ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • 2019-يىلى 27-ۋە 28-ئىيۇل «2-نۆۋەتلىك مىللىي مەپكۇرە ۋە تەشكىلاتچىلىق كۇرسى» ۋە «تۇنجى نۆۋەتلىك تاراتقۇ ۋە تەشۋىقات كۇرسى» ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ جەدىتچىلىك چۈشەنچىسى

ئاپتۇرى: دوكتور مىنارا ئالىيەۋا چىنار (تۈركىيە ئۇلۇغتاغ ئۇنىۋېرسىتېتى مائارىپ فاكۇلتىتى ئوقۇتقۇچىسى)

تۈركچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىدىن دىلنۇر ئەنۋەر

تەھرىرلىگۈچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيسىدىن رەھىمە مۇھەممەت

كىرىش سۆز: جەمىئىيەت ۋە شارائىت

ياۋروپادا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىپ، زىيالىيلار پەلسەپەسى ھاكىمىيىتى ئاستىدا سانائەت ئىنقىلابى پارتىلاپ زامانىۋى جەمىئىيەت قۇرۇلۇۋاتقان بىر پەيىتتە، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر ياۋروپادىكى بۇ تەرەققىياتقا ھەيرانلىق بىلەن قاراشماقتا ئىدى. بەزى دۆلەتلەر بىر مەزگىلدىن كېيىن ياۋروپاغا ھەۋەس قىلىش ۋە ئۇنى تەقلىد قىلىشقا باشلىدى. ئوسمانلى دۆلىتى، روسىيە ۋە ياپونىيە ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەر ۋە زىيالىيلىرى ياۋروپادىكى ئىلگىرلەشكە ھەيران قالغانلارنىڭ باشلامچىلىرىدىن ئىدى. ھەيرانلىق ئىچىدە قالغان بۇ دۆلەتلەر، ياۋروپادىكى يۈكسىلىۋاتقان بىلىم ۋە تېخنىكا ئىنقىلابىنى چۈشىنىش، بىر قاتار ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىش ۋە بۇ ئىسلاھات تەرتىپلىرى بىلەن سانائەت ئىنقىلابىغا ماسلىشىش ئۈچۈن تىرىشتى. روسىيە، بۈيۈك بىرىتانىيە دەۋرىدە (1682-1725) ئوسمانلى دۆلىتى بولسا 3- سەلىم (1789-1808) ۋە 2-مەھمۇت دەۋرىدە (1808-1839) ۋە ياپونىيە بولسا مىجى دەۋرىدە (1867-1912) بۇ سانائەت ئىنقىلابى دەۋرىگە كىرگەن ئىدى. بۇلاردىن روسلار ۋە ياپونلار زامانىۋىلىشىشنى غەلبىلىك تاماملىدى.

ئوسمانلى دۆلىتى 19- ئەسىردە سانائەت دەۋرىگە ماسلىشىش ئۈچۈن دۆلەت ۋە جەمىئىيەتتە كەڭ كۆلەمدە ئىسلاھات ئېلىپ باردى. دۆلەت يېڭىدىن مەركىزى ھاكىمىيەتكە ئۆتتى، پارلامنېتلار دېمىكوراتسىيەگە ئۆتۈشنى سىنىدى. جەمىئىيەتتىكى ئەڭ مۇھىم ئىسلاھات مائارىپتا مەيدانغا كەلدى. جەمىئىيەت يېڭى ئوقۇتۇش سېستىمىلىرى ۋە ئىلمىي تەلىم – تەربىيە (پەننى ئوقۇتۇش) بىلەن ئۇچراشتى.

بۇ جەرياندا تۈرك دۇنياسىدىكى زىيالىيلارمۇ پاۋروپادىكى تەرەققىياتقا قارىماقتا ۋە ھەۋەس قىلماقتا ئىدى. ياۋروپادىكى تەرەققىياتلار بىلەن ئۆز مەملىكەتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرغان تۈرك زىيالىيلىرى ئۆز مەسىلىلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار توغرىسىدا ئۆز – ئارا مۇنازىرە قىلغان.  بۇ زىيالىيلارنىڭ بىرى قىرىمدىكى ئىسمائىل گاسپىرالى (1851-1914) ئىدى. گاسپىرالى ئىسمائىل تۈرك (ۋە ئىسلام) دۇنياسىدا بىردەك شەكىلدە يۈرگۈزەلەيدىغان  بىر ئىسلاھات پىروگىرامىسى تەييارلاش ئۈچۈن ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە بۇ قاراشلارنى تەسىرى بار  بىر مەتبۇئات بىلەن  بىرلىكتە تارقىتىدۇ. گاسپىرالى «جەدىد ئۇسۇلى» نامى  بىلەن بىر يېڭىلىق چۈشەنچىسىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. زىيالىيلار پەلسەپىسىنىڭ ياۋروپادىكى تەسىرىگە ئوخشىشىپ كېتىدىغان بۇ چۈشەنچە، جەدىدچىلىك ھەركىتى بىلەن تۈرك دۇنياسىدا ئەمەلىيلىشىشكە باشلايدۇ.

گاسپىرالى قىزلارنى ئۈچۈن 1884-يىلى ئۇسۇلى جەدىد مەكتىپىنى ئاچىدۇ. ئوسمانلىدا بولسا 1870 – يىلى قىز ئوقۇتقۇچىلار مەكتىپى ئېچىلغان ئىدى. گاسپىرالى ئىستانبولنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. بىراق ئوسمانلىلاردا ئىسلاھات دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىن تۆۋەنگە قاراپ، خەلقنىڭ بىر تەلىپى بولمىسىمۇ ئېلىپ بېرىلاتتى. قىرىم ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ باشقا يەرلىرىدە بولسا گاسپىرالىدەك زىيالىيلارنىڭ خەلقنى تەربىيلەپ ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىستەك ياراتقىنىنى بىلىۋالالايمىز.

جەدىدچىلىك ھەرىكىتى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك، تۈركىيەگىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ كونكىرىت پائالىيەت قىلالايدىغان بىر ھالغا كەلگەن. بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرىدە زىيالىيلارنىڭ بەزىلىرىنى تۈركىيەگە كېلىپ ئاتا تۈركنىڭ يېنىدىن ئورۇن ئالغان ۋە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان (يۈسۈپ ئاقچۇرا، ئەھمەت ئاغائوغلى، زەكى ۋەلىدى توغان، سادرى مەھسۇدى ئارسال قاتارلىقلار).

مەدرىسلەرنى تەنقىد قىلىپ، مەدرىس موللىلىرىنى، ماھىيىتىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغان، ۋاقتى ئۆتكەن نەرسىلەرنى ئۆگىتىدۇ دەپ ئەيىپلىگەن. گاسپىرالى، ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتى مىللەتنى تۈگەشتۈرىدۇ دەپ قارىغان. ئاچقان مەكتەپىگە “ئۇسۇلى جەدىد” (يېڭىچە ئۇسۇل) ئورنىغا “ئۇسۇلى خىيانەتچى” دېگەن نامنى قوللىنىپ  روسلارغا ژورنالىستلىق قىلغانلار (كونا ئۇقۇتۇش تەرەپدارلىرى) بىلەن كۆرەش قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

گاسپىرالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىدىن تۈرك خەلقلىرىنىڭ مىللىي تەقدىرى، روس – مۇسۇلمان (سلاۋ – تۈركلىرى) مۇناسىۋىتىنىڭ تارىخ، مەدەنىيەت -مائارىپ، جۇغراپىيە ۋە سىياسەتشۇناسلىق سەۋىيەسىدە ئىنچىكىلەپ تەتقىق قىلىنمىسا چۈشەنگىلى بولمايدۇ. گاسپىرالى يازمىلىرىدا نۇرغۇن قېتىم روسيە بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئوتتۇرسىدا ئورتاق تەقدىر ۋە ھەمكارلىق ئورناتقان ئىدى.

روسيە تۈركلىرى ياۋروپادا تەرەققىي قىلغان سانائەت دەۋرى ۋە ئۇنىڭ نەتىجىسىنى كۆردى، بۇ تەرەققىياتقا كۆرە جەدىتچىلىك ھارۋىسىغا چىقىشنى خالايتتى. ئاخىرىدا مەرىپەتچىلىك ئېقىمىنىڭ تۇنجى ۋەكىلى ئابدۇرەھىم ئاتېزىمنىڭ قىياسى قاتارىدىن روسچىنى ئۆگۈنۈشنى تەشەببۇس قىلدى. بۇنىڭ مەقسىتى بولسا، ياۋروپادىكى تۈركلەرنىڭ بۇ تىلنى ئۆگۈنۈشى ۋە روس تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى چىقىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تىلىنى بىلىشى ئىدى.

تۈركىستاندا جەدىت ھەركىتىنىڭ باشلامچىلىرى ئارىسىدا ئىسمايىل گاسپىرالى باشلىق مۇھەممەد خۇجا بەھبۇدى (1874-1919)، مۇسا غەيرۇللا (1875-1949)، مۈنەۋۋەر قارى ئابدىراشىتخان (1878-1931)، ئابدىرائىف فىترەت (1886-1938) ۋە ئابدۇللاھ قادىرى (1894-1938) قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەر بار ئىدى. تاتار جەدىتچىلىرى 1910-يىللاردا ۋە 1920-يىللاردا دىندىن خالىي ھازىرقى زامان مائارىپ قۇرۇلمىسى يارىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان.

ئۇيغۇر ئېلى

ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغان، تۈرك قەۋىملىرىدىن بىرى بولۇپ، نوپۇسىنىڭ كۆپ قىسمى ھازىرقى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ياشايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھازىر قازاقىستان، ئۆزبىكىستان ۋە قىرغىزىستاندا تارقاق شەكىلدە ياشىماقتا. باشقا تۈرك قەۋىمىگە قارىغاندا ھەممىدىن بالدۇر ئولتۇراقلىشىپ ياشىغان. تارىختا مەدەنىي بىر قەۋىم دەپ تەرىپلەنگەن ئۇيغۇرلار، تۇرپان شەھرىدە كارىز سۇ سېستىمىسىنى ياراتقان. فارابىي، مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە ئەدىب ئەھمەت يۈكنەكىيدەك تىل، ئەدەبىيات ۋە پەلسەپە ساھەلىرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخىسلەرنى يېتىشتۈرگەن. بۇ قەۋىم 18-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ بۇ  تەرەققىيپەرۋەرلىكىنى قوغداپ قالالمىغان، مەدەنىيەت باشلامچىسى بولۇش تەسىرىنى يوقىتىش بىلەنلا قالماي، مەۋجۇتلىقىنى ساقلاپ قالالماسلىقتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.

ئۇيغۇرلار ياۋروپادا سانائەت ئىنقىلابىي ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەزگىلدە ھەر جەھەتتە ئارقىدا قالغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستاندا روسيە ۋە خىتاي ئىشغالى ۋە ئىچكى ماجىرالارمۇ بۇ رايونغا غايەت زور ۋەيرانچىلىق ئېلىپ كەلگەنىدى. خىتاي ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەردە ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈركىيە، روسىيە ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تەربىيلىگەن. جەمىئىيەتنى كۆزەتكەن ۋە ئۆگەنگەنلىرىنى ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆگۈتۈش ئۈچۈن جەدىتچىلىك ھەرىكىتىنى باشلىغان. بۇنىڭ بىلەن كۆپ ساندىكى ئىلمىي تەربىيە ئېلىپ بارىدىغان يېڭى مەكتەپلەر ئېچىلىپ، گېزىت، ژورناللار نەشىر قىلىنغان. بۇلارنىڭ يېنىدا فىئودالىزىم قالدۇقلىرى ۋە ئۆلىما ئاتالغانلارنىڭ جاھالىتىدىن كېلىپ چىققان قالاقلىق ۋە زۇلۇم ھەر يەردە ئۆزىنى كۆرسىتىپ كەلگەن. خىتايلار 19-ئەسىردە شەرقىي تۈركىستاننى كونتىرول قىلىشتا مۇسۇلمان دىن ئادەملىرىنىڭ تەسىر كۈچىدىن پايدىلانغان. شەرقىي تۈركىستاندا تەسەۋۋۇپ مورتلىرى خىتاي دۆلىتى بىلەن داۋاملىق ھەمكارلىشىپ كەلگەچكە، تەسەۋۋۇپ ئېقىمى مىللىي ۋە دىنىي تۇيغۇلىرى بار كىشىلەرگە بەك يېقىپ كەتمەيتتى. بىر خىتاي مەنبەسىدە بۇ تېمىدا مۇنداق دېيىلگەن: “ئۇيغۇرلار دىنغا ئىشەنمىسە ياكى ئىماملىرى بولمىسا، ھېچنېمىدىن قورقمايدۇ ۋە ھېچبىر باشقۇرغۇچى تەرىپىدىن باشقۇرۇشقا بويسۇنمايدۇ.”

تۈركىستاندا، قىرىمدا، ئەزەربەيجاندا ۋە قازاندا يېڭىچە پىكىرلەر زىيالىيلارنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى بىلەن، تارقىلىشقا ۋە جەمىئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىشكە باشلىغاندىن كېيىن، خىتايدىكى شەرقىي تۈركىستان رايونىدا ياشىغان ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. بۇ مەزگىلدە زۇلۇمغا، ئادالەتسىزلىككە، تەڭسىزلىككە ۋە جاھىللىققا قارشى مۇستەقىللىق، ئىجتىمائىي ئادالەت، باراۋەرلىك ۋە يېڭىلىقنى قوغدايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، شائىرىلىرى ۋە يازغۇچىلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇلار ئۇيغۇر رايونىدا ئويغانغان ۋە خەلقىنى ئويغۇتۇشقا چاقىرغان ھۈسەيىن بەگ، باۋۇدۇن بەگ، ئابدۇقادىر داموللام، مەمەتئىلى ئەپەندى ۋە قۇتلۇق ھاجى شەۋقى قاتارلىق زىيالىيلار ئىدى. بۇ ياش جەدىتچىلەردىن ھۈسەيىن بەگ (1844-1926) ۋە باۋۇدۇن بەگ قىرىنداشلار (1851-1928) 1870-يىللىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇرلاردا ئۇسۇلى جەدىدنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان مائارىپىنىڭ ئاساسىنى ياراتتى. بۇ رايون خەلقىنى جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغۇتۇش، يەرلىك فىئوداللارنىڭ زۇلىمىدىن قۇتقۇزۇش ۋە ياتلارنىڭ سۈمۈرگۈچىسى بولماسلىق ئۈچۈن ھەممەيلەن بىرلىكتە كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان ۋە مۇسۇلمان بىر جەمىئىيەت قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئابدۇقادىر داموللام ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان يېڭىچە ئوقۇتۇش ھەرىكىتىدە باشلامچىلىق قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر زامانىۋىي مائارىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدۇ. مەمتېلى تەۋپىق ئەپەندى يېڭىچە مائارىپ ئۇسۇلىدا مەكتەپ ئاچقان ۋە ئوقۇتقۇچى يېتىشتۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. قۇتلۇق ھاجى شەۋقىي ئۇيغۇرلاردا جەدىد ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان ئەڭ مۇھىم پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، گېزىتچىلىك ۋە نەشرىياتچىلىق ئىشلىرىدا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. جەدىدچىلىك ھەركىتىدە خەلقنى ئويغۇتۇش  ئۈچۈن مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان يەنە بىر كىشى بولسا دەل ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇخالىق ئۇيغۇردۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ ياشىغان مۇھىتى

ئەسلى ئىسمى ئابدۇخالىق ئابدۇراخمان ئوغلى بولۇپ، شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر دەپ تونۇلىدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇغۇلغان يىللار تۈرك دۇنياسىىنىڭ قالاقلىقتىن قۇتۇلۇپ، زامانىۋى بىر سانائەت جەمىئىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان يىللار ئىدى. گاسپىرالىنىڭ پىكىرلىرى پۈتۈن تۈرك دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكىنىدەك شەرقىي تۈركىستانغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. خەلقئارالىق سودا قىلىدىغان سودىگەرلەر، چەتئەللەردە ئوقۇغان ئۇقۇغۇچىلار ۋە مەككىگە بارغان ھاجىلار تۈرك دۇنياسىدىكى تەرەققىيات، تالاش – تارتىش ۋە پىكىرلەرنى كۆرۈپ، بۇ پىكىرلەرنىڭ ئۇيغۇر جەمىئىيتىگە كىرىشىگە ۋاستە بولدى. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كىشىلەرگە قۇتۇلۇش چارىلىرى سۇندى. بۇ پىكىرلەر جەمىئىيەتتە ھاياجان قوزغىدى. بۇ تىجارەتچىلەردىن بىرى بولغان ھۈسەيىن بەگ ياۋروپانى ۋە ئىستانبولنى ئايلىنىپ، بۇ يەردىكى يېڭى پىكىرلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. بۇ تەسىرلەر نەتىجىسىدە مىللىي سانائەت، مىللىي مائارىپ ۋە خەلقئارالىق بازار تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىدى. 1913-يىلنىڭ ئاخىرىدا نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنى باشلاپ ئىستانبۇلدا ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنى ۋە لىدېرى تەلەت پاشانى زىيارەت قىلدى. خىتاي مەنبەلىرى تەلەت پاشانىڭ ئۇيغۇر رايونىغا ئوقۇتقۇچى ئەۋەتىشكە قوشۇلغىنىنى خاتىرلىگەن. سودىگەرلەرنىڭ بۇ تۈردىكى پائالىيەتلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى مىللىي بۇرژىئازىيەنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى ۋە زامانىۋىلىققا ئىگە مىللىي تەلەپ- ئىستەكلىرىنىڭ ئويغانغىنىنى چۈشەندۈرىدۇ.

شەرقىي تۈركىستانغا ئوسمانلى دۆلىتىمۇ ئىتىبار بەرگەن. خىتاي يازغۇچىسى شاڭ، ئوسمانلى تۈركلىرىنىڭ “ئىلىم بېرىش” باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئىلىگە كېلىپ – كەتكەنلىكىنى بايان قىلىپ ئىتتىھات ۋە تەرەققىيات پارتىيىسىنىڭ ئەۋەتكەن ئەھمەت كامال ئىلقۇل ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئالتە دوستىنى شەرقىي تۈركىستاندا ھۈسەيىن باي بىلەن بىرلىكتە قەشقەردە مەكتەپ ئاچماقچى بولغىنىنى بايان قىلىپ، بۇلار رۇخسەت ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن ئاتۇشتا مەكتەپ ئاچقىنىنى، بۇ “يېڭى مەكتەپلەر” نىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە قەشقەر، ياركەنت، خوتەن ۋە كۇچار قاتارلىق رايونلارغا تارقالغىنىنى يازغان. خىتاي ھۆكۈمىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىپادىسىنى كۆرسىتىپ بۇ تەرەققىياتنى توختاتقان. ھەبىبۇزادە دارىلمۇئەللىمىنىڭ ئۇقۇتقۇچىلىقىنى قىلغان ئەھمەت كامال ئىلقۇل ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى تۈرمىگە تاشلانغان. پانتۈركىسلامىزىمنى توسۇش مەقسىتىدە نۇرغۇن بەلگىلىمە چىقىرىپ چەكلىگەن، مەسچىتلەردە چەتئەللىكلەرنىڭ ئىماملىق قىلىشى چەكلەنگەن. 10000 دىن ئارتۇق خۇجالار خىتاينىڭ كۆزىگە سەت كۆرنۈپ، 10 يىل ھەجگە بېرىش چەكلەنگەن.1927-يىلى بېرىلگەن رۇخسەتكىمۇ چەكلىمە قويغان. يەنە مەسۇد شابىل، مۇھەممەد ئىمىنوۋ ۋە سابىت داموللام قاتارلىق باشلامچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ مائارىپ ۋە دىموكراتىك ھەقلەرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرمۇ مۇشۇ ۋەزىيەتتە ۋە شارائىتتا چوڭ بولغان.

ۋەتەنپەرۋەر، مىللەتسۆيەر ۋە رىئالىست شائىر ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1901-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۇرپان شەھرىدە بىر تىجارەتچى ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئائىلىسى مەرىپەتلىك بىر ئائىلە ئىدى. دادىسى ۋە ئائىلىنىڭ باشقا ئەزالىرى ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر بولغاچقا، ئابدۇخالىق بەش يېشىدىن باشلاپ ساۋات چىقىرىشقا باشلايدۇ. ئون ئۈچ ياشقا كىرگەندە دىنىي مەكتەپتە ئەرەپچە ۋە پارىسچە ئۆگۈنۈشكە كىرىشىدۇ. ئۇيغۇر كىلاسسىك ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر شەخىسلەرنىڭ شېئىرلىرى ۋە داستانلىرىنى زوق بىلەن ئوقۇيدۇ ۋە ئۆزىنىڭ قىسقا لىرىك شېئىرلىرىنى يېزىشقا باشلايدۇ.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1916-يىلى چوڭ دادىسى مەخسۇم ھاجىم بىلەن بىللە تىجارەت ئۈچۈن روسيەگە بارىدۇ ۋە شەمەي شەھرىدە روس تىلىنى ئۆگىنىدۇ. روسيەدە تۇرىۋاتقان ۋاقىتلىرىدا جەدىدچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. ئۇيغۇر روسيەدىن قايتىپ كېلىپ مەكتەپكە كىرىپ خىتتايچە ئۆگىنىدۇ ۋە بۇ مەكتەپنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرىدۇ. ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە قەدىمكى ۋە ھازىرقى زامان خىتتاي ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىدۇ. خىتتاي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈن جۇڭشەننىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ دىمكۇراتىيە ھەققىدە كۆز -قاراشقا ئىگە بولىدۇ. ئۇ مەزگىلدە ئابدۇخالىق فېئودال ئەكسىيەتچىلەرگە قارشى ئىلمىي نەزىريەنى تارقىتىپ جەمىئىيەتنى ئۆزگەرتىشنى غايە قىلىدۇ. ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن جەدىدچىلىك يولىدا قىلغان تۇنجى ئىشى 1921-يىلى يازغان “باردۇر” ناملىق شېئىرنى يېزىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ. بۇ شېئىردا ئىلمىي مائارىپقا ئەھمىيەت بەرمىگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھالىنى تەسۋىرلىگەن.

جاھالەت سەمەرەسىدىن بىزگە كۈن كۆپ جاپا باردۇر،

ئىيتىڭىزچۇ بۈگۈنكى ھالىمىزنىڭ قايسى بىرىدە ساپا باردۇر.

ئىلىمنىڭ ئىجتىھادىغا كۆڭۈلنى قويمىدۇق بىزلەر،

ئوقۇيمىز ئوقىتىمىز سەككىز چايناشىمىز باردۇر.

مۇنەججىم ھەم ئىنجىنىر ئالىملارنىڭ ئورنىغا،

تونى ساللە نەپسى بالا موللىلىرىمىز-سۇلتانىمىز باردۇر.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يەنە 1921-يىلىدا “ئويغان” ناملىق شېئىرىنى يېزىپ ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىچىگە چۈشكەن غەپلەتكە قارىتا “ئەي پىقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر” دېيىش ئارقىلىق مىللەتنىڭ ئەمدى ئويغىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتكەن.

ئەي پېقىر ئۇيغۇر ئويغان، ئۇيقۇڭ يېتەر،

سەندە مال يوق، ئەمدى كەتسە جان كېتەر.

بۇ ئۆلۈمدىن ئۆزۈڭنى قۇتقازمىساڭ ئەگەر،

ئاھ، سىنىڭ ھالىڭ خەتەر ھالىڭ خەتەر.

كۆزۈڭنى يوغان ئېچىپ ئەتراپقا باق،

ئۆز ئىقبالىك ھەققىدە ئويلان ئۇزاق.

كەتسە قولدىن بۇ غەنىمەت پۇرسىتى،

كېلەچەك ئىشىڭ چاتاق، ئىشىڭ چاتاق.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر 1923-يىلى مەھمۇت مۇھىتى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئىككىنجى قېتىم سوۋېت ئىتتىپاقىغا بېرىپ ئۈچ يىل تەلىم – تەربىيە ئالدى. روس كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىپ روس ئەدەبىياتى توغرىسىدا بىلىمگە ئىگە بولدى. ئۇ، ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ غەلبىسىگە شاھىت بولۇپ، زەپەرگە بولغان كۆز-قارىشىنى كېڭەيتتى.

سوۋېت ئىتتىپاقىدىن 1926-يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ ھازىرقى زامان بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ خەلقنى ئويغۇتۇش مەقسىتىدە گېزىت، ژورنال چىقىرىش ئۈچۈن تۇرپاندا مەتبۇئات قۇرۇشقا كىرىشتى. خەلق ئارىسىدىكى بەزى خاتىرىلەرگە قارىغاندا ئۇ دەۋىردىكى ئالدىن كۆرەر كىشىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئىشلىرىنى پۈتتۈردى. بىراق مۇستەبىت ياڭ زىڭ شىڭ ھۆكىمىتى ئۇنىڭ مەتبۇئات قۇرۇشىغا رۇخسەت بەرمىدى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر تۇرپان ئاستانىدىكى مەھسۇت مۇھىتى، پىچاندىكى ئىسكەندەر غوجىلار بىلەن بىللە 1927-يىلى “ئاقارتىش بىرلەشمىسى” نامىدا بىر ئىلىم جەمىئىيىتى قۇرۇپ ۋە پۇل توپلاپ تۇنجى بولۇپ تۇرپان يېڭىشەھەردىكى نىياز سەيپۇڭ ئىسىملىك كىشىنىڭ ھويلىسىدا، بىر يىلدىن كېيىن يېڭىشەھەردىكى ئاقسارايدا “ھۈررىيەت مەكتىپى” كونا شەھەردىكى جەنۇبىي قوۋۇقتا بىر مەكتەپ ئاچتى.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بۇ مەزگىلدە ئىجتىمائىي خىزمەتلىرى ۋە جەمىئىيەتنىڭ ئەمەلىيىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن شېئىرلارنى يېزىپ، مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا تىرىشقان. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ كۈرىشىنى ۋە تىكلىگەن غايىسىنى، قۇتۇلۇش ۋە مۇستەقىللىق ئۈچۈن بارلىقىنى ئاتاپ كۈرەش قىلىش كېرەكلىكىنى ۋە بۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلىشنى ئۆزىنىڭ بەختى ھېساپلايدىغانلىقىنى “ئاچىل”، “غەزەپ ۋە زار”، “زۇلۇمغا قارشى”، “كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس”، “خار”، “ئارمان”، “كۆڭۈل خانىسى” دەك نۇرغۇن شېئىرلىرىدە كۆرۈۋالالايمىز.

ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يۈز يىللاردىن بېرى ئاسارەتتە ۋە زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان، نادان قالدۇرۇلغان مىللەتنى ئويغىتىش، بىلىم بىلەن قۇراللاندۇرۇش، جەمىئىيەتنىڭ بېشىغا كەلگەن پالاكەتكە سەۋەپ بولغان مەنىۋىي گۇرۇپلارغا قارىغۇلارچە ئىشەنمەسلىك ۋە تاشقى كۈچلەرنىڭ ئاياق ئاستى قىلىشىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرغان. شائىر “غەزەپ ۋە زار” ناملىق شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:

ئەي پەلەك بۇ دەھشىتىڭدىن ئىنتىھا بىزارىمەن،

ئىستىدىم كۆپ تاپمىدىم بۇ د ەردىمگە ھىچ دەرمانىمەن.

ئاتا بوۋامدىن مىراس كونا كىسەلنىڭ دەردىدە،

گاھ ئۆلۈپ گاھ تىرىلىپ كۆپتىن بىرى ئاۋارىمەن.

باشقىلار كۆكتە ئۇچۇپ سۇدا ئۈزۈپ كەتتى يىراق،

مەن مىسال يالاڭئاياق دەسسەپ تىكەن ماڭارىمەن.

ۋەتەنپەرۋەر مىللىيەتچى، رىئالىستىك شائىر ئابدىخالىق ئۇيغۇرنىڭ شېئىرلىرىدىكى چوڭقۇر سىياسىي چۈشەنچە ۋە يۈكسەك ئىسيانكارلىق روھى دەۋىرنىڭ زالىم ھاكىمىيىتىنى بىئارام قىلىدۇ. “غەيرى ۋە يېڭى پىكىرلەر” نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ شېئىرلاردىن ئەندىشە قىلغان قالاق گۇرۇپلار ئابدۇخالىقنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇشنى چەكلەيدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر يېزىلغان شېئىرلىرى بىلەن مىللەتنى ئويغىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ، كۈرەشكە چاقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزىمۇ بۇ كۈرەشنىڭ باشلامچىسى بولىدۇ. 1932-يىلى 11-ئايدا “ئاچىل” قاتارلىق شېئىرلىرىنى ئاق رەختكە چوڭ قىلىپ يېزىپ كوچىلارغا ئېسىش ئارقىلىق قالاق ھاكىمىيەتنىڭ باستۇرىشىغا قارشى چىقىدۇ. 1932-يىلى 12-ئاينىڭ باشلىرىدا تۇرپاندا دېھقانلار قالاق ھاكىمىيەت ۋە فېئودانلىق زۇلۇمغا قارشى دەس تۇرۇپ تۇرپان يېڭىشەھەردە قوزغالدى. 1932-يىلى 12-ئاينىڭ27-كۈنى قوزغىلاڭنى جىن شۈ رېن تۇرپاندىكى دېھقانلار قوزغىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن تۇرپانغا ئەسكەر ئەۋەتكەندە قوزغىلاڭچىلار يېڭىشەھەرنىڭ غەربىدىكى قۇملۇقتا “ئوت يېقىپ قارشىلىق كۆرسىتىش” ھىيلىسىنى قوللىنىپ بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە يۈز دۈشمەننى ئۆلتۈردى ۋە نۇرغۇن قۇرال ياراقلارنى قولغا چۈشۈردى، شۇنىڭ بىلەن تۇنجى قېتىملىق غەلبىنى قولغا كەلتۈردى. شائىرمۇ بۇ ھەرىكەتنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى ئىدى. ئۇ “لەنەت ساڭا زالىملار”، “مۇزلىدى” قاتارلىق قەھرىمانلىق ئەكىس ئەتتۈرگەن شېئىرلىرى بىلەن بىر تەرەپتىن خەلقنىڭ دەس تۇرشىنىڭ غەلبىسىنى ماختىسا يەنە بىر تەرەپتىن خەلقنى قورقماي كۈرەشنى داۋاملاشتۇرۇشقا دەۋەت قىلدى.

ئەسەرلىرى بىلەن خىتاي ھۆكىمىتىنى بىئارام قىلغان شائىر 1933-يىلىنىڭ بېشىدا 12 دوستى بىلەن بىرلىكتە شېڭ شې سەي تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىدۇ ۋە شۇ يىلى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى تۇرپاندا ئۆلتۈرۈلىدۇ. جەسۇر ئابدۇخالىق دۈشمەنگە باش ئەگمەي قەھرىمانلارچە كۆكسىنى كېرىپ تۇرۇپ قىلىچ ئۇرىۋاتقاندىمۇ “ياشىسۇن ئازاتلىق” شۇئارىنى توۋلاپ تۇرۇپ ئۆزىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىگە ئاتىغان بىر شائېر ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ شېھىد بولدى.

خەلىقنىڭ مىللىي شۇئارى، بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، نادانلىقتىن قۇتۇلۇپ ئەركىن ياشىشى ئۈچۈن ھەممە نەرسىسىنى پىدا قىلغان ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەدەبىي يېزىقچىلىق پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەدەبىياتىدا ئوتتۇرىغا چىققان مىللىي ئويغىنىش، مىللىيلىشىش ۋە قۇتۇلۇش كۈرشىگە كۈچ بەرگەن ھەقىقەتچىلىك ئېقىمىنى كۆتۈرۈپ چىققان، تۈركچى، خەلقچى، ۋەتەن سۆيەر، مىللىيەتچى، ئىسلاھاتچى، جەدىدچى (يېڭىلىقچى) دېموكرات بىر شائىردۇر. ئۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ بايراقدارلىرىدىن بىرى. دەۋادىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ۋە مىللىي ئويغىنىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان بۈيۈك بىر زىيالىي. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر “مىللىي ئىستىقلال ۋە مىللىي ئىستىقبال ئاشىقى” دۇر.

ئۆمرىنى ۋەتەن ئۈچۈن ئاتىغان بۇ ئۇيغۇر ئەۋلادى، ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىدا قەھرىمان بولۇپ مەڭگۈ ياشايدۇ. ئابدۇخالىق ئۇيغۇرنىڭ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ئەسەرلىرى تۈرك دۇنياسىنىڭ قەلبىدە مەڭگۈ قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ ماقالە 2016-يىلى 10-ئاينىڭ 10-، 11-كۈنلىرى ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تەرىپىدىن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «ئۇيغۇر تىل، تارىخ ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى مۇھاكىمە يىغىنى» دا ئاپتۇر تەرىپىدىن ئىلمىي دوكلات سۈپىتىدە سۇنۇلغان ئىدى.


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.


 

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش