقارقى ئالاھىلىكىنى تونۇپ يەتتى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر سىياسى غەرەزلەرنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ قالغان مېدىيا ئوۋچىلىرىنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتتى. مېدىيادا تارقىتىلىدىغان غەرەزلىك تەييارلانغان مەزمۇنلار، خەۋەرلەر، پىرۇگىراممىلار، كىنۇ- تىياتىرلار كىشلەرنىڭ ھىس- تۇيغۇسىنى، پىكرىنى، تەپەككۇر ئەندىزىسىنى يىتەكلىدى، قامال قىلىۋالدى. مېدىيانىڭ ئەسلى ۋەزىپىسى خەۋەر تارقىتىش، ئىلمى ساھەدە يىتەكلەش، مەنىۋى زوق ئاتا قىلىش ئىدى. مېدىيا مۇشۇ ۋەزىپىلەرى دائىرىىسدە ئىگە بولغان ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ ئاممىنى يىڭىلىقلاردىن ۋاقىپلاندۇرىشى، مائارىپ، سەھىيە، تىجارەت، سىياسەت، جەمىئىيەتكە ئالاقىدار ئىجابى بىلىملەر بىلەن ئاممىنىڭ ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەسسە قوشۇشى، ئەدەبىيات- سەنئەت، تەنتەربىيە، كىنۇ- تىياتىر ۋە ھەرخىل كۆڭۈل ئىچىش تىپىدىكى پىرۇگىراممىلىرى ئارقىلىق ئاممىغا مەنىۋى زوق ئاتا قىلىشى كىرەك ئىدى. بۇنداق بولغاندا بىز مېدىيا خۇراپاتلىقى دەپ يىڭى بىر ئۇقۇم ئىجاد قىلىپ تەھلىل قىپ يۈرمەيىتتۇق. ھالبۇكى، مېدىيانىڭ ۋەزىپىلىرى پەقەت تەتقىقاتچىلارنىڭ ماقالىلىرىدە، ئوبزورچىلارنىڭ پايدىلىنىش مەنبەلىرىدە ئۇچرايدىغان بولدى. مېدىيا خەۋەرلەندۈرۈشنىڭ ئورنىغا تەشۋىقات قىلىشقا باشلىدى، سىياسى بىسىم ياكى ئىقتىسادى بۆھران تۈپەيلى كۈچ ئاكتىيۇرلىرىنىڭ زۇۋانىغا ئايلىنىپ قالدى. ئاممىنى ئىلمى يۇسۇندا تەربىيلەشنىڭ ئورنىغا ئۆز مەنپەتئى ئۈچۈن« بىز ۋە باشقىلار» ئۇقۇمنى جانلاندۇرۇپ قۇتۇپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. كۈچ ئاكتىيۇرلىرى ئەگەشكۈچى توپلاش مەقسىتىدە بارلىق ئىلمى پىرۇگىراممىلىرىغا سىياسى غەرەز ئارلاشتۇرۇشقا باشلىدى. خەلىقنىڭ ئەڭ ئەقەللى ھوقۇقى بولغان مېديىا ئارقىلىق مەنىۋى زوق ئىلىش ئىستەكلىرىمۇ سىياسى كۈچ ئاكتىيۇرلىرى ياكى نەپسىبالا كاپىتاللار تەرىپىدىن قامال قىلىنىدى. كىنۇ ۋە تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرى ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن پىلانلانغان ئىدۇلۇگىيە تەشۋىقات قۇرالغا ئايلاندۇرۇلدى. ئىلان شىركەتلىرىنىڭ ياغاچ چۆگۈننى سىرىق رەڭدە سىرلاپ ئالتۇن كۆرسىتىدىغان ئىلانخانىسىغا ئايلىنىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئىستىمالچى بولغان بىزلەر قىممەت قارشىمىزغا يات بولسىمۇ سىياسى كۈچلەر ۋە پاتىيەلەرنىڭ ئىدىيەسىنى كۈلۈپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدۇق. ھەتتا، ئاڭسىز بىر شەكىلدە تەشىۋىقات قىلىشىپ بەردۇق. بىزنىڭ تىلىۋۇزۇ، رادىئۇلاردىن مەنىۋى زوق ئالىدىغان ۋاقىتلىرىمىز كاپىتاللارنىڭ ئۇستىلىق بىلەن مال ساتىدىغان بازار ئچىىش ۋاقتىغا توغرىلاندى. بىز ئەقلىمىزنى، ھىسياتىمىزنى، تەپەككۇر ئەندىزىمىزنى بىلىپ- بىلمەي غەرەز ئىگىلىرىگە قوش قوللاپ تۇتتۇق. قارىغۇلارچە قىلغانلىرىمىزدىن سۆيۈندۇق.
مەسىلەن، خىتايغا ئوخشاش ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلەشكەن، مېدىيا ساھەسى پۈتۈنلەي كومپارتىيەنىڭ كونتىرۇللىقىدا ۋە كومپاتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە خىزمەت قىلىدىغان دۆلەتتە مېدىيا كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىشى مۇمكىن؟ مېدىيادىكى مەزمۇنلار نىمە مەقسەتتە بىرىلىشى مۇمكىن؟ خىتايغا ئوخشاش دىكتاتۇرتۈزۈلمىدىكى دۆلەتتە خەلىق ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن يىتەكلىنىدۇ. مېدىيا بۇ جەرياندا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينايدۇ. خىتاي مېدىياسىدىكى كىنۇ ۋە تىلىۋىزىيە تىياتىرلارنىڭ 90% تىن كۆپراقى خىتاينىڭ ياپۇنغان قارشى ئۇرۇشنى تىما قىلىنغانلىقى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟ كىنۇ مەزمۇنلىرىدا ياپۇنلارنى ئۇ قەدەر رەزىل، ۋەھشى قىلىشى، بۇنىڭ ئەكىسچە كومپارتىيەنى ناھايتى مىھرىبان، شەپقەتچى سۈپىتىدە تەسۋىرلىشى قانداق سىگىنال بىرىدۇ؟ ياپۇنغا قارشى ئۇرۇش ئەكىس ئەتتۈرگەن كىنۇرلاردا كۆرۈرمەن باش قەھرىمانغا مەپتۇن بولىدۇ. كۆرۈرمەن باش قەرىمان بىلەن تەڭ كۈلۈپ، تەڭ يىغلاپ ھىسياتىغا ئورتاق بولىدۇ. ئاڭسىز بىر شەكىلدە ياپۇنلارنى تىللايدۇ، نەپرەتلىنىدۇ. باش قەھرىمانغا ياكى مونتاجلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارغا ھىسداشلىق قىلىدۇ. خىتاي خەلقىغۇ شۇنداق قىلسۇن. بىزچۇ؟ بىز ئۇيغۇرلارمۇ خىتاينىڭ قىممەت قارشى، ئىدىيۋى ئۆلچىمى بىلەن تەڭ ھىسياتتا يىتەكلەنمىدۇقمۇ؟ خىتاينىڭ. كوممۇنىسىتلارنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلىقىغا ھەيران بولمىدۇقمۇ؟ خىتاي كومۇنىسىتىلىرىنى«ياخشى» دەيدىغان ئاڭ شەكىللەنمىدىمۇ؟ مانا بىزنىڭ ھىسياتىمىز مانا مۇشۇنداق ئۇستىلىق بىلەن يىتەكلەندى. ئەقلىمىز ئۇلارنىڭ قىلغانلىرىنى تەستىقلىدى. تەپەككۇر ئەندىزىمىز خىتاي كوممۇنىسىتلىرى بىلەن بىر قىلىپتا قۇيۇلدى. بىز قارغۇلارچە ئشەندۇق، سۈرۈشتۈرمىدۇق، تەستىقلىدۇق، ماھىيىتىنى تەگلەپ باقمىدۇق. بۇنداق خۇراپىلىق بولماس ياكى بۇنداق خۇراپى قالدۇرۇلماس كىشى. خىتاي مېدىيالىرى ئابدۇلئەھەت ئابدۇشۈكۈر بەرقى دىگەندەك خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىرادە مۇددىئاچىلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. خەلىق مېدىيادا بىرلىۋاتقان خەۋەر ۋە باشقا پىرۇگىراممىلارغا شەكسىز ئىشنىدۇ ۋە ئىشەنگەنلىكىدىن پەخىرلىندۇ. چۈنكى خىتاي خەلقىنىڭ ئىرادىسى، ھىس تۇيغۇلىرى، تەپەككۇر ئەندىزىسى ختاي كومپارتىيەسىنىڭ غەرەزلىك تەييارلىغان زەنجىرسىمان تەشىۋىقاتلىرى ئالدىدا تەسلىم بولۇپ بولغان. مېدىيادا ھىچ بىر زامان ھەقىقەت بىرىلمەيدۇ. ھەقىقەتنىڭ مونتاج قىلىنغان ھالىتى ئۇستىلىق بىلەن ھىس تۇيغۇلارغا سىڭىدۈرلىدۇ. يازمىدا ئەتىدىن بىرى ھەپلىشىپ ئىچىپ بەرمەكچى بولغان مېىدىيا خۇراپاتلىقى دەل مۇشۇ پەيىتتە ئاخباراتچىلارنىڭ مەجبۇرى ئىشەندۈرىشى ۋە كۆرۈرمەننىڭ شەكسىز ئىشنىش جەريانىدا زاھىر بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار بۇ خۇراپاتلىق پاتقىقىدا تارىخى دۈشمىنىمىز بىلەن ئورتاق ھىسياتتا ياشىدۇق. قىممەت قاراشلىرىمىز، ئەخلاقى تۇيغۇلىرىمىز، مىللى مەدەنىيەت ۋە ئۆرىپلىرىمىز ئاستا-ئاستا خۇراپىيلىشىشقا باشلىدى.
مىللىي مەدەنىيەتنىڭ زەئىپلىشىشى
ئىجتىمائى ھاياتقا دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئاڭ، ئېستىتىكا، ئىقتىساد، تىل ۋە ئىلىم- پەن قاتارلىقلار چىتىلىدۇ. بۇ سەككىز خىل ياشام ئېلمىنىتلىرىنىڭ يىغىندىسىغا كۈلتۈر ئىسىمى بىرىلگىنىگە ئوخشاش ئۇيغارلىقمۇ(مەدەنىيەت) دىيىلىدۇ. كۈلتۈر ۋە ئۇيغارلىق(مەدەنىيەت) ئارىسىدىكى بىرلىشىش ۋە ئوخشاشلىق نۇقتىسى دەل مۇشۇ يەردە. پەرىقلەرنىڭ بىرىنچىسى، كۈلتۈر ئۇلۇس خاراكتىرلىق، ئۇيغارلىق(مەدەنىيەت) بولسا خەلىقئارالىقتۇر. كۈلتۈر پەقەت بىر ئۇلۇسنىڭ دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئاڭ، ئېستىتىكا، ئىقتىسات ۋە ئىلىم- پەن بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھاياتلىق ئامىللىرىنىڭ يىغىندىسىدۇر. ئۇيغارلىق(مەدەنىيەت) بولسا بىرخىل تەرەققىيات سەۋىيەسىگە ئىگە بىر قانچە ئۇلۇسنىڭ ئىجتىمائى ياشاملىرىنىڭ ئورتاق يىغىندىسىدۇر. مەسىلەن، ياۋرۇپا ۋە ئامرىكا تەرەققىياتىدا، پۈتۈن ياۋرۇپالىق ئۇلۇسلارنىڭ ئارىسىدا ئورتاق بىر غەرىپ ئۇيغارلىقى(مەدەنىيىتى) باردۇر. بۇ ئۇيغارلىقنىڭ(مەدەنىيەت) ئىچىدە بىر بىرىدىن پەرىقلىق ۋە مۇستەقىل بىر ئىنگىلز كۈلتۈرى، بىر ڧىرانسىز كۈلتۈرى، بىر نىمىس كۈلتۈرىگە ئوخشاش كۈلتۈرلەر مەۋجۇتتۇر.
مەدەنىيەت ھەققىدە ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئارىسىدا تالاش- تارتىشلار داۋام قىلىۋاتىدۇ. مەدەنيەت سۆزىنىڭ نۆۋەتتە مىللىتىمىزدىكى ماددى ۋە مەنىۋى قىممەتلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بىرەلمەيۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرلىۋاتىدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىن ماددى تەرەققىياتلارنى ئاساس قىلغان تىخنىكىلىق تەرەققىيات ۋە ئۇنىڭغا چىتىشلىق بىلىمنى مەدەنىيەت دەپ ئاتاش بىلەن بىرگە بىر مىللەتنىڭ مەنىۋىيەتىكە دالالەت قىلىدىغان ئىلىمىنتلارنى ھازارەت دەپ ئاتايدۇ. ئابدۇرەشىد جېلىل قارلۇق ھازارەتنىڭ ئورنىغا كۈلتۈر دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرىدۇ. بىرىنچىسى مەنىۋى مەدەنىيەت مەنىۋىيەتنىڭ ئاساسلىرىدىن بىرى بولغان دىننى ئىتىقادنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغاچقا مەنىۋى مەدەنىيەتنى ئەرەپچىدىن تىلىمىزغا كىرگەن ھازارەت سۆزى دەپ ئاتاش كىرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرسە، ئىككىنچىسى جەمىئىيەتشۇناسلىق نۇقتىسدىن كۈلتۈر دەپ ئاتلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ. بۇ ئۇقۇملارنى تالاش تارتىش قىلىش يازمىنىڭ مەقسىدى بولمىغاچقا ئوقۇرمەنلەرنى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللاغا ئۈندەش بىلەن بىرگە مەدەنىيەتنى تىخنولوگىيەلىك ئۈسكۈنىلەر ۋە بىلىم، كۈلتۈرنى بىر ئىنسان توپلىمىدىكى ئىجتىمائى مۇناسىۋەتلەرنىڭ قۇرۇلمىسى، زىھنيىتى ۋە قىممەت قاراشلىرى دەپ خۇلاسلەپ يازمىمىزدا كۈلتۈر دەپ ئىشلىتىمىز. بۇ يەردە كۈلتۈر مەنىۋى مەدەنىيەتلىرىمىزنى كۆرسىتىدۇ.
مېىدىيا خۇراپاتلىقىنىڭ بىزگە كەلتۈرگەن ئەڭ چوڭ زىيانلىرىنى بىرى مىللى كۈلتۈرىمىزنىڭ زەئىپلىشىشىگە سەۋەپ بولۇشىدۇر. مېدىيا مەيلى ئەنئەنىۋى مېدىيا بولسۇن مەيلى يىڭى مېدىيالار بولسۇن تەبىئىيتىدە بىر كۈلتۈرنى بىللە ئىلىپ يۈرۈيدۇ. مىللى كۈلتۈرى، مەنىۋى قىممەت قاراشلىرى كۈچلۈك مىللەتلەر مېدىيانىڭ بۇ خىرسىغا بەرداشلىق بىرەلىگەن بىلەن ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش مۇستەملىكە ۋە ئاسارەتتە مىللى كىملىك ئىڭى غۇۋا، مىللى كۈلتۈر قارىشى ئاجىز مىللەتلەر تىزلا يات كۈلتۈرلەرنىڭ خىرىسىغا ھۇجۇمىغا ئوخشايدۇ. مىللى كۈلتۈرگە تويۇنمىغان، مىللى ئاڭ ۋە مەنىۋى قىممەت قاراشلىرى ئاجىز، دىننى ئىتىقادى سۇس كىشلەر مېدىيانىڭ كۈلتۈر ئاسمىلاتسىيەسىدە ئىرىشكە باشلايدۇ. بۇ خىل كىشلەر ئاڭسىز بىر شەكىلدە مېدىيادا بىرلگەن نەرسىلەرنى مۇتلەق توغرا ياكى ئەڭ ئۈستۈن دەپ قارىۋالىدۇ ھەمدە شۇنداقلىقىدىن شۈبىھلەنمەيدۇ. نەتىجىدە قارغۇلارچە دوراش نامايەن بولۇشقا باشلايدۇ. كىنۇ- تىياتىرلىرىدىكى مەزمۇنلارغا قارغۇلارچە ئەگىشىش بىزنىڭ كۈلتۈرىمىزگە قانداق زىيانلارنى سالدى؟
بىرىنچى، ئەخلاقىمىزنى چىركىنلەشتۈردى. خىتاي كىنۇلىرىدىكى غەيرى ئەخلاقى كۆرۈنۈشلەر كىشلىك قىممەت قاراشلىرىمىزغا تەسىر كۆرسەتتى. بۇرۇن بىللە مىڭىشتىنمۇ ھايا قىلىدىغان قىز-ئوغۇللار يىراق يۇرتلارغا بىللە قىچىپ كىتەلەيدىغان، نىكاھىسز بىللە تۇرالايدىغان بولدى. كورىيە كىنۇلىرىدىكى غايىۋى مۇھەببەت تەسۋىرلىرى نۇرغۇنلىغان ئائىلىلەرنى ۋەيران قىلدى. كورىيەچە مۇھەببەتلىشىش، كورىيەچە چاچ ياسىتىش، كورىيەچە ئۆي بىزەش مىللى كۈلتۈرىمىزگە قىلغان خىرىسلىرىنىڭ بىرقىسمى خالاس.
ئىككىنچى، سەنئىتىمىزگە ھۇچۇم قىلدى. ئامرىكا كىنۇلىرى بىر ئوبدان مىللى سەنئىتىمىزگە خىرىس پەيدا قىلدى. ياش سەنئەتچىلەر لىرىك، لەرزان ئون ئىككى مۇقام ۋە خەلىق ناخشىلىرىنىڭ ئورنىغا رەپ، جاز دىگەندەك گاچىنى ئىت قوغلىغاندەك ئوقۇيدىغان ياكى توخۇ پوق چوقىغاندەك تۆتلەيدىغان بىرنىمىلەرنى سەھنىگە ئىلىپ چىقتى. چىنە- تەخسە ئۇسۇلى، تۇماق ئۇسۇلى، دولان ئۇسۇلىنىڭ ئورنىغا تەخەدەك سەكرەيدىغان، ۋاللۇڭ-ۋۇللۇق چىراغلاردا مەس بولۇپ قالغان كالىدەك چىچاڭشىيدىغان كوچا ئۇسۇلىنى پەيدا قىلدى. ئەركەك ئۇسۇلچىلىمىز يىرتىق ئىشتان كىيىپ خىنىم مىجەزلىشىپ قوڭ تولغاشتىن پەخىرلەنسە، قىزلىرىمىز چاچلىرىنى كىگىزچى يۇڭدا ئاتقاندەك ئىتىپ، تۆگە لوكىسىدەك چىگىپ، ئۇيۇپ قالغان قاندەك يىرگنىىشلىك رەڭلەردە بوياپ سەھنىگە چىقىشتىن سۆيىنىدىغان بولدى. ھىندىستان كىنۇلىرى قىىزلىرىمىزغا بىلىنى، كىندىكىنى، كۆكسىنى ئىچىشىنى ئۈگەتكەن بولسا، تۈركىيە كىنۇلىرى يىگىتلىرىمىزنى قۇرۇق سۆلەت بايۋەچچە قىلىپ تەربىيەلەپ چىقتى. شۇنىڭغا ئوخشاش نۇرغۇن مىساللارنى بىرىش مۇمكىن. دىمەك مېدىيا خۇراپاتلىقى بىزنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋىيتىمىزنىڭ خۈنۈكلىشىشىگە، زەئىپلىشىىشگە سەۋەپ بولدى.
ئۈچۈنچى، ئاممىۋى ئەسلىرىمىزنى يەڭگۈشلىۋەتتى. ياكى ئۆزىمىز خالاپ يەڭگۈشلىدۇق. كاللىمىزىدىكى مىللىيچە سىستىمىلار پىرماتلىنىپ ياكى پىرىسلىنىپ شالغۇت سىسىتىمىلار ئەدىدى. خەۋەرلىشىش تىخنىكىسىدىكى بۆسۈش، مېدىيانىڭ يەرشارىلشىشى ئەئئەنىۋى كۈلتۈر ۋە جۇغراپىيە ئۇقۇملىرىنى يىڭىدىن شەرىھلىشىمىزنى تەقەززا قىلدى. يەرشارى مەنتىقە جەھەتتىن كىچىكلەپ يەرشارى كەتنىنى شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر، بولۇپمۇ 90- يىللاردىن كىيىن تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئاممىۋى ئەس چۈشەنچىسى غۇۋالاشتى. بىر مىللەتكە ئورتاق بولغان مىللى تارىخ، مىللى كۈلتۈر، مىللى ئۆرىپ- ئادەت، تارىخى ۋەقەلەر ۋە تارىخى مەشھۇر شەخىسلەرگە بولغان تونۇش غۇۋالاشتى. بۇلارنى ئۈگىنىش ھەۋىسى ئۆلدى. بىر تىررۇتىرىيەدە ياشايدىغان خەلىقنىڭ ئىلگىركىدەك ئۆزىنىڭ كەچمىشى ۋە قىسمەتلىرىگە بولغان تونۇشى، قىزىقىشى سۇسلاشتى. تور دەۋرىدە توغۇلغان بالىلار تارىخ، كەچمىش، ۋەتەن، مىللەتتىن بەكرەك تور ئويۇنلىرىغا ئۆزىنى ئاتتى. مېدىيانىڭ يەرشارىلىشىشى كىشلەرنى ئۆزىدىن بەكرەك ئۆزگىگە قىزىقتۇردى. كىشىلەر ئۆزىنىڭ مىللى قەھرىمانلىرىدىن بەكرەك كىنۇلاردىكى ساختا خاراكتىرلەرنى بىلىدىغان بولدى. ئۆزىنىڭ ئۆرىپ-ئادىتى، يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كىچەك ئادەتلىرىنى بىرياققا قايرىپ ياتنىڭ مەۋھۇم ئىكراندىكى سىماسىغا رام بولۇشقا باشلىدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى خراپاتلىقنىڭ ئەكىس ئىتىشى مەنچە. چۈنكى داخان قىشىغا بىرىپ قىززىق كەتمەنگە دەسسىگەن نادان نىمىشقا شۇنداق قىلىمەن دەپ قىلچە ئويلىمىدى، داخان نىمە دىسە تەزىم قىلىپ بىجا كەلتۈردى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا تاللاش ھوقۇقى بار ئىدى. زامانۋى خۇراپىيلارمۇ شۇنىڭغا ئوخشاپ قالدى. ھەتتا ئىشىپ چۈشتى. داخاننىڭ زامانىۋى سىيماسى ۋە قول چوماقلىرى بولغان مېىدىيا ۋە تور، خەۋەرلىشىش ئەسلىھەلىرى نادان خۇراپىيلارنىڭ ئۈن چىقارتماي روھىنى ۋەيران قىلدى. ئاغرىتماي، قان چىقارماي جاننى ئالدى.
تۆتىنچى، كىن-نەپرەت ئۇرۇقلىرىنى چاچتى. يىڭى مېدىيادا كۆپرەك ئەۋىج ئىلىۋاتقان غەيۋەت-شىكايەت ۋە پىتنە- پاساتلار تور دۇنياسىدا قۇتۇپلىشىش، بۆلۈنۈش، گۇرۇھلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاڭسىز بىر تورداشنىڭ مەلۇم بىر ھادىسە توغرىسىدىكى ئاساسىسىز گەپلىرىىمۇ قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىدىغان ئەھۋاللار كۆرلىشكە باشلىدى. مەلۇم شەخىسلەرنىڭ غەرەزلىك يوللىغان نىشانلىق ئۇچۇرلىرى مەسۇم كىشلەرنىڭ ئوبرازىنى زىدىلىدى. قاراتمىلىق ئۇچۇرلار ۋە غەرەزلىك تور كۈن تەرتىپلىرى خەلىق ئارىسىغا كىن، ئاداۋەت ئۇرۇقى چاچتى. تورداشلار ئۆزى كۆرۈپمۇ باقمىغان كىشلەرنى ياخشى كۆرىدىغان ياكى دۈشمەن تۇتىدىغان ئەھۋال شەكىللەندى.
ئاخىرىدا شۇنى تەكىتلەش كىرەككى، ئىجابى ۋە سەلبى، ئاكتىپ ۋە پاسسىپ مۇھىت يارىتىش ئۈچۈن چەكسىز ئىمكانغا ئىگە بولغان يىڭى زامان مېدىياسى ئىلمى ۋە سىسىتىمىلىق پايدىلىنىلغاندا، توغرا ۋە ئىجابى مۇئامىلە قىلىنغادا، يۇقاردا تىلغا ئىلىنغان قارغۇلارچە ئىشىنىش ۋە قارغۇلارچە ئەگىشىشتىن ئىبارەت مېدىيا خۇراپاتلىقىنىڭ قايمۇقتۇرىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. مېدىيا يۇقارقىدەك پەقەتلا ناچار ۋە پاسسىپ تەسىر كۆرسىتەمدۇ؟ ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس. مېدىيانى يۇقارقىدەك خىرىسلار ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەھلىكىلىرىنى ھىس قىلغان ھالدا ئىشلەتسەك كۈلتۈرىمىزنىڭ تەرەققىياتى، مىللى، دىننى قىممەت قارىشىمزىنىڭ گۈللەپ ياشىنىشى ئۈچۈنمۇ يۇشۇرۇن ۋە پائال كۈچكە ئايلاندۇرالايمىز.
مېدىيا ۋە خەۋەرلىشىش تىخنىكىلىرى كۈنسىرى تەرەققى قىلىپ ھاياتىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسىغا ئايلاندى. نۇرغۇن قولايلىقلارنى بەخىش ئەتكەن مېدىيا، ئوخشاشلا بىر قاتار سەلبىيلىكلىرى بىلەنمۇ بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزغا خىرىس قىلىشقا باشلىدى. مەن مېدىيا خۇراپاتلىقى دەپ ئاتىغان بۇ تەھىدىتلەرنىڭ بىرقىسىمى مېدىيا ۋە باشقۇرغۇچىلارغا ئائىت بولسا، يەنە بىر قىسمى مېدىياغا توغرا مۇئامىلە قىلالمىغان، مېدىيانى توغرا ئوقۇش ۋە كۆرۈشكە سەۋىيەسى ئاجىز كەلگەن ناداش كىشلەردە. مېىدىيا خۇراپاتلىقىدىن ساقلىنىش يەنى، قارىغۇلارچە ئىشىنىش ۋە قارىغۇلارچە ئەگىشىشنىڭ زىينىدا پۇچۇلانماسلىق ئۈچۈن تىلىۋۇزۇر كۆرگەندە، رادىئۇ ئاڭلىغاندا، گېزىت- ژۇرناللارنى ئوقۇغاندا، زامانىۋى خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنلىرى ۋە يىڭى مېدىيادىن خەەر ئوقۇغاندا مەنبە ۋە مەقسەتنى چۈشنىشكە تىرىشىش كىرەك. تىخىمۇ ئىنىقراقى خەۋەرنى ئەمەس خەۋەرنى شەكىللەندۈرگەن قۇرلار ئارسىنى ئوقۇشنى بىلىش لازىم. خەۋەرنىڭ ئىگىسى كىم؟ نىمە سەۋەپ بۇ خەۋەرنى تارقاتتى؟ بۇ خەۋەرنى تارقىتىش ئارقىلىق نىمە مەقسەتكە يەتمەكچى؟ خەۋەر يازغۇچى مەندىن نىمە قىلىشىمنى ئۈمىد قىلىدۇ؟ بۇ سوئاللار كاللىڭىزغا جايلاشتۇرىۋالغاندىن كىيىن ھەرقانداق خەۋەر ۋە قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇغاندا تىز ھاياجانلىنشىتىن، قارىغۇلارچە تىل-ھاقارەت قىلشىتىن، ئۆزىڭىزمۇ بىلمەيدىغان بىراۋلارغا ئەگىشىپ سەنىمىگە ئۇسۇل ئويناپ سىلىشتىن ۋە بىراۋلارنى دۈشمەن تۇتۇپ قىلىشتىن ساقلىنالايسىز. ئەمما كىنۇ ۋە تىلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنى كۆرگەندە بۇلار بەرمەكچى بولغان يۇشۇرۇن سىگنالنى ئاڭقىراشقا ماھىر بولۇش، كىنۇلار سىزنى ئەمەس، سىز كىنۇلارنى كۆرۈشنى بىلىشڭىز كىرەك. شۇنداق بولغاندىلا غەرەزلىك ئىدىيە ۋە كۈلتۈر جاھانگىرلىرى بىزنى قورقىتالمايدۇ.

پايدىلانغان مەنبەلەر:
Bekir KOCADAŞ Kültür ve Medya Uluslararası İnsan Bilimleri Dergisi ISSN:1303-513 www.InsanBilimleri.com
https://www.etimolojiturkce.com/kelime/medya
http://sozluk.gov.tr/

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش