ئۇيغۇرچە    Uyghurche    Уйғурчә   
  • «خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە مىللىي كۆرەش يوللىرى» بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى 2019-يىلى 14- ۋە 15- دېكابىر شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى ئىستانبۇلدا ئېچىلىدۇ. ...
سىزنىڭ ئورنىڭىز: باشبەت » داڭلىق كىشىلەر » «موسكۋا خىياللىرىم» دىكى ئاخىرقى ئۇيغۇر – موسكۋادىكى شەرىپ ئاكا

«موسكۋا خىياللىرىم» دىكى ئاخىرقى ئۇيغۇر – موسكۋادىكى شەرىپ ئاكا

 

نەبىجان تۇرسۇن (تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

2019-يىلى 16-ئاۋغۇست كۈنى موسكۋا تارىخىدا ئەڭ ئۇزۇن بۇ شەھەردە ياشىغان بىر مۇساپىر ئالەمدىن ئۆتتى! 17-ئاۋغۇست كۈنى موسكۋادىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ دوستلىرى شۇنىڭدەك مۇسۇلمان جامائىتى ۋەكىللىرى تاتار مەسچىتىدە نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلدى. بۇ كىشىنىڭ ئاخىرەتتكە ئۇزىتلىشى ئۇنچە ھەيۋەتلىك ۋە داغدۇغىلىقمۇ بولمىدى. پەقەت 40-50 ئادەم بىلەن ئۇزۇتىلدى. بۇنىڭ سەۋەبى بۇ شەھەردە ئۇنىڭ مىللەتداش قېرىنداشلىرى كۆپ ئەمەس، بولسىمۇ تارقاق ئىدى. بۇ كىشى ئەمەلىيەتتە رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ يېتەكچىسى، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، نامى ئۇيغۇر دىيارى، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ياخشى تونۇلغان شەرىپجان ئەخمىدى، يەنى شەرىپ ئاكا ئىدى!
بۇ ھەم مېنىڭ «موسكۋا خىياللىرىم» دىكى ئاخىرقى ئۇيغۇر ئىدى!

 

كرېمل تېمىغا بىرگە سوئال قويغان ئىدۇق!

1990-يىلى، 21-مارت، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى، يەنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قۇدرەتلىك رەقىبى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋاغا قەدەم بېسىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپادىكى 8 يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمنى باشلىدىم. قىزىل مەيداندىكى كرېمل سارىيىنىڭ ئېگىز تاملىرىغا قاراپ سانسىز قېتىملاپ ئاچچىق سوئاللارنى قويدۇم. چۈنكى بۇ تامنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى تالاي قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىپ پىچىلغانىدى. ئەگەر بۇ تام قەتئىي قارار بەرگەن بولسا، 1921-يىلىدىن، ياكى 1933-يىلى ۋەياكى 1944-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغىنىغا ئازغىنا كەم بىر ئەسىر بولۇپ قالار ئىدى. ھېچ بولمىسا، بۇ تام خۇددى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، يىراق شەرق ۋە باشقا زېمىنلارنى قوشۇۋېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەگە ئايلىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار زېمىنىمۇ قوشۇۋالغان بولسا، ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئاخىرقى ھېسابتا خۇددى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىزلاردەك مۇستەقىل دۆلەت بولغىنىغا 20 نەچچە يىللار بولغان بولار ئىدى. مىڭ ئەپسۇس! تەلەي كاج بولسا، ئىمپېرىيەلەر، مېنى بېسىۋال، قوشۇۋال، ساڭا تەۋە بولاي دېسەڭمۇ ئالمايدىكەن، ئەمما ئۇنىڭغا زۆرۈر بولسا، مىڭلىغان ئادىمىنى چىقىم قىلىپ بېسىۋالىدۇ ياكى قوشۇۋالىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەگەر تارىخىي ھۆججىتى ئاشكارىلىنىپ دەلىللەنسە، خۇددى شاھىتلار ئېيتىشقاندەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ستالىندىن ئەگەر مۇستەقىللىقنى قوللىمىسا، ھېچ بولمىغاندا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىشىمۇ بۈگۈنكى نۇقتىدىن قارىغاندا خاتا ئەمەستەك كۆرىنىدۇ.
ماڭا ئوخشاش ئەنە شۇنداق ئاچچىق سوئال قويغۇچىلارنىڭ بىرى، ھەتتا مەندىن خېلى بۇرۇن كرېمىلغا قاراپ بۇ خىل سوئال قويۇشنى باشلىغان موسكۋالىق ئۇيغۇر، موسكۋادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى قەشقەر بەشكېرەملىك شەرىپجان ئاكا، يەنى شەرىپ ئەخمىدى ئەپەندىمۇ بار ئىدى. بىز ھەر دائىم بۇ تامنىڭ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق. غەزەپلىنەتتۇق، ئېچىناتتۇق. بۇنداق سۆھبەتلىمىز يېقىنقى يىللاردا تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرغاندىمۇ داۋاملاشتى. بىراق، 2019-يىلى،16-ئاۋغۇست كۈنى مانا شۇ شەرىپ ئاكا بۇ دۇنيادىن ئەبەدىي خوشلاشتى! ئۇنىڭ كرېمل تېمىغا توختىماي سوئال قويۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ چارچىغان يۈرىكى ئەبەدىي توختىغانىدى!

مەن شەرىپجان ئاكا بىلەن 1991-يىلى ئەتىيازدا تونۇشقان ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە موسكۋادىكى تۇنجى لەغمەننى يېگەن ئىدىم. بۇ دەل ئۇنىڭ موسكۋا ھاياتىغا 36 يىل بولغان چاغلار ئىدى. ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇپلا ئۇنىڭ كەڭ بىلىمگە ۋە چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ھەم توختىماي مۇنازىرە قىلىش ئادىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىلىم-پەن تەتقىقات ئورگىنى بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئاسپىرانتى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى مۇنازىرە تېمىلىرى كۆپەيدى ۋە دوستلۇقىمىز كۈچەيدى، ئەسلى كان ئىنجېنېرى بولغان بۇ كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي ھاياتى ۋە قىسمەتلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە كۆپ بىلىمگە ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ، موسكۋانىڭ 1960-1980-يىللىرىدىكى خىتاي-سوۋېت رەقىبلىك دەۋرىدىكى «ئۇيغۇر قەرتى»نى قانداق ئوينىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ئەھۋاللاردىن خېلى ئەتراپلىق خەۋەردار ئىدى. قىسقىسى، ئۇ قەرت سورۇنىدىكى ئىشلارنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ مېنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى.

شەرىپ ئاكا 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىم مېنىڭ موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، تارىخ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ۋە زىياپەت سورۇنىغا قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق تۈركولوگلىرى، تارىخشۇناس ئاكادېمىك، پروفېسسورلىرى ئالدىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخىدا تۇنجى قېتىم قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دوكتورلۇق ئۈچۈن دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، دوكتور بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالىملارغا رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىكى ئورنىنى ئەسلىتىپ ئاچچىقراق تەلەپپۇزدا ئېيتقان سۆزلىرى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى سۈكۈتكە چۆمدۈرگەنىدى.

 

شەرىپ ئاكا كىم؟

ئۇ ئادەتتە رەسمىي تۈردە رۇسلار تەرىپىدىن شارىپ شارىپوۋىچ ئاخمەدوف دەپ ئاتالسىمۇ لېكىن ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن شەرىپ ئەخمەدوف ياكى شەرىپجان ئەخمىدى ياكى شېرىپ ئاكا دەپ تونۇلغانىدى. ئۇ ماڭا ئۆزىنى شەرىپجان ئەخمىدى دېگەن ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى بىلەن ئاتاشنى ئەسكەرتىپ، نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ رۇسىيە ئادىتى بويىچە فامىلىسى سۈپىتىدە «ئوف»، «يېف»، «يېۋا»، «ئوۋا» قوشۇمچىسى قوشۇلىدىغانلىقى، ھەتتا ۋەتەندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ، ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقىغا بارمىغان ياكى ئوقىمىغان ئادەملەرمۇ ئۆزلىرىگە «ئوف»، «يېف» لەرنى قوشۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلغانىدى. ھەقىقەتەن، رۇسلار ئەينى ۋاقىتتا مېنىڭ ئىسمىمنى خاتىرلىگەندىمۇ «نابىجان تۇرسۇنوف» دەپ يازغاندا مەن «تۇرسۇنوف» نى رەت قىلدىم ۋە «تۇرسۇن» دەپ ئاتاشنى قاتتىق تەلەپ قىلغانلىقىم ئۈچۈن مەن موسكۋادا ئاخىرغىچە «تۇرسۇن» بولغانىدىم.
مەن بۇ يەردە شەرىپ ئاكىنى ئۆز تەلىپى بويىچە «شەرپجان ئەخمىدى» ياكى «شەرىپ ئاكا» دەپ ئاتايمەن. شەرىپجان ئەخمىدى 1937-يىلى، شىخودا تۇغۇلغان.ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئەسلى قەشقەر بەشكېرەملىك بولۇپ، بىز بۇ تېمىدا سۆزلىشىش جەريانىدا ئورتاقلىشىپ قالدۇق، چۈنكى مېنىڭ بوۋاممۇ بەشكېرەملىك بولۇپ، مەنمۇ يىلتىز جەھەتتىن بەشكېرەمگىمۇ تۇتىشاتتىم. شەرىپ ئاكا دائىم «ئەگەر ۋەتىنىم ئازاد بولسا، دادامنىڭ يۇرتى، بەشكېرەمدە ياشاپ، شۇ يەردە ئۆلسەم مەيلى ئىدى »دەيتتى. ئۇ ئۆزىنى سوۋېت ۋە رۇسىيە پۇقراسى بولسىمۇ يەنىلا « مۇساپىر»دەيتتى. ئەپسۇسكى ئاخىرى ئۇنىڭ ئارزۇسى ئەمەلگە ئاشماي، يەنىلا شۇ موسكۋاغا دەپنە قىلىندى. شەرىپ ئاكا، 17-ئاۋغۇست كۈنى موسكۋادىكى پەرزەنتلىرى،بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە مۇسۇلمان جامائىتى تەرىپىدىن مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقىغا دەنپە قىلىندى. ئاللاھ ياتقان يېرىنى جەننەتتىن قىلسۇن!
شەرىپ ئاكا باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ مائارىپ تەربىيەسىنى شىخودا ئالغاندىن كېيىن 1950-يىلىدىكى «خىتاي-سوۋېت دوستلۇق شەرتنامىسى» سەيپىدىن ئەزىز قول قويغان سوۋېت-خىتاي شىنجاڭ رەڭلىك مېتال شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە، ئۇيغۇر ئاپتونون رايونلۇق ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقا 4 ئادەم بىلەن موسكۋاغا ئەۋەتىلىپ، 1955-1961-يىللىرى موسكۋادىكى كانچىلىق ئىنستىتۇتىدا ئوقۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتقان، ئەمما 1962-يىلى، سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى بۇزۇلۇپ، مىڭلىغان ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە ۋەتەننى تەرك ئېتىپ، ئائىلىسى بىلەن بىرگە موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن. شەرىپ ئاكىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشىدىكى تايانچىسى ئۇنىڭ رۇس خانىمى ئىدى. ئۇ 1960-يىلى ئۆزىنىڭ ساۋاقدېشى، رۇس قىزى بىلەن توي قىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇيغۇر ياشلىرىدا، زىيالىيلىرىدا سوۋېتپەرەسلىك، رۇس مەدەنىيىتىگە ھەۋەس قىلىش، ھەتتا چوقۇنۇش كۈچلۈك ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە خىتاي مەدەنىيىتى ئۆگىنىشكە ئەرزىمەيتتى شۇنىڭدەك خىتاي سىياسىي جەھەتتىن ئۇيغۇر دىيارىنى ئىگىلەپ ياتسىمۇ، ئەمما ئۆزىمۇ مەدەنىيەتتە ئارقىدا قالغان بولغاچقا خىتاي مەدەنىيىتى ئۇيغۇر دىيارىدا ئاجىز ۋە ئارقىدىكى ھالەتتە ئىدى. ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەتلەر نەزىرىدە سوۋېت-رۇس مەدەنىيىتى يۈكسەك ئورۇندا تۇراتتى. ئەلۋەتتە ئۇيغۇر ياشلىرى ئۈچۈن بىرەر رۇس ياكى تاتار قىزى بىلەن مۇھەببەتلىشىپ توي قىلىشمۇ بىر خىل رومانتىك تۇيغۇ بېرەتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى 20 ياشلىق شەرىپ ئاكىنىڭ موسكۋادا رۇس قىزىغا ئۆيلىنىشى رومانتىك ياشلىق ھېسسىياتلىرىنىڭ ئىپادىسى ئىدى خالاس!
شەرىپ ئاكىنىڭ ئايالى ئۈرۈمچىدىكى سوۋېت كونسۇلخانىسى بىلەن سۆزلىشىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ئۇلار موسكۋاغا قايتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى شەرىپ ئاكىنى موسكۋادا تۇرغۇزماي، كۇزباس ۋە باشقا سىبىرىيەدىكى كانلاردا ئىشلەشكە ئەۋەتىۋېتىدۇ. ئۇ، بىر قانچە يىل سىبىرىيەدىكى كانلاردا ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلىگەندىن كېيىن 1960-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا ئايالىنىڭ كۈچ چىقىرىشى ئارقىسىدا موسكۋاغا قايتىپ كېلىپ، موسكۋادىكى يېنىك سانائەت مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى كۆمۈر كان تەتقىقات ئورنىدا ئىشلەيدۇ. ئۇ، كۆپ يىللار تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلەپ، رۇسىيەدىكى كۆپلىگەن كۆمۈر كانلىرىنى پىلانلاش، لايىھىلەش خىزمەتلىرىگە قاتنىشىپ، كانچىلىق ساھەسىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ئىنژېنېرلارنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. ئەپسۇس، ئايالىمۇ 1970-يىلىنىڭ بېشىدا ۋاپات بولۇپ، كېيىن ئۇيغۇر قىزىغا ئۆيلىنىپ، قايتا ئائىلە قۇرىدۇ.

 

موسكۋادىكى 3 تارىخىي ئۇيغۇر

موسكۋادا خېلى كۆپ ئۇيغۇرلار ياشىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تارىخقا پۈتۈلمەيدىغانلىقى تەبىئىي. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ھەممىسىلا تارىخقا يېزىلمايدۇ. بۇ شەھەر 20-ئەسىر ئۇيغۇر سىياسىي قىسمەتلىرى، مەدەنىيىتى ۋە سودا-ئىقتىسادىي ھاياتى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولغانلىقى ئۈچۈن 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن تاكى سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يىمىرىلگىچە بولغان ئارىلىقتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆز سىياسىي قىسمىتىنى بۇ شەھەرگە باغلاش، ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-60-يىللىرى ئارىسىدا بولسا تەلپۈنىش تۇيغۇسى مەۋجۇت ئىدى. بۇ شەھەر، 1920-يىللاردىكى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۇيغۇرىستان جۇمھۇريىتى قۇرۇش ئارزۇسىدىكى ئابدۇللا روزىباقىيېف، نەزەرغوجا ئابدۇسەمەتوف ۋە باشقا يۈزلىگەن ئۇيغۇر مىللەتپەرۋەر-كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۈمىدىنى باغلىغان شەھەر سۈپىتىدە ئەنە شۇ مەشھۇر ئۇيغۇر رەھبەرلىرى قىزىل مەيداندا ۋە موسكۋا كوچىلىرىدا شىرىن چۈشلەرنى كۆرۈپ يۈرۈشكەنىدى. 1930-يىللاردىمۇ ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ قىزىل مەيداننى كۆرگەنلىكىدىن پەخرلەندى، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ئەخمەتجان قاسىمىمۇ ئەنە شۇ مەيدان ۋە كوچىلاردا يۈرگەنىدى…! بۇ كوچىلاردا شەرقىي ياۋروپا، خىتاي، ۋېتنام، موڭغۇلىيە ۋە باشقا ئەللەر كوممنۇنىستلىرىمۇ ماڭدى ۋە ھەممىسى ئاساسەن ئۆز ئارزۇ نېسىۋېسىگە ئېرىشتى. ئەپسۇسكى، ئۇيغۇرلارنىڭ شىرىن ئارزۇلىرى كۈپۈككە ئايلاندى! دېمەك، ئۇيغۇرلار كرېمىلنىڭ 20-40-يىللىرىدىكى ئاسىيا، دۇنيا ئىستراتېگىيەسىنىڭ قۇربانلىرى بولۇش بىلەن ئۇيغۇرنىڭ نالە كۆز ياشلىرى تۆكۈلدى!
تارىخ 1960-يىللىرىغا كەلگەندە ئىككى شىرىن دوست -موسكۋا بىلەن بېيجىڭ بىر-بىرىگە ئەشەددىي دۈشمەنلەرگە ئايلاندى. نەتىجىدە، ئۇيغۇرلار يەنە موسكۋاغا كۆز تىكتى. 1960-1980-يىللار ئارىسىدا سوۋېت ئىستراتېگىيەچىلىرى «ئۇيغۇر قەرتى» نى ئوينىدى. شەرىپ ئاكا ئەنە شۇ مەزگىللەردە موسكۋادا ياشىغانىدى.
ئەنە شۇ مەزگىلدە موسكۋادا تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە، يەنى بىۋاسىتە ئۇيغۇر دىيارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك 3 نەپەر تارىخىي ئۇيغۇر زىيالىيسى موسكۋادا ياشاپ ئىز قالدۇردى. ئۇلارنىڭ بىرى 1912-يىلى، فرۇنزې (بىشكەك) دا تۇغۇلغان، ئەسلى تېگى قەشقەرلىك ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇن رەخىموف، يەنى بىرى غۇلجىلىق ئۇيغۇرلاردىن تۇرسۇن سادىقوف، يەنە بىر بولسا شەرىپ ئەخمىدى، يەنى شەرىپ ئەخمەدوف ئىدى.
تۇرسۇن رەخىموف، سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتى، سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسىنىڭ 1940-يىللاردىن تاكى 1980-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى خىتاي، بولۇپمۇ شەرقىي تۈركىستان، يەنى شىنجاڭ سىياسىتى، جۈملىدىن ئۇيغۇر سىياسىتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك شەخس بولۇپ، ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ئاپپاراتلىرىدا ۋە يىراق شەرق ئىنىستىتۇتىدا خىزمەت قىلدى. ئۇ 1970-يىللاردا «خىتايدىكى خىتاي ئەمەس خەلقلەرنىڭ تەقدىرى»، «ماۋىزم ئىنسانىيەتكە تەھدىت» ناملىق ئەسەرلەرنى نەشىر قىلدۇرغانىدى.
يەنە بىرى تۇرسۇن سادىقوف بولۇپ، ئۇ غۇلجىدا تۇغۇلغان ۋە 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ قاتناشقۇچىسى ۋە كادىرلىرىدىن بىرى ئىدى. تۇرسۇن سادىقوف، 1950-يىللاردا موسكۋادا ئوقۇش جەريانىدا خىتاينىڭ سابىق باش مىنىستىرى لى پېڭ بىلەن ساۋاقداش بولغانىكەن. ئۇ، 1950-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 1962-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇدىرى بولغان ۋە شۇ خىزمەتنى تاشلاپ ئائىلىسى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كەتكەن ۋە كېيىن موسكۋاغا خىزمەتكە تەكلىپ قىلىنىپ شۇ يەردە ياشىغان. ئۇ 1960-1970-يىللار ئارىسىدا موسكۋادىن تارقىتىلىدىغان ئۇيغۇرچە رادىئو پروگراممىلىرى ۋە ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك تەقتىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان.
تۇرسۇن سادىقوف ئاتاقلىق يازغۇچى زوردون سابىرنىڭ 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى گېرمانىيە سەپىرى ھەققىدە يازغان سەپەر خاتىرسىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇ موسكۋادا چۈشۈپ ئۆتكەندە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنىدى، مەن ئۇ كىشىنى شۇ ئەسەردىن بىلگەنىدىم.
يەنە بىر ئۇيغۇر بولسا، بىز بۇ يەردە توختىلىۋاتقان كۆمۈر كان ئىنجېنېرى شەرىپ ئاكا بولۇپ، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يېشى بولسىمۇ، لېكىن سىياسىي خىزمەتلەرگە جەلىپ قىلىنمىغانىدى.
1960-يىللاردا، بولۇپمۇ، 1969-يىلىدىكى دامانسكىي ئۇرۇشىدىن كېيىن سوۋېت ۋە خىتايدىن ئىبارەت ئىككى دۈشمەن دۆلەتنىڭ مىليونلىغان قوشۇنلىرى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. موسكۋا بۇ مەزگىللەردە ئالمۇتا قاتارلىق جايلاردا زىيا سەمەدى، زۇنون تېيىپوف، مەرغۇپ ئىسھاقوف، يۈسۈپبېك مۇخلىسى، ھاشىر ۋاھىدى ھەتتا غەنى باتۇر ۋە باشقا كۆپلىگەن سابىق شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ھەربىي سىياسىي كادىرلىرىنى توپلاش ھەم تەشكىللەش، شۇنىڭدەك مەخپىي ھەربىي مەشىقلارنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە باشقا تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغانىدى.
بۇ ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇيغۇرلارنى، سىياسىي، مەدەنىيەت، مائارىپ جەھەتلەردىنمۇ قولللاش كەيپىياتى بىلەن يەنە ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ، ئالمۇتا، تاشكەنتلەردە ئۇيغۇرچە رادىئو، گېزىتلار يولغا قويۇلدى، دراما-تياتىر، تېلېۋىزىيە ئورگانلىرى قۇرۇلدى. مەخسۇس ئۇيغۇر تەتقىقات ئورۇنلىرى ئىشلىدى ۋە تارىخ، مەدەنىيەت تەتقىقات ئەسەرلىرى كۆپلەپ يورۇق كۆردى. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا گۈللىنىش مەنزىرسى شەكىللەندى. موسكۋادا يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ئىشلىدى ۋە ياشلار كېلىپ ئوقۇدى. 1980-يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە موسكۋا قاتارلىق شەھەرلەردە بىر قىسىم ئۇيغۇر ئالىملىرى يېتىشىپ چىققان بولۇپ، بۇلار پۈتۈن سوۋېت ئىتتىپاقى بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ئالىملار ئىدى. بۇلارنىڭ بىر قىسىمى موسكۋادا ياشىدى ۋە ھازىرمۇ ياشىماقتا.
موسكۋادىكى 3 نەپەر ۋەكىل خاراكتېرلىق ئۇيغۇرنىڭ بىرى تۇرسۇن رەخىموف 1980-يىللاردا، تۇرسۇن سادىقوف 1994-يىلى ۋاپات بولدى. ئەنە شۇلارنىڭ دەۋردېشى، بولۇپمۇ تۇرسۇن سادىقوفنىڭ يېقىن سىردىشى بولغان شەرىپ ئاكا مانا بۈگۈن ئاخىرەتلىك بولدى.
شەرىپ ئاكا 1920-يىللىرىدىن 2019-يىللىرىغىچە بولغان موسكۋانىڭ 100 يىللىق تارىخىدا بۇ شەھەردە ئەڭ ئۇزۇن ياشىغان، يەنى 64 يىللىق ھاياتىنى بۇ شەھەردە ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ئىدى.
كەمىنە 1990-يىلى موسكۋاغا كەلگىنىمدە مەزكۇر 3 ئاتاقلىق ئۇيغۇرنىڭ بىرى تۇرسۇن رەخىموف ۋاپات بولغانلىقىغا 4-5 يىل بولغانىكەن. ئەمما تۇرسۇن سادىقوف ھايات بولۇپ، ئۇ كىشى بىلەنمۇ بىر قانچە قېتىم سىرداشقان ئىدىم. رەھمەتلىك ماڭا قىممەتلىك ھايات تەجرىبە سۆزلىرىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قىسمىتىگە ئېچىنىش ۋە قانداق قىلىپ بۇ مىللەتنىڭ قۇتۇلۇشى يولىدا ئىزدىنىش بىلەن تولغان كىشى بولۇپ، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى، غەنى باتۇر، ئابدۇكەرىم ئابباسوفلارنى ياخشى بىلگەنىدى، 1950-يىللاردىكى سەيپىدىن ئەزىز ۋە باشقا بارلىق كىشىلەر بىلەنمۇ ياخشى بىلىشكەنىدى. تۇرسۇن سادىقوف ئاخىرى موسكۋادا ئىشلەش ۋە ئۆز مىللىتى ئۈچۈن ئىزدىنىش يولىنى تاللىغانىدى.

 

«شەرىپ ئاكا ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋادىكى كونسۇلى»

شەرىپ ئاكىنىڭ ئائىلىسى ھەقىقىي ئۇيغۇر ئائىلىسى ئىدى. ئۇيغۇرچە سۆز، ئۇيغۇرچە تاماق، ئۇيغۇرچە پۇراققا ئىگە ئائىلە ئىدى! ئۇنىڭ ئۆيى كىچىك ئىككى ئېغىزلىق ئۆي بولسىمۇ، چوڭ سارايدەك كەڭ ۋە مېھماندوست، ئىللىق ئۆي ئىدى. ئالمۇتا، تاشكەنت، بىشكەكتىن موسكۋاغا كەلگەن ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر شەرىپ ئاكىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولماي كەتمەيتتى. ھەتتا ياۋروپا، تۈركىيە ۋە ئۇيغۇر دىيارىدىن موسكۋاغا كەلگەنلەرنىڭمۇ بۇ ئۆيگە ئايىقى تەگمىگەنلىرى ئاز ئىدى. شەرىپ ئاكىنىڭ قازاقىستاندىن كەلگەن بىر دوستى ئەينى ۋاقىتتا چاچاق قىلىپ: «بىز موسكۋادا كىم بار؟ دېسە بىز ئىلگىرى برېزھنېف، كېيىنرەك گورباچوف بار. يەنە كىم بار دېسە شەرىپ بار دېيىشىمىز»دېگەنىدى. شېرىپ ئاكا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇريەتلىرىدىن موسكۋاغا كەلىدىغان ئاتاقلىق ئۇيغۇر ئەربابلىرىنىڭ ھەممىسىنى كۈتۈۋالاتتى. ئۇنىڭ ئەلبۇمىدا زىيا سەمەدى، سوۋېت ئىتتىپاقى قەھرىمانى سۈلھى لۇتفۇللىن، دولقۇن ياسىن، يۈسۈپبەك مۇخلىسى ۋە باشقا يۈزلىگەن ئاتاقلىق ئەربابلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن چۈشكەن سۈرەتلىرى بار ئىدى. 1980-يىللارنىڭ ئاخىرىدا 1990-يىللاردىن باشلاپ، ئانا ۋەتەندىن زىيارەتچىلەر موسكۋاغا كېلىشكە باشلىغاندىمۇ، ئۇلارنى يەنىلا شەرىپ ئاكا كۈتۈۋالاتتى.
1991-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرلىپ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە باردى ۋە بەزىلىرى تىجارەت قىلدى. يەنە كۆپلىگەن ئۇيغۇرلار ياۋروپا ئەللىرىگە كەتتى. مانا شۇ سەپەرلەردە موسكۋادىن ئۆتىدىغانلار شەرىپ ئاكىنى ئىزدەيتتى. شەرىپ ئاكا ھۆججىتى يوق ساقچىغا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنى سۆزلىشىپ ئامال قىلىپ چىقاراتتى، ھەتتا 1998-يىللاردا يىراق شەرقتىن قېچىپ ئۆتۈپ تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىمۇ قۇتۇلدۇرۇشقا كۈچ چىقاردى. ئۇ سودىگەرلەرگە تەرجىمانلىق قىلىپ ياردەم بېرەتتى. لېكىن ئۇ بۇنىڭدىن پايدا كۆزلىمەيتتى. شەرىپ ئاكادا رەت قىلىش، ئۆزىنى قاچۇرۇش، بېخىيلىق يوق ئىدى. ھەتتا بىر قىسىم پۇلدار سودىگەرلەر ئۇنىڭ ئۆيىدىن خالىغانچە چەتەللەرگە تېلېفون قىلىپ، پۇلنى تۆلىمەي كېتىپ، ئاخىرىدا ئۇ بۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ پېنسىيە مائاشىدىن تۆلىگەن ئەھۋاللارمۇ بولدى.
شەرىپ ئاكا داستىخانى كەڭ، ئەخلاق پەزىلەتلىك، دوستخۇمار كىشى ئىدى ۋە «ئۇيغۇرۇم» دېگەن سۆز ئۇنىڭ لۇغىتىنىڭ بىرىنچى رېتىدە ئىدى. شەرىپكام ئۇزۇن يىللار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋا ئارقىلىق بېرىپ كېلىشىدىكى ياردەمچى بولغانلىقى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى خۇددى ئۇيغۇرلارنىڭ «كونسۇلى» دەك كۆرەتتى.

 

موسكۋادىكى ئۇيغۇر جەمىيىتى

شەرىپجان ئەخمىدى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، 1992-يىلى موسكۋادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ، باشقا بىر قىسىم ئالىملار ۋە زىيالىيلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتى قۇرغان. كېيىن بۇ جەمئىيەت رۇسىيە خاراكتېرلىك جەمئىيەتكە ئايلىنىپ، ئۆزى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ھەم رەئىسى بولغانىدى.
موسكۋادىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى، رەپقەت سادىقوف شەرىپجان ئەخمىدى ئەپەندىنى «رۇسىيە ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئاكتىپ رەئىسى» دەپ ئاتىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شەرىپ ئەپەندى، يەنى شەرىپ ئەخمەدوف نامى بىلەن تونۇلغان بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسى موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنى بىر ئارىغا جەم قىلىش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا لاگېرلارنى تاقاش ھەم خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشلىرىنى تەشكىللەش شۇنىڭدەك ياش ئەۋلادلارنى تەربىيىلەش ئىشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلغۇچىلارنىڭ بىرى ئىدى.

شەرىپ ئەخمەدوف ئەپەندى كۆپ قېتىم قازاقىستان ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە سەپەرلەردە بولۇپ، چاقىرىلغان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە ئائىت يىغىنلارغا قاتناشقان. 2016-يىلى، موسكۋادا خەلقئارالىق ئۇيغۇرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلىشىغا كۈچ قوشقان شۇنىڭدەك يىغىندا ئىلمىي دوكلات بەرگەن. رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىدىن «پولىتازىيا» تورى، بۇ يىل فېۋرالدا شەرىپ ئەخمەدوفنىڭ موسكۋادىكى مىللەتلەر سارىيىدا بىر قىسىم زىيالىيلار، سىياسەتچىلەر ۋە زھۇرنالىستلارنىڭ قاتنىشىشى بىلەن “خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قاراتقان تەقىبلەش سىياسىتى” ماۋزۇسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى تەشكىللىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولاش مەسىلىسى ھەققىدە سۆزلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانىدى.
ئۇچۇرلارغا قارىغاندا شەرىپ ئاكا باش بولۇپ، موسكۋا ئۇيغۇر مەدەنىيەت بىرلەشمىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش مەسىلىسىدە مەتبۇئاتلارغا ئۇچۇر بەرگەندىن تاشقىرى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنغىمۇ خەت يازغان. ئۇ ھەتتا رۇسىيە مۇفتىسى خىتاينىڭ لاگېر ۋە مۇسۇلمانلارنى تەقىبلەش سىياسىتىنى ئاقلىغاندا، دەرھال قاتتىق شەكىلدە تەندىق يېزىپ ئېلان قىلغان. بۇ رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا ئىجابىي ئىنكاس قوزغىغان.
شەرىپ ئەپەندى رۇسىيەدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش سىياسىتىگە ئىزچىل قارشى تۇرۇپ، پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىپ رۇسىيە جامائىتىدە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ كۆپىيىشىگە ھەسسە قوشقان زىيالىيلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ موسكۋادىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدىكى نامايىشقا قاتنىشىپ، ئۆزى تەنھا نامايىشچىغا ئايلانغانىدى.
سانكىتپېتېربۇرگدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيەت ۋە جامائەت ئەربابى ھەمراجان ئامراق ئەپەندى شېرىپ ئاكىنىڭ ۋاپاتىدىن رۇسىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر قايغۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى ئۇ موسكۋادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ يېتەكچىسى ۋە تونۇلغان زىيالىيسى ئىدى.
شەرىپ ئاكا 6-ئايدا تۈركىيەدە بىر ئاي، ئارقىدىن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا زىيارەتتە بولۇپ، ئالاھىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي قەھرىمانى غېنى باتۇرنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ دۇئا -تىلاۋەت قىلغانىدى.
شەرىپ ئاكا ۋاپات بولۇشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن ماڭا تېلېفون قىلىپ، مەن بىلەن ئۇزۇن سۆزلەشكەن ۋە ئۆز ھايات تەسىراتلىرى ھەققىدە توختالغان شۇنىڭدەك ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەرھۇم ئابلىكىم باقى ئاكىنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ قايغۇرغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ يۈرىكىنى ئوپېراتسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى. دېمەك،شەرىپ ئاكىنىڭ كۆڭلى تۇيغان بولسا كېرەك، بۇ خۇددى بىر خوشلىشىشقا ئوخشايتتى.

 

تارىم سەرگارى -شەرىپجان ئەخمىدى

شېرىپ ئاكا يەنە تارىخ ۋە سىياسىي مەسىلىلەر تەتقىقاتچىسى ھەم شائىر ئىدى. ئۇ «تارىم سەرگارى» تەخەللۇسى بىلەن رۇس ۋە ئۇيغۇر تىلىدا كۆپلىگەن تارىخى ۋە پۇبلىستىكىلىق ماقالىلەر ھەمدە مەخسۇس ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسى ھەققىدىكى ماقالىلىرى ئېلان قىلغان. ئۇنىڭ شېئىرلىرى لىرىك ۋە تەسىرلىك بولۇپ، ئۆز كەچۈرمىشلىرىنى ئاساس قىلاتتى. ئۇ يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىغا ئائىت كىتابىنى يېزىپ، تورلار ئارقىلىق تارقاتتى. يەنە نۇرغۇن ئەسەرلىرى ئۇنىڭ قولىدا بولۇشى مۇمكىن، بۇلارنى توپلاپ يورۇققا چىقىرىش زۆرۈردۇر.

مەن ئۆزۈمنىڭ 1995-1998-يىللىرى ئارىسىدا «تەڭرى تاغ» ۋە كېيىن «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان «موسكۋا خىياللىرى» ناملىق ئەسىرىمنىڭ «موسكۋادىكى ئۇيغۇر ناۋايخانىسىدىكى چۈشلۈك چاي» ماۋزۇلۇق قىسمىدا ئەينى ۋاقىتتىكى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى، جۈملىدىن موسكۋادىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئالىملىرىنى، مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەربابلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئاز سانلىق مىللەت بولسىمۇ، ئەمما قازانغان نەتجىلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى خەلق ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەنىدىم ۋە خىتاينىڭ قولىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئارقىدا قالدۇرۇلغانلىقىنى سېلىشتۇرما قىلغانىدىم، بۇ سېلىشتۇرما ئۇيغۇرلار ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىراتلارنى پەيدا قىلغانىدى. ئەنە شۇ موسكۋادىكى كۈچلۈك ئۇيغۇرلار ئارىسىدا داڭلىق مەرھۇم ناخشىچى مۇرات ناسىروف بىلەن شەرىپ ئاكانىڭ ئىسمى بار ئىدى. دېمەك، شەرىپ ئاكا مېنىڭ «موسكۋا خىياللىرى» دىكى ئۇيغۇر ئىدى. يەنى ئۇ شۇ ئەسەردىكى ئاخىرقى ئۇيغۇر بولۇپ قالدى! شەرىپ ئاكا دائىم «مەن ناماز ئوقۇغاندا ئەي ئاللاھ! ئۆز مىللىتى، ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئازاپ چەككەن، تەر تۆككەن، پاك ۋىجدانلىق، كېچ-كۈندۇز ۋەتەن ۋە مىللەت ئىشقىدا ئازاپلانغان ئىنسانلارغا، بولۇپمۇ بىچارە ئۇيغۇرلارغا يار يۆلەك بولغىن! دەپ دۇئام قىلىمەن» دەيتتى. بۇ دۇئا ئىشىنىمەنكى ھەممە ئۇيغۇرغا ئورتاقتۇر!

مەن ئاخىرىدا «ئەي ئاللا شەرىپ ئاكىغا جەننەت ئاتا قىل، نۇر ئىچىدە ياتقىنى نېسىپ قىل! ئۇنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرى بىزنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنمىزدۇر! ئۇنى بەجا كەلتۈرۈپ بەر» دەپ دۇئا قىلدىم!

2019-يىلى، 17-ئاۋغۇست، فەيىرفاكىس، ۋىرجىنىيە، ئامېرىكا


ئەسكەرتىش: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېتىدىكى ماقالىلەرنى مەنبەسىنى ئەسكەرتكەن ھالدا كۆچۈرۈپ كەڭ تارقىتىشقا بولىدۇ.

ئاكادېمىيە ئورگان تورى ©

ئۈستىگە قايتىش